Serdarco يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 00:33:46

سىرلىق قاينام(كۆز) زادى نېمە؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

كىچىك ۋاقتلىرىمىزدا دەريادا سۇ چۆمۈلىسەك سىرلىق قايناملار ئۇچىراپ قالاتتى. چوڭلار بىزگە بۇ نەرسىنى «كۆز» دېگەن نەرسە شۇ، بەك خەتەرلىك، يېقىنلاشماڭلار دەپ قوياتتى. تۆۋەندىكى فىلىم ئۈندىداردا ئۇچراپ قېلىپ تولۇق كۆرۈپ چىقتىم. بۇ غەلىتە قاينامغا قىزىقىپ قالدىم. سۇ يۈزىدىكى ھەممە نەرسىنى ئىكىرىپ كېتىدىكەن.
فىلىم:
http://v.qq.com/cover/t/t89c4chqdozi5b9.html?vid=t0132wt2307
فىلىم چىقمىسا تۆۋەندىكى ئادرېستىن كۆرۈڭ:
http://v.qq.com/cover/t/t89c4chqdozi5b9.html?vid=t0132wt2307

يۇقارقى فىلىمدە كۆرسىتىلگەن دەريادىكى قاينامنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئۇ سۇ نەگە كىرىپ كېتىدۇ؟
مۇشۇ ھەقتە بىلىمىڭلارغا تۆكسەڭلار، بىلىۋالساق.....

Serdarco يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 03:30:52

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 07:57:51

يامىنىكەن ماۋۇ. قارىسام مۇزلار ئېرىغان باھار پەسلىدەك قىلىدۇ. قىشىچە دەريانىڭ سۈيى تارتىلىپ بوش قالغان يەرلەر بولسا شۇ يەرگە ئۇلىشىپ قالغان سۇ ئاستى يولىدەك بىرنەرسىمىكىن دەپ قالدىمغۇ.

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 10:25:34

بۇ نەرسىنى يۇرتىمىزدا «خوررەك» دەپ ئاتايدۇ
سەۋەبى سۇ قاينىمى پىرقىراپ ھاۋانىمۇ بىللە شورىغاچقا ئادەم خورەك تارتقانغا ئوخشاش ئاۋاز چىقىرىدۇ
ئادەتتە  دەريا ياقىلىرىدا ،سۇ ئامبارلىرىدا پەيدا  بولىدۇ، بۇنىڭ دەريالاردا پەيدا بولۇشى نورمال ئەھۋال بولسىمۇ،سۇ ئامبارلىرىدا پەيدا بولۇشى زور يوشۇرۇن خەتەرنى بىلدۈرىدۇ

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 10:54:26

ئادەتتە پەسىللىك دەريالارنىڭ تېگىدە يوشۇرۇن ئاقىدىغان ئېقىن بولىدۇ، ئېقىن ئۇزۇن سۇ ئۆڭكۈرلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئەتىياز پەسلىدە كەلكۈن كەلگەندە ئۆڭكۈر ئېغىزلىرىدىن سۇ كىرىپ قاينام ھاسىل بولىدۇ، سۇ ئۇلغىيىپ ئۆڭكۈرنىڭ سۇ كىرىش ئېغىزى بىلەن چىقىش ئېغىزىنىڭ سۇ ئورنى تەڭلەشسە «خوررەك» يوقاپ كېتىدۇ

بەزى دەريالاردا 360كۈن «خوررەك» تارتىدىغان يەرلىرى بار دەريادىن بىر كىلومېتىرچە يىراقلاردا  بۇلاقلار پەيدا بولىدۇ،قارىماققا بۇلاقتەك كۆرۆنگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە دەريادىن سىزىپ چىققان سۇ كۆلچىكىدىن ئىبارەت

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 11:27:21

گەپ «كۆز»ھەققىدە كېتىۋاتقاندىكىن بىر قىززىقارلىق ئىشنى سۆزلەپ بەرگۈم كېلىۋاتىدۇ،
باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا سىنىپ تەربىيچىمىز مۇزىكا دەرىسى ۋاقتىدا 10ئوغۇل بالنىڭ قولىغا بىردىن چېلەك تۇتقۇزۇپ  مەيدان چېتىدىكى لەيلىگۈلنى سۇغىرىۋىتىشنى ئېيىتتى، كۆپچىلىك ئولاش چولاش ئېرىقتىن سۇ ئۇسۇپ لەيلىگە قۇيۇۋېتىپ قايتايلى دەپ.تۇرساق  سۇ بىر دەمدىلا سىڭىپ كېتىپتۇ ئاچچىغىمىز كېلىپ يەنە قۇيۇشقا باشلىدۇق، بىردەمدىن كېيىن گۈل تۈۋىدە بىر تۆشۈك پەيدا بولۇپ «خوررەك» تارتقىلى تۇردى، بىزنى چاشقان تۆشۈكى ئەخمەق قىلغانلىقىنى بىلىپ چاشقاننى تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرەيلى دەپ   زەردە بىلەن سۇ توشۇپ قۇيغىلى تۇردۇق،تەخمىنەن 30چېلەك سۇ قۇيۇۋېدۇق
تۇيۇقسىز فىزىكا تەجرىبىخانىسىدا قىيا چىيا كۆتۈرۈلۈپ باللا  سىرتقا قاچقىلى تۇردى بىز ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماي تۇرۇپ قالدۇق،كېيىن بېرىپ قارىساق بىز قۇيغان سۇ فىزىكا تەجرىبەخانىسىنىڭ ئوتتۇرىدىن تېشىپ چىقىپتۇ، چاشقانلار چۇۋۇلۇپ چىقىپ ئوقۇغۇچىلارنى قورقىتىۋەتكەن ئىكەن، تەجرىبەخانىمۇ سۇغا خېلى ئوبدا قېنىۋاپتىكەن

royat يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 11:48:40

harunjan يوللىغان ۋاقتى  2014-7-15 11:27 static/image/common/back.gif
گەپ «كۆز»ھەققىدە كېتىۋاتقاندىكىن بىر قىززىقارلىق ئىش ...

:lol

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 13:25:26

بۇشۇ قاينامنىڭ تېگىدە بوش يەر بالىقىنى سۇنىڭ شۇ بوش يەرگە قاراپ سۇ ئېقىمىدىن تىز رەك  ئاققىنىنى بىلدۈرىدۇ .شۇ بوش ئورۇن سۇغا تولسا ياكى ئاققان سونىڭ قارشى تەرىپى بىلەن قاينام بار سۇنىڭ سۇ ئورنى تەڭلەشكەندە    قاينام   يوقايدۇ .

jasur58 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 14:52:27

ئەگەردە ئادەم سۇ ئۈزىۋاتقاندا تۇيۇقسىزلا شۇنداق قاينام پەيدا بوپ قالسا ئادەمنى قاينام (كۆز) ئىچىگە تارتىپ ئەكىرىپ كىتىدىكەندە ئەمىسە!

Serdarco يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 15:01:42

ھارۇنجان دېگەندەك چوقۇم باشقا جايغا تۇتىشىدىغان ئورنى بار دېگەن گەپتە....
كىنولاردا تولا چىقىدىغان سازلىقتىكى لاي-لاتقىنىڭمۇ ئاستا-ئاستا ئىكىرىپ كېتىدىغان كۆرۈنۈشلىرى بولىدىغان...

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 17:15:53

Serdarco يوللىغان ۋاقتى  2014-7-15 15:01 static/image/common/back.gif
ھارۇنجان دېگەندەك چوقۇم باشقا جايغا تۇتىشىدىغان ئورنى ...

سازلىق كۆزى دېگەن  ئادەتتە تىنىچ تۇرىدۇ، بىرنەرسە چۈشۈپ كەتسىلا سۈمۈرۈلۈپ كېتىدۇ

datman يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 17:42:12

مىنىڭچە بۇ سۇنىڭ تەتۇر ئىقىشىدىن شەكىللەنگەنمىكىن دەيمەن بەزىدە دەريادا
سۇ ئۇزۇۋىتىپ ئادەم يوقاپ كىتىش ۋەقەلىرى كۆرلۇدۇ  
بۇلارنىڭ يوقاپ كىتىش سەۋەبى مىنىڭچە مۇنۇ 3 ئىشتىن بولىشى مۇمكىن
1- سۇ ئاستىدىكى دەرەخ شاخلىرىغا ئىلىنىپ قىلىش
2-تۇيۇقسىز پىيى تارتىشىپ قىلىش
3 - مۇشۇ قاينام سەۋەبلىك  
ئۇنىڭ ئۇستىگە قاينام دەريائىقىنلارنىڭ بىرقەدەر چۇڭقۇر  يىرىدە شەكىللىنىدۇ  ئەگەر ئادەمنى شوراپ كەتسە
بىراقلا سۇئاستىغا كىرىپ كىتىدۇ دە ئىغىز بۇرنىغا قۇم لاتقىلار پىتىپ ئادەم تۇنجۇقۇپ قالىدۇ  
شۇڭا مەيلى چوڭلار بولايلى مەيلى كىچىكلەر بولايلى ئامال بار سۇنىڭ دۆڭرەك يىرىدە سۇڭا چۆمۇلگەن ئەڭ ياخشى

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 18:59:08

سۇنىڭ دۆڭرەك يىرى قاندا بۇلدىغاندا

mihin يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 23:27:04

مەنمۇ قاينامنى كۆزتىپ باققان ئىدىم  

mihin يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 00:09:48

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mihin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-18 00:12  

يۈقىردىكىلەر قاينامنىڭ شەكىللىنىش ،مەۋجۇت بولۇش  ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم فىزىكىلىق خۇسسيەتلىرى   
تنىچ سۇدا پەيدا بولغان قاينام ئۈستىدكىنىڭ ئالاھىدە ھالى سۈپتىدە كۆرۋالساق بولدۇ .  
دېمەك قاينام سۇ يۇزدىكى ماددلارنى يۇتۇپلا قالماستىن  بەلكى قاينامغا يىقىن ئەتراپتىكى بوشلۇقتىكى ماددلارنىمۇ يۇتىدۇ.
بەت: [1]
: سىرلىق قاينام(كۆز) زادى نېمە؟