Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 10:21:02

فىرانسىيە مەدىنىيتىنىڭ يادروسى نىمە ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qashqari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-12 10:23  

cctv نىڭ يەككە زىيارىتى .
نىكولاس باۋىرىز ( فىرانسىيە دولەتلىك مەمۇرىيەت ئىنىستىتوتى پىراففىسسورى )
مۇخبىر : فىرانسىيە مەدىنىيتىنىڭ يادروسى نىمە ؟ بۇ فىرانسىيە كارخانىلىرنىڭ تىجارىتى ۋە تەرەققىياتىغا قانداق تەسىرلەرنى ئىلىپ كەلدى ؟

نىكولاس باۋىرىز : بۇ ناھايىتى مۇرەككەپ مەسىلە ، چۇنكى مەلۇم مەنىدىن ئىيىتقاندا ، مەدىنىيەت دولەتنىڭ تارىخى ھىسابلىندۇ ، فىرانسىيە ئۇچۇن ئىيىتقاندا ، مىنىڭ قارىشىمچە ئۇ بىر يۇكسەك دەرىجىدىكى سىياسىنى ئايلىنىپ ھەركەت قىلىشقا تەربىيلەپ چىقىلغان دولەتتۇر . ئۇنىڭ ئۇچ موھىم دەۋرى بولغان : 16 -ئەسىردىكى دىنى ئۇرۇشلار دەۋرىدە فىرانسىيە «مىللى دولەت » ئۇقۇمىنى ئىجاد قىلىپ تۇگۇمەس ئىچىكى ئۇرۇشلار( شۇ دەۋىردە كاتولىكلار بىلەن پىروتىستانىتلاردىن ئىبارەت ئىككى خىرىستىئان دىنى مەزھىبى ئوتتۇرىسىدا خانلىق تالىشىشى ئۇرۇشى بولغان ) ۋە ئىختىلاپلارنىڭ ئالدىنى ئۇنۇملۇك ئالالىغان يەنى قايسى خىل دىنغا ۋە مەزھەبكە ئىتىقاد قىلىشىدىن قەتئى نەزەر مىللى بىرلىكنى ساقلاپ قىلىش ۋە مىللەت ۋە دولەتنى ئىختىلاپ ۋە ئىچىكى ئۇرۇشنى توختۇتۇپ قۇدرەت تاپقۇزۇشتا بىرلىككە كىلىپ بولغان ئىدى . ئارقىدىن ئىككىنجى موھىم دەۋىر فىرانسىيە بۇيۇك ئىنقىلابى دەۋرى يىتىپ كەلدى ، فىرانسىيە «دولەت ئىگىلىك ھوقۇقى » ئۇقىمىنى ئىجاد قىلدى . ئەڭ ئاخىرقىسى بولسا 1914 -يىلىدىن 1918 يىلىغىچە بولغان بىرنجى قىتىنلىق دۇنيا ئۇرۇشى ، بۇ بىر ھەل قىلغۇچ دەۋىر بولدى ، چۇنكى بۇنىڭ ئالدى كەينىدە 20-ئەسىردىكى ئەڭ موھىم بولغان دىموكىراتىيە بىلەن ھاكىممۇتلەقلىق ئوتتۇرىسىدا مىللەت بىلەن جاھانگىرلىك ئوتتۇرسىدا كورەش يۇز بەردى .
ناۋادا فىرانسىيەنىڭ سىياسى قۇرۇلمىسىنى تەكشۇرۇپ كورىدىغان بولساق ، ئۇنىڭ باشقا دولەتلەر بىلەن مۇتلەق ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقايمىز . مەسىلەن ئەنگىليە بولسا سىياسى قۇرۇلمىسى بولسا گىراژدانلارنىڭ دولەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىرماسلىقىنى قوغداش ئۇستىگە بەرپا قىلىنغان دولەت : ئىتالىيەگە كەلسەك ئۇنىڭ سىياسى قۇرۇلمىسى خەلىق ئىچىدىكى كۇچلەر ۋە ئىتالىيەنىڭ ئاقسوڭەكلەر تەبىقىسى قۇرۇلمىسىنى چورىدىگەن ھالدا بەرپا قىلىنغان دولەت : ئامرىكىنىڭ سىياسى قۇرۇلمىسى بولسا غايەت زور بازار ۋە ئاساسى قانۇننى چورىدىگەن ھالدا بەرپا قىلىنغان دولەت : لىكىن فىرانسىيە بولسا ئەكسىچە «مىللەت » «دولەت » ئۇقىمىنىڭ ئىجاد قىلنىشى ئىقتىسادى جەھەتتە دولەتنىڭ كۇچلۇك مۇداخىلە قىلىشىدا ئىپادىلىندىغان دولەت . بۇگۇنكى فىرانسىيەدە 56% پۇقرانىڭ چىقىمى ئاممىۋى خىراجەتتىن چىقىم قىلنىدۇ . بۇ نىسبەتنى ئەلۋەتتە ناھايىتى يۇقىرى دىيىشكە بولىدۇ . ئاممىۋى چىقىملارنى چوڭ تىپتىكى دولەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار چىقىرىدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى بولسا فىرانسىيە ۋارىسلىق قىلغان مەدىنىيەت ۋە مىراسلار قۇدىرەتلىك بولغان ئەيشى -ئىشرەت ، بويۇملىرى سانائىتى مەسىلەن : ھاراق ، ئەتىر ، مودا مەھسۇلاتلىرىنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ ئىنتايىن موھىم فىرانسىيە مەدىنىيتىنىڭ  ساھاسى ھىسابلىنىدۇ .
ئىتىبار بىرىشكە تىگىشلىك يەنە بىر نەرسە شۇكى ، فىرانسىيە گەرچە كىچىك دولەت بولسىمۇ ، ئەمما ناھايىتى كوپ مەنبەلەشكەن ، فىرانسىيەنىڭ ھەر قايسى رايۇنلىرى ۋە خەلىقلىرنىڭ پەرقى ناھايىتى چوڭ ئۇلارنىڭ ھەممىسى سىياسى بىلەن زىچ باغلانمىسىمۇ لىكىن يەنىلا ئىتتىپاقلىنىشقا توغرا كىلىدۇ ، چۇنكى بۇ دولەتنىڭ ئىقتىسادىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا بولمىسا بولمايدىغان بىر تەبئى ئاڭ . بۇمۇ مەلۇم جەھەتتىن مۇتىئەسسىپلىكنى چۇشەندۇرۇپ بىرەلىشى مومكىن . ناۋادا سىز گىرمانىيەنىڭ مىساللىرغا قارىسىڭىز
بۇ دولەتنىڭ سانائىتى كىشىنىڭ دىققىتىنى ئوزىگە جەلىپ قىلىدۇ . ئەنگىليە بولسا ئەكسىنچە پۇل -مۇئامىلە ئورنى بىلەن مەشھور .
فىرانسىيە ساقلاپ كىلىۋاتقان سىياسى قۇرۇلما نىسپى تەڭپۇڭ ، پۇتۇن مەملىكەتتە يىزا ئىگىلىك تەڭ نىسبەتتە تەرەققى قىلغان ،
سانائەتتىمۇ گەۋدىلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۇرۇلگەن مەسىلەن : ئالەم قاتنىشى ، ئاپتۇموبىل ، ئەيشى -ئىشرەت بويۇملىرى قاتارلىقلار . ئاممىۋى خىراجەت گەرچە كوپ سالماقنى ئىگەللىسىمۇ ، ئەمما باشقا تەركىبلەرنى چەتكە قاقمايدۇ . شۇڭلاشقا بۇ خىل نىسپى تەڭپۇڭ بولغان سىياسى ، ئىقتىسادى قۇرۇلما فىرانسىيەدىن ئىبارەت «بۇ ئالتە قىرلىق » دولەتنىڭ سىموۋىلى ھىسابلىندۇ . ھەم يەنە بىر خىل ئىناق -ئىتتىپاقلىققىمۇ ۋەكىللىك قىلىدۇ مانا بۇ خىل تەڭپۇڭ سىياسى ، ئىقتىسادى تۇزۇلمە قۇرۇلمىسى فىرانسىيە تەرەققىياتىنىڭ ۋە مەدىنىيتىنىڭ «يادروسى » .
مەنبە «شىركەتنىڭ كۇچ -قۇدىرتى » نامىلىق كىتابتىن ئىلىندى .   
     

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 16:09:34

奢侈品 دېگەننى ئەيىش-ئىشرەت بويۇمى دەپ ئالغىنىنى :funk: ،ھەشەم بۇيۇملار  دېسە بەكرەك ئورنىغا چۈشەركەن ئەسلىدە.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 20:55:10

rita1028 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-12 16:12 static/image/common/back.gif
奢侈品 دېگەننى ئەيىش-ئىشرەت بويۇمى دەپ ئالغىنىنى  ،ھەش ...

مەنمۇ شۇ يەرلىرىنى يازغىچە غەلىتە چۇشىنىكسىزدەك ھىس قىلغان يەنى كاللامغا ئويۇن تاماشا ساھاسىنىڭ مەھسۇلاتلىرمىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم ئەسلى سىزنىڭ ئەسكەرىتمىڭىز بويىچە ھەشەم ياكى ھەشەمەتلىك بويۇملار مەسىلەن ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل، ھەشەمەتلىك ئوي جاھازىلىرى مەخسوس بايلارغا خاس لايىھەلەنگەن كىيىم كىچەك، ئەتىر فار -فۇر بويۇملار دەپ تەرجىمە قىلسا توغرا بولاركەن ئەسلى.

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 10:54:56

ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يادرۇسى نىمە؟

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 11:18:34

bugday يوللىغان ۋاقتى  2014-7-13 10:54 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يادرۇسى نىمە؟

مانا بۇ بىزنىڭ ئەڭ مۇھتاج بولۇۋاتقان ھەممەيلەن ئىزدىنىشكە تىزلىكتە قارار چىقارمىساق بولمايدىغان مەسىلە ، چۇنكى بىزنىڭ مىڭلارچە يادرويىمىز بولۇپ كىلىۋاتقان دىنى كەيپىيات خىرىسقا دۇچ كەلدى .

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 11:43:39

ئۇيغۇر مەدىنيىتنىڭ يادروسىنى ئىسلام دىندىن ئىزدەشكە توغرا كىلىدۇ ، ئەمما بۇنى ھازىرقى تۇزۇم قۇبۇل قىلماسلىغى مۇمكىن

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 11:56:04

Abdulhamid يوللىغان ۋاقتى  2014-7-13 11:43 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇر مەدىنيىتنىڭ يادروسىنى ئىسلام دىندىن ئىزدەشكە ت ...

شۇنىڭ ئۇچۇن ھازىرقى تۇزۇم قوبۇل قىلالايدىغان ، بىرلىك ، ئىتتىپاقلىقنى يادرو قىلىپ ئارىمىزدىكى ھەر قانداق مەزھەب ، ئىقىم ، مىللى ھىسيات توقۇنىشىنى تۇگۇتۇپ ئالغا ئىلگىرلەيدىغان بىر يادرو تىپىپ چىقىشىمىز كىرەك .

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 12:26:14

ئۇنداق يادرو ئىسلام دىندا بار ، ئۇ بولسىمۇ ئۇقۇش ،بىلىم ئىگەللەشتىن ئىبارەت .

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 12:35:33

Abdulhamid يوللىغان ۋاقتى  2014-7-13 12:26 static/image/common/back.gif
ئۇنداق يادرو ئىسلام دىندا بار ، ئۇ بولسىمۇ ئۇقۇش ،بىلى ...

كونسىرۋاتىپلىق قىلماڭ ، ئۇنىۋىرسال بىلىم ئىگەللەڭ ھازىرقى دۇنيادا ھەممە ئىشنى دىنى تۇيغى بىلەنلام قىلىش ، سەل نادانلىق .

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 13:37:47

گەپنى توغرا چۇشنۇڭ ـ  مەن سىزگە دىننى بىلىم ئېلىڭ دىمىدىم ، سىز دىگندەك ئۇنۋىرسال بىلىم يەنى ئىسلامغا،ئىنسانىيەتكە ،مىللەتكە ،ئۇزىڭىزگە پايدىلىق بىلىم بولسا ئىگەللەۋېرىڭ ، شۇ چاغدا يۇقۇردا سىزدىگەن «شۇنىڭ ئۇچۇن ھازىرقى تۇزۇم قوبۇل قىلالايدىغان ، بىرلىك ، ئىتتىپاقلىقنى يادرو قىلىپ ئارىمىزدىكى ھەر قانداق مەزھەب ، ئىقىم ، مىللى ھىسيات توقۇنىشىنى تۇگۇتۇپ ئالغا ئىلگىرلەيدىغان بىر يادرو تىپىپ چىقىشىمىز كىرەك .» ماۋۇ نىشانغا يەتكىلى بۇلىدۇ دىمەكچى ، بۇ دەل ئىسلامنىڭ تەشەببۇسى ، بىراق سىز ئىسلامنى خاتا چۇشۇندىغان ئوخشايسىز ، مۇسۇلمان دىگەن ھەممە ئىشنى دىنى تۇيغۇ بىلەن قىلىدۇ ، بۇ ئىسلامنىڭ شەرتى ! ئەگەر سىز ئىسلامنى ھازىرقى بىر قىسىم ناچار خاھىشلىق كىشلەرنىڭ قىلمىشغا قاراپ يەكۇن چىقارماي ئۇزىڭىز تەپسىلى ئىزدىنىپ مەسلەن قۇرئان كەرىمدىن ، ھەدىسلەردىن ، پەيغەمبىرمىزنىڭ ، ساھابىلارنىڭ تارىخىدىن چۇشەنچە ھاسىل قىلسىڭىز ئىسلامنىڭ نەقەدەر گۇزەل دىن ئىكەنلىكىنى ، سىز يەتمەكچى بولغان نىشان ئارزۇ ئارمانلىرڭىزنىڭ ھەممىسنىڭ ئىسلامدا بارلىقىنى ھىس قىسىز ، شۇ چاغدا سىزمۇ ھەممە ئىشنى ئىسلامى نۇقتىدا تۇرۇپ تەھلىل قىلدىغان بۇلۇپ قالسىز !

«

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 15:11:41

قۇرئان كەرىمدىن ، ھەدىسلەردىن ، پەيغەمبىرمىزنىڭ ، ساھابىلارنىڭ تارىخىدىن چۇشەنچە ھاسىل قىلسىڭىز ئىسلامنىڭ نەقەدەر گۇزەل دىن ئىكەنلىكىنى ، سىز يەتمەكچى بولغان نىشان ئارزۇ ئارمانلىرڭىزنىڭ ھەممىسنىڭ ئىسلامدا بارلىقىنى ھىس قىلسىز ، شۇ چاغدا سىزمۇ ھەممە ئىشنى ئىسلامى نۇقتىدا تۇرۇپ تەھلىل قىلدىغان بۇلۇپ قالسىز

تەكلىپىڭىزگە رەھمەت ئاللا خالىسا شۇنداق قىلىمەن .
بەت: [1]
: فىرانسىيە مەدىنىيتىنىڭ يادروسى نىمە ؟