پالاقسىز شامالدۇرغۇچ
مەنبەسى: سارۋان بىلوگى
ياز كۈنلىرى ئىسسىق، دىمىق ھاۋا ئادەمنى قىينايدۇ. بۇنداق كۈنلەردە ئادەم « ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، مىۋىلىرى تۈگىمەيدىغان، ھەمىشە سايە چۈشۈپ تۇرىدىغان» باغلارنى تېخىمۇ ئارزۇ قىلىپ قالىدۇ. يېزىلاردا ھەر ھالدا ئېرىق بويىدا، سۆگەتنىڭ سايىسىدا يېتىپ سالقىندىغىلى بولىدۇ. ئەمما بۇ شەھەردە…
يەنە شۇ توڭلاتقۇدىكى سۇغۇق ئىچىملىك، ماروژنا بىلەن تەشنالىقنى بېسىشقا، ھاۋا تەڭشۈگۈچ، شامالدۇرغۇچ بىلەن ئىسسىق ھاۋانىڭ تەپتىنى بېسىشقا تىرىشىمىز.
ھاۋا تەڭشىگۈچ ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتەلەيدۇ. ئەمما ئۇ ئائىلىلەردە ئومۇملاشقان نەرسە ئەمەس. ئەمما شامالدۇرغۇچ خېلى كۆپ ئۆيلەردە بار.
بىز بىلىدىغان ئەنئەنىۋىي شامالدۇرغۇچ يا تورۇسقا ئېسىلىدۇ يا ئۆينىڭ بىر بولۇڭىغا قويىلىدۇ. ئۇنىڭ سىم تورى ئىچىدە ئۈچ دانە پىقىرايدىغان پالاقچىسى بولىدۇ. ئادەتتە ياتاق ئۆي، ئىشخانىلارغا كىچىكرەك، ئايۋان- سارايلارغا چوڭراقى ئىشلىتىلىدۇ. كاۋاپچىنىڭ كاۋاپدېنىنىڭ يېنىغا تېخىمۇ يوغانلىرى قويىلىدۇ.
ئەنئەنىۋىي شامالدۇرغۇچنىڭ كەمچىلىكلىرى خېلى بار. ئىگەللەيدىغان ئورنى چوڭ، تازىلاش قولايسىز، شامىلى نەق تەگمەيدۇ دېگەندەك. ئەڭ مۇھىمى بىخەتەر ئەمەس. كىچىك بالا بار ئۆيدە قاچان پىقىرغۇچىغا قولىنى تىقىۋالاركىن دەپ ئەنسىرەپلا تۇرغان.
ئەنگىلىيەنىڭ Dyson(دايزون) دەپ بىر شىركىتى بار. بۇ شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى بىر ئىنژىنىر. ھېلىھەم بۇ شىركەتنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ. بۇ شىركەت ئەسلىدە چاڭ-توزان سۈمۈرگۈچ ياسايدىغان بولۇپ، تاڭ-توزان سۈمۈرگۈچىنىڭ سۈمۈرۈش كۈچى يۇقۇرى، ئاۋازى تۆۋەن بولۇشتەك ئالاھىيدىلىكلىرى بار. ئەلۋەتتە شەكلىمۇ بىر ئاز ئالاھىيدە. بىر قارىسا ئۆتمۈشنى ئەسلىتىدىغان بىر قارىسا كەلگۈسىنى ئىسىگە سالىدىغان، قېپى يوق ماتورغا ئوخشايدۇ.
ئەينى ۋاقىتتا James Dyson(جېمىس دايزون) تۇنجى چاڭ- توزان سۈمۈرگۈچىنى ياسىغاندا ئۇنىڭ 5127 خىل دەسلەپكى نۇسخىسىنى ياسىغان ئىكەنمىش.
2009-يىلغا كەلگەندە دايزون شىركىتى پالاقچىسى يوق شامالدۇرغۇچ ياساپ بازارغا سالدى. بۇ شامالدۇرغۇچ بىزنىڭ كاللىمىزغا ئورناپ كەتكەن شامالدۇرغۇچنىڭ پالىقى بار دىگەن ئوقۇمنى ئوڭ تەتۈر قىلىۋەتتى. شۇ ۋاقىتتا بۇ نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان مەھسۇلات ئىدى. بۇ مەھسۇلات كۆرۈنۈشىنىڭ چىرايلىقلىقى، بىخەتەرلىكى، شاۋقۇنىنىڭ تۆۋەنلىكى بىلەن بازارلىق مەھسۇلات بولۇپ قالدى. كىيىن دايزون شىركىتى بۇ شامالدۇرغۇچنىڭ قىش پەسلىدىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئىسسىق شامال چىقىرىدىغان نۇسخىسىنىمۇ بازارغا سالدى.
دايزون شامالدۇرغۇچىنىڭ شامىلى تۈز يۈنۈلۈشتە تارقىلىدىغان بولۇپ، ئۇنى ماڭدۇرغاندا ئادەمگە ئۈزلۈكسىز شامال كىلىپ تۇرىدۇ. شامال چەمبىرىكىنى ئاستى- ئۈستىگە قاراتقىلى بولىدۇ. ئوڭ-سولغا ئۆزى ئايلىنالايدۇ. شامال كۈچىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. يىراقتىن باشقۇرىدىغان تىزگىنىكىمۇ بار بولۇپ شامال كۈچى، توختايدىغان ۋاقىت قاتارلىقلارنى تىزگىنەك بىلەنلا تەڭشىگىلى بولىدۇ.
دايزون شامالدۇرغۇچنىڭ يۇمىلاق ۋە تىك شەكىلدىكىلىرى بار. ئۈستەلگە قويىدىغان، يەرگە قويىدىغان شەكىللىرى بار. ئۆينى ئالاھىيدىراق بىزەيدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەنمۇ ئۆيگە ماسلاشتۇرۇپ قويغىلى بولىدۇ.
بۇ شامالدۇرغۇچنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىيدىلىكى بىخەتەر. كىچىك بالىلاردىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. مىنىڭ بىر ياشلىق بالامغا نىسبەتەن بۇ شامالدۇرغۇچلا ئەمەس بىر خىل ئويۇنچۇق. شامالدۇرغۇچنىڭ ئىككى يانغا ئايلىنىشى، ئۇنىڭدىن كۆرگىلى بولمايدىغان لىكىن يۈزىگە ئۇرۇنىدىغان بىر نەرسە(شامال)نىڭ چىقىشى ئۇنىڭغا ناھايىتى قىززىق تۇيىلىدۇ. شامالدۇرغۇچنى ھېلى ماڭدۇرۇپ، ھېلى توختۇتۇپ، بېشىنى شامالچىنىڭ تۆشىكىگە تىقىپ ئوينايدۇ.
شامالدۇرغۇچنىڭ سىرتىدا سۈرتكىلى بولمايدىغان ھېقانداق يىرى يوق. بىۋاستە لاتا بىلەن سۈرتسە بولىدۇ. ئەنئەنىۋىي شامالدۇرغۇچقا ئوخشاش سىم تورىنى ئېچىپ، پالاقلىرىنى سۈرتىدىغان ئىش يوق.
ۋاقىت بەلگىلەپ ئۆچۈرۈش ئىقتىدارى بار بولۇپ، شامالدۇرغۇچنى ماڭدۇرۇپ قويۇپ ئۇخلاپ قېلىپ شامال تەككۈزۈۋىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ئەپچىل كىچىك تىزگىنەك تەمىنلەنگەن بولۇپ، بارلىق ئىقتىدارىنى تىزگىنەك بىلەنلا باشقۇرغىلى بولىدۇ.
پالاقچىسى يوق. ھاۋانى تۈز، بىر خىل شەكىللە پۈۋلەيدۇ. ھاۋا تېخىمۇ ئىللىق بىلىنىدۇ.
دايزوننىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاۋازى تۆۋەن بولۇش ئالاھىيدىلىكىگە ۋارىسلىق قىلغان. شاۋقۇن تۆۋەن بىئارام قىلمايدۇ.
بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئەڭ زور كەمچىلىكى باھاسى قىممەت. بىر شامالدۇرغۇچنى ئۈچ مىڭ يۈەنگە سېتىۋىلىش بىزنىڭ ئىستىمال سەۋىيەرىمىزدە تازا نورمال ئىش ئەمەس. ئەمما بىز ياشاۋاتقان يەردە ھەممە نەرسىنىڭ تەقلىد قىلغىنى تېپىلىدۇ. چوڭ قۇرۇقلۇقتا تەقلىد قىلىپ ياسالغانلىرىنىڭ باھاسى 300 يۈەن ئەتراپىدا. تەقلىد قىلىنغانلىرىنى سېتىۋالغاندا ئەڭ دىققەت قىلىدىغان ئىشىڭىز ئۇنىڭ شاۋقۇنى تۆۋەنمۇ ئەمەسمۇ. شامال ئىھتىياجىڭىزدىن چىقىدۇ. ئەمما شاۋقۇن ئاۋازى يۇقۇرى بولسا ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ. بولۇپمۇ شامالنى ئەڭ كۈچلۈك قىلغاندا.
ئېلىشىڭىزغا باھانە:
[*]چىرايلىق
[*] بىخەتەر
[*] تازىلاشقا قولاي
ئالماسلىققا باھانە:
[*]باھاسى قىممەت
http://player.youku.com/player.php/sid/XMjMwMTYwOTQ0/v.swf
شىركەت تور بىكىتى: http://www.dyson.co.uk/fans-and-heaters/cooling-fans.aspx
مەنبەسى: سارۋان بىلوگى ھاۋا تەڭشىگۈچ ياخشى لىكىن توك سەرپىياتى يۇقىرى توڭلاتقۇ بىلەن ئوخشاشراق توك سەرپىياتىغا ئىگە ھاۋا تەڭشىگۈچ بولغان بولسا ياخشى بولاتتى قانداق كۈچ ھاۋانى ئىتىتىرىپ شامالنى ھاسىل قىلىدۇ .؟ نەدە ساتىدىكەن، ئادىرىسى بارمۇ ؟ سېتىش ئورنى؟؟«؟؟ بۇرۇنراق بىلگەن بولسام زاپىرىدىن بولسىمۇ بىرتال ئەپ قۇياركەنمەن. بۇنىڭ پىرىنسىپى ئايرۇپىلاننىڭ قانىتىغا ئوخشاپراق قالىدىكەن http://item.taobao.com/item.htm?id=39649753661&ali_refid=a3_420434_1006:1106501503:6:%CE%DE%D2%B6%B7%E7%C9%C8+%B3%AC%BE%B2%D2%F4:d3c81bf8fc014308c2d9015442351bed&ali_trackid=1_d3c81bf8fc014308c2d9015442351bed&spm=a230r.1.17.8.apbOsW
مۇنۇسى بەك سېتىلىپتۇ.ناچار باھاغۇ يوقكەن.بىراق باھاسىغا نىسبەتەن سۈپىتى قاندادۇ
ئاستىدىكى تىرەك قىسمىدا شامال سۈمۈرۈپ ئۈستىدىكى چەمبەرنىڭ يۇچۇقىدىن پۈۋلەيدۇ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-10 15:33
دىمەك پىرىنسىپ جەھەتتىن يەنىلا شامال پالىقى ئايلىنىپ شامال ھاسىل قىلىدىكەندە ،پەقەت شامال پالىققى يۈشۇرۇلغان.مەن قەتئىيلا پالىقى يوق ئۇخشايدۇ دەپ قاپتىمەن. ئوبدان نىمىكەن .لىكىن ئۇنى سېتىۋېلىش بىر باش ئاغرىتىدىغان ئىكەن .ھەي نامراتلىق .
بۇ يەردىن سىتىۋىلىڭ ئەمىسە... كۈندۈن كۈنگە تەرەققىيات ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ ،،،،،،،،،،،،،، سارۋان جان! @sarwan بلوگدىكى #C دەرسلىكلىرى چۇشمەيۋاتىدۇ، بىۋاستە ئادىرىس ياكى باشقا بوشلۇقلار ئارقىلىق تارقاتساق قانداق؟
جاھاننامە 1DRV.ms نى تاپالمىغان چىراي!!!! (خوتەندىن يېزىلدى) بولىدۇ. مەن باشقا ئادرىسقا چىقىرىپ قوياي. ھەممىنى بىراقلا. تاغتۇرادىن بولسىمۇ بىرنى ئىلىپ ئىشلىتىپ باقايمىكىن. man_sarang@ سىلىگە نىمە ھاجىتى، كەسپىي پىروگراممىر تۇرساڭلا. باللا كۆرسۈن دېگەنمۇ يا؟ ئىككى ئۈچ يىللىق ئالدىدا تۇنجى قىتىم قەشقەر يەرمەنكىسدە كۆرگەنتىم
بەت:
[1]