uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 16:33:34

«بىركىتاب - بىر ئالەم» پىروگراممىسى نىمە ئۈچۈن

«بىركىتاب - بىر ئالەم» پىروگراممىسى نېمە ئۈچۈن ئەمەلدىن قالدى
مۇھەممەتجان ئابدۇۋەلى ئۇزلۇق


   «بىر كىتاب-بىر ئالەم »پىروگراممىسىنىڭ ئەسلىگە كىلىشىگە ھەممە بەسبەستە ئىنكاس بىلدۈرۈشتى. مۇشۇنىڭدەك ياخشى پىروگىراممىنىڭ توختۇتۇپ قويۇلىشىنى ھېچكىم خالىمايدۇ ئەلۋەتتە. بۇ تېما ھەققىدە ئالتە شەھەردىكى تورداشلارنىڭ پەرقلىق ئويلىغانلىرى بولسا ئەجەپ ئەمەس، تېمىنىڭ ھوقۇقى ئەسلى ئاپتۇرغا مەنسۈپ.
باشقۇرغۇچىلارنىڭ نادىرلاپ قويۇشىنى ئۈمىد قلىمەن.

     ياشاش قەۋەت خاسىيەتلىك بىر ئىش. لېكىن كىتابسىز ياشاش ياشىمىغان بىلەن باراۋەر. ھېچ بولمىغاندا كىتاب ئوقۇپ ياشىغىنىڭ پۈتۈن دېگەندە ھاياتىڭنىڭ يېرىمنى ياشىماي قويغىنىڭ بىلەن باراۋەر.
                                                                                                            -باتۇر روزى

      ئېسىل بىر كىتاب ھەقىقەتەن ئۆزگىچە دۇنيا. شۇ گۈزەل دۇنيانىڭ سىرلىق قەسىرىگە قەدەم بېسىش، ھەرقانداق تەم بىلەن تەڭلەشكۈسىز ھۇزۇرىدىن بەھىر ئېلىشتىن ئارتۇق ئىش بولماس. بىر كىتاب- بىر دوست، بىر كىتاب- بىر ھايات. بىر كىتاب- بىرئالەم،  بىر ھەق. بىر كىتاب ھەقىقەتەن بىر ئالەم. «بىر كىتاب - بىر ئالەم» دېگەن بۇ ئىبارە بىز ئۈچۈن ناتۇنۇش ئەمەس.  بۇ رايۇنىمىزدىكى ئەڭ نۇپۇزلۇق ئاخبارات ئورگىنى بولغان شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ 2011-يىلى1-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ تەستىقلىغان مەخسۇس كىتاب ھەققىدە بولىدىغان سۆھبەت خاراكتىرلىك  پىروگراممىسى بۇلۇپ، تېلۋىزىيەدە قۇيۇلغاندىن كېيىن كۆرۈرمەنلەردە ناھايىتى ياخشى بولغان تەسىر قالدۇرغان ئىدى.
      چۈنكى بۇنىڭ ئالدىدا كىتاب ھەققىدە «بىر كىتاب - بىر ئالەم»دەك مەخسۇس بىر  پىروگرامما بۇلۇپ باقمىغان. گەرچە نەچچە يىل ئىلگىرىكى «تەڭرىتاغ گۈلزارى»،«سەنئەت گۈلزارى»، «مەدەنىيەت بوستانى» قاتارلىق تېلۋىزىيە پىروگراممىلىرىدا ئەدىب،سەنئەتكارلارنىڭ ھايات كەچمىشلىرى، ئىجادىيەت سەمەرىلىرى تۇنۇشتۇرۇلغان بولسىمۇ. ئەمما«بىر كىتاب ۋە بىر ئالەم»بولسا.يالغۇزيازغۇچنىڭ ئۆزىلا ئەمەس، بەلكى ئەسەرنىڭ ئۆزى نوقتىلىق، كونكىرىت. مەزمۇنلۇق ھالدائاپتۇر، شۇ ساھە تەتقىقاتچى. مۇتەخەسسسسلەرنىڭ تەھلىللىرى بىلەن كەڭ كۆرۈرمەنلەردە خۇددىي شۇ كىتابنى ئوقۇغاندەك، ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن مۇھىتتا ياشىغاندەك تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ.  شۇ تەرەپلىردىن «بىر كىتاب -بىر ئالەم» ئىخلاسمەن، كىتابخۇمار كىشلەرنىڭ يەنە بىر سىردىشىغا ۋە دىلكىشگە ئايلانغان ئىدى.
     مۇنداقچە ئىيتقاندا بىر كىتابتىكى مۇھىم نوقتىلارنى ۋە مەركىزىي ئىدىيەنى كۆرۈرمەنلەرگە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يەتكۈزۈپ بېرىش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكۈزۈش تېخىمۇ تەس. ئەمما بىز كۆرۈپ تۇرۇپتۇكى مەزكۇر پىروگراممارىياسەتچىنىڭ قابىللىقى، يۇقىرى تىل ماھارىتى. جانلىق سۇئاللىرى. جۇشقۇنلۇق روھى ھالىتى بىلەن سۆھبەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ كۈچلۈك مۇلاھىزە  ۋە تەھلىلىرى شۇ كىتابتىكى ئۆزگىچە بىردۇنيانىڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەلبىدە زاھىر بۇلۇپ، شۇ كىتابنى بىر ئوقۇپ بېقىشنى تەقەززا قىلغان ئىدى.  
    -بىر كىتاب - بىر ئالەم ، قۇيۇلۇشتىن توختاپتۇ.
     بۇ گەپنى مەن نەچچە ئاي ئىلگىرى بىر دوستۇمدىن ئاڭلاپ ئەپسۇسلۇق خىياللاردائولتۇرۇپ كەتكەن ئىدىم. بۇ قانداقتۇر ئۆزۈمنىڭ كىتابخۇمارلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئون مىليۇندىن ئارتۇق نۇپۇسقا ئىگە بىر مىللەتتە «كىتاب ھەققىدە»مەخسۇس بىر پىروگراممىنىڭ بولماسلىقى ئىدى. كىتاب ئوقۇش بەس-بەستەتەكىتلىنىۋاتقان، كىتابنىڭ ئىنسانىيەت تەرەققىياتىدىكى ئورنى مەيلى قانچىلىك زۇلمەتلىك بىر دەۋىرلەر بولسۇن ۋە ياكى ھازىرقىدەك ئىنسانىيەت ئۇچۇر دەۋىرىدەتۇرۋاتقاندا بولسۇن. كىتاب ھامان ئىنسانلارتەرەققىياتى بىلەن بىرگە بۇلۇپ كەلدى. دەل مۇشۇنداق ۋاقىتتا مىڭ بىر جاپادا يوقتىن بار بولغان، ئەمما «بالدۇر تۇزىغان گۈل»دەك ئۆمرى قىسقا بولغان مۇشۇنداق قىممەتلىك پىروگراممىنىڭ ئۈنتۈنسىز ئىكراندىن غايىب بۇلۇشى مىڭلىغان. ئون مىڭلىغان كۆرۈرمەنلەرنى ئەجەبلەندۈرگەن بۇلۇشى مۇمكىن. بىز دەل مۇشۇنداق مەخسۇس كىتاب ھەققىدە تېلۋىزىيە پىروگراممىسى يوق ئىدى. ھازىر تېخىمۇ يوق بولدى،  بېراق بۇ ھەرگىز ئاددىي مەسىلە ئەمەس.
     «بىر كىتاب - بىر ئالەم»پىروگراممىسىنىڭ ئەمەلدىن قېلىشى، تېلۋىزىيە ئىستانسى ئۈچۈن خىزمەت ھالقىسىدىكى ئاددىي بىر ئىش بولسىمۇ، ئەسلىدىنلا كىتاب ئوقۇمايدىغان. كىتاب ئوقۇش ھاياتىدىكى بارلىق ئىشلىرىدىن تەس ۋە زىرىكىشلىك تۇيۇلىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن قۇلاق بىلەن ئاڭلاپ، كۆز بىلەن كۆرۈپ نەزەر دائىرسىنى ئېچىشىغا پايدىلىق ئىدى. ئەمما ئېيتىپ ئۆتكەندەك 10مىليۇندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە بىر مىللەتنىڭ تېلۋىزىيە  پىروگراممىسىدا بۇ ھەقتە مەزمۇننىڭ بولماسلىقى ئادەمنى ئويلاندۇرماي، ئەپسۇسلاندۇرماي قالمايدۇ.
    بۇلۇپمۇ ھازىرقىدەك مەزكەز ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا يېڭى يېزا، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش. ئۇمۇمىي خەلقنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ساغلام. ئىناق،باياشات بىرمەدەنىيەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئورتاق ساداغا ئايلانغان.
     مەزكەزدىن كىتابخۇمارلار جەمئىيتى قۇرۇش تەشەببۇس قىلىنىپ، يېزا-قىشلاقلاردىمۇدېھقانلار كۈتۈپخانىسى ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇپ ھەر خىل سەۋەبلەردىن كىتاب-ژورنال كۆرۈش پۇرستىدىن بەھرىمان بۇلالمىغان دېھقان-چارۋىچىلار ئۈچۈن مۇشۇنداق بىرپىروگراممىنىڭ دائىم، مۇمكىن بولسا كۈندەدېگۈدەك تېلۋىزۇردا قۇيۇلۇشى، ئۇلارنىڭ كىتاب ئوقۇپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى، دۇنياقارىشىنى، كۆز قارىشىنى يېڭىلىشىداناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
     توغرا تۇنۇش ۋە ئىلغار ئىدىيە ۋە دۇنيا قاراشقائىگە ئادەم ھامان ھەرجەھەتتىن باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرالايدۇ، نادانلىق ۋە مۇستەقىل كۆز قاراشقا ئىگە بولمىغان ئادەم، ھەدېسە باشقىلارغا ئاسانلا ئىنىشنىپ كېتىدۇ، ھەم شۇنداقلا ئاسانلا يامان يولغا كىرىپ قالىدۇ.
     ھازىر ئاڭلاشلارغا قارىغاندا يېزا- قىشلاقلاداقۇرۇلغان «دېھقانلار كۈتۈپخانىسى» كىتاب ئوقۇيدىغان ئادەمنىڭ يوقلىدىن كۈن بۇيى تاقاق ھالەتتەتۇرىدىكەن. ھەتتا بىر قىسىم كۈتۈپخانىلار مۇزىيدەك مۇ رولى بولماي. كىتاب جازىلىرىدىكى كىتابلار قول تەگمىگەن ھالەتتە توپا بېسىپ تۇرغان.
     زادى نېمەئۈچۈن؟ تەكشۈرۈپ كەلگەندە بىزنىڭ كىتاب ئوقۇمايدىغىمىز بىر خىل ئەنئەنە بولۇپ قالغان، كىتاب ئوقۇغىنىدىن ئەمەس، بەلكى كىتاب ئوقۇمىغىنىدىن مەغرۇرلىنىپ سۆزلەيدىغان كىشلىرىمىز ئۈچۈن بۇ بىر خىل نورماللىق بولسىمۇ.
     كىتاب ئوقۇش زۆرۈرىىيىتى تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكىدەك رىقابەتلىك دەۋىرگەنىسپەتەن كىتابنىڭ قۇدىرىتىگە ھەرگىز سەل قارىغىلى بولمايدۇ. تەرەققىي قىلغان ئەللەردىن ئامېرىكا، ياپۇنىيە، ئەنگىلىيە، گىرمانىيە،فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كىشلەرنىڭ كىتاب ئوقۇشقا بولغان قىزغىنىلىقى ۋەئەستايىدىللىقى،ئومۇمىى خەلىقنىڭ ساپاسى، تەرەققىي قىلغان مائارىپ، جەمئىيەت ئاتمۇسفىراسى بىلەن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ، مانا مۇشۇ ئەللەردە كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيتى ئەنئەنە ۋەمىراس سۈپىتىدە ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىگە سېڭىپ كەتكەن.
    دېمەك، بىر رايۇننىڭ مەدەنىيلىشىش ۋە زامانىۋىلىشتا كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيتى ناھايىتى ياخشى بولغان كۆرۈكلۈك رول ئوينايدۇ.تولىستوي: «كۆڭۈلدىكىدەك كىتاب پارسەتنىڭ ئاچقۇچى، كىشلەرنى يۇقىرىغا باشلايدىغان شوتا، كىشلەرنى مۇكەممەللىشكەئېلىپ بارىدىغان كېمە »دەپ ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىقان.
    شۇنىڭغا ئوخشاش ياخشى بىر كىتابنىڭ كىشىگە بېرىدىغان ئىلھامى ۋە سېھرى كۈچنى ھەرگىز تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ. شۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا «بىر كىتاب - بىر ئالەم» پىروگراممىىسى يولغا قۇيۇلۇپ. ئېكراندىن يۈتكۈچە بولغان مۇشۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە بىز «مەمەت ئاۋاق»، «ئانىنا-كارىننا»،«مېنىڭ ئىسمىم قىزىل»،«لۈشۈن ئەسەرلىرى»،«ئايتماتوف ئەسەرلىرى»، قاتارلىق جۇڭگۇ ۋە دۇنياغا داڭلىق ئەسەرلەربىلەن تۇنۇشقان بولساق. «سەرسان روھ». «باھادىرنامە»،«كەچمىش»، «قومباشقان شەھەر»،«سالچىلار»قاتارلىق ئويغۇر ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەسەرلەر ھەققىدىكىمۇھاكىملىك تۇنۇشتۇرۇش كىتاب ئوقۇمايدىغان ۋە مۇشۇنداق بىر كىتابنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىغان كىشلەرنىڭ بەس-بەستە سېتىۋېلىپ ئوقۇشتەك ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.
    كىتاب ئوقۇيالمايدىغان چەك يېزا-قىشلاقتىكى كىشىلەر تېلىۋىزۇردىن «بىر كىتاب - بىر ئالەم» پىروگراممىسى كۆرۈپ ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىنى بېيىتقان، كىتاب ئوقۇشنىڭ،  بالا ئوقۇتۇشنىڭ، ساۋاتلىق بۇلۇشنىڭ ھەقىقەتەن ئۆمۈرلۈك ۋە خاسىيەتلىك ئىش ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمەن.
    دېمەككى، مۇشۇنداق بىر خاسىيەتلىك، ئەھمىيەتلىك ئىش ئۈچۈن يۈرگۈزۈلگەن پىروگراممىنىڭ «كۆرۈش نېسپىتى»ياكى ئاللىقانداقتۇر باشقا سەۋەپلەرتۈپەيلى تېلىۋىزىيە ئىكرانىدىن غايىپ بۇلۇشى ئىشىمەنكى بىر مەنلا ئەمەس، كىتابنى سۆيىدىغان ئونلىغان. مىڭلىغان ئىخلاسمەنلەرنىڭ كۆڭلىنى پەرىشان قىلىدى.
    شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پۈتۈن جەمئىيەتتىن، شۇنداقلا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكۇم، ئاخبارات-نەشرىيات ساھەسىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت رەھبەرلىرنىڭ، خىزمەتچى خادىملارنىڭ، بۇلۇپمۇ شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسى رەھبەرلىرنىڭ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن  
مەنبە http://www.6sheher.com/thread-221-1-1.html   

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 19:37:48

ئۇرۇنلۇق پىكىركەن ، قوللايمەن !

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

chataxchi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 05:40:56

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   chataxchi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-19 05:42  

قولغا ئىلىپ ئۇقۇشقا ئەرزىگۈدەك كىتاپ بولسا چۇقۇم كەنىت  كىتاپخانىللىرىدا  ئۇقۇيتى...

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 08:39:40

ھازبر يېزا - يېزا ، كەنت - كەنتتە خەلقنى ئويان - تاماششىغا كۆندۈرۈش پائالىيىتى سىجىل يۈرگۈزىلىۋاتىدىغۇ .
كىمنىڭ چولىسى كىتاب كۆرىدىغانغا ؟

farwana يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 08:43:13

بۇ پروگرامما يېڭى يولغا قويۇلغاندا مەنمۇ قىزىقىپ كۆرگەن . ھەتتا پروگراممىدا سۆھبەت تېمىسى بولغان كىتابلارنى ئىزدەپ سوراپ سېتىۋالىدىغان بولغان . كېيىنچە بۇ پروگراممىمۇ سودا ئېلان تۈسىنى ئېلىپ قالدىمۇ بەزىبىر تايىنى يوق كىتابلار توغرىسىدىمۇ نەچچە ئەدىپ يېرىم سائەت كاسىلدايدىغان ھالەت بوپقالدى . كۆرۈرمەننى قىزىقتۇرىدىغان يارقىن نۇقتا يوق ... رىياسەتچىمۇ قېلىپلىشىپلا قالغان . كىتابنىڭ قايسى بىر بېتىدىن ئۈزۈندە دېكلاماتسىيە قىلىپلا شۇ ئۈزۈندە ئۈستىدە پاراڭلىشىدۇ . بۇ پروگراممىنىڭ قالدۇرۇلىشىدا بىرلا گەپ شۇ كۆرۈش نىسبىتى تۆۋەنلەپ گۇڭ كۆتۈرمەيدىغان ھالەتكە يەتكەن . كۆڭۈلدىكى سۆز پروگراممىسى نېمىشقا ھازىرغىچە يولغا قويۇلىۋاتىدۇ دېگەندە كۆرۈرمەنلەر ئۈمىد غەنىنىڭ ئارلاپ ئارلاپ قىپقويغان چاقچاقلىرنى دەپ بولسىمۇ كۆرىدۇ . ھازىر كۆرۈرمەنلەرنىڭ سەۋىيەسىمۇ ئېشىپ كەتتى . دەنشىدە نېمە بولسا كۆرۈۋەرمەيدۇ . بولۇپمۇ قېلىپلىشىپ قالغان پىروگراممىنى . بىر كىتاب پروگراممىسىنى يەنە يولغا قويماقچى بولسا كۆرۈش نىسبىتىنى كۆتۈرمەكچى بولسا ئاۋۋال رىياسەتچىنى تەڭشەش كېرەك .

qalbim يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 10:31:13

chataxchi يوللىغان ۋاقتى  2014-7-19 05:40 static/image/common/back.gif
قولغا ئىلىپ ئۇقۇشقا ئەرزىگۈدەك كىتاپ بولسا چۇقۇم كەنى ...

راس دەيسىڭز قولىغا ئالغۇدەك كىتاپ  يوق دېيەرلىك، يەنە كېلىپ بۇ كۈتۈپخانا پەقەت  شەكىلگىلا ئېچىلغان ھازىر ھەر بىر كەنىت ئالىدا بىر كىچىك قولايلىق دۇكان ئاچتى ، بۇنىڭغا  پەقەت ھاراق تاماكا  ئىچىملىك مۇشۇلارنىلى سېلىپ قويدىكەن بۇنىڭغا كىم ئېھتىيجالىق
دېسەك گەپ جىق  ئىچىمىزدە بىلىىپ يۈرۋاتىمىز

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 17:59:07

chataxchi يوللىغان ۋاقتى  2014-07-19 05:40:56 static/image/common/back.gif
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   chataxchi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-19
سەرخىل كىتاپلارمۇ باركەن.
بەت: [1] 2
: «بىركىتاب - بىر ئالەم» پىروگراممىسى نىمە ئۈچۈن