koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 21:47:24

قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ مەككە شەھىرىدىكى ئۆي – زېمىنى توغرىسىدا

    ﺋﺎﭘﺘﻮر:  ﻗﻮﻣﯘل ۋىلاﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر - دﯨﻦ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﭘﯧﻨﺴﯩﻴﻮﻧﯧﺮى


    1991 ـ ﻳﯩﻠﻰ 8 ـ ﺋﺎﻳﺪا ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن «ﻗﻮﻣﯘل ﻧﺎﮬﯩﻴﻪﺳﻰ ﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﺴﻰ»دە: «ﻗﻮﻣﯘل ﺋﯘﻳﻐﯘر ۋاﯕﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ۋاﯕﻰ ﺷﺎﻣﻪﺧﺴﯘﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪە 30 ﻣﯩﯔ ﻣﻮ ﺗﯧﺮﯨﻠﻐﯘ ﻳﯧﺮى، ﺋﯜرۈﻣﭽﻰ ﻧﻪﻧﻠﻴﺎﯕﺪا 150 ﻣﻮ ﻛﯚﻟﻪﻣﺪە ﺋﯚي ـ زﯦﻤﯩﻨﻰ، ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪا ‹ﻗﻮﻣﯘل ﺳﺎرﯨﻴﻰ›، ﺳﻪﺋﯘدى ﺋﻪرەﺑﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﻜﻪ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪە ﺋﯚي ـ زﯦﻤﯩﻨﻰ ﺑﺎر ﺋﯩﺪى» دەپ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎن.
    ﺋﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺷﺎﻣﻪﺧﺴﯘﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﻜﯩﺪﯨﻜﻰ زﯦﻤﯩﻨﻰ ﻗﺎﭼﺎن، ﻗﺎﻧﺪاق ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎن؟ ﻣﻪن ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﺟﺎۋاب ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن، ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 80 ـ، 90 ـ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪا ﻣﻪﻛﻜﻪ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﮬﻪج ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎن ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﭘﯧﺸﻘﻪدەم زاتلار ۋە ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ۋەﻗﻪﻟﻪرﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎنلاردﯨﻦ ﺋﻪﮬﯟال ﺋﯩﮕﯩﻠﻪش ﮬﻪﻣﺪە ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎللاردﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎتلارﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻧﯩﺪﯨﻢ. ﺷﯘﻧﺪاﻗﺘﯩﻤﯘ، ﻣﻪن ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ ۋە ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎللارﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎرزۇ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜرﮔﻪﻧﯩﺪﯨﻢ. «ﺗﯩﻠﯩﺴﻪڭ ﺗﺎﭘﺎرﺳﻪن» دﯦﮕﻪﻧﺪەك، 1999 ـ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻠﯩﺮى ﮬﻪج ﺋﯚﻣﯩﻜﻰ»ﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﺳﺎلاﮬﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﻛﻜﯩﮕﻪ ﺑﺎردﯨﻢ. ﺑﯘ، ﻣﻪن ﺋﯜﭼﯜن ﻗﻮﻣﯘل ﺋﯘﻳﻐﯘر ۋاﯕﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﻜﻪ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪر ـ زﯦﻤﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﺷﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭘﯘرﺳﯩﺘﻰ ﺋﯩﺪى. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﻣﻪن ﻗﻮﻣﯘﻟﺪﯨﻦ ﺳﻪﭘﻪرﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى، ﺷﯘ ۋاﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﻗﻮﻣﯘل ۋىلاﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺷﻘﻰ ئىشلار - ﻣﯘﮬﺎﺟﯩﺮلار ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘدﯨﺮى ﺋﺎﺑﺪۇرﯦﮭﯩﻢ راﺧﻤﺎن ﺳﻪﺋﯘدى ﺋﻪرەﺑﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻗﻮﻣﯘل ۋاﯕﯩﻨﯩﯔ زﯦﻤﯩﻨﻰ ﻗﻪﻳﻪردە ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺋﻮرﻧﻰ، ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ ۋە ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻴﺮەك ﺋﻪﮬﯟال ﺋﯩﮕﯩﻠﻪپ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻨﻰ، ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ۋاﻟﯩﻲ ﺋﺎﺑﺪۇراﺧﻤﺎن ﻛﯧﺮەﻣﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﻛﯚﯕﯜل ﺑﯚﻟﯜپ ﺗﺎﭘﯩﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﯩﺪى.
    ﻣﻪن ﻣﻪﻛﻜﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮىپلا ﻗﻮﻣﯘل ﺋﯘﻳﻐﯘر ۋاﯕﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ زﯦﻤﯩﻨﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﮬﯟاللارﻧﻰ ﺳﯜرۈﺷﺘﻪ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﻣﻪﻛﻜﻪ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪە ﻣﯘﮬﺎﺟﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﻗﻮﻣﯘﻟﻠﯘق ﺋﺎﺑﻠﯩﻤﯩﺖ ﮬﺎﺟﻰ (ﺗﯚﻣﯜر ﮬﺎﺟﻰ)، ﺋﺎبلا ﻣﻪﻛﻜﻪ ﮬﺎﺟﻰ، ﺗﯘرﭘﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪت ﻗﺎرﯨﻴﮭﺎﺟﻰ، ﺗﻮﻗﺴﯘﻟﯘق ﺋﺎﺑﺪۇرﯦﻘﯩﭗ ﮬﺎﺟﻰ، ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎس ﻏﯘلام ﻏﻮﭘﯘر ﮬﺎﺟﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺑﻠﯩﺰ ﮬﺎﺟﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪردﯨﻦ «ﻗﻮﻣﯘل ۋاﯕﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ زﯦﻤﯩﻨﻰ ﻗﻪﻳﻪردە؟» دەپ ﺳﻮرﯨﻐﯩﻨﯩﻤﺪا، ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮدەك ﻣﻪﻛﻜﻪ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﺴﻔﻪﻟﻰ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘزۇﻧﻠﯘﻗﻰ 100 ﻣﯧﺘﯩﺮﭼﻪ، ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ 30 − 40 ﻣﯧﺘﯩﺮﭼﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺋﯩﭽﯩﺪە دەل ـ دەرﯨﺨﻰ ﺑﺎر ﺑﺎﻏﭽﻪ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﯨﻜﻰ (ﺑﯘ ﺟﺎي ﺷﯘ ﭼﺎغلاردا ﻣﻪﻛﻜﻪ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ دەل ـ دەرﯨﺨﻰ ﺑﺎر، ﻳﯧﺸﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ ﭼﻮﯕﺮاق ﺑﯩﺮدﯨﻨﺒﯩﺮ ﺟﺎي ﺋﯩﻜﻪن) ﺑﯩﺮ ﭘﺎرﭼﻪ زﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﻗﻮﻣﯘل ۋاﯕﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ زﯦﻤﯩﻨﻰ ﺷﯘ، دەپ ﻛﯚرﺳﻪﺗﺘﻰ. 1999 ـ ﻳﯩﻠﻰ 3 ـ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 14 ـ ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘرۇن، ﺳﻪﺋﯘدى ﺋﻪرەﺑﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺟﯩﺪدە ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪە ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﻗﻮﻣﯘﻟﻠﯘق ﺋﺎبلا ﻣﻪﻛﻜﻪ ﮬﺎﺟﯩﺪﯨﻦ ﺳﻮرﯨﻐﯩﻨﯩﻤﺪا، ﺋﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﻣﯩﺴﻔﻪﻟﻰ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﺎشلاپ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻳﻮﻟﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯚﻣﯜر رﯦﺸﺎﺗﻜﺎ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎﺷﺎلاﻧﻐﺎن ﻳﯧﺸﯩﻠﻠﯩﻖ ﺟﺎﻳﻨﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘرۇپ، ﺗﯘرﭘﺎن ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘزﯨﺪا:
    − ﻣﯘﻧﯘ، ﻣﯘﻧﯘ ﻳﯧﺸﯩﻠﻠﯩﻖ ﺟﺎي ﻗﻮﻣﯘل ۋاﯕﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ زﯦﻤﯩﻨﻰ، − دﯦﺪى. ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘ:
    − ﻣﻪن ﺳﻪﺋﯘدى ﺋﻪرەﺑﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ 1981 ـ ﻳﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺗﯘرﭘﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪت ﻗﺎرﯨﻴﮭﺎﺟﻰ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﺟﺎي ﻣﻪﻛﻜﻪ ﺷﻪﮬﯩﺮى ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﻪﻳﺘﯘللاﻏﺎ ﺋﻪڭ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺗﯜزﻟﻪڭ ﺟﺎي ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻛﯚزى ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﻟﺘﯘن ﺑﯘرﺟﻪك ﺟﺎي ﺋﯩﺪى. ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ يىللاردا ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻨﯩﯔ ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﻪرﯨﭙﯩﮕﻪ ﻛﯘدەي راﻳﻮﻧﻠﯘق ﺋﻮت ﺋﯚﭼﯜرۈش ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﻰ ﺑﯩﻨﺎﺳﻰ، ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﺗﻪرﯨﭙﯩﮕﻪ ﻳﻪﺳﻠﻰ ﺳﯧﻠﯩﯟاﻟﺪى، − دەپ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈردى.
    ﻣﻪن ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎچ، ﻳﻪﺳﻠﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﮕﻪ ﻗﺎرﯨﻐﯩﻨﯩﻤﺪا، دەرەﺧﻠﻪر ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎلىلار ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﻠﻪر، ﺗﻮك ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﭼﺎﻗﭙﻪﻟﻪك ﻗﺎﺗﺎرلىقلار ﻛﯚرۈﻧﯜپ ﺗﯘراﺗﺘﻰ. ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺗﯘرﭘﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪت ﻗﺎرﯨﻴﮭﺎﺟﻰ دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺸﯩﻤﯘ ﺑﯩﺰ ﭼﯜﺷﻜﻪن ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺴﺎراﻳﻐﺎ ﮬﻪج ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘرﭘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ﻛﯚرﮔﯩﻠﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى. ﺗﯘرﭘﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﺎﺗﺎﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪت ﺋﻪﺑﻪﻳﺪۇل ﻣﯧﻨﻰ ﺑﯘ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎل ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرۇپ ﻗﻮﻳﺪى. ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎل ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﯕﯜل ﺑﯚﻟﯜپ، ﺋﯚﺗﻜﻪن ئىشلارﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪپ: «ﺗﺎرﯨﺨﻨﻰ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﻪۋلادلارﻏﺎ ﻗﺎﻟﺪۇرۇپ ﻗﻮﻳﯘش ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ. ﻗﻮﻣﯘل ﺋﯘﻳﻐﯘر ۋاﯕﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ زﯦﻤﯩﻨﻰ ﻣﯩﺴﻔﻪﻟﻰ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎلىلار ﺑﺎﻏﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮرﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻣﻪن 1947 ـ ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻦ ﻣﻪﻛﻜﻪ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘراقلاﺷﺘﯩﻢ. ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮدﯨﻨﺒﯩﺮ ﺷﺎﮬﯩﺖ ﻗﻮﻣﯘﻟﻠﯘق ﺋﺎﺑﻠﯩﻤﯩﺖ ﮬﺎﺟﻰ، ﮬﺎزﯨﺮ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﮬﺎﻳﺎت، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﮬﯟال ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺴﯩﻠﻪ، − دﯦﺪى. ﺋﯘ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎل ﻳﻪﻧﻪ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ، − ﻣﻪﻛﻜﻪ ﺷﻪﮬﯩﺮى ﺋﯧﮕﯩﺰ ـ ﭘﻪس ﺗﺎغ ﺋﯧﺪﯨﺮﻟﯩﻖ ﺟﺎي ﺑﻮﻟﯘپ، ﻗﻮﻣﯘل ۋاﯕﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ زﯦﻤﯩﻨﯩﺪەك ﺑﻪﻳﺘﯘﻟلاﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ، ﺷﻪﮬﻪر ﻣﻪرﻛﯩﺰﯨﮕﻪ ﺟﺎﻳلاﺷﻘﺎن، ﺗﯘراﻟﻐﯘ ﺳﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎب ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺗﯜزﻟﻪڭ ﺟﺎﻳﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﻪس. 70 − 80 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﺑﯩﺮەر ﺋﯚي، ﺑﯩﻨﺎ ﺳﺎﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا، ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺟﺎي ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﮬﺎزﯨﺮ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﻐﺎ ﺋﯧﮕﯩﺰ ـ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺑﯩﻨﺎلار ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻣﯘﺷﯘ ﺑﯩﺮ ﭘﺎرﭼﻪ ﻳﻪرلا ﺋﺎق ﻗﺎﻟﺪى» دﯦﺪى.
    ﺑﯘ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎل ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪا ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﺎﯕﺎ ﻣﯘﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪرﺗﯩﭗ:
    − ﺳﻪﺋﯘدى ﺋﻪرەﺑﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪﺧﺴﯘس ﮬﻪق ﺗﻪﻟﻪپ دەۋا ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﻳﻮق، ﭘﻪﻗﻪت «ﻗﯘرﺋﺎن ﻛﻪرﯨﻢ»لا ﻗﺎﻧﯘن ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪۇ، ﻳﻪر ـ زﯦﻤﯩﻦ دەۋاﺳﯩﺪا ﻳﻪر ﺧﯧﺘﻰ، ﺧﻪت ـ ﭼﻪك دﯦﮕﻪﻧﻠﻪر ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﭘﻪﻗﻪت ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺸﻰ ﻗﺎزﯨﺨﺎﻧﺎ (ﺳﻮت)دا ﺷﺎﮬﯩﺖ ﺑﻮلسىلا ﺑﻮﻟﯩﯟﯦﺮﯨﺪۇ، − دەپ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈردى.
    ﻳﯧﺸﻰ 80دﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎن، ﺋﺎق ﻛﯚﯕﯜل، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﮔﻪ ﻳﺎردەم ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ دەپ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن، ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻠﯩﻜﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﯘ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻟﻨﯩﯔ ﺳﯚزﻟﯩﺮى ﻣﯧﻨﻰ خېلىلا ﺋﯜﻣﯩﺪﻟﻪﻧﺪۈردى. ﺷﯘﯕﺎ، ﻣﻪن ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻣﺎل ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺑﻠﯩﻤﯩﺖ ﮬﺎﺟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎلاﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚرۈﺷﯜﻣﻨﯩﯔ زۆرۈرﻟﯜﻛﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﯜﻧﺪۈم. ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎل ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﻤﻨﻰ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﻳﺎردەﻣﺪە ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪۈردى. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺰ ﻛﯜن ﺋﺎرىلاپ دﯦﮕﯜدەك ﺑﯘ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎل ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ﺗﯘرﻏﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎﻗﻤﯘ، ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺳﻪۋەﺑﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎرﯨﺪﯨﻦ 20 ﻛﯜﻧﻠﻪر ﺋﯚﺗﻜﯜﭼﻪ ﺋﺎﺑﻠﯩﻤﯩﺖ ﮬﺎﺟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯚرۈﺷﻪﻟﻤﯩﺪﯨﻢ.
    ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻟﻨﯩﯔ ﻛﯚپ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪە، ﺋﺎﺑﻠﯩﻤﯩﺖ ﮬﺎﺟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯚرۈﺷﯜش ﭘﯘرﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻢ. ﺑﯩﺰ ۋەﺗﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﯜچ ﻛﯜن ﻗﺎﻟﻐﺎن ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭼﺘﻪ، ﺋﻪﮬﻤﻪد دﯦﮕﻪن ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن 300دﯨﻦ ﺋﻮﺷﯘق ﭘﻪﻟﻪﻣﭙﻪﻳﻠﯩﻚ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺗﺎغ ﺑﯧﺸﯩﺪا ﺋﻮﻟﺘﯘراقلاﺷﻘﺎن ﺋﺎﺑﻠﯩﻤﯩﺖ ﮬﺎﺟﯩﻨﯩﯔ ﮬﯘزۇرﯨﻐﺎ ﺑﺎردۇق (ﻗﻮﻣﯘﻟﻨﯩﯔ راﮬﻪﺗﺒﺎغ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﮬﻪﺟﮕﻪ ﺑﺎرﻏﺎن ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﻗﺎﺳﯩﻢ ﮬﺎﺟﯩﻤﯘ ﻣﻪن ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﺎردى.) ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰدﯨﻦ ﺧﻪۋﯨﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﺎﺑﻠﯩﻤﯩﺖ ﮬﺎﺟﻰ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚرۈپلا: «ﮬﻪ، ﺳﯩﻠﻪر ﻗﻮﻣﯘﻟﻠﯘﻗﻤﯘ؟ ﻗﺎﭼﺎن ﻛﻪﻟﺪىڭلار؟» دەپ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻠﯩﺸﯩﭗ، ﻗﻮﻣﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ۋە ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺳﻮراپ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻗﻮﻣﯘﻟﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺋﺎڭلاپ ﺑﻮۋاﻳﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺑﯘزۇﻟﯘپ، ﻛﯚزﯨﮕﻪ ﻟﯩﻖ ﻳﺎش ﺗﻮﻟﺪى. ﺋﯚز ۋەﺗﯩﻨﯩﻨﻰ، ﻳﯘرﺗﯩﻨﻰ ﺳﯧﻐﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﻛﯩﻢ ﺑﺎر دەﻳﺴﯩﺰ؟ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﮬﺎزاﻏﯩﭽﻪ ﺋﺎﻣﺎن ـ ﺋﯧﺴﻪﻧﻠﯩﻚ ﺳﻮراﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯚز ﭘﺎرﯨﯖﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﭼﯜﺷﺘﯘق. ﺋﺎﺑﻠﯩﻤﯩﺖ ﮬﺎﺟﻰ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرۇپ ﻣﯘﻧﺪاق دﯦﺪى:
    − ﻣﻪن ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﺑﯩﺮ ﻛﻪم ﻳﯜز ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮدﯨﻢ، ﻣﻪﻛﻜﯩﮕﻪ 1927 ـ ﻳﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﯨﻢ، ﻳﯘرﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﯩﻠﻰ 72 ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪى. ۋەﺗﯩﻨﯩﻤﻨﻰ، ﻳﯘرﺗﯘﻣﻨﻰ، ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺳﯧﻐﯩﻨﺪﯨﻢ. ﻗﺎﻧﯩﺘﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮬﺎزﯨﺮلا ﺋﯘﭼﯘپ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺋﯚﻣﺮۈﻣﻨﻰ ﻳﯘرﺗﯘﻣﺪا ﺋﯚﺗﻜﯜزۈپ، ﻳﯘرﺗﯘﻣﻨﯩﯔ ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﯩﺪا ﺋﯚﻣﯜرﻟﯜك ﻳﺎﺗﻘﯘم ﺑﺎر، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﺎزﯨﺮ ﻳﺎﺷﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ۋە ﺋﯜچ ﺑﺎلام ﺑﯘ ﻳﻪردە ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﺑﯘ ﺋﺎرزۇﻳﯘم ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪەك ﻗﯩﻠﯩﺪۇ... ﻳﺎش ۋاﻗﺘﯩﻤﺪا ﻳﯘرﺗﯘﻣﺪا داداﻣﺪﯨﻦ ﺋﻮرﻏﺎق، ﻛﻪﺗﻤﻪن داﭘﺪاش، ﺋﺎت ﺗﺎﻗﯩﺴﻰ ﺳﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟاﻟﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ. ﻣﻪﻛﻜﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻛﯘﭼﺎﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﯚﻣﯜرﭼﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﺪۇق. 1935 ـ ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1962 ـ ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﮬﻪﻳﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻪﻳﺘﯘللا ﮬﻪرەم ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﯩﺪە 27 ﻳﯩﻞ ﻣﯧﺨﺎﻧﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯩﺸﻠﯩﺪﯨﻢ...
    ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯚزﯨﻨﻰ ﺑﯚﻟﯜپ، ﻗﺎﻧﺪاق دەرﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯧﺨﺎﻧﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮرﯨﻐﯩﻨﯩﻤﺪا، ﺋﯘ:
    − ﻣﻪﻧﺪە ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﮬﯜﻧﻪر ﺑﺎر دەﻳﺴﯩﺰ، ﻣﻪن ﺋﺎرانلا ﻛﻪﺗﻤﻪن، ﺋﻮرﻏﺎق داﭘﺪاش ﮬﯜﻧﯩﺮىلا ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺗﯘرﺳﺎم. ﻣﻪن ﮬﻪرەم ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺗﯜۋرۈﻛﻠﻪرﻧﻰ ﺑﯩﺮ ـ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﭼﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺗﯚﻣﯜر ﭼﺎﺗﻘﯘ ﺳﻮﻗﯘپ ﺑﻪردﯨﻢ. ﭘﯧﻨﺴﯩﻴﻪﮔﻪ ﭼﯩﻘﻘﯩﻠﻰ 37 ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪى، ﮬﺎزﯨﺮ 5500 رﯨﻴﺎل ﭘﯧﻨﺴﯩﻴﻪ ﭘﯘﻟﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻪن، ﻳﺎﺷﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻢ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﻳﺪۇ، ﭘﯘﺗﯘم ﺋﺎﻏﺮﯨﻴﺪۇ، ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﯩﻠﻰ 25 ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪى، − دﯦﺪى.
    ﻣﻪن ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﺳﯚﮬﺒﻪت ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯚﺗﻜﻪپ:
    − ﺑﯩﺰ ﺟﺎﻧﺎﺑﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﻮﻣﯘل ﺋﯘﻳﻐﯘر ۋاﯕﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﻜﻪ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ زﯦﻤﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﻳﻪردە ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﻮرﯨﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪن، ﺋﯘ ﻳﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻮرﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺗﯜﻧﯩﻤﯩﺰ، − دﯦﺪﯨﻢ. ﺋﯘ ﺑﯩﺮﺋﺎز ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﭗ:
    − ﻣﻪن ﻣﻪﻛﻜﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘزاق ﺋﯚﺗﻤﻪيلا ﻗﻮﻣﯘﻟﻠﯘق ﺋﯩﻜﻜﻰ ـ ﺋﯜچ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯘ ﻳﻪرﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﻣﻪﻛﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﺴﻔﻪﻟﻰ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﺪﯨﻦ زﯦﻤﯩﻦ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، راﺑﺎت (ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺴﺎراي) ﺳﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻳﻪر ﺋﯧﻠﯩﺶ رەﺳﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﺠﯩﺮﮔﻪﻧﯩﺪى، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘلار ﺳﺎراﻳﻨﻰ ﭘﯜﺗﻜﯜزۈپ ﺑﻮلاﻟﻤﺎيلا «ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﻤﯩﺰ» دەپ، ﻣﻪن ﺑﯩﻠﻪن ﺧﻮﺷﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﻮﻣﯘﻟﻐﺎ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪى. ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 60 ـ، 70 ـ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺑﯘ ﻳﻪر ﺗﻮﭘﺎ، ﺗﺎش ـ ﻛﯧﺴﻪﻛﻠﻪر دۆۋﯨﻠﻪﻧﮕﻪن، ﻗﯘرۇﻟﯘﺷﻨﻰ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ يىلىلا ﻛﯧﻠﯩﭗ داۋاملاﺷﺘﯘرﯨﺪﯨﻐﺎﻧﺪەك ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﺘﻪ ﺗﯘردى. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ يىللاردا ﻗﻮﻣﯘﻟﺪﯨﻦ ﮬﻪج ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﮬﺎجىلارﻏﺎ «ﻗﻮﻣﯘل ﺋﯘﻳﻐﯘر ۋاﯕﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ زﯦﻤﯩﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪردە» دەپ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪردﯨﻢ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﯘ ﺟﺎي ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪە ﭼﯩﯔ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪى، − دﯦﺪى. ﻣﻪن ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭙﻤﯘ ﻳﻪنىلا ﻧﯘرﻏﯘن ئىشلارﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪپ ﺑﻪرﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈپ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﺎلاﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ خېلىلا ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ.
    ﻣﻪن ﻳﻪﻧﻪ:
    − ﮬﺎﺟﻰ دادا، ﺋﻪﺗﻪ ﺋﺎدەم ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜرۈپ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻣﯩﺴﻔﻪﻟﻰ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎراﻳﻠﻰ، زﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﻛﯚزﻟﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯚرۈپ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪرﺳﯩﻠﻪ، − دەپ ﺋﯚﺗﯜﻧﺪۈم. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ:
    − ﺋﯘ ﺟﺎي ﺳﯩﻠﻪر ﻛﯚرﮔﻪن ﻣﯩﺴﻔﻪﻟﻰ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﺪا، ﻣﻪﻛﻜﯩﺪە ﺷﯘ ﺑﯩﺮلا ﻣﯩﺴﻔﻪﻟﻰ ﻛﻮﭼﯩﺴﻰ ﺑﺎر، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﺴﻔﻪﻟﻰ ﻛﻮﭼﯩﺴﻰ ﻳﻮق. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭘﻪﺳﻜﻪ (ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘراﻟﻐﯘﺳﻰ 325 ﭘﻪﻟﻪﻣﭙﻪﻳﻠﯩﻚ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺗﺎغ ﺑﯧﺸﯩﺪا ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺸﻨﻰ «ﭘﻪﺳﻜﻪ ﭼﯜﺷﯜش» دەپ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯨﻜﻪن) ﭼﯜﺷﯜﺷﯜﻣﻨﯩﯔ ﮬﺎﺟﯩﺘﻰ ﻳﻮق، − دەپ ﺗﯘرۇۋاﻟﺪى. ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﻳﺎﺗﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪۇق...
    ﻣﻪن ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﺎشقىلاردﯨﻦ داۋاﻣﻠﯩﻖ ﺳﯜرۈﺷﺘﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﻪﮬﯟال ﺋﯩﮕﯩﻠﻪش ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺋﺎﺑﻠﯩﻤﯩﺖ ﮬﺎﺟﯩﻨﯩﯔ ﺳﯚزﻟﻪپ ﺑﻪرﮔﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ راﺳﺘﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﻪزﻣﻠﻪﺷﺘﯜرۈپ، ﺋﯚﻣﻪك ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻗﻮﻣﯘﻟﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ.
    ﻣﻪن ﺑﯘ ﺋﻪﮬﯟاللارﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪش ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا، ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﻣﻪﻛﻜﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﻗﻮﻣﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﭘﯧﺸﻘﻪدەم ﻛﯩﺸﯩﻠﻪردﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻪﮬﯟاللارﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﯟاﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻐﺎ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻧﻤﯘ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻢ ﻗﻮﻣﯘل ﺋﯘﻳﻐﯘر ۋاﯕﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪر ـ زﯦﻤﯩﻨﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘرۇۋﯦﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ (ﺷﻪرت ـ ﺷﺎراﺋﯩﺖ ﻳﺎر ﺑﻪرﮔﻪﻧﺪە ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت ﺗﺎرﻣﺎﻗﻠﯩﺮى ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﻪر ـ زﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘرۇۋﯦﻠﯩﺶ ﻣﯘددﯨﺌﺎﺳﯩﻨﯩﻤﯘ ﭼﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﻗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ)، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺷﺎﻣﻪﺧﺴﯘت ۋاﯕﻨﯩﯔ ﻳﻪر ـ زﯦﻤﯩﻦ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ۋەﻗﻪﻟﻪرﻧﻰ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﻪۋلادلارﻏﺎ ﻗﺎﻟﺪۇرۇپ ﻗﻮﻳﯘش ﺋﯩﺪى.
    ﻗﻮﻣﯘل ﺋﯘﻳﻐﯘر ۋاﯕﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ۋاﯕﻰ ﺷﺎﻣﻪﺧﺴﯘﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﻜﻪ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪە «ﻗﻮﻣﯘل ﺳﺎرﯨﻴﻰ» ﺳﺎﻟﺪۇرۇش پىلاﻧﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘش ﺟﻪرﻳﺎﻧﻰ ﻣﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻐﺎن: ﺷﺎﻣﻪﺧﺴﯘت ۋاڭ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪا ﺳﻪﺋﯘدى ﺋﻪرەﺑﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﮬﻪج ﺗﺎۋاپ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ ﮬﻪﻣﺪە ﺑﯘ ﺋﺎرزۇﺳﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋاﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ، ﮬﻪرﺑﯩﻲ ئىشلار ﺑﺎش ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارى ﺟﯩﻦ ﺷﯘرﯦﻨﻐﺎ ﺑﯩﻠﺪۈرۈپ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎزﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﻛﯚپ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻳﺎزﯨﺪۇ. ﺋﯘ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺰلا ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﻨﯩﭗ ﮬﻪج ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎرزۇﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﯧﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎراپ، ﻣﻪﻛﻜﯩﮕﻪ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺪا ﺋﯚزى ﺗﯘرۇش ﮬﻪﻣﺪە ﻗﻮﻣﯘﻟﻠﯘق ﮬﺎجىلارﻧﯩﯔ ﻣﻪﻛﻜﯩﮕﻪ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺪا ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﻳﯧﺘﯩﭗ ـ ﻗﻮﭘﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﻮرﺗﺎق ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﻗﻮﻣﯘل ﺳﺎرﯨﻴﻰ (راﺑﺎت) ﺳﺎﻟﺪۇرۇش پىلاﻧﯩﻨﻰ ﺗﯜزۈپ، 1927 ـ ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎزدا ﮬﻪﺳﻪن ﺑﺎلا ﮬﺎﺟﻰ، ﺋﺎﺑﺪۇللا ﺑﺎﻗﻰ ﮬﺎﺟﻰ (ﺳﻮﭘﻰ ﮬﺎﺟﻰ) ۋە ﮬﺎﺟﻰ ﺳﻮﭘﻰ دﯦﮕﻪن ﺋﯜچ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﺎللاپ، ﺳﻪﺋﯘدى ﺋﻪرەﺑﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﻜﻪ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﻛﯚﻟﻪﻣﺪە زﯦﻤﯩﻦ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺑﻪش ـ ﺋﻮن ﺋﯧﻐﯩﺰﻟﯩﻖ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺴﺎراي ﺳﺎﻟﺪۇرۇﺷﻘﺎ ﺋﻪۋەﺗﯩﺪۇ. ﮬﻪﺳﻪن ﺑﺎلا ﮬﺎﺟﻰ 1878 ـ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﻣﺪىلا 16 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪە ﻣﻪﻛﻜﯩﮕﻪ ﮬﻪج ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎرﻏﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، «ﻣﻪﻛﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﺑﺪان ﺑﯩﻠﯩﺪۇ» دەپ ﺷﺎﻣﻪﺧﺴﯘت ۋاڭ ﺑﯘ ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎن. ﺋﺎﺑﺪۇل ﺑﺎﻗﻰ دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺸﻰ ﺷﯘ زاﻣﺎنلاردا ﺗﺎﻣﭽﯩﻠﯩﻖ، ﻳﺎﻏﺎﭼﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺗﯚﻣﯜرﭼﯩﻠﯩﻚ، ﺗﯩﻜﻜﯜﭼﯩﻠﯩﻚ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﮬﯜﻧﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن داﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎدەم ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺷﺎﻣﻪﺧﺴﯘت ۋاڭ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎن. ﮬﺎﺟﻰ ﺳﻮﭘﯩﻤﯘ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺶ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدەم ﺋﯩﻜﻪن. ﺋﯘلار 1929 ـ ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮى ﻣﻪﻛﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﺴﻔﻪﻟﻰ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﺪﯨﻦ 20 ﻣﻮﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻳﻪرﻧﻰ 10 ﺟﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻐﺎ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، راﺑﺎت ﺳﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﻣﻪﻛﻜﯩﺪە ﺗﻮﭘﺎ، ﺳﯘ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺗﯚﮔﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻦ ﺳﯘ، ﺗﻮﭘﺎ، ﺗﺎش ﻳﯚﺗﻜﻪپ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺴﻪك ﻗﯘﻳﺪۇرﻏﺎن. ﺋﯘلار ﻧﯘرﻏﯘن ﺟﺎﭘﺎلارﻧﻰ ﭼﯧﻜﯩﭗ، 1930 ـ ﻳﯩﻠﻰ 10 ـ ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﭼﻮڭ ـ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﻮن ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﯚي ﺳﺎﻟﻐﯘدەك ﺗﺎش، ﻛﯧﺴﻪك ﺗﻪﻳﻴﺎرلاپ، ﺑﻪل ﺑﻮﻳﻰ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﺘﻪ ﺗﺎش ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚي ﺋﯘﻟﯩﻨﻰ ﻗﯘرۇپ ﭼﯩﻘﻘﺎن. دەل ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪردە ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻦ ﻣﻪﻛﻜﯩﮕﻪ ﮬﻪج ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﺎرﻏﺎن ﺑﯩﺮ ﺗﯜرﻛﯜم ﮬﺎجىلار ﺷﺎﻣﻪﺧﺴﯘت ۋاﯕﻨﯩﯔ ﻛﯧﺴﻪل ﺑﯩﻠﻪن ۋاﭘﺎت ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪۋەرﻧﻰ ﻣﻪﻛﻜﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﺷﯘم ﺧﻪۋەرﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎن ﮬﻪﺳﻪن ﺑﺎلا ﮬﺎﺟﻰ ﻗﺎﺗﺎرلىقلارﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﯘپ، ﮬﺎزا ﺗﯘﺗﯘپ ﺑﯩﺮەر ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﻗﻮﻟﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎرﻣﯩﻐﺎن... ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻳﯘرﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻧﯩﺪى. ﺋﯘلار ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﯩﻠﺪەك ﺗﯩﺮﯨﺸﺴﺎ، ﻗﻮﻣﯘل ﺳﺎرﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘرۇﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﯩﻜﻪن. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺑﯘ ﻳﻪردە ﻳﻪنىلا ﺳﯘ، ﺗﻮﭘﺎ، ﺋﻪﻣﮕﻪك ﻛﯜﭼﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘزاق ۋاﻗﯩﺖ ﻳﯘرﺗﻰ ۋە ﺧﻮﺗﯘن ـ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯜچ ﻧﻪﭘﻪر ﺋﯘﺳﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ئىشلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﻛﯚزى ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪن. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘلار ﻗﺎﻟﻐﺎن ئىشلارﻧﻰ ﻗﻮﻣﯘﻟﻠﯘق ۋە ﻛﯘﭼﺎﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﮔﻪ ﻗﺎﻟﺪۇرۇپ، «ﺑﯩﺮ ـ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻳﻪﻧﻪ داۋاملاﺷﺘﯘرﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ»ﻧﻰ ﺑﯩﻠﺪۈرۈپ، ﻳﻪر ﺧﯧﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، 1931 ـ ﻳﯩﻠﻰ 4 ـ ﺋﺎيلاردا ﻗﻮﻣﯘﻟﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﺑﯘ دەل ﻗﻮﻣﯘل دﯦﮭﻘﺎنلار ﻗﻮزﻏﯩﻠﯩﯖﻰ ﭘﺎرﺗﻠﯩﻐﺎن ﭼﺎغ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜن، ﻗﻮﻣﯘﻟﻨﯩﯔ ۋەزﯨﻴﯩﺘﯩﻤﯘ ﻗﺎلاﻳﻤﯩﻘﺎن ﺋﯩﺪى. ﺷﯘ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺟﯩﻦ ﺷﯘرﯦﻦ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ «ﻗﻮﻣﯘﻟﺪا ﺋﻪﻣﻪل ۋارﯨﺴﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻜﺎر ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪﻣﻪﻟﺪار ﻗﻮﻳﯘش» ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺗﻪۋرﯨﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﻗﻮﻣﯘل ۋاڭ ﺋﻮردﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﯟاﺗﻘﺎن ﻧﻪزەر «ۋاڭ»ﻣﯘ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪﻳﺶ ـ ﺋﯩﺸﺮەﺗﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﮬﻪﺳﻪن ﺑﺎلا ﮬﺎﺟﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯜچ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﻜﻪ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﻣﯘل ﺳﺎرﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﯜرۈﺷﺘﯜرﻣﯩﮕﻪن. ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﮬﻪﺳﻪن ﺑﺎلا ﮬﺎﺟﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﻗﻮﻣﯘل ﺋﯘﻳﻐﯘر ۋاﯕﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﻣﯘل ﺳﺎرﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪر ﺧﯧﺘﯩﻨﻰ ﺷﺎﻣﻪﺧﺴﯘت ۋاﯕﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻧﻪزەرﮔﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘرۇپ، ﻗﻮﻣﯘل ﺳﺎرﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪر ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﻟﯘش ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ دوكلات ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎن.
    ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎللاردا ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ۋە ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﭘﯧﺸﻘﻪدەم زاتلارﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻗﻮﻣﯘل ﺋﯘﻳﻐﯘر ۋاﯕﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯘﺗﯘﭘﺨﺎﻧﺎ ۋە ﺋﺎرﺧﯩﭙﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪا ﺳﺎقلاﻧﻐﺎن ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮى ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﯘپ، ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺳﺎقلاﻧﻐﺎن. ﻗﻮزغىلاڭ ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا، ﺷﺎ ﻣﻪﺧﺴﯘت ۋاڭ ﺋﻮردﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﻮت ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﺪا، ﻧﯘرﻏﯘن ﻛﯩﺘﺎب ۋە ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎللار ﻛﯚﻳﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪن. ﺑﯘ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎللارﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻧﻪزەرﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﯧﺸﯩﺮﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪا ﺳﺎقلاﻧﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، 1950 ـ يىللاردا ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎن ﻳﻪر ئىسلاﮬﺎﺗﻰ ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎن ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯚﻳﺪۈرۈۋﯦﺘﯩﻠﮕﻪن. ﮔﻪرﭼﻪ ﻳﻪر ﺧﯧﺘﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪر ﻳﻮﻗﺎپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﻪر ـ زېمىنلار ﮬﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ.

مەنبە: شىنجاڭ ئاكادېمىيە توري

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 23:20:16

مۇسابايلارنىڭمۇ مەككەدە  سارىيى بار ئىدى ، ئۆتكەن بىر يىلى يولغا كەپقىلىپ چىقىۋەتتى،   سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۇيغۇرلاردەك كۆچمەنلەرنىڭ مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بولمىغانلىقى ئۈچۈن مۇساباي ئەۋلادىغا ھىچنىمە تەگمىدى

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 03:32:44

ئۇنىڭ ئۇستىگە يولغا كىلىپ قالغان ئۆي،

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 07:00:54

بۇ ماقالىنىڭ ئەسلى مەنبەسى قومۇل ئەدەبىياتى ژۇرنىلى. سانى يادىمدا قالماپتۇ.

taz يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 09:27:44

جۇڭگۇ مىللەتلىرى بۇ يىللىق 1-سان

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 09:53:58

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-7-9 23:20 static/image/common/back.gif
مۇسابايلارنىڭمۇ مەككەدە  سارىيى بار ئىدى ، ئۆتكەن بىر  ...

كىشىنىڭ ھەققى دەيدىغان گەپ يوقكەندە

wahima يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 21:14:40

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   wahima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-10 21:19  

مەككىدەك زامانىۋىلاشقان شەھەرنىڭ يەرلېرىنى پۇلغا سېتۋېلىش مۇمكىن بولمايدېغان ئىشتە،جۇڭگۇدا يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقى قانۇنى بولغېنىدەك سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭمۇ يەر مۈلۈك قانۇنى باردۇ بەلكىم، جۇڭگۇدا سىز نۇرغۇن پۇل خەجلەپ سودىغا ئىشلىتىدېغان دۇكان سودا ساراي دېگەندەكلەرنى سېتۋالغان  بىلەن ھۆكۈمەت بەرگەن كىنىشكىدە (دۆلەت ئىگلىكىدىكى يەرلەرنى ۋاقىتلىق ئىشلىتىش گۇۋاھنامسى دېگەن خەت بار)،ئاددىيسى دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يېرىنىڭ كىنىشكىسىدىن تارتىپ ،شەخسى سېتۋالغان پىڭپاڭ ئۆي قاتارلىقلارنىڭ كىنىشكىسىدېمۇ شۇنداق ئېنىق ئەسكەرىتمە بار، ئىشلىتىش مۇددىتى توشقاندا ياكى دۆلەتكە شۇ يەر لازىم بولغاندا يەنىلا قايتۇرۇپ ئالدېغان گەپ .............. ئىش ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇدە،چۈنكى يەر دۆلەتنىڭ ئەمەسمۇ ،مەككىدېكى شاھمەخسۇت ۋاڭنىڭ يېرىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ئىش

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 21:38:41

ئەمما دۆلەت شۇ يەرنى قايتۇرۋالماقچى بولسا ئاز بولسۇن جىق بولسۇن تۆلەم بىرىدۇ ، كىشىنىڭ ھەققى دەيدىغان گەپ با مەۋەدە ، باشقىلار ئۇنى بىلمىگەندىمۇ ئۇلار تىخىمۇ ئېنىق بىلىشى كېرەك

wahima يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 22:42:24

ruslan007 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-10 21:38 static/image/common/back.gif
ئەمما دۆلەت شۇ يەرنى قايتۇرۋالماقچى بولسا ئاز بولسۇن ج ...

بەلكىم شاھمەخسۇت ۋاڭنىڭ ئەۋلاتلېرىدىن ھاياتلار بولسا دەۋا قىلىپ باقسا تۆلەمگە ئېرشىپ قېلىشى مۇمكىن

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 22:48:11

تىرىلغۇ يەر مەڭگۈ دىھقاننىڭ ، ئىلىپ ساتسىمۇ ئۆزىنىڭ  ئىشى

tughdar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 00:31:00

يەر دىگەن ئەلمىساقتىن تارتىپ دادىن بالىغا مىراس بولۇپ كەلگەن ، ئارلىقتا ساتقان بولسا ئالغۇچىغا مەنسۇپ بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئۆزگە يەنە قانداق بولۇشى كېرەك.

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 10:57:56

موسابايلارنىڭ زىمىنىغا تۆلەم بىرىلدى لىكىن مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تۆلەم مىراسخورلارنىڭ قۇلىغا تېخىچە تەگمىدى

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 11:27:39

قەشقەر رابات ، خوتەن رابات دەپ ئاڭلاپتىكەنمەن ، ئەسلىدە قۇمۇل راباتمۇ قۇرۇلماقچى بولۇپ ، توختاپ قاپتىكەندە .
يۇرتىمىزنىڭ باشقا شەھەرلىرىنىڭمۇ، بىردىن راباتلىرى باركەندە، ئەمدى ئۇ يەرلەرگە ئىگە چىقمىسا قانداق بولۇپ كىتەر .
بۇ راباتلارنىڭ سىلىنىشقا باشلىغان ۋاختىنى 500 يىل ئالدىغا سۇرسەك خاتالاشمايمىزغۇ دەيمەن .
ھۆكىمىتىمىز ئەمدى 65 يىل بولغاچقا چىش يىرىپ بىر نەرسە دىيەلمەيۋاتقان چىغى بار .:(:(:(

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 11:28:01

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئادالەت قالمىغان بولسا، ئۇ زېمىنلار يەنە بىر قېتىم تۈركلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار.

function يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 14:37:15

ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنى ھازىرغىچە ياتلايدىغان ئىش بار دەيدىغۇ؟

wahima يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 15:23:38

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-7-10 22:48 static/image/common/back.gif
تىرىلغۇ يەر مەڭگۈ دىھقاننىڭ ، ئىلىپ ساتسىمۇ ئۆزىنىڭ  ئ ...

يەر باشقۇرۇش قانۇنىغا ئاساسلىنىپ سودا قىلسېڭىز شۇنداق بولىدۇ،بۇمۇ ھەم دۆلەت ئېگلىكىدىكى يەرلەردىن ۋاقىتلىق پايدېلىنىش ھوقۇقىڭىزنىڭ ئىچىدىكى قانۇنلۇق سودا ھېسابلىنىدۇ.
لېكىن مەڭگۈ دېگەن گەپ جۇڭگۇدا مەۋجۇت ئەمەس سىز دېھقان بولسېڭىز بىلىسىز دېھقان بولمىسىڭىز، دېھقان ئۇرۇق تۇققانلېرىڭىزدىن سوراپ باقسېڭىز بولىدۇ.ھازىردېھقانلار تېرىۋاتقان يەر .ھۆددە يەر،ئىجارە يەر دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ .
ھۆددە يەر سىز دېگەندەك  قانداق پايدىلانسېڭىز ياكى پايدىلنىش ھوقۇقىڭىزنى باشقىلارغا ھەقلىق ياكى ھەقسىز ئۆتۈنۈپ بەرسېڭىز بولدىغان يەر ھېسابلىنىدۇ،بۇ خىل ھۆددە يەر ھەرگىزمۇ مەڭگۈلۈك ئەمەس ھۆكۈمەتتىن تارقىتىپ بەرگەن 30يىللىق پازىسى (كېنىشكىسى)بار،30 يىل توشقاندا قايتا تەقسىملىنىپ بېرىدۇ ،(دۆلەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بويىنچە پەقەت ۋاقىتلىق پايدىلنىسىز دېگەن گەپ)ھەم بۇ پايدىلنىش ھوقۇقىڭىزدىن بالىڭىز مىراس سۈپتىدە پارتىيەنىڭ پەرمان،سىياسەتلىرىگە تولۇق بوي سۇنغان ئاساستا پايدىلانسا بولىدۇ.
ئىجارە يەرنى چۈشەندۈرمىسەممۇ بىلىسىز ھەقچان.  ئاتا بوۋىڭىزدىن مىراس قالغان يەر ياكى بۇرۇنلاردا ئۆزىڭىز مەبلەخ چىقىرىپ جاڭگال ،ئۈنۈمسىز يەرلەرنى ئېچىپ بوز يەر قىلغان يەرلېرىڭىز بولسا بۇمۇ ھەم ئىجارە يەر بولۇش ئالدېدا تۇرماقتا ،مۇشۇ بىر قانچە يىلدىن بېرى ھەرقايسى ناھىيەلەردە يەر باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن يىزلىق ھۆكۈمەتتىن ئادەم ئاجرىتىپ تەشكىللىنىپ چەت ياقا ،جاڭگال قىشلاقلارغىچە يەر ئېنىقلاۋاتىدۇ،بۇلار بىكاردىن بىكارغا ئېنىقلىمايدۇ،ياكى ئېنىقلاپ بولۇپلا بولدى قىلمايدۇ،ئۇلار مەخسۇس شۇنداق ئاتا بوۋڭىزدىن قالغان،ئۆزىڭىز ئېچۋالغان يەرلەرنى ئېنىقلاپ تۆمۈر دەپتەرگە كىرگۈزىدۇ ،دەسلەپتە ئازراق باشقۇرۇش ھەققى ئالىدۇ،بۇ ھەقنى تەدرىجى ھالدا كۆپەيتىدۇ....كېيىنچە بۇ ھەقلەرگە چىداپ بۇلالىسىڭىز تېرىپ پايدىلانسېڭىز بولىدۇ،كىرىم چىقىمنى قامدىيالمايدېغان ئىش بولسا ئۇ چاغدا يەرنى پايدېلىنىش ھوقۇقىدىن سىز ئۆزىڭىز ۋاز كېچىسىز ، بۇنداق يەرلەرنى يەر باشقۇرۇشتىن جۇغلانما يەرگە قوشۇپ دۆلەت غەزىنىسىگە قېتۋالىدۇ.ئاندىن بۇ ئېكىنلەشكەن يەر كىمنىڭ پۇلى بولسا شۇ ئىجارىسنى تۆلەپ تېرىيدىغان ئىجارە يەرگە ئايلىنىدۇ

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 18:37:15

RE: قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ مەككە شەھىرىدىكى ئۆي – زېمىنى توغرىسىدا

wahima يوللىغان ۋاقتى  2014-7-11 15:23 static/image/common/back.gif
يەر باشقۇرۇش قانۇنىغا ئاساسلىنىپ سودا قىلسېڭىز شۇندا ...

30  يىللىقنى مەڭگۇگە ئۆزگەرتىۋەتتى ، سىزمۇ دىھقانلاردىن سوراپ بىقىڭ

wahima يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 19:40:28

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-7-11 18:37 static/image/common/back.gif
30  يىللىقنى مەڭگۇگە ئۆزگەرتىۋەتتى ، سىزمۇ دىھقانلارد ...

سىزنىڭ ئاشەدە ئۆزگەرتكەن ئوخشايدۇ،بىزنىڭ بۇيەردە تېخى ئۆزگەرىتمىدى،98 يىلى تارقاتقان يەر ئۈلەشتۇرۇشتىن كېيىن بىزنىڭ بۇيەردە تېخى ئۆزگەرتىش قىلىپ باقمىدى،دېھقاننىڭ يەر خېتىدە (پازىسىدا )ئېنىق 30 يىللىق دەپ بار

Estami يوللانغان ۋاقتى 2014-7-16 02:52:47

ئۇيغۇرنىڭ ئۇيەرىدە زېمىنى ۋە بىناسى كەڭ . بولۇپمۇ خوتەن تاشچىلىرنىڭ .

yulghunjan1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-16 12:40:27

بەدۆلەت سالدۇرغان بىر بىنامۇ بارمىشقۇ.
بەت: [1] 2
: قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ مەككە شەھىرىدىكى ئۆي – زېمىنى توغرىسىدا