irpan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-16 16:41:11

گازىرنىڭ شىپالىق رولى

گازىر تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى، يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە دىيابېت كېسەللىكى قاتارلىقلارنى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە.
گازىر تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق كېسەللىكىگىمۇ شىپا بولىدۇ. گازىرنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن E مول بولۇپ، تېرىنىڭ يۇمرانلىقىنى ساقلايدۇ. ئاشقازاننىڭ سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. گازىر تەركىبىدە كالىي، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر، ماگنىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلار ئىنتايىن مول.
1. گازىر ئىشقارنى تارقىتىش، ماددىلارنى تازىلاش رولىغا ئىگە.
2. گازىر مېڭىنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىش رولىغا ئىگە.
3. گازىر پەيلەرنىڭ سوغۇقتىن ئاغرىشى، چىش ئاغرىقىنى پەسەيتىش رولىغا ئىگە.
4. گازىر بوۋاسىر، ئۆپكىدىكى جاراھەتلەرنى تازىلاش رولىغا ئىگە.
5. گازىر يىلتىزىنى سۇدا قاينىتىپ ئېغىزنى چايقىسا، چىش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
6. گازىر گۈلىنى ئېزىپ چاپسا مۇپاسىل، يانپاش ئاغرىقى ئۈچۈن مەنپەئەت قىلىدۇ.
7. گازىر قىل قان تومۇر دىۋارىنى تېخىمۇ مۇكەممەلەشتۈرۈپ، قاننى راۋانلاشتۇرىدۇ. پۇت-قول يېرىلىش ۋە داغ پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئەسكەرتىش:
گازىر (ئاپتاپپەرەس) تەركىبىدىكى ماينىڭ ئاساسىي قىسىمى تويۇنمىغان ماي كىسلاتاسى بولۇپ، ئادەم بەدىنىدە بۇ خىل ماينىڭ مىقدارى ئېشىپ كەتسە، ئۆت ئىشقارىنى كۆپ خورىتىپ، بەدەندىكى ماينىڭ ئالمىشىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ ۋە جىگەردە ماي كۆپلەپ يىغىلىپ قېلىپ، جىگەر ئىقتىدارى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، كېسەللىكنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا جىگر كېسىلى بارلار گازىر چاقماسلىقى كېرەك.
(ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى)

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-16 18:12:59

ئوتتۇرا دەرىجىلىك《ماي جىگەر》بوپ قاپتىكەنمەن، كاۋاپتىن پەرىز تۇتۇپ يۈرەتتىم، ئەمدى گازىر، گازىر يېغىدىنمۇ پەرىز تۇتسام بولغۇدەك ئەمدى.
رەھمەت.{:112:}

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-16 20:12:01

ياخشى تېمىكەن

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-16 20:53:41

گازىرغا كىچىكىمدىن تارتىپ ئامراقتىم،

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 18:11:32

تىلنىڭ تەم تېتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
بەت: [1]
: گازىرنىڭ شىپالىق رولى