sarwan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 12:05:12

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان


مەنبەسى: سارۋان بىلوگى

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان(UAV-Unmanned Aerial Vehicle) قىسقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا ئىچىدە ھەيدەيدىغان ئادەم بولمىغان ئۇچقۇنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ يەنە يىراقتىن ھەيدىلىدىغان ئايروپىلان(RPA-Remotely Piloted Aircraft) دەپ ياكى ئىنگىلىزچىدە يەنە Drone دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان كومپيۇتېر ئارقىلىق ئاپتوماتىك ھەيدىلىدۇ ياكى يەر يۈزىدىكى مەشغۇلاتچى خادىم تەرىپىدىن يىراقتىن باشقۇرۇلۇپ ئۇچۇرىلىدۇ.
ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان يېقىنقى يىللارغىچە ئارمىيە ياكى ئالاھىيدە مەشغۇلات قىلىدىغان ساھەلەر تەرىپىدىن تەرەققى قىلدۇرلۇپ، ئىشلىتىلىپ كىلىنگەن. ئەمما يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان قوللىنىش دائىرسى كېڭىيىپ ئوت ئاپىتى، قۇتقۇزۇش، چارلاش- تەكشۈرۈش، فوتوگرافىيە، ئاخبارات قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.
مىكرو تىپلىق، يۇقۇرى ئىقتىدارلىق توك يولى تاختىلىرى، ئاپتوماتىك ئۇچۇش يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ ئايروپىلان ھەۋەسكارلىرى، ئېلېكتىرون ھەۋەسكارلىرى ئۆزى قول سېلىپ ياسىغان ئەرزان باھالىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارمۇ بارلىققا كەلدى. ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ كىچىكلىرى چىكەتكىچىلىك بولسا ئەڭ چوڭلىرى يولوچىلار ئايروپىلانلىرىچىلىك كىلىدۇ.
ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار توك، سۇيۇق يىقىلغۇلارنى ئىنىرگىيە مەنبەسى قىلىدۇ. ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان رىئاكتىپ ماتور بىلەن ھەركەتلىنىدىغانلىرىمۇ، پىقىرغۇچ ئارقىلىق ھەركەتلىنىدىغانلىرىمۇ بار.
توكنى ئىنگىرگىيە قىلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ زەرەتلىنىدىغان باتارىيە ئىشلىتىدىغانلىرى، يىقىلغۇ باتارىيەسى ئىشلىتىدىغانلىرى، قوياش ئىنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ ئۇچىدىغانلىرىمۇ بار.
ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلاردا ئادەتتە ئاپتوماتىك تەڭپۇڭلۇق ساقلاش، سۈنئى ھەمرا ئارقىلىق ئورۇن بىكىتىش، يول باشلاش، يىراقتىن ھەيدەش قاتارلىق ئىقتىدار ھازىرلانغان بولىدۇ.

ناسانىڭ قوياش ئىنىرگىيەسى ۋە يىقىلغۇ باتارىيەسىنى ئىنىرگىيە مەنبەسى قىلغان Helios ناملىق ئاتۇمۇسفۇرا تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى

ھەربىي ساھەدە قوللىنىلىشى

ئادەتتە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ ئەنئەنىۋى جەڭ ئايروپىلانلىرىغا قارىغاندا بىر قانچە جەھەتتە ئەۋزەللىكى بار.
ئادەملىك ئايروپىلانلاردا ئالدى بىلەن ئۇچقۇچىنىڭ ھاياتى ھەر قاچان خەۋپ ئاستىدا بولىدۇ. ئەمما ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان يەر يۈزىدە كونترول قىلىنىدۇ. ئۇچقۇچىنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرىمايدۇ.
ئۇچقۇچى ھەيدەيدىغان ھۇجۇمچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش ۋاقتى قىسقا بولىدۇ. ھۇجۇمچى ئايروپىلانلار ئادەتتە قوزغىلىپ 2-3 سائەت ئىچىدە يەر يۈزىگە قايتىپ كىلىپ بولىشى كېرەك. ئەمما ئۇچقۇچىسىز ھۇجۇمچى ئايروپىلانلار ئون نەچچە سائەت ھەتتە بىرەر كۈن ئۇچالايدۇ. رازۋىتكىغا ئىشلىتىلىدىغانلىرىنىڭ ئۇچۇش ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ.
ھەربىي ساھەدە ئىشلىتىلىدىغان كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە رازۋىتكا ئايروپىلانلىرىنىڭ تەننەرخى بەك يۇقۇرى بولىدۇ. ئەمما ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ يەككە باھاسى نىسبەتەن ئەرزان بولىدۇ.
بىر ئۇچقۇچىنى تەربىيەلەشكە ئادەتتە بىر نەچچە مىليۇن چىقىم كىتىدۇ. ئەمما ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ مەشغۇلاتچىلىرىنى تەربىيەلەش نىسبەتەن ئاسان. خېلى بىر قىسىم ئۇچۇش مەشغۇلاتلىرىنى ئاپتۇماتىك ئېلىپ بارالايدۇ.

ئامىركا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ Global Hawk ناملىق يۇقۇرى بوشلۇقتا ئۇچىدىغان ئۇچقۇچىسىز رازۋىتكا ئايروپىلانى


چارلاش قۇتقۇزۇش ساھەسىدە ئىشلىتىلىشى

جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر سىستېمىلىرىغا ئادەتتە سۈنئى ھەمرا ئارقىلىق ئۇچۇر يىغىلىدۇ. ئەمما سۈنئى ھەمرانىڭ تەتقىق قىلىش، ئوربىيتىغا چىقىرىش، يىراقتىن كونترول قىلىش مەشغۇلاتلىرى قىيىن، تەننەرخى ناھايىتى يوقۇرى. ئەمەلىيەتتە دائىرلىك جۇغراپىيەلىك ئۇچۇرلارنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەنمۇ يىغىش مۇمكىن. شۇنداقلا تەننەرخى سۈنئى ھەمرادىن كۆپ تۆۋەن بولىدۇ.
ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا يۇقۇرى ئىنىقلىقتىكى ئوپتىك كامېرا، لازىرلىق سىكەننىر، ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق كامىرا، ئېلېكتىر دولقۇنلۇق رادار قاتارلىق سىزىش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەش ئارقىلىق ئوخشىمىغان ئۇچۇر مەلۇماتلارغا ئىرىشكىلى بولىدۇ.
چىگرا چارلاش، نىفىت-گاز تۇربىلىرىنى كۆزىتىش قاتارلىق مەشغۇلاتلار ئادەتتە تەبىئى شارائىتنىڭ چەكلىمىسىگە بەكراق ئۇچرايدۇ. كۆپۈنچە ماشىنا قاتارلىق قاتناش ۋاستىلىرى ئىشلىتىلىدۇ. ۋاقىت كۆپ كىتىدۇ شۇنداقلا جاپالىق. ئەمما ئۇچقۇچىسز ئايروپىلان ھاۋا بوشلۇقىدا ھەركەت قىلىدىغان بولغاچكە تەبىئى مۇھىتنىڭ چەكلىمىسىگە بەك ئۇچرىمايدۇ. سۈرئىتى تىز بولىدۇ. يىراقتىن نازارەت قىلىپ كۆرۈپ تۇرغىلى بولىدۇ.
تەبىئى ئاپەت يۈز بەرگەن جايلاردا ئادەتتە قاتناش توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. ئاپەت رايۇنىنىڭ ئەھۋالىنى ئىنىق ئىگەللەش، جىددىي قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى يەتكۈزۈش نىسبەتەن قىيىن. مەسىلەن: يەر تەۋرەش، كەلگۈن، ئورمان ئوت ئاپىتى قاتارلىق. ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلىتىلسە قاتناشنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىمايدۇ. دورا، ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق يەڭگىل بۇيۇملارنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق بىۋاستە يەتكۈزگىلى بولىدۇ.
تەبىئى شارائىتى ناچار، شەھەرلەردىن يىراق، تاغلىق جايلاردا ئالاقىگە ئاساسەن سۈنئى ھەمرا ئالاقىسى ئىشلىتىلىدۇ. ئالاقە سۈنئى ھەمراسىنىڭمۇ تەننەرخى بىر قەدەر يۇقۇرى، تور ئېقىمى ۋە بەلباغ كەڭلىكى چەكلىمىلىككە ئىگە. ناۋادا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى تېخىمۇ ئۇزۇن يەرگە قونماي ئۇچىدىغان قىلغىلى بولسا (نەچچە ئاي ياكى بىر قانچە يىل)، ئۇنى سۈنئى ھەمرا ئالاقىسىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكىلى بولىدۇ. تەننەرخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ. بىر سۈنئى ھەمرانى قۇيۇپ بەرگەن تەننەرخكە نەچچە ئون ھەتتا نەچچە يۈز ئۇچقۇچىسىز ئالاقە ئايروپىلانىنى قويۇپ بەرگىلى بولىدۇ.

گۇگۇل شىركىتى قوشىۋالغان تىتان ئايروسىپېس شىركىتىنىڭ قوياش ئىنىرگىيەلىك، ئۇزۇن ئۇچالايدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى. چەت رايۇنلارغا تور يەتكۈزۈشكە ئىشلىتىش ئىھتىماللىقى بار.

ئاخبارات، فوتوگرافىيە ساھەسىدە قوللىنىلىشى

كىچىك تىپتىكى تۆت پىقۇرغۇچلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن ئاخباراتچىلىقتىمۇ قوللىنىشقا باشلىدى. خەتەرلىك، يەر يۈزىدە سۈرەت تارتىشقا بولمايدىغان شارائىتلاردا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارلىق سۈرەت تارتىپ خەۋەر تارقىتىش قىسمەن جايلاردا ئاخبارات ئورۇنلىرى تەرىپىدىن ئىشلىتىلدى. بۇندىن كېيىن كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىش ئىھتىماللىقى بار.
فوتوگرافىيە، فىلىم ئىشلەش ساھەسىدە ئادەتتە بوشلۇقتىن تارتىلىدىغان سۈرەتلەرنى تىك ئۇچار ئايروپىلان، گاز شارى ياكى سودىغا ئىشلىتىلىدىغان كىچىك تىپتىكى ئايروپىلانلار ئارقىلىق تارتىدۇ. ئەمما بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ تەننەرخى يۇقۇرى. نۆۋەتتە فىلىم ئىشلەش ۋە سۈرەت تارتىشتا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارمۇ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. باھاسى ئەرزان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار ئارقىلىق ھەۋەسكار فوتوگرافلارمۇ بوشلۇقتىن ناھايىتى ئىسىل فوتو سۈرەتلەرنى تارتالايدۇ.

DJI شىركىتىنىڭ فوتو سۈرەت تارتىشقا ئىشلىتىلىدىغان كەسپى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى


ھەۋەسكارلار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى

ئاۋىئاتسىيە ھەۋەسكارلىرى بۇرۇندىنلا مەۋجۇت. خەلق ئىچىدە ئىسسىق گاز شارى، كىچىك پىلانىرلارنى ياساپ ئۇچرىدىغانلار خېلى بار. مەكتەپلەردىمۇ ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيەتلىرىدە پىلانىر ياساپ ئۇچۇرىدىغان مەزمۇنلار بار.
يۇقۇرى ئىقتىدارلىق، مىكرو تىپلىق توك يولىنىڭ بارلىققا كىلىشى، گىرىسكوپ، تىزلەندۈرگۈچ قاتارلىق ئەسلى ئاۋىئاتسىيەدە ئىشلىتىلىدىغان كەسپى سىنزورلارنىڭ كىچىكلەپ يانفونلاردا قوللىنىلىشى، 3G،4G،WiFi تورلىرىنىڭ بارلىققا كىلىپ كەڭ ئىشلىتىلىشى ئاۋىئاتسىيە ھەۋەسكارلىرىغىمۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ياساش ئىمكانىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى.
مەخسۇس ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارغا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوماتىك ئۇچۇش، تەڭپۇڭلۇق ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە توك يولى تاختىلىرى بارلىققا كەلدى. تەقلىدى سىناش، يەر يۈزىدە كونترول قىلىش يۇمشاق دېتاللىرى مەيدانغا كەلدى. تۆت پىقۇرغۇچلۇق تىك ئۇچار، پىلانىر شەكلىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ ئوچوق كودلۇق تۈرلىرى مەيدانغا كەلدى. ھازىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا ئىشلىتىدىغان سايمانلارنى تور سودا بىكەتلىرىدىن تېپىش ناھايىتى ئاسان.

يانفون ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان AR.Drone تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان

يېقىن كەلگۈسىدە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار، شەھەر ئامانلىقى، تىز يەتكۈزۈش، ئويۇن- تاماشا، سەيلى- ساياھەت قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ ساھەلەردە قوللىنىلىشى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ ئەتراپىمىزدا ئۇچۇپ يۈرگىنىنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىشىمىز مۇمكىن.

2014- يىل 5- ئاي

مەنبەسى: سارۋان بىلوگى

kadir7448 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 12:41:24

ئۆتكەندە گېزىتتە پەيزاۋات ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە تۇنجى بولۇپ ئامانلىق چارلاش ئۈچۈن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەتتى دەۋاتقان.

yawa يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 12:53:10

بىر چاغلاردا ئامازون ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان ئارقىلىق مال يەتكۈزىدۇ دەۋاتاتتى.

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 13:37:33

ئۈرۈمچىنىڭ قوراللىق قىسىم مۇ سەپلەپبولدىغۇ ئاۋۇ تۆت چاقپېلىكى بارىدىن . خەلق مەيدانىدا ئۇچىرىپ يۈرىتى

diktatur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 14:12:34

ئادەم بولسىلا ئېتىۋىردىغان بىرمىكەنغۇ بو ، ئۆتكەنكى خەۋەردە ئامرىكىنىڭ ئۇچقۇسىز ئايروپىلانى سۇرىيەنىڭ شەھەر كوچىسىدا جىم كىتۋاتقان ئادەملىنى ئوققا تۇتتى دەۋاتاتتى .

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 14:22:12

گۇگۇلنىڭ مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلىرى ھەربىي تەرەپكە تىخنىكا تەمىنلەرپ بەرگەچكە ھەرقېتىم گۇگۇل باش شىركىتى يىڭى مەھسۇلات ئىلان قىلغاندا بىر ئىككىدىن نامايىشچى گۇگۇلدا  ئۇرۇشتا بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلگەن پۇقرالارنىڭ قىنى بار دەپ توۋلاپ قويىدۇ، ئاندىن ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ئۇلارنى ئىلىپ چىكىتىدۇ، مۇشۇنداق ئىشلار خىلى بولدىغۇ دەيمەن.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 14:22:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-20 14:26  

  دۆلىتىمىزدىكى پۇخرالار ئىچىدىن تېخنىكىسىنى بىلىدىغانلارغا نىسبەتەن بۇنى ياساشقىمۇ دۆلىتىمىز شارائىتىدا كۆپ مەبلەغ كەتمەيدۇ، ئەمما بازاردا بار نەرسىنى قايتا ياساشنىڭ ھاجىتى يوق.  بۇ يەردىن كىرىڭ.
  ئاپتۇماتىك ئورۇن ساقلاپ ئۇچۇش، ئاپتۇماتىك قۇنۇشلارغا نىسبەتەنمۇ تەييار مەھسۇلاتلارنى ئانچە-مۇنچە ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرسا بۇلىدۇ. سىمسىز ئالاقىگە كۈچمە تىلفوننىڭ 10-20سى ئۆز-ئارا ھەقسىز سۆزلىشىدىغان كەسىپ ئىچىلغان تىلفوننى ئىشلەتسە ھەرخىل ئىقتىدارلار سەپلەنگەن قىلىشتىكى ۋە كۆرۈنمە ، يۇقىرى ئىنىقلىقتىكى سۈرەت يوللاش دىگەندەك سىگنال مەسلىسىمۇ ھەل بۇلىدۇ.

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 04:56:26

ئامىركىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانلىرى پاكىستان ،ئافغانىستاندا نۇرغۇن بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ئۇلشىگە سەۋەپچى بولدى دەۋاتاتتى ـ
بەت: [1]
: ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان