jewlan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 01:08:35

مەن - پەلەستىن

مەن-پەلەستىن
ئاپتورى:مۇيەسسەرئابدۇلئەھەد(خەندان)(مالايسىيائۇنۋېرسىتېتى تىبابەت فاكولتېتى ماگىستىرى)مەن-پەلەستىن،
مەن ئىنسانلىقنىڭ ئۇنتۇلمىشى،
مۇسۇلماننىڭ ئەسىرھالقىغان كەچۈرمىشى.
تۈنۈگۈن رامزان يىغلىدى،
مەنمۇيىغلىدىم،
ئۈنسىزھازائېچىپ،
پارچىلانغان پەرزەنتلىرىمنى ياراباسقان باغرىمغابېسىپ.
تۇيغانلاربارمۇ؟
سىلەرقانداق تۇيىسىلەر؟
ئەللەي ناخشىسى غەمسىزكۈنلىرىڭلاردىن ياڭراۋاتقان تۇرسا.
مەن-پەلەستىن،
مەن-دۇنيانىڭ جىنايى قىلمىشى،
پارتلانغان ئەمەس،
قاراپ تۇرغانلارنىڭ ئۆلمىشى.
مەن-پەلەستىنلىك بوۋاق،
مەن-بىرھاياتنىڭ يېڭىلاكۆزئاچمىشى،
تاتلىق-تاتلىق ھېسلارداتەۋرىنىپ ياتمىشى.
تۈنۈگۈن ئانام يىغلىدى،
مەن كەتتىم دۇنيانى سىلەرگەبېرىپ،
رەببىمگەگۇناھلاردىن شىكايەت ئېلىپ
بىلىدىغانلاربارمۇ؟
سىلەرقانداق بىلىسىلەر؟
نەزىرىڭلارھايات ھوزۇرىدىن ئېشىنمايدىغان تۇرسا.
مەن-پەلەستىنلىك بوۋاق،
مەن-زالىملارنىڭ جىنايەتكەقانمىشى،
كۆيۈۋاتقان ئەمەس،
كۆيدۈرۈۋاتقانلارنىڭ ئەتىكى غەزەب ئوتىدايانمىشى.
مەن-پەلەستىنلىك ئانا،
مەن-پەرزەنت ئۈچۈن ئەسلەرنىڭ يوقالمىشى،
ھەسرەتتىن كۆيگەن يۈرەكنىڭ سالمىشى.
تۈنۈگۈن بالام ئۆلدى،
مەن قېتىپ قالدىم
ئۇنى ئاخىرقى نۆۋەت باغرىمغائېلىپ،
ياشلىرىمنى قۇرۇتارقىساس ئوتى بىركۈن كېلىپ.
تونۇيدىغانلاربارمۇ؟
سىلەرقانداق تونۇيسىلەر؟
بىزنىڭ ھېكايىمىزچولپانلارنىڭ خەۋىرىدەك نام چىقارمىغان تۇرسا.
مەن-پەلەستىنلىك ئانا،
مەن-ئانىلارنىڭ ھەسرەت بىلەن قايتايارالمىشى،
ئېقىۋاتقان ئەمەس،
ئاقمىغان قانلارنىڭ تەرەپ-تەرەپكەتارالمىشى.
مەن-پەلەستىنلىك ئەر،
مەن-پارچىلانغان ئۈممەتنىڭ سەۋدالارغاپاتمىشى،
چىققان قانلارنىڭ قارىچۇقلارداقاتمىشى.
تۈنۈگۈن ۋەتىنىم ۋەيران بولدى،
مەن سەرسان بولدۇم
قېرىنداشلىرىم پارچىلىرىنى سېزىپ،
دەھشەتلىك مەنزىرىدىن ئەركەكلىكىم ئەقلىدىن ئېزىپ.
بىزنى قۇتقۇزىدىغانلاربارمۇ؟
سىلەرقانداق قۇتقۇزىسىلەر؟
ئىسرائىل بومبىلىرى ياردەمگەموھتاج نىدالىرىمىزنى بېسىپ كەتكەن تۇرسا.
مەن-پەلەستىنلىك ئەر،
مەن-قېرىنداشنىڭ يانغان يۈرەكنى ساتمىشى.
قوراللارنىڭ جاننى ئەمەس،
ئىمان ئۈچۈن تىترىمىگەن غورۇرلارنى ئاتمىشى.
مەن-مۇسۇلمان،
مەن-پەلەستىن،
مەن-پەلەستىننىڭ كۆزيېشى!
مەن-بۈگۈننىڭ ئەتمىشى،
ئەتىنىڭ سوراقلارغايەتمىشى.
2014-يىلى10-ئىيۇل(ئىستانبۇل)

ansariy يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 01:43:39

نادىر

biotech0990 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 03:17:24

HeQQuli يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 04:00:03

ئۆلتۈرسە تۈگىمەيدىغان پەلەستىن.  دۈشمىنى  ئوق  ئاتسا  ياندۇرۇپ  تاش بولسىمۇ  ئاتالايدىغان پەلەستىن . بالىلىرى شېھىت  قىلىنسا ، مىنىڭ  بالام … دەپ ئۈنىنى قۇيىۋېتىپ  يىغلىيالايدىغان  پەلەستىن.

HeQQuli يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 04:00:28

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   HeQQuli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-15 04:03  

.ياخشى تېمىكەن

rajab يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 05:11:38

بۇلتۇر رامىزاندا مىسىردا ئادەملەرنى تىرىك كۆيدۈردى بۇ يىل رامىزاندا بولسا پەلەستىندە بىگۇناھ ئىنسانلارنى بومبىلىماقتا !

rajab يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 05:19:06

بۇ تېمىنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا مۇنبەرلەرگە چىقىرىپ قويۇشقا رۇخسەتمىكىن ?

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 06:15:22

يۈرەكنى ئەزدىغۇ بۇ تىما ئەتتىگەندە:'(

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 07:46:52

rajab يوللىغان ۋاقتى  2014-07-15 05:19:06 static/image/common/back.gif
بۇ تېمىنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا مۇنبەرلەرگ
ئەلۋەتتە بولىدۇ

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 08:48:34

HeQQuli يوللىغان ۋاقتى  2014-7-15 04:00 static/image/common/back.gif
ئۆلتۈرسە تۈگىمەيدىغان پەلەستىن.  دۈشمىنى  ئوق  ئاتسا  ي ...

ئۇلارنىڭ شۇنچىلىك بولسىمۇ ئەركىنلىكى باركەن .....................:(

mystics يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 22:22:18

پەلەستىن نىمىشكە يەرشارىدىكى ‹‹زۇلۇمنىڭ تۇمشىقى›› بوپ قالىدۇ `
ئەجەبا بەزى ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق ،ئۇلار پالانى قىلمىغان بولسا مۇشۇ كۈنگە قالمايتتى دەيمىز `
بىراق بەدىلىنى بىھۇدە كىچىك بالىلارنىڭ ئىسسىق قانلىرى بىلەن مەجبۇرىي ئۆتەۋاتقانلىقىنى كۆرمەيمىز .
دۇنيانىڭ كۆزى ،قۇلىقى يوق ئوخشايدۇ .
ب د ت كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتىنىڭ تۆمۈر دەپتىرىدە پەلەستىنلىك بالىلارنىڭ تىزىملىكى يوقما  ،ئەقلىم بەكلا ھەيران
بىھۇدە قان تۆكۈپ ئىنسانلارنى قالايمىقان قىرغىن قىلىش بەدىلىگە ئۆزىنىڭ مەنىۋىيىتىنى قاندۇرۇش ئىنسان قىلىدىغان ئىش ئەمەس ````مىھرى-مۇھەببەتتىن سۆز ئېچىش ئەسلا مومكىن ئەمەس `
گىتلىرنىڭ ‹‹ كۈنلەرنىڭ بېرىدە مەن ئۆلتۈرمىگەن ھەربىر يەھۇدى ئۈچۈن ماڭا لەنەت ئوقۇيسىلەر ›› دىگەن سۆزىنى ئوقۇپ گىتلىرنىڭ تەرجىمانىنى قايتا ئوقۇپ باقاي دەۋاتىمەن `

Uyghuray13 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 23:00:20

mystics يوللىغان ۋاقتى  2014-7-15 22:22 static/image/common/back.gif
پەلەستىن نىمىشكە يەرشارىدىكى ‹‹زۇلۇمنىڭ تۇمشىقى›› بو ...

تەرجىمان ئەمەس تەرجىمھال ، ئىككىسى ئىككى ئۇقۇم .

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-7-16 01:07:14

..............................................................................................................................................................................................................................................

xjks يوللانغان ۋاقتى 2014-7-16 02:41:58

سۇكۇت...........................:'(

yulghunjan1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-16 12:35:21

پەلەستىن نېمە دېگەن بەخىتلىك ھە؟

mupattix يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 07:22:10

yulghunjan1 يوللىغان ۋاقتى  2014-07-16 12:35:21 static/image/common/back.gif
پەلەستىن نېمە دېگەن بەخىتلىك ھە؟
پەلەستىننى بەخىتلىك دىمەڭلا ،،ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۇن ئادەمنىڭ بېشىغا كەلمىسۇن ،،تېخى سىلەرگە بىرەرسى بومبا ئاتقىنى يوق ،،ئۇلارغا قارىغاندا بىز ئاللاھقا شۇكرى دەيلى ،خېلى خاتىرجەم كۇنىمىز قېرىنداشلار ،،بىكا بىكا ئۇ بۇ دەپ ئۇزەڭلەرگە ھەم مۇنبەر قۇرغۇچىلارغا ئىش تېپىپ بەمەڭلار

aragon يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 09:17:36

لىنبانىن قوشونى غەززەگە يىتىپ كىلىپ ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرماقچى،  ئافرىقىدىكى نامبىيە ئىسرائىلىيەگە جەڭ ئىلان    قىلدى ، ھەربىي قوشۇن ئىسرائىلىيە چىگرىسىغا يىتىپ بارردى.  تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئىپادە بىلدۈرۈپ ، قىسقا مۇددەتتە ئىسرائىليەگە ئۇرۇش قوزغايدىغانلىقىنى، ئىسرائىلىيە ھۇجۇمنى توختاتمىسا 3- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتىلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى...
      ئۇندىدار خەۋەرلىرى...{:136:}{:136:}{:136:}

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 11:41:56

ئىسپاتسىز گەپنى  ئاز قىلىلى.

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 12:41:58

ئۈندىدار خەۋەرلىرى دەڭلا :lol:lol:lol

UQKUN28 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 13:40:48

aragon يوللىغان ۋاقتى  2014-7-17 09:17 static/image/common/back.gif
لىنبانىن قوشونى غەززەگە يىتىپ كىلىپ ئىسرائىلىيەگە قار ...

سىياسى يۇمۇر دەپ قويساق بولغۇدەك بۇنى.
ناۋادا راستىنلا شۇنداق بوپ قالسا ھازىر جىمجىت تۇرغان  ب د ت، غەرىپ،  كىشلىك ھۇقۇق تەشكلاتلىرى، خەلىقئارا سوت دىگەنلەر ئۇۋۇسى چۇۋۇلغان ھەرە كەبى  قايناپ كېتىدۇ. «بىچارە» يەھۇدىيلارنى قوغداش ئۈچۈن....{:113:}
بەت: [1] 2
: مەن - پەلەستىن