Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 23:31:35

«ھايات-ماماتلىق مۇسابىقە3» كە ئېلان قوبۇل قىلىنىدۇ!

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار
گۇرۇپپىمىز تەرجىمە قىلىپ مېڭىۋاتقان «ھايات-ماماتلىق مۇسابىقە» يۈرۈشلۈك فىلىملىرىنىڭ 1-2-بۆلۈمىنى تەرجىمانىمىز بوغلان ئوڭشلۇق پۈتتۈرۈپ ھەرقايسى تورداشلارغا سۇنغان ئىدى. كېيىن 3-بۆلۈمى چىققان بولسىمۇ ئەمما ۋاقىت يېتىشمەسلىك سەۋەبى بىلەن مەزكۇر بۆلۈمنىڭ تەرجىمىسى بىر مەزگىل تاشلىنىپ قېلىپ مانا بىر قانچە كۈن بۇرۇن تولۇق تاماملىنىپ بولۇندى. ئەمدى بىر قېتىم تەھرىرلىنپلا ئېلان قىلىنىش باسقۇچىغا ئۆتىدۇ. شۇڭا مەزكۇر فىلىمگە ئېلان بېرىدىغانلار شەخس ۋە شىركەتلەر بولسا قارشى ئالىمىز. ئېلان ھەققىدىكى تەپسىلىي تېما ئادرېسى تۆۋەندىكىسى شۇ:
http://www.terjimefilim.com/bbs/thread-7226-1-1.html







بۇنىڭدىن باشقا يەنە چاقماق ئىلاھى 2 نىڭ تەرجىمىسىمۇ پۈتۈپ ھازىر تەھرىرلىك يېرىم بولدى. بۇ كىنوغىمۇ ئېلان بېرىدىغانلار بولسا ئالاقە قىلساڭلار بولىدۇ.
بىزنى قوللاپ كېيىنكى تەرەققىياتىمىزغا كۆڭۈل بۆلسىڭىز مۇشۇنداق ئېلان قوبۇل قىلىش تېمىلىرىنى تارقىتىپ قويۇڭ ۋە تەشۋىق قىلىشىپ بېرىڭ.

ھۆرمەت بىلەن: قۇتيار تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى
قۇتيار تەرجىمە فىلىم تور بېكىتى

2012-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى

tayaji يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 16:40:20

؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
http://bbs.izdinix.com/data/attachment/forum/201407/20/233007bh5jkdpiy5hzyq1o.jpg.thumb.jpg

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 18:39:54

Rio ئىككىنى  ئىلان قىلمامسىلە؟

koragan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 19:03:43

تىخىچە 2012 دە ئويناۋاتقان ئوخشىمامسىلە كۈلكە بۇرادەر{:87:}

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 23:27:39

ئاۋۇ رەسىمدىكى خەتنى كالاھارۋىسى بىلەن قېچىش دەپ ئوقۇۋاپتىمەن

bilhux يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 23:29:48

  بولسا يېڭى كىنولارنى  ھەقلىق قىلىپ خەتتلىك تەرجىمە قىلساڭلار  ئېلان قۇيۇپ پۇل تاپىمەن دەپ  جاپا تارتمايتىڭلار  ئېلانلار ئۆزلىكىدىن كېلەتتى .    بۇمۇ ياخشى ئىش بوپتۇ  كونا 2013 تىن بۇرۇنقى كىنولار بولماي قالسىلا  لىكىن  كونا كىنونىمۇ كۆرىدىغان  دېھقانلار جىق .
    ئامال بار ئەقىللىق ئادەملەر  ئۈچۈن قىلغان ياخشى بىر ئىشلانى ( ئۈستۈن ئادەم )

Kartal يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 00:09:43

Rio2گە ئېلان بار بىرىدىغان

Jewlaniy يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 10:04:45

bilhux يوللىغان ۋاقتى  2014-7-21 23:29 static/image/common/back.gif
بولسا يېڭى كىنولارنى  ھەقلىق قىلىپ خەتتلىك تەرجىمە قى ...

يېڭى كىنونى تارقاتقان بىلەن نەشىر ھوقوقى مەسىلىسىنى سىز ھەل قىلىپ بىرەمسىز؟  تەرجىمە فىلىم گورۇپپىسىدىكىلەر  دېھقانلار ئۈچۈن ئىشلەۋاتىدۇ ھازىر. سىلەرگە ئوخشاش زىيالىلار ئېنگىلىزچىنى چۈشۈنۈپ كۆرەلەيدىغان بولغاندىكىن شۇنى كۆرۈڭلار. بۇ يەردە دېھقاننى چىشلەپ تارتماي.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 11:34:25

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-7-21 18:39 static/image/common/back.gif
Rio ئىككىنى  ئىلان قىلمامسىلە؟

رىيو2 نىڭ تەرجىمىسىمۇ پۈتەي دەپ قالدى. پۈتسە ئۇنىمۇ يوللايمىز. ئۇنىڭغا ئېلان بېرىدىغانلار چىقسا تېزراق ئېلان قىلاتتۇق چىقمىسا سەل ئالدىرمايراق قىلارمىز:lol

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 11:35:02

koragan يوللىغان ۋاقتى  2014-7-21 19:03 static/image/common/back.gif
تىخىچە 2012 دە ئويناۋاتقان ئوخشىمامسىلە كۈلكە بۇرادەر{:87 ...

ئىشنىڭ تولالىقىدا 4 نى باسىمەن دەپ 2 نى بېسىپ سالغان ئوخشايمەن ئالدىراپ

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 11:36:04

Kartal يوللىغان ۋاقتى  2014-7-22 00:09 static/image/common/back.gif
Rio2گە ئېلان بار بىرىدىغان

406878478 نومۇرلۇق كىيۇكىيۇنى قوشامسىز ياكى سىزنىڭكىنى قالدۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئېلان بېرىدىغان ئىش بولسا قارشى ئالىمىز جۇمۇ.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 11:37:42

bilhux يوللىغان ۋاقتى  2014-7-21 23:29 static/image/common/back.gif
بولسا يېڭى كىنولارنى  ھەقلىق قىلىپ خەتتلىك تەرجىمە قى ...

ماۋۇ خەتلىك كىنو ئىشلىرىنى قانچىلىك چۈشىنىسىز. قارىغاندا سىز ئالاھىدە زىيالىي ئوخشايسىز ھە.
ئارتۇق گېپىم يوق. تۇتقان يولىمىزنى خاتا دېسىڭىزمۇ سىزگە ھېچ بىر دەخلىسى بولماس دەيمەن. زەررى يەتسە بىزگە يېتەر. كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە رەھمەت.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 11:39:22

bilhux يوللىغان ۋاقتى  2014-7-21 23:29 static/image/common/back.gif
بولسا يېڭى كىنولارنى  ھەقلىق قىلىپ خەتتلىك تەرجىمە قى ...

يەنە بىر ئىش راس ئىنكاسىڭىزدىكى ئېلان قويۇپ پۇل تاپىمەن دېگەن گېپىڭىز سەل ئېشىپ كېتىپتۇ. تېخى ماۋۇ خەتلىك فىلىم ئىشىنى 6-7 يىل قىپ موچەن پۇل تېپىپ باقمىدىم. تاپقان پۇل چىقىمنى قامداپ بولالماي يانچۇق كولاپ ئولتۇرۋاتىمەن. شۇڭا ئىسنىڭ ئاچچىقىنى پەقەت مورا بىلىدۇ.

Temkin119 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 11:48:35

كۈلكە بۇرادىرىمىز راست دەيدۇ،گەرچە كىنو باشقىلارنىڭ بولغان بىلەن ئۇنى تەرجىمە قىلىش ،تەھرىرلەش، ۋاقىت ئوقىغا توغىرلاش،پىرىسلاپ تورغا يوللاش قاتارلىق بىر قاتار خىزمەتلەرگە نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھىن كېتىدۇ.ئىقتىسادى جەھەتتىن دىگەندەك قوللاپ كىتەلمىدۇق.
  قۇتيار تەرجىمە گورۇپسىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ ئەجرىگە،رەھمەت ئېيتىمەن ، ھەرقايسى ساھەدىكى دوستلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئەجرىنى ھۆرمەتلىشىنى ۋە قوللىشىنى ئارزۇ قىلىمەن .

datman يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 13:56:34

خەتلىك فىلىملەرنىڭ ھۇزۇرىمۇ بەلەكچىدە  
ھازىر خەتلىك فىلىم چەۋەندازلىرىدىن پەقەت مۇشۇ قۇتيار بىلەن ئاقبۇركۇتلا  مىڭىۋاتىدۇ
ئىشقىلىپ مۇشۇلارغا بەكلا قايىل شۇنچە يىل جاپا تارتىپ بىرتىين تىپىپ باقمىدى ئەمدى ئازراق ئىلان قويۇپ
پۇل تاپايلى دىسە بەزىلەر ئۇنى بۇنى دەپ بىقىپتۇ  بولسا سىلەرمۇ بىرەر فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ بىقىڭلار قىنى
شۇچاغدا بۇ ئىشنىڭ ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى بىلىپ قالىسىلەر

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 15:44:20

مۇشۇ خەتلىك فىلىملەردە خىتىنى ئوقۇيمەن دەپ سۇرەتتىن ھوزۇر ئالالمايدىغان ئىشى تازا بولمايدۇ ، يەنىلا ئاۋازلىق تەرجىمىگە يەتمەيدۇ

tvman يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 16:26:42

Kartal يوللىغان ۋاقتى  2014-7-22 00:09 static/image/common/back.gif
Rio2گە ئېلان بار بىرىدىغان

نەگە ئېلان بەرمەكچى:lol

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 18:39:25

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ismail تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-22 18:43  

بۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقى بادەك قىلغان يا؟
تەشۋىقاتقىمۇ ئۇستا بوپ كىتۋاتسىلە جۇمۇ. ;P

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 18:44:29

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-7-22 11:39 static/image/common/back.gif
يەنە بىر ئىش راس ئىنكاسىڭىزدىكى ئېلان قويۇپ پۇل تاپىم ...

موچەن تاپمىدىم دىگەن گەپ يالغان، چىقىمنى قامدىيالمىدى دىگىن گەپ راست.
خەتلىكنى بىكاغا تاقىتىپ، ت ۋ ۋە تەرجىمە كىنو سودىگەرلىرنىڭ ئاۋازلىق كىنوسنىڭ تەرجىمىسىنى قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈڭلار.
نەشرى ھوقوق داۋاسى چىقىپ قاسا پۈتۈنلەي ھەقسىز تارقاتقان بىلەن ئېلان قۇيۇپ تاقاتقاننىڭ پەقى بارمىكى.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 18:54:55

ismail يوللىغان ۋاقتى  2014-7-22 18:44 static/image/common/back.gif
موچەن تاپمىدىم دىگەن گەپ يالغان، چىقىمنى قامدىيالمىد ...

تاپقان پۇل چىقىمنى قامدىيالمىسا پۇل تاپقان بولماس. چىقىمنىمۇ قامداپ ئاندىن ئاشسا تاپقان بولارمىز.
70 كويغا 1000 قۇرلۇق يېزىقى بار كىنونى قىلىپ بېرىدىغان ئىشنى قىلغاندىن خالس ھەقسىز تارقىتىپ ماڭغان ئەۋزەل.
بەت: [1] 2 3
: «ھايات-ماماتلىق مۇسابىقە3» كە ئېلان قوبۇل قىلىنىدۇ!