qahqak يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 19:30:30

تۇرادىن ئابدۇرېھىم:قەشقەردە ياتسىراش

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qahqak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-11 19:32  

"قەشقەردە  ياتسىراش"
(چاچما شېئىر)
تۇرادىن ئابدۇرېھىم

قەشقەر،
تىلسىملارغا تولغان شەھەر.
بىر چاغلاردا بار ئىدى....
بارسا كەلمەس كوچىلىرى،
سىيىت گاڭگۇڭدەك نوچىلىرى،
بار ئىدى يەنە....
يەنە....
شۇ كوچىلار ئاسمانغا چىقىپ كەتتى،
سىيىت ئاخۇن بۇرادەرلىرىنى باشلاپ نەلەرگە يەتتى.
قەشقەر،
ساماۋى شەھەر.
قەدىم ھېيتگاھ ئالدىدا ،
تاشۋاي چالغان راۋاپنىڭ ئۈنى ئاڭلىنىدۇ،
قۇلاق سالساڭ،
راۋاپنىڭ ئەمەس،
ئۆستەڭبويىدىكى مىسكەرلەرنىڭ  ئاۋازى.
ئايلاندىم نەچچە رەت تۈمەن بويىنى،
كۆرۈنمەيدۇ  قەشقەرنىڭ،
ئەسلىدىكى باھارى،
يەنە ئايلىنىپ بېرىپ قالدىم،
سەمەن يولىغا.
قېنى ئۇ كۆككە بوي سوزغان بوستان تېرەكلەر؟
قېنى ئۇ <ئاسىگۈل>گە كۆيگەن ئوتلۇق يۈرەكلەر؟
قايتتىم يارباغقا،
گۈزەل نەزەرباغقا.
ياشلىقىدىكى گۈزەللىكتىن ئەسەر يوق-
مېھرى سوغۇق تاش ئورمانلىققا.
قەشقەر،
ساۋاتسىز شەھەر،
<داموللامنى جاھالەت ئوقلىرىغا باشلىدىڭ>

<نۇزۇگۇمنى قومۇشلۇق جاڭگاللارغا تاشلىدىڭ>

خام بازىرىدا يىگەنتىم،

ماي بۆرەك،دۈمبە جىگەر...ھەر خىل كاۋاپ.

لېكىن،ھەيرانمەن،
تەۋپىق بولدى باغرىڭدا <ئادەم كاۋاپ>

يۈسۈپ،مەھمۇد بوۋاملارمۇ،

كېتىپتۇ ھەج تاۋاپقا.

مەن يالغۇز.....
شۇنچە توۋلىساممۇ<لەيلىگۈل>نى،
ھېچكىم چىقمىدى.
ياتسىرىدىم بۇ شەھەردە،
توۋا!
ئادەم ئۆز ئۆيىدىمۇ ياتسىرامدۇ؟
...........
...........
...........؟

2014-يىلى   ماي

musafir786 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 05:16:49

قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن، ئىسىل چىقىپتۇ

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 08:23:58

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qashqari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-12 08:59  

ئايلاندىم نەچچە رەت تۇمەن بويىنى،
كورۇنمەيدۇقەشقەرنىڭ
ئەسلىدكى باھارى،
ياتسىرىدىم بۇ شەھەردە،
توۋا!
ئادەم ئۆز ئۆيىدىمۇ ياتسىرامدۇ؟

مۇشۇ مىسرالىرى كوزۇمگە ئىسسىق ياش كەلتۇردى كىچىك چاغلىرمىزدا ياۋاغ كوۋرۇك بويلىرىدا سۇغا چۇمۇلۇپ ئويناپ كىتەتتۇق ھازىر بولسا ئەۋرەز دەرياسىغا ئايلىنىپ كەتتى.
ۋە بالامنى يىتىلەپ بىر نەچچە قىتىم ماي تىياتىرنىڭ ئالدىدىكى يوللار بىلەن ۋە يەر ئاستى يوللار بىلەن مىڭىپ ئەتراپتىكى بىنا تاملارغا ئىسىۋىتىلگەن قويۇق خەن مەدىنىيتىگە ئىگە خەنچە خەتلىك ئىلانلارنىڭ ، تەشۋىقات پىلاكاتلىرىنىڭ كوپلىكىدىن خۇددى ئوزۇمنى ئىچكىردىكى شەھەرلەرنى ئايلىنىۋاتقاندەك ھىسياتتا بولۇپ قالدىم توغرىسى ئوز يۇرتۇمغا مىھماندەك بولوپ قالدىم كەلگۇسىدە بالىلىرمىز ئوز ئانا يۇرتىنى ئوزىنىڭكىدەك ھىس قىلالارمۇ شۇنىڭدىن غەم يەپقالدىم. :funk:
بەت: [1]
: تۇرادىن ئابدۇرېھىم:قەشقەردە ياتسىراش