okyan2014 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 08:03:07

مالايسىيانىڭ 298 ئادەم ئولتۇرغان ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلدى


جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 18-ئىيۇل خەۋىرى: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مالايسىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ MH17 يولۇچىلار ئايروپىلانى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى رۇسىيە-ئۇكرائىنا چېگرىسىدا چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، ئايروپىلاندىكى 298 ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان. مالايسىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ دېيىشىچە، MH17 نۆۋەتچى ئايروپىلانى بوئىڭ777 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى بولۇپ ئامسترامدىن شۇ جاي ۋاقتى چۈش سائەت 12:15 ئۆتكەندە ئۇچقان، كۇئالالامپۇرغا شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 6:10 يېتىپ بېرىشى بەلگىلەنگەن.
مالايسىيا ئاۋىيەتسىيەسى گوللاندىيەدە يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى توغرىلىق مۇخبىرلار يىغىنى ئېچىپ، يولۇچىلار ئايروپىلانىغا چىققان ئادەم سانىنى 295 دىن 298 گە ئۆزگەرتكەن، 3 بوۋاق ئىلگىرىكى ئىستاتىستىكىغا كىرگۈزۈلمىگەن. ئايروپىلاندىكى گوللاندىيەلىك يولۇچىلار سانى 154 دىن 157 گە ئۆزگەرتىلگەن.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى دېيىشىچە، ئايروپىلاندا 154 گوللاندىيەلىك، 27 ئاۋسترالىيەلىك، 23 ئامېرىكىلىق، 23 مالايسىيالىق، 11 نەپەر ھىندونېزىيەلىك، 6 ئەنگلىيەلىك، 4 گېرمانىيەلىك، 4 نەپەر بېلگىلىيەلىك، 3 نەپەر فىلىپپىنلىق، 1 نەپەر كانادانلىق بولۇپ، قالغان 40 نەچچە ئادەمنىڭ سالاھىيىتى بېكىتىلمىگەن.
ئۇكرائىنانىڭ ب د ت تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر رۇسىيە قوراللىق توپىلاڭچىلارغا ئايروپىلان ئېتىپ چۈشۈرەلەيدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى تەمىنلىمىگەن بولسا، مالايسىيا يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كەتمەيدىغانلىقىنى، رۇسىيە ۋە قوراللىق توپىلاڭچىلارنىڭ بۇ ۋەقەگە مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 08:41:45

ھەي ...بۇ بىر ئايروپىلان ئادەم ئويۇن قويغۇچىلارنىڭ قۇربانلىقىغا بوپ كېتىپتۇ دە.

obulqasim يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 08:45:30

ئالە شەرىڭنى

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 08:46:12

ھازىر ئۆكتىچىلەر ئۇكرائىناغا ، ئۇكرائىنا ئۆكتىچىلەرگە دۆڭگەپ يۈرۈيدۇ بۇ ۋەقەنى .

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 09:06:04

پۇتىننىڭ قىلغان ئىشىغۇ دەيمەن بۇ، بۇ تەلۋەدىن ھەر بالا كېلىدۇ:lol ، تۈنۈگۈن ئوباما ئېمبارگونى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇمىز دىگەن ، ئويۇن داۋاملىشىۋاتىدۇ .

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 09:07:52

شۇ ۋاقىتتىكى ئايروپىلان ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ كەيپىياتىنى، قورقۇنۇشنى كىشى تەسۋىرلەپبولالمايدۇدە ....

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 09:23:21

نومۇسسىز گۇيلار،يولۇچىلار ئايروپىلانى بىلەن ھەربىي ئايروپىلاننى پەرقلەندۈرەلمەسلىك مۇمكىنمۇ، بوشلۇقتىكى مىڭلىغان ئايروپىلان ئىچىدە كەلگۈلۈك يەنە مالايسىيا ئايروپىلانىغا كەپتۇ…
ئاقىۋەتنى ياخشى ئويلاشماي ئويناپ قويدىمۇ قانداق بۇ ئويۇننى…

apla يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 09:25:49

ئۇرۇش بولسا بولغۇلۇق بىگۇنا خەلققە بولىدۇ شۇ

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 09:26:53

مالايسىياغا كېلىشمەسلىك كېلىۋەردى دېسە. يا ئاللا، ئادەمنىڭ جېنى قۇشقاچنىڭ جېنىدەكلا بوپ كەتتىغۇ ھازىرقى زاماندا:(

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 09:29:14

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

مالايشىيادا ئايرۇپۇلاندىنلام ئېغىر چاتاق چىققىلى تۇردىغۇ .

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 09:33:10

روسىيەگە بىر تىل تۇتۇغى بولدى بۇ ۋەقە .

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 09:34:50

ھەي توۋا!!!……

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 09:41:55

مانداق يوغان دۆلەت 300 نى بىگۇناھ  ئۆلتۈرسىمۇ تىرورچى بومايدا

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 09:42:57

ياخشى بۇلاپتۇ

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-7-18 14:45):
كىم يازغان ئىنكاس بۇ ؟

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 09:48:46

ئەگەر رۇسىيە قوراللىق توپىلاڭچىلارغا ئايروپىلان ئېتىپ چۈشۈرەلەيدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى تەمىنلىمىگەن بولسا، مالايسىيا يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كەتمەيدىغانلىقىنى، رۇسىيە ۋە قوراللىق توپىلاڭچىلارنىڭ بۇ ۋەقەگە مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

دىمىسىمۇ ئۇنداق قۇراللارنى تېخنىكىسى ھەر-قانچە يۇقىرى بولسىمۇ شەخىسلەر ئۆزى ياسىۋالالمايدۇ، يىقىلغۇسىمۇ يا بېنزىن ياكى دېزىلىن بولمىسا ئۇنىڭ، ئۇنداق نازۇك نەرسىنى مەخسوس ئەسلىھەلەر تەييار بولغان ھالەتتىلا ياساپ چىققىلى بۇلىدۇ، شۇڭا تۇپىلاڭچى تۈمۈرچى بىلەن ياغاچچىلار ياسىۋاپتۇ دىسە ئىشەنگىلى بولمايدۇ.

melek يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 09:48:54

دۇنيانىڭ نەزىرىنى غەززەدىن يەنە شۇ مالايسىيا ئايروپىلانىغا ئاغدۇرۇپ قويىلى، ئىسرائىلىيە ئارام خۇدا ئىشىنى قىلىۋالسۇن دەپتۇ دە روسىيە...

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 09:50:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-18 09:54  

2001- يىلىغۇ دەيمەن، ئۇكرائىينا قارا دىڭىزدا رۇسىيەنىڭ بىر يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنى ئىتىپ چۈشۈرىۋەتكەن، ئايرۇپىلاندىكى 78 كىشى قازا قىلغان.
شۇڭا بۈگۈنكى بۇ ئىش تىخى ئىنىقلانماي تۇرۇپ ئۆكتىچىلەرگە ياكى ئۇكرائىينا ھۆكىمىتىگە ئارتىپ قويغىلى بولمايدۇ.
ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كەينىدىكى كۈچلەر ئىشەكنى ئىسقارتماي سۇغۇرىدىغانلاردىن.
ئەگەر بۇ ئايرىپىلاننى ئۆكتىچىلەر ئىتىپ چۈشىرىۋەتكەن بولسا ئەلۋەتتە 10000مىتىر ئىگىزلىكتىكى ئۇچقان ئايرۇپىلاننى روسىيەنىڭ ياردىمى بولمىسا ئۆكتىچىلەر ئىتىپ چۈشۈرەلمەيدۇ، ئەگەر مۇشۇ ئىسپاتلىنىپ قالسا ئۇكرائىينا ۋەزىيتىدە ئۆزگىرىش بولىشى مۇمكىن.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا مۇشۇ ئالدىنقى ھەپتىلەر ئىچى ياۋرۇپادىكىلەر رۇسىيەنى ئۆكتىچىلەرگە قىرغىن قىلىش كۈچى يۇقىرى قۇراللار نى تەمىنلەۋەتىدۇ دەپ ئەندىشىلەنگەن، ناتونىڭ باياناتچىسىمۇ بۇ بۇ توغرىسىدا قارىشىنى ئۆزگەرتمەي كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا موسكىۋاغا بولغان ئىقتىسادىي جازاسىنى كۈچەيىتتى ۋە بۇ جازانىڭ تىخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تەھتىد سالغان بولسىمۇ ياۋرۇپادىكى چوڭاملار ئامرېكىنىڭ كۈتكەن يىرىدىن چىقمايۋاتىدۇ.
يىغىپ ئىيىتقاندا بۇ ئىشنى روسلار قىلدىمۇ دەيلى، پەقەت ياۋرۇپا بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي جازاسى كۈچىيىدۇ  ئارتۇق ئىش يوق. رۇسىيە چوڭقور دۆلەت ، ئىقتىسادىي ھەرقانچە تۇراقسىز بولسىمۇ سىز ۋە مەن پەرەز قىلغاندەك ئۇنداق ئاجىز ئەمەس،  رۇسىيە بىلەن ئىقتىسادىي تىركەشسە قارشى تەرەپمۇ تەڭ تەسىرگە ئۇچرايدۇ، بولۇپمۇ ياۋرۇپادىكى چوڭاملار. مەقسەت رۇسىيەنى بوي سۇندۇرۇش ئەمەس، مەقسەت رۇسىيەنى دۇنياغا ‹رەزىل› كۆرسىتىش .
ئەگەر بۇ ئىشنى ئۇكرائىينا ھۆكۈمىتى قىلغان بولسىچۇ؟

بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8
: مالايسىيانىڭ 298 ئادەم ئولتۇرغان ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلدى