ozkiliq يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 17:42:52

سەبرى قىلىڭلار!

يىقىنقى مەزگىللىرىمىزدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئىنتيرنىت سەھىپىلىرىدە، بىرقاتار ئادەم ئىزدەش ئيلانلىرى ئارقا-ئارقىدىن بيرىلىشكە باشلىدى. ئاتا-ئانلارنىڭ ئەلەملىك نىدالىرى، ئامالسىزلىق ۋەچارىسىزلىق ئالدىدىكى بارلىق ئىشەنچ ۋەئۈمىدلىرى مۇجەسسەملەنگەن باياناتلىرى، ھەسرەتلىك ئىلتىجالىرى، قيرىنداشلارچە سەمىمىيلىك بىلەن ئيتىلغان ئۆتۈنۈشلىرى ھەرقاچان يۈرەكلىرىمىزنى ئۆرتەپ كەلدى. قان-قيرىنداش ، تەقدىرداش ،نەسلىمىز بىر ، ئۇرۇق تۇققانلاردىن بولغانلىقىمىز ئۈچۈن بىزمۇ خۇددى شۇئوماق پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا ئوخشاش ئەنسىرەش ئىچىدە تىپىرلاپلا قالدۇق .
بۇ پەرزەنت ھىجرانى يۈرەكلىرىمىزنىى قاتتىق ئاغرىتتى. چۈنكى دۇنيادىكى ھەرقانداق ھىجران ، پەرزەنت ھىجرانىدىن ئيشىپ چۈشەلمەيتتى . مۇشۇ ھىجران ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنى كۈندۈزى مەئىشەتتىن مەھرۇم قىلسا ، كيچىلىرى ئۇيقۇدىن بىدار قىلغان ئىدى . ئاللاھنىڭ بۇپەيغەمبىرى چەكسىز كەتكەن تۈزلەڭلىكلەرگە قاراپ ، ئۆيىنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدى. ئۇھەممە ياققا تەلمۈرەتتى ،كۈتەتتى . ئۇ ‹‹مەن پەقەت چىرايلىقچە سەبرى قىلىمەن››‹سۈرە يۈسۈپ 18-ئايەتنىڭ بىرقىسمى› دىگەن ئىدى. ئەمما، ئۇنىڭ سەبرىسى ئۇنداق ئاسان قولغا كەلمىگەن ئىدى. ئۇ ، مۇشۇ سەبرى قىلىش جەريانىدا يىغلاۋىرىپ كۆز ياشلىرى قۇرۇغان، ئۈنلىرى پۈتكەن ، قەددى-قامىتى مۈكچەيگەن، چاچ-ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان  ئىنتايىن قيرى بىر بوۋايغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ توختىماي يىغلاۋىرىپ، ھەتتا كۆزىنىڭ قارچۇقلىرى ئيقىپ كۆزلىرىمۇ ئاقىرىپ كەتكەن ئىدى. مانا بۇ ، يۈتۈپ كەتكەن پەرزەنتنىڭ ھىجران ئازابىغا بەرداشلىق بيرىشنىڭ نەقەدەر قىيىن ۋە ئازاپلىق بولىدىغانلىقىنىڭ ، بۇنداق بولىشنىڭمۇ ئاللاھنىڭ ئىنسانغا بەرگەن سىناقلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنىڭ ۋە شۇنداقلا پەرزەنتلەرگە ئىنتايىن مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قاراشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنىڭ ئوچۇق دەلىلى ۋە مىسالى ئىدى . ئاللاھ تەئالا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ييتەكچى ۋە توغرا يول كۆرسەتكۈچى قىلىپ نازىل قىلغان مۇقەددەس كىتابى قۇرئان كەرىمدە ، سۈرە يۈسۈپ‹بۇنىڭدا يۈتۈپ كەتكەن پەرزەنتنىڭ ۋەقەلىكى بايان قىلىنىدىغان بولۇپ ، بەزىلەر بۇسۈرىنى ‹‹ھىجران››سۈرىسى دەپمۇ ئاتىغان.›ناملىق بىر سۈرىنى نازىل قىلغان ئىدى .
شۇ سەۋەبتىن بىز ، پەرزەنتلىرىنىڭ ھىجران ئازابىدا ئەلەم چيكىۋاتقان ، يۈرەكلىرى لەختە-لەختە بولىۋاتقان ئاتا ئانىلارغا شۇنداق دەيمىزكى ، سەبرى قىلىڭلار! خۇددى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام سەبرى قىلغاندەك . سەبرى قىلىڭلار! سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە كەلگەن سىناقلار كەپتۇ . ئىنسانىيەتنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ھۆرمەتلىك كىشىلەرنىڭ بىرىگە كەلگەن مۇسىبەتلەر كەپتۇ . سەبرى قىلىڭلار!ئاللاھ چوقۇم بۇمۇسىبەتنى ياخشىغا ئۆرۈپ بىرىدۇ . خۇددى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنى مىسىرغا پادىشاھ قىلغاندەك . سىلەرنىڭ مۇشۇ سەبرىڭلار تۈپەيلى ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت دەرۋازىسىنى كەڭ ئيچىۋىتىشى مۇمكىن . سەبرى قىلىڭلار! ھەممىمىز دۇئالىرىمىزدا بۇھىجراننىڭ تيزراق ئاياغلىشىشىنى، بالىلىرىڭلارنىڭ ئامانلىقىنى ۋە ئائىلەڭلارنىڭ خاتىرجەملىكىنى ئاللاھقا ييلىنىپ تىلەۋاتىمىز .ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ تىلەكلىرىنى ئىجابەت قىلغۇچى زاتتۇر. سەبرى قىلىڭلار! بىز سىلەرگە پەقەت سەبرىنى تەۋسىيە قىلىمىز . چۈنكى ‹‹ئىمان ئيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر-بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر-بىرىگە سەبرىنى تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن باشقا كىشىلەر زىيانكارلىق ئىچىدىدۇر.››‹سۈرە ئەسىر› سەبرى قىلىڭلار!
بەت: [1]
: سەبرى قىلىڭلار!