Muyunchur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 13:41:07

غېنى سەمەت: يورۇق ساھىللار



يورۇق ساھىللار

(ئۇيغۇر ئالىمى، ئەدىب نەزەرغوجا ئابدۇسەمەت ئۇيغۇر بالىسغا بېغىشلايمەن)

غېنى سەمەت


قارا تۈنلەر - ساداق سالىدۇ،

قارلىغاچلار تېزىپ كەتمەيدۇ.

ئېغىر تېنىق ئىگىسىز ئەمەس،

ئازابلارغا ھاردۇق يەتمەيدۇ.


ساھىللارغا تىنجىق تەگكەندە،

ئالتۇن شاخلار ئۆز ھالى بىلەن.

جاغىستاي ۋە يەتتە سۇ ئارا،

يۈرىكىنى ئالىقانغا ئېلىپ

ساھىللارغا قۇت-يۇرۇق بەرگەن

بىر ئاتەش __

                    بىر قۇياش بار ئىكەن.


نەزەرغوجا ئۆستەڭلىرىدە،

ئۇنىڭ چوغدەك قانلىرى ئاقار.

ئۇنتۇلغان بىر قەبرە بار بۇندا،

بىر زات ئەمەس، بىر قەۋم ياتار.


ئىزلار ئىزغا ئۇلىشىپ كېلەر،

يىلتىزلارغا يۆگىشىپ كېلەر.

ئۇپۇقلارغا تۇمار ئاسايلى،

قارا ساھىل ئولىشىپ كېلەر.


ساھىلىمىز تىنىپ كەتمەيدۇ،

ساھىلىمىز جىمىپ كەتمەيدۇ...

   2003 - يىل، ئۈرۈمچى

______________________________
   نەزەرغوجا ئابدۇسەمەت ئۇيغۇر بالىسى ھەققىدە:  نەزەر غوجا ئابدۇسەمەت يۈكسەك ئىستېداتقا ئىگە ئالىم ، تالانتلىق شائىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر ئىدىئولوگىيە ۋە  ئەدەبىياتى تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلەيدۇ .
    نەزەر غوجىنىڭ ئاتا - ئانىسى ئوقۇمۇشلۇق كىلشەر بولۇپ ، ئىلى ۋىلايتىنىڭ جاغىستاي يېزىسىدا ياشىغان. نەزەر غوجىنىڭ دادىسى ئابدۇسەمەت 1864- يىلى كۆتۈرۈلگەن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمتىگە قارشى دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان . 1871-، 1881- يىللىرى چاررۇسىيە قوشۇنى ئىلى ۋىلايتىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ ، ئىلىنى بېسىۋالدى . ھەم چاررۇسىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قاتتىق ئېكىسپىلاتسىيسى ، ھەم يەرلىك فېئودال كۈچلەرنىڭ تالان - تاراج قىلىشىغا ئۇچراپ ھالسىزلانغان ئىلى دەريا ساھىلىدىكى ئۇيغۇرلار يەتتە سۇ تەۋەسىگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى . ئەنە شۇ كۆچمەنلەر ئىچىدە ئابدۇسەمەت ئائىلىسىمۇ بار ئىدى .
نەزەر غوجا 1887- يىلى ھازىرقى قازاقسىتانغا قاراشلىق غالجات يېزىسىدا تۇغۇلغان . ئائىلىسى نەزەر غوجىنىڭ تەربىيسىگە كۆڭۈل بۆلگەن . ئابدۇسەمەت ئۇنى موللىلارغا بېرىپ ئوقۇتقان ، تارىخىي ۋەقەلەر، ھىكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىپ ، ئۇيغۇر تارىخىدىن خەۋەردار قىلغان . ئەسلى يۇرتىنىڭ ئىلى دەريا بويىدا ئىكەنلىكىنى ھېكايە قىلىپ بېرىپ ، ئوغلىنىڭ قەلبىدە ئانا يۇرتىغا كۈچلۈك مۇھەببەت تۇيغۇسىنى ئويغاتقان . شۇڭا ، نەزەر غوجا بالىلىق دەۋىرىدىن تارتىپلا سادىر پالۋان ، نۇزۇگۇم ھەققىدىكى قوشاقلارنى يادلىۋالغانىدى . ئۇ مەكتەپكە كىرىپ تىرشىپ رۇس تىلىنى پۇختا ئۆزلەشتۈرۋالغان . ئۇ ئالمۇتادىكى زاۋۇت مەكتىپىدە بىر يىلغا يېقىن ئوقۇغاندىن كېيىن ، بىلىم تەشنالىقىنى تېخىمۇ قاندۇرۇش ئۈچۈن تاتارستاندىكى قازان ئۇنۋېرستېتىغا ئوقۇشقا بارغان ، كېينىرەك مىللى مەدەنىيەت تەتقىقاتى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن رادىلوف ، مالوفتەك ئالىملار بىلەن خەت ئالاقىسى قىلىپ ، ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيتى ھەققىدە كۆپلىگەن نەرسىلەرنى ئىگىلىگەن . يالقۇنلۇق ئىنقىلابچى ئابدۇللا روزىباقىيوۋ بىلەن چوڭقۇر دوسلتۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقان . ئۇلار بىر - بىرىنى ھۆرمەتلىگەن ، قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەن .
1917- يىلى ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلبە قىلغاندىن كېيىن، نەزەر غوجا ئۇيغۇر بالىسى يەتتە سۇ رايونىدا سوۋېت ھاكىميتىنى بەرپا قىلىش خىزمەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقان . يېڭى مەدەنىيەت بەرپا قىلىش، سوۋېت ھاكىميتىنى قوغداش ۋە مۇستەھكەملەش جەھەتلەردىكى ئىجتىمائي - سىياسى پائالىيەتلەردە ئاۋانگارتلىق رول ئوينىغان . ئۇ لېنىن يولىنىڭ تەرغىباتچىسى بولۇپ قالغان . شۇڭا، ئابدۇللا روزىباقىيوۋ : «نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت» (ئۇيغۇر بالىسى ) خەلقىمىزنىڭ ئىچىدىن چىققان پىشقەدەم ئەدىب، دېموكرات ، شورالار ھۆكۈمىتىگە دوست، ئۇنىڭ يولىغا كىرگەنلەرنىڭ بىرىنچىسىدۇر >> دېگەن .
نەزەر غوجا 1923- يىلى كېيىنكى بىر مەزگىللىك ھاياتىنى غالجات يېزىسىدىكى كولخوزچىلار ئىچىدە ئەمگەك بىلەن ئۆتكۈزگەن . غالجاتلىق ئاسىم قاسىموۋ مۇنداق يازغان :« 1923-، 1930- يىللاردا غالجاتتىكى سودا كوپېراتىپغا يىتەكچىلىك قىلىپ ، خەلىق ئېھتىياجىنى قانائەتلەندۈرۈشكە بىۋاستە غەمخورلۇق قىلغان، ھەم دېھقانلارغا ئۈلگە كۆرستىش ئۈچۈن قولىغا كەتمەن ئېلىپ ، غالجات غولىدىكى سۈيى ئوڭاي چىقىدىغان جايلاردىن ئەمەس ، بەلكى ئەڭ قىيىن، ئېدىر- قاپتاللارنى ئايلاندۇرۇپ ئۆستەڭ تارتىپ ، مۇشەققەتلىك ئىشقا باش بولغان . ھازىرقى  بۇ ئۆستەڭنى ‹ نەزەر غوجا ئۆستىڭى› دەپ ئاتىشىدۇ.»
     1928- يىلى ستالىن « بۇرژۇئا مىللەتچىلىرىنى تازىلاش» دەيدىغان سولچىل سىياسەتنى يۈرگۈزۈپ ، زور تۈركۈمدىكى تاتار ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە كوممۇنىستلارنى تۇتقۇن قىلغان ، باستۇرغان .«بۇ قىسىم پۇرسەتپەرەسلەر نەزەر غوجىنىڭ ئىلگىرى تاتار زىيالىيلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە ئۆتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ ، ئۇنىمۇ تارتىپ چىقىرىشقا ئۇرۇنغان . ئۇنىڭ (تەييارتاپلار ) ناملىق شئېرىغىمۇ تەنقىدلەر يېزىلىپ ، ئۇنىڭغا تار مەزھەپچى ، تاقابىلچى ، دېگەن ۋە باشقا تامامەن ئاساسسىز تۆھمەتلەر چاپلانغان . ھەتتا ئۇنىڭ ھاياتىمۇ تەھدىتكە ئۇچىرىغان . ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، شۇ چاغدا ئابۇدللا روزىباقيوۋ ئۇنىڭغا ئىنىسى ئابدۇغۇپۇر روزىباقيوۋ (سولۇن )دىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش توغرۇلۇق ئۇچۇر يەتكۈزگەنىكەن . دەرۋەقە ، ئۇ 1929- يىلى ئىلى تەۋەسىگە كۆچۈپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ، ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇللا قادىرى(جۇلقۇنباي) ، ئابدۇللا روزىباقىيوۋ ، نۇر ئسرائىل ... قاتارلىقلار قاتتىق باستۇرۇلغان ».
     نەزەر غوجا 1929- يىلى كۈزدە خوتۇن - بالىلىرىنى ئېلىپ ئىلى ۋىلايتىنىڭ جاغىستاي يېزىسىغا ماكانلاشقان . بۇ يەردىمۇ «غالجات مەھەللىسى» دېگەن بىر مەھەللە بولۇپ ، ئۇنىڭدا ئۆكتەبىر ئىنقىلابى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مالىمانچىلىقلاردا كۆچۈپ كەتكەن غالجاتلىقلار ، شۇنداقلا نەزەر غوجىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقان ، تونۇش- بىلىشلىرى ئولتۇراقلاشقان .
جاغىستاي مائارىپ ۋە مەدەنىيەتتە بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان يېزا ئىدى . بۇ يەردە 1900- يىللاردىلا دىني مەكتەپلەر بار بولۇپ ، پەننى دەرسلەر قوشۇمچە ئۆتۈلەتتى. 1910- يىلىدىن كېيىن ، قازان ئۇنۋېرستېتىنى پۈتتۈرگەن مىرزا مۇئەللىم ، مىسرىدىكى ئەزھەر دارىلفونۇنىنى پۈتتۈرگەن ناسۇھا داموللام ، ئەيسا داموللاملار مەسچىت يېنىغا پەننىي ۋە دىنني مەكتەپلەر قۇرغانىدى . نەزەر غوجا بۇ يەردە مۇنتىزىم بىرپەنني مەكتەپنىڭ يوقلۇقىنى نەزەردە تۇتۇپ ، مەرىپەتپەرۋەر زاتلارنىڭ قوللىشى بىلەن بىر پەننىي مەكتەپ سېلىشنى تەشەببۇس قىلغان . نەتىجىدە 1933- يىلى «بىرلىك»مەكتىپى سېلىنغان . نەزەر غوجا بۇ مەكتەپكە ئىقتسادىي جەھەتتىلا ياردەم بېرىپ قالماي ، يەنە قازان شەھىردىن دەرسلىكلەرنى ئالدۇرۇپ بەرگەن . ئوقۇغۇچىلار بىر خىل مەكتەپ فورمىسى كىيىپ تەنتەربىيە ئويناشنى يولغا قويغان . 1934- يىلى بىر كۇلۇب سېلىنىپ ، ئارتىسلار ئويۇن قويۇپ ، يېزا خەلقىنىڭ مەدەنىي تۇرمۇشىنى جانلاندۇرۇپ ، مەنىۋيتىنى بېيتقان . شۇ مەزگىللەردە، بۇ كۇلۇبتا «خىيالى تېۋىپ»، «نۇزۇگۇم»، «پەرھاد - شېرىن»، «نامەرد باي»قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرى ئوينالغان . بۇلارنىڭ ئىچىدىكى«نۇزۇگۇم»بىلەن «نامەرد باي»نى نەزەر غوجا يېزىپ بەرگەن . ئۇ يەنە ئارتىسلارغا كۆپلىگەن ناخشا تېكستىلىرىنىمۇ يېزىپ بەرگەن . ئۇ مەكتەپتىكى بىر ئاممىۋى يىغىلىشتا سەنئەتنىڭ رولى ئۈستىدە توختىلىپ :«خەلقنىڭ كاللىسىنى ئېچىشتا دورىدىنمۇ كۆرە سەنئەت مۇھىم» دېگەن مەشھۇر سۆزنى قىلغان . ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە نەزەر غوجا يازغان شئېر ۋە ماقالىلىرىنى «ئالغا » ، «ئىتتىپاق»قاتارلىق گېزىت- ژورناللارغا ئەۋەتىپ ، ئېلان قىلدۇرغان .«خۇشتىرخان»ناملىق داستاننى ۋە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ھەم ئاڭلىغانلىرى ئاساسىدا «دىلموك تېغى باغىرىدىكى ئۇيغۇر يېزىلىرى»ناملىق ماقالىسىنى يېزىپ چىققان. 1948- يىلى ۋە 1949- يىللىرى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى ، غېنى باتۇر قاتارلىقلار نەزەر غوجىنى يوقلاپ چىقىپ ، ئۇنىڭ ئۆيىدە قونۇپ ، سۆھبەتلەردە بولغان . ئەخمەتجان قاسىمى كىشلەرنىڭ ئالدىدا نەزەر غوجىنى «ئۇستازىم» دەپ ھۆرمەتلىگەن. «1951- يىلى شائىر ئەلقەم ئەختەم ، يازغۇچى ماناپ قەدىرىلار جاغىستاي يېزىسىغا يەر ئىسلاھات كادىرى بولۇپ چىققاندا، نەزەر غوجا بىلەن كۆرۈشكەن ھەم ئۇنىڭ بىر قىسىم قوليازمىلىرىنى ئېلىپ كەتكەن». بۇ زاتى مۇبارەكنىڭ «يورۇق ساھىللار» ناملىق ئەسەرلەر توپلىمى بار
   نەزەر غوجا ھاياتنىڭ ھەر خىل قىسمەتلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ ، ئېغىر زەربىلەرگە ئۇچراپ ، ياشانغاندا كېسەلچان بولۇپ قالغان . 1952- يىلى كەچ كۈزدە ، كېسلى قوزغىلىپ دورا ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات بولغان .<< ئۆز زامانىسىدىكى يېڭىلىق تەرەپدارلىرىنىڭ بىرى >>، << مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مىللتىمىزنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئەڭ كۆپ ئويلانغان ۋە ئازابلانغان زىيالىيلرىمىزنىڭ بىرى>>، ئەل جامائەت ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بۇ مەرىپەتچىنىڭ مېيتى << بىرلىك>>-ھازىرقى جاغىستاي يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئارقىسىدىكى قەبىرستانلىققا دەپنە قىلىنغان . ( نەزەرخوجا ئابدۇسەمەت ھەققىدىكى مەلۇمات ئۇيغۇر ئەجداد تارىخ تورىدىن ئېلىندى)

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 15:18:04

ئۇ ئالمۇتادىكى زاۋۇت مەكتىپىدە
سوپى زارۋات مەكتىپىغۇ ئەسلى. سوپى زارۋاتوف دېگەن ئۇيغۇر بولشىۋېكنىڭ نامىنى بەرگەن ئالمۇتىدىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپى. 1919-، 1920-يىللار ئەتراپىدا قۇرۇلغان. نەزەر غوجىنىڭ يېشى 33 لەرگە كەلگەندە ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشى تازا مەنتىقىغە ئۇيغۇن ئەمەسقۇ.
ئەينى ۋاقىتتا ئۆزى مەتبۇئاتلاردا ئىسمىنى نەزەر غوجا ئابدۇسېمەتوف دەپ يېزىپتىكەن.  
ئۇ لېنىن يولىنىڭ تەرغىباتچىسى بولۇپ قالغان . شۇڭا، ئابدۇللا روزىباقىيوۋ : «نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت» (ئۇيغۇر بالىسى ) خەلقىمىزنىڭ ئىچىدىن چىققان پىشقەدەم ئەدىب، دېموكرات ، شورالار ھۆكۈمىتىگە دوست، ئۇنىڭ يولىغا كىرگەنلەرنىڭ بىرىنچىسىدۇر >> دېگەن .
ئوتتۇرا ئاسىيادا مەسلەك ئۈچۈن قېرىنداشلار بىر-بىرىنى قىرغىن قىلغان ئەھۋالغا ئادەمنىڭ ئىچى سېرىلىدۇ. ئابدۇللا روزىباقايىفنىڭ رەھبەرلىكىدىكى تارانچى پولكى قوقەند مۇختارىيىتىنى باستۇرۇش ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەن.

tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 19:14:47

مەن ئاڭلىمىغان زات ئىكەن بۇ ، ئەمدى بىلىۋالدىم :o

melek يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 22:38:55

نەزەر غوجا ئابدۇسەمەتوفنىڭ ئالتە شەھەر سەپىرى دەپمۇ كىتابى بارغۇ دەيمەن ھە؟

Qismet يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 00:15:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qismet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-20 00:16  

melek يوللىغان ۋاقتى  2014-7-19 22:38 static/image/common/back.gif
نەزەر غوجا ئابدۇسەمەتوفنىڭ ئالتە شەھەر سەپىرى دەپمۇ ك ...

ماۋۇ كىتابنى مەن ئاڭلىماپتىمەن. ئەگەر «ئالتە شەھەر مەكتۇبلىرى»نى دېمەكچى بولسىڭىز، ئۇ كىتاب نوشىرۋان يائۇشىفنىڭ.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 10:39:53

مۇنداق كىشىلىرىمىزمۇ بار ئىدى دەڭ .

melek يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 11:10:02

Qismet يوللىغان ۋاقتى  2014-7-20 00:15 static/image/common/back.gif
ماۋۇ كىتابنى مەن ئاڭلىماپتىمەن. ئەگەر «ئالتە شەھەر مە ...

ئالتە شەھەر مەكتۈبىنى دېمىدىم، ئالتە شەھەر سەپەر خاتىرىسىمۇ ئالتە شەھەر سەپىرىمۇ ، شۇنداقراق ئىسىمدا بىر كىتابى بار ئىدى، بۇرۇن ئورخۇن مۇنبىرىدە بىر قانچە بۆلىكىنى ئىلان قىلغانىدى.

EliGhulja يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 12:19:54

نەزەر غوجا ئابدۇسەمەتوف «ئۇيغۇر بالىسى»دىگەن نامنى تەخەللۇس قىلىپ ئەسەرلەرنى ئىلان قىلغان . ئۇيغۇر نامىنى ئەسلى كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان . ئۇنىڭ «ئالتە شەھەر خاتىرىلىرى»مۇ ئىشقىلىپ مۇشۇنداق بىر ئەسىرى بار .

xaqan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 12:27:39

ئىلى دەرياسىنىڭ 2013 يىللىقمۇ ياكى 2012-يىللىقتىكى سانلىرىدىمۇ ئىشقىلىپ بىر ساندا مەخسۇس مۇشۇ زەر غوجا ئابدۇسەمەتوف «ئۇيغۇر بالىسى» نىڭ ماقالىسى بېسىلغان ئىدى. كېيىنكى سانىدا داۋاملىق ئېلان قىلىندۇ دەپ يوقاپلا كەتتى.

yawa يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 16:10:28

melek يوللىغان ۋاقتى  2014-7-20 11:10 static/image/common/back.gif
ئالتە شەھەر مەكتۈبىنى دېمىدىم، ئالتە شەھەر سەپەر خات ...

«ئالتە شەھەرگە سەپەر» دەك ئېسىمدە.

Qismet يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 21:27:18

melek يوللىغان ۋاقتى  2014-7-20 11:10 static/image/common/back.gif
ئالتە شەھەر مەكتۈبىنى دېمىدىم، ئالتە شەھەر سەپەر خات ...

ئۆزۈر، مەن بۇ كىتاب ھەققىدە مەلۇماتسىزكەنمەن.

turkzad يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 07:53:02

Qismet يوللىغان ۋاقتى  2014-7-20 21:27 static/image/common/back.gif
ئۆزۈر، مەن بۇ كىتاب ھەققىدە مەلۇماتسىزكەنمەن.

نەزەر غوجا ئابدۇسەمەتوۋنىڭ كىتابىنىڭ ئىسمى «يورۇق ساھىللار». 2004-يىلى ئالمۇتادا نەشىر قىلىنغان. يۇرتىمىزدا تېخى نەشىر قىلىنغىنى يوق.
بەت: [1]
: غېنى سەمەت: يورۇق ساھىللار