ياش تۆكمىگىن ئانا ئۆتۈنەي
ياش تۆكمىگىنتۆكۈلگەندە كۆزلىرىڭدىن ياش،
ئازاپلاندىم بېرىلمەي بەرداش .
بىلسەڭ كۈلكەڭ قۇياشقا تەڭداش،
ياش تۆكمىگىن ئانا ئۆتۈنەي.
كۈلكەڭ ئۈچۈن يۈردۈم كويۇڭدا،
كۈنلەر ئۆتەر سېنىڭ ئويۇڭدا .
كۆيسەم مەيلى ئانا ئوتۇڭدا،
ياش تۆكمىگىن ئانا ئۆتۈنەي .
ھالىڭ قانداق بەرمەستىن دېرەك،
ياش تۆكىسەن تۇنجۇقتى يۈرەك .
ئىشەن ماڭا مەن بار يار -يۆلەك ،
ياش تۆكمىگىن ئانا ئۆتۈنەي.
كۆزلۈگۈنۈم ئەمەسقۇ باشقا،
ياش چۈشمىسۇن تۇپراققا تاشقا.
كۈرمىڭ ئەلەم كەلسىمۇ باشقا ،
ياش تۆكمىگىن ئانا ئۆتۈنەي .
شىئىر ئۈچۈن ئاچتىم بىر بەتنى ،
ئىيىتقىن ماڭا سەۋەپنى دەرتنى .
ئازاپلىرىڭ يۈرەككە يەتتى ،
ياش تۆكمىگىن ئانا ئۆتۈنەي .
يازغۇچى:ھاجىئەكبەر ئەزىز ناخشا تېكستى قىلىشقىمۇ بەك ماس كېلىدىكەن. ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز چۇنكى جەننەت انىلارنىڭ پۇتىنىڭ استىدا توردىشىم ىسماىل مىنىڭ باشقىلارنىڭ كوڭلىنى اغرىتقىم يوق مۇشۇ رەمزاندا ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز چۇنكى جەننەت انىلارنىڭ پۇتىنىڭ استىدا توردىشىم ىسماىل مىنىڭ باشقىلارنىڭ كوڭلىنى اغرىتقىم يوق مۇشۇ رەمزاندا ياخشى يېزىپسىز . بۇ تېكىسىتكە بىر ئاھاڭ ئىشلەپ باقساقچۇ ؟ بەلەن شئىركەن ،قوللارغا دەرت كەلمىسۇن . ياخشى يىزىپسىز. ماشىئاللاھ.:)
بەت:
[1]