tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 12:46:51

مەجۈننىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىز؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tadubeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-15 09:34  

مەجۈن(يۇغۇرۇلما)دورىلار
مەجۈن سۆزى ئەرەبچىدىكى يۇغۇرۇلغان ياكى خېمىردەك قىلىنغان مەنىدىكى بىر سۆزدۇر. تېبابەتتىكى كۆچمە مەنىسى بولسا بىر نەچچە خىل دورىلارنى تالقانلاپ ، ھەسەل،شېكەر،ناۋات قىيامىغا ئوخشىغان قىياملار بىلەن يۇغۇرۇلغان خېمىر كۆرۈنۈشلۈك دورا ياسالمىسىنى كۆرسىتىدۇ. مەجۈن دورىلار ئىچىدىن ئىستىمال قىلىش ئۈچۈن ياسىلىدۇ.
بۇ مەجۈن ياسالمىسى تېبابەتتىكى ئىشلىتىش دائىرى ئەڭ كەڭ ياسالما تۈرى بولۇپ،ياسىماق ئوڭاي،ساقلاش مۇددىتى ئۇزۇن(تەخمىنەن ئۈچ يىل)تەسىر قىلىش ئۈنۈمى يۇقىرى(ئاشقازاندا تىز ئېرىيدۇ)سوزۇلما كېسەللىكلەرگە ئاساسەن مۇشۇ ياسالمىلار ئىشلىتىلىدۇ.
مەخۈن ياسالمىلىرى تەركىبى،تەسىرى ۋە ياساش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئۆز ئىچىدىن خېمىرلار،ئىتتىرىفىللار،ئايارەجلەر،تەرياقلار،جاۋارىشلار،لوبوبلار،مۇپەررىھلەر،مەجۈنلەر،لوئۇقلار دەپ توققۇز تۈرگە ئايرىلىدۇ.
مەجۈن ياسالمىلىرىنىڭ سۈپىتىگە مۇنداق بىر نەچچە تەلەپ قويۇلىدۇ:
تالقان دورىلار چوقۇم ياسالمىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئېزىلىشى ، يەنى سوقىدىغانلىرىنى ئايرىم،ئېرىتىدىغانلىرىنى ئايرىم،سالايە قىلىدىغانلىرىنى ئايرىم تەييارلاش كېرەك.
ئاشقازان ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان جاۋارىشقا ئوخشىغان ياسالمىلارنىڭ ئاشقازاندا ئۇزۇنراق تۇرۇپ،ياخشىراق تەسىر قىلىشى ئۈچۈن نىسبەتەن يىرىكرەك سوقۇش كېرەك. قالغانلىرىنى يۇمشاق سوقۇش كېرەك.
جاۋاھىراتلار ۋە قىممەت پۇللۇق دورىلار شۇنىڭدەك مەستىكىدەك يىلىملار ناھايىتى يۇمشاق سالايە قىلىنىشى كېرەك.

دورىنىڭ قۇيۇق سۇيۇقلۇقى مۇۋاپىق بولۇشى يەنى ئۇماچتەك بەك سۇيۇقمۇ بولۇپ كەتمەسلىكى ۋە زىيادىمۇ قاتتىق بولۇپ كەتمەسلىكى بەلكى ھالۋىدەك بولۇشى،ھەممە تالقانلار تەكشى ئارىلاشقان بولۇشى كېرەك.
رېتسىپ تەركىبىدىكى دورىلار ئىمكانقەدەر يېڭى بولۇشى،پاكىز تاسقالغان ،ئېرىغدالغان بولۇشى،شۇنداقلا دورا سوققان ۋاقىتتا مەلۇم خىل دورىنىڭ خوراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دورىنىڭ مىقدارى سوقۇلغاندىن كېيىن ئۆلچىنىشى كېرەك.
مەجۈنلەرنى تەييارلاشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بەزى نۇقتىلار:
ھەسەلنى ئۆلچەم بويىچە قىزىتىپ كۆپۈكىنى ئېلىپ قول كۆيمىگۈدەك بولغاندىن كېيىن ئاندىن دورىلارنى ئېلەشتۈرۈش .بۇ يەردىكى ئۆلچەم سۇس ئوتتا قىزىتىش،پار ئۈستىدە قىزىتىش،ئاپتاپتا قىزىتىش،قايناقسۇغا سېلىپ قىزىتىش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ،ھەر كىم يار بەرگىنىچە تەييارلىسا بولىدۇ.
تەييارلىماقچى بولغان دورىلاردا مېغىزلار بولسا ھەسەل قىزىق ۋاقتىدا سېلىش،يىلىم دورىلار بولسا ئەڭ ئاخىرىدا سېلىش،زەپەرنى بالدۇر،ئىپار ئەنبەر،ۋەرەقلەرنى ئاخىرىدا ئارىلاشتۇرۇش كېرەك.
ئىتتىرىفىللارغا ئىشلىتىدىغان ھەسەل خام ھەسەل بولسا ياخشى،چۈنكى قاينىتىلغان ھەسەل بەكرەك ئىسسىق بولۇپ ئۈچەيگە پايدىسىز.
دورا بىلەن ھەسەل بىردە ئۈچ نىسبەتتە بولسا بولىدۇ،بىردە ئىككى ياكى بىر يېرىم نىسبەتتە ياسايدىغانلارمۇ بار.
قىممەت پۇللۇق ئېسىل دورىلارغا چوقۇم ھەسەلنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى ئىشلىتىش كېرەك.
تەييارلىنىپ بولغان دورىنى بولسا بىر نەچچە كۈن تىندۇرۇپ،ئوبدان پىشقاندىن كېيىن پاكىز يۇيۇلۇپ قۇرۇتۇلغان ئەينەك،دورىغا ئىشلىتىدىغان سۇلياۋ قۇتا قاتارلىقلارغا ئازراق بوشلۇق قالدۇرۇپ قاچىلاش لازىم. قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن دورا ئىسمى قاتارلىق بەزى چۈشەندۈرۈشلەرنى چاپلاپ قويۇش كېرەك.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 12:48:48

تېۋىپلار ئارىسىدا ھەسەلگە زەپەرنى بېشىدا ئارىلاشتۇرۇش كېرەكمۇ ياكى ئاخىرىدىمۇ دېگەندە بىراز ئىختىلاپ بار.
بەزىلەر زەپەرنى قىزىق ھەسەلگە سالسا قۇۋۋىتى خوراپ كېتىدۇ دەپ ئاخىرىدا سالىدۇ، بەزى تېۋىپلار قىزىق ھەسەلدە تەركىبلىرى تۇلۇق ئاجرايدۇ دەپ ئاۋال سالىدۇ ....

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 12:53:28

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yawuzbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-13 12:55  

ئەدەبى ئەسەرلەردە «مەجۈن يەالغاندەك دەلدەڭشىپ»دەيدىغان تەسۋىرلەر بار.
بۇ يەردىكى مەجۈن قانداق مەجۈن.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 12:55:03

ئەمدى بۇ يەردىكى ئاتالمىش مەجۈن  مەست قىلغۇچى (زەھەرلىك)نەرسىلەردىن ياسىلىدىغان نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 13:10:30

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2014-7-13 12:55 static/image/common/back.gif
ئەمدى بۇ يەردىكى ئاتالمىش مەجۈن  مەست قىلغۇچى (زەھەرلى ...

ۋاي تېخى زەھەرلىكما  بۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
مەكتەپتىكى چاغلادا بالىلارنىڭ تىۋىپنىڭ دورىسى سوغۇقلۇقنى ھەيدەيدۇ .......كۈڭۈلنى خوش قىلىدۇ دەپ باشقا  يەرنىڭكىنى ياراتماي ئاتايەن خوتەنگە پۇل سېلىپ يۇرۇڭقاشنىڭ مەجۈنلىرىنى ئاچىقتۇرۇپ يىگىنىنى كورگەن ئىدىم شۇندا پايدا قىلىدىغان دارا چېغى دەپتىكەنمە تېخى...............................:funk:  

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 13:21:10

ھازىر مەجۈن دېسىلا  خۇمار قىلىدىغانلىقى ئېسىمگە كېلىدۇ
ھەكىملەر زەھەرلىك مەجۈنلارنىڭ ھەققىدە  ئاز تولا  بىر نەرسە يېزىپ تۇرسا بولاتتى
ھازىر ياش قىزلار تولا يەيدىغان بوپ كېتىپتۇ

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 13:21:33

نېشە چېكىۋالغان ئادەمگە ئوخشىتىپ قويدىغانلىرىمۇ بارغۇ بۇ نەرسىنىڭ ...بەزىللىرى توختىماي كۈلىدىغانمۇ بوپ قالىدىكەن...

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 14:12:31

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   QUYASH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-13 14:16  

نېرۋىنى تورمۇزلاپ، مەستەك قىلىپ قويىدىغىنى ساختىسىمۇ؟
بۇ نەرسىنى مەنمۇ ئىككى قېتىم تەپ باققان. قاپاق قىلىۋەتكەن مىڭەمنى. مەجبۇرى قۇسىۋىتىپ ئۇخلىسام ساقىيىپتىكەنمەن.
كېيىن بۇنىڭغا چۇمادو ئارىلاشتۇرىدىكەن دەپ ئاڭلىدىم.

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 15:15:00

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2014-7-13 12:55 static/image/common/back.gif
ئەمدى بۇ يەردىكى ئاتالمىش مەجۈن  مەست قىلغۇچى (زەھەرلى ...

مەجۇن دىسە مەن تىخى ھىلىقى مەس قىلىدىغان خۇش كەيىپ قىلىدىغان مەجۇنمىكىن دەپتىمەن ، شۇ مەجۇننىمۇ بىر تونۇشتىۋەتسىڭىز بولاتتى بىگىم .

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 15:26:26

مۇشۇ مەجۈنگە چۈمادو قوشۇپ ياسايدىغان تېۋىپلار بار دەيدىغۇ؟:o

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 15:54:58

بىر ئېغىز گەپ ، خۇمار قىلىدۇ،

guzal0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 19:08:27

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ،  رامىزان مۇبارەك !!  ھۆرمەتلىك تادۇبەگ ئەپەندىمدىن بىر ياردەم سورىماقچىتتىم ،  مىنىڭ ئاكامنىڭ ئاشقازىنى تىشىلىپ كەتتى دىگەن سەۋەب بىلەن ، ئوپراتسىيە قىلدۇرغان ، ھازىر تەخمىنەن 3يېرىم يىلچە بولدى ، ھازىر ئاكام سۇغاق ئىچىملىك « توڭلاتقۇدا ساقلىغان مىنرالنى سۇ . يىشىل چاي .، قىزىل چاي ، ب 2 ........................» ئىچسە ئاشقازىنىدىن ئاچچىق يېنىش « ئاچچىق سۇ يېنىش »  ئالامەتلىرى كۆرىنىدىغان بۇلۇپ بەك بىئارام بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ .... دوختۇرغا كۆرۇنسە  ئاشقازىنىڭنىڭ كىسلىتاسى ئېشىپ كىتىپتۇ دەپ سىداشۇ دىگەن دورىنى بىرىپتۇ ، يەنىلا مەنپەت قىلماپتۇ . شۇڭا مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا يۇلۇققاندا ئۇيغۇر   تىبابىتىمىزدە قانداق دورىلار بىلەن بۇ ئاۋارىچىلىقنى بىر تەرەپ قىلغىنى بولىدۇ ... مۇشىنىڭغا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز ، خۇرسەن بولاتتىم .

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 21:53:08

مەجۇن دىسە تولا خەقنىڭ كاللىسىغا كەيىپ قىلىدىغان مەجۇن كىلىدۇ....شۇڭىمىكىن چىكەرمەن دوسلۇرۇم سەن دورىگەر بولغاندىكىن،مەجۇن ياساپ بىرىتتىڭ دەپ تۇرىۋالىدۇ.:@:@:@:@

Heqqani123 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 00:02:21

بولسا شۇ مەس قىلغۇچى ‹ مەجۈن › ھەققىدىمۇ بىر خەۋەردار قىلغان بولسىڭىز ... تادۇبەگ ئەپەندىم ،،، مىننەتدار بولغان بولاتتۇق

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 00:18:52

sewda يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 00:52:29

مەجۇن يەپ سىناپ باقىدىغان ئىشمىكى:lol

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 10:06:47

مۇشۇ كەمگە مەجۈن ئاتالغۇسغا  ئۇۋال قىپ كەپتىمە {:99:}

musilina1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 10:28:39

مەجۇن قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟قانداق كېسەللەرگە مەنپئەت قىلىدۇ؟

مەنغۇ مەجۇننى مەست قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگىكەن دەپ ئاڭلىغان.....

RAUL113 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 11:20:50

تادۇبەگ شۇنداق ئۇچۇق دەپ تۇرسا .ما باللا چېۋاتامسىلە يە
مەجۇن دىگەن ئۇمۇمىي ئاتىلىشى يەنە كاپسۇل دىگەندەك دورىنىڭ تۇزلىشىغا قاراپ بەرگەن ئۇمۇمىي ئىسىم

سىلە دېۋاتقان مەجۇنى دىلكۇشات ،
ئادەم بولساڭلار ھازىرقى تىۋىپلا ياساۋاتقان بۇ نەرسىدىن يىراق تۇرۇڭلار

aqturk يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 11:44:11

ئۇخلىغاندا ئاشقازاندىن سۇ يېنىش سوغۇقنىڭ ئالامىتىما تادۇبەگ ئەپەندىم ؟
بەت: [1] 2
: مەجۈننىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىز؟