PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 09:39:51

سۈگەلنىڭ ئۈنۈملۈك دورىسى بارمۇ ؟!

يېقىندىن بىرى قىشىمنىڭ ئاستى تەرىپىگىرەك سۈگەل پەيدا بۇلۇپ قالدى، مۇشۇ سۈگەلنىڭ ئۈنۈملۈك  دورىسىنى بىلىدىغانلار بىر داۋاسىنى قالدۇرۇپ قويساڭلار .

adreamofmine يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 09:59:41

پەقەت داۋا تاپالمىسىڭىز، تۇرپاندىكى سۆگەل غوجامغا بېرىڭ، مېنىڭ قولۇمغا كۆپرەك چىقىۋېدى، بېرىپ كەلگەنتىم، ھازىر بىرسىمۇ يوق.

totem يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 10:40:05

پۇراقلىق شامنىڭ چوغىنى يىقىپ كۆيدۈرۋەتسە يۇقاپ كىتىدۇ.

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 10:55:53

ساقايمىغان جاھىل سۆگەلگە ئىشەك قۇرتى دەيدىغان بىر خىل كۆپ پۇتلۇق قۇرت بار ،شۇ قۇرتنى ئېزىپ سۆگەلگە چاپسا سۆگەل بىر ئاينىڭ ئىچقدە چۈشۈپ كېتىدۇ.بۇ خىل قۇرت قازناق ئۆيلەردە،نەمخۇش بۇلۇڭ پۇچقاقلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ،ئەگەر بەدەندە كۆپ ئورۇندا سۆگەل بولسا  پەقەت ئەڭ دەسلەپ چىققان سۆگەلگە ئىشلەتسەكلا كۇپايە،قالغىنى ئۆزلۇگىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ،(بىر دوستۇم سىناقتىن ئۆتكۈزگەن)

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 11:07:01

سۈگەلنىڭ مەخسۇس دورىسمۇ بار،دورىخانىدىن سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ.

Windboy يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 14:24:12

مىنىڭ قولۇمغا ئۈچ چارشەنبە 40تال سۆگەت چىۋىقىغا ئوقۇپ سۈفكەشلەپ يۈرۈپ چۈشۈپ كەتكەن دىسەم ئىشىنەرسىلەنمۇ{:92:}

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 14:41:09

ئىسپىرت سۆگەلنىڭ ئۈنۈملۈك دورىسى.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 15:31:56

Windboy يوللىغان ۋاقتى  2014-7-21 14:24 static/image/common/back.gif
مىنىڭ قولۇمغا ئۈچ چارشەنبە 40تال سۆگەت چىۋىقىغا ئوقۇپ س ...

بۇرۇن بالامنىڭ بىر بارمىقىغا سۆگەل چىقىپ قېلىپ  ( 7 ياش ئەتراپىدىكى چاغدا ) قىسقا ۋاقىتتىلا باشقا بارماقلىرىغا ،  قولىنىڭ باشقا يەرلىرىگە كۆچۈپ يامراپ كەتكەن ، ئۇچى يېرىلغاندەك قوتۇر غەلىتىلا سۆگەل ئىدى .  دوختۇرغا كۆرسەتسەم ئۇلارمۇ ئامال قىلالمايدىغانلىنى ،  پەقەت ھەر بىر سۆگەلنى كولاپ ئالسا بولىدىغانلىغىنى ، بۇنىڭدا بالىنىڭ بەك قىينىلىپ كېتىدىغانلىغىنى ... دىدى .

شۇ ئارىدا سۆگەل بالامنىڭ يۈزىگىمۇ چىقىشقا باشلىدى .   قانداق قىلىشىمىزنى بىلمەي تۇرساق ، بىر تونۇشىمىز بىر كىشىنىڭ ئىسمىنى دەپ بېرىپ شۇ كىشىدە  بۇنىڭ ئامالى بارلىقىنى دىدى . ئىزدەپ بارسام ئۇ كىشى بىر نەچچە خىل ئايەتلەرنى دەپ بېرىپ ، ئوقۇش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ قويدى ،  قوناققا ئوقۇپ ، تېرىپ ، ئۈنۈپ غىرىچ كەلگەندىن كىيىن ئورۇۋېتىپ ... دىگەندەك ...

شۇ كىشىنىڭ دىگىنى بويىچە قىلدۇق ،  بىر ئايغا بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە بىر تالمۇ قالماي تۆكۈلۈپ كەتكەن ئىدى ...
كىيىن يەنە ئېھتىياج بولۇپ  ئۇ كىشىنى ئىزدەپ بارسام  ( ئەينى چاغدا بالامغا ئوقۇغاندا  قايسى ئايەت ، ئوقۇش ئۇسۇلى ... نى يېزىپ قويماپتىكەنمەن )  ، ئۇزۇندىن بېرى ئېھتىياج بولمىغاچ ئۆزىنىڭمۇ ئېسىدىن كۆتۈرلۈپ كەتكەنلىگىنى دىدى ...  

شۇڭا مەن دىگەنلىرىڭىزگە ئىشىنىمەن ،  ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن بولغاچ ...

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 15:48:05

http://bbs.izdinix.com/thread-58440-1-1.html

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 15:54:26

سۆگەلنىڭ تىگىگە ئىسپىرتنى، شىپرىس ئارقىلىق ئاز مىقداردا ئوكول قىلىش ئۈنۈملۈك تەدبىر بولىشى مۇمكىن.

ئىسپىرت سۆگەلنىڭ يىلتىزىنى كۆيدۆرۈپ يوقىتىش نىشان قىلىنىدۇ.

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 15:55:59

سۆگەلنى يۇقىتىشتا تۈرلۈك ئاماللاربار،بۇنىڭ ئىچىدە يۇقارقى توردىشىمىز ئىنكاستا ئوتتۇرغا قويغاندەك ئايەت ئوقۇپ يۇقتىش بىرتۈرلۈك ئامالدۇر.بەزى سۆگەلنى بۇ ئۇسۇل بىلەن يۇقاتقىلى بولماسلىقى مومكىن،بۇنى چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈپ يۇقتىش كېرەك.بىزنىڭ يۇرتتىمۇ مەخسۇس سۆگەلگە ئوقۇيدىغان بىر ئادەم بار،ئۇ ئادەم سېغىز چالما ياكى ئاپتاپ كۆرگەن ئەنجان تامنىڭ چالمىسىغا ئوقۇيدۇ،ئۇنىڭدىن كېيىن  چالمىنى سۆگەلگە بىر نەچچە كۈن سۈركەپ بەرسە سۆگەل تۈكۈلۈپ تۈگەيدۇ،بەلكىم بۇنى بەزىلەر خۇراپاتلىق دېيىشى مومكىن.مەيلى نېمە دېيىشتىن،قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر سۆگەلنى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن داۋالايدىغان بىر ئىش ئەل ئىچىدە ھېلىمۇ ھەم بار.بۇنىڭدىن باشقا چىش ئاغىرقى،باش ئاغرىقى....قاتارلىقلارنىمۇ ئايەت ئوقۇش ئارقىلىق داۋالايدىغان ئەنئەنىمۇ ساقلانغان بولۇپ،بۇلار بىزنىڭ ئىلمىي پوزىتىسيەدە چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىمىزنى كۈتمەكتە.

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 15:58:58

مەخسۇس مەلۇم تۈردىكى كېسەللىككە قارىتا ئوقۇپ داۋاالايدىغان كىشىلەر شۇ كېسەللىككە ئۇدۇم  ئالغان دەپ قارىلىدۇ،كىملا ئوقۇسا ساقىيدىغان ئىش يوق.

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 16:33:27

ئەنجۈرنىڭ ئىنىچكە نوتىلىرنى، ياكى يۇپۇرماقلىرنى سۇندۇرسىڭىز ئاپئاق سۈتكە ئوخشايدىغان سۇيۇقلۇق چىقىدۇ، شۇنى كۈندە بىر ۋاق، ئۈچ-تۆت كۈن سۆگەلگە تەككۈزۈپ بەرسىڭىز ئۇنۇمى كۈرىلدۇ ئىنشا ئاللاھ . ئەنجۈر تاپالمىسىڭىز چىڭگىلىكنىڭ سۈتىنىڭمۇ ئۇرۇن باسارلىق رولى با...

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 17:31:34

مۇشۇ مەندىمۇ بىرقانچە سۆگەل پەيدا بۇلۇپ قېلىۋىدى ،بازاردىن بىر قاپ سۆگەل مەلھىمى دىيىلىدىغان دورىنى ئېلىپ سۈرتىۋېدىم ساقايدى مەندە يەبار سىزگە ئېۋەرتىشكە مومكىن بۇلۇرمۇ .

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 17:57:34

بار بىزنىڭ ئاداشنىڭ دوكىنىدا ‹‹سۆگەل مەلھىمى ›› دەپ بىر دورا بار ئىكەن شۇنى بىر قېتىم سۈرۈش بىلەن ئاكامدىكى سۆگەللەر پۈتۈنلەي تۈگىگەن تىۋىپلاردىن سوراپ بېقىڭلار

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 18:51:26

Windboy يوللىغان ۋاقتى  2014-7-21 14:24 static/image/common/back.gif
مىنىڭ قولۇمغا ئۈچ چارشەنبە 40تال سۆگەت چىۋىقىغا ئوقۇپ س ...

ئېشەنمەسلىككە ئېلاجىم يوقتۇر

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 18:52:29

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-7-21 17:57 static/image/common/back.gif
بار بىزنىڭ ئاداشنىڭ دوكىنىدا ‹‹سۆگەل مەلھىمى ›› دەپ بى ...

چاتاق يىرى ئاۋۇ سۈگەل كۆزنىڭ قېشىدا. چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارغۇ بولدىغان ئىش بولمىسۇن دەپ قالدىم

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 18:55:52

تەخىر قىلىپ ساقلاپ باقاي بىرەر ياخشى چارە چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

qaxmazilal يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 18:59:28

ئۇيغۇر تىبابەت دورسى«سۈگەل مەلھىمى» ئۈنۈمى ياخشى ،،مەنمۇ شۇ نى ئىشلىتىپ قۇتۇلغان بۇنىڭدىن...ئۈزى ئەرزانلا دورا

UYGHURBOY يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 19:09:37

ئەنجۇر مىۋىسى بىلەن شېخنىڭ تۇتىشىدىغان يىرىدىن چىقىدىغان ئاپپاق رەڭلىڭ سۇيى مەنپەئەت قىلىدۇ ...
بەت: [1] 2
: سۈگەلنىڭ ئۈنۈملۈك دورىسى بارمۇ ؟!