شائىرنى ئۇزۇتۇش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-19 04:42كۆزلىرىڭدە ھەسرەت ئۇچقۇنى ،
يۈرىكىڭ ئۇ - ئازاپ تۇتقۇنى .
بوغۇزۇڭدا بىر يۇتۇم ياش بار،
يا بولمايدۇ ئۇنى يۇتقۇنى...
ئېھ، ياراڭنى تاتىلار بىر قول ،
قان ئاقىدۇ تېنىڭدە يول يول...
سەن ئۇپۇققا ماڭىسەن جىمجىت ،
قاراپ قويماي ئارقاڭغا ،ئۇدۇل...
ئەي بىتەلەي ، ئەي مىسكىن شائىر ،
خەير مەندىن ئۇزا ، ئامان بول!
كۆرىشەرمىز قۇياش تەكتىدە ،
ھامان بىركۈن ،سىقىشقانچە قول!!!
2007-2009-يىللىرى يېزىلغان بولسا كېرەك. شىئىر يېزىش ئۇچۇن چوقۇم غېرىپ ياشاش شەرتىمدۇ ؟ نۇرغۇن شىئىرلارنى ھەسرەتلىك كوڭۇللەرنىڭ مىۋىسدەك ھىس قىلمەن ! باياشاتچلىق،بەخىتلىك تۇرمۇشتىن ئەدەبىيات چىقمايدۇ .
ياخشى چىقىپتۇ ... ياخشى چىققان شىئىركەن .
بەت:
[1]