suzuksu يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 19:40:14

ئۇيغۇرۇمنىڭ چوڭلىردىن-مۇھەممەد سالىھقا ئاتاپ

ئەللامە شەيىخ-ئۇستاز مۇھەممەد سالىھقا ئاتاپ.
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى،كەمىنە(سۈزۈك سۇ)ئەبۇ غازىدىن ھەممىڭلارغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن.
مەن كۆپ قېتىم ئىزدىنىش مۇنبىرگە ئەزا بولۇشنى،ئويلىغان بولساممۇ.لېكىن ئەزا بولالمىدىم.
مانا بۈگۈن ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن،ئۇستاز ئابدۇرراھمان جامال كاشىغەرى،بىر قوللۇق ئېكىرىپ قويدى.
كىرگەندە قۇرۇق كىرىشنى خالىمىدىم. يېڭى بىر نەرسە يازغىچە، ئازراق ئالدىراپ قالدىم.
شۇڭا پەخىرلىك ئۇستازىمىزغا يازغان،مىسرانىم مۇنبىردە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر يازمامنى ئالغاچ كەلدىم.
سىلەرنىڭمۇ ياقتۇرشىڭلارنى،كۆپرەك يول كۆرسىتىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلمەن.
ئاللاھ خالىسا بۇندىن كېيىن داۋاملىق، ھەمسۆھبەتتە بولۇپ تۇرمىز.
ئاللاھ ھەممىمىزگە مۇۋەپپىقىيەت ئاتا قىلسۇن.



ئالىم بولدۇڭ مىللەتتە سالىھ ئوغلى مۇھەممەد،
مەشئەل بولدۇڭ زۇلمەتتە سالىھ ئوغلى مۇھەممەد.
بىز قالغاندا غەپلەتتە سالىھ ئوغلى مۇھەممەد،
سېنىڭ غېمىڭ ئۈممەتتە سالىھ ئوغلى مۇھەممەد.
بىز تۇرىمىز ھۆرمەتتە سالىھ ئوغلى مۇھەممەد.

دەستۇرىنى ئۈممەتنىڭ ئۆزلەشتۈرۈپ يەشتىڭغۇ،
ئىلىم ئېرپان دېڭىزدا مەنزىل تامان كەشتىڭغۇ.
تاغ بولسىمۇ مۈشكۈلۈڭ ئاسان بىلىپ تەشتىڭغۇ،
ئالىم بولۇش مىللەتنىڭ خوشاللىقىڭ بەختىڭغۇ.
قالدۇق بىزلەر ھەيرەتتە سالىھ ئوغلى مۇھەممەد.

يىشىپ قۇرئان مەناسى ئاچتىڭ تالاي سىرلارنى،
كالامىغا ئاللاھنىڭ مەپتۇن قىلدىڭ دىللارنى.
ئىلىم ئېرپان بېغىدا كەزدىڭ نۇرغۇن يىللارنى،
ئۆز تىلىدا سايراتتىڭ نۇرغۇن مەسۇم تىللارنى.
ياشاپ كەتتىڭ غەيرەتتە سالىھ ئوغلى مۇھەممەد.

پاساھەتلىك زەر تىلىڭ قامۇسۇڭدا چاقنايدۇ،
قامۇسۇڭدىن بۇ دىللار شادلىنىدۇ ياشنايدۇ.
ئالىم بولۇپ ئەۋلادىڭ ئەل كۆكىدە پارلايدۇ،
ئىلىم ئەھلى ئىلمىڭگە سېغىنىدۇ قانمايدۇ.
سېنىڭ تىلىڭ لۇغەتتە سالىھ ئوغلى مۇھەممەد.

رۇقىيەلەر مىللەتنىڭ شىپا بولدى قەلبىگە،
سېنىڭ بىلەن بۇ مىللەت كۈلۈپ باقتى ئەتىگە.
ئون ئالىمنىڭ بىرىسەن يەتسەك تېگى تەكتىگە،
ئالىم بولۇپ يارالدىڭ بۇ ئۈممەتنىڭ بەختىگە.
ھەمراھ بولدۇڭ قىسمەتتە سالىھ ئوغلى مۇھەممەد.

يۈسۈپ مەھمۇد بوۋاملار قۇياشىدۇر مىللەتنىڭ،
ئابدۇقادىر خالىقلار قۇربانىدۇر قىسمەتنىڭ.
ئاپئاق غوجا خائىنلار مەھسۇلىدۇر زۇلمەتنىڭ،
سەن قەۋىمنىڭ ئالىمى ساھىبى سەن ھۆرمەتنىڭ.
ئاللاھ بەرگەن نىئمەتتە سالىھ ئوغلى مۇھەممەد.

كەزدىڭ نۇرغۇن جاھاننى ئىلىم بولدى مەقسىتىڭ،
ئوقۇ ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئالى بولدى خىزمىتىڭ.
ئاشتى كۈندىن كۈنىگە ئەل ئالدىدا ئىززىتىڭ،
ئەمەللەردە ئەزلدىن رەب رىزاسى ئىزلىدىڭ.
ئورنۇڭ بولسۇن جەننەتتە سالىھ ئوغلى مۇھەممەد.


شەيىخ بولدۇڭ سەبىيدىن تەتىجەڭ بار ۋە لېكىن،
سەندەك ئالىم كۆپەيسە نۇسرەت بىزگە بەك يېقىن.
ياشنىپ قالدىڭ ئۆزۈڭمۇ ھايات شۇنداق تېز ئېقىن،
ئاللاھىمدىن تىلەيمەن ساڭا جەننەت ھۆر ئەيىن.
بولالمىدۇق خىزمەتتە سالىھ ئوغلى مۇھەممەد.

ئاپتور:سۈزۈك سۇ

ئىلاۋە: ئەللامە شەيىخ مۇھەممەد سالىھنىڭ، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولشىنى ئاللاھدىن تىلەيمەن.
ئىشلىرغا ئاسايىشلىق،خىزمەتلىرگە
ۇتۇق تىلەيمەن.
ھەم بارلىق ئىلىم سۆيەر، ئوقۇغۇچىلار نامىدىن، ئۇستازغا چەكسىز ھۆرمىتىمنى بىلدۈرمەن.  
ئاللاھ ھەممىمىزنى ياخشىلىقتا بىللە قىلغىن.
ھەق يولىدا مۇستەھكەم قىلغىن، ھەممىمىزگە مۇۋەپپىقىيەت ئاتا قىلغىن..........
ئامىن! ! !

tughdar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 20:10:23

رەھمەت

sewda يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 20:45:14

ئۈندىداردا پات پات چەمبىرەكتە ئۈچرىتىپ قالىدىغان ئەبۇ غازى سىلە شۇمۇ {:92:}

مەرھابا قەدەملىرىڭلىگە

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 20:51:01

مۇشۇ ئالىمىمىزغا بىز مىلەتتىن بىرەر ناممۇ بىلرىمىدى ھە !

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 22:47:25

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 22:58:41

سالىد بىننى مۇھەممەت شەكلىدە  سالىھ ئوغلى دەپسىزدە

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 06:30:22

uyghur7800 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-14 22:47 static/image/common/back.gif
كۆتۈرۈپ قىل قاپسىز پەيغەمبەرگە چىقىرۋەتكىلى ،  لىكىن  ...

ئاشتا كۈتەرگۈچىلىكى با  ئادەملىرىمىزنى ئۈزىمىز كۆتەمىسەك خەق كىلىپ كىراندا كۈتۈرەپ قويمايتۇ ئەينا

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 11:52:49

Abdulhamid يوللىغان ۋاقتى  2014-7-14 20:51 static/image/common/back.gif
مۇشۇ ئالىمىمىزغا بىز مىلەتتىن بىرەر ناممۇ بىلرىمىدى ھ ...

ئالىم دىگەن نام بىرىلدىغۇ ئەنە

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 12:06:39

ئەبۇ غازى مەرھابا . ئۈندىداردا ئانچە-مۇنچە ئوقۇپ تۇرىتۇق شېئىرلىرىڭىزنى
بىر ياخشى كىشىگە نام قويۇلسا اللەھ ئۆزى قويۇپ قويىدىكەن ، بىر كىمنىڭ كېلىپ قويۇپقويىشىنىڭ ئورنىمۇ يوقكەن . اللەھ قويغان نام گەرچە نەچچە يۈز يىل ئۆتسىمۇ كىشىلەر ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدىكەن ، ياد ئېتىپ مەدھيلەپ تۇرىدىكەن . قانداقتۇر كىملەر يوغان تەغدرنامەلەر بىلەن قويۇپقويغان قۇرۇق ناملار شۇ سورۇنغا ئىشتىراك بولغان كىشىلەرلا بىلىپقالىدىكەن ، ئەتىسى ئېسىدىن چىكىتىپقالىدىكەن .
اللەھ ئالىمىمىزغا تەن ساقلىق ۋە كاتتا ئەجرلەرنى ئاتا قىلغاي.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 13:03:20

uyghur7800 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-14 22:47 static/image/common/back.gif
كۆتۈرۈپ قىل قاپسىز پەيغەمبەرگە چىقىرۋەتكىلى ،  لىكىن  ...

بۇ شېئىرنىڭ قەيەرىدە شۇنداق گەپ باركەن؟ كۆرسىتىپ بېرىڭا ...    بۇ باھالار بەك ئارتۇق كېتىپ قالغان ئوخشىمامدۇ يا ؟

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 16:14:07

ئاپتورنىڭ قەلىمىگە بارىكاللا. ئەللامە ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم جانابلىرىغا ئاللاھتىن ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە سالامەتلىك تىلەيمەن.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-16 20:48:40

uyghur7800 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-14 22:47 static/image/common/back.gif
كۆتۈرۈپ قىل قاپسىز پەيغەمبەرگە چىقىرۋەتكىلى ،  لىكىن  ...

قايسى مىسراسىنى دەيسىز ؟

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 08:04:17

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-7-16 20:48 static/image/common/back.gif
قايسى مىسراسىنى دەيسىز ؟

يۈسۈف خاس ھاجىپ بىلەن سېلىشتۇرۇشى سەل ئېشىپ كېتىپتۇ .
-------\
ماۋۇ ئاللامە دىگەن قانداق ئۇنۋان، شېيىخ دىگەنچۇ؟ بۇ ئۇنۋانلارنى قايسى ئورگان تارقىتىدۇ؟ {:122:}

kompyuter يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 09:02:52

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-7-17 08:04 static/image/common/back.gif
يۈسۈف خاس ھاجىپ بىلەن سېلىشتۇرۇشى سەل ئېشىپ كېتىپتۇ .  ...



سىلىشتۇرۇلۇپتىما؟


============================


مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 09:45:18

kompyuter يوللىغان ۋاقتى  2014-7-17 09:02 static/image/common/back.gif
سىلىشتۇرۇلۇپتىما؟




يۈسۈپ مەھمۇد بوۋاملار قۇياشىدۇر مىللەتنىڭ،
ئابدۇقادىر خالىقلار قۇربانىدۇر قىسمەتنىڭ.
ئاپئاق غوجا خائىنلار مەھسۇلىدۇر زۇلمەتنىڭ،
سەن قەۋىمنىڭ ئالىمى ساھىبى سەن ھۆرمەتنىڭ.
ئەينى ۋاقىتتا ئەشۇ ئالىملار بار ئىدى، ھازىر سەن بولدۇڭ دەپ چۈشەندۇمغۇ ماۋۇ مىسرالارنى .

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 11:39:05

بىركىملەرنىڭ كۆڭلىگە ياققىنى بىر كىملەرنى بىئارام قىلىشى ئەزەلدىن بار ئىش، تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر.

kompyuter يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 18:53:50

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-7-17 09:45 static/image/common/back.gif
ئەينى ۋاقىتتا ئەشۇ ئالىملار بار ئىدى، ھازىر سەن بولد ...


ئۈستىدە مەن قالدۇرغان ئۇلانمىدىكى يازمىلارنى كۆرۈپ قويۇڭ، ئۆزىڭىز سورىغان سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىۋىلىش بىلەن بىرگە،  كۆزقاراشىلىرىڭىزدا ئۆزگىرىشلەر بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 03:39:34

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdulehed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-18 04:51  

jaggiwar يوللىغان ۋاقتى  2014-7-15 06:30 static/image/common/back.gif
ئاشتا كۈتەرگۈچىلىكى با  ئادەملىرىمىزنى ئۈزىمىز كۆتەم ...

شۇنداق، ئۇيغۇر ئىچىدە كەم تېپىلىدىغان ئېسىل ئالىم.
يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلۇپ تېخى 10 يىل بولماي تۇرۇپلا كۆپىنچە كىشىلەر بېرىشنى ئاران خىيالىغا كەلتۈرەلەۋاتقان پايتەخت بېجىڭغا دادىسى سالىھ داموللاجىم بىلەن 1957 - بېرىش شەرىپىگە ئېرىشكەن ئالاھىدە تەلەيلىك زات.
شۇنداقلا ئۆمرىدىكى ئەڭ خۇشاللىق دەقىقىلەر:  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 8-،9-،10-نۆۋەتلىك كومىتېت ئەزاسى بولۇش شەرىپىگە ئېرىشەلىگەنلىكى، دەپ ئويلايمەن.

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 08:24:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aplapsaplap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-18 08:28  

مۇھەممەت سالىھ داموللامنى يازغان تىمىدىن ئابدۇلئەھەد دامولامنى بىلىۋالدىم،،،رەھمەت

suzuksu يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 19:22:16

ھەممىڭلارغا رەھمەت.  بەرگەن پىكىر تەكلىپلىرىڭلارغا.  ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن.
بەت: [1]
: ئۇيغۇرۇمنىڭ چوڭلىردىن-مۇھەممەد سالىھقا ئاتاپ