harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 00:11:47

[بىلىۋېلىڭ] كىنو رەقەملەشتۈرۈشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   harunjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-7-11 00:21

ھازىرقى كىنولارغا قارىساق بۇرۇن كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا كۆرگەن فىلىملەرنىڭ ھازىر ئىنتايىن سۈزۈك1080Pۋە 720P ھالەتتەرەقەملەشتۈرۈلگەنلىكىنى بايقايمىز، بۇرۇن بىز بۇ فىلىملەرنى لېنتىلىق كىنو ئاپاراتىدا كۆرگەن تۇرساق، قانداقسىگە بۇنداق سۈزۈك ساقلانغاندۇ دەپ ئويلىشىمىز تۇرغانلا گەپ ، تۆۋەندىكى يازمىنى ئوقۇسىڭىز بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلەيسىز


ئالدى بىلەن رەقەملىك كىنو بىلەن لېنتىلىق كىنونىڭ پەرقىنى بىلىپ باقايلى


فىليونكىلىق كىنو:
بۇ خىل كىنو تېخنىكىسى 1895- يىلدىن1999- يىلغىچە ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىلگەن ،دەسلىپىدە ئاۋازسىز كىنو بارلىققا كەلگەندىن كېيىن ئۈزلۈكسىز تېخنىكا يېڭىلىنىپ ئاۋازلىق كىنورەڭسىز كىنو، رەڭلىك كىنو، ماگىنىت ئاۋازلىق كىنولار بارلىققا كەلگەن بۇ تېخنىكىداكىنو سۈرەتكە ئېلىش ئاپاراتىدافىلىيونكىغاتەسۋىر چۈشۈرۈلۈپ ئۇنىيۇيۇيۇپ تەسۋىر چىقارغاندىن كېيىنكېسىپ ئۇلاپئاۋاز كىرگۈزۈپكىنو قويۇش ئاپاراتىداقويۇلىدۇ،
بۇنىڭ يېتەرسىزلىكى: فىليونكىنىڭ تەننەرخى قىمممەت، ساقلاش، توشۇش بىئەپ،كىرىشتۈرۈش تەس، قويۇلۇۋەرسە كىنو لېنتىسى ئۇپىراپ بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، كىنو قويۇش، سۈرەتكە ئېلىش ئاپاراتلىرى كېلەڭسىز


رەقەملىك كىنو:
بۇنىڭدا كىنو سۈرەتكە ئېلىش، كىرىشتۈرۈش،ساقلاش،تارقىتىش مەشغۇلاتلىرىغا بىردەك رەقەم تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن ، كىنو قاتتىق دىسكا ياكى، رەقەملىك لېنتىغاسۈرەتكە ئېلىنىپ، كومپيۇتېرداكىرىشتۈرۈلۈپ، قاتتىق دىسكا ياكى مۇلازېمىتىردامەخپىيلەشتۈرۈپ ساقلىنىپ، تور، سۈنئى ھەمراھ، قاتتىق دىسكا، ئوپتېك دىسكا قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر بىلەن تارقىتىلىدۇ،بۇ تېخنىكىلار ھازىر كىنوچىلىقتا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىۋاتىدۇ

رەقەملىك كىنو بىلەن لېنتىلىق كىنونىڭپەرقىنى بىلىپ بولغان بولسىڭىز نەق گەپكە كېلەيلى لېنتىلىق كىنو ئومۇملاشقان 100 نەچچە يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا نۇغۇن فىلىملەرئىشلەنگەن،بۇلارنىڭ ھەممىسى فىليونكىدا ساقلانغان،چەتئەللەر مەخسۇس كىنو ئارخىپخانىسى قۇرۇپ ۋىرۇس ئامبىرى دەرىجىسىدە قوغدىغان بولسىمۇ فىلىمنى سۈپەتلىك ساقلاش بىر قىيىن مەسىلە بولدى، 80- يىللارغىچە كىنو ئارخىپخانىلىرى فىلىمنى يۇيۇپ كۆپەيتىش ئارقىلىق فىلىمنى ئەۋلاتمۇ ئەۋلات ساقلاپ كەلدى بىراق بۇنداق قىلغاندافىلىمنىڭ سۈپىتىنى ئەينەن ساقلاپساقلاپ قېلىش قىيىن بولدى،
كېيىن رەقەملىك كىنو بارلىققا كەلگەندىن كېيىنتەتقىقاتچىلاركىنو لېنتىسىنى رەقەملەشتۈرۈپ ئەينەن ساقلاش ھەققىدە ئىزدىنىپ   بىر يۈرۈش تېخىنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ چىقتى، بۇ تېخنىكىدا لېنتىلىق فىلىملەر ئەينەن ساقلىنىپلاقالماي بەلكىفىلىمگە ئىش قوشۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، رەقەم ھالىتىدا ياكى لېنتىغا يۇيۇپ چىقىرىلىپ كونا كىنولارنى قايتىدىن زامانىۋى ئېكرانلارغا چىقىرىشقا بولاتتى
تۆۋەندە شۇ تېخنىكىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەيلى

1- باسقۇچ:لېنتا تاللاش
بۇنىڭدا رەقەملەشتۈرمەكچى بولغانكىنونىڭ ئەڭ ياخشى لېنتىسىنى تاللاپ چىقىش مەقسەت قىلىنىدۇ، كىنو شىركەتلىرىدىن، ئارخىپخانىلاردىن ئىزدىلىپ پاكىزە سۈپەتلىك تۇرغانلىرى تاللاپ ئېلىنىپ كېلىنىدۇ،، يۇقىرى ئۆلچەمدە سۈپەتلىك ساقلانغان، قويۇلمىغان35 مىللىمىتىرلىق ياكى 70مىللىمىتىرلىقلېنتا تاللاپ كېلىنىدۇ، فىلىمنىڭ سۈپەتلىك چىقىش چىقماسلىقىلېنتىنىڭ سۈپىتىگە باغلىق بولىدۇ


2- ئاۋاز تالللاش:
كىنو ئاۋاز ئىشخانىلىرى،فىلىم شىركەتلىرىدىن فىلىمنىڭ ئاۋاز لېنتىسى، مۇزىكا لېنتىلىرىنىڭئەڭ سۈپەتلىك ساقلانغانلىرى ئىزدىلىپ قايتا رەقەملەشتۈرۈلىدۇ، مۇزىكىلىرى كەسپى مۇزىكا ئېلىش ئۆيىدە قايتا بىر تەرەپ قىلىنىپ تەقلىنىدۇ

2- كىنونى سىكانېرلاش:
بۇنىڭداكىنونىڭ لېنتىسى مەخسۇس كىنو لېنتىسىنىنى سىكانېرلايدىغان ئۈسكۈنە ئارقىلىق 4K ئېنىقىلىقتا(يەنى 2160×3840) سۈرەتكە ئېلىنىدۇ، كىنو سىكانېرىيېڭى تېخنىكا ئەمەس، ئۇ 60-70-يىللاردا كىنو فىلىملىرىنى تېلېۋىزىيدە قويۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن،كېين لېنتىلىق كىنولارنى كومپىيۇتېرغا كىرگۈزۈپئالاھىدە ئۈنۈملەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئىشلىتىلگەن ،ھازىر يېڭىلىنىپ زىيادە سۈزۈك ھالەتتە سىنغا ئېلىش سەۋىيسىگە يەتتى



3-سىزىقلارنى يوقىتىش
بۇ باسقۇچتاسىكانىرلاپ تەييار قىلىنغان فىلىم ھۆججىتى DaVinci Revival سىستېمىسىدا تەھرىرلىنىپ فىلىمدىكى قويۇش جەريانىدا سۈرۈلۈپ جىجىلىپ كەتكەن سىزىقچىلار ئۆچۈرىلىدۇ، داغلار يوقىتىلىدۇ،بۇ مەشغۇلاتتا بىر سىكۇنتلۇق ۋىدىيو 24 پارچە سۈرەتكە ئايلاندۇرۇلۇپ فوتوشوپقا ئوخشاش تەھرىرلىنىدۇ، بۇنىڭغا كۆپ ۋاقىت كەتكەچكە، بۇ مەشغۇلاتنى كۆپ خادىم فىلىمنى بۆلەككە بۆلۈپ قىلىدۇ




4- رەڭ تەڭشەش
بۇ باسقۇچتا سىزىق يوقىتىلغان فىلىم ھۆججىتىنىڭرەڭلىرى تەڭشىلىدۇ، ئاق قارىلىق نىسبىتى بەلگىلىنىدۇ، ئەينەنسىزلىكلەر تۈزىتىلىدۇ



5-كىرىشتۈرۈش
بۇ باسقۇچتاسۈزۈلۈپ تەييار بولغان فىلىم ئاۋاز ھۆججەتلىرى،كىرىشتۈرۈلىدۇ،بۇرۇنقى كېسىپ ئۇلاشتىكى نۇقسانلار تۈزىتىلىدۇ، خەتلەر ئەسلىگە تەقلىد قىلىنىپ قايتا يېزىلىدۇ


6- ساقلاش
كىرىشتۈرۈلۈپ تەييار بولغان كىنو فىلىم ھۆججىتى مۇلازىمېتىردا شىفىرلانغاندىن كېيىن ساقلىنىدۇ

7- فىلىمنى تارقىتىش
پۈتكەن فىلىمباشقۇرغۇچى ئورگانلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، كىنوخانىلاردا قايتا قويۇشقا يوللىنىدۇ، ياكى كۆكنۇر دېسكىسى ھالەتتە نەشىر قىلىنىپ ئۈن سىن بازىرىغا سېلىنىدۇ


رىۋايەتلەردىكى كىنو فىلىمنى رەقەملەشتۈرۈش جەريانىمۇشۇلاردىن ئىبارەت، بۇ مەشغۇلاتلار كىنونى ئاخىرىقى باسقۇچلۇق كىرىشتۈرۈشتىنيېنىكرەك بولسىمۇ لېكىن بۇنىڭ كىنو كىرىشتۈرگەندىن كۆپراق ئىش كېتىدۇ ، ھەم نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەجرى سىڭگەن بولىدۇ
تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى بىلەي دېسىڭىز توردىن 胶转磁 ياكى电影数码修复 ،数码修复版 قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ كۆرۆڭ

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 11:28:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-7-11 11:44

ناھايىتى ياخشى يازما {:112:}
ئاۋۇ كىنو فىليونكىسىنىسىكانېرلاش ئۈسكۈنىسى بەك كەم تېپىلدىغان نەرسىغۇ دەيمەن.
7-8 يىلنىڭ ئالدىدا كىنو فىليونكىسىدا فىلىم ئىشلەپ قالساق، فىليونكنى شاڭخەيدە يۇدۇرۇپ، بېيجىڭدا سىكانېرلاپ
شۇلار DVCAM قاپلىق لېنتىسىغا غا چۈشۈرۈپ بىرەتتى(ئۇنىڭدىن يۇقىرسىنىمۇ بىز شۇ چاغدىكى ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئىشلىتەلمەيتۇق):L. ھازىر باشقا يەرلەردىمۇ بارمۇ بۇ ئۈسكۈنە ،بىز قاچانمۇ شۇ سەۋيەگە يىتەرمىز.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 11:39:48

بىر يەرنى چۈشىنەلمىدىم ،فىليونكىلىق كىنو،رەقەملىك كىنو دىگەن ئاتالغۇ ،كىنونى قۇيۇشقا قارتىلغانمۇ ياكى سۈرۈتكە ئېلىشقا.ياكى ھەر ئىككىسىنى ئۈز ئىچىگە ئالامدۇ؟
ھازىردۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە يۇقىرى سوممىلىق كىنولارنى يەنىلا كىنو فىليونكىسىدا سۈرەتكە ئېلىپ ، سىكانېرلاپ، كىرىشتۈرۈش قىسمىنى رەقەم تېخنىكىسىدا بىر تەرەپ قىلىدۇ. بۇ قايسى تۈرگە تەۋە بۇلىدۇ؟

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 15:12:42

talmas1 يوللىغان ۋاقتى2014-7-11 11:39 static/image/common/back.gif
بىر يەرنى چۈشىنەلمىدىم ،فىليونكىلىق كىنو،رەقەملىك كى ...

فىليونكىلىق كىنو دېگەن سۈرەتكە ئېلىشتىن تارتىپ يۇيۇش،كىرىشتۈرۈش، قويۇشقىچە فىليونكىغا خاتىرلىنىدىغانكىنونى كۆرسىتىدۇ بۇ 100نەچچە يىل داۋاملاشقان ئەنئەنىۋىكىنو تېخنىكىسى.

رەقەملىك كىنو سۈرەتكە ئېلىشتىن تارتىپ كىرىشتۈرۈش،قويۇشقىچە رەقەملىك ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىدۇ
فىليونكىلىق كىنو سىكانېرلىنىپرەقەملەشتۈرۈلسىمۇ رەقەملىك كىنو بولىدۇ


harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 15:38:49

talmas1 يوللىغان ۋاقتى2014-7-11 11:39 static/image/common/back.gif
بىر يەرنى چۈشىنەلمىدىم ،فىليونكىلىق كىنو،رەقەملىك كى ...

ھازىر ھەرئىككى تېخنىكىنى ئارىلاش ئىشلىتىش ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى، شارائىتقا ئاساسان فىليونكىلىق سۈرەتكە ئېلىپ رەقەملىك تارقىتىدىغان، رەقەملىك سۈرەتكە ئېلىپ فىليونكىغا يۇيۇپ تارقىتىدۇ 2000-يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بۇ ئىككى تېخنىكا زىچ بىرلىشىپ كەتكەن ئىدى
ھازىر رەقەملىك كىنو ئاساسلىق كىنو شەكلى بولۇپ قالدى يۇقىرى تەننەرخلىق ،كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىنىدىغان فىليونكىلىق كىنوتېخنىكىسى ئەمەلدىن قالدى
ھازىر كۆپ مەبلەغ سېلىنغان فىلىملەرمۇ پۈتۈنلەي رەقەملىك شەكىلدە سۈرەتكە ئېلىنىپ قويۇلىدۇ

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 16:40:47

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-7-11 16:41

ئۇزۇن بوپتىكەن ،بۇ تۇغۇرلۇق ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلمىغىلى .سىز دىگەننىڭ ياققى ئىزدەپ بېقىپتىمەن ،مۇشۇ يىلى يەنە 2014 يىلى يىل ئاخىرىغىچە ھولىۋۇت ئاساسەن فىليونكىلىق كىنو قۇيۇش ئۈسكۈنىسى بىلەن خوشلىشىپ،رەقەملىك كىنو قۇيغۇچقا ئۈتۈپ كىتىدىكەن،شۇنىڭ بىلەن فىليونكىلىق كىنو قۇيۇش ئاپراتى ھەقىقى ھالدا موزىيخانىغا كىرىپ كىتىدىكەن.بۇ جەھەتتە فىرانسىيە ئالىمۇ قاچان مەيلى سۈرەتكە ئېلىش،مەيلى قۇيۇشتا بولسۇن تۇلۇق رەقەملىشىپ بۇپتۇ.
ئەمدى كىنونى سۈرەتكە ئىلىشقا،بۇ قېتىمقى (پۇلات بۆرە ) (خۇربىتلار) ھەقىقەتەن رەقەملىك سۆرەتكە ئېلىش ئاپراتلىرى بىلەن سۈرەتكە ئېلىنىپتۇ،بۇنىڭدىنكىيىن گىرمانىيەنىڭ كىنو فىلىم ئۈسكۈنىسى ئىشلەشتىكى ھۈكۈمرانلىقى ئاخىرلىشىپ ،SONY ئاخپارات دەرىجىسىدىن ،كىنو فىلىمغا يۈرۈش قىلامدۇ نىمە؟

sarwan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 16:50:25

گەرچە رەقەملىك سىن تېخنىكىسى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان بولسىمۇ لىكىن يەنىلا فىليونكىلىق سىنغا يەتمەيدۇ. فىليونكىلىق كىنو ئاپراتى سۈرەتنى تېخىمۇ سۈزۈك، تېخىمۇ ئەينەن ئالىدۇ. شۇڭا ئالاھىيدە تەلەپ بار فىلىملەرنى يەنىلا فىليونكىدا سۈرەتكە ئېلىپ يۇقاردا دىيىلگەندەك سىكەننىرلەپ ئاندىن رەقەملىك نۇسخىسىنى تارقىتىدۇ.
BARAKAدەپ بىر ھۆججەتلىك فىلىم بار. شۇ ھۆججەتلىك فىلىممۇ 70 مىللىمىتېرلىق فىليونكىدا سۈرەتكە ئېلىنغان. فىلىم ئالاھىيدە سۈزۈك.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 17:13:20

sarwan يوللىغان ۋاقتى2014-7-11 16:50 static/image/common/back.gif
گەرچە رەقەملىك سىن تېخنىكىسى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋ ...

ئەجەپلىنەرلىك يېرى ،ھولىۋۇتمۇ ھازىر كۆپ قسىىم كىنۇلارنى رەقەملىك ئاپراتتا ئىشلەۋىتىپتۇ.:Lبۇ ئېھتىمال كىنو فىليونكىسىدا 3D (ھازىر كىنۇلار ئاساسەن3D چىقىۋاتىدۇ،بۇنى بىلىسىز) فىلىم ئىشلەش چىقىمىنىڭ ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بۇلۇپ كەتكەننىڭ سەۋەبىدۇ.مۇبادا كىنو چىقىمىنى بىلەت كىرىمى قايتۇرۋالالمىسا ،،،.بۇخەتەرگە كىنۇ شىركەتلىرى تەۋەككۈل قىلمايدۇ ئېھتىمال. شۇڭا چىقىم ئاز كىتىدىغان رەقەملىك ئاپىراتقا بۇنىڭدىن كىيىن ،ياخشى تەرەققى قىلىش پۇرسىتى بۇلىشى مۇمكىن.
ئەلۋەتتە ھازىرقى رەقەملىك ئاپراتلارنىڭ سۈزەكلۈك ،رەڭ ،سەنئەتلىك جەھەتلەردىن كىنو فىليونكىسىنىڭ ئۇرنىنى ئالالمايدىغانلىقى ئېنىق،شۇڭا يەنىلا سىز دىگەندەك بەزى فىلىملەريەنىلاكىنو فىليونكىسىدا ئېلىنىشى مۇمكىن.

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 19:32:15

بەت: [1]
: [بىلىۋېلىڭ] كىنو رەقەملەشتۈرۈشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى