tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 10:54:13

چوڭ ئەيسا

چوڭ ئەيسا

ماخمۇت مۇھەممەت
(ھېكايە)

مۇشۇ كۈندە ئىككى كۈن ئۇدا مېھماندارچىلىققا بارساملا مىجەزىم يوق بولۇپ قالىدىغان بولدى، ياش چوڭ بولغانسېرى ئويۇنمۇ تېتىماي قالىدىكەندە!
يەكشەنبە كۈنى «بۈگۈن بىر ئارام ئالايچۇ» دەپ يانپاشلاپ تۇرسام تېلېفون جىرىڭلاپ قالدى، قارىسام ناتونۇش نومۇر، مۇشۇ كۈندىغۇ «سىزگە مۇكاپات چىقتى» يەي، «ئەتە ئوتتۇرا سوتقا غىرىلداپ كەلمىسىڭىز بولمايدۇ» يەي...دەيدىغان كوم-كومچى تېلېفونلار جىقىيىپ كەتتى، شۇنداق بولسىمۇ «بىلىدىغان بىرسى بەرگەن تېلېفون بولمىسۇن يەنە» دېگەن خىيال بىلەن تېلېفوننى ئالدىم.
-ئالۇ، كىمسىز؟
-نودەر ئاكاڭغۇ مەن نودەر! تېكىلىخان مەسىلىسى...-خىر-خىر بىر ئاۋاز ۋە كۈلكە ئاڭلاندى، سەل تېڭىرقىدىم. تۇروپكىدىن يەنە چۇقان كۆتۈرۈلدى.
-نودەركاڭنى ئۇنتۇدۇڭما شايئەخمەت؟ تېكىلىخاننىڭ بىنەملىكىدە بىللە بۇغداي يۇلغان...
-تېزلاپچى كىيىۋېلىپما؟-دەررۇ ئېسىمگە كەلدى، بۇ يۇرتۇمدىكى بىر مەھەلىلىك تونۇشۇم ئىدى، شۇ تاپتا ئۇ زىيالىي ياش ۋاقىتلىرىمىزدىكى ئەمگكنى ئەسلىتىۋاتاتتى. ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا يەنە ش پاراڭلار بىلەن تېلېفون بېرىپ مېنى نەچچە كۈن ئاۋارە قىلغانىدى...تېلىفوننى سەل ئالدىراپ ئالغېنىمغا پۇشايمان قىلدىم
-ھازىرلا «شاپ ئۈژۈم» مېھمانخانىسىغا كەل،-نودەر يەنە چۇقان سالدى،-يۇرتتا ئوغلۇمنىڭ تويىنى قىلدىم، بۈگۈن ساڭا بىر شىشە قۇيىمەن. توينىڭ...
-ئەمىسە ھازىرلا بارىمەن،-دېدىم چاقچاق تەلەپپۇزىدا،-ئاران بىر قۇيىمەن دېگىنىڭىزدىچۇ نودەرۋەگ...
-مەن قۇيمىغانما؟ قۇيمىغانما؟ باشتا كېلە قېنى،-نودەر خىرىلداپ تاپا-تەنە قىلشقا باشلىدى،-رەئىسنى مېھمان قىلغان ئادەم جۇمۇ بىز...
-قا...قايسى رەئىسنى؟-دېدىم تېڭىرقاپ.
-بىزنىڭ كارخانىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشما رەئىسىنىچۇ...چاققان كېلە.
كۈلۈپ كەتتىم، شۇ كۈلكە بىلەن «شاپ ئۈزۈم» مېھمانخانىسىغا قاراپ ماڭدىم. يولدا كېتىۋاتسام نودەر يەنە تېلېفون بەردى:
-«شاپئۈژۈم» بېقىنىدىلا«ئالتە بېلىق» دېگەن ئاشخانا بار ئىكەنغۇ، پىرام شۇ يەرگىلا كەل، سورىسام ئىچكۈزىمىز دەيدۇ...
مۇشۇ كۈندە غەيرى ئىسىملىك دۇكان، ئاشخانىلار ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردىنمۇ كۆپىيىپ كەتتى-دە، كۈلكىنى ئۈستىگە يەنە كۈلۈپ «ئالتە بېلىق» نىڭ ئىچىگە كىردىم. لىڭىلداپ تۇرغان دۈگىلەك شىرەنىڭ يېنىدا كۆزلىرى بەقەمدەك قىزارغان نودەر بوتۇلكىلىق مۇزدەك سۇنى شۈمۈپ ئولتۇرۇپتۇ، كۆرۈشەر-كۆرۈشمەي ماختىنىشقا باشلىدى:
-كەلگىلى بىر ھەپتە بولغان، بەش كۈن ئۇدا ئوينىدۇق، چىگىشلىنىپ كېتىپتىمەن، ئۇسساپ...
بىردەم تاغدىن-باغدىن پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇردۇق، بىر چاغدا چاقچاققا يۆلەپ گەپ قىلدىم.
-قۇيمامسەن قېنى بىر  شىشەڭنى.
-شەھىرىڭگە مېھمان بولۇپ كېلىپ مەن قۇيىمەنما؟-نودەر چەكچەيدى.
تىلىمنى چىشلىۋالدىم. نودەر راست دەۋاتاتتى، «توغرا سۆزگە شۈك تۇر» دەپتىكەن...بىراق سەۋەنلىكىمنى يۇپۇتماق بولدۇم.
-ئۆزۈڭ «ئوغلۇمنىڭ تويىنى قىلدىم، ساڭا بىر شىشە قۇيىمەن» دېدىڭغۇ؟
-ساڭا مەن قۇيىمەن دېدىم، ئېلىپ قۇيىمەن دېمىدىم،-دېدى نودەر ھىجىيىپ.
بىر شىشە ئالدىم، رومكا بىلەن نودەرنىڭ ئالدىغا قويدۇم، «قولۇڭدىن بىردەم تېتايلى» مۇ دەپ قويدۇم، باياتىن چىرايى سەل تۈرۈلگەن نودەر ئەمدى لەيلىقازاقتەك ئېچىلىپ كەتتى. راستىنلا ئۇنىڭ مىجەزىنى بىلگەچكە، ئاغىزىنى تاتىلاش ئۈچۈن زاكوسكا، تاماق بۇيرۇتماستىن، شىشە بىلەن رومكىنىلا ئالدىغا قويغانىدىم. دېگەندەك ھايال ئۆتمەي نودەر گېپىنى باشلىدى.
-ۋاھ، تەرخەمەك سالات بىلەن ئىچسە ھە ھاراق دېگەننى، يېنىدا ياغدا قورۇلغان يەر ياڭىقىمۇ بولسا...
كۈتكۈچىنى چاقىرىپ، نودەر دېگەن نېمىلەرنى بۇيرۇدۇم.
-ئاران مۇشۇنىلا...-كۈتكۈچى قىز چەكچىيىپ بىر نېمە دەي دېۋىدى، دەررۇ كۆزۈمنى يۇمچۇقلاپ پىچىرلىدىم:
-ئالىمىز، ھەممىنى بۇيرۇيمىز...
بۇ چاغدا نودەر كىمدۇر بىرىگە تېلېفوندا خىرىلداپ سۆزلەۋاتاتتى.
-ئالامەت بىر ئاغىنەمنى تېپىۋالدىم، دەھشەت ئوينىتىۋاتىدۇ، كېلەمسەن؟
ئىككىنچى رومكىدىن كېيىن، نودەر تەرخەمەكتىن بىرنى كارسسىدە چىشلەپ پاراڭ قىلدى:
-كاۋاپ بىلەنلا يەيدىغان تەرخەمەككەندە.
كۈتكۈچىنى چاقىرىپ ئون زىخ كاۋاپ بۇيرۇدۇم، ئۆزۈمنىڭمۇ قورسىقىم ئېچىپ قالغانىدى. نودەر يەنە نەگىدۇر تېلىفون ئۇلاۋېتىپ گەپكە قوشۇق سالدى:
-ناندىن ئىككىنى بېسىۋەتسۇنە قىزىم، يۇمشاق...قىلىپ...
ھەر بىر رومكا چۆگىلىگەندە بىر گەپ قىلىپ، ئەيتاۋۇر نودەر لىڭىلداپ تۇرغان شىرەنى توشتۇرغۇزدى، شۇ ئارىدا مەن تونىمايدىغان ئىككىيلەن بىرىنىڭ ئارقىسىدىن بىرى كىرىپ كەلدى.
-ئالامەت ئادىشىم بۇ ئاغىنىلەر،-دېدى نودەر مېنى ھېلىقى ئىككىسىگە ئىككى قېتىم تونۇشتۇرۇپ،-نەدىن ئاڭلىدىكىن كەلگىنىمنى، تېپىۋالدى، ۋاي ئۇنىمىسام ئۇنامدۇ...راستتۇ شاياخمەت؟
-راست،-دېدىم. شۇنداق ئەھۋالدا نېمە دەيدۇ ئادەم ئەمدى. گېپىمنى ئاڭلاپ نودەر جانلىنىپ كەتتى:
-ھە، قېنى مېھمانلار، كۆڭلىڭلار نېمىنى تارتىدۇ؟ بۇيرۇڭلار...ياق، ياق، بىرىڭلار بىردىن قورۇما، ئاغىنەم خاپا بولىدۇ، قانداق دېدىم؟
-ھە، خاپا بولىمەن،-دېدىم. نېمىگە خاپا بولىدىغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتتىم.
-تاماقنى جىق قىلىۋەتتىڭدە شاياخمەت،-دېدى بىر چاغدا نودەر،-ئامال يوق، يەنە ىر شىشە قۇيىدىغان بولدۇم-دە، تەۋەررۈك قوللارغۇ بىزنىڭ قوللار...
نودەر تەۋەررۈك قولى بىلەن بوش شىشىنى ماڭا ئۇزاتتى، ئورنۇمدىن تۇردۇم، كەينىمدىن ئىككى مېھماننىڭ بىرى ۋارقىرىدى:
-قىزىلنىڭ ئوبدىنىدىن بىرىنى ئالغاچ كىرىڭا ئاداش، ئاق تازا ماڭمايۋاتىدۇ...ھە، تاماكىدىنمۇ...
ئولتۇرۇپ بىرچاغدا تېلېۋىزوردا كۆرگەن «مېھمان» دېگەن ئېتۇت يادىمغا كېلىپ قالدى، بۇ چاغدا ئاق ماڭمىغان مېھمان 2-شىشە قىزىلنى ھەيدەپ ماڭدۇرۇۋاتاتتى. نودەر مېھمانلارنىڭ يەنە بىرىگە مۇراجىئەت قىلدى.
سەنمۇ بىرەر ئىچىملىك دە ھوي تەللىپ، ئاقنى جىق ئىچمىدىڭ...ئاغىنەم رەنجىيدۇ، راستمۇ شاياخمەت؟
-مەنمۇ بىر ئاغىنەمنى چاقىراي جۇمۇ نودەر،-دېدىم ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىماسقا سېلىپ،-سەنمۇ تونۇشۇۋال، لازىم بولىدۇ.
-كىمۇي ئۇ ئاغىنەڭ؟-دەپ سورىدى نودەر خىرىلداپ،-سەندەك ئولتۇرۇشلۇقى بارما؟
-ئولتۇرۇشلۇقى بولماي...ئىسمى چوڭ ئەيسا،-دېدىم كۈلۈمسىرەپ.
-قايسى چوڭ ئەيسارۇي؟-نودەر كۆزلىرىنى مىتىلداتتى.
-ھېلىقى...ئېتۇتتىكى قېلىن مېھمانچۇ، شۇ ئېتۇتنى كۆرگەنمىدىڭ؟ سۇ ياغنى ئۆرىۋېتىدىغان...
نودەر بەقەمدەك قىزارغان كۆزلىرىنى ئوينىتىپ، پەرۋايى پەلەك توۋلىدى:
چاقىر شۇ ئاغىنەڭنى، ئۇنىڭغىمۇ بىر شىشە قۇيىمەن...
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 11:28:03

ئىسىمدە قالماپتۇ   ئالمىزار مۇنبىرى  ياكى چىمبۇلاق مۇنبىرىدە   چوڭ ئەيسا رولغا چىقىدىغان بىر سىنارىيىنى ئوقۇغان  ئىدىم  ئالامەت بەك قىززىقارلىق  .
قارىغاندا   ئۇ سىنارىيىنى يازغۇچى ئاپتورنىڭ  ماقۇللىقىنى .ئالغاندىن كىيىن كەڭ تورداشلارغا ھۇزۇرىغا سۇنسام بولغۇدەك       {:87:}{:87:}{:87:}

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 11:51:16

كۇچادا ئىشلەۋاتقان ۋاقتىمدا شۇ يەرگە ئويۇن قويغىلى كەلگەندە ئاپتور مەن ئىشلەۋاتقان ئېلان بېزەكچىلىك ئورنىغا مېھمان 4 نىڭ سىنارىيەسىنى قوليازما ھالەتتىن ئېلېكترونلۇق ھالەتكە ئەكېلىپ پرىنتېرلارپ بېرىشىمنى ئېيتقان ئىدى5 يىل بۇرۇن. شۇنى مەن بىر قانچە تورلارغا يوللىغان ئىدىم. بەلكىم شۇنى كۆرگەنسىز.

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 12:44:32

يا ئاللا!تازا كەپتۇ ما ئەسەر!كۈلۈپ تېلىقىپ قاپتىمەن دىسە! قەلىمىڭىزگە دەرت بەرمىسۇن!…

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 20:27:53

ئەسەرنىڭ تىلى بۇرۇن دۇنيا ئەدەبىياتىدا ئوقۇپ قويىدىغان سۆۋىت ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئېسىل چىققان تەرجىمىلىرىدەك ئوماق چىقىپتۇ {:112:}

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 03:05:16

چوڭ ئەيسانىڭ ئىتوتىمىكىن دەپتىمەن.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 10:56:21

ئەيسا ،ئەيسا ،ئەيسا ،
  

  ئەيسا مۇسا قېنىسەن ،
ئوسۇرمىساڭ ئۆلىسەن .
سورۇنىمىز شىشىلىك ،
پات كەلمىسەڭ قوتۇرسەن .
بەت: [1]
: چوڭ ئەيسا