OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 10:18:11

ئوغۇز:كالا ئۆلگەندىن كېيىن

       
كالا ئۆلگەندىن كېيىن
(مەسەل)
پاۋلو  كوئىلخو   [برازىلىيە]
ئوغۇز تەرجىمىسى
بىر كۈنى بىر پەيلاسوپ شاگىرتى بىلەن پىيادە ئورمانلىقتىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقاچ«تۇيۇقسىز كەلگەن كىلىشمەسلىكىنىڭ يامان ئىش بولىشى ناتايىن »دېگەن تىمىدا پاراڭلىشىپتۇ.پەيلاسوپ:ــ بىز دۈچكەلگەن ھەر بىر ئىش بىز ئۆگىنىدىغان ياكى باشقىلارغا تەلىم بېرىدىغان پۇرسەتتۇر،ــ  دەپتۇ.
ئۇلار پاراڭلاشقاچ بىر كىچىك دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ئۆينىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپتۇ.بۇ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئورنى خېلى يامان ئەمەس يەردە بولسىمۇ ئەمما قارىماققا قاقاسلىشىپ كەتكەندەك ،ئۆيمۇ ئىنتايىن كونا كۆرۈنىدىكەن.
ــ دېگەنلىرى راستىنلا توغرا ئىكەن ،ــ دەپتۇ شاگىرىت،ــ بۇ يەرنى كۆرۈپ مەن بىر نوقتىنى چۈشەندىم،نۇرغۇن ئادەم جەننەتتە تۇرىۋىتىپمۇ ئۆزىنى دوزاختا ياشاۋاتىمەن دەپ قارايدىكەن.
ــ مەن باشقىلارغا تەلىم بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك دېمىگەنمىدىم،ــ  دەپتۇ پەيلاسوپ،ــ پەقەت ھازىرقى ھالەتنىلا كۆرۈش كۇپايە قىلمايدۇ،ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ سەۋەبىنىمۇ بىلىش كېرەك،چۈنكى بىز ھەممە ئىشنىڭ سەۋەبىنى بىلسەك ئاندىن بۇ دۇنيانى چۈشىنەلەيمىز.
ئۇلار ئۆينىڭ ئىشىكىنى چېكىپتۇ.ئۆيدىن بىر جۈپ ئەر-ئايال،ئۈچ بالا چىقىپتۇ، ئۇلارنىڭ ئۈستىبىشىنى قاسماق بېسىپ كەتكەن ئىكەن.
ــ سىلەر بۇ ئورمانلىقىنىڭ كىندىكىدە تۇرىدىكەنسىلەر،ئەتراپتا بىرەر دۇككانمۇ يوق ئىكەن،سىلەر نېمىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىسىلەر؟ــ سوراپتۇ پەيلاسوپ ئەردىن.
ــ دوستۇم،ــ دەپتۇ ئۆي ئىگىسى ئىنتايىن خاتىرجەم ھالدا،ــ بىزنىڭ بىر تۇياق سېغىن كالىمىز بار ، ئۇ بىزنى ھەر كۈنى نەچچە لىتىر سۈت بىلەن تەمىنلەيدۇ،بىز سۈتنى ئىچىپ بولالمايمىز، ئۇنىڭ  بىر قىسىمىنى  يېقىن ئەتراپتىكى كەنتكە ئېلىپ بېرىپ يىمەكلىك بىلەن تېگىشىمىز.بۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ قالغىنىدىن ئىرىمچىك،قېتىق، سېرىق ماي ياسايمىز،بىز مانا مۇشۇنداق تۇرمۇش كەچۈرىمىز.
پەيلاسوپ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپ،ئەتراپقا قارىۋەتكەندىن كېيىن يولىغا راۋان بوپتۇ.ئۇ بىر نەچچە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن،شاگىرتىغا ئاستاغىنا: ــ سەن ھېلىقى كالىنى يېشىپ كىلىپ يېقىن ئەتراپتىكى  ھاڭغا ئىتتىرىۋەت، ــ دەپتۇ.
ــ بىراق،بۇ كالا ئۇلارنىڭ بىردىنبىر تېرىكچىلىك مەنبەسى تۇرسا؟ــ دەپتۇ شاگىرىت.
ئۇستازى قايتا گەپ قىلماپتۇ،شاگىرىت نائىلاج ئۇستازىنىڭ دېگىنىدەك كالىنى ھاڭغا ئىتتىرىۋىتىپتۇ.
بۇ ئىش شاگىرتنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئاپتۇ،كۆپ يىللاردىن كېيىن ئۇ داڭلىق سودىگەرگە ئايلىنىپتۇ،ئۇ ئىككىنجى قېتىم ھېلىقى ئورمانلىققا بېرىپ ئەينى چاغدىكى ئىشنى ئۆي ئىگىسىگە ئېيتىپ،ئۇلاردىن كەچۈرۈم سورىماقچى ھەمدە ئۇلارغا تۆلەم بەرمەكچى بوپتۇ.
ئۇ ھېلىقى ئورمانلىققا ئىككىنجى قېتىم بارغاندا قاتتىق ھەيران قاپتۇ،چۈنكى بۇ يەرنىڭ قىياپىتىدە ئاسمان -زېمىن ئۆزگىرىش بولغان بولۇپ،بۇ يەردە ئۆيلەر چىرايلىق سېلىنغان،قورۇنىڭ ئىچىگە ھەر خىل گۈللەر تېرىلغان،ئىسكىلاتتا بىر ئالى پىكاپ توختىتىلغان ،گۈللۈكتە بالىلار خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقان ئىدى.ئۇ ئىچىدە« ئۇ ئىشلارنى دەپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق،ئۇ ئائىلىدىكىلەر كالىسىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن،چوقۇم جان بېقىش ئۈچۈن ئۆيىنىمۇ باشقىلارغا سېتىۋەتكەن چېغى» دەپ ئويلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھويلىغا كىرىپتۇ،ئۇنى بىر چاكار قىزغىن كۈتىۋاپتۇ.
ــ 10يىل بۇرۇن بۇ يەردە تۇرغان بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئەھۋالى قانداقراقكىن؟ــ سوراپتۇ سودىگەر.
ــ ئۇلار ھازىرمۇ مۇشۇ يەردە تۇرىۋاتىدۇ،ــ دەپتۇ چاكار.سودىگەر قىزىقىش ئىچىدە ئۆيگە كىرىپتۇ،ئۆي ئىگىسى ئۇنى تونۇۋاپتۇ ھەمدە ئۇنىڭدىن پەيلاسوپنىڭ نېمىشقا كەلمىگەنلىكىنى سوراپتۇ.بىراق،سودىگەر ئۇنىڭ بۇ دېھقانچىلىق مەيدانىنى قانداق قىلىپ بۆگۈنكىدەك تەرەققى قىلدۇرغانلىقىنى،تۇرمۇشىنى نېمىگە تايىنىپ ياخشىلىغانلىقىنى بىلىشكە ئالدىراپتۇ.
ــ ئىش ئەسلى مۇنداق، بۇرۇن بىزنىڭ بىر تۇياق سېغىن كالىمىز بار ئىدى،نېمىشقىكىن بىر كۈنى بۇ كالا ھاڭغا چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈپ قالدى، ــ دەپتۇ ئۆي ئىگىسى،ــ كېيىن بۇ ئۆينى بېقىش ئۈچۈن،مەن دورىلىق ئۆسۈملۈك ،كۆكتات تېرىدىم،بۇلارنىڭ ئۆسۈشىگە بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدىغان بولغاچقا،ئارىدا مەن دەرەخ كېسىپ ياغاچ  ساتتىم، ئەلۋەتتە دەرەخ كەسسەملا بولمايتتى،شۇنىڭ بىلەن كۆچەت سېتىۋىلىپ تىكتىم،بالىلارنىڭ كېيىمى كونىراپ كەتكەچكە، كىپەز تېرىمىسام بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ  كىتەرلىك چىگىت سېتىۋالدىم. ئىشنى باشلىغان تۇنجى يىلى جاپا تارتقان بولساممۇ، ھوسۇل پەسلى كەلگەندە ئەھۋالىمدا ياخشىلىنىش بولدى،مەن تېرىغان كىپەز، كۆكتات ۋە دورىلىق ئۆسۈملۈكلەردىن ھوسۇل ئالدىم ھەمدە ئۇلارنى سېتىپ خېلى يامان ئەمەس پۇل تاپتىم.مەن بۇ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ماڭا مۇنچىۋالا زور بايلىق ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، ھېلىمۇ ياخشى ھېلىقى كالا ھاڭغا چۈشۈپ كېتىپتىكەن، بولمىسا مەن ھەرگىزمۇ بۆگۈنكى بۇ كۈنگە ئېرىشەلمەيتتىم.



ئىزاھات:بۇ ئەسەر 2013-يىلى «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان
مەنبە:«نادىر فىليەتونلاردىن تاللانما»ژۇرنىلىنىڭ 2013 –يىلى 4-ئايلىق (كېيىنكى يېرىم ئايلىق) سانى

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 10:19:26

تەرجىماندىن: شاگىرىتنىڭ مەنتىقىسى بويىچە سېغىن كالا ئۆلمەسلىكى كېرەك،چۈنكى بۇ سېغىن كالا بىر ئائىلىدىكى نەچچە جاننىڭ تېرىكچىلىك مەنبەسى.پەيلاسوپنىڭ مەنتىقىسى بويىچە بۇ سېغىن كالا ئۆلۈشى كېرەك،چۈنكى بۇ سېغىن كالا بىر ئائىلىدىكى نەچچە جاننىڭ ماددى،مەنىۋى جەھەتتىكى نامرات،گادايلىقتىن قۇتۇلۇشىدىكى چېقىلمىسا بولمايدىغان كىشەن.مەن بۇ ئەسەردىن راۋۇرۇس نەپ ئالغان بولغاچقا،تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 10:59:44

شاگىرتى ئۇ كالىنى ئىتتىرۋەتمىسىمۇ ھامىنى بىر كۈنى ئۆلەتتى ئۇ كالا:lol

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 11:10:26

مەن ئۇخۇزخان ئۆلگەندىن كىيىن دەپ كۈرۈۋاپتمەن:o

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 11:24:03

خىزىر ئەلەيھسالامنىڭ  سەپەرىدە  بىرتۇيۇقسىز كەلگەن كىلىشمەسلىكىنىڭ يامان ئىش بولىشى ناتايىن »دېگەن تىمىدا بولغان بىر ۋەقەلىرى ئىسمگە كەلدى....

sewda يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 12:17:46

ئاۋۇ سېغىن كالىنى مەمۇرلار قۇشۇنىغا ئوخشۇتۇپ باققانلار بارمۇ ؟

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 12:26:15

سېغىن كالىغا تايىنىپ كۈن كەچۈرگەن ئاۋۇ كىشىلەرنى ھازىرقى زاماندىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئالىدىغانلارغا
سېلىشتۇرساقمۇ بولغىدەك.

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 13:21:35

سېغىن كالىغا تايىنىپ كۈن كەچۈرگەن ئاۋۇ كىشىلەرنى ھازىرقى زاماندىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئالىدىغانلارغاسېلىشتۇرساقمۇ بولغىدەك.

ياق ياق ئۇنىڭغا سېلىشتۇرما قىلىشقا قەتئى بولمايدۇ ، چۇنكى ئۇ كالىنى ھاڭغا ئىتتىرۋەتكىلى بولغان بىلەن بىزنىڭ ماۋۇ گۇڭسەنداڭنى ھاڭغا ئىتتىرۋەتسىڭىز چاتاقنىڭ چۇڭى چىقىدۇ

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 14:11:26

Abdulhamid يوللىغان ۋاقتى  2014-7-21 13:21 static/image/common/back.gif
سېغىن كالىغا تايىنىپ كۈن كەچۈرگەن ئاۋۇ كىشىلەرنى ھازى ...

سىلى تېشلىقتۇ...ماڭا قالپاق كەيدۈرۈپ قويغىلى ئاز قېلىۋاتىسىزيا...
مەن ئاۋۇ كىشىلەرنى دىبوچىلارغا ئوخشاتتىم..سېغىن كالىنى گۇڭچەنداڭغا ئوخشاتمىدىم..سېغىن كالىنى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىغا
ئوخشاتتىم...شۇ پۇلنى توختىتىۋەتكەندە بۇ كىشىلەر ئۆزى تۇرمۇشنىڭ غېمىنى قىلىشى مۇمكىن..

peleck يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 16:37:17

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2014-7-21 10:59 static/image/common/back.gif
شاگىرتى ئۇ كالىنى ئىتتىرۋەتمىسىمۇ ھامىنى بىر كۈنى ئۆل ...

توغرا;P

peleck يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 16:38:32

sewda يوللىغان ۋاقتى  2014-7-21 12:17 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ سېغىن كالىنى مەمۇرلار قۇشۇنىغا ئوخشۇتۇپ باققانلا ...

مەمۇلار خەققە ئالدىراپ نەپ بېرىدىغان كىشىلەردىن بولمىسا ،تازا ئوخشىتالمىدىم.

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 16:39:50

yarzat يوللىغان ۋاقتى  2014-7-21 14:11 static/image/common/back.gif
سىلى تېشلىقتۇ...ماڭا قالپاق كەيدۈرۈپ قويغىلى ئاز قېلى ...

:lol :lol :lol :lol :lol

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 16:47:17

كالىنى تۆمۈر تاۋاققا ئوخشاتتىمغۇ.{:116:}

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 18:58:57

sewda يوللىغان ۋاقتى  2014-7-21 12:17 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ سېغىن كالىنى مەمۇرلار قۇشۇنىغا ئوخشۇتۇپ باققانلا ...

كاللا  دىگەن با يەدە  با مانا  :lol
مۇشۇ كالا  بىر ئۆلسە بۇلىتتى زادى

kurbanjannn يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 04:08:22

ياخشى مەسەلكەن.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 05:17:25

نىمە دىگەن گۈزەل رىۋايەت ھە،   ئەپسۇسكى رېئاللىق رەھمىسىزدۇر،

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 05:41:28

ئىنكاسلار قىزىق ئىكەن. ..

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 16:52:20

ھەممىگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ، دىھقاندا ياغاچ كەسكىدەك كۈچ، ئاپارسا پۇلغا ساتالىغۇدەك بازار -قىسقىسى ئەمگەك بىلەن بېيىشقا بولىدىغان ئادىل تۈزۈلمە بولسا ئاندىن كالىسىنى ئوغۇرلاپ سويۇپ يەۋىتىڭلار- سىلەرمۇ پايدىغا ئېرىشىسىلەر، ئۇمۇ پايدا ئالىدۇ. ئەگەر ئادىل تۈزۈلمە بولماي تۇرۇپ شۇنداق قىلساڭلار سىلەر ئوغرى.
بەت: [1]
: ئوغۇز:كالا ئۆلگەندىن كېيىن