La Camisa Negra
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا function تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-19 00:50بۇ ناخشىنى توردا قىسقا فىلىم كۆرۈۋېتىپ بىر ئاڭلاپلا ياقتۇرۇپ قالدىم، قىسقا فىلىمغا قىستۇرۇلغان بولغاچقا ناخشىنىڭ ئىسمىنى بىلىشكە، سۈزۈك نۇسقىسىنى چۈشۈرۈشكە ئامال بولمىدى، شۇنىڭ بىلەن تېلېۋوزۇردا بۇ قىسقا فىلىمنى قويۇپ قويۇپ، يانفۇنۇمدا بەيدۇ مۇزىكا يۇمشاق دېتالىنىڭ «ئاڭلاپ پەرق ئېتىپ ناخشا ئىزدەش» ئىقتىدارى بىلەن ئىزدىتىپ سۈزۈك نۇسقىسىنى ۋە ئىسمىنى تېپىۋالدىم.
ئۈن:
http://music.baidu.com/song/7354823?fm=altg3#
سىن:
http://player.youku.com/player.php/sid/XMjMwNzkzNzI=/v.swf قالتىس ئېپىڭىز باركەن ھە. مەنمۇ ئۆتكەندە ھىندىستاننىڭ قىزىل ئالما دىگەن ناخشىسىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى رادىيودا ئاڭلىغان توردىن پەقەت تاپالمىدىم. مۇشۇ مۇزىكىنى ئاڭلاپ ناخشا ئىزدەپ تېپىپ بېرىدىغان ئىقتىدار توغۇرلۇق بىلدىغانلار سۆزلەپ بەرسەڭلەر؟
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-7-19 23:04):
بۇ ئىقتىدارنىڭ پىرىنسىپى توغۇرلۇق بىلدىغانلار سۆزلەپ بەرسەڭلار ؟ مېنىڭ تازا ئەقلىم يەتمىدى ؟ jahanzat يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 09:46 static/image/common/back.gif
مۇشۇ مۇزىكىنى ئاڭلاپ ناخشا ئىزدەپ تېپىپ بېرىدىغان ئىق ...
Shazam ۋە Soundhound دېگەن ئەپلەردە قىلغىلى بولىدۇ، مۇزىكىسىنى غىڭشىپ ئېيتىپ بەرسە ئوخشاپ كېتىدىغان ناخشىنى تېپىپ بېرىدۇ. ئۈندىدار ئارقىلىقمۇ تاپقىلى بولىدۇ. مەزمۇنىنى چۈشەنمىسەممۇ مۇزىكىسى، رېتىمى بوپ قويىدۇ، ئون يىل بۇرۇن ئاڭلىغان، يەنە بىر قېتىم ئاڭلىۋالدىم. رەھمەت. بەيدۇ مۇزىكا يۇمشاق دېتالىنىڭ ئۇ ئىقتىدارىنقانداق ئىشلىتىدۇ؟ قەيەردە بار؟ ئاكون نىڭ ناخشىسىمۇ نىمە؟ -ATAMAN- يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 15:28 static/image/common/back.gif
Shazam ۋە Soundhound دېگەن ئەپلەردە قىلغىلى بولىدۇ، مۇزىكىسى ...
رەھمەت، گىپىم چۈشىنىشلىك بولماي قاپتۇ، مۇشۇ ئىزدەش ئىقتىدارنىڭ پىرىنسىپى توغۇرلۇق بىلدىغانلار بارمۇ دىمەكچى ئىدىم بۇ ناخشا خېلى كونا ناخشىغۇ ، بۇنى تۇنجى قېىتىم 2005-يىلى ئاڭلىغاندەك ئېسىمدە
بەت:
[1]