Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 07:34:02

ئۇيغۇر قەدىمىي خەت چەكلىرىگە نەزەر

خەلقىمىز قەدىم ، مەدىنىيەتلىك مىللەت . ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا ئىشەنگۈسىز مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان ۋە ھەممىدىن بۇرۇن ئىقتىساد ، قانۇن ،سىياسەت قاتارلىق ئونۋېرسال جەھەتلەردە تەرەققىي قىلغان مىللەت. ئۇيغۇر قەدىمىي خارابىلىكلىرىدىن ئەجدادلىرىمىز ئىشلەتكەن خەت چەكلەر ۋە قانۇن ۋەسقىلىرى دەل بۇنىڭ يەنە بىر دەلىلى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . بۇ خەت چەكلەردىكى مۇكەممەللىك- يەنى قانۇنىي يوچۇقنىڭ يوقلىقى ، ئېنىق ۋە ئىخچاملىقى پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى ھەيران قالدۇرماقتا .
مۇنداق قانۇن ۋەسقىلىرىدىن تۇرپان ۋادىسىدىن 200گە يېقىن تېىپىلغان بولۇپ ، بۇنىڭدىن پىرافېسسور مالوفنىىڭ ]قەدىمى تۈركى يازما يادىكارلىقلىرى [ دېگەن مەشھۇر ئەسىرىدە يەتتە پارچە خىلمۇ خىل ھۆججەت شەكىللىرى مىسال كەلتۈرۈلگەن .ئاخىرقى ]يەرنى ئىجارىگە بېرىش[دېگەن بىر ھۆججەتكە 28-دېگەن نومۇرنى قويغان . دېمەك مالوفنىڭ مۇنداق ھۆججەتتىن 28گە ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم . قالغانلىرىنى بولسا ،نېمىسلار ، ياپونلار ، ئەنگىلىيىلىكلەر ۋە باشقا چەتئەللىكلەر ئېلىپ چىقىپ كەتكەن . تۇرپاندىن تېپىلغان بۇ ھوقۇق ۋەسىقىلىرى : ئۈزۈم ، پاختا ، ياغ ، كۈنجۈت توغرىسىدىكى سودا ۋە قەرز ئېلىش ، قەرىز بېرىش ھەم يەر سېتىش ھەتتا قۇل سېتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، بۇ ھۆججەتلەرنىڭ تىلى ، شەكلى خېلى پىشقان . مەسلەن ، قەرز ئالغۇچىنىڭ ئىسمى ، قەرز ئالغان نەرسىسىنىڭ سانى ، ئۇنى قاچان تۆلەيدىغانلىقى ،ۋاقتىدا تۆلىمىسە ئۇنىڭ جازاسى ، گۇۋاھچى ئىمزاسى قاتارلىقلار يېزىلغان . دەل مۇشۇ دەۋرىدە ياۋروپالىقلاردا مۇنچىلىك پىشقان شەكىل بولغان ئەمەس . بۇ خىل شەكىل پەقەت ئەجدادلىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركى خەلقىلەردىلا بولغان . بۇنىڭغا ياۋروپالىقلارمۇ قايىل . تۆۋەندە بۇندىن 1300يىل بۇرۇنقى كىشىلەرنىڭ بۇخىل ھۆججەتلىرىنى كۆرۈپ باقايلى :
1
تەكلىكنى ئىجارىگە ئېلىش
مەنكى قايتو، ئىشلەپ پايدىلىنىش ئۈچۈن كۇچارلىق مىسىرنىڭ تەكلىگىنى ئىجارىگە ئالدىم . مەن ئىشلەپ پايدىلانغان ۋاقت ئىچىدە مىسىرغا ئەل نەقى يەر ئىجارە ھەققى تۆلەيمەن . لېكىن بۇ تەكلىكنىڭ ئەسلى ئىگىدارچىلىقى مىسىردا بولىدۇ .قايتودا بولمايدۇ.
                                  شاھىدلار :
                                  بەك بوقا
                                                  بۇ بارماقلار بىزنىڭكى
                                   ئەلچى      
بۇ ھۆججەتنى مەنكى قايتو مىسىرنىڭ ئېيتىپ بېرىشى بىلەن ئۆزەم يېزىپ چىقتىم .


2
كۈنجۈت قەرز ئېلىش
ئېيىق يىلى ، ئالتىنجى ئاي ، ئاي بېشى 10-كۈنى مەنكى كاۋسىدۇ ، ياغا ئېھتىياجىم بولغىنى ئۈچۈن ئىل تۆمۈردىن بىر كىيۇرى كۈنجۈت ئالدىم . كۈزدە ئۇنى ئىككى كىيۇرى كۈنجۈت قىلىپ قايتۇرىمەن . ئەگەر مەزكۇر قاراردا قايتۇرالمىسام خەلق ئىچىدىكى ئادەت بويىچە ئۆسۈمىنى تۆلەيمەن . ئانۋادا مۇشۇ ئارىلىقتا تۆلىيەلمەي ئۆلۈپ كەتسەم ، مېنىڭ بىر تۇغقان ئىنىم كاسۇك مەسئۇل بولۇپ ، قېرىنداشلىرىم بىلەن تولۇق ھالد تۆلەپ بېرىدۇ .
                                شاھىدلار بارماقلىرىمىزنى باستۇق :
قابان
بونغاق
بۇ ھۆججەتنى مەن كاۋسىدۇ ئۆز قولۇم بىلەن يازدىم .

س.ي.مالوف بۇ ھۆججەتلەرنىڭ 10-ئەسىردىن 13-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا يېزىلغانلىقىنى پەرەز قىلىدۇ .شۇ مەنىدە ئېيتقاندا مىڭ يىللار ئالدىدا يېزىلغان بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ھازىرقى ھۆججەتلەردىن شەكلى ، تىلى جەھەتتىن قانچىلىك پەرقى بار ؟ بىز ۋاقت جەھەتتە تېخىمۇ بۇرۇن بولغان يەنە بىر ھۆججەتنى كۆرۈپ باقايلى :
            
3
بوزگە خوتۇن سېتىش )ياكى سېتىۋىلىش(
مايمۇن يىلى، چاشكا پوت ئېيىنىڭ بېشى 2-كۈنى بىزكى : تېدىملىگ قارا بوقالار تۇرمۇشتا قىسىلىپ كەتكىنىمىز ئۈچۈن خوتۇنلىرىمىزنى قۇتلۇق ]"بەختلىك"[نامغا ساتتۇق . خوتۇنلىرىمىزنى قۇتلۇق تۆمۈر150توپ بوزنى نەق تۆلەپ سېتىۋالدى . بىزكى تېدىملىگ قارا بوقالار مەزكۇر 150توپ بوزنى ھەغدا تۇرۇپ قولمۇ-قول تاپشۇرىۋالدۇق . مەن قۇتلۇق تومۇرمۇ تولۇغى بىلەن تاپشۇرۇپ بەردىم .
مەزكۇر خوتۇنلار مىڭ يىللار ، ئون مىڭ كۈنلەر قۇتلۇق تومۇرنىڭ ئەمرىدە بولىدۇ . خوتۇنلار ياراپ قالسا ئۇنىڭ ئىلكىدە قالىدۇ . ئەگەر ياقمىسا ئۇ باشقا بىرىگە سېتىۋىتىشكە ھەقلىق .
بىز ئاكا - ئۇكا تېدىملىگ قارا بوقالار شۇنى ئىسپاتلاپ ئەيتىمىزكى ، بۇ خوتۇنلار بىزنىڭ بولۇپ ، بۇلار توغرىسىدا ھېچقانداق ئادەمنىڭ دەۋا-دەستۇرى يوق . بۇلارغا ھېچقانداق ھاكىمدار كۈچ ئىشلىتىپ )خوتۇنلار مېنىڭ دەپ قول ئۇزىتىشقا ( ھەققى يوق . بۇ ھەقتە خوتۇنلار باشقىچە گەپ قىلسا ئۇ كۈچكە ئىگە ئەمەس . بۇ خوتۇنلار قۇتلۇق تومۇرنىڭ ئەمرىنى ئاڭلىمىسا ئۇلارنى قۇتلۇق تومۇرھەتتا ئۆلتۈرىۋىتىش ھوقۇقىغا ئىگە . خوتۇنلارنى تالاشقان ئادەملەر ئۆلۈمگە مەھكۇم . ئەمما قۇتلۇق تومۇرگە ھېچ گۇناھ كەلمەيدۇ.
گۇۋاھچى : تىيۇرادۇ ؛ گۇۋاھچى : تورۇر  ؛  گۇۋاھچى :موڭسوز   ؛   گۇۋاھچى : توييىن ؛ بۇ تامغىلار بىزكى تېدىملىگ ۋە قارا بوققالارنىڭ .بۇ ھۆججەتنى مەن توڭمە باخشى تېدىمىلىگ قارا بوقالارنىڭ ئېغىچە ئېيتىپ بېرىشىگە ئاساسەن يېزىپ چىقتىم . بۇنىڭغا گۇۋاھچى مەن موڭسۇز تامغامنى باستىم . بۇ تامغا مەنكى گۇۋاھچى تۇراجىنىڭ .بۇ تامغا مەنكى تونيىنىڭ ، بۇ ئاساسى ھۆججەت قۇتلۇقتا تۇرىدۇ ..

بۇ ھۆججەت قۇللۇق تۈزۈمىدىن ھېچ بولمىغاندا قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرىدىن گۇۋالىق بېرىدۇ . شۇڭا بۇ ھۆججەتنى ۋاقت جەھەتتىن 5-6-ئەسىرگە  ، ھېچ بولمىدى دېگەندە 7-ئەسىرگە تەئەللۇق دەپ ئېيتىش مۈمكىن . يۇقارقى ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسى كونا ئۇيغۇر يېزىغىدا يېزىلغان بولۇپ ، ھەممىسى تۇرپاندىن تېپىلغان . دېمەك بىزنىڭ ئاتا-بوۋىللىرىمىز بۇنىڭدىن 1300يىللار ئىلگىرى ئەنە شۇنداق ھۆججەتلەرنى يېزىشنى بىلگەن . بۇ پاكىتلار شۇ چاغدىكى ئۇيغۇر جەمىئىتىنىڭ ئىجتىمائىي خاراكتىرىنىمۇ ، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ دەرىجىسىنىمۇ ، ئىشلەپچىقىرىش خىللىرىنىمۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىنكاسى بولغان مەدەنىيەت دەرىجىسى ۋە ئۇنىڭ خاراكتىرىنى كۆرسىتىدۇ .
بۇلاردىن باشقا ]مىزان [دىن ئىستەيىن قېزىپ تېپىپ ئېلىپ كەتكەن ۋە ئۇنىڭ 1912-يىلى نەشىر قىلدۇرغان ]ئەڭ ئىچكى ئاسىيا [ دېگەن كىتاۋىنىڭ 2-3-توملىرىدا ئېلان قىلىنغان ھەربى ھۆججەتلەرمۇ قەدىمقى مەدەنىيەت پەللىمىزنىڭ نەقەدەر يۇقىرىلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ . ئۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇن تىبابەت ھۆججەتلىرىمۇ بولۇپ ، ھېلىغىچە جاھان ئەھلىنى ھەرجەھەتتىن قايىل قىلماقتا!)بۇ ھەقتە ماقالىمىزنىڭ كېلەركى سانىدا يەنە توختىلىمىز(

دېمەك ، مىللىتىمىزنىڭ قەدىمقى مەدەنىيەت پەللىسىنىڭ يۇقىرىلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ . ھەتتا جاھان ئەھلىمۇ بۇنىڭغا قايىل . لېكىن بىز ئەۋلادلارنىڭ ۋەزىپىمىز - يۇقارقىلاردىن پەخىرلىنىش بولماستىن ، بىزىدىن كېيىنكىلەرمۇ پەخىرلەنگۈدەك تارىخ ئىزلىرىنى يارىتىش ئەلۋەتتە!!!

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 09:53:31

ئېيىق يىلى ، ئالتىنجى ئاي
مايمۇن يىلى، چاشكا پوت ئېيىنىڭ بېشى 2-كۈنى
مۇشۇ يىلنامىلەرگە قىزىقىپ قالدىم.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 12:17:45

مۇشۇنداق بىلىملەرنى يوللاپ تۇرۇڭ قېرىندىشىم .ئادەم بەك شاتلىق ھېس قىلىپ قالىدىكەن .{:112:}{:112:}{:112:}{:112:}{:112:}{:112:}{:112:}

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 13:11:22

خوتۇننى ساتتۇق دەيدىغۇ ؟

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 20:25:58

توۋا خۇدايىم ما كارامەتنى كۈرۈڭ ئەمدى:funk:

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 23:27:06

komdiye يوللىغان ۋاقتى  2014-7-17 20:57 static/image/common/back.gif
تىما ئىگىسى:
سىز تۇرپان شۇناسمۇ؟ قىدىمقى ئۇيغۇر يىزىق ...

بۇ ئېسىمدە قېلىشىچە 7 يىل بۇرۇن مەلۇم مەنبەدىن كۆچۈرۈلگەن. مەنبە ئىشەنچلىك . ئۆز خاھىشى بويىچە ئۆزگەرتىۋالغان ئىش يوق. ئەسلى مەنبەدە رەسىم بارمۇ يوقمۇ بىلمەيمەن.
سىز تۇرپانشۇناس بولسىڭىز، سىزنىڭ پىكرىڭىزگە كۆپرەك ھۆرمەت قىلىمىز. ئەمما سۆزلىرىڭىز دەلىللىك ،ئەتراپلىق ،توختاملىق بولسا بەك ياخشى.
بۇنى خىرىستىئان بەدبەختلەرنىڭ ئىشلىرىغا ئوخشاتقىنىڭىز ياخشى بولماپتۇ.
ئەگەر بۇنىڭ مەنبەسى ۋە رەسىملىرى كېرەك بولسا،ئىنشائاللاھ ،مەن ئىزدەپ باقاي...تاپالىسام يوللاپ قويارمەن.

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 23:43:21

بۇنىڭدىن پىرافېسسور مالوفنىىڭ ]قەدىمى تۈركى يازما يادىكارلىقلىرى [ دېگەن مەشھۇر ئەسىرىدە يەتتە پارچە خىلمۇ خىل ھۆججەت شەكىللىرى مىسال كەلتۈرۈلگەن .ئاخىرقى ]يەرنى ئىجارىگە بېرىش[دېگەن بىر ھۆججەتكە 28-دېگەن نومۇرنى قويغان . دېمەك مالوفنىڭ مۇنداق ھۆججەتتىن 28گە ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم .
-----------
سىز تۇرپانشۇناس بولغاندىن كېيىن پىروفېسسور مالوفنىڭ ئاۋۇ كىتاۋىنى تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرۇپ باقسىڭىز بولىدۇ.ئەسلى رەسىمى ھەم شۇ كىتابتا چوقۇم بولىشى مۈمكىن.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 09:00:28

Uyghur يوللىغان ۋاقتى  2014-7-17 23:43 static/image/common/back.gif
بۇنىڭدىن پىرافېسسور مالوفنىىڭ ]قەدىمى تۈركى يازما ياد ...

پىرافېسسور مالوفنىىڭ ]قەدىمى تۈركى يازما يادىكارلىقلىرى
ۋىكىپېدىيا قامۇسىدا، بۇ روس تەتقىقاتچىسىنىڭ ئەسەرلىرى تىزىلىپتۇ، بۇنىڭ ئىچىدە  سىز دىگەن ئەسەرمۇ باردەك قىلىدۇ :
http://en.wikipedia.org/wiki/Sergey_Malov

melek يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 09:56:52

ئاۋۇ خوتۇن سېتىش ھۆججىتى دەھشەتكەنغۇ؟!
بۇ خوتۇنلار بىزنىڭ بولۇپ، بۇ توغرىسىدا ھېچكىمنىڭ داۋا-دەستۇرۇ يوق......
ۋاي ئاللاھ....


مەن كىلاسسىك ئەسەرلەردىكى تىل -ۋە بايان ئۇسلۇبىغا، باھادىرنامىدىكى خەت-چەكلەرنىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبىغا بەك قايىل...
ئاللاھقا ھەمدۇ -سانا ئېيتىۋەتكەندىن كېيىن، تويۇنغان پەلسەپە ۋە پاساھەت بىلەن سىلى ئۆزلىرى، دەپ بەك پەيزى ئىپادىلەيدىكەن.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 11:54:59

تۇرپان مۇزىيىغا كىرىپ باقتىم. قەدىمكى خەت چەكلەر دىگەن يەرگە ساپلا تۇرپاندىن تېپىلغان خەنزوچە يىزىقتىكى ھۆججەتلەرنى قويۇپتۇ. تەخمىنەن 10 دىن بىر قىسىم ئورۇنغا قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقى ۋە باشقا يىزىقتىكى ھۆججەتلەر باركەن...
بىر مەلوماتتا ئېدىقۇت خانلىقى دەۋرىدە 17 خىل يىزىقتا بىسىلغان ھۆججەتلەر بار ئىدى دەپ خاتىرلىنىپتىكەن. غەيرەت ئوسمان يازغان قەدىمقى تارىم مەدىنىيىتى ناملىق كىتاپتا كۆرگەندەك قىلغانتىم.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 12:13:41

بۇ خەتلەردە دىيىلگەن خوتۇن  ئايال قۇل -دىدەكلەرنى كۆرسەتسە كىرەك

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 13:23:37

komdiye يوللىغان ۋاقتى  2014-7-17 20:57 static/image/common/back.gif
تىما ئىگىسى:
سىز تۇرپان شۇناسمۇ؟ قىدىمقى ئۇيغۇر يىزىق ...

بۇ قارىشىڭىز خاتا، ئۇيغۇرلار يازما ھۆججەت ،كىلىشىم،ۋەسيەت قاتارلىق ئىجتىمائىي كىشلىك ھوقوق تۈزىمىنى ئورناتقان چاغدا باشقا تۇركىي قەبىلىلەر(تۈرۈكلەرمۇ) تىخى يايلاقتا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن ياشاۋاتقان ئىدى.
مۇشۇ گېپىڭىزدە دەۋرنى كۆزدە تۇتتىڭىز. تەپسىلىيرەك دەپ باقامسىز. ئۇيغۇرلار دېگەندە تارىم ۋادىسىدىكى گەپمۇ ياكى موڭغۇلىيەدىكى گەپمۇ؟

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 22:25:15

komdiye يوللىغان ۋاقتى  2014-7-19 22:02 static/image/common/back.gif
مۇڭغۇلىيەدە پەقەتلا باشقۇرۇش باش ئاپاراتى قۇرۇلغان ...

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىم ۋادىسىغا ھۆكۈمرانلىق قىلمىغان تۇرسا.   ئۇنىڭ ئۈستىگە قىرغىزىستانلىقلارنى ئەڭ ئاخىرىدا شەھەرلەشكەن دەپسىز. قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ دەسلەپكى پايتەختى بالاساغۇن، ئۇنىڭدىن باشقا ئوش قاتارلىق شەھەرلەر يېقىنقى زاماندا بىنا بولغان شەھەرلەر ئەمەسقۇ.
سەمەرقەنت، بۇخارا، قەشقەر، خارەزىم، قازان دېگەن شەھەرلەرنىڭ ئالدى 2500 كەينى 1500 يىلدىن ئوشۇق تارىخقا ئىگە شۇ جايدىكى تۈرك قوۋملارنى ئورخۇندىكى ئۇيغۇرلاردىن كېيىن شەھەرلەشتى دەمدۇق؟
تۈركنى ئايرىم بىر قەبىلە دەپ قارايدىغان ئوخشىمامسىز؟
ياكى سىز دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنى ئۇيغۇر، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنى ئۇنىڭدىن باشقا تۈركى قەبىلە دەپ قارامسىز؟
بەت: [1]
: ئۇيغۇر قەدىمىي خەت چەكلىرىگە نەزەر