Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 08:46:09

ئۇيغۇران: شەھلانىڭ ئەپسۇنى

شەھلانىڭ ئەپسۇنى

ئۇيغۇران

ھېكايە

ــ نەگە بارىسەن؟
ئۇ دىجۇرنى بولغاندېكىن داۋاملىق سۈپۈرگىسىنى ئوينىتىپ، ئىشخانىنى تازىلاش بىلەن مەشغۇل بولىۋەرسىمۇ بولاتتى. لېكىن تاقا – تۇقىلىرىمنى كۆتۈرۈپ مېڭىشىم بىلەنلا ئىگىلگەن بىلىنى رۇسلاپ خۇددى پارول سورىغان ئەسكەردەك جىددىي تەلەپپۇزدا سورىدى.
ئۇنىڭ ئېلىپ قويغان خوتۇنۇمدەك كۆزۈمگە كىرىۋېلىشى ئوغامنى قايناتتى. ئېلىپ قويسام ئىش بار ئوخشايدۇ ماڭا. ئۇنىڭ ئايال باشلىقىمدەك سوراق نەزىرىدە قاراپ تۇرغان يوغان كۆزلىرىگە ئاچچىق بىلەن قاراپ تۇرۇپ ئېغىزىمدىن ئۇنىڭغا ئوخشاشلا باردا يوق ئىككى ئېغىز سېسىق گەپنى ئۇچۇرۇپ چىقتىم:
ــ نېمە كارىڭ؟
مېنىڭچە نەگە بېرىشىم، نەدە تۇرۇشۇمنى ئالدىمدىكى مېنىڭ لايىقىم بولمىش بۇ قىزغا دوكلات قىلىپ يۈرۈشۈمنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. دەرۋەقە ئۇ مېنىڭ لايىقىم ئىدى. ئۇنى ئۆزۈمنىڭ مەردۇ – مەردانىلىقىم، گەپدانلىقىمنى دەسمايە قىلىپ تۇرۇپ قولغا كەلتۈرىۋالغان ئىدىم. بىراق بۇنىڭغا ئىككى يىل بولۇپ كەتتى. ئەينى ۋاقتتا ئۇنىڭ ئىسمى – جىسمىغا لايىق شەھلا كۆزلىرىگە ئاشىق بولغان ئىدىم. ئۇ شۇ كۆزلىرى بىلەن مېنى ئەمەسلا بىر ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قوياتتى. قىزلاردا كۆز بولسا شۇنداق كۆز بولسا دەپ ئويلايتتىم. كېيىن شەھلا كۆزلەر ماڭا تەۋە بولدى. ئۇ كۆزلەردىن خالىغانچە، قانغۇچە ھوزۇرلاندىم. چۈنكى شەھلامۇ كېيىنچە بىلىپ – بىلمەي مېنىڭ ئەتراپىمدا پەرۋانە بولىدىغان بولدى. لېكىن مەن شەھلانىڭ كۆزىدىنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن بەدىنىدىن، پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن ھوزۇرلانسام دەيتتىم. مېنىڭ بۇ چەكتىن ئاشقان پەسكەش ئارزۇيۇم شەھلانى بۇرۇنقىدىنمۇ ئۆكتەم، بۇرۇنقىدىنمۇ زالىم قىلىپ ئۆزگەرتىۋەتتى. ئۇ مەندىن يىرگىنەتتى. ئەمما يىرگىنىپ تۇرۇپ مەندىن ۋاز كېچەلمەيتتى. مەنمۇ ئۇنىڭغا قىيداپ تۇرۇپ رېلىستىن چىقىشقا ئۇرىناتتىم. مەنمۇ ئۇنىڭدىن ۋاز كېچەلمەيدىغانلىقىمنى بىلەتتىم. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مانا مۇشۇنداق داۋاملىشىۋاتاتتى.
ــ كارىم بولماسلىقى كېرەكما؟
ئۇ سۈپۈرگىنى غەزەپ بىلەن پىرقىرىتىپ ئاتتى. بىچارە سۈپۈرگە خۇددى ماھىر سېرىكچىدەك نەچچە موللاق ئېتىپ بۇلۇڭغا بېرىپ جايىنى تاپتى. ئۇ ئىككى قولى بىلەن بىلىنى تىرىگىنىچە ماڭا ھۈرپەيدى.
ــ شۇنداق، كارىڭ بولمىسۇن. رايىشلىق بىلەن تازىلىقىڭنى قىل. مەن خالىغىنىمنى قىلىمەن. مېنى توسۇيمەن دېمە. مەن ھۆر ئادەم.
مەن ئامال بار ئۆزۈمنى سالماق تۇتۇشقا تىرىشتىم. ھۆر ئادەم سالماق بولۇشى كېرەك. باشقىلارغا، بولۇپمۇ قىزلارغا تىز پۈكمەسلىكى كېرەك. شەھلا ھەرقانچە ئۆكتەم، مەمەدان ئادەم بولسىمۇ مېنىڭ ھۆرلۈكۈمنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك.
ــ سەن ئالۋاستى.
ئۇ يەنىلا ئىشخانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا شۇنداق مەزمۇت ھالدا تۇرماقتا. ئۇ مېنىڭ ھۆرلۈكۈمنى ئەمەس، ئالۋاستى ئىكەنلىكىمنى ئېتىراپ قىلىۋاتاتتى. لېكىن مەن ئالۋاستى ئەمەستىم. ئۆزۈمنى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇكەممىلى دەپ ھېسابلايتتىم.
ــ ھەئە. مەن ئالۋاستى. يەنە كېلىپ قۇترىغان ئالۋاستى.
بۇنداق دېيىشىم ئۆزۈمنىڭ ئالۋاستى ئىكەنلىكىمنى ئېتىراپ قىلغىنىم ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا تەنە قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولمايدىغىنىمنى بىلدۈرۈپ قويماقچى بولغىنىم ئىدى. بۇ يەردىن قانچە تېز چىقىپ كەتسەم شۇنچە ياخشى ئىدى. قۇتراپ كەتكەن ئالۋاستى تەبىئىتىم سەۋەبلىك ئۇنىڭدىن نەچچە ئاي بۇرۇنقى ھېلىقى ئاخشامقىدەك قولۇم تېخى ئۇنىڭ يالىڭاچ يوتىسىغا تىگە تەگمەيلا تەستەك يەۋالغاندەك پەشۋادا قالغۇم يوق. مەن ئۇنىڭ نەزىرىدە ھەرقانچە ئالۋاستى بولساممۇ ئۇنى ئۇرالمايتتىم. قولى ئىتتىك، مىجەزى ئىتتىك شەھلا ئالدىدا ئۆزۈمنى سورىغىنىم تۈزۈك ئىدى.
ــ بېرى كەل.
ئۇ بىلىدىكى قولىنى پەسكە چۈشۈرۈپ، كانايدىن چىققاندەك قوپال ھەم جاراڭلىق ئاۋازىنىمۇ پەسەيتىپ دېدى.
ــ نېمە بولدى؟
ئۇنىڭ مېنى قېشىغا چاقىرىشى ئەلۋەتتە ياخشىلىقتىن دېرەك بەرمەيتتى. شۇڭا قاپىقىمنى ئاچماستىن سورىدىم.
ــ بېرى كەل ئەزىزىم.
ئۇ ئاۋازىنى تېخىمۇ يۇمشاق چىقىرىشقا، تېخىمۇ نازاكەت بىلەن سۆزلەشكە تىرىشىۋاتاتتى. لېكىن مۇشۇ تاپتا ئۇنىڭدا نازاكەت بار دېيىلسە، ئاۋۇ بۇلۇڭدا سۇنايلىنىپ ياتقان سۈپۈرگىدە ئاڭ بولغان تەقدىردىمۇ ئىشەنمەيتتى.
ــ نېمە قىلىسەن؟
ئىككىمىزدىن باشقا ئىنسى جىن يوق بۇ ئىشخانىدا ئالدىمدىكى بۇ گۈزەل زوراۋان قىزنىڭ مېنى بىر نېمە قىلىۋېتىدىغانلىقىغا ئىشەنمىسەممۇ، ئۇنىڭ بىر ئەخمىقانە ئىشنى قىلىدىغانلىقىغا كۆزۈم يېتەتتى.
ــ قورقما. كەل دېگەندىكىن كەلمەمسەن. سېنى يېمەيمەن. ھەرقانچە بولسا سېنىڭدەك قۇترىغان ئالۋاستىنى يېمەيمەن.
مەن مەردانلىك بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدىم. ئۇنىڭ ھەرقانداق گېپى ۋە ھەرقانداق ھەرىكىتى مەن ئۈچۈن بەرىبىر.
ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىمگە ئۇنىڭ بىر جۈپ ئالقىنى ياقامغا چىقتى. ئۇنىڭ مەن پەرەز قىلغان ئەخمىقانە ئىشى باشلاندى.
ــ ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ سەن ئۇنداق قىلمايمەن دېگەن. قويىۋەت ياقامنى.
مەن يوغان، قوپال ئالقىنىم بىلەن ئۇنىڭ قولىنى تۇتتۇم. ئۇ ياقامنى چىڭ تۇتۇپ تۇرغان قوللىرىنى بوشاتتى.
ــ مەن سېنى يەيمەن دېمىگەن. سۆيۈپ قوياي دېدىم.
ئالۋاستى بولغىنىمدىمۇ ئۇنىڭ بۇ گېپىگە ئىشەنمەيتتىم. ئۇ مېنى سۆيەمىش. قەيەرلىرىم كۈلىۋاتىدىغاندۇ؟
__ بولدى شەھلا، سۆيمەيلا قوي. سۆيۈشلىرىڭگە خۇشتار ئەمەسمەن.
ئەمەلىيەتتە مېنىڭ لايىقىم بولغان ئۇنىڭ مېنى سۆيۈشىنى خالىمايتتىممۇ؟ ئۇنىڭ سۆيۈشىدىن ئەمەس، بەلكى مېنىڭ ئۇنى سۆيگەن ۋاقتىمدا، قۇچاقلىغان ۋاقتىمدا، يەنە شۇ ھاياجانلىق دەقىقىلەردە قوللىرىم باشقۇرۇقسىز قالغان ۋاقتلاردا شەھلانىڭ قىزلىق نازاكىتىنى يوقاتقان ھالدا مېنى تىللاپ – ئۇرۇشلىرىدىن بىزار ئىدىم. گەرچە ئۇ ھازىر تۇنجى قېتىم ئاكتىپلىق بىلەن مېنى سۆيۈپ قوياي دەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ شۇنداق بىر ساختا نىيەتنى قالقان قىلىپ تۇرۇپ يۈزۈمنى ياكى لىۋىمنى چىشلىۋېلىشى، ھەتتا قان شورىغۇچى ئالۋاستىدەك بوينۇمدىكى غول تومۇرۇمنى چىشلەپ ئۈزىۋېتىشى مۇمكىن ئىدى.
__ لېكىن مەن خۇشتار!
شەھلا شۇنداق ئەسەبىيلىك بىلەن مېنى قۇچاقلىۋالدى. ئۇنىڭ كۆزۈمگە تىكىلگەن شەھلا كۆزلىرى يوغىناشقا باشلىدى. ئەسلىدىنلا يوغان يارالغان كۆزلىرى تېخىمۇ يوغىناشقا، قاپقارا كۆز قارىسى بارا – بارا رەڭلىنىشكە، ئاۋال سۇس كۆككە، ئاندىن كۆككە، ئاندىن سۇس يېشىل رەڭگە، كەينىدىنلا زەڭگەرگە، ئەڭ ئاخىرىدا سېرىقتىن قىزىلغا ئۆزگەردى. دەسلىپىدە شەھلانىڭ خامىلىئوندەك رەڭ ئۆزگەرتىۋاتقان كۆزلىرىگە ئىسىمنى يوقاتقان ھالدا قاراشقا باشلىغان بولسام، بارا – بارا يوغىناشقا ھەم قانداق رەڭگە ئۆزگەرگەن بولسا تىكىلىپ تۇرغان كۆزلىرىمگە يەنە شۇنداق رەڭدە نۇر چېچىۋاتقان كۆز ئالمىسىغا قاراپ بېشىم ئايلىنىشقا باشلىدى. گويا چۈش كۆرىۋاتقاندەكلا. كۆز ئالدىمدىكى رىئال دۇنيا بىردىنلا غايىپ بولۇپ، كاللامدا بىر شەھلا دۇنيا زاھىر بولدى.
شەھلا كۆزلەرنىڭ ئىسكەنجىسىدىن ۋە شەھلا سۆيۈشنىڭ ئەسەبىيلىكىدىن ئويغىنىپ ئېسىمنى بىلگەن ۋاقتىمدا شەھلانىڭ بىگىز بارمىقى بىلەن نامسىز بارمىقىنىڭ لىۋىمنى بېسىپ يۇمدۇرۇپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. لەۋلىرىم ئوتلۇق ھارارەتتە قىزىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرى يەنىلا شۇنداق يوغان، يەنىلا شۇنداق شەھلا. بىراق بايىقى خىيابان ھىسلىرىمدەك رەڭدار ئەمەس، نۇر چاقنىتىپمۇ تۇرمايتتى. ئىتتىرىگىنىمچە ئۇنىڭ تولغان بىلەكلىرىنىڭ مۇھاسىرىسىدىن قېچىپ چىقتىم. چۈنكى ئويغانغان نېرۋىلىرىم ئۇنىڭ بىر يەرلىرىمنى، بولۇپمۇ بوينۇمنى چىشلىۋېلىشىدىن مېنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. مەن بىلىدىغان زوراۋان شەھلا بەدەن – بەدەنگە تەگكەن مىنۇتلاردا شۇنداق قىلىشى مۇمكىن ئىدى. بەزىدە شەھلا بىلەن توي قىلسام، توي ئاخشىمى بىر ياستۇققا باش قويۇپ مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئۆتىگەن چاغدا ئۇنىڭ خۇددى ياچىۋەكتەك ۋەزىپىنى تۈگىتىپ بولغىچە بوينۇمنى ئۈزىۋېتىپ، مېنى سەلتەنەتلىك جۈپلىشىشكە قۇربانلىق قىلىۋېتىدىغاندەك ھىس قىلىپ قورقۇپمۇ قالاتتىم.
__ ماڭ كەت، ئەمدى ھۆرسەن. توسىمايمەن.
كانىيىم غىققىدە قىلغاندەك قىلدى. ئۇنىڭ بىلەن تالاش – تارتىش قىلىپ، زوكۇنلاشقۇم يوق. ئاستا ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتىم.
شەھلا بايا مېنى سۆيدى دەپ ئويلىدىم. لېكىن يادىمدا يوق. يادىمدا بارى پەقەتلا ئۇنىڭ كۆزى. ئۇنىڭ كۆزىنى بايىقىدەك ___ ئېسىمدە قالغىنىدەك بۇنچە سىرلىق ھەم سېھىرلىك دەپ ئويلىمىغان ئىدىم. ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجە رەڭگارەڭلەشكەن، نۇر تارقاتقان ۋە چەكسىز چوڭايغان ئۇ كۆز ھازىرمۇ مېنى لال قىلىپ تۇراتتى. رىئاللىقىمغا ئۇنى تەدبىقلاشقا ئۇرۇناتتىم يۇ، ئىمكان قىلالمايتتىم. ئۇنى چۈشۈمگە جورۇي دېسەم، مەن ئۇخلىمغان ھەم بۇ ۋاقت ئوقى كۈندۈزگە تەۋە ئىدى.
كوچىغا چىقتىم. سالقىن شامال چىقىۋاتاتتى. تومۇزنى ئەپقاچقان راھەتلىك شامالدا بەدەن – بەدەنلىرىم ھوزۇرلىنىپ كەتتى.
كوچىدا ماشىنىلار ئىچىدىكى ئىنسانلارنى بىر قاياقلارغا ئاپىرىش ۋەزىپىسىنى ئارتتۇرۇش ئۈچۈن چاق دومىلىتىپ يۈرۈشمەكتە. پىيادىلەرمۇ ئۆز ھەلەكچىلىكى بىلەن ئالدىراش قەدەم تاشلاشماقتا. بىركىملەر يەنە بىر كىملەرگە ھەر خىل نىيەت – مۇددىئالار بىلەن نەزەر سېلىشماقتا. يات جىنىسلىقلار بىر – بىرىگە بەكرەك دىققەت قىلىشىدۇ. بۇ بىر قانۇنىيەت. يولنىڭ قارشى تەرىپىدىكى ئىگىز بويلۇق چىرايلىق قىزغا قارىسام ئۇ مەندىن بۇرۇن ماڭا نەزەر سېلىپ بوپتۇ. مەنمۇ ئۇنىڭغا ئوبدانلا قارىدىم. ئۇنىڭ كۆزلىرى شەھلا بولمىسىمۇ ھەرھالدا ئويناق ئىدى. ئۇ قىزمۇ ماڭا قاراۋەردى خۇددى مېنى تونۇيدىغاندەك. شۇنچە قىلىپمۇ ئۇ قىزنى ئېسىمگە ئالالمىدىم. شۇنداقتىمۇ كۈلۈمسىرەپ سالام قىلغان بولدۇم. ئويناق كۆزلەردىن سالام سىگنالى كېلىپ بولغىچە تېلېفونۇمغا ئۇچۇر كەلگەنلىك سىگنالى كەلدى.
«ئاكا، قېشىڭىزغا كەلدىم. كۆرۈشەيلىمۇ؟»
بۇ شەھەرنىڭ يەنە بىر چېتىدە خىزمەت قىلىدىغان تورداش قىز ئىدى. ئۇ قىز بىلەن توردا بەكمۇ كۆڭۈللۈك پاراڭلىشاتتۇق. ئۇ قىز رەسىملىرىنى ئېۋەتىپ بەرگەن ئىدى. مېنى ئاكا دەيدىغان بۇ قىز ئاۋۇ ئىگىز بويلۇق قىزدىنمۇ چىرايلىق ئىدى. سىنلىق پاراڭلاشقاندا ئۇنىڭ سۈرەتتىكىدىنمۇ گۈزەل ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يۈرەكلىرىم ئويناپ كەتكەن ئىدى. ئۇنى كۆرگۈم كېلەتتى. ناز – خۇلق توشۇپ تۇرىدىغان بۇ قىز زوراۋان لايىقىم شەھلانى ئۇنتۇشقا ئۈندەيتتى. «سىزنى ئەڭ يېقىن ئادىمىم بىلىمەن» دېگەن ئىدى ئۆتكەن قېتىم پاراڭلاشقاندا. گەرچە بۇ «سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن گەپ بولمىسىمۇ، لېكىن ھېچ بولمىغاندا مەنىداش كېلەتتى.
ئۇ قىز ئالدىمغا كەپتۇ. «ئۇنى كەلتۈرەي» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. گەرچە بۇ لايىقى بار ئەركەك ئۈچۈن ۋىجدانسىزلىق بولسىمۇ، سۆيگەن قىزىدىن تاياق يەپ يۈرىدىغان مېنىڭدەك بىر يۇمشاقباش ئۈچۈن بەك ئېغىر گۇناھ بولۇپمۇ كەتمەس. شۇنداق، بەزىدە ۋىجداننىڭمۇ كۆتىگە تەپكۈلۈك.
«بولىدۇ. خەلق مەيدانىنىڭ ئالدىدىكى ھەيكەل ئالدىدا ساقلايمەن.»
ئۇچۇرۇم سۈنئىي ھەمراھ تامان كەتتى.
خەلق مەيدانىغا قاراپ ماڭدىم. قىزنى ئويلايتتىم. قىزنىڭ نازغىشىپ تۇرغان ھالىتى ھېلىدىن ھېلىغا نېرۋىلىرىمنى قالايماقان قىلاتتى. ئۇنىڭ بىلەن بولىدىغان شېرىن – سۇخەن سۆھبەت، كۆز ئوينىتىشىشلار، قاش ئېتىشىشلار ھە دېگەندە بايا شەھلادىن دەككىسىنى يەپ ھوشىنى يوقىتىپ قويغان يىگىتلىك ھىسلىرىمنى غىدىقلايتتى. قېنىم قىزىپ پۇتلىرىمنى قەدەمنى چوڭ – چوڭ ئېلىشقا ئۈندەيتتى.
مەن يېتىپ بارغاندا قىز ھەيكەلنىڭ ئالدىدا ئۇيان – بۇيانغا قاراپ تۇراتتى. گرانىتتىن ياسالغان ھەيكەلمۇ «خو يىگىت، قىز كەلتۈرۈشكە ئېپىڭ بار ئىكەن» دەپ مېنى ماختاۋاتقاندەك باشمالتىقىنى چىقىرىپ كۈلۈپ تۇراتتى. قىز مېنى ساقلاپ تۇراتتى. قىز مېنى كۆرۈشى بىلەنلا مەن تەرەپكە يۈگۈرۈپ دېگۈدەك كەلدى. دېمەك ئۇنىڭ مەندىن ئۆتە مېنى كۆرگۈسى كەلگەندەك قىلاتتى. بۇنىڭدىن بېشىم كۆككە يەتكەندەك بولدى. بايا شەھلانىڭ ئالدىدا سۇنغا يىگىتلىك قەددىم ئەمدى تىكلىنىپ، خۇددى مەملىكەتنى ئىستىلادىن ساقلاپ قالغان مەغرۇر سەركەردىدەك پەخىرلىك تۇيغۇسىغا چۆمۈلدۈم. ئەمدى مۇشۇ جاسارىتىم بىلەن شەھەر ئالسام بولاتتى.
__ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
قىز ياڭراق ھەم نازلىق ئاۋازى بىلەن سالام قىلدى.
__ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
مەنمۇ جاۋابەن سالام قايتۇردۇم. لېكىن ئۆزۈمنىڭ ئاۋازى ئۆزۈمگە ئاڭلانمىدى. ئۆزۈمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش ئاڭلىماسلىق بەرىبىر. ئىشقىلىپ مەن سالام قايتۇردۇم.
قىزنىڭ كۈلۈپ تۇرغا چىرايى سەل نورمال ھالىتىگە كەلدى.
__ سوغۇق ئىچىملىكنى بەك كۆپ ئىچىۋەتتىڭىزمۇ نېمە؟ ئاۋازىڭىز چىقمايدىغۇ.... ھى ھى ھى
قىزنىڭ قىپقىزىل ئويماقتەك ئاغزىدىن چىققان قوڭغۇراقنىڭ ئاۋازىدەك كۈلكىسى نەقەدەر يېقىملىق، نەقەدەر جانغا ئارام بېرىدۇ ھە. بىر چاغلاردا مېنىڭ شەھلايىممۇ شۇنداق كۈلەتتى. مەن تاپتىن چىقىشقا ئۇرۇنغاندىن باشلاپ ئۇ كۈلكىلەر يوق بولدى. مانا ھازىر ئۇ كۈلكىلەرنى بۇ قىزدىن تېپىۋالدىم. خوش شەھلا. بەختلىك بول. پويىزىڭ رېلىستىن چىقتى. ئەمدى مېنى ئىزدىمە. شەھلا قېشىمدا بولمىسىمۇ بۇ قىزنىڭ تۇنجى كۈلۈشىدىلا شۇنداق باياناتنى ئېلان قىلىۋەتتىم.
__ شۇنى دېمەمسىز،__ ئاۋازىمنى يەنە ئاڭلىيالماي كانىيىمنى قىرىشقا باشلىدىم،__ ئىسسىق ئۆتمىسۇن دەپ ماش سۈيى قاينىتىپ ئىچكەن. كانىيىمغا سوغۇق تەگكەن ئوخشايدۇ.
كانىيىمنى قىرىپ بولۇپ بىرمۇنچە گەپ قىلىۋەتتىم. لېكىن يەنىلا ئاۋازىمنى ئاڭلىيالمىدىم. ماش سۈيى ئىچكىنىم راست. لېكىن بايىلا شەھلا بىلەن بولۇشىغا ۋارقىرىشىپ سوقۇشقان ئەمەسمۇ. تۇرۇپلا بۇ قىزنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئاۋازىم چىقماس بولۇپ قالسا ھە. بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىممۇ يا. بۇ قىز بىلەن بىر قېتىممۇ كۆرۈشۈپ باقماي، توردىلا كۆرۈشۈپ ئۆزۈمگە بۇنچىلىك رام قىلىۋالغان ئىدىم. بۇلارنىڭ ھەممىسى گەپدانلىقىمغا تايىنىپ ئەمەسمۇ؟ ئەمدى بولغاندا بۇ قىز بىلەن كۆرۈشۈپ ئىش بارانىغا يەتكەندە تۇيۇقسىزلا زۇۋانىم تۇتۇلۇپ دەسمىيىم غالتەككە چىقسا ھە. نېمە دېگەن قاملاشمىغان ئىش بۇ.
__ ئاۋازىڭىز چىقماسلا بوپتۇ. سوغۇق بەك تىگىپتۇ سىزگە.
قىز خۇرسىنغان ھەم ئىچ ئاغرىتقان ھالدا شۇنداق دېدى. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ بىر سائەت ئىچىدىلا گاچا بولۇپ قالدىم دېسە. بۇ قىزغا ئەمدى ئىما – ئىشارەت بىلەن گەپ ئۇقتۇرغىلى بولارمۇ؟ قىزلا ئەمەس ئۆزۈممۇ ئىما – ئىشارەت تىلىنى بىلمەيدىغان تۇرسام. قانداق دېگەن رەسۋاچىلىق بۇ. ئامالسىز يانفونۇمغا مۇراجىئەت قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم.
يانفون بىلەن ئۇچۇر يېزىشىپ يۈرۈپ بۇ قىزنى تاماققا تەكلىپ قىلدىم. كانىيىم ئېچىلىپ قالار دەپ ئىچكەن شورپىلىرىممۇ كار قىلمىدى. كۆڭۈلسىزلىك ئىچىدە قىزنى ئۇزىتىپ قويدۇم.
بايىقى ئارامبەخىش ھاۋا ئەمدى بولغاندا تىجىپ كەتكەن ئىدى. يەردىنمۇ، ئاسماندىنمۇ، ھەتتا دەرەخلەردىنمۇ ئىسسىق بىخسىيتتى. بېشىمنى پەس قىلىپ ئۆيگە قاراپ ماڭدىم. تۇيۇقسىز گاچا بولۇپ قېلىشىم كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئازاب ئېلىپ كەلدى. نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟ بۇ مېنىڭ تاپتىن چىققىنىمغا بېرىلگەن جازامۇ؟ ۋىجداننىڭ كۆتىگە تەپكىنىمگە بېرىلگەن قازامۇ؟ بۇندىن كېيىن تىلسىز ئۆتۈپ كېتەرمەنمۇ؟ دوختۇرخانىدا بەك يېتىپ كېتەرمەنمۇ؟ .... قىلمىغان خىياللىرىم قالمىدى. بىر – بىرىدىن قورقۇنچلۇق.
__ ۋايجان!
ياندىن زەرب بىلەن ئۇرۇلغان موتوسىكىلىت مېنى ئوڭدامغا ئۇچۇرىۋەتتى. ئۆزۈمنىڭ ئاۋازىغا ئوخشايدىغان «ۋايجان!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. ئورنۇمدىن دەلدۈگىنىپ تۇرۇپ ئەتراپىمغا قارىدىم. مەندىن بۆلەك يىقىلغان ئادەم يوق ئىدى. مېنى سوقۇۋەتكەن موتوسىكىلىت مەندىن نېرىراقتا توختاپ، موتوسىكىلىت مىنگۈچى ئالدىراپ يېنىمغا كېلىپ مېنى يۆلىدى.
__ ئۇكام، نەرىڭىز يارىلاندى؟ دوختۇرغا ئاپىراي.
__ ھېلىمۇ ئۆلمىدىم. ئورنۇمدىن ساق تۇرغىنىمنى كۆرگەنسىز؟
ئۆزۈمنىڭ گاچا بولۇپ قالغانلىقىمنى ئۇنۇتقان ھالدا سۆزلەپ كېتىپتىمەن. بىراق ئاغزىمدىن چىققان ئاۋازنى راستىنلا ئاڭلىدىم. ئاڭلاپلا ھەيران قالدىم. زۇۋانىم ئېچىلىپ كېتىپتۇ ئەمەسمۇ؟ توۋا، مەن ئەسلىمگە قايتىپتىمەن. خۇشلىقىمدىن موتوسىكىلىت ئىگىسى بىلەن زوكۇنلاشماقچى بولغان بايىقى خىياللىرىممۇ يوقاپ، ئالدىمدا گۇناھكارلارچە قاراپ تۇرغان كىشىگە كۈلۈمسىرەپ قارىدىم.
__ كەچۈرۈڭ. چوڭ يولدا مېڭىپ كېتىپتىكەنسىز، دىققەت قىلالماي قاپتىمەن.
دېمەك بۇ كىشىمۇ ئاۋازىمنى ئاڭلاپتۇ. ۋاھ، نەقەدەر يېقىملىق ئاۋاز ھە! ئۆزۈمنىڭ ئاۋازىنىڭ بۇقەدەر يېقىملىق ئىكەنلىكىنى مۇشۇ كەمگىچە ھىس قىلالماپتىكەنمەن. گەرچە ناخشا ئېيتالمىساممۇ. ئەگەر مۇشۇ ئاۋازىم بىلەن ناخشا ئېيتىلسا قانچىلىغان مەستانىلەر مەپتۇن بولۇپ كېتەر؟
__ يارىلانمىدىم. يىقىلىپ چۈشتۈم شۇ. ئەمدى قاراپ مىنەرسىز.
خۇشلىقىمدا بۇ كىشىگە ئامال بار سىلىق سۆزلەشكە، ئاۋازىمنى خۇددى ناخشا ئېيتقاندەك يېقىملىق چىقىرىشقا باشلىدىم. ئۇ كىشى مېنىڭ پوزىتسىيەمنىڭ تۇيۇقسىزلا 180 گرادۇس بۇرۇلۇپ، مۇلايىملىشىپ قالغىنىمدىن گاڭگىرىغان ھالدا ماڭا قاراپ تۇراتتى. مەن كېتىۋېرىڭ دېگەن مەنىدە بېشىم بىلەن ئۇنىڭغا ئىشارەت قىلدىم. ئۇ كىشى ماڭا نەچچە قارىۋېتىپ موتوسىكىلىتىنىڭ يېنىغا قاراپ ماڭدى.
بايىقى شورپىلار ئەمدى كۈچىنى كۆرسەتكەندەك قىلاتتى. مەن دەررۇ تېلېفونۇمنى ئالدىم. لېكىن يەنە يانچۇقۇمغا سېلىپ قويدۇم. چۈنكى قىز ئاللىقاچان شەھەرنىڭ ئۇ چېتىدىكى ئۆيىگە بېرىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
زۇۋانىمنىڭ ئېچىلىپ قالغىندىن خۇش بولۇپ ھەم تىلىمنىڭ قايتا تۇتۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئاغىنىلىرىمنى يىغىپ كېچىچە كوتۇلداپ چىقتىم. ئەتىسى ئويغىنىپ كېتىپمۇ يەنە گاچا بولۇپ قالمىغاندىمەن دەپ ئەنسىرەپ سىناپ بېقىش ئۈچۈن ياتىقىمدا تامغا قاراپ تۇرۇپ داستاندىن بىرنى ئوقۇۋەتتىم. داستاندا نېمىنىڭ بايان قىلىنغىنىنىڭ كارايىتى چاغلىق. ئەلۋەتتە كاللامغا چۈشكىنىمۇ تايىنلىقلا. خۇداغا شۈكرى. ئاغزىمدىن چىققىنىنىڭ ھەممىسىنى قۇلىقىم ئاڭلىدى. دېمەك مەن ناھايىتى نورمال.
ئەتىگەندىلا ئىشقا كەلدىم. شەھلا ئىشخانىنى رەتلەۋاتاتتى.
__ خۇش كەپسەن، مەرھابا!
شەھلا ماڭا قاراپمۇ قويماي ئەھۋال سورىدى. ئۇ ئەينەك سۈرتۈش بىلەن ئاۋارە ئىدى.
__ رەھمەت. بەك شىپا جۇمۇ سەن.
خۇشلىقىمدا ئۇنى ماختاپ قويدۇم. ئۇ سۈرتىۋاتقان ئەينەكنىڭ كەينىدىن ماڭا قاراپ پىسسىڭىدە كۈلۈپ قويدى. ئۇنىڭ پىسسىڭلىرىغا پەرۋامۇ قىلماي جايىمغا كېلىپ ئولتۇردۇم.
شەھلا بىلەن بىر ئىشخانىدا ئىشلەۋاتقىلى نەچچە يىل بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلەشكىلىمۇ ئىككى يىل بولدى. بىراق يېقىندىن بۇيان بۇ مۇھەببەت چەمبىرىكىدىن بۆسۈپ چىقىپ، تېخىمۇ يارقىن چەمبىرەكلەرنىڭ قوينىغا ئۆزۈمنى ئېتىشقا ئۇرۇنۇپ يۈرەتتىم. شەھلا مېنىڭ ئاينىۋاتقىنىمنى بىلەتتى. ئەينى ۋاقتتا ئۇنىڭ شەھلا كۆزى، قاشتېشىدەك ئاق يۈزى، ئايدەك رۇخسارى ۋە شۇ گۈزەل لاتاپەتنىڭ ئەكسىچە ياۋايى مىجەزى مېنىڭ يۈرىكىمنى ئۆزىگە ئەسىر قىلىپ، مۇھەببەت رەستىسىنىڭ خېرىدارى قىلغان بولسا، ئەمدىلىكتە ئاشۇ يوغان كۆزلىرى، ئۆكتەم مىجەزى مېنىڭ ئۇنىڭ سۆيگۈ قورغانىدىن قېچىشقا ئۇرۇنۇشۇمدىكى باھانەم ئىدى. چۈنكى ئۇ مەن نەچچە قېتىم ئۇنىڭ پىنھانلىرىغا تاجاۋۇز قىلماقچى بولغاندا، قىلچە يۈز خاتىرە قىلماي تەستەك – پەشۋالىرىنى ئىنئام قىلغان ئىدى. لايىقىمدىن تەكەللۇپسىزلا يېگەن تاياقلارنى بەدىنىم قوبۇل قىلغان بىلەن يىگىتلىك غۇرۇرۇم كۆتۈرمەيتتى. گەرچە مەن ئۇنىڭغا ئەدەبسىزلىك قىلغان بولساممۇ.
يېڭىدىن دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن ئۇچۇر سىستىمىسىنى ئۆگىنىشكە ئۈچ كۈنلۈك بارىدىغان بولدۇم. تەربىيىلەش ئورنى يىراق ئەمەس ئىدى. چۈشتىن كېيىن ئۆزۈمگە تەۋە بارلىق خىزمەتلەرنى تۈگىتىپ ئالدىمدىكى ئۈچ كۈنلۈك ئىشلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە توغرا كەلدى. ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان ئادەممۇ باشقا بىرى ئەمەس شەھلا ئىدى. ئۇنىڭغا تاپىلايدىغاننى تاپىلاپ، كۆرسىتىپ بولۇپ ئورنۇمدىن قوزغالدىم.
ــ كومپيۇتېرىڭنى ئۆچۈرگىن.
ئۇ مېنىڭ ئالدىراپ تۇرۇشۇمنى ياقتۇرمىغاندەك چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ ماڭا بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا سۆزلىدى.
ــ ئۆزۈڭ ئازراق كۆرۈپ، ئالدىرىماي ئۆچۈرۈپ ئاندىن قايتارسەن. مەن ماڭاي.
كومپيۇتېردىكى تاپىلاشلىرىمنىڭ كۆرگىدەك يېرى قالمىغان ھەم ئۇمۇ ماڭا ئوخشاشلا ئۆيىگە ئالدىراۋاتقان بولسىمۇ قەستەن ئۇنىڭ چىشىغا تەگدىم.
ــ سەن ئۈچ كۈن ئىشقا كەلمەيسەن. ماڭا دەيدىغان گېپىڭ يوقمۇ؟
شەھلا دەررۇ مەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ كۆزلىرىمنىڭ بالىخانىسىغا يوغان كۆزلىرىنى تىكتى.
ــ تولا ماڭا كالا كۆزلىرىڭنى ئالايتىپ قارىما. ساڭا دەيدىغاننى دەپ بولدۇم. ئۈچ كۈن جاپا تارتىدىغان بولدۇڭ. رەھمەت ئېيت دېمەكچىمۇ سەن. بولىدۇ. سەندىن مىننەتدارمەن.
ئۇ ماڭا ئالىيىپ قارىمىغان بولسىمۇ ئالايدىڭ دەپ ئۆكتە قوپتۇم. ئۇنىڭ يوغان كۆزلىرىنى كالىنىڭ كۆزىگە ئوخشىتىپ ئۇنى تېرىكتۈرەتتىم. ئۇ مەندىن قانچە بىزار بولسا شۇنچە خۇش بولاتتىم.
ــ مەن ئەزەلدىن سەندىن بىر نەرسە تەمە قىلغان ئەمەس. ئارتۇق ئويلىۋاپسەن. تەشەككۈرۈڭگە ھاجىتىم چۈشمەيدۇ. خاتىرجەم بول. بىلىمەن. سەن مەندىن بىزار. لېكىن سەن ئورۇنسىز غەلۋە قىلىۋاتىسەن.
ئەمەلىيەتتە مەن ئۇنىڭدىن بىزار ئەمەس. ئۇنى ھېلىھەم سۆيەتتىم. ئەمما ئۇنىڭ ماڭا قول تەگكۈزگىنىنى قوبۇل قىلالمايتتىم. كەچۈرەلمەيتتىم. ئۇنىڭ ياۋايى مىجەزىگە كۆنۈپ ئۆتۈپ بولالمايتتىم.
ــ ساڭا بەلكىم ئورۇنسىز تۇيۇلغاندۇ. چۈنكى سەن ئۇنى ئادەتتىكىلا بىر ئىش دەپ ئويلايسەن. بۇ مېنىڭ مىجەزىم دەپ تەن بەرگۈڭ كەلمەيدۇ. شەھلا قوزام، بولدى بەس. مېنىڭ ھۆرلۈكىمگە چىن پۈتكىن. مەن ئۇچىمەن ئەمدى.
ئۇنى سۆيۈپ قويۇپ (ھېچ بولمىغاندا پىشانىسىگە) خوشلاشقۇم بار ئىدى. لېكىن يەنىلا ئۆز ئىززەت – ھۆرمىتىم بىلەن خوشلىشىشنى ئەلا بىلدىم. قولۇمغا سۆيۈپ ئۇنىڭغا ئېۋەتىۋەتتىم.
ــ سەن ئۇچىسەن. شەھلانىڭ ئاسمىنىدا ئۇچىسەن.
ئۇنىڭ مېنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئۇنىڭ بۇ ئىخلاسىدىن تولىمۇ سۆيۈنەتتىم. بىر قىزنىڭ شۇنچىلىك ئەقىدىسىگە ئېرىشىش مۇھەببەتنىڭ كۇرسى چۈشۈۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە بەسىي مۈشكۈل ئىدى. ئۇچۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئۇۋال قىلىۋاتقانلىقىمنى ياكى ئۆزۈمگە ئۇۋال قىلىۋاتقانلىقىمنى بىلەلمىدىم. ئۇ مېنى ئۆزىدىن ئايرىلالمايدۇ دەپ ئىشىنىدىكەن. لېكىن بۇ گەپكە مەنمۇ ئىشىنەرمەنمۇ؟
ــ خوش، شەھلانىڭ ئاسمىنى.
ئۇنىڭ قانداق ھالەتتە تۇرۇپ قالغىنىغىمۇ نەزەر سالماستىن چىقىپ كەتتىم. شۇ تاپتا مەن مەغرۇر ئىدىم. بىراق ئۇنىڭ مەندىنمۇ مەغرۇر ھالەتتە ئىشخانىدا قالغىنىغا ئىشىنىمەن.
ئۈچىنچى كۈنلۈك ئۆگىنىىش ۋاقتى ئىدى. بۈگۈن ئاق سېرىق كەلگەن خۇشپىچىم خانىم دەرس ئۆتتى. بۇ خانىمنىڭ دەرسىدىن كۆرە چىپپىدە كىيىۋالغان كۆينىكىنىڭ كۆكرەك تەرىپىدە تومپىيىپ تۇرغان ئىككى ئۆركەش بەكرەك دىققەتنى تارتاتتى. خانىم ھەر قېتىم ئىڭىشكەندە پارتىدىشىم پۇتۇمنى نوقۇلاپ دەرسكە ئەمەس، خانىمغا ـــ ئىڭىشكەندە «مانا مەن» دەپ كۆڭلەكنىڭ ئويمىقىدىن بىزگە مارىلاپ تۇرغان كۆكسىگە دىققەت قىلىشقا ئۈندەيتتى. مەنمۇ ھەم پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئۇ ئىككى ئوماققا ئاچكۆزلەرچە تىكىلەتتىم. مېنىڭلا ئەمەس، سىنىپتىكى ھەممە ئەركەكنىڭ خانىمنىڭ كۆكسىدىن تاراۋاتقان رادىئاتسىيىدە نېرۋىلىرىنىڭ توپىلاڭ كۆتۈرىۋاتقانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.
دەرس ئاخىرلىشاي دېگەندە خانىم تۇيۇقسىز مەندىن سۇئال سوراپ قالدى. دىققىتىم ئۇنىڭ كۆكسىدىن سۇئالغا ئالماشتى. ئەمەلىيەتتە بۇ سۇئال ئاددىيلا سۇئال ئىدى. بۇنىڭ جاۋابىنى بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇنمۇ بىلەتتىم. مەن ئىشەنچىلىك ھالدا ئورنۇمدىن تۇرۇپ تولىمۇ راۋان جاۋاب بەردىم. لېكىن جاۋاب بېرىپ بولۇپلا توك سوقۇۋەتكەندەك چۆچۈپ كەتتىم. خاتا جاۋاب بېرىپ قويغانلىقىمدىن ئەمەس، بەلكى ئاۋازىمنى يەنە ئاڭلىيالمىدىم.
ــ نېمە بولدىڭىز؟ ئاغزىڭىز مىدىرىغان بىلەن ئاۋازىڭىز چىقمايدىغۇ. ئۈنىڭىز پۈتۈپ قالدىما؟
لەسسىدە ئولتۇرۇپ قالدىم. يەنە گاچا بولۇپ قالغان ئىدىم.
دەرستىن چۈشۈپلا يەنە ئاۋازىم ئېچىلىپ كەتتى. ئۆزۈمدىكى بۇنداق ئۆزگىرىشتىن گاڭگىراپ قالدىم. توردىشىم بىلەن كۆرۈشكەن چاغدىكى گاچىلىقىم بىلەن بايىقى گاچىلىقىمنى سېلىشتۇرۇپ باقتىم. بۇنىڭدا ئوخشاش بىر ئورتاقلىق ــــ يات جىنىسقا، يات جىنىسنىڭ پىنھانلىرىغا بولغان ئىستەك – ئىنتىلىش بار ئىدى. مەن تولىمۇ ئادەتتىكى ئىش دەپ ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرىدىغان بۇ ئىشلار ئەمەلىيەتتە ئەخلاق جەھەتتىن تاپتىن چىقىش، مەندەك بىراۋنىڭ مۇھەببەت چەمبىرىكىدە ياشاۋاتقان ئەركەك ئۈچۈن رېلىستىن چىقىش بولۇپ ھېسابلىناتتى. ئۇنداقتا مېنى گاچا قىلىپ قويۇۋاتقان نەرسە زادى نېمە؟ ماڭا گويا بىرى مېنى ئاتايىن مۇشۇنداق ئىشلاردىن توسۇۋاتقاندەك، مۇشۇنداق تاپتىن چىقىشلىرىم ئۈچۈن مېنى جازالاۋاتقاندەك بىلىنىشكە باشلىدى. ئۇنداقتا ئۇ كىم؟ شۈبھىسىزكى بۇ شەھلادىن باشقا بىرى ئەمەس. شەھلانىڭ مېنى شۇنداق قىلالايدىغان كارامىتى بارمىدۇ؟ ئۇ زادى قانداق قىلىپ مېنى بۇنداق كونترول قىلدى؟ نۇرغۇن گادىرماچ خىياللار بىلەن كاللام ئۇماچ بولۇپ كەتتى. تاڭغا يېقىن شەھلانىڭ ھېلىقى قېتىم ئىشخانىدا مېنى سۆيگەن چاغدا شەھلا كۆزلىرىدىكى رەڭدار ئۆزگىرىشلەر، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن مېنىڭ كۆزلىرىمگە ئۆتۈشكەن نۇر. كۆڭۈل ئېكرانىمدا شەھلانىڭ كۆزلىرىدىن چەكسىز چوڭايغان بىر شەھلا دۇنيا. ئۇنىڭ لەۋلىرىدىن لەۋلىرىمگە ۋە پۈتۈن بەدىنىمگە ئۆتۈشكەن ئوتلۇق ھارارەت يادىمدىن كەچتى. ئۆگىنىشكە كېلىشتىن بۇرۇن مەن «ئۇچىمەن» دېسەم، ئۇ «شەھلانىڭ ئاسمىنىدا ئۇچىسەن» دېگەن ئىدى. دېمەك شەھلا مېنى ئەپسۇنلىۋالغاندەك قىلاتتى.
بۈگۈن ئەتىگەندىلا ئىدارىگە يېتىپ كېلىپ ئىشخانىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم. باشقا كۈنلەردە ھەممىدىن بۇرۇن كېلىۋېلىپ ئىشخانىنى تازىلاپ چىنىدەك پارقىرىتىۋېتىدىغان شەھلا ئەمدى بولغاندا كۆرۈنمەيتتى. ئۇ چۈش بولاي دېگەندە ئاندىن كەلدى. ئۇنى ساقلاپ بىتاقەت بولۇپ كەتكەن ئىدىم. چۈش مەھەلدە ئۇنىڭ بىلەن ئىشخانىدا زاكۇنلىشىش ئەپسىز ئىدى. شۇڭا ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقتتا ئۇنىڭغا دېدىم:
ــ سەن بىلەن سۆزلىشىشىم كېرەك. يۈر.
ئىشىك ئالدىغا كېلىپ ئۇنى چىقىشقا ئىشارەت قىلدىم. ئامال بار ئۇنىڭغا يېقىنلاشماسلىققا تىرىشاتتىم.
ــ ئىشخانىدا دېسە بولمايدىغان قانداق گەپ ئىدى؟
شەھلا كومپيۇتېرىغا قاراپ ئولتۇرىۋەردى. ئۇنىڭ ئۇزۇن كۆڭلەكنى كىيىپ ئورۇندۇقتا سالاپەت بىلەن ئولتۇرغان ھالىتى تۇيۇقسىز يادىمغا چۆچەكلەردىكى جادىگەر ئاياللارنى سېلىپ قويدى. جادىگەرلەر كۆپىنچە موماي بولىدىغان، لېكىن ئالدىمدىكى بۇ جادىگەر پەرىشتىدىن ئۆزگەرگەن جادىگەر ئىدى.
ــ چۈش بولدى، تاماق يېگەچ پاراڭلىشايلى. كومپيۇتېرىڭنى ئېتىپ ئورنۇڭدىن تۇرغىن.
ئۇنىڭ تەلىپىمنى رەت قىلىۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ يۇمشاق تەلەپپۇزدا سۆزلىدىم.
ــ ئوھو، مېھمان قىلامسەن؟ يېڭىلىققۇ. ماڭدۇق ئەمىسە.
شەھلا كومپيۇتېرنى ئېتىپ ماڭا ئەگەشتى.
ئىدارىنىڭ يېنىدىكىلا تېز تاماقخانىنىڭ ئايرىمخانىسىغا كىردۇق. تاماق بۇيرۇتۇپ بولغاندىن كېيىن سۆزۈمنى باشلىدىم:
ــ ئېيتە، مېنى نېمە قىلدىڭ؟
تەلەپپۇزۇمنىڭ قوپال چىقىپ كەتكىنى بىلەنمۇ كارىم بولمىدى.
ــ ۋوي، مېنى مېھمان قىلغىلى تەكلىپ قىلدىڭمۇ ياكى سوراققا تارتقىلى چاقىردىڭمۇ؟ سېنى نېمە قىلىپتىمەن؟
شەھلا قارا سومكىسىنى شىرەگە پوككىدە قويۇپ ئورۇندۇققا چۆكتى ۋە پۇتىنى ئالماپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ بۇ تۇرقىدىن «ھە، گېپىڭ بولسا قىل قېنى، مەن تەييار» دېگەندەك غالىپلارچە تەكەببۇرلۇق چىقىپ تۇراتتى. چىرايىدىنمۇ ھەر قاچانقى مەغرۇرلىقى نامايان بولۇپ تۇراتتى.
ــ مېنى نېمىشقا گاچا قىلىپ قويىسەن؟
ئۇنىڭ ئالدىدا غالىب بولالمايدىغىنىم ئېنىق ئىدى. شۇڭا بايىقى كۆرەڭلىكىمنى پەسكويغا چۈشۈرۈپ سورىدىم.
ــ گاچا؟ نەدە گاچا سەن؟ بىر ئوبدان سۆزلەۋاتمامسەن؟ يەنە كېلىپ شۇنداق گەپدانغۇ سەن.
ئۇ مەن بىلەن خېلى ئېيتىشىدىغاندەك تۇراتتى. ئۇ بىۋاستىلا «مەن قىلدىم» دېمىدى. لېكىن ئۇنىڭ شۇنداق دەيدىغانلىقى چوقۇم.
ــ تولا خۇپسەنلىك قىلما!
ئۇنىڭ مەغرۇر قاراشقا كۆنۈپ كەتكەن ھەم يوغان ھەم قارا كۆزىگە مەنسىتمىگەندەك نەزەردە تىكىلدىم.
ــ ئۆزۈڭ يامان ئىش قىلىپ تىلىڭ تۇتۇلۇپ قالسا ئۇنى مەندىن كۆرەمسەن؟
ئۇ قىلمىشىنى ئېتىراپ قىلىشقا باشلاۋاتاتتى.
ــ دېمەك سەن مېنى بىر نېمە قىلدىڭ، شۇنداقمۇ؟
ــ سېنى نېمە قىلىشىم مۇمكىن؟
ئۇ مېنىڭ ئۆزىنىڭ ماڭا مەلۇم سېھىر ئىشلەتكىنىنى بىلىپ قالغىنىمدىن ئەجەبلەنمىدى. ئۇنىڭ ھەممىگە تەييارلىقى بار. ئۇنىڭ ئىشىدا يوق سومكىسىنىڭ بېغىنى ئويناپ ئولتۇرۇشلىرىدىن بۇنى سېزىپ ئۈلگۈرگەن ئىدىم.
ــ بۇ ئۆزۈڭگە ئايان. سەن ماڭا سېھىر ئىشلەتتىڭ، ماڭا ئەپسۇن ئوقۇدۇڭ. شەھلا، سەن جادىگەر ئىكەنسەن.
تىلىمنىڭ تۇتۇلۇپ قېلىشى خىيالىمغا كەلسىلا جۇدۇنۇم تۇتاتتى. ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي ئۇنىڭغا تىل سالدىم.
ــ ئاھاي! جادىگەر دەپ قوي،ــ شەھلا ئويناۋاتقان سومكىسىنىڭ بېغىنى تاشلاپ قويۇپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى،ــ ماقۇل، ماقۇل، جادىگەر بولغان بولاي، توغرا، مەن ساڭا ئەپسۇن ئىشلەتتىم. بۇ قانداق ئەپسۇن، بىلەمسەن؟ شەھلانىڭ ئەپسۇنى، يەنى مۇھەببەت ئەپسۇنى. ئىككىمىزنىڭ مۇھەببەت چەمبىرىكىنى مەن يالغۇز سىزمىغان، ئىككىمىز تەڭ سىزغان. تىنىۋالمايدىغانسەن؟ بويىغا يەتكەن بىر قىز بىلەن بىلى باغلانغان بىر يىگىت ماكان ئەتكەن بۇ چەمبىرەكنى ياتنىڭ تاجاۋۇزىدىن قوغداش مەجبۇرىيىتىمىز باردۇ؟ سەن ئەركەك تۇرۇپ ئۆز مەسئۇلىيىتىڭىنى ئۇنتۇپ قالدىڭ. ئۆز قولىمىز بىلەن بەرپا قىلغان سۆيگۈ مەملىكىتىمىزنى ئۆز قولۇڭ بىلەن گۇمران قىلماقچى بولدۇڭ. بۇنىڭغا چىداپ تۇرۇش مۇمكىنمۇ؟ مەن جادىگەر بولسام، سەن خائىن!
ئۇ خېلى سۆزلىدى. مېنى مۇھەببىتىمىزنىڭ مۇشۇنداق قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىدىكى باش سەۋەبكار دەپ بىلدى. ئۆزىنى بولسا تاختا بېشىغا ئېلىپ قويدى. ئۇنىڭچە بولسا ماڭا ئەپسۇن ئىشلىتىشى ئورۇنلۇق، بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزنى ساقلاپ قېلىشتىكى ۋاستىسى ئىكەن. بۇنىڭ مېنىڭ كىشىلىك ھوقۇقۇمنى دەپسەندە قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى بولسا ئويلاپمۇ قويمىدى.
__ خوش شەھلا، مېنى گۇناھكار، خائىن دەپ بىلدىڭ. تەن ئالىمەن ساڭا يولسىزلىق قىلغىنىمغا، سەندىن يۈز ئۆرىگىنىمگە. لېكىن بۇنىڭ تاغدەك مەزمۇت سەۋەبى بار. مەن ئەۋلىيا ئەمەس شەھلا، ھاياجىنىمنى باسالمىغان ۋاقتلىرىمدا ئۇنداق – مۇنداق خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈپ قويىمەن. دىتىڭغا ياقمايدىغان ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلىپ قويىمەن. شۇنچىكى خاتالىقلىرىم ئۈچۈن غۇرۇرىمنى دەپسەندە قىلىشىڭىنى قوبۇل قىلالمايمەن.
ــ سەن قايتا – قايتا قىزىل سىزىقتىن ئاتلاپ ئۆتتۈڭ، ھەددىڭدىن ئاشتىڭ. سېنى سەگىسۇن دېدىم. بىلسەڭ ئىدى، مەن ھەق – نىكاھىڭغا ئۆتكەندىن كېيىن ھەرقانداق تاجاۋۇزۇڭنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغان بولاتتىم.
ھېلىللا كەلتۈرۈلگەن لەغمەن يىيىلىۋاتماقتا. نەزىرىمدە كىشىلىك ھوقۇقۇمنى مۇشۇ لەغمەندەك يەۋاتقان جادىگەر شەھلا بىلەن ئېلىشماقتا ئىدىم. ئۇنىڭ ئەپسۇنىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن مادارا قىلىشقا مەجبۇرمەن.
ــ بەزى ئىشلارغا مېنىڭ ئامالىم يوق. ئىختىيارىم ئەمەس. سەن ئەپسۇنىڭ بىلەن مېنى كونترول قىلغىنىڭ بىلەن مەن ئۆزۈمنى كونترول قىلالمايمەن. تۈنۈگۈن مۇئەللىمنىڭ كۆكسىگە قاراپ قويغىنىمغا مېنى يەنە گاچا قىلىپ قويدۇڭ. ئوغۇللارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلاپ باق شەھلا. بىز يارالمىشىمىزدىلا تەبىئىتىمىز ئاشۇنداق. بۇنى گۇناھ دەرىجىسىگە كۆتۈرىۋالمىغىن. ئۇ خانىم بىلەن ھېچقانداق بىر ئىشنى سادىر قىلىشنى ئويلاپ باققىنىم يوق. يوق گۇناھقا مېنى شېرىك قىلما.
مەن قىز – ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى يارقىن نۇقتىلارغا نەزەر سالماسلىققا، باشقا قىزلارغا نىسبەتەن قىلچىلىك غەيرى ئويدا بولماسلىققا ئامالسىز ئىدىم. پىسخىكامدا ياخشى بولغان ئىدىيىلەر بىلەن يامان ئاتالغان ئىدىيىلەر توختىماستىن كۈرىشىپ تۇرىدۇ. مەن پىسخىكامنى بۇنداق كۈرەشلەردىن توسۇپ بولالمايمەن. لېكىن ياخشى ئىدىيىلەرنىڭ ھامان غالىب كېلىشىگە كېپىل بولالايمەن. شەھلا بولسا مەندىن يامان ئاتاقلىق ئىدىيىلەردىن مۇتلەق مۇستەسنا بولۇشنى تەلەپ قىلاتتى. ئىككىمىزنىڭ ئېڭىدىكى پۈتۈنلەي قارىمۇ قارشى بولغان بۇ كۈرەش ئۇنىڭ مېنى ئەپسۇن بىلەن ئۆزىگە بويسۇندۇرۇش دەرىجىسىگىچە ئېلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ تولىمۇ رەھىمسىز، ئادىللىقىنى يوقاتقان كۈرەش ئىدى. شەھلا ھەدەپ ئۆز مەۋقەسىنى ئىزاھلاش ۋە ئۆزىنىڭ قىلغىنىنىڭ قىل سىغماس ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش بىلەن ئاۋارە ئىدى. ئەگەر بۇ راستىنلا ھەقىقەت بولسا، ھەقىقەتنىڭ ئارزۇلىغىدەك نەرى بولسۇن؟
ــ سەن شەھلانىڭ ئاسمىنىنىڭ تىگىدە، شەھلانىڭ زېمىنىنىڭ ئۈستىدە ياشايسەن. سەن قىيداۋاتىسەن. بۇنى ئوبدان بىلىمەن. ئۆزۈڭچە تاپتىن چىقىشنى سىناپ باققۇڭ كېلىۋاتىدۇ. سېنىڭ سىناش جەريانىدا ئازغۇن بولۇپ قېلىشىڭنى خالىمايمەن. بىلگىنكى تاپتىن چىقىش سىناپ كۆرىدىغان ئىش ئەمەس.
بىز توي قىلماي تۇرۇپلا شەھلا ماڭا ئىگە بولماقچى. قاملاشمىغان ئەپسۇنلىرى بىلەن مېنى كونترول قىلماقچى، ھۆرلىكىمنى بىر تىيىن قىلماقچى. ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ۋە جاھىل تۇرقىدىن ئەپسۇننى بىكار قىلىدىغاندەك بىشارەت كۆرۈنمەيتتى. ئۇ كاجلىق قىلغانسېرى جۇدۇنۇم تۇتقىلى تۇردى. لەغمەنگە بولغان ئىشتىھايىممۇ تۇتۇلۇپ كەتتى. ئۇنىڭغا ۋارقىرىدىم:
ــ مېنى تولا مونوپول قىلىمەن دېمە. مەن سېنىڭ پاتىنتىڭ ئەمەس!
ئۇمۇ بوش كەلمەي ۋارقىرىدى:
ــ بىلىشىڭ كېرەك. مۇھەببەت مۇتلەق مونوپوللۇق. سېنى مونوپول قىلغىنىم قىلغان!
بېشىمنى قاماللاپ ئولتۇردۇم. ئۇزاق ئولتۇردۇم. ئەمدى نېمىمۇ دەيمەن؟ يىگىتلىك جاسارەت، ئەرلىك غۇرۇر دېگەنلەرنى قايرىپ قويۇپ ئۇنىڭغا يېلىندىم:
__ شەھلا، سەندىن ئۆتۈنەي، مېنى ئەپسۇنىڭدىن ئازاد قىل، بۇندىن كېيىن مەن يەكدىللىق بىلەن ساڭا ئەقىدە قىلاي، خۇدانىڭ ھەققىدە ئەپسۇنىڭنى بىكار قىل، مېنىڭ گاچا بولغۇم يوق.
ئېھسان تىلەۋاتقان سائىلدەك شەھلادىن رەھىم – ئىنساب تىلەۋاتاتتىم. ئۆزۈمنىڭ تولىمۇ بىچارىلىكىمنى ھىس قىلىشقا باشلىدىم. شەھلا مېنى ئەپسۇندىن بىكار قىلسىلا ئۇنىڭ ھەربىر سۆزىگە قۇللۇق بىلدۈرۈشكە رازى ئىدىم.
ــ بۇ دېگەن مۇھەببەت ئەپسۇنى. سېنى ھەرقاچان تاپتىن چىقىشتىن ساقلايدۇ. ۋاپا، ۋىجداننى ئۆزۈڭگە ھەر دائىم ھەمرا قىلىدىكەنسەن تىلىڭ مەڭگۈ تۇتۇلۇپ قالمايدۇ.
__ دېگىنىڭ كەلسۇن!
توقۇمنى قارنىمغا ئېلىپ ئايرىمخانىدىن تېز – تېز چىقىپ كەتتىم. پۇكەيگە بېرىپ ھېساباتنى قىلىپ بولۇپ ياناشىمدا ئۇنىڭ ئىشىك تۈۋىدە مېنى ساقلاپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ يوغان شەھلا كۆزلىرىگە قاراپ تۇردۇم.
__ ماڭا دۈشمەنلىك نەزىرىڭ بىلەن قارىما.
شەھلا كۆزلىرىنى مەندىن ئەپقاچماستىن ماڭا ئوخشاش تىكىلدى.
__ ياق، ساڭا دۈشمەنلىك قىلمايمەن. سېنى سۆيىمەن قوزام.
ئوڭ قولۇم بىلەن شەھلانىڭ ئىڭىكىنى تۇتۇپ يۇقىرى كۆتۈردۈم، ئاندىن ئىڭىكىنى سىلكىۋېتىپ يولۇمغا مېڭىۋەردىم.
ئارىدىن خېلى كۈنلەر ئۆتتى. شەھلا بىلەن خىزمەتكە مۇناسىۋەتلىك ئالاقىدە بولغاندىن سىرت باشقا گەپ – سۆز، ئىش – ھەرىكەتلەردە بولمىدۇق. ئۇ يەنىلا مېنىڭ سادىق ياردەمچىم ئىدى. لېكىن ئاپام شەھلا بىلەن ئىككىمىزنىڭ تويىنى قىلىشقا ئالدىرىتىپ بېشىمنى ئوچاق قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ جاھىل، ئۆكتەم، ياۋايى مىجەزىنى، يەنە ئۆتەپ تېشىپ ماڭا ئىشلەتكەن ئەپسۇنلىرىنى خىيال قىلسام ئۇنىڭدىن رايىم يېنىپ كېتەتتى. مىجەزلىرىگىغۇ مەن كۆنۈك، ھېچ بولمىغاندا ئەپسۇنىنى بىكار قىلسا بولاتتى. ئۇنىڭ بىلەن توي قىلساممۇ بىر ئۆمۈر ئۇنىڭ دەستىدىن گاچا بولۇپ ئۆتكۈم يوق.
شەنبە كۈنى كۆرۈشمىگىلى بەش يىل بولغان نەۋرە سىڭلىم ئۆيىمىزگە كەلدى. ئۇ ئىچكىرىدىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەپتۇ. مەندىن ئىككىلا ياش پەرقلىنىدىغان بۇ نەۋرە سىڭلىم بىلەن كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ئىدۇق. بىر – بىرىمىزگە بەك ئامراق ئىدۇق. خېلىلا چوڭ بولۇپ قالغان ۋاقتلىرىمىزدىمۇ كىچىك ئاپام: «ھەي ماۋۇ بالىلارنىڭ بىر – بىرىگە ماس كېلىپ كەتكىنىنى، بىر نەۋرىلەرگە رۇخسەت قىلغان بولسا قىزىمنى ئاچامغا بېرىۋالغان بولسام ھە» دەپ كېتەتتى.
نەۋرە سىڭلىم چوپچوڭلا قىز بولۇپ كېتىپتۇ. تېخىمۇ رەڭ تۈزەپ، كۆزنىڭ يېغىنى يىگۈدەك چىرايلىق ساھىپجامال قىزغا ئايلىنىپتۇ. ئۇ مېنى كۆرۈپلا خۇشلىقىدىن «ئاكا، ئاكا» دەپ قوللىرىمغا ئېسىلىپ كەتتى. مەنمۇ ئۆزى چوڭ بولغان بىلەن قىلىقى چوڭ بولمىغان نەۋرە سىڭلىمنى «شەيتان» دەپ ئەركىلىتىپ بۇرنىنى چىمداپ قويدۇم.
ئۆيدىكىلەر نەۋرە سىڭلىمنىڭ ئۆيىمىزگە كەلگىنىگە ھەمدە ئۇنىڭ ماگىستىرلىقنى ئېلىپ كەلگەن شەرىپىگە ئاتاپ ئالدىراشلىق بىلەن زىياپەت تەييارلاشقا كىرىشىپ كەتتى. نەۋرە سىڭلىم بىلەن ئىككىمىز نۇرغۇن پاراڭلارنى، جۈملىدىن بالىلىقىمىزدىكى غۇبارسىز چاغلىرىمىزنى ئەسلىشىپ، ئالبۇملارنى كۆرۈشۈپ ئولتۇردۇق. تاماق تارتىلىپمۇ ئىككىمىزنىڭ گەپلىرى تۈگىمەي بىزنى تاماق شىرەسىگە سۈيلەپ ھېرىپ قالغان ئاپام چاخچاقتىن كىچىك ئاپامنىڭ ھېلىقى گېپىنى دەپ سالدى. نەۋرە سىڭلىممۇ بوش كەلمەي چاخچاق قىلىپ:
__ شۇنى دەيمەن. ئۇ چاغدا سىز مېنىڭ ھەم چوڭ ئاپام ھەم ئاپام بولاتتىڭىز. سىزگە تازا ئەركىلەيتتىم،__ دېدى.
مەن نەۋرە سىڭلىمغا قاراپ خۇددى ئۇ مېنىڭ ئايالىم بولۇپ قالىدىغاندەكلا تەسەۋۋۇر قىلىشقا باشلىدىم. مەنمۇ ئىككى ئېغىز بىر نەرسە دېمەكچى بولۇپ ئاغزىمنى ئۆمەللەپ تىلىمغا بىر نەچچە تاۋۇشنى چىقىرىشقا ئىجازەت بېرىشىمگە، بىر ئىشنىڭ قاملاشمىغىنىنى تۇيۇپ ئۆزۈمنى سىرتقا ئاتتىم. راست، يەنە گاچا بولۇپ قالغان ئىدىم.
موتوسىكىلىتىمنى ئوت ئالدۇرغىنىمچە شەھلانىڭ ئۆيىگە قاراپ ئۇچتۇم. شەھلانىڭ ھويلىسىغا كىرىشىمگە ئۇمۇ توكسىكىلىتىنى مىنىپ بىر يەرگە مېڭىشقا جابدۇنۇپ تۇرغان ئىكەن. موتوسىكىلىتتىن چۈشۈپلا شەھلاغا ۋارقىرىدىم:
__ شەھلا، نەگە بارىسەن؟
شەھلا مېنىڭ كىرگىنىمنى كۆرۈپلا توكسىكىلىتىنى توختىتىپ بولغان ئىدى.
__ سېنى ئىزدە باراي دەپ تۇرغان. مانا ئۆزۈڭ كەپسەن.
__ مېنى ئىزدەپ؟ يەنە نېمە ئويۇن ئويناي دەيسەن؟ قىلغانلىرىڭ ھېلىمۇ بەك چەكتىن ئېشىپ كەتتى.
ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ كەتكەن ئىدىم.
__ ئويۇن ئويناي دېمىدىم. ئەپسۇننى ياندۇرغىلى ماڭغان ئىدىم. خالىمامسەن؟
شەھلانىڭ بۇ گېپى بىلەن بايىقى ئاچچىقىم توزغاقتەكلا ئۇچۇپ كەتتى.
__ ئۇنداقتا ياخشى. بولە تېز، قاغىش تەگكۈر ئەپسۇنىڭنى تېزدىن بىكار قىل.
__ ئۆيگە كىرگىن.
شەھلا قۇلۇپلانغان ئىشىكنى ئېچىپ مېنى كىرىشكە تەكلىپ قىلدى.
__ ئۆيۈڭدىكىلەر قېنى؟
__ تۇغقانلارنىڭكىگە تويغا كەتتى.
ئۆيگە كىردۇق. شەھلا ئىشىكنى تاقىدى.
__ قېنى باشلا، مېنى ئەمدى رەسۋا قىلمىغىن.
__ ئەپسۇننى ئۆزۈڭ يېشىسەن،__ دېدى شەھلا ئالدىمغا كېلىپ.
__ ئەخمەق قىلما. مەن ساڭا ئوخشاش جادىگەر ئەمەس.
__ پەقەت سەنلا يېشەلەيسەن. مۇھەببەت چەمبىرىكىنى ئىككىمىز تەڭ سىزغان. شەھلانىڭ ئەپسۇنىنى ياندۇرۇش ئۆزۈڭگە باغلىق. مۇرەككەپ ئەمەس، مەن قىلغاننى قىلساڭلا ئەپسۇن ئۆزلىكىدىن يانىدۇ.
شەھلانى مېنى يەنە كولدۇرلىتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدىم. لېكىن ئۇ ئۇنداق قىلىپ نېمە قىلار؟
__ مېنىڭ قىلالمايدىغىنىمنى، سېنىڭ قانداق قىلىپ مېنى ئەپسۇنىڭغا بەنت قىلغىنىڭ يادىمدا يوق ئىكەنلىكىنى بىلىسەن. مەن پەقەتلا كۆزۈڭنىڭ رەڭدارلاشقىنىنى، كۆزلىرىمگە رەڭدار نۇر تارقاتقىنىنى، كۆزۈڭنىڭ چەكسىز چوڭايغىنىنى، ئاندىن لەۋلىرىمگە ئوتلۇق ھارارەت بىلەن سۆيگەنلىكىڭنىلا بىلىمەن. مەندە سېنىڭكىدەك شەھلا كۆز يوق، ئۇنچىلىك سېھرى كارامەتمۇ يوق.
__ قەدىرلىكىم، بىلگىنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىيالىي تۇيغۇ. ئېيتقىنچۇ، سەن زادى قايسىلىرىنى قىلالايسەن؟
خىيالىي تۇيغۇ؟ بۇ قانداق گەپ ئەمدى؟ زادى نېمىلەر خىيالىي تۇيغۇ؟ شەھلانىڭ ئەپسۇنىمۇ ياكى مېنىڭ گاچىلىقىممۇ؟
__ مەن پەقەت كۆزلىرىڭگە ئوتلۇق مۇھەببىتىم بىلەن تىكىلەلەيمەن، لەۋلىرىڭگە ھارارەتلىك لەۋلىرىمنى ياقالايمەن.
__ شەھلانىڭ ئەپسۇنى دەل مۇشۇنىڭ بىلەن يانىدۇ.
شەھلا كۈلۈپ تۇرۇپ ئالدىمغا كەلدى.
__ شەھلا، دېگەنلىرىڭ راستما؟__ ئوتلۇق ھاياجان بىلەن قانلىرىم كۈۋەجەيتتى.
__ راست،__ شەھلانىڭ كۆزلىرى نۇرلىنىشقا باشلىدى.
مەن شەھلانىڭ مۈرىسىدىن تۇتۇپ ئالدىمغا تارتتىم. ئۇنىڭ بۇلاقتەك ئوخچۇپ تۇغان قاپقارا كۆزلىرىگە يالقۇنلاپ كۆيۈۋاتقان مىھىر – مۇھەببىتىم بىلەن تىكىلدىم.
__ شەھلا، سېنى سۆيىمەن. شەھلانىڭ ئاسمىنىنىڭ تىگىدە، شەھلانىڭ زېمىنىنىڭ ئۈستىدە ياشايمەن،__ ھاياجاندىن لەۋلىرىم تىترەيتتى. ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كېلەتتى.
شەھلانىڭ كۆزلىرىنىڭ نەمدەلگەنلىكىنى كۆردۈم.
__ تەڭ ياشايمىز. مۇھەببەتنىڭ چەكسىزلىكىگە تەڭ سىڭىپ كېتىمىز،__ دېدى شەھلا تىترەڭگۈ ئاۋازدا.
__ ماڭا ياتلىق بول ئەزىزىم،__ شەھلانى مەھكەم باغرىمغا بېسىپ لەۋلىرىگە ئەسەبىيلەرچە سۆيۈشكە باشلىدىم. شەھلا كۆزلەر يۇمۇلدى. شەھلا باغرىمدا ئېرىپ كېتىۋاتاتتى.
__ قەدىردانىم،__ شەھلا نۇرلانغان شەھلا كۆزلىرىنى كۆزلىرىمگە تىككىنىچە خىتاب قىلدى.
__ ئاڭلاۋاتىمەن شەھلايىم.
__ شەھلانىڭ ئەپسۇنىنى ۋە ئۇ ئەپسۇنغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى چۈش دەپ بىلگىن.
مەن شەھلانىڭ كۆزلىرىگە چوڭقۇر مىھرىم بىلەن سۆيدۈم.
__ شەھلا!
__ ئاڭلاۋاتىمەن جېنىم!__ دېدى شەھلا تولىمۇ نازاكەت بىلەن.
__ مۇھەببەت ئەپسۇنىنى ئەمدى باشقىدىن ئوقۇيلى.
__ بولىدۇ. ئىككىمىز ئوقۇيلى مەڭگۈ تاپتىن چىقماسلىق ئۈچۈن.
شەھلا كۆزلەر بىر دېڭىز ھاياجاننى ۋۇجۇدۇمغا تۆكۈۋەتتى. مەن شەھلانىىڭ سۆڭەكلىرى غىرىس – غىرىس قىلىپ كەتكۈدەك چىڭ قۇچاقلىدىم. ئۇنىڭ لەۋلىرىگە، يۈزلىرىگە، بويۇنلىرىغا ئەقلى – ھوشۇمنى يوقاتقان ھالدا سۆيۈشكە باشلىدىم. بىر چاغدا شەھلانىڭ مايكىسىنىڭ ئىچىگە ئەمدىلا كىرگەن قولۇم چىدىغۇسىز ئاغرىپ كەتتى. شەھلا ئامبۇردەك قوللىرى بىلەن بىلىكىمنى چىمدىۋالغان ئىدى.
__ ۋايجان، قولۇڭ نېمانداق قاتتىق، كۆك چۈشۈرىۋەتتىڭ مانا چىمدىلاپ،__ شەھلا چىمدىۋالغان يېرىمنى تۇتۇپ ۋايجانلاپ كەتتىم.
__ تىلىڭ تۇتۇلۇپ قالماستا ئۆيۈڭگە كەت. ئەلچىلىرىڭنى كۈتىمىز،__ دېدى شەھلا ئىشىكنى ئاچقاچ مېنى ئۇزىتىپ.
__ بولىدۇ. ئۆيۈڭدىكىلەرگە دەپ قوي، ئەتە ئۆيدە بولسۇن.
شەھلا ئۆيىنىڭ ئالدىدا ماڭا مۇھەببەتلىك تىكىلگىنىچە قاراپ قالدى. مەن شەھلانىڭ ئاسمىنىنىڭ تىگىدە، شەھلانىڭ زېمىنىنىڭ ئۈستىدە موتوسىكىلىتىمنى يورغىلاتقىنىمچە ئۆيۈمگە قاراپ ماڭدىم.

تۈگىدى

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 15:48:07

سىلىدىن ياخشى ئەسەر چىقىشىغا تېخى خېلى باركەن ... قەلەم بىلەن كاللا پىشماپتۇ تېخى ...

doctor يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 16:10:02

ئۇزاق زامانلار بوپتىكەن بۇنداق ياخشى يېزىلغان ئەسەرنى ئۇقۇپ باقمىغىلى راھەت ئىچىدە ئۇقۇپ تۈگەتتىم .
لىكىن تىلى بەك راۋان چىقىپتۇ زورۇقۇشتىن خالى.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 18:00:55

مەرھۇم ھۈسەيىن تاشنىڭ «يىلان يىللىق قىز»،«ئاق قۇ»ناملىق پوۋېستلىرى،ئەنۋەر مۇھەممەدنىڭ«مۇھەببەت»،چوغلاننىڭ«يۇلتۇز،كۆزۈڭنى قىسما»دېگەن ھېكايىلىرى پەيزى.

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 19:46:46

ياخشى ئەسەركەن. مەن تېخى ماۋزۇسىغا قاراپ شەھلانىڭ ئەسەرلىرىگە يىزىلغان ئوبزور چېغى دەپتىمەن. ئەمما، نادىر ھىكايە دىيىشكە تامامەن بولىدۇ.

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 20:38:32

داڭدارلارنىڭ چاپىندا تەرلەش دەيمىزما ئەمدى بۇنى

taz يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 00:27:09

تەرجىمە ھېكايىما؟

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 05:17:24

Comeon يوللىغان ۋاقتى  2014-7-12 15:48 static/image/common/back.gif
سىلىدىن ياخشى ئەسەر چىقىشىغا تېخى خېلى باركەن ... قەلەم  ...

سىلىدە  كاللا پىشقاندەكما ؟؟؟

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 06:21:52

Erktekin يوللىغان ۋاقتى  2014-7-13 05:17 static/image/common/back.gif
سىلىدە  كاللا پىشقاندەكما ؟؟؟

قانداق دەيسىز ئەركتېكىنكا ؟  مەندىكى كاللا ۋەھشىغۇ؟


تولۇقلىما مەزمۇن (2014-7-13 14:33):
بىلمەي دەپ قالدىڭىز دە ... ياشتا چوڭ بولسىڭىزمۇ گەرچە ...

musilina1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 10:30:59

ياخشى يېزىلغان ھېكايىكەن.....

خۇددى چۆچەك ئوقۇغاندەك قىزىقىپ ئوقۇدۇم....

مەن تېخى مۇنبەردىكى شەھلاغا ئاتاپ يېزىلغان ھېكايە ئوخشايدۇ دەپتىمەن.......:)

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 15:06:32

بىر ئولتۇرۇشۇمدىلا بىراقلا ئوقۇپ تۈگەتتىم، خىياللىرڭىزغا،ئۆزگىچە تەپەككۈرىڭىزگە شەھلايىڭىزنىڭ ئەپسۇنلىرىغا كۆز تەگمىسۇن.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-15 19:13:48

ماۋۇ ئۇسلۇب ياقتى ماڭا ، ئەلا كەتتى {:112:}
بەت: [1]
: ئۇيغۇران: شەھلانىڭ ئەپسۇنى