windows8 سىستىمىسىنى 8.1 گە كۆتۈرۈشتىن ياردەم!!!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .ئالدى بىلەن ھەممەيلەننىڭ قۇتلۇق مۇبارەك كۈنلىرىگە مۇبارەك بولسۇن.مەقسەتكە كەلسەك. يىقىندا كومپىيۇتۇرۇمنىڭ قاتتىق دىسكىسىنى ئالماشتۇرغانتىم.شۇ باھانىدە سىستىمىنىمۇ يىڭىلىۋىتەي دەپ windows8 سىستىمىسىنىڭ ھەقىقى نەشىرىنى تىيەنماو تورىدىن سىتىۋالغانتىم.شۇنداق قىلىپ يىڭى سىتىۋالغان قاتتىق دىسكىنى رايونغا ئايرىپXP نى قاچىلاپتىمەن.لىكىن ماڭا windows8 سىستىمىنى سىتىپ بەرگۈچى تەرەپ XP مۇھىتىدا windows8نىڭ بارماق دىسكىغا ئويۇش كۆزنىكىنىڭ ئىچىلمايدىغانلىقىنى،شياويۇەن شىيەنلۇ توربىكىتىگە ئوپتىك دىسكا سىتىۋىلىش ئىلتىماسى سۇنۇشۇمنى ئىيتتى.لىكىن مەن دىسكىنىڭ پوچتىدىن كىلىشىنى ساقلاشنى خالىمىدىم.شۇڭا windows7نى قاچىلىدىم.ئاندىن windows8نىڭ چۈشۈرۈش ياردەمچىسىنى قوزغاتتىم.قەتئى ئۇلانمىدى.شۇنداق قىلىپ ساتقۇچى ئورگان توربىكەتتىكىلەر(شياويۇەن شىيەنلۇ) بىلەن ئالاقىلەشتىم.ئۇلار بەيدۇ تور دىسكىسىغا چىقىرىپ قويغان 32بىتلىق ۋە 64بىتلىق ئىككى ئادىرىسنى تەمىنلىدى.32بىتلىقنى چۈشۈرۈپ بارماق دىسكىغا ئورۇنلاشتۇرۇۋالدىم.ئاندىن يەشتىم.ھەرھالدا مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى.ئاچقۇچ نۇمۇرنى تەلەپ قىلدى.ئۇنىڭدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كەتتى.قاچىلىنىپ بولغانمۇ بولدى.لىكىن ئۈستەل يۈزىدە ئەخلەت ساندۇقىدىن باشقا ھىچ نەرسە يوق.نەشىرىنى 8.1گە كۆتۈرەي دىسەم ئەپ بازىرىغا قەتئى ئۇلانمىدى.بەك كۆپ ھەپىلىشىپ كەتتىم.ھەتتا ئابونت نامىمنى مىكروسوفت ئابونتىغا ئالماشتۇرغىلىمۇ بولمىدى.ئىتىرنىتتا مەسىلە بارمىكىن دىسەم ئۇلىنىش ۋە بەزى تور بىكەتلەرگە نورمال چىقىۋاتىدۇ.مەسىلە يوقمىكىن دىسەم باشلاش تىزىملىكىدىكى ئۇلانمىلارنىڭ ھىچقايسىغا ئۇلانمايۋاتىدۇ.ھەتتا مەن دائىم چىقىدىغان بەزى تور بىكەتلەرگە پەقەتلا ئۇلانمىدى. بەكلا ئىچىمنى سىقىۋەتتى.....ماڭا ياردەم قىلساڭلارچۇ،قانداق قىلسام نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيمەن؟قانداق قىلسام نورمال تورغا چىقىدۇ؟يەنە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىمۇ بار؟ قەشقەرلىك شە باللىرى بولسا كومپىيۇتۇرۇمنى قۇچاغلاپ ئالدىڭلىغا ئاپارساممۇ بولىتى...... مەن مۇ 8.1 يىڭىلاي دىسەم پەقەت ئېچىلمىدى ئەپ بازىرى ؟بىلىدىغانلا بولسا بى ھايت ھۇيت دەپ بىر ئەقىل كورسەتمەمسىلە رايون: خوتەن- گۇما
http://go.microsoft.com/fwlink/?linkid=68920
ھازىرچە بۇ تور بىكەتكە سىستىما ئولانمايۋاتىدۇ ياكى ئىچىلمىدى. سىستىما يىڭىلاش بىزنىڭ كوپىيۇتىرلاردىمۇ بولمايۋاتىدۇ.
ھۆكۆمەتنىڭ ئىشى ئوخشايدۇ. http://www.qutyar.net/mb/thread-7581-1-1.html
ماۋۇ تېمىدىكىدەك قىلسىڭىز بولىدۇ. ئوڭۇشلۇق قىلالايسىز. Windows كۇنۇپكىسى + R كۇنۇپكىسىنى قوشوپ بېسىپ بۇيرۇق يېزىش تاختىسىغا cmd دەپ يېزىڭ
ئاندىن چىققان كۆزنەككە netsh winsock reset دەپ يېزىپ ئىنتىر نى بېسىڭ
ئاندىن نورمال تورغا ئۇلىنىدۇ نەچچە كۈنلەر بولۇپ قالدى ، دۇكانغا ئۇلىنالمايۋاتىدۇ ، سېستىما windows8.1 . بۇ نىمە ئىشتۇ ،
ۋىندوۋس 8.1 ئىشلىتىۋاتقانلار ، سىلەرنىڭ نورمالمۇ ؟ دۇكانغا ئۇلىنىۋاتامدۇ ؟
دۇكانغا ئۇلىناي دىسەملا بىر ئۇزۇن تۇرۇپ ، خاتالىق ئۇچۇرى كۆرسىتىۋاتىدۇ . يەنە ۋىندوۋس يېڭىلاش ئىقتىدارىمۇ نورمال ئەمەس ، خاتالىق ئۇچۇرى بار . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yulhun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-13 15:07
ئامال بار 8.1 نىڭ يىڭىلاش نەشىرنى قاچىلاڭ.
8.1
بۇ 64 بىتلىكى .
بۇ 32 بىتلىكى .32
كەسپى نەشىرنىڭ قاچىلاش ئاچقۇچى XHQ8N-C3MCJ-RQXB6-WCHYG-C9WKB
بۇ پەقەت قاچىلاش ئاچقۇچى ،ئاكتىپلاش ئەمەس.قاچىلاپ بۇلۇپ سىتىۋالغان ئاكتىپلاش نۇمۇرى بىلەن ئاكتىپلايسىز
يەنە بىرىسى onedriveنىڭ شامىلىنى يىغىۋىتىپتۇ.قايسى كۇنى dnsبۇلغۇنۇپتۇ دىگەن،يەنە بىرىسى بۇلار بىخەتەرلىكنى يۇقىرلاتقان ms،شۇڭا مالار بىلەن كىلىشەلمىگەن ئوخشايدۇ.
ئامال http://www.williamlong.info/archives/3890.html مۇشۇ dnsبۇلغاننىڭ ۋە گورۇگە ئالغاننى ئوڭشايدۇ.
ئامال يوق بۇلار بىخەتەرلىكنى ئاشۇرغاندىن كىيىن ،مالار مۇشۇ ۋاستىنى قوللانغان گەپ.
يەنە بىرىسى 4.2.2.2 ھەم 4.2.2.1 ماۋۇ dnsنى ئىشلىتىپ بىقىڭ.
ئاساسلىق http://sec.chinabyte.com/154/13003154.shtml مۇشۇنىڭ ئىشى.
مەن ئۆتكەن يېڭىدىن ئېلان قىلىنغاندىلا ئەپ بازىرىدىن بىر كۇنۇپكىسىنى بېسىپلا كۆتۈرىۋالغانتىم. ئاسانلا بوپ كەتكەنتى. مىنىڭمۇ ھەقىقى نەشىردىكى 8.1 ئىدى. نەچچە ۋاقىتنىڭزى نورمال ئىدى. مۇشۇ ھەپتىدەك بولۇپ قالدى.ئاكتىپلاڭ دەپ چىقىۋىلىپ ئاكتىپلاشنى باسسام ئاكتىپلىنالمىدى ، بىردەمدىن كىيىن قايتا سىناڭ دەپلا تۇرىدۇ..
dns نى 8.8.8.8 ۋە 8.8.4.4 غا ئۆزگەرتىپ باقتىم، يەنىلا پايدىسى بولمىدى. قارىغاندا بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن چەكلىگەن ئوخشايدۇ، دۇكانغا ئۇلىنالماسلىغى ، ۋە ياماق يېڭىلاش ئىقتىدارىنىڭ ئىشلىمەسلىگى سېستىمىدىن چاتاق چىققانلىقى سەۋەبلىكمىدۇ ياكى تور كاشىلىسىمىدۇ ، باشقا ۋىندوۋس 8.1 ئىشلىتىۋاتقانلار ، سىلەرنىڭ دۇكانغا ئۇلىنىۋاتامدۇ ؟ ياماق يېڭىلاش ئىقتىدارى ئىشلەۋاتامدۇ ؟ mohsin يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 15:06 static/image/common/back.gif
دۇكانغا ئۇلىنالماسلىغى ، ۋە ياماق يېڭىلاش ئىقتىدارىنى ...
سىستىما ئىشى ئەمەس،تورنىڭ ئىشى. مېنىڭمۇ 8.1 ئىدى، تورغا نورمال چىقىۋاتىمەن، لىكىن ئەپ بازىرىغا ئۇلانمىدى. ھازىر سىنىدىم. يەنە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قانداق چۈشۈرىمەن؟ بىر چاغلاردا سائەتلەرچە ئولتۇرۇپ چۈشۈرگەننى كۆرگەن. ئاۋال ئىنگىلىزچىسىنى چۈشۈرمىگىچە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرگىلى بولمايدۇ دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىغان،مەن يىرىم كۈن ھەپىلىشىپ تىل بولىقىنى چۈشۈرىدىغان يەرنى تاپالمىدىم، ئەپ بازىرى ئىچىلمىسا مىنە.
http://www.intil.biz/home/forum.php?mod=attachment&aid=MTAyODB8ZWE5NDMzMjN8MTQwNTI1MTAwMXwwfDE1ODg0
ئۇيغۇرچە تىل بولىقى.
http://download.microsoft.com/download/E/A/B/EAB02FA6-7C98-4998-8155-F4265863ECFC/LIP_ug-CN-32bit.mlc
http://download.microsoft.com/download/E/A/B/EAB02FA6-7C98-4998-8155-F4265863ECFC/LIP_ug-CN-64bit.mlc مەنمۇ تىل قۇشۇش رايۇنىدىن ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىنى قاچىلىيالماي،ئاخىرى يۇقارقى ئادرىستىن چۈشۈرۈپ قاچىلىغان.ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى ھۆججىتى كومپىيوتىرىمدا بار.لازىم بولغانلار ئېلخەت ئادرىسىنى قالدۇرسا ھەقسىز ئەۋەتىپ بىرىمەن.:P بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yawuzbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-13 18:16
office 2013 نىڭمۇ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىمۇ بار ماخما. ۋىندوۋىسنىڭ ئورگان تورىغا ئۇلانمىغان سىستىمىنىڭ ھەقىقىي ياكى ئوغرى نەشىرى ئىكەنلىكىنى ئايرىغىلى بولمىسا؟
مەن ۋىن7 نىڭ ھەقىقىي نەشىرىنى ئوپتىك دىسكىدىن قايتا قاچىلىغان ئىدىم، سىستىمىنىڭ دەرىجىسىنى كۆتىرەلمەي ئاچچىغىم كىلىپ تۇرسا. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-13 20:27
yawuzbag يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 18:08 static/image/common/back.gif
مەنمۇ تىل قۇشۇش رايۇنىدىن ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىنى قاچىل ...
ئانداق قىمىغۇلۇق ماخما .... ئورگاندىن چۈشكەن قېتىم ساننى مايكېرسوفىت سىتاستىكا قىلدۇ ... يۇقارقى قەۋەتىىكى ئادىرستىن چۈشۈرسۇن .... مانچە ئۇيغۇر چۈشۈرپتۇ دەپ بىلىپ قالسۇن بىي خوش بوپ قالاي ... چۈشۈرەلمىگەنلەرگە قارىتىپ يازغان:lol سىستېمىنىڭ ئىشى ئەمەس.
نەچچە كۈن بولدى google , microsoft لارنىڭ تور بېكەتلىرى نورمال ئىچىلمىغىلى، تور نورمال ئەمەس، ۋاقتىنچە windows8 ئىشلىتىپ تۇرۇڭ، كېيىنچە تور نورماللاشقاندىن كېيىن يېڭىلىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
بەت:
[1]
2