kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 23:22:06

[تەرجىمە فىلىم] توققۇزىنچى رايون(ھەقسىز)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kvzyapriqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-17 23:24  


ئۇيغۇرچە نامى: توققۇزىنچى رايون (82-نۆۋەتلىك ئوسكار كىنو فېستىۋالىدىكى «ئەڭ نادىر فىلىم»نامزاتى)
ئىنگىلىزچە نامى: District 9
ئىشلەنگەن ۋاقتى:2009- يىلى
تەرجىمە قىلىنغان ۋاقتى: 2011 - يىلى 8 - ئاي
تەھرىرلىنىپ ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2014 - يىلى 7 - ئاي
تەۋەلىكى: ئامېرىكا/يېڭى زىنلاندىيە/كانادا/جەنۇبىي ئافرىقا
خاراكتېرى:فانتازىيە/ۋەقەلىك
تــىــلى: ئىنگىلىز تىلى
يېزىقى: ئۇيغۇرچە
ئۇزۇنلىقى:112 مىنۇت
رازمـېــرى: 1280x720
ئـۇلىنىــش:http://www.imdb.com/title/tt1136608/
نەتىجىسى: 8/10
سىـغـىــمى: 1.56G
فــورمـاتى:MKV
سىنارىست:Neill Blomkamp /Terri Tatchell
رىژىسسور: Neill Blomkamp
روللاردا:
Wikus Van De Merwe -------Sharlto Copley
Grey Bradnam -----------Jason Cope
Dirk Michaels-------William Allen Young

فىلىم ھەققىدە:
ۋىكۇس ياخشى يىگىت، ئۇ بۇ فىلىمنىڭ باش قەھرىمانى. بىراق ئۇنىڭدا سىتاللوندىكى قامەت، شىۋاسىنگىردىكى ھەيۋەت، ستەنسىندىكى چەبدەسلىك ۋە ياكى تام كروستىكى مەردانىلىك يوق. ئۇ ئاددىي، ئەمما قىزغىن ھەم ئۈمىدۋار، شۇنداقلا ناھايىتى باغرى يۇمشاق.ئۇ پۈتكۈل دۇنيادا يىرگىنىشلىك راك ئادەملەرنى سىزلەپ سۆزلەيدىغان بىردىنبىر كىشى بولۇشى مۇمكىن. فىلىمدە بىر تاشقى پېلانت كېمىسى جەنۇبى ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر - جوھانسىنبۇرگنىڭ ئاسمىنىدا لەيلەپ يۈرىدۇ. كېمىدىن تۇرقى تولىمۇ يىرگىنىشلىك،بىراق ئىنسانلار بىلەن ئالاقە قىلالايدىغان غەلىتە بىر توپ راك ئادەملەر چۈشۈپ، ئاتالمىش توققۇزىنچى رايوندا توپلىشىپ پائالىيەت قىلىدۇ.ۋىكۇسنىڭ ئىدارىسى يەنى MNUبۇ مەخلۇقلارنى ئاپەت يىلتىزى دەپ قاراپ، باشقا رايونغا يۆتكىۋەتمەكچى بولىدۇ. ۋىكۇسنى راك ئادەملەر بىلەن ئالاقىلىشىشقا ۋە ئۇلارنى كۆچۈشكە كۆندۈرۈشكە ئەۋەتىدۇ. بىراق راك ئادەملەرنى كۆچۈرۈش ۋەزىپىسى ئۇنچە ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ، زىددىيەت بارغانسېرى كەسكىنلىشىدۇ، ۋىكۇس كۈتۈلمىگەن زەربىگە ئۇچراپ،سىرلىق بىر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىدۇ ھەم بەدىنىدە راك ئادەملەرنىڭكىدەك ئالامەتلەر پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ.MNUۋىكۇسنى تۇتۇپ،ئۇنى تەجرىبە قىلماقچى بولىدۇ. بىراق ۋىكۇس پۈتۈن دۇنيا نەپرەتلىنىۋاتقان شۇ راك ئادەملەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، يېڭى نىجاتلىق يولى ئىزدەيدۇ...فىلىمنىڭ نەتىجىسى باشقا ھوللىۋود فىلىملىرىدەك چوڭ غەلىبە ياكى جەم بولۇش بىلەن تۈگەللەنمەيدۇ.قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز فىلىمدە بولسۇن.

كەسمىلەر:







تەرجىمىسىگە ئىشلىگۈچىلەر:
تەرجىمان: يىلتىزىم( ئۈرۈمچى يىلتىزىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى)
كىرىشتۈرگۈچى، ئىچكى ئۈنۈم ئىشلىگۈچى: Boghlan (قۇتيار تەرجىمە فىلىم تورىدىن)
تېما مەنبەسى: يىلتىزىم تورى

چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://kuai.xunlei.com/d/BRb6CAJbAQBX1sVT90a

مۇناسىپ تەھرىرلەش ۋە ئىچكى ئۈنۈم ئىشلەپ بەرگەن بوغلان ئەپەندىمگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن!

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 10:32:40

ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەرنى ساقلاپ قويغان تورداشلارنىڭ،  ئاق بۈركۈت تورىدىكى بۇرۇن تەرجىمە قىلىنىپ يوللانغان، لىكىن ھازىر توختىتىۋىتىلگەن كىنولارنىڭمۇ قايتا  چۈشۈرۈش ئادرىسى بىلەن تەمىنلىگەن بولساڭلار بوپتىكەن.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 10:52:08

ياخشى كىنو بۇ

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 14:13:36

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-18 18:10  

مىكروسوفىتنىڭ تور دىسكىسىغا يوللاپ، ئادرىسىنى قالدۇرغان بولسىڭىز، كىنونى تولوق چۈشۈرۋالاتتۇق.

ئارانلا 312 مىگابايىت ھۆججىتى چۈشۈپلا توختاپ قالىدىكەن.

buyukturn يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 15:28:29

چۈشۈرەلمىدىمغۇ .

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 16:27:51

ئىمكان بولسا ، سىلەرگە جاپا بوپ قالمىسا  ئىنگىلسچە خېتىنى يۇقىتۋەتمىسەڭلا ... بۇنداق بوغاندا  تىل ئۈگۈنۋاتقانلارغا مەنپئەت ئېلىپ كىلەتىڭالاردە {:112:}

sartikin يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 19:06:15

بوپ قۇيىدىغان فىلىمكەن ،ئاخىرى باردەك قىلىدىغۇ ،ۋەقەلىك تۇلۇق ئاخىرلاشمىدى ،كىيىنكى قىسىملىرى چىقمىغانمىدۇ ؟

sewda يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 20:38:37

چۈشۈرەلمىدىم :funk:

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 22:25:42

datman يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 22:55:40

راس گەپنى قىلسام ئاۋۇ ئاداشقا سەل ئىچىم ئاغرىپ قالدى كىنونى كۆرۇپ بولۇپ

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 23:24:30

تەشەككۈر!
چۈشۈرىۋاتىمەن!

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 08:39:22

ۋاقىت پىلانلاش ئىدارىسى  دىگگن كىنومۇ  ئاجايىپ فانتازىيىلىككەن. 时间规划局

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 09:05:27

sartikin يوللىغان ۋاقتى  2014-7-18 21:06 static/image/common/back.gif
بوپ قۇيىدىغان فىلىمكەن ،ئاخىرى باردەك قىلىدىغۇ ،ۋەقەل ...

تولۇق چۈشۈرەلدىڭلىمۇ؟

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 09:06:55

ezimet7102 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-19 01:24 static/image/common/back.gif
تەشەككۈر!
چۈشۈرىۋاتىمەن!

مۇۋاپىقىيەتلىك  چۈشسە، تور دىسكىسى ئارقىلىق ھەمبەھىرلىنەمدۇق؟

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 00:20:58

فىلىم شۇ يەردە تۈگەيدۇ. سەل يىرگىنىشلىكتەك تۇرغان بىلەن  ئاخىرى ئادەمنى ئويغا سالىدىغان فىلىمكەن.
تولۇق چۈشەتتىيا؟ مەنمۇ چۈشۈرۈپ سىناپ باققان،تولۇق چۈشكەن،سەل ئاستىراق ئەمدى.بىراق تولۇق چۈشكەن.
ئىنگىلىزچە خېىتىگە كەلسەك بۇرۇن تەرجىمە قىلىنغان چاغدىلا ساپ خەنزۇچە يېزىق ھۈججىتىدىن تەرجىمە قىلغان، شۇڭا ئىنگىلىزچىسى يوق.بۇندىن كېيىنمۇ بىر نەچچە فىلىملەرنى يوللايمىز تىنچ بولساق. ئوخشاشلا خەنزۇچىسى ئۆچۈرۈۋېتىلگەن،ئىنگىلىزچىسى يوق،بۇنىڭدىن خەۋەردار بولۇپ قالساڭلار....

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 11:40:33

بېشى بىلەن ئاخىرى ھۆججەتلىك فىلىمدەك چىققان كىنوكەن بۇ ..................خوددى راس بولغان ئىشتەكلا

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-7-31 12:52:59

تەرجىمە بەك سۈپەتلىك چىقىپتۇ، ئېلانغۇ باكەن ئەمما كىنو كۆرشۈمگە پەقەتلا تەسىر يەتكۈزمىدى.

Bihlan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 18:12:35

بۇ فىلىم ئەسلى ئورۇندىن ئۆچۈپ كېتىپتۇ، مۇمكىن بولسا بىرەرسىڭلا قايتا يوللاپ بەرسەڭلار
بەت: [1]
: [تەرجىمە فىلىم] توققۇزىنچى رايون(ھەقسىز)