tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 08:16:20

بىل ئىنسانىيەتكە نېمىلەرنى قالدۇرغان

ئامېرىكىنىڭ 19-ئەسىردىكى كەشپىياتچىسى بىل كىشىلەرنىڭ مەڭگۈ خاتىرلىشىگە ئەرزىيدىغان مەشھۇر ئالىمدۇر. چۈنكى ئۇ خەلق چۆچەكلىرىدە ئېيتىلغان «ئۇزۇن قۇلاق» نى كەشىپ قىلىپ رېئاللىققا ئايلاندۇرغان. بىراق ئۇ بۇندىن 136 يىل بۇرۇن يەنى (1876-يىلى) بۇ جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن، تونۇشلىرىغا: «مۇبادا ھېنرى ئەپەندىنىڭ ئىككى ئېغىز ئىلھاملاندۇرىدىغان سۆزى بولمىغان بولسا، مەن تېلېفوننى ھەرگىز كەشىپ قىلمىغان بولاتتىم» دېگەن. بۇ قانداق ئىش؟ بۇنى بىلىش ئۈچۈن گەپنى باشتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.

تارىخىي خاتىرىلەردە يېزىلىشىچە، بىل تېلېفون ئاپپاراتىنى ياساش، تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئۆزىدە ھېچبىر ئىشەنچنىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ۋاشىنگتونغا كېلىپ، مەشھۇر فىزىكا ئالىمى ھېنرىدىن مەسلىھەت سورايدۇ. بىل بۇ ئالىم بىلەن تونۇشمىغاچقا، دەككە-دۈككە ئىچىدە ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ ئۆزىنىڭ تېلېفون توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرىنى سۆزلەپ بولۇپ، بىتاقەت بولغان ھالدا:

-ئەپەندىم سىلىچە بۇ ئويۇم قانداق بولار؟-دەپ سورايدۇ.

ھېنرى ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بولۇپ:

-ئىشلەڭ! ئۆگىنىڭ!-دەيدۇ.

-بىراق ئەپەندىم، مېنىڭ ئېلىكتېر ھەققىدىكى بىلىمىم بەكمۇ ئاز.-دەيدۇ بىل.

ھېنرى بولسا يەنە:

-ئۆگىنىڭ!-دەپ ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىدۇ.

«ئىشلەڭ!»، «ئۆگىنىڭ!» بۇ ئىككى ئېغىز ئۇرغۇلۇق سۆز خۇددى بىر ئىللىق ئېقىمدەك بىلنىڭ قەلبىگە سىڭىپ ئۇنىڭغا تەڭداشسىز كۈچ بېغىشلايدۇ. بىل بوستونغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ۋۇتسېن ئىسىملىك بىر كىشى بىلەن بىر ياتاقتا يېتىپ-قوپۇپ، كۈندۈزنى كېچىگە ئۇلاپ ئىشقا كىرىشىپ كېتىدۇ. زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تېلېفوننى كەشىپ قىلىش ئۈچۈن ئۇ ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىدۇ. تەجرىبە ماتېرىياللىرى بولمىغاندا، يېتىپ قوپىدىغان كارۋاتنىڭ تاختايلىرىنى ئېلىپ ئىشلەيدۇ...بىلنىڭ ئاشۇنداق تىرىشچانلىقىدا ئۇزۇنغا بارماي ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى تېلېفون دۇنياغا كېلىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئالەمنىڭ ئىككى چېتىدە ياشاۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر بىمالال پاراڭلىشالايدىغان بولىدۇ.

دەرۋەقە، ئەنە شۇ يىللاردا، «ئۆگىنىڭ» دېگەن سۆز بىلنىڭ  كەشپىيات يولىغا مېڭىش ئىرادىسىنى چىڭىتسا، «ئىشلەڭ!» دېگەن سۆز ئۇنىڭ ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىدىكى ئەمەلىي مۇساپىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھېنرىنىڭ بۇ ئېسىل سۆزى بىلەن بىلنىڭ ئەمەلىيىتى كىشىلەرگە مۇنداق بىر يولنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كەشىپ قىلىش باشقا ئىشلارغا ئوخشاش ئۆگىنىپ بولۇپ ئاندىن ئىشلەيدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى بىر ياقتىن ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئىشلەشنىڭ ئۆزىمۇ ئۆگىنىش، تىرىشىپ ئۆگەنگەندە، جاپاغا چىداپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەندە ئاندىن پەننىڭ چىققىلى بولمايدىغان چوققىسى بولمايدۇ.

پەننىڭ تەتقىقات تارىخىنى ۋاراقلىغاندا، ھەربىر كەشپىيات بىخ ھالىتىدە ياكى بوۋاق ۋاقتىدا، بەزى كىشىلەرنىڭ قارشى تۇرۇشى، كۆرەلمەسلىكى ھەتتا مەسخىرە قىلىشىدىن خالىي بولالمىغان. ئەينى چاغدا بىلمۇ بۇنىڭ سىرتىدا قالمىغان. بىلنىڭ تېلېگرافقا ئائىت بىلىملىرى يېتەرلىك بولمىغاچقا، مەشھۇر ئۇستازلاردىن تەلىم ئېلىشقا توغرا كېلەتتى. بىر كۈنى ئۇ ئامېرىكىدىكى بىر مەشھۇر تېلېگراف ئۇستىسىنىڭ قېشىغا بېرىپ ئېلېكتىر سىمى ئارقىلىق ئاۋازنى يەتكۈزۈپ بېرىش تەسەۋۋۇرىنى ئۇنىڭغا ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن سۆزلەپ، ھېلىقى ئۇستىنىڭ سەمىمىي ياردىمىگە ئىگە بولۇشنى ئويلايدۇ. بىراق بۇ ئۇستاز: «ئېلېكتىر سىمى ئاۋازنى قانداقمۇ يەتكۈزۈپ بېرەلىسۇن، بۇ تازا بىر كۈلكىلىك گەپ! ئالجىغانلىق!» دەپ ئۇنى مەسخىرە قىلىدۇ.

بىل شۇ يىللىرى تېلېفوننى كەشىپ قىلىپ، پايدا-مەنپەئەتكە ئىگە بولغان بولسىمۇ، لېكىن بەزىلەر ئۇنىڭ بۇ كەشپىياتىنى كۆزگە ئىلمايدۇ. بەزى «مۇتەخەسسىسلەر» ئۇنىڭ كەشپىياتىنى «پەقەت سېرىك ئۆمەكلىرىنىڭ ئويۇن قويۇشلىرىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان نەرسە، ھېچقانداق ئەمىلىي قىممىتى يوق» دېيىشىدۇ. بۇ چاغدا ئۆز كەشپىياتىنىڭ نەتىجىسىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن، بىل ئامېرىكىنىڭ ھەممە شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ چىقىشقا ئازلا قالىدۇ. ھەتتا مۇشۇ سەۋەبتىن بارلىق مال-دۇنياسىنى سەرپ قىلىۋېتىدۇ. يەنە تېخى «ئىلىم ئالدامچىسى» دېيىلىپ ساقچى ئىدارىسىگە قامىلىپمۇ قالىدۇ. كېيىنچە ئۇ بەختىگە يارىشا بىر ئاقكۆڭۈل كىشىنىڭ ياردىمى بىلەن «بىل تېلېفون شىركىتى» نى قۇرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن دۇنيادا تېلېفوننى ئىشلىتىش كەڭ تۈردە ئومۇملىشىدۇ.

بىلنىڭ تېلېفوننى كەشىپ قىلىش جەريانىدىكى كەچۈرمىشلىرى بىزگە شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، كەشپىيات-يېرىم مۇۋەپپەقىيەتتۇر. بىرەر كەشپىيات قوللىنىلماي ياكى ئىستېمال دائىرىسى كېڭەيمەي تۇرۇپلا بۆشۈكىدە ئۇجۇقتۇرۇۋېتىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. كېيىنكى يىللاردا خەلقئارا تېلېفوننىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، بىلنىڭ داڭقى ھەر تەرەپكە تارىلىدۇ. يەنە ئۇنى ئەنگلىيەنىڭ ئايال پادىشاھىمۇ قوبۇل قىلىدۇ. ئەمەلدار ۋە بايلىق ئىگىلىرىنىڭ قىزلىرى ئۇنىڭغا تۇرمۇش قۇرۇش تەكلىپىنى قويىشىدۇ. بىلنىڭ ئايالى گاچا ئىدى. لېكىن بىل ئۇ چاغدا ھەرگىز كونىسىنى تاشلاپ يېڭىسىنى قوغلاشمايدۇ. ئۇ «مېنىڭ تېلېفون كەشىپ قىلىشىمدا شۇ ۋاپادار ئايالىمنىڭ بىر ئۈلۈش تۆھپىسى بار، مەن ئۇنى ئۇنتالمايمەن، ھەمدە ئۇنىڭدىن ئايرىلىشىم مۇمكىن ئەمەس» دەيدۇ.

ئاخىرىدا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بىلنىڭ ئىنسانىيەتكە قالدۇرغىنى پەننىڭ بىر مۇۋەپپەقىيىتى بولغان تېلېفونلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە پەننىي مۇۋەپپەقىيەتتىنمۇ قىممەتلىك بولغان گۈزەل ئەخلاقتۇر.

مەنبە: «بىلىم كۈچ» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 18:26:46

مەن ھازىر مۇشۇ تىلفۇندا ئىنكاس يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن
،

melek يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 22:54:13

مۇشۇنداق ئالىملارنىڭ بىر نەرسە كەشىپ قىلىش جەريانلىرى سۆزلىنىدىغان، مەشھۇر شەخسلەر ھەققىدە ھېكايە دەپ بىر كارتون بولىدىغان، ھازىر باشلىنىش ناخشىسىنى تاپتىم، شۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تاپقىلى بولارمۇ ھازىرمۇ؟
قۇتيار ئەپەندى، ھارۇن ئەپەندى قاتارلىق كونا فىلىم ئۈچۈن كۈچ چىقىرۋاتقانلار ئىزدىنىپ باقتىمىكى؟
http://player.youku.com/player.php/sid/XNDQ2NjE4NDQw/v.swf

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 23:44:00

melek يوللىغان ۋاقتى  2014-7-19 22:54 static/image/common/back.gif
مۇشۇنداق ئالىملارنىڭ بىر نەرسە كەشىپ قىلىش جەريانلىرى ...

ئىككى قىسىم تاپقىلى بولىدۇ ، ھېلىقى ئاغا ئىبى راھىبلار بىلەن كالتەك توپ تەنھەرىكەتچىسى  گوش تاغىرىنىڭ

مىم نىڭ كى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قويۇپتىكەن

فىزىكا مىم دەپ پىيىنچە يىزىپ ئىزدىسىڭىز چىقىدۇ

UYGHURBOY يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 00:17:31

مۇشۇنداق ئالىملارنىڭ بىر نەرسە كەشىپ قىلىش جەريانلىرى سۆزلىنىدىغان، مەشھۇر شەخسلەر ھەققىدە ھېكايە دەپ بىر كارتون بولىدىغان،
ماۋۇ  كۆنا فىلىممۇ ياخشى ..

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 00:22:32

melek يوللىغان ۋاقتى  2014-7-19 22:54 static/image/common/back.gif
مۇشۇنداق ئالىملارنىڭ بىر نەرسە كەشىپ قىلىش جەريانلىرى ...

مىم دېگەن كارتون فىلىمنى دەيسىزغۇ. ئۇلار بەك جىق ئىزدىدى. ياپونىيەدىمۇ تېپىلمىدى دېگەندەك قىلىۋاتقان.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 10:47:44

بىزدىكى كەشپىيات ئىسراپچىلىقى بەك ئېغىر .

jasur58 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 10:55:48

ئەممامىنىڭ بىر ماقالىدە ئوقۇشۇمچە تېلېفۇننى ئەسلى روسىيەلىك بىر كىشى كەشىپ قىلغان بولۇپ، پاتىنىت ھوقۇقى ئىلىش ئۈچۈن كىلىپ، بەزگەك كىسىلىمۇ ئشىقىلىپ ئەيتاۋۇر بىر كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئايالىنىڭ قولىدا كۆپ پۇل بولمىغاچقا ئامالسىز شۇ ئادەمنىڭ كەشىپ قىلغان تېلېفۇن ۋە باشقا نەرسىلىرىنى ساتماقچى بولغان نەتىجىدە بۇنى بىلنىڭ بىر دوستى ئاڭلاپ قىلىپ، بىلغا خەۋەر قىلىپ قويغان ئاقىۋەت تېلېفۇننىڭ كەشپىيات ھوقۇقى بىلغا تەۋە بولغان ئەمما ھىلىقى غۇربەت روسىيەلىك بولسا ئەرىز قىلىپ بىقىپمۇ ئاقتۇرالماي ئاقىۋەتتە ئۈمىدسىزلىك ۋە كىسەللىك سەۋەبى بىلەن بۇ دۇنيادىن ئۆتكەن. بىز دە شۇنداق بىر گەپ بارغۇ: گەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ دەپ!...

melek يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 11:11:14

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2014-7-20 00:22 static/image/common/back.gif
مىم دېگەن كارتون فىلىمنى دەيسىزغۇ. ئۇلار بەك جىق ئىزد ...

مىمنىڭكىدىن 10-15 قىسىم تېپىلدى، ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقى.
مېنىڭ دەۋاتقىنىم مەشھۇر شەخسلەر ھەققىدە ھېكايە ، ئىككىسى ئايرم ئىككى كارتون فىلىم

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 12:32:36

melek يوللىغان ۋاقتى  2014-7-20 11:11 static/image/common/back.gif
مىمنىڭكىدىن 10-15 قىسىم تېپىلدى، ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقى.
مې ...

شۇنداق بىر كارتون بار ئىدى راست. ئۇمۇ ياخشى ئىشلەنگەن ئىدى. مەشھۇر شەخىسلەر ھەققىدە ھىكايىلەردە سىۋىن ھىدىننىڭ تارىمغا كەلگەنلىك ھىكايىسىمۇ سۆزلىنەتتى. ھېلىقى ئۆتۈككە قاچىلانغان سۇ دەپ...ياردەمچىسى قاسىم قۇملۇقتا يىقىلىپ قالسا سېۋىن ھېدىن سۇ تېپىپ سۇنى ئۆتۈكىگە قاچىلاپ قاسىمنى تېپىپ قۇتۇلدۇرۇپ قالىدىغان بىر ھىكايە سۆزلىنەتتى..

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 22:37:11

پارنى روسلار كەشىپ قىلغان دېگەن گەپمۇ ئېقىپ يۇرۇيدۇ ، ئۆتكەندۇ بىر تۇنۇشۇم بىلەن سانائەت توغۇرلۇق مۇنازىرە قىلشىپ ئىككىنجى دۇنيا ئۇرشى مەزگىلىدە گىرماننىڭ سانائىتى بەك تەرەققى قىلغان ، ھاتتا روسلارغىمۇ ئۇستاز بولغان دېسەم ، روسلارمۇ بوش ئەمەس پارنى كەشىپ قىلغان دەيدۇ ؟

satuk يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 22:51:39

birmoo يوللىغان ۋاقتى  2014-7-20 22:37 static/image/common/back.gif
پارنى روسلار كەشىپ قىلغان دېگەن گەپمۇ ئېقىپ يۇرۇيدۇ ،  ...

راس روسلارمۇ بوش ئەمەس ھازىرقى ھەربى -سانائىتى بۇنىڭ ئىسپاتى

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 17:48:03

melek يوللىغان ۋاقتى  2014-7-20 11:11 static/image/common/back.gif
مىمنىڭكىدىن 10-15 قىسىم تېپىلدى، ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقى.
مې ...

8يىل بۇرۇن  XJTV12  دە  چۈشتىن كىيىن سائەت ئىككىدە بىرەتتى  مەكتەپكە بارماي كۆرەتتىم،  ئۇ كارتوننى تىلىۋېزىيە ئىستانسسىىدىن تاپمىساق تاپقىلى بولماسمىكى

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 19:25:09

jasur58 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-20 10:55 static/image/common/back.gif
ئەممامىنىڭ بىر ماقالىدە ئوقۇشۇمچە تېلېفۇننى ئەسلى روس ...

مېنىڭ بىلىشىمچە، بىل بىلەن بىرلىكتە باشقا بىرىمۇ كەشپ قىلغان (بەلكىم شۇ روسيەلىك بولسا كېرەك). لېكىن بىر بىرلىرىدىن خەۋىرى يوق. پەقەت يەنە بىرى پاتېنتقا ئىلتىماس قىلىدىغان چاغدا، بىلدىن كىيىن قالغان.

saharkuyi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 21:20:05

بوۋا نەچچە ياش كىردىڭىز ؟
80گە.
ئۇنداق بولسا ئۆلەي دەپ قاپسىز.
دىگەن يېرى بەك قىزىق بىلىنگەنتى ماڭا ئۇ كارتون فىلىمنىڭ.
بەت: [1]
: بىل ئىنسانىيەتكە نېمىلەرنى قالدۇرغان