Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 07:37:07

تەرجىمە:ئۇيغۇرچە«ئىشتان»سۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشى

ئۇيغۇرچە «ئىشتان»دېگەن سۆزنىڭ كېلىپ چىقىشى

چاڭ خۇڭ

ئاپتور ھەققىدە : چاڭخۇڭ ، 1971-يىلى تۇغۇلغان . شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى 2002-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتى . ئاساسلىق تەتقىقات تۈرى - ئۇيغۇر تىل ئىلىمى
تەرجىمىدە :ئۇيغۇر
ھەرقانداق بىر تىلدا ئوخشاشلا مەلۇم مىقتاردا سىرتتىن كىرگەن سۆز بولىدۇ، باشقا تىللارنى ئۆزلەشتۈرۈش بىرخىل نورمال تىل ھادىسىسى ، بۇ ئۆز تىل بايلىقىنى بېيىتىش ۋە تولۇقلاشتىكى مۇھىم يول. بىر مىللەت تىلىغا باشقا تىللارنىڭ ئېقىپ كىرىشىنىڭ ئىككى خىل سەۋەبى بولىدۇ،يەنى ئىچكى سەۋەب ۋە تاشقى سەۋەبتىن ئىبارەت. تاشقى سەۋەب - ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى سىياسى ،ئىقتىسادى ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ياكى ھەربى توقۇنۇش قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ . ئىچكى سەۋەب بولسا شۇ تىلدىكى سۆزلۈكلەر سېستىمىسىنىڭ ئۆز تەرەققىيات تەلىپىنى كۆرسىتىدۇ. سىرىتتىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن سۆزلەر نوقۇل ھالدا باشقا مىللەتنىڭ قەدىمدىن تارتىپ باربولغان تىللىرىنىڭ ئېقىپ كىرىشىنى كۆرسەتمەيدۇ ، بەلكى بەزى سۆزلۈكلەر بولسا ئەسلى شۇ مىللەتنىڭ قەدىمىي سۆزلۈكلىرى بولۇپ بۇرۇن باشقا مىللەت تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنغان بولىدۇ . بۇنىڭدا مۇنداق بىر قىزىقارلىق ئەھۋاللارمۇ كۆرىلىدۇ ، يەنى مەلۇم سۆز ئەسلى A مىللەتنىڭ بولۇپ ئەينى دەۋرىدە B مىللەت تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرىلىدۇ . لېكىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە Aمىللەتنىڭ سۆز قاتلىمىغا قايتىپ كېلىدۇ . بۇنداق ئەھۋالنى بىز« سۆزلۈكلەرنىڭ قايتىپ كېلىش ھادىسىسى» دەپ ئاتايمىز. بۇ خىل ھادىسە ئۇيغۇر تىلىدىمۇ كۆرۈلگەن . ئۇيغۇر تىلىدىكى ishtanدېگەن سۆز «شىم »دېگەنلىك بولۇپ ،«ئۇيغۇر ئىزاھلىق چوڭ لۇغىتى »دە بۇ سۆزنى روس تىلىدىن كىرگەن دەپ ئىزاھلىغان . ئەمىلىيەتتە ئەينى دەۋردە روسلارمۇ بۇ سۆزنى ئەينى چاغدىكى چاغاتاي تىلىدىن ئېلىپ ئىشلەتكەن . بۇ ھەقىقەتەنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن گەپنى قەدىمدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.

1. ishtanسۆزىنىڭ قەدىمىي ھۆججەتلەردىكى مەنىسى ۋە ئاھاڭ ئۆزگىرىشى

ئۇيغۇر مىللىتى بىر قەدىمىي مىللەت بولۇپ ، ئىلگىرى “袁纥”、“乌护”、“乌纥”、“回纥”、“回鹘”、“畏兀儿” قاتارلىق ئاتىلىشلىرىمۇ بولغان . ئۇيغۇر مىللىتى قەدىمقى ئەجداتلىرى مىلادى 9 ئەسىردىن بۇرۇن «سۇ-ئوتلاققا بېقىنىپ ياشايدىغان » چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى باشتىن كەچۈرگەن . دەل شۇ زامانلاردا ، ئوۋچىلىقنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلى «ئىشتان» ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم كىيىملىرىدىن بىرى بوپقالغان . شۇنىڭ بىلەن دەل بۇ ھەقتىكى ئاتالغۇلارمۇ مەيدانغا كەلگەن . قەدىمىي تۈرك تىلىنىڭ ئىشتان دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەردىن : ichton、öm ۋەotranقاتارلىقلار بار!①

شەكلىدىن قارىغاندا ، ichtonدېگەن سۆز ichبىلەن tonدېگەن سۆزدىن تۈزۈلگەن بىرىكمە سۆزدىن ئىبارەت بولۇپ ،ئۇنىڭدىكى ich دېگەن سۆزنىڭ قەدىمقى مەنىسى «ئىچ ،ئىچى ، ئىچكىر» (تەرجىماندىن قىستۇرما :ئۇيغۇر تىلىدا ھازىرقى مەنىسىمۇ ھەم شۇنداق ) دېگەندەك مەنىلەرنى بېرىدۇ . بۇ ئاساس سۆز بولۇپ ، ئىشلىتىش سانى ئىنتايىن كۆپ ، شۇنداقلا بۇ سۆز دائىم باشقا سۆزلەر بىلەن بىرىكىپ كېلىپ ، يېڭى سۆز ياكى سۆز بىرىكمىللىرىنى ياسايدۇ. مەسلەن :
ich ät (تالغا يېقىن جايدىكى نېپىز گۆش)؛ich qur(بەلباغ)؛ ich söz (يۈرەك سۆزى) ۋەھاكازالار...②
tonنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسى «نىمچە»(ئۇزۇن چاپان)دېگەنلىك بولۇپ ، قەدىمقى دەۋردە كېيىم قىس بولغانلىقتىن «يېپىنچا»دېگەن مەنىنى بەرگەن . ھازىر ساقلىنىۋاتقان ھۆججەت -ماتىرىياللاردا بۇنىڭ ئىزنالىرى ھەم ئۇچرايدۇ . مەسلەن : muncha arib ton kädm isin (بۇنداق مەينەت كېيىمنى ئەمدى كېيمەيمەن .)③؛
qisqi ton、yayqi ton (قىشلىق كېيىم ، يازلىق كېيىم )④؛ichton - دېگەن سۆز ئاباي دېگىنىمىزدەك ئەسلى بىر سۆز بىرىكمىسى بولۇپ ، كېيىنچە ئىشلىتىش داۋامىدا بىرىكىپ سۆزگە ئايلانغان . ichton يەنە lan قوشۇمچىسى قوشۇلۇش ئارقىلىق ھەرىكەتنى بىلدۈرىدىغان ichtonlan پېئلغا ئايلىنىپ «كىيىم كىيىش»مەناسىنى بىلدۈرگەن . مەسلەن :Är ichtonlandi (ئادەم كېيىم كەيدى.)دېگەندەك ...
يۇقارقىلار ئىشتان دېگەن بۇ سۆزنىڭ مۇقىم سۆزلىشىپ بولغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك ،ئۇندىن باشقا ئۇنىڭ «ئىچىگە كېيىدىغان كېيىم » مەنىسىنى بېرىدىغانلىقىنىمۇ ئىسپاتلىيالايدۇ . تۆۋەندە بۇ سۆزنىڭ بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلگەن شەكىللىرى ۋە مەنا جۇلاسىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى :

1.  8-ئەسىردە ياشىغان خۈيگېلار ۋە شىزۇلار مەدەنىيتىنىڭ ساقلانمىللىرىدا ئىشتان دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن . مەسلەن :
“tishi kishining ichtonining aghinda”يەنى مەنىسى " ئايالچە ئىشتاننىڭ ئېغى " دېگەندەك...
2.گوللاندىيە شەرقشۇناس ئالىمى تۈزگەن " تۈرك -ئەرەب لوغىتى "نىڭ 18-بېتىدە ichtonدېگەن سۆزنىڭ ئىشلىتىلىشى خاتىرلىنىپ ، ئۇنىڭ مەنىسى " كاناپ رەختتىن تىكىلگەن ئىشتان ،ئىچ كيىم " دېگەندەك ئىزاھلانغان .
3.Camalu’l- din ibnu’l- Muhanna  14-ئەسىردە " ئەرەب -تۈرك لوغىتى "نى تۈزگەن . بۇ كىتاب ئاساسلىقى ئوغۇز تىلىنى نامايەن قىلغان بولۇپ ، ئوغۇز تىلى بولسا ئاساسەن ئۇيغۇر تىلىنى سۆزلۈك ئاساسى قىلغان بىر تىل .Kilisli Ri’fat تۈزگەن بۇ لوغەتتە ichtonدېگەن بۇ سۆزگە ئېنىقلىما بېرىلىپ ، ئۇنىڭ 167بېتىدە بۇ سۆزنىڭ  " شىم ، ئىچ كىيىم " دېگەندەك مەنىلەرنى بېرىدىغانلىقى ئىزاھلانغان .Melioranskiتۈزگەن بۇ خىل لوغەتنىڭ 67-بېتىدىمۇ ishtan bäghi دېگەن سۆزگە ئىزاھ بېرىلىپ ، " ئىشتان بېغى " دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقى ئىزاھلانغان ، دېمەك بۇنىڭدىمۇ ئاساس سۆز " ئىشتان "دېگەن مەنا شۇپېتى ئېلىنغان .

4.  14-ئەسىردە A. Caferoglu تەرىپىدىن يېزىلغان "قەدىمىي تۈرك تىلى ئىزاھلىق لوغىتى " نىڭ 9-بېتىدىمۇ ichtonدېگەن سۆز ھەققىدە توختىلىپ ، ئۇنىڭ "ئىچ كىيم " مەنىسىنى بېرىدىغانلىقى ھەم ئۇنىڭ ichۋە ton سۆزىدىن شەكىللەنگەن سۆز بىرىكمىسى ئىكەنلىكى ئىزاھلانغان .
5. 15-ئەسىردىكى <<تۈركىي نادىر ئەسەرلەر توپلىمى>>B. A talay تەرىپىدىن 1945-يىلى ئېلان قىلىنغان بولۇپ ، بۇ كىتاپتىكى ھەرىبلەر بويىچە تىزىلغان ئەرەپ -تۈركچە سۆزلۈكلەر جەدۋىلىدە ئاساسلىقى تۈركمەن ۋە قىپچاق تىلىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى بايان قىلىنغان . ئۇنىڭدا ichtonدېگەن سۆزگە ئېنىقلىما بېرىپ ،"كيىم " دەپ ئىزاھلانغان .
6.V. de V eliam inof- Zernof تەرىپىدىن 16-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا <<چاغاتاي تىلى ، قەدىمىي تۈرك تىلى لوغىتى>>نىڭ 63-بېتىدە ishtanدېگەن سۆز نىڭ مەنىسى "پاقالچەك كىيىمى" دەپ خاتىرلەنگەن .
7. Gerard clauson دىكى Muhammad Mahdi Xan تەرىپىدىن 18-ئەسىردە يېزىلغان " چاغاتاي ،پارس تىلى لوغىتى" نىڭ 106-بېتىدە ،ishtanدېگەن خەت " ئىچ كىيىم" دەپ چۈشەندۈرۈلگن .
يۇقارقى ichtonدېگەن سۆزگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان مەنا ئېنىقلىمىغا ئاساسەن ،بىز تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خۇلاسە چىقىرالايمىز:
1.سۆز مەنىسى جەھەتتىن : قەدىمكى تۈرك تىلى دەۋرىدە ،ichtonنىڭ مەنسىسى " شىم ، ئىچكى شىم " بولغان . سۆزلەرنىڭ بۆلىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، تۈرك تىلىدا ichtonنىڭ مەنىسىدە ئازراق ئۆزگىرىش بولغان . قەدىمىي ئۇيغۇر تىلى ، خاقانىيە تىلى ، ئوغۇز تىلى ۋە چاغاتاي تىلىدا ،ichtonنىڭ مەنىسى " شىم ، ئىچكى شىم" بولغان . قىپچاق تىلى ، قەدىمىي تۈرك تىلى ۋە 18-ئەسىردىكى چاغاتاي تىلىدا ichtonنىڭ مەنىسى " ئىچ كىيىم ، كيىم " بولغان.
2. ئاھاڭ ئوقۇلۇشى جەھەتتە: بىز كۆپ قىسىم تۈركى تىللاردا chۋە shھەرىپىنىڭ ئۆز ئارا ئالمىشىش ھادىسىنىڭ يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرەلىسەكمۇ ئەمما سوزۇق تاۋۇش “o”نىڭ "a"غا ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بايقايمىز. ئەمما چاغاتاي تىلى ئاھاڭىدا بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەر بولغان بولۇپ ، دەسلىپىدىكى ichtonۋاقتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ishtanغا ئۆزگەرگەن. مۇئەللىپ بۇ خىل ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى ئىككى خىل دەپ قارايدۇ : بىرىنجى : تىلدىكى chبىلەن shنىڭ ئوقۇلۇش ئورنى (تەۋرىنىش ئورنى) ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ ،ئوقۇلۇش جەريانىدا ئاسانلا ئاھاڭ ئۆزگىرىش كېلىپ چىقىدۇ ." تۈرك سۆزلۈكلەر لوغىتى"نىڭ خەنزۇچە نەشىرىنىڭ 336-بېتىدە بۇخىل ئەھۋالغا چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن . ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىمۇ chنىڭshغا ئۆزگىرىپ كېتىشىدەك ئەھۋاللار ھېلىھەم مەۋجۇت .بولۇپمۇ بۇنداق ھەرىپلەر سۆزلۈكلەرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە تېخىمۇ شۇنداق . مەسلەن :duch käl بۇ سۆز ئوقۇلۇش جەريانىدا dush kälگە ئۆزگىرىپ قالىدۇ .
ئىككىنجى ، ""oدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن "a"بولسا iھەرىپىنىڭ تەسىرىدىن ئاستا ئاستا ئۆزگىرىپ كەلگەن .. بۇ ichبىلەن tonسۆز بىرىكىپ سۆز بىرىكىمىسى ھاسىل قىلپ سۆزگە ئايلانغۇچە مەلۇم " ماسلىشىش"نىڭ بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ . يۇقارقى مۇلاھىزىلەردىن بىز يۈرەكلىك ھالدا شۇنى ئوتتۇرىغا قويالايمىزكى : ichton روس تىلىغا كىرىشتىن ئىلگىرىلاishtanغا ئۆزگىرىپ بولغان ، ئاھاڭدىكى بۇ خىل ھادىسە ئېھتىمال ئۇندىن خېلى بۇرۇنلا يۈز بەرگەن بولىشىمۇ مۈمكىن .
ichton پەقەت ھازىرقى زامان تۈركى تىلىدىلا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ ، ichdonدەپ يېزىلىشقا ئۆزگەرگەن . ئەمما باشقا نۇرغۇن تۈركى تىل سېستىمىسىدىكى تىللاردا ئاستا ئاستا يوقالغان . تەتقىقات شۇنى ئىسپاتلىدىكى ئۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئېھتىمال shimۋە tambal دىن ئىبارەت پارىس تىلىدىكى ئىككى سۆزنىڭ ئەينى دەۋرىدىكى ichtonسۆزىنڭ ئورنىنى ئالغانلىقتىن ، ichtonنىڭ ئۇيغۇر تارىخ سەھنىسىدىن يوقالغانلىقىدىن بولسا كېرەك.

2.ishtan سۆزىنىڭ روس تىلىغا كىرىش جەريانى ۋە روس تىلىدىكى تەرەققىياتى .
ishtanسۆزىنىڭ روس تىلىغا قاچان كىرگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق تارىخى ماتىرىيال يوق . بىز پەقەت بىر قىسىم تارىخى ماتىرىياللار ۋە جانلىق تىل مۇلاھىزىللىرىمىز ئارقىلىق ئۆز نۇقتىنەزىرىمىزنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
  13-ئەسردە مۇڭغۇللار ئىككى قېتىم غەربكە يۈرۈش قىلىپ ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى بېسىۋىلىپ 4 سۇلالە قۇرغان .بۇنىڭ ئىچىدە چىڭگىزخان قۇرغان چاغىتاي سۇلالىسىىمۇ بولۇپ . ئۇنىڭ تېرىتورىيسىدە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى شىمالى ۋە ئامۇ دەرياسىنىڭ شەرىقىدىكى نۇرغۇن رايونلار بولغان . شۇنىڭ بىلەن بۇ رايونلارنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرىلىشىغا ئەگىشىپ ، تىل يېزىقمۇ ئاستا ئاستا بىر خىللاشقان . چاغىتاي تىلى دەل مانا مۇشۇ دەۋىردە بارلىققا كەلگەن بولۇپ ، 14-ئەسىردىن كېين ھەرقايسى سۇلالىلەرنىڭ مەدەنىيتىنى تۇتاشتۇرغان . بىراق بۇ دەۋىردە قەدىمىي روس دۆلىتى بېكىنمە ھالەتتە بولۇپ ، چوڭ كىچىك 15 دۆلەت ۋە رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى . لېكىن ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ ئۇلارمۇ مۇڭغۇللار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ ، 13-ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرى يېڭى بىر سۇلالە قۇرۇلغان . ئۇنىڭ تېرىتورىيىسى بولسا چاغىتاي سۇلالىسى بىلەن خوشنا بولغان . 200يىلغا يېقىن بۇ سۇلالىلەر مۇڭغۇللارنىڭ مۇستەملىكىسىدە ، بىر تۇتاش باشقۇرۇلغان بولۇپ ، تاكى 15-ئەسىرگە كەلگەندە ئاندىن مۇڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ روس دۆلىتى قۇرۇلغان .دەل مۇشۇ سەۋەب ۋە جۇغراپىيىلىك مۇھىت سەۋەبىدىن تۈركى خەلقلىرى بىلەن قەدىمقى روس مىللىتى ئوتتۇرىسدا كۆپ ئۇچرىشىش ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش بولغان .ئەلۋەتتە بۇ سۆزنىڭ قۇبۇل قىلىنىشى بىۋاستە بولغان بولىشى ناتايىن ، بەلكى قەدىمقى روس تىلى تەرىپىدىن ئۆلچەملىك روس تىلىغا ئايلانغان بولىشى مۈمكىن ."روس تىلى سۆزلۈكلىرىنى ئۆگۈنۈش قوللانمىسى" دېگەن كىتاب شۇنى كۆرسىتىدىكى روس تىلىغا ئەينى دەۋرىدە مۇڭغۇللار مۇستەملىكە قىلغاندا تۈرك تىلىدىن كىرگەن سۆز 260خىلدىن ئارتۇق بولغان . مەسلەن : аркан(ئارقان ) ، сундук(ساندۇق ) ، башмак (ئاياغ ) ، армяк (چەكمەن )،юбка (يوپكا) قاتارلىقلار. بۇ سۆزلۈكلەرنىڭ سانى كۆپ بولۇپلا قالماي  ، بەلكى مەنا دائىرىسىمۇ ناھايىتى كەڭرى بولغان .ishtan بولسا دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى . روس تىلىغا ئېقىپ كىرگەن سۆزلەرنىڭ زادى قايسى تىلدىن كىرگەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئېنىق مەلۇماتلار بولمىسا ناھايىتى تەسكە توختايدۇ . لېكىن مۇئەللىپ ھەرخىل ماتىرىياللارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق شۇنداق ھۆكۈم قىلىدۇكى : ishtan دېگەن سۆزنىڭ چاغىتاي تىلىدىن كىرگەن بولۇش ئېھتىماللىقى ئەڭ چوڭ .
بىز ئاباي ئالدى بىلەن ichtonدېگەن سۆزنىڭ چاغىتاي تىلىدا ishtanغا قانداق ئۆزگەرگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتۇق .ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئاتالغۇ روس تىلىدىكى " ئىشتان" مەنسىنى بېرىدىغان штаны بىلەن ناھايىتى يېقىن كېلىدۇ ھەم ھەر ئىككىسىلا " ئىشتان " دېگەن مەنىنى بېرىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە "روس ئۆرۈپ ئادەتلىرى" دېگەن كىتاپتا  قەدىمقى دەۋرىدە روسلارنىڭ ئىشتاننىڭ بېلىگە تاسما باغلايدىغانلىقى ۋە ئىشتاننىڭ تېگىنى ئايىغىنىڭ ئىچىگە تىقىۋالىدىغانلىقى ياكى پۇتىنىڭ ھوشۇقىغا باغلىۋالىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. بۇ دەل قەدىمقى ئۇيغۇرمىللىتىنىڭ كىيىم كېچەك ئادىتىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇندىن باشقا  چاغاتاي تىلى ئەينى دەۋرىدە " مەجبۇرى قوللىنىدىغان " تىل بولغانلىقتىن ئەتراپتىكى ھەرقايسى جايلارغا بولغان تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ ، نۇرغۇن سۆزلۈكلەرنىڭ باشقا تىللارغا ئېقىپ كىرىشگە سەۋەب بولغان . штаны بۇ تىل بىلەن ئۇچىرىشىش ئىمكانىيتىگە ئېرىشكەن . شۇنىڭ بىلەن يۇقارقى بىرقانچە سەۋەبلىك ، مۇئەللىپ روس تىلىدىكى ئەسلى ئىشتان دېگەن سۆزنىڭ ئورنىنى ishtanئېلىپ، بۇ سۆزدە ئاھاڭ ، گىرامماتىكا ۋە مەنا جەھەتتە ئاز تولا روسچە ئۆزگىرىش بولغان .
ы دائىم قوش штаны  نى بىلدۈرىدۇ( روس تىلى ئاھاڭىدا ، ishtanسۆزى روس تەلەپپۇزىغا ماسلىشىش ئۈچۈن ، سۆز ئالدىدىكى "i" چۈشۈپ قېلىپ ، ئاخىرىغا " bl"قېتىلىپ волосы دەك ئۆزگەرگەن .) گىرامماتىكا جەھەتتە ресницы  قۇبۇل قىلىنىپ ، چاچ ، يۇڭ دېگەندەك قوشۇمچە مەنىلەرنىمۇ بەرگەن . مەسلەن ،клипсы (تىڭشىغۇچ) ، штаны (ئاياغ) دېگەنلەرگە ئوخشاش روس تىلىنىڭ قائىدىللىرىگە ماشلاشقان . مەنا جەھەتتە ishtanسۆزىنىڭ روس تىلىدىكى دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ بولغان . "روس - خەنزۇچە لوغىتى " دە ئۇنىڭ ئۈچ خىل مەنىسى ئىزاھلانغان . 1. ئىشتان . 2.(ھايۋانلارنىڭ پۇتىنىڭ يۈزى ) پۇت يۇڭى 3. مورىنىڭ ئىس ئۆتۈشمە يولى . ناھايىتى ئېنىقكى ، كېيىنكى ئىككى مەنىسىگە ئەگىشىپ يانداشما قوشۇمچىلاردىن نۇرغۇن سۆزلەرمۇ تۈزۈلگەن . مەسلەن ،штанина(بىر) ئىشتاننىڭ ئىككى ئۇچى ، штанишки باللارنىڭ كالتە ئىشتىنى ...ватныештаны (پاختا ئىشتان ) دېگەندەك... شۇڭا  روس تىلىدا مۇنداق ئىبارىلەرنىڭ بولىشى ھەيران قالارلىق بولمىسا كېرەك : остаться без штанов  )ۋەيران بولۇش ، يەنى نامراتلىقتىن كەيگۈدەك ئىشتىنىمۇ قالماسلىق...) .يۇقارقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى ishtanدېگەن سۆز روس تىلىغا خېلى بۇرۇنلا ئېقىپ كىرگەن .
3. ishtan نىڭ قايتىپ كېلىشى
ئۇيغۇر تىلى بىلەن روس تىلى 1871-يىلى روسىيە ئىلىغا بېسىپ كىرگەندە تېخىمۇ كەڭرى ئۇچراشقان . شۇندىن كېيىنكى 10يىل جەريانىدا ، روس تىلى ئىلىنىڭ ھۆكۈمەت تىلىغا ئايلانغان . شۇنىڭ بىلەن كۆپ مىقتاردىكى روس سۆزلۈكلىرى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى تەركىبىگە كىرىشكە باشلىغان . ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن ، ماركىزىمنىڭ كەڭ تارقىلىشى ،يېقىنكى دەۋرىدىكى ئىلىم پەننىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىشى نەتىجىسىدە ، شىنىجاڭ ۋە سابىق سۆۋىت ئىتىپاقىدىكى ھەرقايسى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئالاقىسى قويۇقلىشىپ ، پەن تېخنىكا ۋە سىياسىغا ئالاقىدار ئاتالغۇلار كۆپلەپ  يەن روس تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا كىرىشكە باشلىغان .ishtan بولسا دەل شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ ، يەنە ئىشتاننى بىلدۈرىدىغان shalwur( لاباكۇ ...دەپ قويىدىغان ئىشتان شۇ...-تەرجىماندىن)  ، burulka(ئىشتان ) ، gäläpiقاتارلىقلارمۇ كىرگەن . ئەمما ishtanدېگەن سۆز بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كەڭ مەنىنى بىلدۈرگەنلىكتىن (يەنى بەك خاسلىققا ئىگە بولمىغانلىقتىن ) ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنالىغان .
ئۇنداقتا شۇ چاغدىكى "ئىشتان" نى بىلدۈرىدىغان شىم ۋە تامبال ئاتالغۇلار قانداق بولۇپ ئورۇن بوشاتقان؟
ھەممىمىزگە مەلۇمكى باشقا تىلدىكى سۆزلەرنىڭ ئۆزلەشتۈرۈلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ېيڭى ئۇقۇمنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدە. 18-ئەسىردىكى روسىيە ، ئۆز ئىسلاھاتىنى تېزلەشتۈرۈپ ناھايىتى تېز تەرەققى قىلغانلىقتىن ، كونا كيىم كېچەكلەر تېزلا ئەمەلدىن قالغان . شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر تېزلا كىيىملەرنىڭ تۈرلىرىنى ئىنچىكە ئايرىشقا باشلىغان ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىشتاننىڭمۇ خىللىرى كۆپەيگەن . شۇنىڭ بىلەن يېڭى نۇسخىدىكى كېيىملەرنىڭ ئۇيغۇر ئارىسىدا پەيدا بولىشى بىلەن ، ئۇيغۇر مىللىتىمۇ بۇ خىلدىكى يېڭى  شەيئىلەرگە مۇئەييەن ئات قويۇشقا مەجبۇر بولۇنغان . شۇنىڭ بىلەن تەلەپپۇزدىكى قولايلىقى سەۋەبلىك  ، ishtanدېگەن سۆز يەنە قايتا ئۇيغۇر تىلىدا پەيدا بولغان . بۇ سۆز ئەسلى كىرگەندە shtan تەلەپپۇزدا كىرگەن بولۇپ ، كېيىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسىگە ماسلىشىپ ishtanغا ئۆزگەرگەن. بۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئەھۋاللاردىن : istakan     ( ئەسلى روس تىلىدا stakan)،ishkap( ئەسلى روس تىلىدا shkap) قاتارلىقلار ...بار. مەنا جەھەتتىمۇ پەقەت " ئىشتان" دېگەن مەنىسىلا قۇبۇل قىلىنغان بولۇپ ،بۇ ئەينى چاغدا بۇ سۆزنىڭ روس تىلىغا چاغاتاي تىلىدىن ئۆزگىرىپ كىرگەنلىكىنى تېخىمۇ جانلىق ئىسپاتلايدۇ.
ishtanدېگەن سۆز ئۇيغۇر تىل سۆزلۈكلەر سېستىمىسىغا كىرگەندىن كېيىن ، ئەسلىدىكى shimسۆزىنىڭ مەنىسىمۇ مۇئەييەن تەسىرگە ئۇچرىغان .يەنى Shim ئەرەنچە ئىشتان ، ئۇزۇن ئىشتان ھەم غەربچە ئىشتانلارنى كۆرسەتكەن . ئەمما  ishtanسۆزىنىڭ بولسا دائىرىسى كېڭىيىپ ، ھەرخىل ھەرياڭزا ئىشتانلارنى بىلدۈرگەن .
يۇقارقىلارنى خۇلاسىلىغاندا ، ishtan سۆزى ئەسلىدىنلا تۈرك تىلى سېستىمىسىدىكى سۆز بولۇپ ، چاغاتاي تىلى دەۋرىدە روس تىلى ئىستىمالىغا كىرىپ ، ئىستىمالدىن قالغان . كېيىن يەنە قايتىپ كېلىپ " ئەسلى مەنبەسى" نى تاپقان . گەرچە ئاھاڭ تەلەپپۇزىدىكى ئۆزگىرىش چوڭ بولمىسىمۇ ، ئەمما كىيىملەرنىڭ تەرەققىياتى ishtan دېگەن سۆزنى يېڭى مەناغا ئىگە قىلغان . ھەرگىزمۇ ئەينى دەۋرىدىكى " ئىشتان " مەنىسى ساقلىنىپ قالمىغان .
تىل - يېزىق بىر پارچە ئەينەكتەك جەمىئەت تارىخىنى ۋە مەدەنىيەت ئۆزگىرىشىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ ،شۇڭا سۆزلۈكمۇ دەل ھەرقايسى دەۋرىلەردىكى تەرەققىيات ئۆزگىرىشلەرنى ئىسپاتلايدىغان تىرىك يادىكار. بىز سۆزلۈكلەرنى  چىقىش نۇقتىسى قىپ تۇرۇپ ،ئەينى دەۋرىدىكى كىشىلەرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى ۋە ياشاش ئۇسۇلىنى ۋە  ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرىشىنى  چۈشۈنەلەيمىز ، ishtan دېگەن بۇ سۆزمۇ دەل بۇنى ئىسپاتلىدى . ئۇيغۇر تىلىدا ، "ئۆز يۇرتى"غا قايتىپ كەلگەن ishtan دېگەن سۆزدىن باشقا يەنە نۇرغۇن سۆزلەر بولۇپ دەل بىزنىڭ بايقىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا...


مەنبەلەر:

①"تۈركى تىللار دىۋانى " خەنزۇچە نەشىرى بىرىنجى بۆلۈم 336-بەت ،43-بەت ،117-بەت.
②" تۈركى تىللار دىۋانى " خەنزۇچە نەشىرى ، بىرىنجى بۆلۈم 40- بەت.
③  牛汝极 " ئۇيغۇر قەدىمقى يېزىقى ۋە قەدىمقى مەدەنىيەت ئوقۇشلۇقى" 85-بەت.
④  耿世民: " ئۇيغۇرلارنىڭ مانى دىنى ھەققىدە چۈشەنچە"
⑤ " تۈركى تىللار دىۋانى " خەنزۇچە نەشىرى ، بىرىنجى بۆلۈم 336- بەت.
⑥"تۇرپان تۈرك خاتىرلىرى" 7-بۆلۈم 26-بەت 9-10 -قۇرلار
⑦ 张良玺 "روس تىلى لوغىتى ". جىلىن ئۇنۋېرسىتىتى نەشىرى ، 1991-يىل ،182-بەت.
⑧   普罗霍罗夫روس مەدەنىيەت لوغىتى . 122-بەت.
⑨  "روس چوڭ لوغىتى " 2583-بەت.

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 09:26:17

ئۇيغۇر مىللىتى بىر قەدىمىي مىللەت بولۇپ ، ئىلگىرى “袁纥”、“乌护”、“乌纥”、“回纥”、“回鹘”、“畏兀儿” قاتارلىق ئاتىلىشلىرىمۇ بولغان . ئۇيغۇر مىللىتى قەدىمقى ئەجداتلىرى مىلادى 9 ئەسىردىن بۇرۇن «سۇ-ئوتلاققا بېقىنىپ ياشايدىغان » چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى باشتىن كەچۈرگەن . دەل شۇ زامانلاردا ، ئوۋچىلىقنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلى «ئىشتان» ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم كىيىملىرىدىن بىرى بوپقالغان .  
_________________________________________________

ماۋۇ گەپ  ،  ئۇيغۇرلار 9 ئەسىر ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنراق ئىشتان كىيىشكە باشلىغان دىگەن گەپمۇ يە ، مەن چۈشنەلمەي قالدىممۇ ؟


قېنى ھېلقى    مىڭ يىللىق بولغان ئاسارە  ئەتىقە  ئىشتاننىڭ تىمىسى ....  

مانا  تاپتىم    http://www.hawar.cn/news/2014/06/05/26231.shtml


ئەمما ماۋۇ تىما بەش يىل بۇرۇنمۇ بىر  يوللانغان تىمكەن ئىزدىنىشقا  ...

http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=36398&highlight=%D8%A6%D9%89%D8%B4%D8%AA%D8%A7%D9%86   

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 09:26:42

ئوپمۇ ئوخشاش  تەكرار  تىما  ...

qutluq9 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 09:33:33

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qutluq9 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-17 09:35  

tonنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسى «نىمچە»(ئۇزۇن چاپان)دېگەنلىك بولۇپ ، قەدىمقى دەۋردە كېيىم قىس بولغانلىقتىن «يېپىنچا»دېگەن مەنىنى بەرگەن .......

‹‹نىمچە››دېگەن‹‹كالتە چاپان ياكى كالتە تون›› دېگەنلىك بۇلا؟‹‹نىم ››پارىسچە يېرىم دېگەن گەپ ئىدى.

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 09:44:51

‹‹نىم ››پارىسچە يېرىم دېگەن گەپ ئىدى.
---
ھە، ئەمىسە نىمجان، نىمكەش دېگەنلەر ئۆلەي دەپ قالغان يېرىمجان، كونىراپ كەتكەن ئىككىنچى قول دېگەنلەرنىڭ ئورنىغا ئىشلەتسەك تامامەن بولىدۇ دېگەن گەپقۇ ھە. (ئىككىنچى قول دېگەن گەپ ئۇچرىسا كۆرۈنمە چاستوتىغا ئۇچرىغاندەك بوپ كېتىمەن، ئىسىمگە كىپ قالدى{:136:})

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 09:53:23

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنى ياكى قەدىمكى تىللارنى بىلمەي ئەسلى ۋەسىقىلەرنى بىر ياققا قايرىپ قۇيۇپ تۇرۇپ يات تىلدىكى تەرجىمە  مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ  ئەسلى تىلنى تەتقىق قىلىش تازا ئىلمىيلىك بولمىغان ئىشمۇ قانداق . {:136:}

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 10:31:07

ghalibjan يوللىغان ۋاقتى  2014-7-17 09:26 static/image/common/back.gif
ئوپمۇ ئوخشاش  تەكرار  تىما  ...

بۇ تېمىنى نەچچە يىل بۇرۇن تەرجىمە قىپ قويۇپتىكەنمەن...تۈنجى تەرجىمەمتى ،بۈگۈن قارىسام تۇرىدۇ ،شۇڭا يوللاپ قويدۇم.

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 10:55:58

ghalibjan يوللىغان ۋاقتى  2014-7-17 09:26 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇر مىللىتى بىر قەدىمىي مىللەت بولۇپ ، ئىلگىرى “袁纥” ...

3000 يىللىق ئاۋۇ ئىشتان ھەقىقەتەن كىشىنىڭ دېققىتىنى قوزغايدىكەن ، ئىشتاننىڭ ئۆزىلام 3000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولسا ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈلگەن كۆركەم ، ئۆلچەملىك گۈل-نەققىش ھېچ بولمىسا يەنە 1000 يىللىق مەدەنىيەتنى ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ .

kariz يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 10:57:19

پىچان ناھىيە ياڭخىي قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان 3300 يىل بۇرۇنقى ئىشتان. «تۇرپان گېزىتى» 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى سانىدىن ئېلىندى.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 12:12:19

تەرجىمانلار بەك كۆپقۇ ھە .

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 12:18:39

بۇرۇن مەن تەرجىمە قىپ يوللىغان ، ئىزدىنىشتا با بۇ تىما، لىكىن ماۋۇ تولۇق بوپتۇ

mollir يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 12:29:30

ton  يېپىنچا....
ئىشتان=ئىشتون
ئىچىدىكى يېپىنچىغۇ ئۇ ئۆزى......

jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 12:56:00

بىر قازاق  تونۇشۇم  بىر كۈنى كۈلېۋىرىدۇ ، ئۇيغۇرلار شىمنى ئىشتان دەيدىكەن ، دەپ .  ئىشتان دىمەي نىمە دەيدۇ ، دىسەم ، شىم دىمەمدۇ ، ئىشتان دەپ دىگەن ئىچىگە كىيىدىغان كالتە ئىشتان (كوسار)نى ، دەيدۇ ، دىمەسمۇ ، ئاچچىغىم كەلدى ،   شۇنىڭ بىلەن ، ھەي قازاق ، سەن  قوڭاڭغا ئىشتان كەيگىلى قانچىلىك بولدى ؟ شالۋۇر دەپ تېرە بىلەن ئوراپ يۇرەتتىڭ تېخى تۈنۈگۈنگىچە ، بىلمىگەندىكىن باشقىلارنى شاڭخۇ قىلماي ئۆزەڭگە قارا ،  دىدىم . كېيىن بىلسەم قازاقلار كۇسارنى ئىچتون ، ئىشتاننى سىم (شىم) دەيدىكەن .
:shutup:

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 14:26:26

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-17 14:27  

jaziyra يوللىغان ۋاقتى  2014-7-17 12:56 static/image/common/back.gif
بىر قازاق  تونۇشۇم  بىر كۈنى كۈلېۋىرىدۇ ، ئۇيغۇرلار شىم ...

ئاۋۇ مالچىنىڭ گىپىنىڭ ئاساسسى باردەك ھېس  قىلدىم ...


بەزىدە  بىزنىڭ تىلدىمۇ ناتوغرا ئەھۋال كۈرۈلدىكەن بۇنى باشقا  قېرىنداش  تىللارغا  سېلشتۇرۇپ بايقىۋېلىش مۇمكىن ئىكەن ... تۈركلەرنىڭ  ياغ + مۇر  دىيىشدىن بىزنىڭ تىلمىزدىكى ‹‹يامغۇر  ››دىگەن سۆزنىڭ ئازراق كالتا بوپ قالغانلقنى ھېس  قېلشىم  بۇنىڭ بىر  مىسالى ...

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 17:09:33

ghalibjan يوللىغان ۋاقتى  2014-7-17 09:26 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇر مىللىتى بىر قەدىمىي مىللەت بولۇپ ، ئىلگىرى “袁纥” ...

مىنىڭچە بۇ يەردە توغرىراق گەپ مۇنداق بۇلىشى كېرەك.
ئۇيغۇرلار 9-ئەسىردىن بۇرۇن كۆچمەن چارۋىچى ۋە ئوۋچى مىللەت بۇلۇپ، شۇ سەۋەبتىن ئىشتان كىيىش ئادەتكە ئايلانغان.

ئاتنى ئىشتان كىيمەي مىنسە سوڭگەچ، يوتىنى جاراھەتلەندۇرشى ئېنىقلا گەپ. ئەينى زامانلاردا رەخت ۋە باشقا ماتىرياللار كەڭتاشا بۇلىشى ناتايىن، ئىشتان تون ۋە باشقا ئۇزۇن كىيىملەرگە قارىغاندا  ئازراق ماتىريال بىلەنلا بەدەننى ياپىدۇ.  مىنىڭچە ئات مىنمەيدىغان ئوۋچىلارنىڭ ئىشتان كىيىشكە ئېھتىياجى چۈشىشى ناتايىن. ئامىركىلىق ئىندىئانلارمۇ ئوچى خەلق، لىكىن ئىشتان كىيمەيدىغۇ

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 21:44:26

ئاڭلاپ باقمىغان كىتابلار باركەن :

   .گوللاندىيە شەرقشۇناس ئالىمى تۈزگەن " تۈرك -ئەرەب لوغىتى
3Camalu’l- din ibnu’l- Muhanna  14-ئەسىردە " ئەرەب -تۈرك لوغىتى "
14-ئەسىردە A. Caferoglu تەرىپىدىن يېزىلغان "قەدىمىي تۈرك تىلى ئىزاھلىق لوغىتى
V. de V eliam inof- Zernof تەرىپىدىن 16-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا <<چاغاتاي تىلى ، قەدىمىي تۈرك تىلى لوغىتى>>
Gerard clauson دىكى Muhammad Mahdi Xan تەرىپىدىن 18-ئەسىردە يېزىلغان " چاغاتاي ،پارس تىلى لوغىتى"  

بۇ كىتابلاېنىڭ يىزىلغان يىلنامىسى خاتا بوپقالدىمۇ قانداق ؟
بەت: [1]
: تەرجىمە:ئۇيغۇرچە«ئىشتان»سۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشى