musilina1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 17:37:14

مەن توي قىلماقچى بولىۋاتىمەن

   ئانامغا تېلىفون قىلىش زۆرۈرىيىتى بىلەن يانفوننى ئېچىشىمغىلا كەلگەن قىسقا ئۇچۇرنىڭ ئاۋازى  مېنىڭ ئالدىمدا ئۇنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ بولدى، ئۇ قولۇمدىكى يانفوننى يۇلۇپ دېگۈدەك تارتىۋېلىپ ،مېنىڭ تالاشقىنىمغا ئۇنىماي سەندىن كەلگەن ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ چىقتى، ئۇچۇردا نېمە دەپ   يازغانلىقىڭ ماڭا نامەلۇم بولسىمۇ ،بىراق ئۇنىڭ ماڭا قاراپ چەكچەيگەن كۆزلىرى، كېڭىيىپ كەتكەن بۇرۇن تۆشۈكلىرى ،ئالايغان كۆزلىرىدىن  يازغان ئۇچۇرۇڭنىڭ ئۇنىڭ كۈندەشلىكىنى قوزغىغانلىقى مەلۇم بولدى،مەن بۇ ئۇچۇر سەۋەبلىك بولىدىغان جەڭگە قانداق تەييارلىق كۆرۈش ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقان ۋاقتىمدا ئۇ ماڭا ‹‹بىز توي قىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمىز. ئەمدى بۇ  نومۇرنى ئىشلەتمەڭ، ئۆزۈم سىزگە باشقا نومۇر ئېلىپ بېرىمەن،   تېلىفونىڭىزدا قىز ساۋاقداشلىرىڭىز ،دوستلىرىڭىز،يېقىن  ئۇرۇق –تۇققانلىرىڭىزدىن باشقا ھەرقانداق ئوغۇلبالىنىڭ نومۇرىنى ، بىرەر ئوغۇلبالا بىلەن تېلىفونلۇشۇپ ياكى ئۇچۇرلاشقانلىقىڭىزنى مەن كۆرۈپ قالماي، بولمىسا ئىككىمىز بەك خاپىلىشىپ قالىمىز...››دېگەندەك بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلدى، گۇناھ ئۆزۈمدە بولغاچقا ئارتۇق گەپ قىلمىدىم،دېمىسىمۇ ئۇنىڭ سۆزلىرى ئورۇنلۇق ئىدى، قايسىبىر يىگىت ئۆزى تويلاشماقچى بولغان قىزنىڭ باشقا بىر يىگىتلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۆتىشىنى خالايدۇ؟
      ئەسلى ساڭا بۇ خەتلەرنى يازماقچى ئەمەس ئىدىم،لېكىن ئىككى ھەپتىنىڭ ياقى تېلىفوننى ئاچساملا ئۈزۈلمەي چىقىۋاتقان تېلىفون نومۇرۇڭ، تاتلىق سۆزلەر بىلەن يۇغۇرۇلغان ئۇچۇرلىرىڭ ئالدىدا يۈرىكىم ئېرىپ كېتىپ، ئىرادەمگە خىلاب ھالدا بەلگىلەپ بولغان تويدىن يېنىۋېلىش ئېھتىماللىقىنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇش ئۈچۈن بۇ خەتلەرنى يېزىش قارارىغا كەلدىم، مېنى كەچۈر،مەن يېقىندا  توي قىلماقچى بولغان قىز، شۇڭا ئەمدى ماڭا تېلىفون ياكى ئۇچۇر قىلما.
        كەينى –كەينىدىن ياندۇرۇپ ئۇرغان تېلىفونلىرىڭنى كۆز  يېشىمنى ئىچىمگە يۇتقان ھالدا ئۆزۈمنى مەجبۇرلاپ دېگۈدەك ئالمىدىم،بىراق ئۇچۇرلىرىڭدىكى  ‹‹ مەندىن نېمىشقا ئۆزۈڭنى قاچۇرىسەن؟ مەندىن شۇنداق بىزار بولۇپ كەتتىڭمۇ؟ مېنى ئۇنداق قىينىما ! سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي،مەن بىلەن بىر كۆرۈشكىن،سېنى جېنىمدىن ئەزىز كۆرىمەن، سەن بىلەن كۆرۈشەلمەي ساراڭ بولاي دېدىم،سەندىن ئايرىلمايمەن....››دېگەنگە ئوخشاش شېرىن –شېكەر ئۇچۇرلىرىڭنى كۆرمەي دېسەممۇ ئاسىي كۆزلىرىم ئۇنىڭغا يول قويمىدى،  كۆزلىرىمدىن تۆكۈلگەن ياشلار  ئۇچۇرلىرىڭنى تولۇق ئوقۇشقا بەزىدە ئىمكانىيەت بەرمەي قويدى،يىغلىماي دېسەممۇ ئامال يوق،  سۆزلىرىڭ يۈرىكىمگە بېرىپ تەككەن، يۈرىكىمدىكى شۈرمەل بولۇپ قاتقان مۇزلارنى ئاستاغىنە ئېرىتىۋېتىش ئالدىدا تۇرغان تۇرسا قانداق قىلاي؟
        مېنى كەچۈر،  ئەمدى ماڭا شېرىن –شېكەر سۆزلەرنى ئېيتىپ مېنى يەنە ئالدىما، قۇلاقلىرىم سېنىڭ ياغلىما گەپلىرىڭنى تولا ئاڭلاپ پىشىپ كەتكەن، ئەمدى ماڭا تېلىفون قىلىپ مېنى كۆرۈشۈشكە چىللىما، چۈنكى مەن توي قىلىش ئالدىدا  تۇرىۋاتىمەن، گەرچە كۆڭلۈم سەن تەرەپكە تارتىپ تۇرسىمۇ ،بىراق ۋىجدانىم‹‹ سەن ھېلىمۇ ئاز ئالدانمىدىڭ ئۇنىڭغا، ئۇنىڭ  سەن بىلەن  يۈرىۋېتىپمۇ يەنە بىر بالىسى بار ھېلىقى ئايال بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزمىگەنلىكى، قىزلارنى ماشىنىسىغا چىقىرىپ نەمۇ –نەدە ئويناپ يۈرگەنلىكىنى ... ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟ ئېسىڭدىمۇ ، ئۇنىڭ ئۆتكەندە ساڭا قىلغان‹ سېنىڭ خىزمەت ئىشىڭ ھەل بولمىسا ئىشىمىز مۇشۇ يەردە توختاپ قالسۇن، توي قىلغاندىن كېيىن ھەممە ئىش پۇل بىلەن ئوخشايدۇ،بىر كىشىلىك مۇئاش بىلەن جاننى جان ئەتكىلى بولمايدۇ...› دېگەنلىرى،كۆزۈڭگە كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان قىزنى قولتۇقلاپ ، سېنىڭ  كوچىدا كېتىۋاتقان كىشىلەردىنمۇ بارلىقىنىمۇ ئېسىڭدىن چىقىرىپ قويۇپ ئېچىنىشلىق يىغلىغان يىغاڭغا پەرۋامۇ قىلماي تېز تاماقخانىغا كىرىپ كەتكەنلىكى، ئەمدى يەنە ئەخمەق بولۇپ ئۇنىڭ يالغان –ياۋىداق سۆزلىرىگە ئالدىنىپ يۈرسەڭ، ئۆمۈرلۈك بەختىڭدىن ئايرىلىپ قالىسەن، ئۇ سېنى ئاز ئەخمەق قىلمىدى، ئۇ ھەر قېتىم ئالدايدىغان قىزلارنى تاپالمىغاندا، ئىچى پۇشۇپ قالغاندا سېنى تاپىدۇ، باشقا ۋاقىتلاردا سېنى ئىزدەپمۇ قويمايدۇ، سەن ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئۈجمە كۆڭۈللكىنى بىلىپ تۇرۇپ،ھېلىمۇ ‹كۆڭلۈم بار ،ئۇنى ياخشى كۆرىمەن›دەپ   ياخشى يەرلەردىن كەلگەن لايىقلارنىمۇ ياندۇرىۋەتتىڭ، شۇنداق قىلپ ئىككى يىلنىمۇ  ئۆتكۈزدۈڭ،ئاز ئەخمەق قىلمىدى ئۇ ئالا كۆڭۈل سېنى، ئۇ يا چىن كۆڭلىدىن چىقىرىپ  سەن بىلەن توي قىلىش توغرۇلق  سۆزمۇ ئاچمىسا، ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسا ‹‹خىزمىتىڭ ھەل بولمىسا توي قىلالماي يۈرىمىزمۇ؟››دەپ قاخشىسا،ئۆيىدىكىلەرنىڭ  ‹‹خىزمىتى يوق قىز بىلەن توي قىلساڭ، كېيىن قانداق جان باقىسەن؟››دېگەن  دېگەنلىكىنى ساڭا ئۆزى دەپ بېرىپتىغۇ ئەنە. ھېلىمۇ يېشىڭ 27 ياشقا  بېرىپ قالدى، بۇرۇنقى زامانلار بولىدىغان بولسا ئۈچ –تۆت بالىغا ئانا بولغان بولاتتىڭ،ئۇ سەن بىلەن ئەمەس،سېنىڭ خىزمىتىڭ بىلەن توي قىلىدىغان ئوخشايدۇ، بۇنداق كىشىلەردىن ۋاپا كەلمەيدۇ،ئەمدى بولدى قىل، ئۇ سېنىڭ پۈتۈن ساداقىتىڭنى بېرىپ سۆيۈشىڭگە،سېنىڭ چىن يۈرىكىڭدىن ياخشى كۆرۈشىڭگە ئەرزىمەيدۇ....››دەپ پىچىرلاۋاتىدۇ،مېنى سوراققا تارتىۋاتىدۇ.
       دېمىسىمۇ ئىككى يىلنىڭ ياقى ‹‹يىراق كەتسەم كىشنەپ، يېقىن كەلسەم چىشلەپ ›› دېگەندەك مېنى ئەتراپىڭدا ئوينۇتۇپ كەلدىڭ، مەنمۇ ئۆتۈپ كەتكەن  دۆت، سېنىڭ شۇنداق قىلىۋاتقىنىڭنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە ، سەن چالغان داپقا كېلىشتۈرۈپ ئۇسۇل ئويناپ يۈردۈم، قانداق قىلىمەن ئەمدى، كۆڭلۈم ساڭا چۈشۈپتكەن ،سېنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىكەنمەن، ‹‹ كۆڭۈل ياتقان يەردە ئىت ياتمايدۇ››دېگەن راست گەپ ئوخشايدۇ قارىغاندا، يىراق كەتسەم ئالدىڭغا تارتىپ، يېقىن كەلسەم ئارقامغا ئىتتىرىپ دېگۈدەك ئۆتتى بۇ ئىككى يىل ساڭا ئەخمەق بولۇپ .  
       مەن توي قىلماقچى بولىۋاتىمەن، تويلاشماقچى بولغان يىگىتىم ئېيتقاندەك تېلىفونۇمنىڭ نومۇرىنى ئالماشتۇرىۋېتىمەن، مەن ئەمدى تەقدىرگە تەن بەردىم، گەرچە ھازىر ئۇنى ياخشى كۆرمىسەممۇ ،تويدىن كېيىن بەلكىم ياخشى كۆرۈپ قالارمەن، كونىلاردا ‹‹ نىكاھنىڭ مېھرى ئىسسىق››دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ.  ‹‹توي قىلماقچى بولىۋاتقانلىقىمنى بىلمەي تۇرسا بولاتتى ››دەپ ئويلىغان ئىدىم، بىراق ئويلاپ بېقىپ يەنە بۇ خېتىم ئارقىلق ساڭا بىلدۈرۈش خىيالىغا كەلدىم، چۈنكى شۇنداق قىلغاندا ئاندىن سېنىڭ مېنى ئىزدەپ ئاۋارە قىلىشىڭدىن،  بولغۇسى يولدۇشۇمنىڭ مەندىن ئورۇنسىز گۇمانلىنىشىدىن ساقلانغىلى بولىدىكەن.  
      مېنىڭ توي قىلماقچى بولغانلىقىمدىن بەلكىم ھەيران قېلىشىڭ‹‹ مەندىن ئايرىلالمايدۇ، مەندىن باشقا ئادەم بىلەن  توي قىلالمايدۇ..›› دەپ كۆرەڭلەرچە ئويلىغانلىرىڭغا ئۆكۈنۈشۈڭ ‹‹قانداقلارچە شۇنچە تېز باشقا بىرسى بىلەن توي قىلماقچى بولۇپ قالغاندۇ؟››دەپ ھەيران قېلىشىڭ مۈمكىن. ئېيتىپ كەلسەم، ئۆزۈممۇ چۈش كۆرگەندەك بوۇپ قالىمەن.
     بولغۇسى يولدۇشۇم بىلەن تونۇشقىلى تېخى ئۈچ ھەپتىلەرچە بولۇپ قالدى، مەن ئۇنى تونۇمىغان بىلەن ئۇ مېنى كۈزىتپ كېلىۋاتقىلى بەش –ئالتە ئايلارچە بولۇپ قاپتۇ، بىر كۈنى كوچىدا كېتىۋاتقىنىمدا ئۇ مەندىن ئۆزلىكىدىنلا گەپ سورىدى،مەن ئەدەب يۈززىسىدىن ئۇنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردىم، ئۇ ماڭا ئەگىشىپ ئۆينىڭ ئالدىغىچە بىرگە كېلىپ خېلى جىق گەپلەرنى قىلدى، مەن ئۇنىڭغا ئانچە پەرۋا قىلمىدىم، چۈنكى كاللامدا يەنىلا سەن ۋاپاسىز ھۆكىمىران ئىدىڭ، ئەتىسى بازارغا چىقماقچى بولۇپ ماڭسام، ئۇ ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپتۇ، يول بويى ماڭا ئەگىشىپ كەلدى ۋە ئۆزىنىڭ مېنى خېلى ئۇزۇندىن بۇيان كۈزىتىپ كېلىۋاتقانلىقنى،خالىسام مەن بىلەن ئارىلىشىش نىيىتىنڭ بارلىقىنى..دېگەندەك نۇرغۇن گەپلەرنى قىلدى،مەن ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلمىدىم،بىراق ئۇ ئۇنى دېسەم بۇنى دەپ ماڭا پەقەتلا گەپ بەرمىدى،  ئۇ ئاجايىپ شوخ،سۆزمەن بالىكەن،ئارىلىقتا بىرسىگە تېلىفون قىلىۋاتاتتى، بىردەمدە بىر ئاغىينىسى ماشىنا ئېلىپ كەلدى، مېنىڭ ئۇنىمىغىنىمغا قويماي ماشىنىغا چىقىرىپ ( كەچكىچە تالىشىپ يۈرسەك كوچىدا بەكلا سەت تۇرىدىكەن، شۇڭا ئامالسىز ماشىنىغا چىقتىم) بىر تورتخانىغا ئاپاردى، ئۇ يەردە ئاغىينىسى بىلەن ئىككىسى بىر –بىرىگە گەپ بەرمەي چۈشەندۈرۈش ئېلىپ باردى، ئىككىسىنىڭ تولا چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلاپ بولالماي  بېشىم ئايلىنىپلا كەتتى. شۇنداق قىلىپ ئىككىمىزنىڭ تونۇشۇش جەريانى ئەنە شۇنداق تېز بولدى.      
        ئۇ مەن بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى  ئۆيىدىكىلەرگە ئېيتىپتۇ، ئۆيىدىكىلەر مېنى كۆرۈپ باقماقچى بوپتۇ،  ئۇ  بۇ گەپنى ماڭا دېمەيلا ‹‹ تاماق يەپ كېلىلى ››دەپ تۇرىۋالدى، مەن ئۇنىڭغا گەپ تېپىپ بېرەلمەي ئىلاجىسىز ماقۇل بولدۇم، تاماقخانىغا كىرگەندىن  كېيىن جىقلا ئادەم بار ئۈستەلگگ باشلىدى، ئۇنىمىسام ئۇنىماي ، ئۇقسام ئۇلار دادىسى، ئاپىسى، ئاكا –ئاچىلىرى بار ئىكەن، ئارقامغا يېنىپ قېچىپ چىقىپ كەتكىلى تاس قالدىم، ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ بولۇپ.
        شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر مېنى ياقتۇرۇپ قاپتۇ، ئۇلار  بىزنىڭ ئۆيگە چاي ئاپىرىپ بولدى، بولغۇسى يولدۇشۇم ئاجايىپ قاقباشكەن،  دادام –ئاپاملارنى،ئىنى –سىڭىللىرىمى  قانداق قىلىپ ئىندەككە كەلتۈرىۋالدىكن، تېخى تونۇشقىلى ئىككى ھەپتە بولغان ئادەمنى ماختاپ ،ئۇچۇرۇپ ھېچ ھالى قالمايۋاتىدۇ. ئىككى ئۆيدىكىلەر مەسلەھەتلىشىپ  توينى 2- ئاينىڭ 26 –كۈنىگە بېكىتتى، بىر ئويلىسام بۇ  توينىڭ ئىشىنىڭ شۇنداق تېز مەيدانغا چىقىشى خۇددى چۈشۈمدىكىدەك،بىر مەيدان ئويۇندەك ، راست ئەمەستەكلا بىلىنىدۇ، بىراق بۇ ھەقىقەت.
       بايام تويلۇققا لازىملىق نەرسىلەرنى ئېلىپ بولۇپ، ئۇ ئۆيگە كەتتى، مەنمۇ يېنىپ  ئۆيگە  كىرىپلا يانفوننى ئاچتىم، ئېچىشىم ھامان ئۇچۇر كەلگەنلىك سىگنالى  چىقتى، قارىسام ھەممىسى  سېنىڭدىن كەلگەن ئۇچۇرلار ئىكەن،‹‹ ئۇنداق سېغىندىم، بۇنداق چىدىيالمىدم....›› بۇ ئۇچۇرلار بىر –بىرىدىن شېرىن، بىر –بىرىدىن ئىچ ئاغرۇتقىدەكلا، راستىنى ئېيتسام ئۇچۇرۇڭنى كۆرۈپلا يەنە ئۆزۈمنى تۇتالماي يىغلىدىم،قانداق قىلاي بۇ ۋاپاسىز كۆڭلۈم يىغلىماسلىققا يول قويمىدى، كۆز ياشلىرىم ئىچىدىن  بولغۇسى يولدۇشۇمدىن كەچۈرۈم سورۇدۇم،  ئىككى يىل  ياخشى كۆرۈپ يۈرەك قېتىغا ئورنىتىۋەتكەن بىر ئادەمنى  ئۈچ ھەپتىدىلا كۆڭۈلدىن چىقىرىۋېتىش ئۇنچە ئاسان ئەمەسكەن.بەلكىم توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن  ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئاستا – ئاستا ئۇنتۇلۇپ كېتەرمەن‹‹ ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ››دېگەن گەپ بارغۇ بىزدە.
       يانفونۇمنىڭ نومۇرىنى ئۆزگەرتىۋېتىمەن،سېنى قەتتئىي ئۇنتۇپ كېتىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن، ئەمدى مېنى ئىزدىمە، سەندىن ئۆتىنەي،چۈنكى مەن پات يېقىندا توي قىلماقچى.
       راست، ساڭا بىر گەپنى ئېيتاي، گەرچە سەن يۈرىكىمگە ۋاپاسىزلىقنىڭ تامغىسىنى بېسىپ ،مېنى دەدتتە قويۇپ،  قاپاققا سېلىپ كولدۇرلىتىپ يۈرسەڭمۇ، يەنىلا ئىچىمدىكى سىرلىرىمنى ساڭا تۆككۈم كېلىدىكەن.بولغۇسى يولدۇشۇمنىڭ بىر بالىسى بار ئىكەن،گەرچە ئۇ ئۆزىنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ،بىراق بالىسى بارلىقىنى ئېيتمىغان ئىدى، بالىسى بارلىقىنى تېخى تۆنۈگۈن ئۇقتۇم، ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ  ئىچ –ئىچىمدىن ئۆكسۈپ بولىشىغا يىغلىدىم، ئۇ ئۇنى –بۇنى دەپ كۆڭلۈمنى ياساپ ماڭا تەسەللى بەردى، قانداق قىلاي، تەقدىرىم شۇنداق ئوخشايدۇ، پىشانەمگە پۈتۈلگەننى كۆرمەي ئامالىم  يوق.ئەمدى بولدى قىلپ  خېتمنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇراي، ھېلىمۇ سۆزۈم بەك ئۇزىراپ كەتتى، بەلكىم بۇ خېتىمنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن  ئۆزۈڭنىڭ ۋاپاسىزلىقىڭ ئېسىڭگە كەچمەي مېنى ۋااپسىزلىقتا ئەيىپلەرسەن، نېمە دېگۈڭ كەلسە دەۋال،ئەمدى ھەرقانداق سۆزلىرىڭ مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز، چۈنكى مەن باشقا بىر يىگىتنىڭ ئايالى بولۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن، خەير، سېنىڭ  بىر كۈنلەردە خىزمىتى بار قىزدىن بىرسىگە ئۆيلىنپ بەختىڭنى تېپىشىڭغا تىلەكداشمەن، ئەمدى ئىككىمىزنىڭ ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشسۇن، چۈنكى مەن توي قىلماقچى بولىۋاتىمەن.....

  

مەنبە : ئۆز  قەلىمىم


ئەسكەرتىش:ئىلگىرى يېزىپ قويغان يازمام ئىدى،تېما مەزمۇنىنى يازغۇچى بىلەن باغلاپ چۈشەنمىگەيسىلەر....

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

tughdar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 21:13:16

كىچىك چاغلادا ئانام لەغمەن ئەتسە بىر تەخسدە دۆۋلەپ يەۋىتىپ يەنە تويمۇدۇم دېسەم ، ئاكام  تويمىساڭ تويۇڭدا توي دەپ قوياتتى.

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 21:26:20

كۆڭۇل دېگەن ئاجايىپ ساراڭ نەرسە ھە ...
كۆڭۇل ياتقان يەردە ئىت ياتماس ، ئىت ياتقان يەردە كۆڭۇل ياتماس ...

خۇدايىم ھەر قانداق ئەركەكنى ئالا كۆڭۇل خوتۇندىن پاناھ بەرسۇن ...

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 23:24:53

زىيالى ياپۇندىن قايتىپ كىلىپ، ئىزدىنىشقا باغاق يازدىمىكى دەپتىمەن، تېما ئاپتۇرىغا قارىماي.:lol

bilimdvv يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 08:23:56

مانا مېنىڭ ھازىر ئارىلىشىۋاتقان قىزىممۇ بەزىدە باشقا ئوغۇللارغا ۋىيشىندە دوستقا قوشۇش ئىلتىماسى قىلىپ خاپا قىلىۋاتىدۇ،قانداق قىلاي؟

boss يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 08:30:18

RE: مەن توي قىلماقچى بولىۋاتىمەن

bilimdvv يوللىغان ۋاقتى  2014-7-20 08:23 static/image/common/back.gif
مانا مېنىڭ ھازىر ئارىلىشىۋاتقان قىزىممۇ بەزىدە باشقا  ...

كەشىنى توغۇرلاپ قۇيۇڭ

bilimdvv يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 08:53:57

boss يوللىغان ۋاقتى  2014-7-20 08:30 static/image/common/back.gif
كەشىنى توغۇرلاپ قۇيۇڭ

دېگىنىڭىزدەك قىلغانتىم،تېلفون ئالمايۋاتىدۇ...

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 10:22:36

مۇھەببەت .
ئائىلە.
ساداقەت.
........

buyukturn يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 11:25:21

bilimdvv يوللىغان ۋاقتى  2014-7-20 08:23 static/image/common/back.gif
مانا مېنىڭ ھازىر ئارىلىشىۋاتقان قىزىممۇ بەزىدە باشقا  ...

دەررۇ « شاگاڭ » قىلىپ ، ئورنىغا باشقا نامزات ئويلۇشۇڭ .

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 11:48:00

bilimdvv يوللىغان ۋاقتى  2014-7-20 08:23 static/image/common/back.gif
مانا مېنىڭ ھازىر ئارىلىشىۋاتقان قىزىممۇ بەزىدە باشقا  ...

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
مۇشۇنداق مۇجۈمەل ئىشنى كەسكىن ئۆزىڭىز بىر تەرەپ قىلۋەتمەي ، مەسلىھەت سورغىنىڭىز نىمىسى :lol

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 11:49:46

buyukturn يوللىغان ۋاقتى  2014-7-20 11:25 static/image/common/back.gif
دەررۇ « شاگاڭ » قىلىپ ، ئورنىغا باشقا نامزات ئويلۇشۇڭ  ...

ئۇنداق شاگاڭ قىلغىلى تۇرسا ھازىر ‹ئىشچى› تاپالمايدۇ.{:92:}
ئەڭ ياخشىسى ۋىيشىنغا خاككارلىق قىلىپ پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان ياخشى.{:114:}

buyukturn يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 12:09:47

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2014-7-20 11:49 static/image/common/back.gif
ئۇنداق شاگاڭ قىلغىلى تۇرسا ھازىر ‹ئىشچى› تاپالمايدۇ.{ ...

« پالتاڭ بولسا ئۇتۇن ئازمۇ ، ئوغلۇڭ بولسا خۇتۇن ئازمۇ » دەپتىكەن كونىلار .
ھەقىقى مۇۋاپىق نامزات تېپىلغۇچە ئالماشتۇرۇش كېرەك .

tanha19 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 12:15:04

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2014-7-20 11:49 static/image/common/back.gif
ئۇنداق شاگاڭ قىلغىلى تۇرسا ھازىر ‹ئىشچى› تاپالمايدۇ.{ ...

ۋىيشىنغا خاككىرلىق قىلىدىغان ھۈنەرلەر بولسا تۆكمەمسىلەر؟

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 14:18:07

ئىفىمىزىم قوللىنىپ قويدۇم، ۋىيشىنغا خاككىرلىق قىلساڭلا تۈرمىگە كىرسىلە:lol

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 15:39:34

ھاھا...بۇ كۆڭۈل ئىشىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋاي كاللامەي.............

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 16:21:53

bugday يوللىغان ۋاقتى  2014-7-19 23:24 static/image/common/back.gif
زىيالى ياپۇندىن قايتىپ كىلىپ، ئىزدىنىشقا باغاق يازدىم ...

دەرۋەقە مەنمۇ شۇنداقمىكىن دەپتىمەن.:lol

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 20:18:25

قالتىس ھېكايىكەن، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زور.

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 21:42:33

bilimdvv يوللىغان ۋاقتى  2014-7-20 08:23 static/image/common/back.gif
مانا مېنىڭ ھازىر ئارىلىشىۋاتقان قىزىممۇ بەزىدە باشقا  ...

ماۋۇ ئوغالبالىنىڭ دەيدىغان گىپى ئەمەس جۇما ، تىرناق تاتلاپ تۇرۇڭ دىسە مۇشۇنداقمۇ تاتلاڭ بارمۇ دەيمە .... داۋاي دەپلا يولغا سەپ قويغۇلۇق بۇنداق قىزلارنى .
بەت: [1] 2
: مەن توي قىلماقچى بولىۋاتىمەن