qirchin يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 03:50:28

ئەقىل كۆرسەتكەيسىلەر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qirchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-21 04:03  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئىزدىنىش ئەھلى .
بۇ يىل مىنىڭ بالام ( قىز )  دۆۋلەتلىك ئىنتاھانغا قاتناشقان بۇلۇپ، ئىتاھان نۇمۇرمۇ ياخشى ئىدى. پەقەت ئارزۇ تولدۇرۇشتا بىخەستلىك قىلىپ ئۆز ئارزۇسىغا ماس كەلمەيدىغان مەكتەپتىن بىرنى ئارزۇنىڭ  ئاخرىغا تولدۇرۇپ قۇيۇپتىكەن، قېرىشقاندەك شۇ مەكتەپتىن چاقىرىق كەلدى.مانا بۇ چاقىرىق كەلگەن مەكتەپ 陕西科技大学، بالامنىڭ تىببى كەسىپتە ئۇقۇپ دوختۇر بولغۇسى باركەندۇق بىراق بۇ مەكتەپتە ئۇ كەسىپ يوق ئىكەن . قانداق قىلىشىمىزنى بىلمىدۇق.  مانا بۇ مۇشۇ مەكتەپنىڭ كەسىپ تۈرلىرى涉及工学、理学、管理学、文学、经济学  ،法学 مۇشۇ مەكتەپتە ئۇقۇپ باققانلار بولسا مەسلەھەت كۆرسەتسەڭلار ؟
يۇقارقى كەسىپلەر ئىچىدە  قىز بالا ئۇقۇسا جەميەتتە ئەسقاتقىدەك كەسىپ بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار( ئاللاھ ئەجرىڭلارنى بەرسۇن )


udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 11:24:10

خوتەن ئۇيغۇر تىبابەت ئالى تىخنىكومى نى تاللىسىڭىز بومامتا، دوختۇر بوغىسى بار ئەدەم.
قىز بالىنى ئۇنچە يىراقتائوقۇتۇش، ئانچە ياخشى ئەمەس دەپ قارايمەن.

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 11:45:44

چاقىرىق كەپ بولغاندىن كېيىن كەسىپ تاللامدىكەن ؟ {:107:}
ئۇنداق بولسا قانۇندا ئوقۇسۇن . ياخشى ئوقۇسۇن .

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 11:59:40

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-21 12:02  

管理学 ياكى 经济学 دا  ئوقۇسۇن.
ئىستىقبال سەھنىسىنى ئانچە مۇنچە كۆرۈپ قويۇۋاتقان بولساڭلار ھىچ بولمىغاندا نۆۋەتتە شەخسىي شىركەتلەرگە ئىقتىساد، سودا  باشقۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرگە بەكرەك ئىھتىياجى بارلىقىنى ھىس قىلالايمىز.

tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 19:11:39

يەكەن تىببىي مەكتەپكىلا ئەكىلىپ بېرىڭ بولمىسا :lol

melek يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 05:27:08

ئىقتىساد بىلەن باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇسا بازارلىق كەسىپلەرنىڭ بىرى، قانۇندا ئوقۇغان قىزلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاخىردا بىر باشقا ئېلىپ چىقالمايۋاتىدۇ..ئاخىرغىچە چىڭ تۇرۇپ، شۇنىڭ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار بارماق بىلەن سانىغۇدەك...
چاقىرىق كەپ بولغاندىكىن ئەمدى، ئۇمۇ ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى، بەلكىم بۇنىڭدىمۇ بىر خەيىر باردۇر.

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 19:08:31

قايتا ئوقۇسىمۇ بولار دوختۇر بولغۇسى بولسا، بولمىسا ئۆمرى ئىسراپ بولۇپ كەتمىسۇن يەنە.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 19:46:17

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
پەقەت قايتا ئوقۇغۇسى بولمىسا، ئىقتىساد ئىلىمى، باشقۇرۇش ئىلمى دىگەنلەرگىمۇ قىزىقسا 管理学、经济学 مۇشۇ ئىككى تۈرنىڭ ئىچىدىن ياخشىراق كەسىپلەرنى تاللاپ ئوقۇسۇن.
ئەگەر بېرىلگەن كەسىپلەرنىڭ ھېچقايسىغا قىزىقمىسا، قايتا ئوقۇپ يەنە ياخشى نومۇر ئېلىشقا ئىشەنچى بولسا، ئەڭ ياخشىسى قايتا ئوقۇپ ئۆزى قىزىقىدىغان كەسىپتە ئوقۇغىنى ياخشى.
بەت: [1]
: ئەقىل كۆرسەتكەيسىلەر