tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 10:39:07

ھەقىقى لىياڭشەن ئەزىمەتلىرى

    ھەمىمىز دېگۈدەك < سۇ بويىدا> فىلىمىنى كۆرگەندىمىز ۋە ياكى بولمىسا كىتابىنى ئوقىغاندىمىز ، بۇ روماندىكى پېرسوناژلارنىڭ تىپىك بولغان ئالاھىدىلىكلىرى كىشىدە چوڭقۇرتەسىر قالدۇرالايدۇ. لېكىن مۇشۇ تارىختا بولۇپ ئۆتكەن ھەقىقى لىياڭشەن پالۋانلىرىنى بىلىدىغانلىرىمىز بەلكىم ساناقلىق بولساق كېرەك....
    ھەمىمىزگە مەلۇم بولغاندەك لىياڭشەن ئەزىمەتلىرى جەمىئىي 108، ساماۋى ئەختەر36، زېمىنى ئەپتەر 72 ، تارىخى كىتابلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، لىياڭشەن سەركەردىلىرى پەقەت 36 نەپەر بولۇپ،جەنۇبى سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگەكەلگەندە <شۈەنخې يىللىرىدىكى ئىشلار> دېگەن ئەسەر يېزىلىپ، بۇ قوزغىلاڭ قىسسىلاشتۇرلۇپ ھەمدە ھېكايىلەشتۇرۇلدى.مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە < سۇ بويىدا>  يېزىلدى. شۇنىڭ بىلەن سۇڭ جىياڭ قاتارلىقلارنىڭ قوزغىلاڭ ئىشلىرى تېخىمۇ ئوبرازلاشتۇرۇلدى، ئەسلىدە كۆلىمى ۋە تەسىرى كىچىك بولغان بۇ دېھقانلار قوزغىلىڭى شۇنداق قىلىپ چوڭقۇر ئىجتىمائى تەسىر قوزغاپ، ئامما ئارىسىدا تارقىلىشقا باشلىدى.
     ھېكايە دېگەن ھامان ھېكايە ، تارىختىكى ھەقىقى لىياڭشەن پالۋانلىرى قانداق بولغان؟
سۇڭ جىياڭ توپىلاڭ كۆتۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا  لىياڭشەن تۇراسىدىن ئايرىلدى. ھەرگىزمۇ كىتاپتىكىدەك  < شىرمەتلەرسارىيى>ۋە ياكى بولمىسا< ساداقەتمەنلەر سارىيى> قۇرۇپ تاغ تۇرانى ماكان قىلىپ تۇرمىدى. بەلكى شەندوڭنىڭ باشقا جايلىرىغا خېنەن،خېبېي قاتارلىق جايلىرىدا ئايلىنىپ قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلدى. تارىخى كىتاپلاردامۇنداق دېيىلگەن؛< شىمال جەنۇبتا ئايلىنىپ، شەرقى ئاستانىنى پاراكەندە قىلدى، لەشكىرى تۈمەندىن ئارتۇق بولۇپ ھېچكىم قارشى تۇرۇشقا پېتىنالمىدى.>. تەخمىنەن 2 يىلدىن كېيىن، يەنى شۈەنخېنىڭ 3-يىلى (1121-يىلى) ئىككىنجى ئايدا سۇڭ جىياڭ قوزغىلاڭ قىسىمى جىياڭسۇ شۇياڭدىن خەيجوۋغا يەنى ھازىرقى لىيەنيۈنگاڭغا كېمە ئارقىلىق تېگىش قىلدى. بىراق خەيجوۋنىڭ ئايماق بېگى بۇ توپىلاڭچى قوشۇننى نۇرغۇن ئەسكەر ئارقىلىق قورشىۋالدى، زىيان ناھايتى ئېغىر بولۇپ، چېكىنىش يولىمۇ ئۈزۈۋېتىلگەن ئەھۋال ئاستىدا، سۇڭ جىياڭ قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ تەسلىم بولدى. شۇنىڭدىن تارتىپ سۇڭ جىياڭ رەسمىي ھالدا سۇلالىنىڭ ئەمەلدارى بولدى. كېيىن سۇڭ جىياڭ فاڭ لاغا يۈرۈش قىلدىمۇ يوق، بۇ ھەقتە ھازىر تارىخ ساھەسىدە تالاش تارتىش بولۇپ ھېلىغىچە ئېنىق بىر خەۋەر يوق،لېكىن فاڭ لاغا ھۇجۇم قىلغانلىق ئەمىلىيىتىنىڭ مۇمكىنچىلىكى چوڭراق.
     سۇڭ سۇلالىسى دېھقانلار قوزغىلىڭى ئەڭ جىق يۈز بەرگەن سۇلالە بولۇپ، 300يىللىقسۇلالە تارىخىدا نەچچە يۈز قېتىم توپىلاڭ يۈز بەرگەن، لىياڭشەن توپىلىڭى ناھايتى كىچىك بىر توپىلاڭ ھېسابلىندۇ، ئۇ فاڭ لا توپىلىڭى ئالدىدا كىچىكلابىر توپىلاڭ بولۇپ ، ئۇلار بىلەن روبىرو جەڭ قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا ئۇلار ھۆكۈمەت قوشۇنى تەركىبىدە جەڭ قىلغان بولۇشى مۇمكىن.............................................................................................
..............................................................................
                                                                             .................................................................................................
.......................<يۆفېي خاتىرىلىرى> دېگەن ئەسەردىن مەلۇم بولۇشچە، كېيىنكى جەنۇبى سۇڭ سۇلالىسىنىڭ داڭلىق سەركەردىسى يۆفېينىڭ قوشۇنىدا لىياڭشەن ئەزىمەتلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى جىن سۇلالىسىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان.
مەنبە :http://zhidao.baidu.com/question/34396843.html(تەرجىمە قىلىنغان!)

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 11:16:53

مۇشۇ  سوڭجاڭ، تۆت ئەمىرنى ماي قازىنىغا تاشلىۋەتسە ................ :@:@

gepnoz يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 12:55:41

ھەي ئەمدى لىياڭشەن ئەزىمەتلىرىنىڭ سۈر ھەيۋىسىمۇ يالغان چىقتىمۇ ؟
دېمەك ۋۇسۇڭنىڭ ئۆلۈك يولۋاسقا ئۇچراپ قالغىنىمۇ راستكەندە ! چىشاۋيۈننىڭ ئوتتا كۆيسىمۇ سەبداشلىرىنى قۇتقازغانلىقىنىڭمۇ يالغانلىقىنى كۆرگەنىدىم …

mihman123 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 13:44:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mihman123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-21 13:46  

شىياڭگاڭنىڭ 1993-يىلى ئىشلىگەن سۇ بۇيىدا-قەھرىماننىڭ جاسارىتى دىگەن كىنوسىنىڭ ئاخىرى . لىنچوڭنىڭ لۇچىيەنى ئۆلتۇرگەن بۇلىكى
http://player.56.com/v_NDU0MTA4MTM.swf

كىنونىڭ تۇلۇقى ماۋۇ ئادرىستا..........
http://v.youku.com/v_show/id_XNjE0MjYyODI0.html

شاڭگاڭنىڭ 80-90-يىللاردىكى چامباشىچىلىق كىنو ئىشلاش ئۈسلۈبى ھازىر نەگە كەتكەندۇ ؟..............
سۇ بۇيىدانىڭ تۇلۇقىنى شاڭگاڭلىقلار ئىشلىسە بۇلاپتىكەن ئەسلى

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 16:32:39

باشتا بۇ كىنونى قۇيۇشتىن چەكلەڭ ئەمدى تارىخى چىنلىق نۇقتىسىدىن بىزگە لىياڭشەنلىكلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاز بىرقىسىم توپىلاڭچى قۇشۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈڭ {:90:} كاللا سەت ئىشلەپ كىتبارىدىغۇ ھە ...

peleck يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 16:42:22

تارىخ توغرىسىدا بەيدۇ بىلەرمەنلىرىنىڭ دىگەنلىرىگە بەك ئىشىنىپ كەتمەڭلار.ئىلمىيلىكى تۆۋەن.

tayaji يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 17:15:13

بۇمۇ يالغان بولسا راست نەرسە قايسى ئەمدى؟

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 17:27:37

ئىشقىلىپ بارئىدى دەيلى .

tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 19:17:03

يالغان ، ئويدۇرما تارىخىي ماتىرياللار كۆپىيىپ كېتىپ بارىدۇغۇ - بۇ كۈنلەردە ؟ قايسىغا ئىشىنىشنى بىلگىلى بولمايدۇ :o

sewda يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 20:31:28

tayker يوللىغان ۋاقتى  2014-7-21 19:17 static/image/common/back.gif
يالغان ، ئويدۇرما تارىخىي ماتىرياللار كۆپىيىپ كېتىپ ب ...

ئىشقىلىپ بۇ خەق يازغان تارىخنىڭ توققۇزى يالغان ، ئاخىرقى بىرىمۇ گۇمانلىق ...

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 23:30:12

جۇڭگودا ھەممە نەرسىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىلا راست ...دەپتىكەنمىشقۇ بۇرۇنقى بىر رەھبەر

alimjan15 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 23:46:34

نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن پەلۋانلار سۇڭ جىياڭنىڭ ئەتراپىغا توپلىنىدۇ؟ سۇڭ جياڭنىڭ ئۇلارنى جەلپ قىلالىشىدىكى كوزىر ھۈنىرى نېمە؟

melek يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 05:16:31

، ساماۋى ئەختەر36، زېمىنى ئەپتەر 72

ما ئىككى گەپنىڭ مەنىسىگە ۋە ئەسلى تىلدىكى ئىپادىلىنىشىگە قىزىقىپ قالدىم،.
ئەختەر، ئەپتەر...نېمانچە ئۆزگىچە، گۈزەل تەرجىمە بۇ

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 16:07:59

mihman123 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-21 13:44 static/image/common/back.gif
شىياڭگاڭنىڭ 1993-يىلى ئىشلىگەن سۇ بۇيىدا-قەھرىماننىڭ جا ...

شاڭگاڭنىڭ 80-90-يىللاردىكى چامباشىچىلىق كىنو ئىشلاش ئۈسلۈبى ھازىر نەگە كەتكەندۇ ؟............

ئۇ چاغلاردىكى نادىر كىنولىرنىڭ كوپلىكىدە قايسىسىنى كورۇشنى تاللاپ بولالماي ۋە كورگەنلىرمىزنىڭ كوپلىكىدە مۇشۇنداق كوپتۇرمە ، ئاشۇرما ، يۇمۇرىستىك يەرلىرىنىڭ كوپلىكىدە ماز تىتىيدىغانمۇ بوپكەتكەن ، ئەمدى شۇ «ماز »تىتىيدىغان كىنولىرى قەن بوپكىتىپبارىدىدە بۇ شاڭگاڭنىڭ ، شاڭگاڭ قاچان چوڭ قۇرۇغلۇققا قايتىپ كەلدى  شۇندىن بۇيان شاڭگاڭ كىنوچىلىقى ، قايناۋاتقان قازانغا سوغۇق سۇ قۇيغاندەكلە جىمىپ يوقاپ كەتتى .

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 17:25:24

alimjan15 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-21 23:46 static/image/common/back.gif
نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن پەلۋانلار سۇڭ جىياڭنىڭ ئەتراپىغا تو ...

سوڭجاڭ ھىيلىگەر، ساۋاتلىق، ھۆكمەت ئىشىنىڭ قائىدىسىنى بىلىدۇ.

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 22:02:27

melek يوللىغان ۋاقتى  2014-7-22 05:16 static/image/common/back.gif
، ساماۋى ئەختەر36، زېمىنى ئەپتەر 72

ما ئىككى گەپنىڭ مەنى ...

مەنمۇ شۇنىڭ مەنىسىنى بىلگىم بار. كىم جاۋاب بىرىدۇ؟:P

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

بەت: [1] 2
: ھەقىقى لىياڭشەن ئەزىمەتلىرى