bozqir يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 19:07:35

[ بوزقىر ] ياڭ گاڭ رەسمىي جازا يەپتۇ

شىنجاڭنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى  ياڭ گاڭغا  قوش جازا  بېرىلدى

    ئالدىنقى  مەزگىلدە   ، مەركىزىي ئىنتىزام  تەكشۈرۈش كومىتېتى  سېياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك  مەملىكەتلىك كومىتېتى ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ گاڭنىڭ  ئېغىر ئىنتىزامسىزلىق ۋە قانۇنسىزلىق قىلمىشلىرىغا قارىتا دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانىدى .

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق ياڭ گاڭنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ  باشقىلاردىن نەپ ئۈندۈرگەنلىكى ، غايەت زور مىقداردا پارا قوبۇل قىلغانلىقى ۋە باشقىلار بىلەن  ئاشنا  ئوينىغانلىقى ئىسپاتلانغان .

   ياڭ گاڭنىڭ يۇقۇرقى قىلمىشلىرى  ئېغىر ئىنتىزامسىزلىق قىلمىشىغا ياتىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە  پارا قوبۇل قىلىش قىلمىشى بولسا قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ھېساپلىنىدۇ .  " ج ك پ نىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى''  قاتارلىق ئالاقىدار بەلگۈلىمىلەرگە ئاساسەن  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش ئارقىلىق  ياڭ گاڭغا پارتىيىدىن  چىقىرىش ۋە خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىپ ،  قانۇنسىزلىق جىنايىتىگە قارىتا ئەدلىيە ئورۇنلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن .

http://news.sohu.com/20140711/n402105165.shtml


bozqir يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 22:04:41

ياڭ گاڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى :

ياڭ گاڭ ، ئەر، خەنزۇ، 1953-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، خېبېي گاۋچېڭ ناھىيەسىدىن. 1976-يىلى 4-ئايدا ج ك پ غا كىرگەن، 1969-يىلى 2-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى سىياسىي نەزەرىيە كەسپىنى پۈتتۈرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئالىي دەرىجىلىك سىياسىي خىزمەت ئۇستازى.1969-يىلى 2-ئايدىن 1974-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى دېھقانچىلىق 8-دېۋىزىيەسى 150-تۇەنىدە دېھقان ئىشلەمچى بولغان.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ــ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ــ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى دېھقانچىلىق 8-دېۋىزىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتىنىڭ پارتگۇرۇپپا شۇجىسى، نازارەتنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت سۈپەت ـ نازارەت ـ كارانتىن قىلىش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى ئىقتىسادىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى بولغان.


مەنبە: خەلق تورى

zulpikar20 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 22:33:11

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 22:46:19

غوجامنىڭ غوجىسى چامغۇرنىڭ ئۇرسى بارلىقىنى بىلمەيدىغان چېغۋا :lol:lol

sewda يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 22:57:04

بۇ كاتتىۋاشمۇ پەشۋا يەپتۇ دە {:101:}

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 23:07:43

موزاينىڭ يۇگۇرىشى سامانلىققىچە ....

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 23:47:46

بوزقىر تورى ئىچىلمايدىغۇ

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 00:56:12

يېڭى خەۋەرلەرنى يوللاپ تۇرارسىز.

miskin2 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 02:48:43

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-7-11 23:47 static/image/common/back.gif
بوزقىر تورى ئىچىلمايدىغۇ

قىزىتمىسى ئۆرلەپ قالغان ئوخشايدۇ.....:(

miskin2 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 02:51:41

مىكيانىنى ئىسىل باققاندۇ ھە .....{:92:}

biotech0990 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 05:49:06

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 06:12:30

سولىغۇچىدىن تاتىپ، سولانغۇچە ھەممىسى پارخور بۇلارنىڭ.

obulqasim يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 07:35:09

خەلىقنىڭ نازارەتچىلىكى ھەقىقى ئىشقا ئاشۇرۇلمىسا پارىخورلۇق تۈگۈمەيدۇ

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 07:43:15

بۇ شى رەئىسنىڭ چىرىكلىككە زەربە بېرىش دۇلقۇنىنىڭ رايونىمىزغا كەلگەنلىكى. پارىخورلۇقتا بۇقىنى بۇغاز قىلىدىغان ئەمەلدارلار شى رەئىسنىمۇ پارىخور قىپ قويمىسىلا بۇندىن كىيىن ياخشى بۇپ كىتىدۇ...

simple يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 10:28:54

رايونىمىزدىن چىققان چوڭ يولۋاس ئوخشايدۇ بۇ,

yanhin918 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 14:42:20

Tozimas يوللىغان ۋاقتى  2014-7-12 06:12 static/image/common/back.gif
سولىغۇچىدىن تاتىپ، سولانغۇچە ھەممىسى پارخور بۇلارنىڭ.

ئوخشاش  قاراشتا   بولغىنىمىزدىن   خۇش  بولدۇق!!!

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 15:08:32

دېخانچىلىق قىلىپيۈرۈپ نەدىن كەلگەن جىق ئەمەل بۇ ؟ قىززىق گۇيلادە بۇ .

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 17:20:17

جۇيىنكاڭ بىلەن قايسى بىر كاتتا  ھەربىي ئەمەلدارنىڭ چىرىكلەشكەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇنداق ساقىندا سۇلارنىڭ لايلىشىپ كەتكەنلىكىگە ھەيران قالمايدىغان بولدۇم.

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 17:28:22

miskin2 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-12 02:48 static/image/common/back.gif
قىزىتمىسى ئۆرلەپ قالغان ئوخشايدۇ.....

قىززىق چاي ئىچىپ بەسە بىر قانچە  كۈندىن كىيىن ئېچىلدۇ ، كۆيدۈرۋالمىسلا ...

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 17:33:36

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2014-7-12 07:43 static/image/common/back.gif
بۇ شى رەئىسنىڭ چىرىكلىككە زەربە بېرىش دۇلقۇنىنىڭ رايو ...

چىرىكلكنى تازلاش  قۇرۇق گەپ ، جوڭگودا بۇ گەپ ئاقمايدۇ ، چىرىكلىك تازلىۋىتىلسە يەنە  كىم گوڭسەنداڭ ئۈچۈن ئىشلەيدۇ ؟!
  ھازىر شى غۇجامنىڭ قىلۋاتقنى  تىيەنمېندا پىنسىيەگە چىققان قېرلارنىڭ بىر پۇتنى ھاكىميەتدىن تارتىپ چىقىرىپ ئۈتۈكنى جۈپ پۇتلاپ ئوڭچە كىيىش ! قىنى شى غۇجامنىڭ ياڭىزىسنى كۈرۈمىز تېخى ...
بەت: [1] 2 3
: [ بوزقىر ] ياڭ گاڭ رەسمىي جازا يەپتۇ