Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 23:54:30

يېزىلاردا كىچىدە داۋالانغاندا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش كۈچكە ئىگە ئەمەسمۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش قېرىنداشلار,مەن بىر ئاينىڭ ئالدىدا ئوغلۇم تۇيۇقسىز قىزىتىپ كىچىدە دوختۇرخانىغا كەلگەن ئىدىم.دوختۇر كىچىدە خادىملىرىمىز دەم ئالغان سەۋەبلىك نەقپۇلغا داۋالايمىز دەپ مەن بەرگەن ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش كارتىسىنى ئالماي نەقپۇل ئېلىپ ئاندىن ئاسما ئاسقان ئىدى.بۈگۈن قىزىمنىڭ قورسىقى تۇيۇقسىز مۇجۇپ ئاغرىپ كېتىپ يەنە كەچتە دوختۇرغا كېلىشكە توغرا كەلدى.بۈگۈنكى نۆۋەتچى دوختۇرمۇ ئوخشاشلا كىچىدە كارتا ئىشلەتمەيمىز،نەقپۇل تۆلىسىلە دەپ نەقپۇل ئېىپ ئاسما ئوكۇل سالدى…
نەقپۇل ئالسىمۇ بالام ساقايسا بولدى.مەن شۇنىڭغا خوش!دوختۇرلارمۇ كىچىسى جاپالىق ئىشلەيدىكەن!توك كەتسە شام يېقىپ ئىشلىدى!ئۇلارغا ئىھتىرام بىلدۈرىمەن!لىكىن
زادى چۈشەنمىدىم!ھەمكارلىشىپ داۋالاش دىگىنىمىز كىچىدە كۈچكە ئىگە ئەمەسمۇ ياكى ……؟
مۇشۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرسەڭلا…بىلىۋالاي?

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 09:18:31

رامىزاندا ئاغزىمنى لاۋزا قىلىۋالماي

jasur58 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 09:33:24

كۈچكە ئىگە بولمايدىغان ئىش يوق، ئۇ نانباي دوختۇرلارنىڭ ئۆزى تاپقان باھانىسى خالاس. نەدە  يۇقىرىدىن چىقارغان سىياسەت كۈندۈزى ئىشلەپ ئاخشىمى ئىشلىمەيدىغان ئىش بار؟ چوقۇم بىمار كۆپ، نەخ پۇل تۆلىسە بىۋاستە دوختۇرخانىنىڭ  يانجۇقىغا كىرىدىغان بولغاچقا يەپ بولغان لوخ گۆشنى ھىچكىمنىڭ قايتۇرغۇسى كەلمەيدۇ شۇڭا شۇنداق ئىشلار يۇز بىرىدۇ. ھەممەيلەن پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ تەختتىن چۈشنكىنى ئاڭلىدۇق ئەمما ھىچ قارنى يامان دوختۇرخانىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك باشلىقىنىڭ يىقىلىغانلىقىنى ئاڭلىمىدۇق-دىسە....

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 10:38:21

سىلىنىڭ يېزىدا ، ناھىيىنىڭ  سەھىيە ئىدارە سېكرىتارىنىڭ تېلىفۇنى ئۇلانمامدا؟ :lol

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 11:01:39

ياتاققا ئېلىنىپ داۋالانسا  ھەمكارلىشىپ داۋالاشتىن چىقىم قىلىدۇ، ياتاققا ئېلىنماي ئوكۇل سالدۇرۇپ دورا ئالسا نەقپۇلغا داۋالىنىدۇ .  ئىشچى- خىزمەتچى، شەھەر-بازار ئاھالىلىرىمۇ شۇنداققۇ.

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 12:10:48

Ozuyghur يوللىغان ۋاقتى  2014-07-18 11:01:39 static/image/common/back.gif
ياتاققا ئېلىنىپ داۋالانسا  ھەمكارلىشىپ داۋالاشتىن چىق
مېنىڭ ئىككىلا بالام كىچىسى داۋالانغاندا ياتاققا ئېلىنمىغان.

لىكىن ئۇ دوختۇر «كۈندۈزى بولسا كارتا ئىناۋەتلىك بولاتتى…ھازىر بولمايدۇ » دىگەنتى…شۇڭا قايمۇقۇپ قالدىم …
چۈشەنچە بەرگەن قېرىنداشلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت!

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 14:06:32

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-18 16:12  

Ozuyghur يوللىغان ۋاقتى  2014-7-18 13:01 static/image/common/back.gif
ياتاققا ئېلىنىپ داۋالانسا  ھەمكارلىشىپ داۋالاشتىن چىق ...

داۋالىنىش كارتىسى ھىساباتىدىكى نەق پۇل تۈگىگەندە، شىپاخانا ئامبۇلاتۇرىيسىدە داۋالانسا، ئاندىن نەق پۇل ئىشلىتىدۇ، داۋالىنىش كارتىسىدا نەق پۇل بولسا، داۋالىنىش كارتىسىدىكى ھىساباتتىن تۇتۇپ قىلىنىدۇ.

يىزىلىق شىپاخانا ياكى ناھىيلىك دوختورخانىدا  بالنىسىتتا ياتسا، ھەمكارلىىشپ داۋالىنىشتىن چىقىم قىلىنىدۇ.

( ئەسكەرتىش: قايسى يىزىلىق شىپاخانا ئامبۇلاتۇرىيسىدە كىچىسى خىزمەت قىلىدىكەن)

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 14:26:53

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-07-18 14:06:32 static/image/common/back.gif


داۋالىنىش كارتىسى ھىساباتىدىكى نەق پۇل تۈگىگەندە، شى
ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپتىمەن،ئۆزرە!يېزا دوختۇرخانىسىنىڭ كىسەللىكلەر ياتاق بۆلىمىدە ئەمبولاتورىيە شارائىتىدا داۋالاش ئېلىپ بارغان.كىچىدە بىمەھەل كەلگەن كىسەللەر ئادەتتە ئۇدۇللا كىسەللىكلەر ياتاق بىناسىدىكى نۆۋەتچى دوختۇر ئىشخانىسىغا كىرىمىز.ئاندىن كىسەللىك ئەھۋالىمىزغا قاراپ ياتاق شارائىتى ياكى ئامبولاتورىيە شارائىىتىدا داۋالىنىدىكەنمىز…
كارتا ھىساباتىمدا تولۇق سوممىلىق قالدۇق بار ئىدى بولمىسا……
ئەتراپلىق چۈشەنچە  بەرگىنىڭىزگە تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن!…

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 05:36:06

ماۋۇ تىمىغا ۋاراچلار كېرىپ بىر نەرسە دىسۇن ھېلى.

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 08:20:44

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-18 14:06 static/image/common/back.gif
داۋالىنىش كارتىسى ھىساباتىدىكى نەق پۇل تۈگىگەندە، شى ...

داۋالىنىش كارتىسىدا  دورا ئالغۇچىلىك پۇل بولىدۇ، نەدىمۇ داۋالانغۇدەك كۆپ پۇل بولسۇن.  بولۇپمۇ يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشنىڭ كارتىسىدا .

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 09:38:02

Ozuyghur يوللىغان ۋاقتى  2014-07-19 08:20:44 static/image/common/back.gif


داۋالىنىش كارتىسىدا  دورا ئالغۇچىلىك پۇل بولىدۇ، نەد
تۈنۈگۈن كۈندۈزلۈك ئاسما ئاسقۇزۇشتا كارتىدىكى ھېساۋاتقا داۋالىدى.نومۇر ھەققىنىلا تۆلىسە بولىدىكەن.ئۈچ بوتۇلكا ئاسما ئوكۇلنى كارتا ھېساباتىدن تۇتۇپ قاپتۇ:بۇندىن كىيىن كۈندۈزىلا كەلسەڭ يەنە كارتاڭغا داۋالىنالايسەن دەيدىغۇ……
بەت: [1]
: يېزىلاردا كىچىدە داۋالانغاندا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش كۈچكە ئىگە ئەمەسمۇ؟