Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 12:33:58

تاماق سورۇنى

بۇلغارىيە «كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر» تورىدا ئېلان قىلىنغان ماقالە، ئەسلى تېمىسى «جۇڭگودا تاماق سورۇنى ھېلىھەم مۇناسىۋەت باغلايدىغان سورۇن»، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۆزىنىڭ مەززەلىك تائاملىرىدىن پەخىرلەنمەيدىغان مەدەنىيەتنى تاپماق ناھايىتى قىيىن، ئەمما جۇڭگو مەدەنىيىتى مۇشۇنىڭدىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلىدىغان باشقا ھەر قانداق كەيپىياتنى سۇسلاشتۇرۇۋېتىدۇ. جۇڭگودا، تاماق يېيىش بىر سەنئەت، مەيلى كارخانىلار ياكى شەخسلەر بولسۇن، بىخلىنىپ تەرەققىي قىلىپ زورىيىدىغان «باغچە» دۇر.
كۆپ يىللاردىن بۇيان، مەن تەلەيلىك ھالدا جۇڭگودىكى نۇرغۇن زىياپەتكە قاتنىشىپ، تاماق سورۇنىنىڭ ھېلىھەم مۇناسىۋەت باغلايدىغان، ئوقەت پىشۇرىدىغان، ھۆرمەت بىلدۈرىدىغان سورۇن ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم. تاماق سورۇنى ھېيت- بايرام، توي- تۆكۈن ۋە باشقا پائالىيەتلەردە ھەقەمسايىلەر، خىزمەتداشلار ۋە يۇشۇرۇن شېرىكلەرنى چۈشىنىدىغان سۇپا ھازىرلىدى. نېمىلا دېگەن بىلەن، جۇڭگولۇقلارغا نىسبەتەن، ئەگەر قەدەھلەر موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان مۇشۇنداق بەزمىدە ئورتاقلىق تاپالمىسا، ئىنتايىن كەسكىن بولغان ئىشلاردا ئالاقە قىلالىشىغا قانداقمۇ ئۈمىد باغلىسۇن؟

مەن ناھايىتى تېزلا تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى بايقىدىم: ۋاقىتقا رىئايە قىلىش ئارقىلىق ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش؛ خەنزۇچە تەپسىلىي ئۇچۇر يېزىلغان نام كارتوچكىسىنى چىقىرىپ، قوش قوللاپ سۇنۇش؛ ئالدى بىلەن ساھىبخاندىن تىنچلىق سوراش، ھەر قانداق ئادەمگە سەل قارىماسلىق؛ تەنتەربىيە ۋە ھاۋارايى قاتارلىق «بىخەتەر» تېمىلار بىلەن پاراڭلىشىش، تىجارەتنىڭ تەپسىلاتىنى سۆزلىمەسلىك. كېيىن مەن يەنە «ئۇزاق ئۇرۇش» قا تەييارلىق قىلىش (جۇڭگودىكى تاماق سورۇنى ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق داۋاملىشالايدۇ)، باشتىن- ئاخىر پۈتۈن دىققىتىنى بىرىش، كۆتۈرەڭگۈ كۆرۈنۈش، مۇھىم ئىشى بولمىسا سورۇندىن باشتا چىقىپ كەتمەسلىك دېگەنلەرنىمۇ بىلىۋالدىم. جۇڭگودا تاماق سورۇنلىرىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق قائىدىسى بار، مەسىلەن، ئولتۇرۇش ۋە ھاراق سۇنۇش دېگەندەك. ئولتۇرۇش جەريانىدا ساھىبخاننىڭ يۇشۇرۇن ئىشارىتىگە ئەمەل قىلىش كېرەك. ئەگەر تاماقتىن كېيىن يەنە بىر ئاز ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىنسا، چوقۇم بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ يېتىلدۈرۈش كېرەك.
جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يەنىمۇ يەر شارىلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگودىكى تىجارەت ئەنئەنە تېخىمۇ قويۇق بولغان 2-، 3- سەپتىكى شەھەرلەردە ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن، بۇ جەرياندا يۇشۇرۇن شېرىك بىلەن «مۇناسىۋەت» نى تەرەققىي قىلدۇرۇش تولىمۇ مۇھىم. شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، تىجارەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئېكراندىكى كۆرسەتمە ۋە سىزنىڭ كىيىم- كېچىكىڭىز بىلەن ئاساسەن دېگۈدەك مۇناسىۋەتسىز، بەلكىم سىزنىڭ «مۇناسىۋەت» ئورنىتىشىڭىزغا باغلىق. گەرچە ھەشەمەتچىلىك، كاتتا زىياپەت تەكشۈرۈلۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندىمۇ، بىر ئۈستەل ياخشى تاماق ۋە ھاراقتىن باشقا كىشىلىك مۇناسىۋەت يېتىلدۈرىدىغان تېخىمۇ ياخشى سورۇق يوق.
(ئاپتورى ئېدې فوۋلېر، دىڭ يۈجىڭ خەنزۇچىغا، مۇخپۇل تۇرسۇن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان)

terjime يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 15:32:41

ئۇلارنىڭ يىيىش - ئىچىشتىن باشقا يەنە نىمە ئىشى بارلىقىنى كىم ئويلاپ تاپالايدۇ ( پايدىلىق ئىشتىن )؟  

bahram710 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 17:28:56

terjime يوللىغان ۋاقتى  2014-7-14 15:32 static/image/common/back.gif
ئۇلارنىڭ يىيىش - ئىچىشتىن باشقا يەنە نىمە ئىشى بارلىقى ...

كۈپىيىش ،ۋاستە تاللىماي  پۇل تېپىش.........

dolqun يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 18:22:35

terjime يوللىغان ۋاقتى  2014-7-14 15:32 static/image/common/back.gif
ئۇلارنىڭ يىيىش - ئىچىشتىن باشقا يەنە نىمە ئىشى بارلىقى ...

ھەرقانداق ئېسىل نەرسىنىڭ ئەزان باھالىقىنى دەرھال پەيدا قىلىپ، نامراتلانىڭ داڭلىق مەھسۇلاتنىڭ ھوزرۇنى سۈرۈش ئىمكانىيىنى بەپا قىلىش ( ياخشى تەرىپى شۇمىكىن)

musilina1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 18:31:46

تاماق سورۇنى-خوشەمەتچىلىكنىڭ يەنە بىر خىل ئىپادىسى.....

تاماق سورۇنى ئارقىلىق نۇرغۇن ئىشلار ۋۇجۇتقا چىقىدۇ....

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 18:45:19

بۇ ئادەت بىزگىمۇ يۈقۇپ بولدى

UYGHURBOY يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 18:51:51


پارازىت قۇرۇت ...  :lol:lol:lol

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 02:31:34

ئىچكىرىدىكى بىر خەنسو لوبەن، توختاملىرىمنىڭ 70 پىرسەنتىنى سورۇندا تۈزدىم دېگەنىدى.

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 05:17:35

بىزمۇ ئاللىقاچان ئۈگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ بولدۇققۇ!
ھازىر  مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشنى ئارلاشتۇرماي ھالال پۇل تاپىمەن دەيدىغانلار «ئەخمەق»،«كالۋا»،«نادان»... سانىلىدىغان بولۇپ قالدى!!!

nur000 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 10:37:02

بىزلەرمۇ بىرەر سودىنى قىلماقچى بولساق تاماق سورىنىدا دىيىشىدىغان بوپكەتتۇققۇ

nur000 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 10:37:25

سۇنۇقتىن باشقىسى يۇقىدۇ دىگەن گەپ راست ئوخشايدۇ

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-7-16 12:50:54

Muzepper يوللىغان ۋاقتى  2014-7-15 05:17 static/image/common/back.gif
بىزمۇ ئاللىقاچان ئۈگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ بولدۇققۇ!
ھازىر  ...

مىللى كارخانىنىڭ ئەسكىسى


مەمەتتۇرسۇن ئابدىريىم ئوغلانى

   
         بەزى كارخانىلارنىڭ ئىلانلىرىنى كۆرۈپ كىشى تىترەپ كېتىدۇ . يەنى « تەمىناتى بەك يۇقرى » ، «بىز ساڭا بارلىق شارائىتنى بېرىمىز » ،«سەنمۇ خوجايىن بولالايسەن » دىگەندەك ، ئۇنى كۆرگەن كىشى يۈگۈرۈپ كىرگۈسى كېلىدۇ ، لېكىن بەزى ئىشلار ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ . ئاز بىر قىسىم يەنى ئادەم ئالغۇچى ئورۇنلارنىڭ دىگەن ئىشىنى قىلىپ بېرەلمەسلىكى ، پۇلغا تايىنىپلا دۇكاننى شېركەت  قىلىپ قۇرۇۋالغاچقا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭمۇ شۇ دىگەن سۆزلىرىنى چۈشەنمەسلىكى ،ھەتتا بەزى شېركەت خوجايىنلىرىنىڭ ساپاسىزلىقى ۋە نىيتىنىڭ يامانلىقى سەۋەبتىن  بىر قىسىم چەتئەلدە ۋە يۇقرى دەرىجىلىك مەكتەپلەردە ئوقۇپ كەلگەن  ئىقتىساسلىق ياشلارنى گاڭگىرتىپ ئۇنى ئىچكىردىكى كارخانىلارغا كىتىشكە ياكى دۆلەت مەمۇرلۇقىغا كىرىپلا كىتىشىگە مەجبۇرلايدۇ . شۇنداقلا ئۇلار مىللى كارخانىلىرىمىزنىڭ شۆھرىتىنى يەرگە ئۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ ياخشى  بولغان تەرەققىياتىغا دەخلى قىلماقتا .
     بىر كۈنى بىر ياش ئىمتاھان بەرگىنى كەلدى . خوجايىن بىر ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى دېرىكتورىدىن ئىمتاھان ئالماقچى بولغان ئىدى .
ــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاكا ، قانداق ئەھۋالىڭىز .
ــ ۋەئەلەيكۇم ، ياخشى ، سەن نەدە ئوقۇغان ئۇكا ؟
ــ ئاۋىسترالىيەدە ئوقۇغان . ئاسپىرانتلىقنى xx ئونۋېرستىتىدا تاماملىدىم .
ــ ئاستىرۋىيە دەپ قوي ، ئۇ يەر ئەمىرىكىنىڭ ئىچىدىمۇ تېشىسىمۇ ؟ نىمە ئوقۇدۇڭ ئۇ يەردە ؟
ــ ياق ئاكا ، ئاۋىستىرالىيە ، ئۇ يەر ئامېرىكىغا تەۋە ئەمەس ، ئىككىسى ئايرىم ئىككى دۆلەت . مەن مالىيە باشقۇرۇش قوشۇمچە ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇدۇم .
ــ ئۇكا ، داداڭ نىمىشقىلىدۇ ؟
ــ پىنسىيگە چىققان كادىر .
ــ گىتتار چالالامسەن ؟ ھاراق ئىچىپ قويامسەن يەن ؟  مەسىلەن سورۇندا ھاراق -پاراق ئىچىپ قالساق سورۇننى قىزىتىپ دىگەندەك . خاتا چۈشەنمە ، دېرىكتور بولغان كىشى ھەممە سالادا بولمىسا بولمايدۇ ، ھاراق كەلسە قېقىپ قويۇپ، سورۇننى قىزىتىپ ئىشنى بىجىرىشكە ئاسان قىلىدۇ . چالالاسەن ؟ چەتئەل دىگەندە ئۇ مودىغۇ .
ــ ياق ،ئاكا ، مەن ئۈگۈنۈش  بىلەنلا بولۇپ بۇلارنى ئۈگۈنۈپ بولالمىغان ئىدىم . چالالمايمەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشتىن سىرت ئىشلەپ تۇرمۇش پۇلۇمنى تاپقان ئىدىم ،شۇڭا ۋاقتىم يەتمىدى .ھاراقنىمۇ ئاغزىمغا ئالمايمەن .  
ــ ۋاي ئىسىت ... بىكار ئوقۇپ كەپسەن ، ھە راس ، نىمە ئىشلارنى قىلالايسەن ؟
ــ شېركەتنىڭ خادىملىرىنى باشقۇرۇش ، مالىيە ئشىلىرىنى تەكشۈرۈپ ، شېركەت لاھىيلىرىنى تۈزۈش ، ياكى ئىجرا قىلىش ، ئېلان -تاشۋىقات جەھەتتە مۇۋاپىق ئورۇن بەلگىلەپ ، شېركەتنىڭ باشقۇرۇش ئىشلىرىنىڭ نورمال يۈرگۈزۈلشىگە كاپالەتلىك قىلىش ... دىگەندەك ، يەنە باشقۇرۇشنىڭ ھەرخىل شەكىللىرىنى بىلىمەن .
ــ ۋوي ئۇلارنى كىم بىلمەيدۇ ، ئىسمىنى چىرايلىق دەپ قويىدىكەن تېخى . مەن  خەت يېزىشتىن ساۋادىم تۇرۇپ شېركەتنىڭ جىمى ئىشلىرىنى ئېلىپ مېڭىۋاتىمەن . قارىغاندا سېنىڭمۇ ئوقۇغىنىڭ تايىنلىق ئوخشايدۇ .
ــ ...
ــ مەن ساڭا دەپ بېرەي ئۇكام ، ھازىر سەن تېخى خام ، ئالدى بىلەن تىلۋىزورنىڭ ، رادئونىڭ باشلىقلىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشى قىلىسەن ، ئۇلارنىڭ دىگىنىنى بېرىسەن  ،دىمەك سېنىڭ ئىلان ئىشلىرىڭ يۈرۈشۈپلا ماڭىدۇ ، ئاندىن بىر قانچە  مەددانى تېپىپ كۈنىگە بىر مەدىكارنىڭ پۇلىنى بەرسەڭ مەھسۇلاتنى بازار -بازاردا توۋلايدۇ ، ئازراق كىرىم بولغاندىن كېيىن باشلىقلارنى ، ژۇرناللاردىكىلەرنى  مىھمان قىلىسەن ، ئاندىن سەن مىڭ كوينى ھەرقانداق يەردە ئىئانە قىلساڭمۇ سېنىڭ نامىڭ «ساخاۋەتچى » بولۇپ چىقىدۇ ، مېلىڭنى قىممەتلەشتۈرۈپ ، خەقتىن ئالغاننى خەخكە سالىسەن، ،چۈشەنمىدىڭما ؟ مەن چۈشەندۈرۈپ قوياي ، يەنى شۇ كۆپ چىققان پۇلنى بولىشىغا كەمبەغەلدىن نەچچىنى  تېپىپ راسا ياردەم قىلسەن ،ھەر قېتىم  بىر نەچچە مۇخبېرنى ئەگەشتۈرۈپ بارىسەن  .ھېلىقى سەن ياردەم قلغانلار خۇشاللىقىدا ئۆيۈڭگە كېلىپ مالايلىقىڭنى قىلىدۇ .  ئانچۇ - مۇنچە بىرنىمىلەرنى يېزىپ   ياكى بىرسىگە پۇل بېرىپ يازدۇرۇپ ژۇرناللاردائىلان قىلىپ  تۇرىسەن ، شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنى سېنى ساخاۋاتچى ، يازغۇچى ، كارخانىچى دەپ ئالقىشلايدۇ .بۇنىڭ بىلەن نامىڭ چىقىدۇ ، چولپاندىنمۇ يامان بولۇپ كىتىسەن .  دىمەك سەن سازدىن بىرەرنى بىلسەڭ ئىدىڭ ماڭا دەل لازىملىق كىشى بولاتتىڭ .
ــ ئاكا ،مەن شېركىتىڭىزنىڭ باشقۇرۇش ئىشلىرىنى ياخشى قىلالايمەن . بۇنىڭدا چاتاق يوق .
  ــ كىچىك بالا دە سەن ، مەن شۇنچە يىل تېرىشىپ ئاران پەيدا قىلغان ئىگىلىكىمنى دېرىكتور دەپ ساڭا تۇتقۇزۇپ قويارمەنمۇ ؟ سېنىڭ قىلىدىغان ئىشىڭ پەقەت ماڭا ياردەملىشىپ يۈگۈر يىتىمنى قىلىسەن ، سورۇنغا بارىسەن ،يەنە بىر ئىش بار ، بىز ھەرگىز خىزمەتچىنى مۇقىم ئىشلەتمەيمىز ،مائاشمۇ بەرمەيمىز . ھەقسىز دىگۈدەك  ئىشلەيدۇ .
ــ قانداق دەيسىز ؟
ــ كاللاڭ ئىشلىمەيدۇ - دە ، كىتابلا ئوقۇما ، تۇرمۇش ئۈگەن ، بوپتۇ ، سەن مەندە ئىشلىسەڭ ئۈگۈنۈپمۇ قالارسەن ، مەن ساڭا دەپ بېرەي : ئاۋال ھەممە يەردە ناھايتى چوڭ گەپلەر بىلەن خىزمەتچىلەرنى ئالىسەن ، ئۇلارنى خىزمەت ھەققى يۇقرى دەپ توختام تۈزۈشكە مەجبۇرلايسەن ، ئۇلار كېلىپلا قىزغىن ئىشلەيدۇ ، ھەممىسنىڭ ۋاقتىغا قاراپ بىر -ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئىككى -ئۈچ ئادەمنىڭ خىزمىتىنى بىر كىشىگە يۈكلەيسەن ، ئۇ ئىش تەس كېلىپ كەتمەكچى بولىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن توختامغا ئاساسەن ئۇ ئاي توشماي كەتسە پۇلنى بەرمەيسەن ،ئىشلىسىمۇ بىر ئادەمنى ئۈچ كىشلىك ئىشىلتىپ بىر ئادەمنىڭ ھەققىنى بېرىمىز  . ئۇ بىزگە ئىككى ھەپتە ھەقسىز ئىشلەيدۇ ، دىمەك زىيان تارتمايسەن . يەنە بىر تۈركۈمنى «يۇقرى مائاش بار » دەپ ئېلىپ كىلىسەن . ئەگەر مۇقىم ئىشلىتىدىغان كىشىلەر بولسا ئۇنى راسا  ئىشىلتىپ مائاشنى قىسىپ بېرىسەن .
ــ بۇنداق قىلسىڭىز خىزمەتچىلەر چىدامدۇ ؟ رازى بولامدۇ ؟
ــ چىدىمايچۇ ؟  رازى بولسا بولمىسا مېنىڭ كارىم يوق ، ئۇلارنى ئاز مائاش بىلەن كۆپ ئىشلەتسەملا كۇپايە .
ــ بۇنداق قىلسىڭىز خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىغا دەخلىسى بولىدۇ ، ئۈنۈمنى يۇقرى كۆتۈرەلمەيسىز .
ــ ۋاي ئۇكام ،ھەر يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن  دۆلەت مەمۇرلۇقتا ئىشلىمەيدىغان بالىلار دىگەن كۆپ ، ئۇلار ھازىر كارخانام بار دېسىڭىز  يۈگۈرۈپ كېلىدۇ ، ماڭا خىزمەتچى ئازمۇ دەمسىز ؟
ــ بۇ قىلغىنىڭىز مىللى كارخانىلارغا قىلىنغان ھاقارەت ، ھارامنى يىيىش ، سىز ھامان بىر كۈنى ۋەيران بولىسىز ، مەن كەتتىم .
ــ نىمە دەۋاتىسەن ؟ ھەي ھارىمى ، سەن چەتئەلدە ئوقۇساڭمۇ مۈڭگۈز چىقمايدۇ ، سەن يەنىلا مەندەك قارا قورساقنىڭ قولىدا  ئىشلەيمەن دەپ ئالدىمغا يالۋۇرۇپ كەلگەنسەن ؟ تولا ئىچىمنى سىقما ، سەندەك سويمىلارنى كۆپ كۆرگەنمەن .
ــ ئەمدى كارخانا دىگەندەكلەردە ئىشلەيدىغان بولسام ئىسمىمنى يۆتكىۋىتىمەن .
  ــ يوقال ماڭ ...
      بۇ تۇرمۇشنىڭ كىچىككىنە كارتىنىسى ، ياكى ئەمەستۇر ،بەلكىم بۇنداقلارنى  كۆرۈپ ھاياجانلىنىپ سىزمۇ ئوقۇغۇچىدەك تۇيغۇدا بولارسىز  ،  لېكىن  كارخانىلار مىللى كارخانىلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىقتىساس ئىگىللىرىنى قەدىرلەڭ ، شۇنداقلا ئىقتىساس ئىگىللىرىمۇ  بىر  ناچار كىشىنى ياكى كاخانىنى كۆرۈپ پۈتۈن كارخانىلارغا باھا بەرمەڭ ، شۇنداق قىلغاندىلا ئۇقۇشماسلىقلار ھامان تۈگەيدۇ . يادىڭىزدا بولسۇن ، مىللى كارخانا ئۇ بىرلا ئەمەس ،ئەسكىسى ئاز ،لېكىن  ياخشىللىرى يەنىلا كۆپ .

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-7-16 17:26:02

ھەل بولمىغان ئىشلار شۇ يەردە ھەل بولدۇ .......
بەت: [1]
: تاماق سورۇنى