harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 00:53:12

سۈزۈك فىلىم كىرىشتۈرۈشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى

ھازىر تور بېكەتلەردە كونا فىلىملەرنىڭ ئۇيغۇرچە ئاۋازىنى سۈزۈكىگە كىرىشتۈرۈپ ئېلان قىلىش مودا بولۇۋاتىدۇ، تۆۋەندە كىرىشتۈرۈشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى

بۇنىبىر نەچچە قەدەم باسقۇچقابۆلۈش مۇمكىن

1. فىلىم تاللاش ، بۇ ئەڭ مۇھىم بولغان باسقۇچ، فىلىم تاللاشتا تەربىيە ئەھمىيەتكە ئىگە، ساقلاشقا ئەرزىيدىغان سۈزۈكى بولمىغان كونىراپ كەتكەنئاۋازى ياخشى بېرىلگەن فىلىملەر نىشان قىلىنىپ تاللىنىدۇ، يېڭى فىلىملەرنى تاللاشقا توغرا كەلگەندە ئەڭ نادىر كۆرۈش نىسبىتى يۇقىرى يۇقىرى،داڭلىق ئاممىبابفىلىملەرنىتاللاش لازىم،
فىلىم ياخشى تاللانماي ھەرقانچە ئەجىر قىلىپ كىرىشتۈرگەن بىلەن كۆرۈرمەنلەر ياقتۇرمىساقىلغان قىلغان ئىشىمىز نۆل بولىدۇ

2. سۈزۈك نۇسخىسىنى ئىزدەش
، كىرىشتۈرمەكچى بولغان فىلىملەرنىڭ ئەسلى تىلدىكى تاپماقچى بولساق ، توردا فىلىملەرنى رازمېرلىرىمۇ ، ئېنىقلىقى ، فورماتىمۇئىنتايىن كۆپ بۇنىڭدائامال باررازمېر جەھەتتە 720p دىن كەم بولمىغىننى فورماتتا mkvنۇسخىسىنى، زادى تاپقىلى بولمىسا avi، mp4 نۇسخىلىرىنى تاللاش كېرەك بۇنىڭدا فىىلىم سۈپەتلىك ھەم پاكىز چىقىدۇھەم كېيىن ئالاھىدە سۈزۈك يېڭى فورماتلىرى ئۇچرىغاندا قايتا تۈزىتىشكە ئىمكان يارىتىلىدۇ ، پىرىسلىنىپ بولغان flv, rmvb فورماتلىرىغا كىرىشتۈرگەننىڭ قىلچە ئەھمىيتى بولمايدۇ،
سۈزۈكفىلىىملەرنى simplecd ياكى yyets قاتارلىق تور بېكەتلەردىن دۆلەت ئىچىدىن زادى تاپالمىغان فىلىملەرنى kat.ph ياكى
torrentbit تور بېكەتلىرىدىن بىت ئۇرۇقىنى تېپىشقا بولىدۇ

3.ئاۋازنى كىرىشتۈرۈپ تەھرىرلەش
، ئۇيغۇرچە ئاۋازى تەييار بولغاندىن كېيىن، ئۇنى فىلىم كىرىشتۈرىدىغان دېتاللاردا ئاۋازىنى كىرىشتۈرىمىز بىز بۇدېتالارنى فىلىم پىرىسلاپچىقارغىلى ئىشلەتمەيمىز، بەلكى ئاۋازىنى فىلىم بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىمىز، فىلىم ئىشلەش دېتالىنى تاللاشتاedius نى تاللىغان تۈزۈك چۈنكى بۇنى ئىشلىتىش ئاسان، سۈزگۈچلىرى قۇشۇمچىلىرى كۆپ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىۋاستەac-3 ئاۋاز ھۆججىتى چىقىرىشنى قوللايدۇ، شۇڭا بۇ ئاقىلانە تاللاش
ھازىرقى كەڭ قوللىنىۋاتقان MKV سۈزۈك فىلىم فورماتىنى كۆپىنچە فىلىم كىرىشتۈرۈش دېتاللىرىقوللىمايدۇ، سۈزۈك فىلىمنى تۆۋەن رازمېردىكى mpg ئايلاندۇرىۋېلىپ كىرگۈزسەك بىمالال قوللايدۇ،
ئايلاندۇرۇشتا دىققەت قىلىدىغان نۇقتا شۇكىئايلاندۇرماقچى بولغان mpgھۆججەتنىڭ ئاۋاز ئېنىقلىقىنى320kps كەم قىلىۋەتمەسلىكىمىز كېرەك بولمىسا ئەسلى ئاۋازنىڭ ئېنىقلىقىغا تەسىر يېتىدۇ

edius تائەسلى فىلىمنىئاۋازلىق سۈرەت يولىغا تاشلايمىز، كىرىشتۈرمەكچى بولغان ئاۋازنى 1- ئاۋاز يولىغا تاشلاپ كىرىشتۈرۈشنى باشلاپ كەتسەك بولىدۇ، دىئالوگ چىققاندا ئۇيغۇرچە ئاۋازنى ساقلاپ قالىمىز، تەقلىي ئاۋاز، مۇزىكا چىققاندا ئۇيغۇرچە ئاۋازنى كېسىۋېتىمىز،ئەسلى ئاۋازنى ئىشلىتىمىزئۇيغۇرچە ئاۋاز بېرىلگەندە تەقلىدىي ئاۋازلار بېرىلمەي قالغان بولسا بىز 2- ئاۋاز يولى 3- ئاۋاز يولىغا تەقلىدىي ئاۋازلارنى تاشلىساق بولىدۇ،فىلىمنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتمەسلىك ئۈچۈن تەقلىدىي ئاۋازلارنى ئامال بار ئەسلى فىلىمنىڭ ئىچىدىن تاللاپ كېسىۋالىمىز،تەقلىدىي ئاۋاز قىسقا بولسا كۆچۈرۈپ چاپلاپ تەكرار قويساق بولىدۇ، كىرىشتۈرۈش مۇشۇ يوسۇندا داۋاملىشىدۇ

Edius Pro 5 نىڭ ئىخچام نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۋېلىڭ،
http://big.cr173.com//Canopus.Edius.5.0_cn.rar

WinAVI All in One Converter 魔影工厂 نى چۈشۈرۈش
http://dl1sw.baidu.com/soft/1a/12165/moying_2.1.1.4225.exe


3.ئاۋاز سۈزۈش
ئاۋاز ھۆججىتى ھاسىل قىلىپ بولغاندىن كېيىن خالىساق يەنە cool edit proئاۋاز كىرىشتۈرۈش دېتالىدائاۋازنى يەنە سۈزسەك ياكى ھەرخىل ئۈنۈملەرنى قوشساق بولىدۇ ، ناۋادا ئاۋاز ئۆلچەملىك بولسا بولغانئۇنى ئىشلەتمەي بىۋاستەكىرىشتۈرۈش باسقۇچىغا ئۆتسەك بولىدۇ

cool edit pro نى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
http://www.duote.com/soft/26373.html

4.فىلىم بىلەن ئاۋازنى بىرىكتۈرۈش
تەھرىرلەنگەن ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىلەن سۈزۈك فىلىم ھۆججىتىنى بىرلەشتۈرۈشتە avi فورمات بولسا avi gui mux قورالىدا mkv فورماتىدا بولسا mkv toolnix قورالىدا بىرىكتۈرىمىز چۈنكى بۇلار فىلىم بولاقلايدىغان قوراللار بولۇپ نەچچە سىكۇنىتتىلا فىلىم بىلەن ئاۋازنى بىرىكتۈرۈپ قاپلىيالايدۇ، بۇنىڭدا فىلىمنىڭ ئەسلى ئاۋازىنى ئېلىۋېتىشكە ياكى بىرقانچە ئاۋازلارنى قوشۇپ كۆپ تىللىق فىلىملەرنى بىرىكتۈرگىلى بولىدۇ، بۇنىڭ يەنە فىلىملەرنى كېسىۋېتىش، بىرىكتۈرۈش ئىقتىدارلىرى بار
MKVToolnix تولۇق نۇسخسنىڭ چۈشۈرۈش ئادېرسى:
http://down2.cngr.cn/2013/MKVToolnix_Por.rar

زۆرۈر بولمىسا   بولاقلاپ بولغان فىلىم ھۆججەتنىبىۋاستە قويغۇچتا قويۇپھۇزۇرلانسىڭىز بولىدۇ، فىلىم پۈتتى دېگەن گەپ
ناۋادا فىلىمغا خەت، رەسىم، تامغا كىرىشتۈرۈپ كەم قالغان يەرلەرنى خەتلىك قىلىپقايتا پىرىسلاش زۆرۈر بولىساخەتلىك فىلىم تېخنىكىسى بويىچەخەت قىسمىنى تەھرىرلەپ فىلىمنى تەق قىلىسىز

5.avs ئارگېنال يېزىش
كومپيۇتېرىمىزغا avisynth دېتالىنىقاچىلاپavs مۇھىتى قۇرۇۋالغاندىن كېيىن   avs يېزىش قوراللىرىدىن بىرنى چۈشۈرۈپ فىلىمنىڭ رازمېرى ،خېتى، ئاۋازى، ۋە باشقا ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈپ avs ھۆججىتى قىلىپ ساقلىۋالىمىز،avsھۆججىىتىدە فىلىمنىڭ بارلىق بۇيرۇقئۇچۇرلىرى ساقلانغان بولىدۇ، بۇنىڭ ئۆزىنىڭ قويغۇچى بار avs ھۆججەتنى قويالايدۇ قويۇپ ئۈنۈمنى كۆرۈپ بېقىشقا بولىدۇavs ھۆججىتىنى تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن ئاخىرىداmegui ياكى Easy RealMedia Producer گە ئەكىرىپ فىلىمنى پىرىسلىساق بولىدۇ

AviSynth 2.5.7 alpha 2 نى چۈشۈرۈش
http://www.onlinedown.net/soft/34382.htm--
AVS脚本小子 نى چۈشۈرۈش
http://www.cngr.cn/dir/217/360/2012050983260.html

6. فىلىمنى پىرىسلاش
فىلىملەرنى پىرىسلىماقچى بولساقmkv فورماتى ئۈچۈنmegui نى rmvb فورماتىدا چىقارماقچى بولساق Easy RealMedia Producerنى ئىشلىتىمىز، بۇ دېتاللار فىلىملەرنى ئەڭ سۈزۈك ھالەتتە پىرىسلاپ چىقىرىپ بېرىدۇ
بۇلارنىڭ ھەممىسى avsئارگېنال كودىنى قوللايدۇ megui فىلىمنى ئەڭ سۈپەتلىك پىرىسلاپ بېرىدىغان بولغاچقا شۇنىڭغا ماس ھالدا كېتىدىغان ۋاقىتمۇ ماس ھالدا ئۇزۇن بولىدۇ

meGUI نى چۈشۈرۈش ئادىرىسى
http://www.onlinedown.net/soft/78899.htm

Easy RealMedia Producerنى چۈشۈرۈش ئادېرىسى
http://www.onlinedown.net/soft/25946.htm

مۇكەممەل ئىقتىدارلىق قويغۇچ 完美解码 نى چۈشۈرۈش
http://soft1.wmzhe.com/PureCodec/WMZPureCodec20101231_Nick.exe

دىمەك كونا فىلىملەرنى ئەڭ سۈپەتلىك، ئۆلچەملىك يېڭىلاپ چىقىمەن دەيدىكەنمىز، كۆپ خىل دېتاللارنى ئىشلىتىشنى پىششىق ئىگىلىگەندىن باشقا ،ئالاھىدە قىزغىنلىق جاپاغا چىدايدىغان روھ بولۇش كېرەك شۇندىلا كونا فىلىملەرنىڭ يېڭى ھۇزۇرىنى سۈرەلەيسىز

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 10:38:29

ئورۇن ئىلىپ قوياي . . .

jasur58 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 14:35:38

كۆپ تەشەككۈر! بىلىدىغان ھۈنەرلىرىڭىزنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقانلىقىڭىزغا ئاپىرىن!

RAUL113 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 15:43:04

مەسىلەن ئالايلۇق سىز كىرىشتۇرگەن سۇزۇك نوچى فىلىمدىن بىرنى :lol

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 18:17:14

تولىمۇ قىزىقارلىق بىر تېخنىكا دېسە مۇشۇ، ئەپسۇس ھازىر بۇنى ئۆگىنىشكە ۋاقىت يوق.

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 18:30:34

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 20:07:11

uyghur7800 يوللىغان ۋاقتى2014-7-11 18:30 static/image/common/back.gif
ئاقبۈركۈتتىكى دىلمۇراتنىڭ ئۇزۇن زامانلار ئىلگىركى تى ...

ئاشۇ ئاق بۈركۈتكە كەمىنە يوللىغان ئىدىم، كۆزىڭىزنى چاپاق بېسىۋالغان ئوخشايدۇ، ئىنكاسىڭىزدىن دىلمۇرات بۇرادەرنى تونۇيدىغاندەكمۇ قىلمايسىز
2013-يىلى 1-ئاينىڭ 28- كۈنىدىكى يازمام
http://akburkut.com/eza/forum.php?mod=viewthread&tid=4170
تېمىنىڭ ئەسلى تېكىسىتىقۇتياردىكى بىر تورداشنىڭ تېمىسىغا قايتۇرغان ئىنكاسىمدىنكەلگەن(8-قەۋەتكە قاراڭ)، بۇ يازما كىنو فىلىمنى رەقەملەشتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا ئىزدىنىشقا كۆچۈرۈپ كېلىندى
http://www.terjimefilim.com/bbs/thread-5580-1-1.html

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 21:02:13

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 22:46:38

uyghur7800 يوللىغان ۋاقتى2014-7-11 21:02 static/image/common/back.gif
ئېنكاسىمغا بۇنداق كۈچلۈك ئېنكاس قايتۇردۇدەپ ئويلاپم ...

سىزنىڭمۇ كۆڭلىڭىز ئاغرىيدىكەن ھە؟،كونىلاردا «پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال ئاغرىمىسا خەقكە» دېگەن گەپ بارئىدى، ئۇلۇغ ئاي ،ئۇلۇغ كۈنلەردە، مېنى ئەيىبلەشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىز يازغان ئىنكاسنى قايتا بىر ئوقۇپ باقامسىز
–—————–––––––––––——–———————
سىز يازغان ئىنكاس
ئاقبۈركۈتتىكى دىلمۇراتنىڭ ئۇزۇن زامانلار ئىلگىركى تىمىسىغۇ بۇ؟ باللا ياساپ كىتىپتۇ(ھىجايغان چىراي ئىپادىسى)

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 09:50:09

ئېدىيۇس بەكرەك تەسمۇ نىمە؟ مەن خۇيشىڭ خۇييىڭ ئىشلىتىپ كۆنۈپ قاپتىمەنكەن،ئەمما خۇيشىڭ خۇييىڭ ئانچە ئېنىق چىقارمايدىغاندەك قىلامدۇ نىمە؟
بەت: [1]
: سۈزۈك فىلىم كىرىشتۈرۈشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى