sarwan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 09:23:06

روبوت (ماشىنا ئادەم)

http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2014/07/02-750x290.jpg
مەنبەسى: سارۋان بىلوگى

روبوت بىر خىل ئەقلى ئىقتىدارلىق ئېلېكتىرو-مىخانىكىلىق ماشىنا. ئۇ كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى ياكى ئېلېكتىرونلۇق توك يولىنىڭ كونتروللىقىدا مەشغۇلات قىلىدۇ.

روبوتنىڭ ئادەم شەكىللىك(ماشىنا ئادەم)لىرىمۇ، تۆت چاقلىق ماشىنا شەكلىدىكىلىرىمۇ، ئۇچالايدىغانلىرىمۇ، ئۆمۈلەيدىغانلىرىمۇ، سۇدا ئۈزەلەيدىغان، ھاۋادا ئۇچالايدىغانلىرىمۇ بار. ئۇ ھەربىي ساھە، ماشىنىسازلىق، كۆڭۈل ئېچىش، داۋالاش، قۇتقۇزۇش، تۇرمۇش قاتارلىق ھەر خىل ساھەلەردە ئىشلىتىلىدۇ.

روبوت ئاتالغۇسى ھەققىدە

ئۇيغۇرچىدە روبوت(ئىنگىلىزچە Robot) ئاتالغۇسى بۇرۇن خەنزۇچىغا ئاساسەن ماشىنا ئادەم(机器人) دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ئەمما ماشىنا ئادەم روبوتلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ ئىنگىلىزچىدا humanoid ياكى android دەپ ئاتىلىدۇ. روبوت ئاتالغۇسى ئىككى پۇتلۇق، تۆت پۇتلۇق، چاقلىق، قاناتلىق ياكى ھەرقانداق شەكىلدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما ماشىنا ئادەم ئاتالغۇسى پەقەت قول، پۇت، باش، گەۋدىدىن تۈزۈلگەن ئادەم شەكىللىك روبوتنىلا كۆرسىتىدۇ. ئاتالغۇلارنىڭ ئىپادىلەيدىغان مەنا ئۇقۇمىنىڭ ئارلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بۇنى ئايرىپ ئاتاش كېرەك. شۇڭا ئەسلى ئىنگىلىزچە ۋە باشقا تىللاردا ئورتاق قوللىنىلىۋاتقان روبوت ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىش مۇۋاپىق.

ماشىنا ئادەم

ماشىنا ئادەم- ئادەم شەكىللىك روبوتنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئادەملەرگە ئوخشاش ئىككى پۇتى، ئىككى قولى ۋە بېشى بولىدۇ. ئاڭلاش، سۆزلەش، ئادەملەرنىڭ ھەركىتىنى تەقلىد قىلىش، ئۆگۈنۈش ئىقتىدارى بولىدۇ.


ماشىنا ئادەملەر يەنىلا تەتقىقات، تەرەققىيات باسقۇچىدا بولۇپ ئادەملەرنىڭ خىزمىتىنىڭ ئورنىنى ئېلىشىغا يەنە مەلۇم ۋاقىت بار. ئەمما ئۇ كەلگۈسىدە ئەسلى ئادەملەر قىلىدىغان خەتەرلىك خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدۇ.
http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2014/05/052014_1154_1.jpg
خوندا شىركىتىنىڭ Asimo ناملىق ماشىنا ئادىمى


ھەربىي روبوتلار

ھەربىي ساھە روبوتلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان، ۋە روبوتلار مەلۇم كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن ساھە ھىساپلىنىدۇ. جەڭ مەيدانىنىڭ خەتەرلىكلىكى ئادەملەرنىڭ ئورنىغا روبوت ئىشلىتىشنى ياكى جەڭچىلەرگە ياردەمچى روبوتلارنى سەپلەش ئىھتىياجىنى تۇغدۇرىدۇ.

ھازىر ھەربىي ساھەدىكى روبوتلار ئاساسەن رازۋىتكا، مىنا تازىلاش، ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان
ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان(UAV)لارمۇ بىر خىل روبوت بولۇپ ئۇنىڭ ئاپتوماتىك ئۇچۇش، يىراقتىن كونترول قىلىش ئىقتىدارى بولىدۇ. ئۇ رازۋىتكا، ھاۋا ھۇجۇمى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلدۇ. ئۇ ھاۋادا ئۇزۇن مۇددەت ئۇچۇش، راداردىن ساقلىنىش قاتارلىق ئالاھىيدىلىكلەرگە ئىگە.
http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2014/05/052014_1154_2.jpg
General Atomics شىركىتى ئىشلەپچىقارغان بوز بۈركۈت ناملىق ھۇجۇمچى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان


مىنا تازىلىغۇچى روبوت
مىنا تازىلاش ئەڭ خەتەرلىك خىزمەتلەرنىڭ بىرسى. ھازىر بىر قىسىم مىنا تازىلاش مەشغۇلاتلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن مىنا تازىلىغۇچى روبوتلار چىقىۋاتىدۇ. مىنا تازىلىغۇچى روبوتنى يىراقتىن كونترول قىلىپ مىنانى كۆزىتىشكە، روبوت بىلەن چۇۋۇشقا، يۆتكەشكە بولىدۇ. ئادەمنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتمەيدۇ.
http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2014/05/052014_1154_3.jpg
مىنا تازىلىغۇچى روبوت



جەڭچى روبوت
جەڭچى روبوتلار يىراقتىن كونترول قىلىنىپ ياكى ئۆزى ئاپتوماتىك ھالدا دۈشمەننى پەرقلەندۈرۈپ ھۇجۇم قىلىدىغان، ئېغىر- يىنىك قۇراللار بىلەن قۇراللانغان روبوتنى كۆرسىتىدۇ. گەرچە خەلقئارادا ئادەم ئۆلتۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان جەڭچى روبوتلارنى جەڭدە ئىشلىتىش، ئىشلەتمەسلىك توغرىسىدا ھەر خىل تالاش تارتىشلار بولسىمۇ ئەمما بەزى دۆلەتلەر قىسمەن ھالەتتە ئىشلىتىۋاتىدۇ.
http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2014/05/052014_1154_4.png
جەڭچى روبوت



جەڭدە ئىشلىتىلىدىغان ياردەمچى روبوتلار
جەڭ مەيدانىدىكى بىر پىيادە ئەسكەرنىڭ يۈك-تاقى ئادەتتە 30 كىلوگىرامدىن 50 كىلوگىرامغىچە كىلىدۇ. بۇنداق ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش جەڭچىلەرنى چارچىتىۋىتىدۇ. شۇنداقلا ئەمەلى جەڭ قىلىش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. تەتقىقاتچىلار جەڭچىلەرنى «كۈچلەندۈرىدىغان» بىر خىل قۇرۇلما(روبوت) ياسىغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلمىلار ئادەمنىڭ ھەركىتىگە ماسلىشىپ ئادەمنىڭ كۈچىنى تىجەيدۇ.

بۇ خىل روبوتلار ھەربىي ساھەدە ئىشلىتىلىپلا قالماي زاۋۇتلاردا ئىشچىلارنىڭ ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرىشىگە، داۋالاشتا بەدىنى ئاجىز نورمال ماڭالمايدىغان كىشىلەرنىڭ مېڭىشىغا ياردەم بىرىشتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2014/05/052014_1154_5.jpg
بەدەنگە كۈچ قوشىدىغان «تاشقى ئۇستىخان(exoskeleton)» روبوت


ھەربىي ساھەدە يەنە ماشىنا ماڭالمايدىغان خەتەرلىك شارائىتلاردا يۈك-تاق، تەمىنات بۇيۇملىرىنى توشۇش ئۈچۈن ئالاھىيدە شارائىتلاردا ماڭالايدىغان روبوتلارمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2014/05/052014_1154_6.jpg
بوستون دىنامىكا شىركىتى تەتقىق قىلىپ چىققان تۆت پۇتلۇق توشۇغۇچى روبوت bigdog


ئۆزى ھەيدىلىدىغان ماشىنا

شوپۇرسىز ماشىنىلارمۇ روبوتنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ ئادەم ھەيدىمىگەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ يول ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ قاتناش ۋەقەسى پەيدا قىلماي مەنزىلگە ئاپتوماتىك يىتىپ بارالايدۇ. Volvo، Toyota، Honda، Nissan شىركەتلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ ياساۋاتقان ئۆزى ھەيدىلىدىغان ماشىنىلىرى بولۇپ، ئۇلار قىسمەن يول شارائىتلرىدا ئۆزى ئاپتوماتىك ماڭالايدۇ ياكى ماشىنا توختۇتۇش مەيدانلىرىغا ئۆزى كىرىپ چىقالايدۇ. شۇپۇرسىز ماشىنىلارنىڭ ئەڭ ۋەكىل خاراكتىرلىكى گۇگۇل شىركىتى تەتقىق قىلىۋاتقان ماشىنا بولۇپ ئۇ ئادەتتىكى شەھەر رايۇنلىرىدىمۇ ئۆزى ئاپتوماتىك ماڭالايدۇ.
http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2014/05/052014_1154_7.jpg
گۇگۇل شىركىتىنىڭ ئۆزى ھەيدىلىدىغان ماشىنىسى



سانائەت روبوتلىرى

سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان روبوتلار پۈتۈن دۇنيادىكى روبوتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگەللەيدۇ. بولۇپما ماشىناسازلىق، ياسىمىچىلىق، ئېلېكتىرون سانائىتى ساھەسىدە كۆپراق ئىشلىتىلىدۇ. سانائەت ماشىنا ئادەملىرى ئىنچىگە مەشغۇلاتلارنى خاتاسىز، تىز سۈرئەتتە ئېلىپ بارالايدۇ. كەپشەرلەش، كىسىش، سىرلاش قاتارلىق خەتەرلىك مەشغۇلاتلارنى قىلىدۇ.
http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2014/05/052014_1154_8.jpg
ماشىنا زاۋۇتىدا ئىشلىتىلىۋاتقان سانائەت روبوتلىرى

زاۋۇتلاردا يەنە ئېغىر بۇيۇملارنى كۆتۈرۈش، يۆتكەش، ئوراش قاچىلاش قاتارلىق ساھەلەردىمۇ روبوتلار كەڭ ئىشلىتىلىدۇ.

ئالەم بوشلۇقى روبوتلىرى

ئالەم بوشلۇقى ساھەسىدىمۇ روبوتلارنىڭ ئىستىقبالى پارلاق. ئادەتتە ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا قىلىدىغان ھەركىتى، ياشاش شارائىتى(ئوكسىگىن، تارتىش كۈچى، بېسىم يوق) قاتارلىق پائالىيىتى كۆپ چەكلىمىلىككە ئۇچرايدۇ. ئادەمنى ئالەم بوشلۇقى ياكى باشقا پىلانىتلارغا چىقارغاندىن كىيىن ئۇنى چوقۇم قايتۇرۇپ كېلىش كېرەك. ئەمما روبوتلار بۇنداق چەكلىمىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. بوشلۇق روبوتلىرى ئالەم بوشلۇقىدا بوشلۇق ئۈسكۈنىلىرىنى رىمونىت قىلىش، ئاستىرونومىيەلىك، گىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئېىپ بېرىش قاتارلىق مەشغۇلاتلار بىلەن شۇغۇللىنالايدۇ.
http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2014/05/052014_1154_9.jpg
NASA 2004 يىلى مارسقا قۇيۇپ بەرگەن جاسارەت ناملىق تەكشۈرگۈچى روبوت، قۇياش ئىنىرگىيەسى بىلەن ھەركەتلىنىدۇ


http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2014/05/052014_1154_10.jpg
NASA 2011- يىلى مارسقا قۇيۇپ بەرگەن ھەۋەسكار ناملىق تەكشۈرگۈچى روبوت، يادرو ئىنىرگىيەسى بىلەن ھەركەتلىنىدۇ



ئۆي روبوتلىرى

ئائىلە، ئىشخانا، باغۋاران ئىشلىرىنى قىلىشقا ماسلاشتۇرۇلغان روبوتلارنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەننەرخىنىڭ چۈشۈشىگە ئەگىشىپ روبوتلار ئائىلە، ئىشخانىلارغىمۇ كىرىشكە باشلىدى. ئائىلىدە روبوتلار تازىلىق قىلىش، ئائىلە بىخەتەرلىكىنى كۆزىتىش، تاماق ئېتىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلالايدۇ. ئىشخانىلاردا تازىلىق قىلىش، نازارەت قىلىش، ماتېرىيال يەتكۈزۈش، قىسقا ئارلىقتا قاتناش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىيەلەيدۇ.
http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2014/05/052014_1154_11.jpg
iRobot شىركىتىنىڭ چاڭ-تۇزان سۈمۈرگۈچى روبوتى


http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2014/05/052014_1154_12.jpg
ئائىلىدە كۆزىتىشكە ئىشلىتىلىدىغان روبوت Wowee Rovio


http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2014/05/052014_1154_13.jpg
خوندا شىركىتىنىڭ ئىشخانىلاردا قاتناشقا ئىشلىتىلىدىغان UNI-CUB ناملىق روبوتى


روبوتنىڭ مائارىپ ساھەسىدە قوللىنىلىشى

مائارىپ ساھەسىدە روبوت ئوقۇغۇچىلارغا مىخانىكا، ئېلېكتىرون، يۇمشاق دېتال، ئەقلىي ئىقتىدار، سىنزور تېخنىكىلىرىنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى ئىجادىيەت ئىشلىرىدا قوللىنىلىدۇ.

مائارپ ساھەسىدە ئىشلىتىلىدىغان روبوتلارنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتىلغانلىرىمۇ بار بولۇپ ئاساسەن مىخانىكىلىق بۆلەكلەرنى قۇراشتۇرۇش، كۆرۈنۈشچان پىروگرامما تىلىدا(VPL-Visual Programming Language) پىروگرامما لايىھەلەشنى ئاساس قىلىدۇ.

http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2014/05/052014_1154_14.jpg
lego شىركىتىنىڭ قۇراشتۇرما شەكىللىك روبوتى mindstorms


ئالى مائارىپقا قارىتىلغان روبوت مەھسۇلاتلىرىنىڭ پىروگراممىسىنى لايىھەلەشكە كەسپى پىروگرامما تىللىرى ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە پىروگرامما ئىجرا بولىدىغان مەخسۇس توك يولى تاختىلىرى بولىدۇ. مىخانىكىلىق بۆلەكلەرنى ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزى ياسايدۇ ياكى تەييار بۆلەكلەردىن پايدىلىنىپ قوراشتۇرىدۇ. ئۇ ئەمەلى قوللىنىشچان روبوتقا تېخىمۇ يېقىنلاشقان بولىدۇ.

http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2014/05/052014_1154_15.jpg
مائارىپقا قارىتىلغان روبوت توك يولى تاختىسى Arduino دىن پايدىلىنىپ ياسالغان تانكىسىمان روبوت


روبوتنىڭ داۋالاش ساھەسىدە قوللىنىلىشى

داۋالاش ساھەسىمۇ روبوتلارنىڭ يەنە بىر چوڭ قوللىنىش ساھەسى. مىكرو تىپلىق روبوتلارنى ئادەم بەدىنىگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇشقا بولىدۇ. روبوتلار سىستېرالارغا ماسلىشىپ بېمارلارنى كۆتۈرۈپ يۆتكۈشۈپ بېرەلەيدۇ. يەنە روبوتلار ئارقىلىق مۇرەككەپ ئوپراتسىيەلەرنىمۇ تاماملاشقا بولىدۇ.

http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2014/05/052014_1154_16.jpg
ئوپراتسىيەدە ئىشلىتىلىدىغان روبوت


داۋالاشتا يەنە پۇت، قولىنىڭ ھەركىتى توسالغۇغا ئۇچرىغان، ئاسان ماڭالمايدىغان كىشلەرنىڭ مېڭىشىغا، ھەركەت قىلىشىغا ياردەم بىرىدىغان روبوتلارمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2014/05/052014_1154_17.jpg
خوندا شىركىتىنىڭ مېڭىشقا ياردەم بىرىدىغان روبوتى


پۇت ياكى قولى يوق مېيىپ كىشىلەرگە ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە سۈنئى ئەزالار(روبوت)نى سەپلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى نورمال ھالەتكە ئەكەلگىلى بولىدۇ. روبوت پۇت ئادەمنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، ھەركەت قانۇنىيىتىگە ئاساسەن قەدەم ئېلىشىنى ئاپتۇماتىك مۆلچەرلەپ ئادەمنىڭ ھەركىتىگە ماسلىشىدۇ. روبوت قولنى ئادەمنىڭ نىرۋا ھۈجەيرىلىرىگە ئۇلاش ياكى مىڭە ئېلىكتىر دولقۇنىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئىھتىياجغا ئاساسەن ھەركەتلەندۈرگىلى بولىدۇ.

http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2014/05/052014_1154_18.jpg
روبوت پۇت


ئويۇنچۇق روبوت

روبوتلار يەنە بالىلار ياكى چوڭلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش، ئويۇنچۇق ساھەسىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئويۇنچۇق روبوتلار ئادەمنىڭ گىپىنى چۈشۈنۈپ ئىنكاس قايتۇرالايدۇ. مۇزىكىغا ئۇسۇل ئوينىيالايدۇ. ھەر خىل قىززىقارلىق ھەركەتلەرنى قىلالايدۇ. يەنە بەزىلىرىنىڭ ئۆزلۈگىدىن ئۆگۈنۈش ئىقتىدارى بولۇپ ھەر خىل قېلىقلارنى چىقىرالايدۇ.

http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2014/05/052014_1154_19.jpg
سونىي شىركىتىنىڭ ئويۇنچۇق كۈچۈكى aibo


http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2014/05/052014_1154_20.jpg
سونىي شىركىتىنىڭ ئۇيۇنچى ماشىنا ئادىمى QRIO


قىسىقى روبوتلار تۇرمۇشىمىزغا كىرىشكە باشلىدى. يېقىن كەلگۈسىدە ئۆيلىرىمىزدە، ئىشخانىلىرىمىزدە بىرەردىن روبوتنىڭ بولىشى نورمال ئىش ھىساپلىنىدۇ.
2014- يىل 5- ئاي

مەنبەسى: سارۋان بىلوگى . مەنبەسى ۋە ئاپتورىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىلسە بولىدۇ.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 11:26:25

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-15 11:49  

پۇت ياكى قولى يوق مېيىپ كىشىلەرگە ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە سۈنئى ئەزالار(روبوت)نى سەپلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى نورمال ھالەتكە ئەكەلگىلى بولىدۇ. روبوت پۇت ئادەمنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، ھەركەت قانۇنىيىتىگە ئاساسەن قەدەم ئېلىشىنى ئاپتۇماتىك مۆلچەرلەپ ئادەمنىڭ ھەركىتىگە ماسلىشىدۇ. روبوت قولنى ئادەمنىڭ نىرۋا ھۈجەيرىلىرىگە ئۇلاش ياكى مىڭە ئېلىكتىر دولقۇنىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئىھتىياجغا ئاساسەن ھەركەتلەندۈرگىلى بولىدۇ.

يېڭىدىن چىققان ماشىنا ئادەم مورفىنىڭ كىنۇسىدا مورفىنىڭ بېشى ھەم ئۆپكىسىنىلا ئېلىپ قىلىپ قالغان يېرىنى مۇشۇنداق ئۇسۇلدا ھەركەتلەندۈرىدۇ.  ئۇ فانتازىلىك كىنودىكى ۋەقەلەرنىڭ ئىشقا ئېشىغا ئۇزۇن ۋاقىت قالمىغادەك.{:148:}

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 11:28:13

بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ يامان پروگراممىرلىرى بىرلىشىپ مۇشىنداق روبوت لارنى مۇستەققىل ياساپ چىقساق بولىتى.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 13:29:34

شۇلارنى بىزمۇ ياسىيالايمىز.

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 13:43:08

asalam يوللىغان ۋاقتى  2014-7-15 11:28 static/image/common/back.gif
بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ يامان پروگراممىرلىرى بىرلىشىپ مۇش ...

بۇنىڭغا خاس پىروگراممىلارغا بولسا بولمايدۇ، يۇمشاق دېتال، قاتتىق دېتال ، ماتىريال ئىلمى، ئالاقە، ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق پەنلەرنىڭ تەتقىقاتچىلىرى، ئىنژىنىرلىرى بىرلىشىپ لاھىيەسىنى تۈزسە ئاندىن پىروگراممىرلار يۇمشاق دىتال قىسمىغىلا كېرەك بۇلىدۇ. ئەپسۇس بۇنداق كىشىلەردە بىزدە تولىمۇ كەمچىل.

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 13:50:04

arslan428 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-15 13:43 static/image/common/back.gif
بۇنىڭغا خاس پىروگراممىلارغا بولسا بولمايدۇ، يۇمشاق د ...

بەك ئالاھىدە ئەقلى ئىقتىدارلىقى بولمىسىمۇ ، ئاددىراقلىرى بولسىمۇ دەيمەنغۇ ؟ ھەممە ئىش ئاستا-ئاستا بولغىنىدەك

sarwan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 14:23:43

talmas1 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-15 11:26 static/image/common/back.gif
پۇت ياكى قولى يوق مېيىپ كىشىلەرگە ئەقلىي ئىقتىدارغا ئى ...

يېڭىدىن چىققان ماشىنا ئادەم مورفىنىڭ كىنۇسىدا مورفىنىڭ بېشى ھەم ئۆپكىسىنىلا ئېلىپ قىلىپ قالغان يېرىنى مۇشۇنداق ئۇسۇلدا ھەركەتلەندۈرىدۇ.  ئۇ فانتازىلىك كىنودىكى ۋەقەلەرنىڭ ئىشقا ئېشىغا ئۇزۇن ۋاقىت قالمىغادەك.

MIT دا بىر فىراففىسور بار. پۇتى توكۇر. ئۇ مۇشۇنداق پۇتتىن بىرنى سېلىۋالغان. ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياساپ. ئىشتىنىنىڭ پۇچقىقىنى ئۆرۈپ كۆرمىسە، ئۇنىڭ ماڭغىنىغا قاراپ ھېچكىم تۇكۇر دىمەيدۇ. ئاندىن ئەنگىلىيەنىڭ مەخسۇس مۇشۇنداق سۈنئى پۇت قول ياسايدىغان بىر تەتقىقات شىركىتىمۇ بار. ھازىر مېڭە ئېلىكتىر دولقۇنى ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىشتا ئىلگىرلەش چوڭ. ھەتتا بەزى ئوچۇق كودلۇق تۈرلەرمۇ ئوتتۇرغا چىقتى. بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ مىخانىڭ ئۈسكۈنىلەرنى كونترول قىلىش ياكى يۇمشاق دېتالدا مەلۇم ئىقتىدارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلغىلى بولىدۇ.

umidwar029 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 18:30:51

پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ، كېيىنچە ماشىنا ئادەمدىن باشلىق سايلاپ كەتسەك{:136:}

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 18:37:52

umidwar029 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-15 18:30 static/image/common/back.gif
پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ، كېي ...

ناۋادا شۇنداق بولۇپ قالسا  سەپلىمىسىگە قاراپ  سايلارمىز مۇ؟:lol

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 21:18:04

asalam يوللىغان ۋاقتى  2014-7-15 13:50 static/image/common/back.gif
بەك ئالاھىدە ئەقلى ئىقتىدارلىقى بولمىسىمۇ ، ئاددىراق ...

بۇغۇ بۇلىدىغان گەپ، لكىنزە شۇنىڭغىمۇ ئادەم تاپماق تەسمىكىن جۇمۇڭ

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 22:14:36

بېلكان شىركىتىنىڭ روبوت تەتقىقات تۈرى باكەنغۇ ئاڭلىشىمچە  ...  يۇمشاق دىتال ساھاسىدە مۇشۇ بېلكاننى ئەڭ ھۆرمەتلەيتىم مەن

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 22:15:10

ئەڭ بۇرۇن ئەنجۇردقا ئۇيغۇرچنى نىگىزنى تۇنۇتقانمۇ شۇلارغۇ ھە

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 22:54:35

arslan428 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-15 13:43 static/image/common/back.gif
بۇنىڭغا خاس پىروگراممىلارغا بولسا بولمايدۇ، يۇمشاق د ...

پروگراممېرلار يۇمشاق دېتال قىسىمىغىلا كېرەك بولىدۇ، دېگەن سۆزىڭىزگە مەن باشقىچە قاراشتا. ھەر بىر ئېنژىنېرنىڭ ئۆزى بىر پروگراممېر بۇلالايدۇ، پروگراممېرمۇ مىخانىكا، ئوپتىكا، كوردىنات تۈرلىرى، ئېلېكترون، توك يولى ۋە قاتتىق دېتال جەھەتلەردە بەلگىلىك ساۋادى بولۇشى كېرەك.

ئاپتوماتىك ماشىنا ئادەملەر ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان باش ئۆزەكلەرگە تەرتىپ يېزىشنى ئۆگەنگۈچىلەر ھەمكارلىقى بولۇشى كېرەك.
ئالاھىدە تۈرلەردە، ئاۋاز ۋە سۈرەت- سىن بىر تەرەپ قىلىش ئېھتىياجى ئۈچۈن، مەخسۇس DSP قىسىمىغىلا بىر توپ ھەمكارلىشىپ ئۆگەنگۈچىلەر كېرەك.

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-16 07:01:43

谷歌机器狗首次接受美军实测



گوگىلنىڭ ماشنا ئىتى ئەمىلى سىناق قىلىنىپتۇ. 180كىلوگىرام ھەربىي ئەسۋاپلارنى كۆتۈرۈپ، ئاپشىركىلارغا ئوخشاش ئەسكەرنىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يول يۆلىنىشى بويىچە، ئورمانلىق، ساي تاشلىق، شەھەر يوللىرىدا توسالغۇ جىسىملاردىن ئۆتۈپ ئەسكەرگە ئەگىشىپ ھەركەت قىلىدىكەن. 32كىلومىتىر ئارلىققا يۈرەلەيدىكەن.

sarwan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-16 11:20:34

0996 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-16 07:01 static/image/common/back.gif
谷歌机器狗首次接受美军实测




بۇ ماشىنا خېچىرنىڭ ئىسمى bigdog. بوستون دېينامىكا شىركىتى ھەربىي تەرەپنىڭ تەتقىقات مەبلىغى بىلەن تەتقىق قىلغان. بۇلتۇر بۇ شىركەتنى گۇگۇل سېتىۋالدى. بوستون دىينامىكا شىركىتىنىڭ بۇ خېچىردىن باشقا يەنە ئىگىز جايلارغا سەكرەپ چىقالايدىغان روبوتلىرىمۇ بار. ئادەتتە 3-4 مېتىر ئىگىزلىكتىكى ئۆگزىلەرگە سەكرەپ چىقالايدۇ.

ئەينى ۋاقىتتا ئامىركىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئەسكەرلىرى قۇرال- ياراق، يۈك تاقلىرىنى تاغ ئۈستىگە ئېلىپ چىقىشتا ماشىنىلىرى ماڭالماي، يەرلىك ئافغانلارنىڭ ئىشەكلىرى بىلەن توشۇغان. شۇنىڭ بىلەن ئارمىيەنىڭ ماشىنا ماڭالمايدىغان جايلاردا ماڭالايدىغان ئېشەك، خېچىرلارنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان ماشىنىغا ئىھتىياجى چۈشكەن. بوستون دېينامىكا شىركىتىنىڭ تەتقىقاتى مۇشۇنى چىقىش قىلغان.
بۇ ماشىنا خېچىرنىڭ كونترول، كومپيۇتېر بۆلىكىگە توك ئىشلىتىلگەن. ئەمما ھەركەت قىلىدىغان قىسمىغا باتارىيەنىڭ قۇۋۋىتى يىتىشمەيدىغان بولغاچقا بىنزىن ماتور ئىشلىتىلگەن. ماڭغان ۋاقتىدا ماتورنى قوزغىتىپ ئاندىن ماڭىدۇ. ئاۋازى بەك يوقىرى. بۇنىڭ ئاۋازىنىڭ ئالدىدا ئىشەكنىڭ ھاڭرىشى ھېچگەپ ئەمەس. گەرچە تەڭپۇڭلۇق ساقلاش، ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ ھەركەت قىلىش، ئەگىشىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى خېلى ئۈنۈملۈك بولسىمۇ تېخى ئەمەلىي ئىشلىتىش باسقۇچىغا كىرمىدى. ھېلىھەم سىناق ئۈستىدە.

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2014-7-16 14:50:30

ئەلا تېما بوپتۇ.
ئومۇمىيۈزلۈك تونۇشتۇرۇشتىن، تەپسىلاتلىرىغىچە ئاممىباپ ۋە تولۇق بولغان بىر ماقالە بوپتۇ. بۇنى جەۋھەرلەش كېرەك دەپ قارايمەن.
بەت: [1]
: روبوت (ماشىنا ئادەم)