tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 16:52:16

مۆلچەرلىنىشىچە مىكروسوفت خادىم قىسقارتىش ئېلىپ بارىدىكەن

ياسون ئاكسىيە شىركىتىنىڭ ئانالىزچىسى رىك شىرلۇدنىڭ مۆلچەرلىشىچە، مىكروسوفت شىركىتى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلان قىلىدىغان كىرىم دوكلاتىدا شىركەتنىڭ خادىم قىسقارتىش پىلانىنى ئېلان قىلىشى مۇمكىن ئىكەن، بۇ قېتىمقى خادىم قىسقارتىش پىلانى شىركەتنىڭ 5% دىن %10 گىچە بولغان خادىملىرىغا بېرىپ تاقىلىدىكەن. گەرچە مىكروسوفت شىركىتى خادىم قىسقارتىش توغرىسىدا ھىچقانداق كونكىرت خەۋەر ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، بىراق يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە بۇ توغرىلىق خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇرغان. مىكروسوفتنىڭ باش ئىجراىيە ئەمەلدارى نادېللا ئېلان قىلغان ئوچۇق خېتىدىمۇ شىركەتتە يېقىندا چوڭ دائىرىدە تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىغىدىن بىشارەت بەرگەن.
مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى خادىم قىسقارتىش بۇ يىل 4-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان 25000 خادىمى بار نوكىيا شىركىتىنى سېتىۋېلىش ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن ئىكەن، نادېللا بۇ ھەپتىدە خىزمەتچىلەرگە ئېلان قىلغان ئوچۇق خېتىدە شىركەتنىڭ خىزمەتلەردىكى مۇھىم نوقتىنى يادرولۇق كەسىپلەردە يېڭىلىق يارىتىشقا قارىتىدىغانلىغىنى، شىركەتنىڭ تەدبىر بەلگىلش مۇساپىسىنى قىسقارتىدىغانلىغىنى بىلدۈرگەن. مىكروسوفتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولغىنىغا 6 ئاي بولغان مۇھىم بۇرۇلۇش پەيتىدە، نادېللا شىركەتنى ئۆز ئۇسۇلى بويىچە باشقۇرۇشقا قادىر ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاشقا تېخىمۇ مۇھتاج ئىكەن.
نوپۇزلۇق كۆزەتكۈچى شىرلۇدنىڭ مۆلچەرلىشىچە، نوكىياغا قاراشلىق سېتىش تارماقلىرىنىڭ %25 تىنى ئىخچاملىغاندا، مىكروسوفتنىڭ بىر مىليارد دوللارلىق چىقىمىنى تېجەپ قالغىلى بولىدىكەن، نادېللا ئېلان قىلغان ئوچۇق خېتىدە،شىركەتنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى جەھەتتە ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىغىنى، باشقۇرۇش ۋە تەدبىر بەلگىلەش قاتلىمىدا قىسقارتىش ئېلىپ بارىدىغانلىغىنى ئېنىق بىلدۈرگەن. مىكروسوفت شىركىتى شىرلۇدنىڭ  يۇقارقى سۆزىگە قارىتا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان.
مەنبە:بېتا تورى خەۋىرى

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 17:10:29

قىسقارتىش ئېلىپ بارىدىكەن =قىسقارتىدىكەن

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 18:49:22

18000نى قىسقارتىدىكەن.it

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

freebird يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 09:32:55

بويى ئىگىز خادىملارغا ئۇۋال بولغۇدەكتە
بەت: [1]
: مۆلچەرلىنىشىچە مىكروسوفت خادىم قىسقارتىش ئېلىپ بارىدىكەن