Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 10:41:35

[يېڭى ئېنىرگىيە ]خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىلانى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەزىزلەر ، قانداق ئەھۋالىڭلار.

شىركىتىمىز يىقىندا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سودا -ئالاقىسىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ،ئۈرۈمچى تارماق شىركىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرمەكچى . شۇ ۋەجىدىن ئادەم كۈچى بايلىقىغا جىددى ئىھتىياجىمىز چۈشتى . شىركەتنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بۇ ئۇچۇرنى يوللىدىم . مۇۋاق نامزات بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار كۆپ مىننەتدار بولغان بولاتتىم .

خىزمەت : سېتىش دىرىكتورى
مەسئۇل رايون : قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان، ئىراق ، ئىران ، پاكىستان ،روسىيە ...قاتارلىق دۆلەتلەر.
خىزمەت تەلىپى :
1.ئالى مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە بولۇشى كىرەك .
2.ئىنگلىز تىلىدا بەلگىلىك ئاساسى بولۇشى كىرەك . ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت تىللىرىنى بىلسە تىخىمۇ ياخشى .
3. ئىككى يىلدىن يۇقۇرى خىزمەت تەجرىبىسى بولۇشى كىرەك . ئاساسلىقى UPS ۋە قوياش ئىنۋىرتىرى  光伏逆变器 توغۇرلۇق تېخنىكىلىق بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇشى كىرەك .تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ باققانلار بولسا ئالدىن ئويلىشىمىز.
4.بازار ئېچىش ،پىلان تۈزۈش ،ھەمكارلىق ۋە كەسپنى ھۆرمەتلەش ئەڭ ئاساسى شەرت.

خىزمەت مەجبۇرىيتى :
1.ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىدىكى كونا خىرىدارلار ۋە يېڭى خىرىدارلارنىڭ سودا ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ .
2.خىرىدارلارنىڭ تىخنىكىلىق مەسلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ .
3. باش شىركەت ئورۇنلاشتۇرغان ۋەزىپىلەرنى ۋاقتىدا تاماملاش.

خىزمەت ئورنى :
ئۈرۈمچىدە .  ياتاق ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ .

مۇئاش تەمىناتى :
ئايلىق مۇئاش ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 4000 دىن باشلىنىدۇ (ئىپادىسى ۋە تەجرىبىسىگە قاراپ قالغىنىنى پاراڭلاشساق بولىدۇ. ) . (مۇكاپاتنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ . 5 خىل سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرىلىدۇ.) .

كېيىنكى تەرەققىيات ئەھۋالى :
خىزمەت نەتىجىسى ۋە ئىپادىسىگە قاراپ ، يىلدا بىر قىتىم مۇئاش تەڭشەش ئېلىپ بىرىلىدۇ .  شىنجىن باش شىركەتكە كېلىپ ئىشلەش پۇرسىتى بار . چەتئەل تارماق شىركەتتە ئىشلەش پۇرسىتىمۇ بار.

شىركىتىمىز دۆلەت ئىچىدە مۇشۇ ساھەدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى باشلامچى كارخانا . شىركەتتە ھازىر 500 دىن كۆپ ئىشچى خىزمەتچى بار . مەھسۇلاتىمىزنى 50 دىن كۆپ دۆلەتكە ئكسپورت قىلىمىز. قالىغىنىنى شىركەت تور بېتىدىن كۆرۈڭ . www.jfy-tech.com

ئەسكەرتىش ، بۇ ئۇچۇر ئادەم قوبۇل قىلىش سانى توشقۇچە كۈچكە ئىگە .
خەنزۇچە ، ئىنگىلىزچە ۋە باشقا تىللاردىكى تەرجىمالىڭىز بولسا بۇ ئىلخەتكە ئەۋەتىڭ . Batush#jfy-tech.com  
# نى @ كە ئالماشتۇرۇڭ .

ھۆرمەت بىلەن :
باتۇش يازدىم .
سېتىش بۆلۈم  رايونلۇق باش نازارەتچىسى 区域销售总监
شىنجىن JFY  پەن تىخنىكا پايچىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى  深圳市晶福源科技股份有限公司


岗位要求:
1、大专以上学历,英语熟练,通晓中亚语言的优先;
2、2年以上工作经验,有逆变器或UPS同行工作经验,并在行业中取得不俗成绩的优先;
3、有逆变器,UPS行业研发技术功底的优先;
4、受过市场营销、产品知识等方面的培训,熟悉市场营销工作;
5、有良好的团队合作精神,有敬业精神;
6、具有独立的分析和解决问题的能力、市场策划能力;
7、良好的沟通技巧和说服能力和团队管理能力,能承受较大的工作压力;

岗位职责:
1、开拓与维护中亚地区客户,完成公司规定的销售任务;
2.、客户帐款的维护及回收等;
3.、帮助客户解决部分技术问题,进行售后维护;
4. 完成上司安排的其他工作。

上班地点:乌鲁木齐市
待遇:面议
招聘人数: 2--3名

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 20:22:06

قۇبۇل قىلىدىغان خىزمەتچى سانى ئۈچ نەپەرگىچە ئىكەن، رايونىمىزدا ئىلىكتىر كەسىپلېرىدە ئۇقۇپ، ئىچكىرىدىكى ياكى شىنجاڭدىكى سودا شىركەتلېرىدە ئىشلەپ تەجىربىگە ئىگە بولغانلار ئالاقىلىشىڭلار، تېخنىكىلىق ئاساسىڭلار بولسىلا قۇياش ئىنىرگىيسى تەرەپتە چۈشەنمىگەن يەرلېرىڭلار بولسا يىقىندىن ياردەمدە بۇلىمەن.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 20:36:51

ئۈرۈمچىگە يېڭى يېنىپ كەلگەندە چىققان بولسىچۇ مۇشۇ گەپ... ئويلىشىۋاتىمەن ئاداش.

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 22:21:40

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 05:06:21

  يىڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەردە توك يەتكۈزۈلمىگەن جايلاردىكى خەلىقلەرنىڭ يورۇتۇش ۋە تىلفون ئالاقىسى ئۈچۈن ئاساسەن قۇياش ئىنىرگىيسى ئالدىن تاللاش بۇپ قالىدۇ. شۇ دۆلەتلەر بىيىسا يەنە پايدا-زىياننى ھىساپلاشماي چوڭ تىپتىكى قۇياش ئىنىرگىيسىگە يۈرۈش قىلىدۇ. ئىش قىلىپ بۇ تۇختاپ قالىدىغان كەسىپ ئەمەس...

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 07:48:12

يېڭى ئىنىرگىيەنىڭ ئەڭ چوڭ بازىرى ياۋروپادا ، سەۋەبى ئۇلاردا توك يىتىشمىگەنلىكىدىن ئەمەس ،بەلىكى قۇياش نۇرىدىن پايدىلىنىپ ھاسىل قىلغان توكنى دۆلەت توك تورىغا يەتكۈزۈپ ، توك چىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش.

يەنە بەزى نامرات رايونلاردا توك تورى بولمىغانلىقتىن ، يەنىلا شۇ قۇياش ئىنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ . بۇ ساھەنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى بار. ئۇنىڭدىن باشقا شەخسنىڭ كىيىنكى خىزمەت تەرەققىياتلىرىغىمۇ پايدىسى بار .

شىركەتتىكىلەر ئەسلىدە خەنزۇلاردىن قوبۇل قىلماقچى ئىدى ، مەن بۇ ئۈچ ساننى تالىشىپ ئېلىۋالغان ، شۇڭا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، تىزدىن ئىلتىماس قىلىشىڭلارنى ۋە ياكى تونۇش بىلىشلەر بولسا تەۋسىيە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 09:49:44

قۇياش ئىنىرگىيەسى شىركەتلىرىدە خىزمەت قىلىدىغانلار بولسا تۇنۇشۇپ قالاي. شۇنداقلا بولسا ئۆزەڭلىنى تۇنۇشتۇرۇڭلا. سىتىمىدا ئەمەس، باتارىيە ياساش، ياكى ماتىرىيالى دىگەندەك جەريانلىرىدا.

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 10:05:53

Jeck يوللىغان ۋاقتى  2014-7-19 09:49 static/image/common/back.gif
قۇياش ئىنىرگىيەسى شىركەتلىرىدە خىزمەت قىلىدىغانلار ب ...

مەن قۇياش ئىنىرگىيەسى ئىنۋېرتېر ياساش ساھەسىدە ئىشلەيمەن . شېنجىندا .
ئاساسلىق مەھسۇلاتلاردىن : PV inverter لەر بار . Off-Gird , On-Gird inverter لىرىمىز بار .

قۇياش ئىنىرگىيە باتارىيە تاختىسى لازىم بولسا ، ياخشى ئىشەنچىلىك مال مەنبەلىرى بار. بىرىنجى قول A  级 单晶硅。多晶硅 . باھاسى مۇۋاپىق . :lol

جېك ، سىزمۇ مۇشۇ ساھەدىما؟

sazguri يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 18:11:53

مەن سېتىش بۆلىمىدە، 销售部项目经理。لىكىن شۇ چەتئەل تىلى بىلمەيمەندە ، يەنىلا مۇشۇ خىزمىتىمنى قىلىۋىرەي ، ئۆيۈمگە  يېقىن تەمىناتىممۇ ياخشى

joshua يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 00:06:15

مەن باراي دېسەم، سېتىش جەھەتتە قەتئىي تەجرىبەم يوق، كەسپىم چۈشۈپ قالىدىكەن، خىزمەت تەجرىبەم 7 يىل، نېفىت سېستىمىسى ئىچىدە ئىشلەيدىغان ئېنژىنېرلىق كىنىشكەم بار (بەلكىم بۇنى ھېسابقا ئالماس). ئېنگىلىزچە سەۋىيەمدە چاتاق يوق، ھازىرمۇ ئىشتىن سىرتقى بالا ئوقۇتىمەن.

كىشىلىك ئالاقىدە ئۇنچىلىك كۆپ تەجرىبەم يوق، قانداق بولار؟  ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق دېگەندەك ئىشتە بۇ، بەلكىم ئالامەت سېتىش تەجرىبىسى بار بالىلار ئىنۋېرتېر توغرىلىق كەسپىي بىلىمدە كامراق بولۇشى مۇمكىن.

joshua يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 00:07:37

ئەمما ئىش ئورنى ئۈرۈمچىدە دېگەنگە دەھشەت قىزىقىۋاتىمەن.:lol

joshua يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 00:08:56

ئەمما خىزمەت ئورنى ئۈرۈمچىدە دېگەن گەپكە قەبىھ قىزىقتىم.

bilimdvv يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 08:27:01

ئاساسىي قاتلامدا ئشلىگەنلەرمۇ بولامدۇ؟تەربىيىلەپ يىتىشتۇرۇپ چىقىشىنى بەكمۇ
خالايمەن.

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 09:01:17

joshua يوللىغان ۋاقتى  2014-7-20 00:06 static/image/common/back.gif
مەن باراي دېسەم، سېتىش جەھەتتە قەتئىي تەجرىبەم يوق، كە ...

تەرجىمالىڭىزنى ئەۋەتىپ بېرىڭ . HR غا كۆرسىتىپ باقاي .

ئىنژىنىرلىك كىنىشكىسى بار ئادەمگە بۇ كەسپ تەس تۇيۇلمايدۇ . بىرەر ئايلىق تەربىيلەش جەريانىدا تەربىيەلىۋالىمىز. بۇ يا تەتقىقات خىزمىتى ئەمەس، شۇ مەھسۇلاتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى خىرىدارلارغا تونۇشتۇرۇپ ، كىيىن بىرەر مەسىلە چىقسا باش شىركەتتىكى ئىنژىنىرلارغا خەنزۇچە ئىزاھلاپ ئۇقتۇرۇپ قويسا، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئەۋەتكەن لاھىيەسى بويىچە خىرىدارلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بەرسىلا بولدى .



Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 09:01:51

bilimdvv يوللىغان ۋاقتى  2014-7-20 08:27 static/image/common/back.gif
ئاساسىي قاتلامدا ئشلىگەنلەرمۇ بولامدۇ؟تەربىيىلەپ يىت ...

تەرجىمالىڭىزنى يوللاپ بېرىڭ. كۆرۈپ باقايلى .

bilimdvv يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 09:20:53

Batush يوللىغان ۋاقتى  2014-7-20 09:01 static/image/common/back.gif
تەرجىمالىڭىزنى يوللاپ بېرىڭ. كۆرۈپ باقايلى .

قىسقىچە تەرجىمالىمنى يوللاپ قويدۇم ئىلىكتىرونلۇق خەت خۇرجۇنۇڭۇزغا                                                        

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 09:35:00

bilimdvv يوللىغان ۋاقتى  2014-7-20 09:20 static/image/common/back.gif
قىسقىچە تەرجىمالىمنى يوللاپ قويدۇم ئىلىكتىرونلۇق خە ...

تاپشۇرۇۋالدىم . بولسا تەرجىمالىڭىزنى ئۆزگەرتىپ قايتا يېزىپ ئەۋەتىڭ . word شەكلىدە  ياكى  PDF شەكلىدە بولسۇن  .

بىرەر خىزمەتكە ئىلتىماس قىلىشتا تەرجىمال ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا ئەستايىدىل يېزىشىمىز كېرەك .
توردا تەرجىمال توغۇرلۇق ئۇچۇرلار ناھايتى كۆپ ، ئىزدىنىپ باقساق بولىدۇ .

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 20:36:19

Batush يوللىغان ۋاقتى  2014-7-19 10:05 static/image/common/back.gif
مەن قۇياش ئىنىرگىيەسى ئىنۋېرتېر ياساش ساھەسىدە ئىشلە ...

ھە :D

ياق، ماڭا لازىم ئەمەس. مەن تەجرىبىخانىدا ياسايمەن. سانائەتتە ياساش ۋە ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى كۆرۈپ بىلىپ باققۇم بار.  شۇڭا سورىغان.

joshua يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 23:00:09

Batush يوللىغان ۋاقتى  2014-7-20 09:01 static/image/common/back.gif
تەرجىمالىڭىزنى ئەۋەتىپ بېرىڭ . HR غا كۆرسىتىپ باقاي .

  ...

كەچۈرۈڭ، ماۋۇ نەچچە كۈن كومپيوتىر ئالدىغا كەلگۈدەك پۇرسەت بولمىدى، ئەمدى ئەۋەتىپ باقاي، ئەگەر ئادەم ئېلىپ بولغان بولساڭلار، مانداقلا بىر كۆرۈپ بېقىپ، تەكلىپ پىكرىڭىزنى بېرەرسىز، ئادەم دۆلەت كارخانىلىرىدا ئىشلەۋەرسە قۇدۇقنىڭ ئىچىدىكى پاقىغا ئوخشاپ قالىدىغان گەپكەن، شۇڭا ھازىر قىلغان ئىشىمغا ئىشەنچ يوق.

joshua يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 23:36:54

CV نى ئېلخەتكە ئەۋەتىپ قويدۇم،كۆرۈپ باقارسىز.
بەت: [1] 2
: [يېڭى ئېنىرگىيە ]خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىلانى