مۇراجىئەتنامە (2)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qismet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-11 03:43ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قېرىنداشلار!
مەن تەخمىنەن بىر ئاي بۇرۇن بىر مۇراجىئەتنامە (ئادرېسى: http://bbs.izdinix.com/thread-58643-1-1.html) يوللىغان ئىدىم. مۇراجىئەتنامە نەتىجىسىدە 4007.99 يۈەن يىغىلىپ، نەچچە كۈندىن كېيىن قىزىمىز ئالىيەقىزنىڭ دادىسىغا تاپشۇرۇلغان ئىدى.
ئالىيە قىزىمىز 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۈرۈمچىگە چۈشتى. شۇنىڭدىن كېيىن 10 كۈنگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۆكرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى (2-دوختۇرخانا)، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى قاتارلىق دوختۇرخانىلارغا كۆرسەتتۇق. ھەممە دوختۇرخانىدا بىمارنىڭ گۈرەن قىسمىدىن ئازراق كېسىپ ئېلىپ خىمىيىلىك تەكشۈرىدىغاننىڭ گېپىنى قىلدى. لېكىن، بىمارنىڭ دادىسى «قىزىمغا تىغ تەگكۈزمەيمەن» دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، دورا-ئوكۇل بىلەن داۋالاشنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى تەكرار ئېيتتى. ئاخىرىدا ئاقسۇدىكى مەلۇم بىر دوختۇرنى ئىزدەپ داۋالانماقچىمۇ بولدى. ئاقىۋەت ئۈرۈمچىگە كېلىپ، تەخمىنەن 10 كۈندىن كېيىن ئۈرۈمچى سەپىرىنى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتۇرۇپ ئاقسۇغا قايتتى.
بۇ 10 كۈن جەريانىدا مەن خىزمەتلىرىمنى تاشلاپ قويۇپ، ئاساسەن بىمار بىلەن بىللە بولدۇم. تەكشۈرۈشلەرگە بىللە قاتناشتىم. بەزىدە بىمارنىڭ دادىسى تۇرغۇنكامنىڭ جاھىللىقىغا، زامانىۋى تېبابەتنى رەت قىلىشىغا، ئالىيە قىزىمىزنىڭ ئاغرىقتىن تۈرۈلگەن چىرايىغا قاراپ، تونۇشقىلى نەچچە كۈن بولغان تۇرغۇنكام بىلەن قاتتىق دېيىشىپمۇ كەتتىم. لېكىن، ئالىيەقىزنىڭ ھامىيسى، پۇشتى پاناھى بولغان دادىسىنىڭ دېگەنلىرىگە باش لىڭشىتىپ تۇرماقتىن باشقا ئامال بولمىدى.
ئۇلار قايتىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن (6-ئاينىڭ 22-كۈنى) ئانا يۇرتۇم ئۇچتۇرپانغا چۈشتۈم. شۇ كۈنى كەچتە ئالىيەقىز، تۇرغۇنكام ۋە تۇرغۇنكامنىڭ بىر نەچچە ئاغىينىسى بىلەن تاماقتا بىللە بولدۇق. شۇ سورۇندا مېنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئەھۋاللارنى، دوختۇرلارنىڭ سۆزىنى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇشۇم، ئاغىينىلىرىنىڭ تۇرغۇنكامغا قاتتىق-يۇمشاق ۋاسىتىلەر بىلەن چۈشەندۈرۈشى نەتىجىسىدە ئۇ نەچچە كۈندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتا بارىدىغان، ئالىيەقىزنى ئوپراتسىيە قىلىشقا قوشۇلىدىغان بولدى.
4-5 كۈندىن كېيىن مەن ئۈرۈمچىگە قايتتىم. تۇرغۇنكاملار مەندىن ئىككى كۈن كېيىن (6-ئاينىڭ 29-كۈنى) ئۈرۈمچىگە چۈشۈپ، 6-ئاينىڭ 30-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى (2-دوختۇرخانا) نىڭ ئېڭەك تاشقى بۆلۈم 1-كېسەلخانا (颌面外科一病区) دا ياتتى.
ئارىدا ئىككى قېتىم كىچىك ئوپراتسىيە قىلىندى. ئالىيەقىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەرھالدا ئوبدان. لېكىن، ئالىيەقىزنىڭ دادىسى تۇرغۇنكامنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ناچار بولۇشى ئالىيەقىزنىڭ كېسىلىنىڭ ياخشىلىنىپ كېتىشىدىكى بىر توسالغۇ بولۇپ تۇرماقتا.
بۇ قېتىم بىز ئالىيەقىزنىڭ زامانىۋى تېبابەت ئارقىلىق ئۈزۈل-كېسىل داۋالىنىشى كېرەكلىكىنى تۇرغۇنكامنىڭ ئىدىيىسىدىن بەك تەستە ئۆتكۈزۈپ، ئالىيەقىزنى كېسەلخانىدا ياتقۇزدۇق.
ئالدىنقى قېتىملىق مۇراجىئەتنامە نەتىجىسىدە نۇرغۇن قېرىنداشلار قولىدىن كېلىشىچە كۆڭلىنى بىلدۈردى. ئۇلارغا تۇرغۇنكامنىڭ ئورنىدا رەھمەت ئېيتىمەن. قېرىنداشلارنىڭ بۇ قېتىم ساخاۋەت ئالقىنىنى تېخىمۇ كەڭرى يېيىپ، شۇ قىزىمىزنىڭ ياخشىلىنىپ كېتىشىگە ئاز-تولا ياردەم قىلسا، نامازلىرىدا شۇ قىزىمىز ئۈچۈن دۇئا قىلىپ بەرسە دېگەن ئۈمىدتە مەن.
تۇرغۇنكامنىڭ تېلېفون نومۇرى: 13899220720
ئامانەت-قەرز كوپىراتىپى كارتا نومۇرى: 6210082041842254
كارتا ئىگىسى: تۇرغۇن سەمەت 吐尔洪•赛麦提
بولسا بىمار بىلەن يۈز-تۇرانە كۆرۈشۈپ كەلسەڭلار تېخى ياخشى. ئەگەر Alipay ياكى سودا-سانائەت بانكىسىدىن سالىدىغانلار بولسا، مەن خالس يەتكۈزىمەن. Alipay دىن سالغانلار «ياردەم، مۇراجىئەت» دېگەندەك ئەسكەرتمە بېرىپ قويغايسىلەر. رەھمەت!
Alipay ھېساباتى: xjcfan@sina.com
نامى: پەرىدە يولۋاس 帕力旦·玉路瓦斯
سودا-سانائەت بانكا كارتا نومۇرى: 6222083002005236971
نامى: ئەمەتجان رۇسۇل 艾买提江·肉苏里 ئالدىنقى قېتىم ياردەم قىلغانلارنىڭ ئىسىملىكى، ۋاقتى، ياردەم سوممىسى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي خاتىرىلەپ قويغان ئىدىم. ياردەم قىلغانلارنىڭ ئىسمىنى تولۇق ئالماي، تىزىملىكنى بۇ يەردە ئاشكارىلىسام، مۇۋاپىق بولارمۇ-بولماسمۇ، دەپ ئويلىنىپ قالدىم. ئالىپايغا ئازراق كۆڭۈل كەتتى.
ئاللاھ شىپالىق بەرگەي ئالىپايغا سېلىۋەتتىم ،ئەسكەرتمە يېزىشنى ئۇنتۇپتىمەن. GoodLuck يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 11:00 static/image/common/back.gif
ئالىپايغا ئازراق كۆڭۈل كەتتى.
ئاللاھ شىپالىق بەرگەي
رەھمەت! tarim222 يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 14:28 static/image/common/back.gif
ئالىپايغا سېلىۋەتتىم ،ئەسكەرتمە يېزىشنى ئۇنتۇپتىمەن.
رەھمەت! ئەسكەرتىش يازالمىدىم. begtash يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 15:40 static/image/common/back.gif
ئەسكەرتىش يازالمىدىم.
begtash نامىدىن پۇل كەلدى. كىچىككىنە كۆڭلۈم كەتتى ..خۇدايىم سىڭلىمىزغا شىپالىق بەرگەي abduzaher يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 16:54 static/image/common/back.gif
كىچىككىنە كۆڭلۈم كەتتى ..خۇدايىم سىڭلىمىزغا شىپالىق بە ...
رەھمەت! 200 كوي ئاتىدىم. سىلى خالىس يەتكۈزۈپ بەرسىلە قىسمەتكا! ئالىپايغا يەنە ئاز بولسىمۇ كۆڭۈل كەتتى قىسمەتكا. سىڭلىمىزغا ئاللاھ شىپالىق بەرگەي ،ئامىن! ياخشىسى بۇ يەردە ئېلان قىلىپ سازايە قىلماڭ ....{:104:} رەھمەت، بۇرادەرلەر! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qismet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-11 21:20
radiofan يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 20:44 static/image/common/back.gif
ياخشىسى بۇ يەردە ئېلان قىلىپ سازايە قىلماڭ ....
ياردەم قىلغانلارنىڭ ئىسمى تولۇق ئېلان قىلىنمايدۇ. *** تۇرسۇن مۇنچە يۈەن، *** سەمەت مۇنچە يۈەن ياردەم قىلدى دېگەن شەكىلدە ئېلىنىدۇ.
بۇ بىر خىيال، ئەلۋەتتە. مۇۋاپىق بولمىسا، ئېلان قىلمىساق بولىدۇ. Birzat يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 18:53 static/image/common/back.gif
200 كوي ئاتىدىم. سىلى خالىس يەتكۈزۈپ بەرسىلە قىسمەتكا!
قايسى ھېساباتقا ئۇرۇلغاندۇ؟ @GoodLuck تىن كۆڭلۈمنى ئەۋەتتىم ئاغا.:) ئاللاھ كېسىلىگە شىپالىق بەرگەي.:(
ئالىپئايدا ئەسكەرتىش يازالمايلا كېتىپ قالدى.
بەت:
[1]
2