tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 10:41:15

مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى 12 پرىنسىپ

مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى 12 پرىنسىپ


1.ئۆز ئارزۇيىڭىزدىكى تۇرمۇشىڭىزنى تەسەۋۋر قىلىپ بېقىڭ ،ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرشىڭ ھەمدە ئۇنى ئۆز نىشانىڭىز قىلىپ تۇرغۇزۋېلىڭ
2.ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىنى بايقىۋېلىڭ ھەمدە ئۇنىڭغا ئېرىشىشنى ئۆزىڭىزنىڭ مۇقەددەس ۋە زىپىسى دەپ بىلىڭ .
3.ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن نەرسىگە ئىرىشش ئۈچۈن زېھنىڭىزنى ،ئىسسىق قېنڭىزنى ھەتتا ، بارلىقىڭىزنى بېغىشلاڭ .ئۇنىڭدىن ئېرىشكەن خوشاللىقىڭىز ۋە مەمنۇنىيتىڭىز سىزگە تېىخىمۇ چەكسىز كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلىغۇسى.
4.ئۆزىڭىزنىڭ نىمىگە ئېرىشمەكچى بولغانلىقىڭىزنى بىلۋېلىڭ ھەمدە ئۇنىڭغا ئېىرىشش ئۈچۈن ئېنىق بىر نىشان تۇرغۇزۇپ،مۇشۇ نىشانىڭىز ئۈچۈن بىر ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۋېلىڭ .ئۆز قىزغىنلىقىڭىزنى مەقسەتكا ئايلاند-ۇرۇپ،تۇنجى تەدبىرىڭىزدىن باشلاپ قول سېلىپ ،ئۆز نىشانىڭىزغا قاراپ ئاتلىنىڭ .
5.قانداق قىلغاندا ئېنىق بىر نىشان يەنىيەككە،مەركەزلىك نىشان بىلەن مۇستەقىل ،ئۆزگىچە پوزىتسىينى بىرلەشتۈرگىلى  بۇلىدىغانلىقىنى بىلۋېلىڭ .مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يۇلىڭىز كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بۇلۇپ ،ئۆز قانۇنىيتى بويىچە ۋايىغا يەتسۇن .ئېنىق نىشان تۇرغۇزۇلغاندىن كىيىن نۇقۇل ھالدا نەتىجىسىگلا تىكىلۋېلىپ ،ئاشۇ نەتىجىنى ئۆزىڭىزگە يۈك قىلۋالماڭ .ئاشۇ ئېنىق بولغان نىشانىڭىز ئارقىلىق كەلگۈسىگە يۈزلىنىڭ ،شۇ-نىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھازىرقى تۇرمۇشىڭىزدىكى خوشاللىقىڭىز ۋە نەتىجىللىرىڭىزدىن بەھىرلىنىشنى ئۇنۇتماڭ .
6.توسالغۇلار ۋەئىلگىرىكى مەغلۇبىيەتلىرىڭىزنى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشڭىزنىڭ ھەرىكەتلەندۇرگۈچ كۈچى قىلىڭ مەغلۇبىيەتلىرىڭىز سىزنى ،ئۆزىڭىز ئېھتىياجلىق بولغان تەجىربە ساۋاقلارغا ئىىگە قىلغان ،بۇنىڭدىن كىينمۇ سىزنى ھايات مۇساپىڭىزدە ئاجايىپ مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرشتۈرەلەيدۇ .
7.ئۆز كەسپىڭىزدىكى مۇتەخەسسىلەرگە ئايلىنىڭ .ئۆز ئىقتىدار ۋە بىلىمىڭىزنى ئۈزلۈكسىز تۈردە يۇقىرى كۆتۈرۈڭ .چۈنكى تەربىيلىنىشنىڭ چىكى بولمايدۇ  .
8.باشقىلار مومكىن بولمايدۇ دىگەن ئىشلاردىن مومكىنىيەتنى بايقاشنى بىلىڭ .ئۆزىڭىزنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچنى   ئاشۇرۇڭ .چۈنكى دۇنيا چەكسىز مومكىنىيەتلەرگە تولغان !
9.ئۆزىڭىز ئەڭ ياقتۇردىغان خىزمەت رېتىمنى بايقاپ ،ئۆزىڭىزنى ئىدارە قىلىشنى بىلىڭ .
10.قەتئىي بوشاشماڭ .چۈنكى بىردىنبىر  مەغلۇبىيەت دەل ۋاز كىچىشتۇر .
11.جاۋاپ قايتۇرۇشنى ۋە مىننەتتار بۇلۇشنى بىلىڭ .ھىچبولمىغاندا كىرىمىڭزنىڭ ئوندىن بىرنى بولسىمۇ جمىيەتكە قايتۇرۇڭ .كىيىنچە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانسىرى مىقدارنى ئاشۇرۇڭ .قايتۇرغىنڭىز قانچە كۆپ بولسا ،ئېرىشىدىغىنڭىزمۇ شۇنچە كۆپ بۇلىدۇ .بۇ بىر يىمرىلمەس ھەقىقەت .ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ،سىزدە جەمىيەتتىكى نۇرغۇن كىشلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزگىدەك كۆچ قۇۋۋەت بار .
12.ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغان تۇرمۇشىڭىزنى ھازىردىن باشلاڭ .ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۈزىڭىزگە :‹‹ھەركۈنى ماڭغان ھەر بىر يۇلۇمدا ياخشىلنىش بۇلىۋاتىدۇ››دەپ تۇرۇڭ
«تەرمىلەر» ژۇرنىلى
بەت: [1]
: مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى 12 پرىنسىپ