tashadem يوللانغان ۋاقتى 2014-7-16 17:25:26

«ئاسمىنى يوق شەھەر» ناملىق بىر يۈرۈش شىنجاڭ مۇزىكىلىرى توغرىسىدا

«ئاسمىنى يوق شەھەر» ناملىق بىر يۈرۈش شىنجاڭ مۇزىكىلىرى توغرىسىدا


لى گۇاڭپىڭ
(مۇزىكانىت، مۇزىكا ئوبزورچىسى)



1. تۇغۇلۇش. خەلق كۈيلىرى
بۇ مۇزىكىنىڭ روھى سوۋغىسى بولۇپ، تەڭرىتاغدىن  كەلگەن.
ئابدۇخېلىل جوڭگۇ ناخشا سەھنىسىدىكى ئۆزىگە خاس يول تۇتۇپ ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان سەنئەتكار. شەنشى پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ خەنزۇتىلى كەسپىنى پۈتتۈرگەن بۇ ئۇيغۇر يىگىت ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈن- تىنسىز ئەمگەك قىلىدىغان شائىرلىق يولىنى تاللىۋالىدۇ. خەلق مۇزىكىلىرىغا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلايدۇ. 2001- يىلى بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ ھەرقايسى ئەللەرنىڭ خەلق مۇزىكىلىرىنى ناھايتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگىنىدۇ، كىتاب ئۇقۇپ نۇرغۇن خاتىرە قالدۇرىدۇ. شۇ جەرياندا گۈزەل بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن ئۇچرىشىپ توي قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا دۇنياۋى سالاپەتكە ئىگە نادىر پىلاستىنكىسى «ئاسمىنى يوق شەھەر» نى روياپقا چىقىرىدۇ.
ئابدۇللا شىنجاڭدىكى ھەممە ئادەم بىلىدىغان «ناخشا شاھى». ئۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تۇمشۇق شەھىرە تۇغۇلغان بولۇپ، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئۇنىڭ ناخشىلىرى يىپەك يولىدىن ھالقىپ تۈركىيە قاتارلىق ئەللەرگىچە تارالغان. تۈركىيە زوڭتۇڭى جوڭگۇغا زىيارەتكە كەلگەندە ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى قويغۇزۇپ ئاڭلىغان .
ئۇلارنىڭ ئۇچرىشىشى شىنجاڭنىڭ مۇزىكا تارىخىدا بەلگىلىك ئىز قالدۇرغان «ئاسمىنى يوق شەھەر» ناملىق پىلاستىنكىنى روۇياپقا چىقارغان. بۇ خەلق كۈيلىرىنى ئاساس قىلغان پىلاستىنكا بولۇپ ئادەمنى شۇنچىلىك ھەيرەتكە سالىدۇ: شۇنچىلىك ئاددىيكى، ئىشلىتىلگەن مۇزىكا ئەسۋابلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مۇزىكا ئەسۋابلىرى، لېكىن مۇزىكىنىڭ رەڭدارلىقى قەلبلەردە رازىمەنلىك پەيدا قىلىدۇ. «بارچۇق يولى» دىن تارتىپ «ئانا تىل»نىڭ باغرىدا ئۆسۈپ يېتىلىدۇ؛ «ئاسمىنى يوق شەھەر» دىكى ھەسرەت، «ئامان بول» دىكى مۇھەببەت، «مەشرەپ» تىكى قايتىلاش، «ئاكاتسىيەدىكى كاككۇك» نى ئەگىپ يۈرگەن  ئازاب ۋە ئىڭراشلاردىن بىز قۇملۇقنىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىدىن چىققان قەلب تىۋىشلىرىنى ئاڭلايمىز.
2. قول ھۈنەرۋەنچىلىك. توپا
ئابدۇخېلىلنىڭ تارتىنچاق، قەيسەر ۋە چىدامچانلىقى، ئىجتىمائىي نەزەر دائىرىسى ۋە مۇزىكا قارشى، ئىتقاد ۋە مۇقام مۇزىكىلىرىغا بولغان ئۆزگىچە چۈشەنچىلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ مۇزىكىدا دەسلەپكى قەدەمدە ئەكس ئەتكەن: ساپالدىن ياسالغان قول- ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى. قەلبنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدىن چىققان ئىجادىيەت، ئابدۇللانىڭ ياڭراق ۋە يېقىملىق ئاۋازى بىلەن قوشۇلۇپ كۆز ئالدىمىزدا تېخىغىچە ئېچىلمىغان دۇنيا مۇزىكىسىنىڭ يېڭى خەلق كۈيى سۈپىتىدە نامايەن بولىدۇ. ئۇلار جوڭگۇنىڭ ئەڭ يىراق غەربىدىكى چېگرادا تۇرۇپ يەڭگىل ئىڭراپ،  شاۋقۇنلىق شەھەرنىڭ روھى پارتىلىشىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق مۇزىكىنى سىز جوڭگۇ، ھەتتا دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر تەرەققى قىلغان ئەلدە ئاڭلىيالىشىڭىز ناتايىن.
پىلاستىنكىدىكى مۇزىكىلار پۈتۈنلەي تۇمۇشقا چۆككەن. مەن بىرىنچى ناخشا «بارچۇق يولى» دىن تارتىپ مۇزىكىغا ئەگىشىپ لەھزە ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر مۇزىكىلىرىدىكى خەلق ناخشىلىرىغا قايىتتىم. يوللاردا مەكتەپكە كېتىپ بارغان خۇشخۇي چىرايلار، غايەت زور كۆلەمدىكى ئورمانلىق، ناۋاتتەك تاتلىق ئۈرۈكلەر، توپىلار ئۇچۇپ تۇرغان يېزا يولى. ناخشا تۇمۇش بىلەن مانا مۇشۇنداق بىرلەشكەن. خەلق ئارىسىدىن كەلگەن بۇ ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى ئابدۇللا تۇمشۇقنىڭ بىڭتۈەن دېھقانچىلىق مەيدانىدىن خاتىرىلەپ ئالغان. ساپاينىڭ ئاۋازى  بىلەن مۇھىت بىلەن بىرلىشىپ مۇزىكىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان، ناخشا تېكىستى قەلبكە ئۇدۇللا تېگىپ، سىزنى خىيال ۋە تەپەككۇرغا سۆرەپ كىرىدۇ.
مەن ئىلگىرى جەنۇبى شىنجاڭنىڭ قەشقەر، مارالبېشى، يەكەن، مەكىت، پوسكام، قاتارلىق جايلىرىغا ساياھەت قىلغان. بۇ يەرنىڭ قۇيۇق مۇزىكا مەنبەسىدىن ئىلھاملىنىپ خېلى كۆپ مۇزىكا ئىجاد قىلغان. بىراق بىزنىڭ مۇزىكىمىز بىلەن ئابدۇخېلىلنىڭ مۇزىكىسى ھامان ئوخشىمايدۇ. ياقا يۇرتتىن كەلگەن ئادەم بىلەن شۇ يۇرتنىڭ مۇھىتى، تىنىقى، قان تۇمۇرى، كەچۈرمىشىلىرى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن ئادەمنىڭ ھېس تۇيغۇسىدىكى كەڭلىك بەربىر ئوخشىمايدۇ.
ئابدۇخېلىل، ئابدۇللا ۋە ئۈنگە ئالغۇچى مۇزىكانتلارنىڭ ھەممىسى مۇزىكا توغرىسىدا ئىزدەنگۈچىلەر بولۇپ، بۇ پىلاستىنكىدىكى مۇزىكلارنى ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ ياخشى مۇنەۋۋەر چالغۇچىلار ئۇرۇنلىغان: ساتار، دۇتتار، ساپايى، قالۇن، داپ قاتارلىق ئۇيغۇر چالغۇلىرى ناھايتى ماھىرلىق بىلەن چېلىنغان. شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئۈنگە ئالغۇچى يادىكار ئابدۇسالامنىڭ تەڭشىشى بىلەن خەلق ناخشىلىرىدىكى ئازاب ۋە نالە پۈتۈنلەي ساقلىنىپ قالغان.
3. ناخشا ئېيىتقاندىكى قىياپەت
ناخشا ئېيتىش ناھايتى مۇرەككەپ بولغان بىر روھى تۇرمۇش، ناخشا ئېيتىشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ بىر خەلق ئۈچۈن ناخشا ئېيتىشتا قانداق قىياپەت بولۇشى كېرەك؟ چاڭ- توزانغا يۈزلىنىش كېرەكمۇ ئىبادەتخانغا يۈزلىنىش كېرەكمۇ؟ بۇ دەۋر ۋە زاماننىڭ ئالدىمىزغا تاشلىغان قىيىن سۇئالى.
ئابدۇخېلىل بىلەن ئابدۇللانىڭ ھەر ئىككىلىسى بۇ قيىن سۇئالغا دۇچ كېلىدۇ. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە «ئاسمىنى يوق شەھەر» دېگەن بۇ پىلاستىنكىدا ئۇلار بىزگەن ناھايتى لايىقىدا جاۋاب بەرگەن: توپىغا دەسسەپ تۇرۇپ، قەلب بىلەن ناخشىغا يۈزلىنىش ئۇلار ئىككىسنىڭ ئورتاق ھوقۇقى ۋە بەختى، مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى. بۇنداق قىياپەتتە تۇرۇپ ئېيتىلغان ناخشا ناخشىچى بىلەن شائىردا ئەڭ ئەقەللى، ئەڭ ماھىيەتلىك تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ. تۇرمۇشنىڭ ئېگىز- پەسلىكلىرى ئىچىدىن مۇزىكىنىڭ گۈزەللىكىنى بايقاش، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدىن ئىنسانيلىقنىڭ گۈزەللىكى بىلەن رەزىللىكىنى قېزىش قاتارلىق.
مۇزىكا ئىنساننىڭ قەلبىدىكى تۇيغۇلارنى تىلدىنمۇ بەكرەك بىۋاستە، ھېس تۇيغۇنى ئەڭ يۇقىرى درىجىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان سەنئەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، شېئىرىيلىق بىلەن گۈزەللىكىنى ئۆزىنىڭ يادروسى قىلغان بولىدۇ. ئابدۇخېلىل بىلەن ئابدۇللانىڭ «ئاسمىنى يوق شەھەر» دەل مانا مۇشۇنداق سوۋغاتتۇر.
توردىكى ئادىرىسى:
http://music.douban.com/subject/25829208/
ئاپتۇرنىڭ 《腾讯 • 大家》دىكى يازمىسىدىن  تەييارلاندى.

bahram710 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-16 19:51:20

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bahram710 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-16 20:07  

بولىدىغان ناخشىلىكەن....

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-16 20:01:58

bahram710 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-16 19:51 static/image/common/back.gif
ناخشىلىرى مىيەدە باكەن...
http://www.yyq.cn/cloud/player?5697984-1,5697985-1,569 ...

مۇشۇنىڭ MTV سىنى تاپقىلى بۇلارمۇ؟

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-16 20:11:54

بىر  خەلق ناخشىسىدا شۇ مىللەتنىڭ خاراكتېرىنىڭ تامغىسى بار. بېسىلىپ كەتكەن تامغىنى يۇيۇۋەتكىلى بولمايدۇ،ئۈستىگە يەنە باشقا تامغا باسسا ھېچقايسى تامغىنى كۆرگىلى بولماي قالىدۇ.

ھېلىمۇ تونۇلۇش كېرەك،تونۇتۇش كېرەك دۇنياغا بىلدۈرۈش كېرەك دېگەن قالپاقلار ئاستىدا نۇرغۇن تەرجىمە قىلىنماسلىققا تېگىشلىك ناخشىلار زورلاپ تەرجىمە قىلىندى. ئابلەت ئابلىكىمنىڭ ئۆتكۈنچى دەۋردىكى ئاكوردلاشتۇرۇش ئۇسۇلىدا «ئۇۋالىم»،«ئايدىڭ كەچلەردە»دەك نادىر ناخشىلار تەرجىمە قىلىندى. مۇزىكىسىغا بىرەر تال تەمبۇرنى قېتىپ قويۇپ، ئاتالمىش«مىللىي پۇراق»نى ساقلاپ قالغان بولدى.بۇلارغۇ ئاممىباپ ناخشىلار،بوپتۇ دەيلى. ئەمدى خەلق ناخشىلىرىغا نۆۋەت كەلگەنمۇ قانداق، «ئامان بولسۇن»دەك ناخشىلار(يەنە كۆپتى،يادىمغا قالغىنى مۇشۇ بوپتۇ)خەنزۇچە تېكىست سېلىنىپ ئېيتىلىۋاتىدۇ.«مەزمۇنىنى چۈشەنمەيدۇ»دەپ شۇنداق قىلغان گەپمۇ ئەمدى، خەنلەرگە خەلق ناخشىمىزنى خەنزۇچە ئېيتىپ بېرىشنىڭ زادى نېمە زۆرۈرىيىتى بار؟ ئاڭلىغىدەك سەبرى، ئىقتىدارى بولسا ئۇيغۇرتىلىدىكىسىنى ئاڭلايدۇ، سەبر ئىقتىدار بولمىسا قاندالا تىلدا ئېيتىپ بەرسە بىكار،بىزنىڭ ناخشا ئۇسۇلىمىزنى زادى باشقا مىللەتلەرگە تونۇشتۇرماي بولمامدىغاندۇ دەپ قالدىم يېقىندا مۇشۇ توپا چىراي پلاستنكىدىكى «祝你平安»دەپ تېكىست سېلىنىپ ئېيتىلغان«ئامان بولسۇن»نى ئاڭلاۋېتىپ.
«چىمەن ئىچىدە»دىكى ئامىنە خانىمنىڭ ئاكورد ئاۋازىنىڭ كۈي ئورنى نېمىشقا خاتا؟
نېمە قىلىدىغان سەنئەتكاركەن بۇ ئابدۇخېلىل دېگىنى.

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-16 20:12:33

بارچۇقنىڭ يولى دىگەندىن باشقىلىرى خەنزۇچىكەن، يۇقىرقى يازمىدا دىگەندەك دىماقنى يارىدىغان ئەنئەنىۋىي پۇراق قەتئىي يوق. شۇ بىر ناخشىدىن باشقىسى قەتئىي ياقمىدى.
مۇشۇ كۈنلەردە ئوردا شائىرلىرى جىقلاپ كىتىپ بارىدۇ {:92:} تېمىنى ئۇقىسا ھاياجان، ئۆزىنى كۆرسە نىمجان قىلىۋاتىدۇ زادى

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-7-16 21:34:22

قانداق ئاڭلىغىلى بولىدىكەن ؟ توردا ئاڭلىدىڭلارمۇ ياكى پىلاستىنكىنى سىتىۋىلىپ ئاڭلىدىڭلارمۇ ؟

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-16 22:28:29

kvzyapriqi يوللىغان ۋاقتى  2014-7-16 20:11 static/image/common/back.gif
بىر  خەلق ناخشىسىدا شۇ مىللەتنىڭ خاراكتېرىنىڭ تامغىسى  ...

ئوردا شائىرى خالاس، خاننىڭ كۆڭلىگە ياققاننى قىلىدىغان سەنئەتكار ئوخشايدۇ.
يەنە بىر نەچچە يىلدا خەلق ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ چۈشەنگىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ.

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 05:05:56

ئابدۇخېلىل دېگىنى  65亿分之1的诗与歌 دېگەن ئۇلۇغ پىلاستىنكىنى چىقارغان ناخشىچى  شۇمىدۇ؟{:122:}

Forgetme15 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 10:25:12

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم چوڭىغانسىرى قاملاشمىغىلى تۇردىمۇ قانداق؟بۇ پىلاستىنكىسىدىن ئۇيغۇر خەلقى پەخىرلىنىدىغان ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنى تاپالمىدىم،توي بولىۋاتقان ئۆيدە داپ دۇتتار چېلىپ خەنزۇچە تىلدىكى ئۇيغۇرچە خەلق ناخشىسىنى نىمە دەيمىز؟

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 12:05:32

ئەجەپ بىر ئىش...

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 12:36:52

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dillani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-17 12:38  

بىرچاغدا بىرسى  گۈللالە نى خەنزۇچە قوش ئاۋازلىق ئوقۇغانتى،كىيىنچەيەنەبىرسى مۇنداق ناخشىنى سورۇنلىرىمىزدا ئوقۇپ يۈرگەنتى :
دۇتتارچېلىپ زوخاڭلا،                         دۇتتار چېلىپ 坐行啦
يادىمغا نى لەيلا .                               يادىمغا 你来啦
دەردىڭ بولسا شو يارىم                     دەردىڭ بولسا 说يارىم
مۇڭداشقىلى ۋۇ لەيلا .                       مۇڭداشقىلى    我来啦
  بۇنىڭدىن باشقا ئازئەمەستى شۇنداقلىرى ،ماۋۇلىرى شۇچاغدىكى سادىي بەڭنىڭ ناخشىسىدىن ياخشىراقكەنغۇ .

owchi99 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 14:25:40

كىم بۇ ئابدۇخېلىل دېگىنى؟ 30 يىل كىتاب ئوقۇپ بۇ «شائىر»نىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ باقماپتىمەن.

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 14:36:33

owchi99 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-17 14:25 static/image/common/back.gif
كىم بۇ ئابدۇخېلىل دېگىنى؟ 30 يىل كىتاب ئوقۇپ بۇ «شائىر» ...

مەنمۇ شۇ. پەقەتلا ئىسىمگە ئالالمىدىميا بۇ ئۇلۇغ شائىر ۋە مۇزىكا پىرىنى

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 15:54:57

دۇنيادا ئەڭ  ئەھمىيەتلىك ۋە ئەڭ ئاسان ئىش دەل باشقىلارنى تەنقىد قىلىشتۇر!{:87:}

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 16:37:48

tashadem يوللىغان ۋاقتى  2014-7-17 15:54 static/image/common/back.gif
دۇنيادا ئەڭ  ئەھمىيەتلىك ۋە ئەڭ ئاسان ئىش دەل باشقىلار ...

دىگىنىڭىز راست. جۇڭگوچىلىقتا كەسپ ئەھلى بولمىغانلارنىڭ كەسپ ئەھلى ئۈستىدە باشقۇرغۇچى بولۇشلىرى، كەسىپتىن كەسپ ئەھلىلىرىگە تەلىم-تەنقىد بېرىشلىرى ھازىر ئۇمۇمىيۈزلۈك ھادىسە بولۇپ قالغىلى تۇردى. يەنە كىلىپ، ئۆزى بىلمەيدىغان ساھەدە ۋالاقلاشنىڭ تەمى، ھوزۇرى باشقىچە دەڭە...
ئەمما، بۇ ۋالاقلاشلىرىمىز سەنئىتىمىزنىڭ نېنىنى يەپ تۇرۇپ، سەنئىتىمىزنىڭ قەدر-قىممىتىنى قانداق نامايان قىلىشنى خىيالىغا كەلتۈرەلمەيۋاتقان، نام-شۆھرەت ئۈچۈن سەنئەتنىڭ مىللىيىلىكىدىن ئىبارەت تۈپ قىممەتنى پاخال قىلىۋاتقانلار ئۈچۈن. ئەلبەتتە، مەن سەنئەتكار ئەمەس. ئەمما، سەنئەتكار دىگەن بۇ سۆز بىلدۈرىدىغان مەنا ۋە مەسئۇلىيەتنى بىلىدىغانلاردىن.

dolqun يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 17:00:35

Forgetme15 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-17 10:25 static/image/common/back.gif
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم چوڭىغانسىرى قاملاشمىغىلى تۇردىمۇ ...

شۇنداقما؟

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 18:40:44

Neshter يوللىغان ۋاقتى  2014-7-17 16:37 static/image/common/back.gif
دىگىنىڭىز راست. جۇڭگوچىلىقتا كەسپ ئەھلى بولمىغانلارن ...

بۇ جەھەتتە ھەممىمىز ئوخشاش مەنمۇ بۇ پىلاستىنكىنى تولۇق ئاڭلاپ ئاندىن بۇ يۇقارقى تىمىنى بۇ يەرگە كۆتۈرۈپ كەلدىم. پىلاستىنكىسىنىڭ ئاۋاز ۋە مۇزىكا ئاككورتلاشتۇرۇشى ھەقىقەتەن قول قويغۇدەك دەرىجىدە ئىكەن. ئەمما «سانساكو» ناملىق ناخشىنى نېمە زۆرۈرىيەت تۈپەيلى«بارچۇق يولى دەپ ئۆزگەرتىپ ئىيتقان بولمىسۇن ھازىرچە قوبۇل قىلالمىدىم. ئاۋۋال پىلاستىنكىنى ئاڭلاپ باھا بەرسەكمۇ كچىكىمەس بولغۇيتتۇق.

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 23:16:57

قوبۇل قىلالمىغۇدەك ئىش يوق. سەنساكو دېگەن خەنچە 三岔口دېگەنلىك. بۇ داڭلىق 三岔口ئاشۇ ئابدۇللانىڭ يۇرتىدا. مەنىسىنى ئۆزلەشتۈرۈپ بارچۇق يولى دەپ ئۆزگەرتىپتۇ، ئاشۇ 三岔口ئەمەلىيەتتە بارچۇق يولىدىن ئىبارەت.
تەنقىد قىلىش سىز ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا ئاسانمۇ ئەمەس. ئۇخلاۋاتقان ئادەمنى ئويغاتقۇچى ئۇخلىغۇچىدىنمۇ بەكرەك  ئازابلىنىدۇ. بۇنى چۈشىنەلىسىڭىز يۇقىرىقىدەك گەپلەرنى قىپ يۈرمەيتتىڭىز.گەپ ھېس قىلالاشتا.
مەن بۇ پلاستىنكىنى نەچچە ئاي بۇرۇن ئاڭلىغان، تېما ئېچىلىپ قاپتىكەن، ئويلىغىنىمنى تىركەپ قويدۇم. ۋاقىت ھەممىنى سىنايدۇ دەپ بىر گەپ بار،ياقتۇرسىڭىز ھېسىياتىڭىزنى ھۆرمەتلەيمىز،بۇ پلاستىنكا ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەمدۇ يوق،كېيىن بىرگەپ بولىدۇ. بىزمۇ سىزنىڭ ھېسىياتىڭىزنى ھۆرمەتلىگەچكە،سىزمۇ باشقىلارنىڭ پىكرىنى چۈشىنەر چۈشەنمەي ئەڭ ئاسان ئىش دېمەڭ.

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 11:06:50

http://www.yyq.cn/cloud/player?5697984-1,5697985-1,569#load
بەت: [1] 2
: «ئاسمىنى يوق شەھەر» ناملىق بىر يۈرۈش شىنجاڭ مۇزىكىلىرى توغرىسىدا