ehsanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 08:32:50

شىنجاڭ لوقمان دوختۇرخانىسى دوختۇر،سىستىرا قۇبۇل قىلىدۇ!


دوختۇرخانىمىزنىڭ كەسپىي تەرەققىيات جەريانىدىكى ئىختىساسلىق خادىملارغابولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، كەڭ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئىختىساسلىق خادىملارنى ئۆزقابىلىيىتىنى نامايەن قىلىدىغان كەڭ سەھنە بىلەن تەمىنلەش، ھۆكۈمەتنىڭ ئىشقائورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىنى يېنىكلىتىش مەقسىتىدە دوختۇرخانىمىز پۈتۈن شىنجاڭ تەۋەسىدىن كەڭ كۆلەمدە تېببىي خادىم قوبۇل قىلىشنى قارارقىلدۇق.

بىزنى تاللىسىڭىز ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئەڭ يۇقىرى تەمىنات ۋە ئەڭ ئەۋزەل كەسپىي مۇھىتتىن بەھرىمەن بولىسىز!
قوبۇل قىلىنىدىغان كەسىپلەر:
كىلىنىكا دوختۇرى: سانى، جىنسى، نوپۇس تەۋەلىكى چەكلەنمەيدۇ.
شەرتى: ئوقۇش تارىخى مەخسۇس كۇرۇس (داجۈەن) تىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگەبولغانلار قوبۇل قىلىنىدۇ.
كەسپىي سالاھىيەت كىنىشكىسىنى ھازىرلاپ بولغان دوختۇرلارغا ئوقۇش تارىخى چەكلىمىسى قويۇلمايدۇ.
سېسترا: سانى، جىنسى، نوپۇس تەۋەلىكى چەكلەنمەيدۇ.
شەرتى: كەسپىي سالاھىيەت كىنىشكىسىنى ئېلىپ بولغانلار قوبۇل قىلىنىدۇ.
بىز تەمىنلەيدىغان شارائىت:
تاماق: دوختۇرخانىمىزدا مەخسۇس خىزمەتچىلەر ئاشخانىسى بار، تاماق باھاسى بازار باھاسىدىن %50 تۆۋەن، سۈپىتى بازاردىن كۆپ ياخشى.
ياتاق: سىرتتىن كەلگەن خادىملار ئۈچۈن ھەقسىز ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
سۇغۇرتا: ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى قاتارلىق ئۈچ خىل سۇغۇرتا بار.
مائاش: ئاساسى مائاش (ئىش ئورنى مائاش، ئوقۇش تارىخى مائاشى، سالاھىيەت مائاش، ئۇنۋان مائاش، ئوقۇتۇش مائاش، تېببىي ئەخلاق، تېببىي ئىستىل تولۇقلىمىسى)،ۋەزىپە مائاش، ئۈنۈم مائاش.
تولۇقلىما مائاش: قاتناش تولۇقلىمىسى، تازىلىق تولۇقلىمىسى، كىتاب كۆرۈش تولۇقلىمىسى، تېلېفون ھەققى تولۇقلىمىسى.
تەربىيىلەش: ئىشتىن بۇرۇنقى تەربىيىلەش، ئىش ئورنى ئالماشتۇرۇش تەربىيىلەش،مەخسۇس كەسىپ بويىچە تەربىيىلەش، مۇتەخەسسىسلەر مەخسۇس تەربىيىلەش، باشقۇرۇش ئىلمى بويىچە تەربىيىلەش، ئىلىم ئالماشتۇرۇش، زىيارەت ئۆگىنىشى، چەتئەللەردە تەكشۈرۈش،ئالماشتۇرۇشتا بولۇش

تىزىمغا ئالدۇرۇش ئورنى: لوقمان دوختۇرخانىسى ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمى
مەنزىل: قاراقاش ناھىيە يىپ بازىرى يولى 23-نومۇر (چوڭ جامە ئالدىدا)
ئالاقىلاشقۇچى: ئابلەت ئىمىن
تېلېفون: 18999433255
ئىشخانا: 0903-6515550
فاكىس: 0903-6515550
تور مەنزىلى:www.lokman.cn
ئېلخەت:lokmanhospital@tom.com


دوختۇرخانىمىزنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى
لوقمان دوختۇرخانىسى 1981-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ 30 نەچچە يىللىق تارىخى تەرەققىيات جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن، داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىقنى ساقلاش،ئوقۇتۇش، تەتقىقات، ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىرگەۋدە قىلىنغان، خوتەن ۋىلايىتى بويىچە چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقراۋى دوختۇرخانابولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
نۆۋەتتە دوختۇرخانىمىزدا 450 دىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچى بار، ئومۇمىي كۆلىمى 16200 كۋادرات مېتىردىن ئارتۇق، تەستىقلانغان كېسەل كارۋىتى 290 دانە،ئەمەلىي كارۋات 350 دىن ئارتۇق. يىللىق ئامبۇلاتورىيە كېسەل كۆرۈش مىقدارى 115000ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق، بالنىستتىن داۋالىنىپ چىقىپ كېتىدىغان كېسەل 18196 ئادەمقېتىمدىن ئارتۇق، يىللىق ئوپېراتسىيە مىقدارى 4000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق بولۇپ،نۆۋەتتە دوختۇرخانىمىزدا 14 دانە كېلىنىكىلىق داۋالاش بۆلۈم، 13 دانە قوشۇمچەتەكشۈرۈش بۆلۈم، 8 دانە فۇنكتسىلىك بۆلۈم تەسىس قىلىنغان، س ت ، خېسى، رەڭلىك بچاۋ، پۈتۈن ئاپتوماتىك بىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى، قورساق بوشلۇقى ئەينىكى قاتارلىق ئىلغار سايمانلاردىن سىرت چوڭ تىپىتكى ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلاردابولۇشقا تېگىشلىك بارلىق سايمانلار تولۇق بولۇپ، ھازىرقى زامان ئىلغار باشقۇرۇش ئەندىزىسى قوللىنىلغان.
دوختۇرخانىمىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ۋەشىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا بىلەن تېخنىكا، تەربىيىلەش،ھەمكارلىق، باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ئورناتقان،ئۇنىڭدىن باشقا دوختۇرخانىمىز ھازىر جۇڭگو دوختۇرخانا ئىلمىي جەمئىيىتى پۇقراۋى دوختۇرخانىلارنى باشقۇرۇش تارماق كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى تېببىي دورىگەرلەر جەمئىيىتىنىڭ دائىمى مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى، شىنجاڭ دوختۇرخانا ئىلمىي جەمئىيىتى پۇقراۋى دوختۇرخانىلارنى باشقۇرۇش مەخسۇس كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى قاتارلىق شەرەپلەرگە نائىل بولغان.
دوختۇرخانىمىز بىمارلارنىڭ داۋالىنىش شارائىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاش، كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۈچۈن 2012-يىلى داۋالاش، تېزقۇتقۇزۇش، ياشانغانلارنى كۈتۈش، ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يەسلى، ئائىلىلىك بىرگەۋدە قىلىنغان چوڭ تىپتىكى "لوقمان ساغلاملىق شەھەرچىسى" قۇرۇلۇشىغائىلتىماس قىلىش ئارقىلىق، تەستىقلانغاندىن كېيىن 2013-يىلى 6-ئايدا رەسمىي ئىش باشلىدۇق، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 87500 كۋادرات مېتىر، پىلاندىكى كارۋات سانى1000 كارۋات ئەتراپىدا، ئومۇمىي سېلىنىدىغان مەبلەغ تەخمىنەن 390 مىليون يۈەندىن ئارتۇق، ھازىر بۇ تۈرنىڭ ئۇنىۋېرسال كېسەلخانا بىناسىنىڭ 8 – قەۋىتىگە چىقىپ بولدى، 2015-يىلى يىل ئاخىرىدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشىش پىلانلىنىپ بولدى.

yawa يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 13:56:53

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yawa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-14 14:58  

بۇ تېمىنى ساقلاپ قوياي.

kirindax يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 15:47:14

« خېسى» دىگەن نىمە بوپ كەتتى ئەمدى ؟ نەچە گەپ بۇ ؟

ehsanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 15:59:35

kirindax يوللىغان ۋاقتى  2014-7-14 15:47 static/image/common/back.gif
« خېسى» دىگەن نىمە بوپ كەتتى ئەمدى ؟ نەچە گەپ بۇ ؟

ئۇيغۇرچە يادرو ماگنىتلىق رزونانىس دەپ ئاتايدىكەنمىز،بۇندا ئاتىسا جىق ئادەملەر چۈشەنمەيدۇ ، خېسى دىسە ھە دەيدۇ شۇڭا شۇپېتى ئالغان

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 18:58:39

تىببى ئۇنۋېرستتلاردا ئوقۇغانلارغا ياخشى پۇرسەتكەن بۇ .

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 19:21:13

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ozuyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-14 19:52  

رەسىمدىكى ساغلاملىق شەھەرچىسى قايەرگە سېلىنىدۇ؟  قاچان ئىشقا كىرىشتۈرىلىدۇ؟
ھازىرقى لوقمان دوختۇرخانىسى بەك كىچىك كېلىپ قاپتۇ،  ئازادە جايغا يۆتكەش زۆرۈركەن.  بۇ دوختۇرخانىنىڭ تەكشۈرۈش سايمانلىرى ئىلغار، داۋالاش سۈپۈتىمۇ يۇقۇرى شۇڭا  قاراقاش، خوتەن، گۇما، قاغىلىق، يەكەن قاتارلىق جايلاردىن داۋالىنىدىغانلار كۆپ.
مەن ھىس قىلغان ئارتۇقچىلىقى  ئۈسكۈنىلەر ئىلغار، داۋالاش تېخنىكىسى يۇقۇرى، دوختۇر، سېستىرالارنىڭ مۇئامىلىسى ياخشى. كەمچىلىك دەپ قارىغىنىم، باشقۇرۇش سەل قالايمىغان، دوختۇر سېستىرالار ئىش ئورنىدا  بەك تۇرمايدۇ، قىياپەت،  يۈرۈش-تۇرۇش، گەپ- سۆزدە ئىلمىي ئەمەس، دوختۇرخانا باشلىقى ئابدۇخەبەر ھاجىمدىن كۆپرەك ئۆگەنسە.   زال ، كارىدور ۋە ھاجەتخانىلارنىڭ تازىلىقى ياخشى ئەمەس.  نامى خېلى بار دوختۇرخانا بولغاندىكىن  مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارنىڭ سەۋىيىسىگە يېتىشكە كۈچىسە.

0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 19:38:24

كاسىسر بوغالتىر لازىم بولسا ئۇچۇر قالدۇرساڭلار بوپتىكەن، يا تېما ئىگىسىمۇ بىلمەمسىز ?

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 19:42:21

0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-14 19:38 static/image/common/back.gif
كاسىسر بوغالتىر لازىم بولسا ئۇچۇر قالدۇرساڭلار بوپتىك ...

تېلپفۇن قىلسىڭىزلا بىلىۋالاليسىزغۇ.

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 20:02:06

بولسا قايسى بۆلۈملەرگە شۇنىمۇ تەپسىلى كۆرۈپ باققان بولساقچۇ ھە، مەسلەن ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىمۇ بارمۇ دېگەندەكچۇ، لوقمان دوختۇرخانىسىغا ئۇتۇقلار يار بولسۇن

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 00:22:11

ئاۋۇ قۇرلۇشنى بىز سېلىۋاتىمىز.  رەسىمدە يول بويىغا نىمانچە يىقىن ئەكىلىۋالدىڭلار ھوي. خىلى بىر ھادۇق ماڭغاندا ئان بىرىپ بولىدۇ ئەدەم.  لىكىن دائىرىسى كەڭرى.ئورنى 315ـدۆلەت تاش يولى بويىدىلا.

ehsanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 07:37:38

Ozuyghur يوللىغان ۋاقتى  2014-7-14 19:21 static/image/common/back.gif
رەسىمدىكى ساغلاملىق شەھەرچىسى قايەرگە سېلىنىدۇ؟  قاچا ...

ساغلاملىق شەھەرچىسى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ پويىز ئىستانىسىدىن كىلىدىغان يول بىلەن تۇخۇلا ،زاۋا يېزىلىرىغا تۇتىشىدىغان دۆلەت 315 يۇلى كىشىسىدىغان يول بۇيىغا سېلىنىۋاتىدۇ،قۇرۇلۇش ئاللىقاچان سېلىنىشقا باشلىنىپ ئونۋېرسال كىسەلخانا بىناسىنىڭ 8-قەۋىتىگە چىقىپ بولدى.......ئاللاھ خالىسا 2015-يىلى يىل ئاخىرىدا كۈچۈش پىلانلانماقتا........
قىممەتلىك پىكىرلەرنى بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت،تەنقىدىي پىكىرلەرنى قۇبۇل قىلىشقا ھەرۋاقىت تەييارمىز!بىز لوقمانلىقلارمۇ ئەلۋەتتە كۈچىمىزنىڭ بارىچە تىرىشىمىز،كۆپچىلىككە رەھمەت!

ehsanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 07:40:12

UyghurBalisi يوللىغان ۋاقتى  2014-7-14 20:02 static/image/common/back.gif
بولسا قايسى بۆلۈملەرگە شۇنىمۇ تەپسىلى كۆرۈپ باققان بو ...

بىزدە كىلىنكىلىق بۆلۈمدىن 13 تىن كۆپرەك بۆلۈم بار،دىگۈدەك ھەممە بۈلۈمگە قۇبۇل قىلىمىز........تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز،دوختۇرخانىمىزنىڭ ئادەم كۈچىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىگە تېلفۇن ئۇرۇپ سۈرۈشتە قىلغايسىز! رەھمەت!

ehsanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 07:41:14

0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-14 19:38 static/image/common/back.gif
كاسىسر بوغالتىر لازىم بولسا ئۇچۇر قالدۇرساڭلار بوپتىك ...

ھازىرچە ئۇ توغرىسىدا ئۇچۇر يوق بولسا ھە  دەي سىزگە

ilterish يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 12:02:06

Ozuyghur يوللىغان ۋاقتى  2014-7-14 19:21 static/image/common/back.gif
رەسىمدىكى ساغلاملىق شەھەرچىسى قايەرگە سېلىنىدۇ؟  قاچا ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دوختۇرخانىمىزغا بەرگەن قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت، مەن مۇشۇ دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى ياردەمچىسى بولىمەن، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ سىز ھېس قىلغان مەسىلىلەرنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ياكى ئۆزىڭىز توغرا تاپقان ۋاقىتتا بىۋاسىتە ماڭا ئىنكاس قىلىپ قويىشىڭىزنى ئالاھىدە ئىلتىماس قىلىمەن.
تېلېفون نومۇرۇم: 18999433255
چ چ : 279506263

دوختۇرخانىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە تەرەققىياتى بارلىق نەپەسداشلىرىمىزنىڭ تەقدىرى بىلەن بىردەك، سېلىنىۋاتقان دوختۇرخانىمىزغا يېقىن كەلگۈسىدە 1500 ئەتراپىدا قېرىنداشلىرىمىز ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىرەيلەننىڭ بىزگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ۋە دىققەت قىلىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. رەھمەت!

dawrim يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 20:11:18

ئۇچۇر تورى تاقىلىپ قالمىغاندۇ     مۇنبەرلەدىمۇ ئېلان  كۈپۈيۈپ قالدى  مۇشۇ كۈنلەدە

0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 21:44:14

ehsanjan يوللىغان ۋاقتى  2014-7-15 07:41 static/image/common/back.gif
ھازىرچە ئۇ توغرىسىدا ئۇچۇر يوق بولسا ھە  دەي سىزگە

ھە ماقۇل  ، رەھمەت

0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 21:46:04

Ozuyghur يوللىغان ۋاقتى  2014-7-14 19:42 static/image/common/back.gif
تېلپفۇن قىلسىڭىزلا بىلىۋالاليسىزغۇ.

شۇنداق  قىلاي  زادى :lol
بەت: [1]
: شىنجاڭ لوقمان دوختۇرخانىسى دوختۇر،سىستىرا قۇبۇل قىلىدۇ!