ozhal يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 19:42:58

ئۆزھال شېئىرلىرىدىن تاللانما

ساقى
‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏ئۇنتۇلماس ھەسرەتكە مەھكۇم يىللارنىڭ ،
‏باغرىدا سوزۇلۇپ ياتقان ئارمانمەن ،
‏بىر خاندان ئايدىڭدىن تىلەيدۇ ئاپتاپ ،
‏گۈل پۇراپ چىقىلغان يالغۇز گۈلدانمەن .

‏ساتارنىڭ مۇڭدا بۇقۇلدىغان دىل ،
‏بەختىنى ئۇنتۇلۇپ تەنھا ياتىدۇ ،
‏خۇمىرىنىڭ ئاۋازى يىراققا تارار ،
‏شا مەشرەپ بۇ سۆزنى كۈيگە قاتىدۇ .

‏قەدەھلەر ئەكسىدە يار چىھرى زىلال ،
‏قازاغا رىزا دەپ كەلمەكتە زاۋال ،
‏قۇي ساقى تۇپراقتىن ياسىغىن قەدەھ  
‏مەئىشەت دىگەنلەر يوقالسۇن دەرھال .

‏نىقاپنىڭ ئىچىدە ياشايدۇ بىر ئەل ،
‏دىلىغا خيانەت قىلىدۇ تىلى ،
‏مەرىتلەرگە ئاشىغلىق بىر كەپە بولسا ،
‏نامەرىتنىڭ خارلىغى ئۇنىڭ ۋەتىنى


‏ناخشا ئىيتىش

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏يۈرەكلەر ساماغا چۈشكەن قەدەمدە ،
‏نەپەسلەر ئوت بۇلۇپ كۆيدۈرەر تەننى ،
‏تومۇردا جۇش ئۇرۇپ كۆۋەجىگەن قان ،
‏ئايرىيدۇ ناخشىدا دوسنى دۈشمەننى .

‏بەدەنلەر ئېشىقتا كۈيەر لاۋىلداپ ،
‏ئەڭ ئاجىز نىرىپلا تۈزىلەر تاردەك ،
‏مۇز دەسسەپ كۈيلەردە ئاقار ئوتۇنچى ،
‏زىمىستان بىلىنەر شۇڭا باھاردەك .

‏ئەڭ شىرىن ناخشا ئىيتىلار ئۇزاق ،
‏دىللار سەمىمىيەتتىن ئالسا تاھارەت ،
‏كۈڭۈلمۇ- ئالتۇنمۇ سىتىلار ئىكەن ،
‏ناخشىلار سىتىلماس ئىزدەپ ھەقىقەت .

‏ئىغىزدىن چىققان كۈي قۇلاققا بارار ،
‏يۈرەكتىن چىققىنى يۈرەكنى يارار ،
‏قىلىچقا باش ئەگمەس شاھى سۇلتاننى ،
‏بىر ناخشا ئەل قىلار مەڭگۈ قۇل قىلار .

‏ھەقىقەت روھىدا پارلىغاچ دائىم ،
‏دۈشمىنى كۆپ بۇلۇپ كەلدى تارىختىن ،
‏نامەرىتنىڭ باغرىغا ئۇرغاندا قىلىچ ،
‏قۇل ئۈزمەك بولدى دىل ئالدامچىلىقتىن .

‏ئەڭ پاكىز قەلىبلەر ئىيتىدۇ ناخشا ،
‏ئارمانلىق چۈشلەرنىڭ باياۋانىدا ،
‏سەنئەتكار ئاتالماق قىيندۇر قىين ،
‏ئەڭ تىرەن پىكىرلەر خيابانىدا ،

بۇ دۇنيا ئەسلىدە ئىشكىسز ئۆيدۈر

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏مىھىرگە ئىنتىلگەن قەلىبلەر تويماس ،
سۆيگۈنى تونۇتقان ئوتلۇق لەۋلەرگە ،
‏ئۈزىنىڭ پارچىلاپ ھەسرەتكە چۈمەر ،
‏سۆيگۈگە قانمىغان قاشى قەلەملەر .

‏ھىچكىشى مەنزىلنى بىلمەيدۇ تامام ،
‏مەجبۇردۇر يولىنى ئىتىشكە داۋام ،
‏دىللارغا پاتمىغان ئازاپ كەلكۈنى ،
‏ئايرىيدۇ ئامالسىز كۆزلەردىن تارام .

‏ئىزىلگەن ياپراقلار مۇزلىغان زىمىن ،
‏تۇمانغا ۋاقىتلىق قۇل بولغان ئاسمان ،
‏توڭلىغان بۇلاقلار كۆز ئاچار بىر كۈن ،
‏گۈللەرگە تولىدۇ باغلار بىگۈمان .

‏بۇ دۇنيا ئەسلىدە ئىشىكسىز ئۆيدۈر ،
‏كىلىپ كىتەركەن شاھ ۋە گادايلار ،
‏ھاياتتا  ھەممىز سۇلتاندۇرمىزكى
‏ئۈزىنى قۇل بىلەر روھى گادايلار ،

‏ئۈزۈڭنى سەزگىنىڭ ئۈزۈڭگە تالىق ،
ھاتەممۇ ئۈزىگە ئىگىلەر ئىكەن ،  
‏بىر قەۋىم ئۈزىنى قۇتقازمىغىچە ،
‏مەن ئىگە بولمايمەن دىگەنكەن ئىگەم












‏ھاراقكەش

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏قەدەھلەر چىھرىدە بۇزۇلغان چىراي ،
‏سۆزلەيدۇ مەڭگۈلۈك سۆيگۈ ھەققىدە ،
‏تىتىرىگەن ھاياجان ساماغا چۈشەر ،
‏ئەڭ بۇيۇك ئارمانلار سەلتەنىتىدە .

‏ئۈزىدىن ۋاز كىچەر ئالدامچى بەخىت ،
‏مۇز كەبى رىئاللىق تۇرار جىلمىيىپ ،
‏شەيتاننىڭ كۈيلىرى تومۇردا ئاقار ،
‏تەكتىدە باش تۇرار چەتكە قىڭغىيىپ .

‏قەسەملەر سىخىدۇر ئالتە رۇمكىدا ،
‏سەمىمى كۈڭۈللەر ئاچىدۇ قۇچاق ،
‏خۇمرىغا تەڭداشتۇر قىزلار كۈلكىسى ،
‏ئۇسۇلغا چۈشكىنى كىمدۇر يالاڭياق .

خوشھاللىق بەدەننى سالار لەرزىگە ،
‏سۈكۈتنى ئۇنتۇغان دۇنيا ئالدىدا ،
‏ئەقىلدىن ئاداشماق ئەڭ بۈيۈك بەخىت ،
‏مىڭ يىللىق سۈكۈتنىڭ ئىللىق باغرىدا


بىز ئىدۇق

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏قىلىچلار قىلىچقا تەككەن سادادىن ،
‏چاقنىغان ئاۋاز ھەم نۇرلار بىز ئىدۇق ،
‏قۇللۇقتا ھالىدىن كەتكەن مايمۇنغا ،
‏ھاياتلىق يولىنى بەرگەن غۇز ئىدۇق .

‏جاھاننىڭ تەرتىۋى بىزدە تۈزۈلگەن ،
‏ئەبەدى بۇزۇلماس قارار بىز ئىدۇق ،
‏سىپىللار سالغۇزۇپ ھەيۋىسى بىلەن
‏چۈشلىرى جەڭلەرگە تەييار بىز ئىدۇق ،

‏تاشلار ھەم بالبالدا شۆھرەت سىماسى ،
‏ئۇلۇغلار ئىسمىنى ئويغان بىز ئىدۇق ،
‏سەلتەنەت -غۇرۇرنىڭ بۈيۈك سەيناسى ،
‏ناۋالار بەھرىدە كۆيگەن بىز ئىدۇق .

‏ئىگەممۇ شۇنداق بىر ۋەدە بەرگەنكەن ،
‏ئاللاھقا ئەڭ يىقىن تۇرغان بىز ئىدۇق .
‏قوشۇنۇم تۈركتۇر جاھان تىنجىتار ،
‏دىگەندە لەكمىڭ جان بولغان بىز ئىدۇق .

‏ئەپسانە ئەمەستۇر ئىيتقانلىرىم راس ،
‏غۇرۇردا تارىخنى پۈتكەن بىز ئىدۇق ،
‏قوياشتەك پارلىغان ئۆچەر بىر كۈنى ،
نۇر چىچىپ تاڭغا زوق بەرگەن بىز ئىدۇق



دىھقان قەسىمى

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏ئالتە مو يەر ئالتە سۇلالە ،
‏ئۆلسەم يىتەر ئىككى مىتىر يەر ،
‏قەددىمنى تىك تۇتۇپ ياشىماي ،
‏ياش يەتمىشتە ئىچكىنىم زەھەر ،
‏كىتەي دەيمەن باش ئىلىپ يۇرىتتىن ،
‏يەرنى مىراس بەرگەنتى پەدەر .

‏ئالتە بالام تەلمۇرەر قىشتا ،
‏بۇغدايلىرىم يەتمەي يىيىشكە ،
‏پاختا تىرىپ ئۈزۈم يالىڭاچ ،
‏تاپقانلىرىم يەتمەي قەرىزگە .
‏شۇلدى باشلىق تاپقان تەرگەننى .
‏توسار يولۇم بارسام ئەرىزگە .

‏توڭدا كەتمەن چاپىمەن تىنماي ،
‏لىكىن تىزدىن ئاشمايدۇ چاپان ،
‏يىلدا بىر رەت مانتا كۆرمەيدۇ ،
‏قازناق ئۆيدە تاشلاغلىق قاسقان ،
‏ھەممە نەرسە بىغىدىن چىقىپ ،
‏ئۈزى تويۇپ يىمەيدۇ دىھقان .

‏ماڭا نەدە مىللەتنىڭ غىمى ،
‏ساق تۇرمايدۇ ئۈيۈمنىڭ تىمى ،
‏باي بولدى دەپ سۆزلەر تېلېۋۇزۇر ،
‏باي بولسام شۇ بايلىغىم قىنى ،
ئالتە بالام نان دەپ توۋلىغان ،
‏ئەسكى كەپە ئۇنىڭ ۋەتىنى .

‏ئالتە مو يەر بارىم -بىساتىم ،
‏يىرىم ئۈچۈن تىكىمەن جاننى ،
‏پۇلغا ئالماس جاندىن يەر تاتلىق ،
‏لازىم بولسا ساتىمەن قاننى ،
‏جانغا ئاگاھ بولسۇن ئەسكەرتەي
‏ئۆز يىرىمگە كۆز ئالايتقاننى



‏ۋەتىنىم - يەكەن ‏

‏كۆرەشلەر كۆكسىدە قان قىيان بولغان .  
‏مەرىتلەر ئۈچۈن باغرى كەڭرى ئاسمان بولغان ،  
‏شان شۆھرىتى ئالەم ئارا داستان بولغان ،  
بارچە يۇرىتنىڭ ئاستانىسى تاجى ۋەتەن .  

‏سەئىدىخانغا سەلتەنەتلىك شۆھرەت بەرگەن ،  
‏قىلىچ تۇتقان قوللىرىغا قۇۋەت بەرگەن ،
‏مۇغۇلىستان ئىلىگە جان- قۇدرەت بەرگەن .  
‏پاتماس قوياش تارىخسەن ئەزىز ۋەتەن ،  

‏ياشاپ ئۆتتى سىنى سۆيۈپ تالاي ئوغلان ،
‏كۈچكە تولدى قۇچاغىڭدا شىرمەت- پالۋان .  
‏بىر كۆرمەككە ئارمان قىلدى مىڭلاپ سۇلتان ،
‏مۇغۇللارنىڭ ئاستانىسى ئەزىز ۋەتەن .  

‏ھايات بولسام ئۆمىدىڭنى ئاقىلغايمەن ،  
‏ماڭا بەرگەن ھەققىڭ - تۇزۇڭ ساقلىغايمەن ،
‏شۆھرەت ئۈچۈن شۆھرىتىڭنى ساتمىغايمەن ،  
‏ماڭا غۇرۇر بىرىپ ئۆزھال قىلغان ۋەتەن .  



‏‏كۆلگە سۆزلەش

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏كۆپكۆك مۇز كائىنات بىلەن رەڭ تالاشقاندا ،
‏سۇ يۇمشاق كۆكسىنى تۇپراققا ياققاندا ،
‏تىكەنلەر ئۆزىگە سۆزلەيدۇ
‏قۇمۇشلار نازغىنىپ ئەتراپقا باققاندا ،
‏ئۆزھال بۆرىدەك ھوۋلايدۇ
‏ۋەتەن پىنھاندا مۇزدەك قاتقاندا ،  

‏تىكەنلەر تاپاننى چۈشىگەنچە ئاپتاپقا يەم بۇلىدۇ ،
‏شاماللار ئەڭ پىنھان جايلارغا ئۇزاپ كىتىدۇ ،
‏مۇزلار ئىرىپ كۆلگە قۇيۇلىدۇ ،
‏شۇ چاغدا بىر جانلىق ئۆلگەندەك تۇيۇلىدۇ ،
‏ھاياتلىق باشلىنار ياكى باشلانماس
‏يەكشەنبە كۈنى تاڭ ئاتقاندا ،

‏مەن گۇناھسىز ئۆلگەن بىلىقلارنى كۆردۇم ،
‏ئۈلۈمنىڭ كەڭ يىيىلغان ئالقانلىرىنى سەزدىم ،
‏ئۈلۈمنىڭ يوشۇرۇن سەزگۈسى
‏ئىللىق ھارارىتى
‏ئىنسانىيەت قۇبۇل قىلغىلى ئۇنىمايدىغان رىئاللىق
‏ئەتراپىمنى يۈرەر ئايلىنىپ ،  

‏مۇز بىلەن قىرغاق
‏سۇ بىلەن تۇپراق
‏ئەسلىدىنلا ئىدى قىرىنداش
‏كۆلگە سۆزلىدىم
‏قوللىرىمدا تاش ،
‏كۆزلىرىم قۇرۇق
‏يۈرىگىمدە ياش ،
‏مىنىڭ تارىتقان دەردىمگە
بىلىقلار ئۈلەر‏
‏بىرىمەن بەرداش



‏قۇمۇشقا سۆزلەش

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏بالاغەت چىھرىگە رەڭ بەرگەن قىزدەك ،
‏غادىيىش بەستىڭگە بىرىدۇ سۆلەت ،
‏شاماللار قۇچاقلاپ ئالسا بىلىڭنى ،
‏بىخلىنار تومۇردا شىرىن مۇھەببەت  

‏يىلاندەك تىنىچلىق تىلەپ باغرىڭدا ،
‏سوزۇلۇپ -سوزۇلۇپ ياتقۇم كىلىدۇ ،
‏سۇ كەبى چىرمىشىپ تال -تاللىرىڭغا ،
‏مەس بولغان كۆزلىرىم ئۇيقۇسىرايدۇ .

‏قويۇپ بەر تەبىئەت قوينىغا مىنى ،
‏يالىڭاچ يۈگىرەي پايخانلىرىڭدا ،
‏ئەركىنلىك قانلىرى ئاقسۇن تامچىلاپ ،
‏ئۆلسەممۇ ياشايمەن يەنە باغرىڭدا



‏ھاياتلىق ئوتى

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏ھەقىقەتنىڭ ئىشىگى ھىم ئىتىلگەن ،
‏غىرىپلىققا بەرداشلىق بىرەلمەي سويۇلۇپ چۈشكەن سۇۋاقلار  
‏ئالىملارنىڭ ئىزى قالغان پىشقەدەم پەشتاق
‏قۇشسىز قەپەزدەك بوينىنى قىسقان جانلار كۈلۈمسىرەپ بارماقتا دارغا ‏
‏قان رەڭلىك گۈللەر قان بىلەن قىزىرىدۇ ،
‏چوشقا گەندىسىدە سېسىق پۇراپ ئەمەن ئۆسىدۇ ،
‏سۇنۇق كۆڭۈللەر سۇنغان كۈڭۈلدىن تەسەللى تاپىدۇ ،
‏مەرىتلىك ۋە غۇرۇر ئۈلۈمگە قۇچاق ئاچىدۇ ،
‏بەخىت دىگەن نىمە ئەسلىدە
‏مەرىتلەر كىندىك قىنىغا قوشۇلۇپ ئانا تۇپراقتا ياتىدۇ .
‏ئىسيانكارلىق -سەنئەتنى شوتا قىلىپ كۆكنى قۇچماقتا .
‏غايە ۋە نىشان ئۇنىڭغا قىيامەتكىچە ھەمرا بۇلىدۇ
‏تەن كىشەنلىرىنى چىقىۋاتقان ئەسەبى سەنئەتكار ،
‏مۇسا پەيغەمبەرنىڭ كۆرسەتكىنىدەك
‏تاغلارغا نەەر سالغاچ
‏دەرەخنىڭ ئۇچىدا خاتىرجەم ئولتۇرغان قۇش كەبى مەغرۇرانە ناخشا ئىيتىدۇ .
‏قەھرىمان ئاتىلىپ ئۆلمەك نەقەدەر ئاسان -
‏چىدىغۇسىز رىئالىققا بەرداشلىق بىرىپ داۋاملىق ياشاشتىن ،
‏ئەي ۋايىز ماڭا ھىكمەت سۆزلىمە بولدى
‏مەن قانداق ياشاشنى ئەمەس قانداق ئۈلۈشنى ئۈگىنىۋاتىمەن
‏قىرغاققا ئۈزىنى ئىتىپ ئۈلىۋالغان كىتلاردىن ،
‏رىۋايەت ئەپسانە تۇغار زىمىننىڭ بالياتقۇسىدا
‏ھەر كۈنى يارىلار يىڭى ئەپسانە ،
‏ئەي سوپىلارنىڭ چەمى تۇپراقنى سۆيگەن كالىچى
‏زەردارنىڭ خالتىسىدا جىرىڭلاپ تۇرغان تىللا ،
‏ھاياتنى چۈشەندىم دەپ چوقان سالغۇچى سەيياھ
‏ئەي پاھىشە ئايالدەك ھەممە ئادەمگە كۈلۈمسىرىگەن ھوقۇق جىلۋىسى
‏بىزنىڭ چىقىش يولىمىز قىنى ئىيتقىنچۇ ؟



‏ھايات مەرغۇلى

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏دەريادەك ئۆركەشلەپ ئاققان قانلاردا ،
‏سەلتەنەت سىرلىرى بۇلىدۇ ئايان ،
‏تارىنىڭ دىل چەككەن مەغرۇر ساداسى ،
‏ئاپتاپتەك سۆيگۈمنى قىلىدۇ بايان .

‏سۆيىمەن ھاياتنىڭ ھەر مىنۇتىنى ،
‏ھىكمىتى مەپتۇنكار ماڭا مىھرىبان ،
‏يىلىكتەك ئاقىمەن مىھىرلەر ئارا ،
‏سۆيگۈسىز نە كىرەك ماڭا جان -جاھان .

‏ئارمانلار يىراقلاپ كەتكەن كۈنلەردە ،
‏ئۈتىمەن بوراندەك ئىزىنى بىسىپ ،
‏قىيالار بەستىدە ئارمان تاغلىرىم ،
‏ئوت بۇلۇپ يىنىشنى ئەتمەكتە نىسىپ .

‏ھاياتىم بەلگىسى دىلبەر ناۋالار ،
‏بوغۇلغان ئاۋازدا تەقدىر جەلىپكار ،
‏مەن سۆيگەن ئازاپتا ئۇيۇل تاش كەبى ،
‏مۇڭلانغان قەلبىمنى سۆزلەيدۇ ساتار .

‏مويسىپىت غايىگە ئەرگەشكىنىم راس ،
‏خىزىردەك بىر قامەت سۆزلەر ھىكايە ،
‏دۇنيانىڭ ئەڭ سىخى رىئاللىغىدە ،
‏ئالتۇن بەت پۈتمەكتە بۇلۇپ ئەپسانە .



‏كەل قىشىمدا ئولتۇر لىۋەنلەر

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏بۇلاقتىن ئۈگەندىم قانداق ياشاشنى ،
‏تاغلارغا تەڭ بىلىپ سۆيەرمەن تاشنى ،
‏سۈكۈت قىل دەۋاتقان ئەقىلنى يۈدۈپ ،
‏تۈن كەبى كۈتەرمەن تاڭدا قوياشنى .

‏قىيادا شاماللار ئىيتىدۇ ناخشا ،
‏دەردىمدىن بىخەۋەر غادىيار ئاسمان .
‏قىزلاردەك سۈيۈملۈك باھار گۈللىرى -
‏ھىدىدىن مەس بولدى قەلبىم بىگۇمان .

‏ئۈرۈكلەر گۈللىمەس مىنىڭ بېغىمدا ،
‏ھەر كۈنى شېئىرىمدا چىچەك ياسايمەن ،
‏ئۈزۈمگە مۇقەددەس ھەر بىر نەپەسنى ،
‏ئۆزگىگە سۆزلىمەي سۈيۈپ ياشايمەن ،

‏نە قالدى ھاياتتا قەدىرلىگىدەك ،
‏تاغ كەبى غۇرۇرۇم بۇلدى دەپسەندە ،
كەل قېشىمدا ئولتۇرغىن بىر دەم ،
مەندەك ‏دەردى دەريا لىۋەنلەر ،

‏نەقىرات :

‏قۇرۇپ كىتەر بۇندا چىمەنلەر
‏ھالىمغا باق قاشى قەلەملەر
‏دەردلىرىمىز چىڭ قۇچاقلاشسۇن
‏كۆكسى ئوتلۇق غەمكىن سەنەملەر



بۇ زىمىندا

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏بۇ زىمىندا
‏كۈندە بىر رىۋايەت توقۇلىدۇ .
‏غازانلار چەيلەنگەن كەبى ،
‏مەڭگۈلۈك قىياسلارنىڭ باغرىدا قان ،
‏گۈگۈم دەرپەردىسىنى ئاچقان كۈنى
‏قەدىمقى رىمنىڭ ئەپسانىسمان رىئاللىغىدەك ،
‏چۈشىنىكسىز دۇرۇت ئوقۇلىدۇ  
‏ئاشۇ رىۋايەت ئارلىغىدا بىر قانچە جان يوقۇلىدۇ .

‏ئېسسىق ئارماننى قۇچاقلىغان ئەر ،
‏ھورى چىقىپ تۇرغان ناننى بەلگە تۈگۈپ يول سۈپۈرمەكتە ،
‏يالغان تارىخ ئۇنتۇلدۇرغان ئۇنىڭ سەلتەنەتلىك ئۆتمۈشلىرىنى
‏بىز بەخىتلىك دەملەرگە قاراپ نەرە تارتىمىز .
‏سەھەردە باشلانغان چۈش كىچىگە ئۇلۇشۇپ ئاخىرلىشىدۇ ،

‏ئۇيغۇر چۆچەكلىرىگە بولغان چۈشەنچە ،
‏پادىچى تازنىڭ مەلىكىگە بولغان مۇھەببىتى ،
‏مەرگىمۇشقا ئوخشايدىغان رىئاللىق -
‏ئەڭ ئاخىرقى ئىمكانىيەت توخۇ قوردىقى بىلەن  
‏ئاچچىق ھاراققا چىلانغان ھەسرەت
ئىلاجسىزلى ‏غەپلىتىدە كۈنلەر قان يۇتىدۇ



سەۋدا


‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏قىسمىتىم يۈرەككە تىققاندا پىچاق ،
‏ئامالسىز قان بىلەن ئاچىمەن قۇچاق ،
‏تەقدىرىم زورلىغان زەھەرنى يۇتۇپ ،
‏ئۈلۈمنى كۈتىمەن ئۇزاقتىن ئۇزاق .

‏غىرىپلىق ئىلكىدە مۇھەببەت بىلەن ،
‏ئەتراپقا قارايمەن كۆزلىرىم مىسكىن ،
‏يىنىمدا ھىچكىم يوق جىنىمدىن بۈلەك ،
‏ئىنسان يوق ئۈزۈمدەك ئۈزۈمگە يىقىن .

‏ھىچكىمدىن ھىچنىمە كۈتمىدىم مەغرۇر ،
‏مۇشاقەت كەلگەندە ئۈزۈم پاسىبان ،
‏يامغۇرغا تىك تۇرغان باشلىرىم كۆكتە ،
‏ئۈزىگە بۇلىدۇ ئۈزىلا قالقان .

‏ئۆلپەتلەر شىرەدە مەي بىلەن تۇققان ،
‏يۈرىگى تونىماس ھەرگىز ئۆزھالنى ،
‏كۈيلىرىم ھاجىتى تاماققا يانداش ،
‏ھىچكىمگە ئارىتمايمەن دەردىم-غىمىمنى .

‏بىر ئىنسان ھاجەتكار بولسا ئالدىمدا ،
‏پۇت قېلىپ بىشىمدا قىلاي خىزمىتىم ،
‏نامەرىتلەر ئاڭلىغىن بۇ بۈيۈك جاكار ،
‏ئىنسانلىق قېممىتىم كەڭرى ھىممىتىم


‏ھاۋاغا ئايلىنىپ كىتىمەن چوقۇم

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏باھارىم قار بىلەن سۇغۇق رەڭ ئالدى ،
‏شىۋىرغان ھوۋلىسا باھار ئاتالدى ،
‏قارلىغاچ چەكمىدى دەرىزەمنى ھىچ .
باھارغا ‏تەلمۈرگەن كۈزلىرىم تالدى .

‏قىرانىم بىتىدە قالمىدى ئىزلار ،
‏ھەر كۈنۈم ھەسرىتى ئىچىدۇ زەھەر ،
‏كۆزلىرىم قالمىدى دۈشمەن بولمىغان ،
‏يۈرىگىم قورشاۋدىن بىرىدۇ خەۋەر ،



بىراۋغا كىرەكمەس پەندى -نەسھەت

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏قانچىلىك ئادەم سەن ئۈزۈڭنى قويۇپ ،
‏ئۆزگىگە قۇربانلىق بەرمەكچى بولغان ،
‏ئاناڭنى -بالاڭنى -غىمىڭنى قويۇپ ،
‏خىزىردەك غىرىپقا چۆلدە ئۇچىرىغان ،

‏ئۈزۈڭگە ئىشىنىپ ياشايسەن ئەمما ،
‏ئۆزگىدە يوقمىدۇ ئەقىل سەندىكى
‏سىنى ھەم باشقىنى ياراتقان ئاللاھ ،
جىق بەردىم ئەقىل دەپ كەلدىمۇ ۋەھى .

‏نام دىسە ئالدىدا يۈگۈرگىنىڭ راس ،
‏نەپ دىسە ئىتلىقنى قىلىسەن قىياس ،
‏ئۆلگە بول كاپىلداپ قالغىنىڭ بىكار ،
‏سۆز بىلەن يىتىلمەس ئىمان ۋە ئىخلاس .

‏ئىنساننىڭ قىنىدا ياشار ئىزگۈلۈك ،
‏لەنەتكە قالغايمەن دىمەيدۇ ھىچكىم ،
‏ئاۋازى بەك چىقسا ئىلىمى ئۈستۈن دەپ ،
ئىشەككە ئەرگىشىپ يۈرمەس ئەپەندىم .

‏ياراتقان ئىگەمنىڭ ھىكمىتى ئۇلۇغ ،
‏ئۇنىڭغا ئاياندۇر تەقدىرى قىسمەت ،
‏ئىمانلىق شەيتاننى يىڭىپ ياشايدۇ ،
‏كىرەكمەس ئۇنىڭغا پەندى نەسىھەت .

‏شىۋىتلار ئىنجىلنى كۆتۈرۈپ يۇرۇپ ،
‏قانچىلىك ئۇيغۇرنى ئازدۇرۇپ كەتتى ؟
‏قايغۇرما ياراتقام ئاللا ئىگەم بار ،
‏دۆتلۈكنىڭ خەنجىرى يۈرەككە يەتتى .

‏ئۈستىدە ئىگىمىز بىلەر ھەممىنى ،
‏بەس بولدى چاچراتما تۈكۈرۈكلىرىڭ ،
‏ئاڭلاشقا تاقەت يوق پۇتلار سەپەردە ،
‏قاراپ باق ئۈزۈڭگە ئادەممۇ يۈزۈڭ


يىڭى كۈن

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏قوياش ھارارىتىدە ئويغانغان جانلار ،
‏ئۈزىنى قۇچاقلاپ دەيدۇ ئەسسالام .
‏ھاياتنى ئۈزىدەك سۆيگەن جانانلار ،
‏بىلدۇرەر چىھرىگە چەكسىز ئىھتىرام .

‏يوقالسۇن دىلىڭدىن ئەي ئاجىز ئىنسان ،
‏تۈنۈگۈن سوۋغىسى غەشلىك ئەلەملەر ،
‏يىڭى كۈن باشلاندى دىللار يۇيۇنسۇن
‏مىھىرلىك سۆيگۈدە قاشى قەلەملەر .

‏ھاياتنى باغ دىسەڭ گۈللەر پۇرايدۇ ،
‏گۈل دىگەن يۈرەكنى ياشناتقان پۇراق .
‏ئازاپ دەپ دەردىڭگە چۆكسەڭ كېچىچە ،
‏قوياشلىق سامادىن زىندان ياخشىراق .

‏ئاشىغلىق دەرىت ئەلەم پىغان كەلگۈلۈك ،
‏ئامەتتۇر چىڭ سۈيۈپ قوچاقلا ئۇنى ،
‏ياشاشنى بىلمىگەن غاپىل ناداننىڭ ،
‏ھەسرەتتە تىنىمسىز تۆكۈلەر يىشى .

‏ھايات ۋە سۆيگۈگە قۇربانلىق بەرمەي
‏بەخىتكە ئىرىشىش قانداق پەلسەپە ؟
‏بىر ئىنسان سۆيگۈنىڭ ئوتىدا يانماي
‏ياشاشمۇ ھاياتمۇ ئىيتقىن ئايبىكە ؟

‏دەرىت ئازاپ خۇشاللىق بىزگە غەنىمەت ،
‏كۈيىۋال ، سۈيىۋال ، ئوتتەك يىنىۋال ،
‏يۈز ئۆرۈپ ياشلىغىڭ كىتىشتىن ئاۋال .
‏سۆيگۈگە يىغلىۋال ، راسا قىنىۋال .


بەخىتنىڭ بىكىتى

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏سەلتەنەت سىماسى ئەمەستۇر بەلكىم ،
‏ھاجەتسىز ئۇنىڭغا پادىشاھ بۇلۇش ،
‏چوپاننىڭ كۆڭلىدە گۈلدەك ئىچىلار ،
‏نەي قىلىپ توغرالغان بىر غىرىچ قۇمۇش .

‏يالتىراق شۆھرەتلەر رەڭ بىرەلمەس ھەم ،
‏ھەشەمەت ھەيۋىتى كىرەكمەس ئەسلا ،
‏شاھزادە كۆزىگە جىندەك كۆرۈنۈپ ،
‏كۆيگەنلەر ئازمىدى جاڭگالدا تازغا .

‏ئاپتاپتەك مىھىرلەر دەريادۇر گويا ،
‏كۈڭۈلگە لىق كىلىپ قىيان ياسىغان ،
‏قۇشلارنىڭ مىننەتسىز خەندان ئۇرۇشى
‏ئاشىققا ئەڭ تاتلىق باھانە بولغان .

‏ئاشىقلار ھۆرلۈككە مۇھتاج شۇنچىلىك ،
‏تاج ئەمەس خۇشپۇراق گۈل بولسىلا بەس ،
‏ھەيۋەتلىك ئوردىلار قۇللۇقتىن نىشان ،
‏ساتمىدا ئەڭ شىرىن تەڭ ئالغان نەپەس .

‏گۆزەللىك بالاغەت چىرايدا تۇرسا ،
‏ھاجەتمۇ ئالتۇنغا مۇراجەت قىلىش ،
‏بارماقلار سۇمبۇلدەك ئۇز لىۋەن تۇرسا ،
‏كىرەكمۇ تىللاغا ئىلىپ -سىتىلىش .

‏قۇناغلىق ئاشىققا باغرىنى ئاچار ،
‏بۇغدايلار ئۇلارنىڭ ئەيپىنى ياپار ،
‏زىمىننى سىلىنچا قىلغان ئاشىقلار ،
‏تاش ياستۇق ھەققىدە قوشاقلار قاتار .

‏ئىت تۇرماس جەزىرە ئاشىق ئوردىسى ،
‏باياۋان قۇملۇقلار مۇڭلۇق تەرەھھۇم ،
‏راھەتنىڭ مىھرىگە سىتىلغان جانلار،
‏باي بۇلار سۆيگۈدىن ئەبەدى مەھرۇم .

بايلىق ھەم ھەشەمەت بەخىت بىرەلمەس ،
‏ئۆزىدىن ۋاز كەچكەن مەجنۇن -غىرىپقا ،
‏ئاسمانمۇ چىقىلىپ كىتەرمۇ چۇل-چۇل .
‏لەيلى بىر داچىغا ئۈزىنى ساتسا .

‏مۇھەببەت ئىنسانغا ئەڭ ئۇلۇغ تەلەپ ،
‏ئارتۇغى ئاشىقنىڭ بىشىنى يارار ،
‏سۆيگۈدىن ۋاز كىچىپ دۇنيا ئىزدىگەن ،
‏دۇنيادىن قۇتۇلۇپ سۆيگۈگە بارار .




‏سازەندە

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏يىنىك بىر تاۋۇشتىن ئايلىنىپ ئوتقا ،
‏يۈرەكنى تەۋرىتەر ئىكەن قوللىرىڭ ،
‏بارماقلار سۆزلەيدۇ جەلىپكار ھىكمەت ،
‏گۈل كەبى قىزىررار شۇ دەم چۆللىرىڭ .

‏چالىغىنە سازەندەم ئارام ئالايمەن ،
‏مۇڭلىرىڭ تەكىتىكە چۆكۈپ بىر مەرتەم ،
‏غىرىپقا ئايلىنىپ جاھان كىزەيمەن ،
‏ئوتۇمدا گۈل كەبى ئېچىلسۇن سەنەم .

‏شاھ مەشرەپ چۆللىرى تۇتىيا بولسۇن ،
‏كۈيلەرنىڭ باغرىدا ئاققان ئاشىققا ،
‏ناۋايى باغلىرى باغرىغا ئالسۇن ،
‏قاقاس بىر كۈڭۈلگە ئۈنگەندە گىيا .

‏فارابى پەنجىسى ئوۋلىغان كۆكنى ،
‏پىغانغا گىرىپتار قىلما سەنمۇ ھەم ،
‏تاشۋاينىڭ تارىغا ھەغدا جىنىمنى ،
‏تەبىئەت باغرىغا ئالماسمۇ ئەركەم .

‏بىزارمەن دۇنيانىڭ مەئىشىتىدىن ،
‏توپىغا ئايلىنار تىنىم يايرىسۇن ،
‏چال قىنى سازەندە كۆزۈڭنى يۇمۇپ ،
‏ئۇندا دەرىت كۈڭلۈمدىن ئايرىلار بولسۇن .

‏خاك ئارا بۇلاقتەك تەلمۈرگەن كۆزۈم ،
‏شەبنەمگە ئۈگىتەر قانداق ياشاشنى ،
‏سەنئەتسىز ھاياتنىڭ بارلىغى زۇلۇم ،
‏ئۇنتۇسۇن كۆزلىرىم يىغلاشنى-ياشنى .


ئاتام ۋە كەتمەن  

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏پەسىللەر تومۇرغا بەرگەن ھارارەت ،
‏دىھقاننىڭ چىھرىدە بۇلىدۇ ئايان ،
‏ئەسىرلىك مۇشاقەت رىۋايىتىنى ،
‏قاپارغان ئالقانلار قىلىدۇ بايان .

‏چۆللەرنى تىلغىغان ئاتام قوللىرى ،
‏گۈل بىرەر ھەر ماڭغان قەدەملىرىمگە ،
‏ھالال تەر روھىمغا بەرگەچكە مەدەت ،
‏باللىق غايىلەر قالدى بىر پەستە .

‏ئۇرۇقلار بىخ تارتىپ كۆرۈنسە ئانام ،
‏قارچۇقتەك ئاسرايدۇ ھەر تىلىنى ،
‏ھوسۇلنىڭ بەركىتى خاماندا سۆزلەر ،
‏بىر قاراپ بىلەر ئەر ئىشچانلىغىنى .

‏دان غۇرۇر نان تۇزدۇر ئىماندا پۈتكەن ،
‏ئوخشىماس شۇڭلاشقا ئۇيغۇرنىڭ نىنى ،
‏تۈگىمەس مۇشاقەت ئاتامنى ئەككەن ،
‏سورىما ئۇنىڭ دەردى غىمىنى .

‏بوۋامدىن قالغىنى كەتمەن ئىكەنتۇق ،
‏قالمىغان تاج-تەخىت ۋە ياكى قىلىچ .
‏ئۇ ماڭا يادىكار قىلىدۇ چوقۇم .
‏كەتمەن بار بىر ئۆمۈر ياشايمەن تىنىچ .

‏ھالال تەر جاپانىڭ ئەلچىسى بۇلۇپ ،
‏تۇرىدۇ ئاپتاپتا قىزىغان كەتمەن ،
‏شاھ دىسەم ئاتامنى شاھلاغا ئوخشاش ،
‏يوق لىكىن ئۇنىڭدەك ماغدۇرسىزدەرتمەن .

‏ئىپتىخار ئىلكىدە قالارمەن بەزەن .
‏دادامنىڭ ئاق كۆڭۈل دىھقانلىقىغا ،
‏ئۆزگىنى شىلىپ يەپ كەلگەن شاھلارنىڭ .  
‏شاھلىغى تەڭ ئەمەس چىمچىلىقىغا .

‏تەر تۆكۈپ ھالال يەپ ياشىماق ھۇزۇر ،
‏ئەجىرىدە رۇياپقا چىققان بىر دەل دان ،
‏ھىچكىمنىڭ ھەقىقىگە قولىنى سوزماي ،
ياشايدۇ دادام بار سۇلتانغا سۇلتان .


ھاياتنى ئارمانسىز ياشا ئەزىزىم

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

سەبىلىك بىزىدۈ ئۆزىدىن ئۆزى
يوقۈلار يۈمرانلىق ئىنسان چھرىدىن
شەمشاتتەك ياشنايدۈ دىللار مىھىردىن
ھاياتنى ئارمانسىز ياشا ئەزىزىم

قايغۈلار بولسىمۈ ساڭا ھۈكۈمران
بىشىڭدا شۈم ھۈقۈش سۈرسىمۈ دەۋران
كۈلۈپ باق ھەممىگە ۋاقىتلىق جاھان
ھاياتنى ئارمانسىز ياشا ئەزىزىم.

بەخىت ۋە قايغۈنىڭ پەرقى قانچىلىك ؟
قالمىسۈن كۈڭلۈڭدە ئارمان قىلچىلىك
كۆزۈڭنى ياشلىغان پىغان قانچىلىك؟
ھاياتنى ئارمانسىز ياشا ئەزىزىم

ھاياتنىڭ ھەر پەسلى رەڭگى ئۆزگىچە
ھۈزۈرى لەززەتنىڭ تەمى ئۆزگىچە
خۈشاللىق ھەم دەرىتمۈ ئەمەس ئۈلگىچە
ھاياتنى ئارمانسىز ياشا ئەزىزىم

ياشلىقنىڭ ئازابى زوقى باشقىچە
ئىنتىلەر ئۈنىڭغا قىرى ياشقىچە
تىگىدۈ بىشىڭغا گۈلدىن تاشقىچە
ھاياتنى ئارمانسىز ياشا ئەزىزەم

ھەر تىنىق ھەر نەپەس پۈرسەت غەنىمەت
ھەر بىر كۈن يىڭىلىق ئىچىرە مىڭ ھىكمەت
رەزىللىك يىغلايمىش ئىزدەپ ھەقىقەت
ھاياتنى ئارمانسىز ياشا ئەزىزىم

سۈيگەنگە سۈيۈلگىن پىدا قىلىپ جان
يۈرەكنى لەختە قان قىلار پۈشايمان
ئەڭ ئاددى ياشاشمۈ ئەمەستۈر ئاسان
ھاياتنى ئارمانسىز ياشا ئەزىزە

چىھرىڭنى ئازاپلار كەتمسۈن يالماپ
زۈلمەتنىڭ كەينىدە يۈرۈغلۈق ئاپتاپ
ئۆز ھالنىڭ سالامى ئىزگۈ بىر خىتاپ
ھاياتنى ئارمانسىز ياشا ئەزىزىم

كىچىنىڭ چوقۈمكى گۈزەل تىڭى بار
ھىس قىلغان شاتلىقنىڭ يەنە تىڭى بار
ھاياتنىڭ تۈگىمەس دەردى غىمى بار
ھاياتنى ئارمانسىز ياشا ئەزىزەم

دەقىقە ئىچرە مىڭ ئۆزگىرىش خىيال
ئالدىسا سۈيگەن يار قالساڭ بىئامال
لىۋىڭگە سۈيدۈ تاڭ سەھەر شامال
ھاياتنى ئارمانسىز ياشا ئەزىزىم

بىلسەن دۈنيانىڭ سەۋدالىرى كۆپ
ئىنسانغا خاس ئەمەس غەۋغالىرى كۆپ
ھاياتتا شاتلىق         غەم قايتلنار كۆپ
ھاياتنى ئارمانسىز ياشا ئەزىزىم


ئالتۇن ئارغامچا

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏ھاياتىم دانىلىرى ھىسسى بايانلار ،
‏تارىمغا نىكاھلاپ ئەمرىگە ئالغان ،
‏شەيتان سۈرەتلەرنىڭ ئاھىغا لەنەت ،
‏بىر كۈيمەن مەشرەبىم چۆللەردە چالغان ،

‏تىۋىشلار چەكسىزدۇر تاڭلىرىدا گۈل ،
‏ھىدىدىن يۈرەكلەر تالجىقىپ ھارغان ،
‏تەقدىرنىڭ دۇتاردەك پەدىسى ئارا ،
‏ئەركىمنى كۆكسىگە مەھكەم باغلىغان .

‏ۋەتەن دەپ ئاۋازى پۈتكەن پەيغەمبەر ،
‏تەختىدە ۋەتەن دەپ جان ئۈزدى بابۇر ،
‏ئۆزھالنىڭ دەردىنى سورىدى كىملەر ؟
‏غىرىپلىق پىكىرىدە ئۆتتۇم بىر ئۆمۈر .

‏كۈيلەردە مەن بىلەن ئاقالايدۇ كىم ؟
‏ئاشىغلىق تونىنى كىيسەم ياراشتى ،
‏ۋەتەننىڭ ئاغرىقى بۇيۈك بىر كىسەل ،
‏ئۇ گۇيا بوينۇمنى بوغقان ئارغامچى .


‏پىچاق چاقىلىغۇچى بوۋاي

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

يوللاردا ۋىلىسپىت يىتىلەپ يۈرەر ،
‏كۆزلىرى ياشاڭغىراپ تۇرغان بىر بوۋاي  
‏بىلەي تاش نىمە ئۇ بىلەش دىگەنچۇ ؟
‏جاۋاپ يوق ئەرلەردىن سۇئاللار تالاي .  

‏ئاياللار قاخشايدۇ پىچاقلىرى گال ،
‏بوۋاينى كۆرگەندە ئويغىنار شەھەر ،
‏قىلىچنى تاشلارغا بىلەپ جەڭ كۆرگەن
‏بىر ئەرنى چۈشەيدۇ ئاياللار سەھەر .

ئۇچقۇنلار ياللداپ ئۇچار ئەتراپقا ،
‏ئەسلىتىپ ئەركەكنىڭ نەرىلىرىنى ،
‏جەڭگاھسىز تاغلاردا ھوقۇش ھوۋلايدۇ ،
‏چۈشىنەر كىم بوۋاي تىلەكلىرىنى .  

پۇل تاپماق ئەمەستۇر ئۇنىڭ نىيىتى ،
‏داتلاشقان دىللارغا ياغدۇرار ھىكمەت ،
‏ئاي يىللاپ قوغۇنمۇ پىچىپ باقمىغان .
‏ئەرلەرگە ئىچ ئاغرىپ قىلىدۇ خىزمەت .

‏بىلسەڭ ئۇ ياشلىقتا جەڭگاھقا كىرىپ ،
‏جەڭ قىلغان ئىز سىلىپ قۇرام تاشلارغا ،
‏تاش بەرگەن ئەركەكلىك غۇرۇر ئىتىقاد ،
‏باغلاپتۇ ھاياتنى چاقچى بۇلۇشقا .


ئايلار مەجلىسى

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال


‏‏ناۋا پىرگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى سىڭلىم رامىلە ھۈسەننىڭ تويىغا بېغىشلايمەن

‏دىڭىزلار سەلكىنى جىمجىت ئۇھ تارتىپ ،
‏تاشلارغا باش قويۇپ ئالغاندا ئارام ،
‏ئالەممۇ ئۇنۇتۇپ مەۋجۇتلىغىنى ،
‏شاۋقۇنسىز سۈكۈتتە تاپار دىلئارام .

‏ئەسلىدىن ئاي بارمۇ دىدى بىر يىگىت ،
‏داڭقېتىپ ئايلارغا ئەيلەپ تەسەددۇق ،
‏ئاي غىرىپ كۈلپەتتە يۈرەر ئاسماندا ،
‏زىمىندا ئاي بىلەن بەزمىلەر قۇردۇق .

‏گۈل چىنىپ سولاشتى ئۇلار چىھرىدىن ،
‏سۇ ئىچتى كۆرگەن كۆز ئوتتەك مىھردىن،
‏قۇت بولسۇن دىدى ئەڭ ئېسىل ئەتىرلەر ،
‏مەس بۇلۇپ ئايلارنىڭ قىزلىق ھىدىدىن .

مەرھابا ئەي گۈزەل ئايلار مەجلىسى ،
‏ئەرلىككە قانمىغان ئەي بەستى شەمشەر ،  
‏قۇت بولسۇن تويۇڭغا ئاي چىھىر سىڭلىم ،
‏شېئىرىمدا تويۇڭغا چاچاي زەر-گۈھەر .


يامان بۇلۇشنى ئويلىساڭ ئەگەر

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏ياخشلىق كۈتەر سەندىن ئادەملەر ،
‏بىھۇدە ئۆمىت تامالار بىلەن ،
‏ياخشلىق قىلساڭ ياخشى بۇلالماي ،
‏تاپىسەن ئۈزۈڭگە يىڭى بىر دۈشمەن .

‏ھەققىم بار دەپ ئويلايدۇ ئۇلار ،
‏قول بىرىشكەن ھەممە ئادەمنى ،
‏ئەگەر قولدىن كەلمىسە ھىچ ئىش
‏ئىيتقىن كىملەر ئىزدەيدۇ سىنى ؟

‏ياخشى بۇلۇپ كۆرۇنمەك ئۈچۈن ،
‏قارا يۈزىگە تارتىدۇ نىقاپ ،
‏بىرەلمىسەڭ سەندىن كۈتكەننى ،
‏ئىتقا ئوخشاش پايلايدۇ قاۋاپ .

‏ئادەم بولسا تىلەر خۇدادىن ،
‏بەنىدىلەردە يوقتۇر ھىچنىمە ،
‏نامازىنىمۇ ئوقىماي يۈرەر ،
‏تىلەپ-تىلەپ خۇدا بەرمىسە .

‏نەپ ئۈچۈنلا ياشىغان بىر جان ،
‏ماختار سىنى كۆككە كۆتۈرۈپ ،
‏سەندە يوقنى بار قىلىپ ماختاپ .
يەنە دەرھال يۈرەر ئۆچۈرۈپ .

‏يۈز ئۆرۈيدۇ سەندىن شۇ ھامان ،
‏تەگمەي قالسا سەندىن بىرەر نەپ ،
‏تىللاپ يۈرەر كوچا كويلاردا ،
‏قوي پېخسىق ئۇ ناچار نىمە دەپ .

‏مىھمان قىلساڭ ھەقلىقتى دەيدۇ ،
‏ئالدىڭدىكى بارىڭنى يەيدۇ ،
‏يىنىڭ بىر كۈن بۇلۇپ قالسا بوش ،
‏ئەسلى بۇ گۇي نامەرىتتى دەيدۇ .

‏يامان بولغىن تاماخور ئۈچۈن ،
‏قەلبى سەزمەس نىمە ياخشىلىق ،
‏تاشلىۋەتسەڭ ئەسكى چاپاندەك ،
‏قىلالمايدۇ ساڭا بەد قىلىق .


ئۈرۈمچى قەپەزدۇر خالاپ كىرىسەن

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏ئۈرۈمچى قەپەزدۇر باغرىدا بوستان ،
‏قۇل سەنكى ھەممىسى كۆرىنەر سۇلتان ،
‏كۈندۈزى كۆزۈڭنىڭ يىغىنى يىگەن ،
‏گۈزەللەر ئالۋۇندۇر كەيمىگەن ئىشتان .  

‏كەڭ دەيسەن باغرىنى دەسلەپ كۆرگەندە ،
‏دۆڭكۈۋرۇك ئۇيغۇرغا تەئەللۇق ماكان ،
‏تۇڭىسەن يازدىمۇ غىرىپلىق بىلەن ،
‏تەپتىنى بەرمەيدۇ سەن كۆرگەن گۈلخان .

‏بىر شەھەر ساڭا خاس بىلىنەر بەزەن ،
‏كۆرىنەر قىرىنداش كۆزگە بارچە جان ،
‏ئىشەنسەڭ ئالدايدۇ ھاۋاسى ھەتتا ،
‏ئىنسان يوق بۇ يەرنىڭ تىلىنى ئۇققان ،

‏ئالدىرماي سىڭىشىپ قالىسەن تىخى ،
‏ئىپتىخار قەلبىڭدە تۇغىدۇ چولپان ،
‏مىڭ غەمنى يەلكەڭگە ئالىسەن تۇيماي ،
‏ئىككى پۇت بىر ئۆتۈكتە كىچەر قان-قىيان .

‏قارىساڭ ئادالەت ھىممەت بۇ يەردە ،
‏بىلمەيسەن نىمىلەر كۆڭلۈڭنى ئۇتقان ،
‏ئادەملىك ئابرۇيۇڭ قىممەت بۇ يەردە ،
‏مۇساپىر ھەم يەرلىك گۈلسايدا تۇققان .

‏تۇزى بەك ئىغىردۇر ياشىغان بىلەر ،
‏كىلىش بار كىتىش يوق بولما بىگۇمان ،
‏چىقىلار بىنالار يەنە سىلىنار ،
ئۈلىسەن ياشاشقا تاپالماي ئىمكان .


ئاتا دىسەم

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏ئاتا دىسەم دىلدا ئىپتىخار ،
‏تاغلار سۈكۈت بىلەن قارايدى ،
‏كائىناتنى گۈلگە پۈركىگەن ،
‏ھىممىتىدىن ئالەم سۈيۈندى .

‏ۋەتەن ئۈچۈن جەڭگاھلار ئارا ،
‏غۇرۇرىغا شاھ سۇلتان ئىدى ،  
‏مۇشاقەتكە بەرداشلىق بىرىپ ،
‏ياشاپ ئۆتكەن بىر دىھقان ئىدى .

‏قارچۇغىدەك ئاسراپ بىزلەرنى ،
‏كۆز نۇرىدىن ئايرىلغان ئاتام ،
‏ئەر قىلىمەن پەرزەنتىمنى دەپ ،
‏توغراق كەبى تىك تۇرغان ئاتام .

‏چىداپ ئۆتتى ئۇشبۇ ھاياتنىڭ ،
‏تاغدەك ئىغىر جەۋرىلىرىگە ،
‏ئۇدۇم بۇلۇپ قالدى ئاتامنىڭ ،
‏سۇنماس روھى نەۋرىلىرىگە .

‏قەدىرلىكسىز مەن ئۈچۈن ئاتا ،
‏ساھىپخانسىز قەلبىم تۆرىدە ،
‏سىز ھاياتسىز باغرىڭىز دەريا ،
‏چولپانىم سىز قەلبىم كۆكىدە


دادام دۇتار چالاتتى

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏دادام دۇتار چالاتتى زىرىكىشتىن ئىزىلگەندە ،
‏تۈگىمەس ئىتىزنىڭ ئىشلىرى ئېشىپ قىلىپ ،
‏قوياش پاتقاندا ،

‏يىگىرمە يىل بۇرۇن مەن ئۇنىڭغا ۋەدە قىلغان ،
‏دۇتاردىن بىرنى سوۋغا قىلىمەن دەپ ،

‏ئاشۇ ئارلىقتا نۇرغۇن ئادەملەرگە ۋەدە بىرىپ
‏ئەمەل قىلدىم يۈزۈمنى ئاياپ
‏بىراق دادامغا سوۋغا قىلىپ باقمىدىم دۇتار ،
‏بىچارە دادام ئۇنتۇپ بۈگۈن دۇتار چىلىشنى
‏كەتمەن بىلەن ئىتىزدا باھار

‏دادام بەرگەن غۇرۇر بىلەن ياشىدىم
‏ئۇ ئۆستۈرگەن گۈللەرنى قىزلارغا سوۋغا قىلدىم
‏دادامغا بەرگەن ۋەدەمدىن باشقا
‏ھەممە ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم
‏بىراق
‏بۈگۈن ئاتىلار بايرىمى يادىمغا يىتىپ
‏ئەينەككە قارىدىم قاپقارا يۈزۈم

‏ھەشەمەت ئۈچۈن بارلىقنى چېچىپ
‏دوسلۇق ئۈچۈن قۇربانلىك بىرىپ
‏ياشاپ كەلدىم پو ئېتىپ

‏دادامغا توققان بۇلالمىدىم
‏دوس بۇلالمىدىم
‏لەۋزىمدە تۇرالمىدىم
‏دىگىنىمنى قىللمىدىم
‏لىكىن دادام تاماسىز كۆزلىرى بىلەن
‏ماڭا قاراپ قويار جىم

‏دادا ، مىڭلاپ پۇلغا ساتتىم مىڭ دۇتار ،
‏ۋەدەم تۇرار يۈزلىرى قارا ،
‏ساڭا دۇتار تاللايمەن بۈگۈن
‏ئىشتىن ھىرىپ كۆڭۈل ئېچىشقا
‏ئىلىپ بارار بەلكىم ئوغلۇڭ يا نەۋرەڭ
‏ئەپۇ قىل دەپ سىنىڭ ئالدىڭغا

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 22:28:48

ئاغىينەمنىڭ شېئىرلىرىنى سېغىنىپتىكەنمەن جۇمۇ.

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 04:50:26

شىئىردىن ھۇزۇرلىنىشنىمۇ بىلىش كىرەككەن جۇمۇ !

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 04:50:41

شىئىردىن ھۇزۇرلىنىشنىمۇ بىلىش كىرەككەن جۇمۇ !

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 04:51:00

شىئىردىن ھۇزۇرلىنىشنىمۇ بىلىش كىرەككەن جۇمۇ !

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 04:51:09

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 15:45:11

شېئىرلىرىڭىز بەكمۇ ئېسىل سىزنىڭ، كۆنسۇل كوچىسىدا كىتابخانىڭىز بار چاغلارنى ئەسلەپ قالدىم ئۆزھالكا، كۈندە بىر ۋاخ يوقلايتۇق ئۇ چاغدا كىتابخانىڭىزنى. :(

yurak-sadasi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 18:03:17

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yurak-sadasi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-9 18:09  

ھەممىسى بىر -بىرىدىن ئېسىلكەن
يۈرىكىدە يالقۇنى يوق لېكىن توختىماي  ئوت كۆيىۋاتقان  ئادەمنىڭ ھاياتىنى ئوقۇغاندەك بولىدىكەن.

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 09:57:19

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ozhal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-11 09:04  


بۇ ھايات
‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏‏بۇ ھايات گۈلدۈركى جۇت زىمىستاندا ،
‏تىكەندىن پۈتۈلگەن قاپ قارا ياغاچ ،
‏بۇ ھايات غۇنچىدۇر ھەر بەرگىدە ناز .
‏ئاشىغلىق دەستىدە بولغان يالىڭاچ ،

‏بۇ ھايات ناخشىدۇر ئاخىرى چىقماس .
‏مۇقامدۇر ۋە ياكى سوزوپ ئىيتىلغان .
‏كۈڭۈللەر كۈڭۈلدىن بولغاندە سۈرگۈن .
ئاشىقلار تەرىپىدىن كۈيگە قېتىلغان .

‏بۇ ھايات زەھەردۇر ۋە ياكى قەندۇر .
‏ئاشىققا قوش قوللاپ بىللە سۇنۇلغان .
‏مەجنۇننىڭ چۆلىدە يۈرەر بىر ئاشىق .
‏لەيلىنىڭ ۋەسلىگە تاپالماي ئىمكان ،

‏بۇ ھايات ۋىسالدۇر ۋە ياكى ھىجران‏ ،
‏بەدەنگە چىرماشقان زەھەرلىك يىلان .
‏كۆكسىگە باش قويۇپ ئۆلسە بىر ئاشىق .
‏بىپەرۋا كۈلىدۇ باغرى تاش جانان .
‏‏
‏ۋەتىنىم - يەكەن
‏‏كۆرەشلەر كۆكسىدە قان قىيان بولغان
‏مەرىتلەر ئۈچۈن باغرى كەڭرى ئاسمان بولغان
‏شان شۆھرىتى ئالەم ئارا داستان بولغان
بارچە يۇرىتنىڭ ئاستانىسى تاجى ۋەتەن

‏سەئىدىخانغا سەلتەنەتلىك شۆھرەت بەرگەن .
‏قىلىچ تۇتقان قوللىرىغا قۇۋەت بەرگەن ،
‏مۇغۇلىستان ئىلىگە جان- قۇدرەت بەرگەن .
‏پاتماس قوياش تارىخسەن ئەزىز ۋەتەن .

‏ياشاپ ئۆتتى سىنى سۆيۈپ تالاي ئوغلان ،
‏كۈچكە تولدى قۇچاغىڭدا شىرمەت- پالۋان .
‏بىر كۆرمەككە ئارمان قىلدى مىڭلاپ سۇلتان ،
‏مۇغۇللارنىڭ ئاستانىسى ئەزىز ۋەتەن

‏ھايات بولسام ئۆمىدىڭنى ئاقىلغايمەن .
‏ماڭا بەرگەن ھەققىڭ - تۇزۇڭ ساقلىغايمەن ،
‏شۆھرەت ئۈچۈن شۆھرىتىڭنى ساتمىغايمەن
‏ماڭا غۇرۇر بىرىپ ئۆزھال قىلغان ۋەتەن

ئەجدادىمىز

‏‏ئالتۇن كاسىدا قىمىز ئىچىپ ،
‏كۈمۈش پەتنۇستا ئۆژمە يەپ ،
‏تۇلپار بىلەن شەھەر ئىلىپ .
‏غۇرۇرغا قىلىچ بىلەپ ،
‏ئالتۇن جۇۋانلار قوينىدا ،
‏راھەت سۈرۈپ ئايدەك تۈنەپ .
‏قىيالاردا بۈركۈت كەبى ياشىغان ئەجدادىمىز
‏‏مەڭگۇ تاشقا ئىز پۈتكەن ،
قەلبى غۇرۇردىن پۈتكەن ‏
‏ئوغوزخاقان ئۇيغۇر دەپ
كۆك تەڭرىگە تىز پۈككەن ،
‏ئات ئۈستىدە تۇغۇلۇپ ،
‏ئۆمىرى قىلىچتەك ئۆتكەن .
‏ئۆملۈكتە نامى جاھانغا كەڭ تارالغان ئەجدادىمىز .

‏تەڭرىگە قامچا بۇلۇپ ،
‏نامى تارىخقا ئويۇپ .
‏ئالەمچە ئابرۇيغا تويۇپ .
‏رەقىپنى يولۋاستەك سويۇپ .
‏ياشىسا ياشاپ تىك تۇرۇپ .
‏ئۆلۈمگە كۆكسىنى ئۇرۇپ .
‏ئەرك ئۈچۈن چوقان سىلىپ ياشىغان ئەجدادىمىز .
‏‏كاللىدىن مۇنار ياساپ ،
‏كەلگەن رەقىبى يەر قاساپ .
‏قىنى ساپ ۋىجدانى ساپ .
‏قىزى تۇمارىستەك ياشاپ .
‏قولىدا ھىلال قىلىچ
‏ماڭغان قىنىدا سەل ياساپ .
‏ھۇن دىسە دىر دىر تىترىتىپ ياشىغان ئەجدادىمىز

‏ ‏ ‏رىئاللىقمىز

‏ئىپپەت تارازىسىدا ياشاش بەك ئىغىر .
‏يوقسۇزلۇق دەستىدىن ۋىجدانىم يىغىر .
‏ھالاللىق - مىھنەتكە دەشنەم ناشتىلىق ،
‏ساختىلىق دەرگاھتا ئۈچ ۋاخلىق بىغىر .

‏ئەرزىمەس دۇنيانىڭ ئالتۇن جاملىرى ،
‏نىسىپتۇر نەپسى ئۈچۈن چاپقان گادايغا .
‏تەخسىكەش غادىيىپ ئەمەل كۇرسىدا .
‏ئالىملار ئايلىنار دائىم مالايغا .

‏دۇنيانىڭ شۆھرىتى ئەخمەققە بايلىق ،
‏تەپەككۈر ئەھلىگە تاشلىماس سايە .
‏بىر يۇتۇم سۇ ئۈچۈن قەدەھ كىرەكمەس ،
‏جۇپ ئالقان ساق بولسا يىتەر كۇپايە ،

‏مال دۇنيا دەستىدىن ئاتىدىن كەچكەن .
‏مىيىپلەر دۇنيادا ياشار ھەيۋەتتە .
‏باي تۇرۇپ ياشايدۇ قەلبى دىۋانە
‏ئالىملار سۇلتاندۇر ئىلمى دۆلەتتە ،

‏قويغىنا دۇنيانىڭ ھەشەمىتىنى ،
‏يول قالار توزانلار كىتىدۇ ئۇچۇپ ،
‏نەپىسىگە قۇل بولغان غاپىللار توزان .
‏سىياھنىڭ تامىچىسى كەتمەيدۇ ئۆچۈپ .

‏‏كىتىمىز ھەممىز غەپلەت چۈشىدە .
‏ئالىملار ياشايدۇ مەڭگۈ دىل قۇچۇپ



قەشقەر

‏‏‏مىڭ يىللىق ھەسرەتتە ياپ ياش بۇ شەھەر ،
‏دەريادەك يىشىنى سۈرتىدۇ سەھەر ،
‏ئۆركەشلەپ قىنىغا ئاققان ئازاپنى
‏رەھىمسىز دەردىگە سىغدۇرار قەشقەر .

‏جاھاننىڭ زۇلمىتى جانان چىھرىدە ،
‏قانلىق بىر گۈل كەبى پورەك ئاچىدۇ ،
‏ھاياتنى ئەجىرگە بېغىشلىغان قىز ،
‏مىھنىتى دوپپىدا چىچەك ئاچىدۇ .

‏تىكىلىپ قارالماس كۆزلىرىم كوردۇر ،
‏ھاياتنىڭ بەرداشى بىرەلمەس كۈنگە .
‏ئەسىرلەر دەردىنى تارتىپ ياشىغان ،
‏مىھرىم بار مىڭ يىللىق قەدىم قەشقەرگە

ئۇسساش خاتىرىسى

‏قاقىرام ئاپتاپتا مۈكۈنگەن شامال .
‏سالپايغان مەن كەبى ياپ يىشىل ياپراق ،
‏كىلەنىڭ بوغزىدا لاۋىلداپ تۇرغان ،
‏ئوت ئەمەس سۇ كەبى قاينىغان تۇپراق .

‏قاپاقلار گەز تارتىپ يىرىلار چاك -چاك ،
‏قان تامغان تاپاننىڭ ئاستىدا ئاتەش .
‏تال باراڭ باغرىدا ئىزىلەر چۈشلەر
‏قاغجىراش دەستىدە جانۇ تەندە لەش .

‏ئالۋۇندەك كۆرۈنۈپ كىلەر ئوتۇنچى ،
‏ھارۋىغا يوقسۇزلۇق غىمىنى بىسىپ .
‏قۇرىغان سۇداندىن ئۆمىت ئۈزۈلگەن .
‏ئىشىگى مۇگدەيدۇ ماڭغاچ مۈدۈرۈپ .

‏ھالسىز بىر ھىس بىلەن ياتار كېۋەزلىك
‏تامچە سۇ مىھرىگە زار بۇلۇپ قاخشاپ .
‏نەيزىدەك قادالغان قوياشنىڭ نۇرى .
‏چارچىتار ھەممىنى ئىز بېسىپ قوغلاپ .

‏بىر كۈچتە قارىيىپ كۆرىنەر دادام .
‏چىھرىدە سۆزلەيدۇ رامىزان ئۈنى .
‏پىژغىرىم ئاپتاپتا پەرىشتە ئانام ،
‏ئىشلەيدۇ ئىتىزدىن يوق باشقا ئۇيى

‏ئۇيقۇسىز كىچىلەر

‏ھاياتنىڭ لەززەتلىك شىرىنلىگىنى .
‏نەپەستە مىڭ قىتىم قەدىرلىگۈلۈك .
‏رايىشلىك دەستىدىن قۇل ئاتالغىچە .
‏چاشقاندەك تىپىرلاپ يۇرۇپ ئۆلگۈلۈك .

‏بىھايا يۈزلەردىن قاڭالتىر ياخشى .
‏بازغانغا تىك قاراپ ئىزىلمىگۈلۈك .
‏كۆڭلى پەس پاسىققا كۆڭۈل بەرگىچە ،
‏ياشاشنى خورلۇق دەپ يالغۇز يۈرگۈلۈك .

‏ئەر بۇلۇپ يارالغان ئەرلىك تەختىنىڭ ،
‏ھۇزۇرى ئىلكىدە مەغرۇر كۈلگۈلۈك ،
‏تۇل خوتۇن يىتىمنى زار قاخشاتقىچە .
‏ئاچلىق ھۇزۇرىنى مەڭگۈ سۈرگۈلۈك .

‏ئىنسانلىق كامالەت شاھلارغا قىياس .
‏ئىمكاننى دۈشمەنگە بىلدۇرمىگۈلۈك .
‏نان تىلەپ يىيىشمۇ غۇرۇر جاسارەت .
‏ھاجەت دەپ دۈشمەننى كۈلدۇرمىگۈلۈك


ئىچىمدىكى بوران

‏ئەلەملەر باغرىمغا ئۇرار كۆكسىنى ،
‏قاچماقچى بولغاندەك ئىچىمدىن چىقىپ ،
‏بىر نالە ھوۋلايدۇ تولغىنىپ ئوتتەك .
‏ياتارمەن ئامالسىز يۈرەك سىقىلىپ .

‏ۋەدىنىڭ راستىدىن يالغىنى شىرىن .
‏ئۆمىدنىڭ يىتەلمەس ئارزۇلىغى راس ،
‏قەھرىمدە سۈكۈتكە بەرمەيمەن پۈرسەت .
تۇرقۇمنى شىر كەبى قىلىمە  قىياس .

‏بوراننىڭ ئاۋازى يىقىنلاپ كىلەر .
‏زەھەرنىڭ دەستىدە كۆيگەن يىلاندەك .
‏ۋېشىلداپ ئۆتىدۇ قۇلاق تۈۋىمدىن .
ئۈلۈشكە تۈزۈلگەن رەزىل پىلاندەك .

‏بىر سۈرەت دەستىدىن قورقۇپ مىڭ ئايال .
‏چىن تۈمۈر باتۇرنى قىلار تەسەۋۋۇر ،
‏قورىققىنى ھىچ نىمە ئەمەس ئەسلىدە .
‏ئەندىكىش تىنىگە بەرمەكتە ھوزۇر .

‏ئىشەنمەي ئۆتەرمەن تۇيغۇلىرىمنىڭ ،
‏سەمىمى تەسەللى ئالداشلىرىغا ،
‏يالغۇزلۇق دەستىدىن قىينالغان ئايال
‏شامالدەك سەگىدەپ ئىيتىدۇ ناخشا .

‏خوشنامنىڭ ئىرىنى تىللاشلىرىدىن .
بىرجىنىم مىڭ تويۇپ بىرىسىلا قالدى .
‏مىڭ قىزنىڭ يالغاندىن ئىڭراشلىرىدىن .
يالغۇزلۇق ھەممىگە تىغدەك قادالدى .

‏بورانلار ھۆركىرەپ يۈرەر كوچىدا ،
‏ئىشرەتتىن چارچىغان تەنلەر ئۇيقۇدا ،
‏ئۇيقۇسىز كۆزلەردە ئۆمىتنىڭ نۇرى ،
‏ئۈزىنى تىڭشايدۇ جىمجىتلىقىدا .


‏ئالتۇن بىلىق

‏قاسراقلىرى تارام -تارام .
‏دەستە نۇرغا چۈمۈپ ياتار ،
‏ئەيلەپ قوياش مىھرىنى رام ،
‏سۇغا سۇدەك يۇمشاپ پاتار .

‏قۇيرۇقلىرى جىلۋىسىدە ،
‏تامچە گۈلدەك پورەكلەيدۇ ،
‏كۆزلىرىگە باققان كۆزدىن ،
‏جان بەھۇزۇر چىچەكلەيدۇ .

‏ئاپتاپ سۆيگەن لەۋلىرىدە ،
‏نازاكەتلىك ناز ئىپتىخار .
‏ئالتۇن بىلىق ئايالمۇ يا ؟
‏تەن جىلۋىسى جانغا پاتار .


‏ۋاپادار دۇنيا

‏خالىساڭ ئايغا چىق چۈشمىگىن قايتىپ ،
‏زىمىندا جان ئالار ئاپەتلەر تولا ،
‏يەر شارى ئايلانسۇن مەن ئۈچۈن دىسەڭ ،
‏پىكىر قىل مەن كىم مەن قايتا بىر ئويلا .

‏ئىپلاسلىق مەڭگۈگە ھۈكۈم سۈرمىگەن ،
‏رەزىللىك نە ئىدى ئۈلۈم ئالدىدا ،
‏ياخشىلىق ئالەمگە تۆرىلەرمىدى ؟
‏شۇم نىيەت قاتىللار مىڭ يىل ياشىسا .

‏دۇنياغا كەلدۇق بىز قورسىقىمىز ئاچ .
‏تويۇنساق كۆزىمىز قالدى ئاچ پىتى .
‏مال دۇنيا توپلىدۇق ئىزدەپ پاراغەت .
‏رازىمەس ئۆلسەكمۇ يالىڭاچ پىتى .

‏نىمىدىن قانائەت تاپقان ئىنسان بىز ؟
‏قانمايمىز ھاياتنىڭ تاتلىقلىقىغا .
‏ياشىساق -يا ئۆلسەك باغرىغا ئالار .
‏كىلىشنى -كىتىشنى كۆپ كۆرگەن دۇنيا .

‏بىز نىمە ئاتىدۇق بۇ دۇنيا ئۈچۈن ،
‏ھەققىمىز بارمىدى ئۇنى تىللاشقا ،
‏ھەق ناھەق ھەممىنى بىر يولغا سىلىپ
‏ئەكىلەر ئەكىتەر ۋاپادار دۇنيا‏

‏خىيال

‏مىڭ يىللىق ھارارەت مىڭ يىللىق ھىجران ،
‏كائىنات لەرزىدە تىلسىملار ئىغىر ،
‏ۋەدىسىنى بۇزمىغان ۋاقىت ،
‏سىڭىپ كىرەر يوشۇرۇن ئاڭغا .
‏لەش كەبى كۆكسۈمگە ئېسىلغان يۈرەك
‏قەرىزدار ئەل - ۋەتەن تۇزغا ئىمانغا .

‏ئەپسانە ئەھلىنىڭ ھالداتلاشلىرى
‏كۆكسىگە سۈيۈنۈپ ئۇرىدۇ خەنجەر ،
‏تارىمنىڭ قەلبىدە ئۇيۇپ قالغان قان ،
‏تەخىت ياسار كەلگۈسى شاھى سۇلتانغا ،
‏قادىلىپ كەلمەكتە نەسلىك لەشكىرى ،
‏سەدىقە تىلەپ يەپ بىر تاللا جانغا .
‏‏دۇبۇلغا ھەيۋىتى سۇنار قاراسلاپ ،
‏ئۇنتۇلغان قەسەملەر كۆكسىدە يارا ،
‏خاندانىم بارلىغى ئەلەملىك قىسسە ،
‏تاش مىڭغا بۈلۈنۈپ پاتار ئىمكانغا ،
‏تاغلارنىڭ بىشىدا چاقماق چاقىدۇ .
‏شەھەرلەر مۇكەممەل بولمىغان سادا .

‏چالغىنە پادىچى نىيىڭنى ئۇزاق ،
‏قۇمۇشلار ماتەمگە چۈشسۇن سەن بىلەن ،
‏قىنى ئۇ سۇلارنىڭ سۇنغان شۆھرىتى ،
‏يالمىسۇن سەزدۇرمەي نىمە غەم دىگەن
‏ھاياتقا رەڭ بەرمەي يۇك بولغان جانلار .
‏نۇمۇستىن يوقالسۇن دەرىت ئەلەم بىلەن .

‏بويتاقلىك مەڭگۈلۈك ئەركىنلىك ئۈنى ،
‏قەدىرىنى بىلمىگەن ئالىدۇ خوتۇن ،
‏ئۈزۈلگەن كىشەنگە مەرسىيە ئوقۇپ ،
‏كۈل بۇلۇش دەردىنى سۆزلەيدۇ ئوتۇن ،
‏ھۈسەيىن تاش ئەمەس يا غىنى سەمەت .
‏يا دەردى شاتلىغى بولمىغان پۈتۈن .

‏قىساسنىڭ لەۋزىدە يۇلتۇزلار يورۇق ،
‏دۇنياغا كەلگەنلەر ئۈزى بىتۇيۇق ،
‏قىسسىلەر رەزىلنى ماختار ئاقىل دەپ ،
‏چىرايى بۇزۇقتۇر ئۈنلىرى بوغۇق ،
‏مۇكەممەل بولماقچى ئىدى ئەسلىدە ،
‏شەيتانمۇ نىقاپقا ئورۇنۇپ تولۇق .

‏ئادەملەر خىيالدا ياشايدۇ شۇنداق ،
‏كەتكەننىڭ قايتىدىن كەلمەكلىگى يوق ،
‏كىتىشلەر پەسلى

‏ئانامنىڭ ئاپئاق لىچەكلىرىگە ،
‏يىپىشقان مۇقەددەس توپىلار كەبى ،
‏ئاپتاپقا قاقلانغان قار دانچىسىدەك
‏ئىرىپ -ئىرىپ يوقاپ كىتىمەن ،

ئىچىشكەن قەسەملەر قەرزىنى سۈيلەپ ،
‏باغىرىمغا ئوق كەبى سانچىلار بولسا ،
‏ئاياق ئىزلىرىمنى تونماس ھىچكىم .
‏ئىز كەبى سۈكۈتتە يۈتۈپ كىتىمەن ،
‏دۇنيادىن مۇشۇنداق ئۆتۈپ كىتىمەن .

‏قەدەھلەر ھوۋلايدۇ مىسكىن شامالدا ،
‏بۇلاقتەك جىمجىتلا قۇرۇپ كىتىمەن ،
‏داۋراڭسىز ئىچىلغان گۈلمەن باغلاردا .
‏قوياشقا قانماستىن توزۇپ كىتىمەن .

‏يىرىلار قۇمۇش نەي تاشلاندۇق پىتى .
ئالەمگە شامالدەك سىڭىپ كىتىمەن ،
‏ئىچىمگە سىغدالغان ئەلەملىرىمنى .
‏ھىچكىمگە ئىيتماستىن ئىلىپ كىتىمەن .

‏كۆرمىگەن نە كۈن بار ھايات بەھىرىدە ،
‏كۆيمىگەن نە ئوت بار ياشلىق لەۋزىدە ،
‏ئۆي كۈچۈپ يۈرگەن توپ چۈمۈلە كەبى
‏تۇرمايمەن قونمايمەن ھىچكىم قەلبىدە ،

‏شان -شۆھرەت دەردىنى ئىيتار تاغلارغا ،
‏ئىز قالماس مەن نەزەر سالغان قىيادا ،
‏يىغلىماس ھەم سۈكۈت قىلماس بۇ كۈڭۈل ،
‏قۇلاق ھەم سالمايدۇ تەقدىر نىداغا .

‏جان پىدا ئاشىغلىق پەيتى كەتكەندە ،
‏بارچە جان بارىدۇ تەقدىر قازاغا ،
‏زەھەرگە ئايلىنىپ كەتكەندە غۇرۇر ،
‏قۇل كەبى سىتىلار چىقىپ بازارغا .


گەر كېتىشنى خالىغان بولساڭ

‏گەر كىتىشنى خالىغان بولساڭ ،
‏قايرىلمىغىن ئارقاڭغا تەكرار ،
‏ئەسلەشلەرگە قالمىسۇن ئورۇن ،
‏پاك پىتىڭلا كەتكىن بىغۇبار .

‏بىزار قىلغان مەن ئەمەس بەلكىم ،
‏پىشانىگە يىزىلغىنى بار ،
‏بىزگە باقماس تەقدىر ئالدىدا ،
‏كۈتەر بىزنى باشقا بىر باھار .

‏سۈيۈشلەردىن بەزگەن كۈڭۈلگە ،
‏يەنە نىمە بۇلار تەسەللى ؟
‏كەتكىن كەتكىن يىنىمدىن تىزراق .
‏بار ئۆتمۇشنى ئۇنتۇيلى ئەمدى .

‏بەخىت ئىزدەپ بەخىتتىن قىچىپ ،
‏ياشاش بىزگە ئاخىرقى مەخسەت ،
‏سۇيۇپ سۇيۇپ تۈگەيدۇ بەلكىم ،
‏لەۋلەردىكى ئوتلۇق ھارارەت .

‏كىتىش ئەمەس باشلىنىش ياكى
‏ئاخىرلاشقان تەقدىر ئۇقۇمى ،
‏كۆتۈرىمىز ھارغىنلىق بىلەن ،
‏بۇ ھاياتنىڭ ئىغىر يۈكىنى .

‏نەگە كەتسەڭ يەنە سۈيۈش بار ،
‏قايغۇ بىلەن يەنە كۈلۈش بار ،
‏مەن ئۈزۈمگە قۇيدۇم دار ياساپ ،
‏ئۇندا ۋىسال بەلكىم ئۈلۈش بار .


ئۆز پىتى

‏ئاتىلاردىن تەخىت تالاشتۇق شەھەر ئۆز پىتى ،
‏تۈندە قاتراپ بەخىت تالاشتۇق سەھەر ئۆز پىتى ،
‏تاجىلىرىمىز چۈشتى باشتىن كۈمۈلدۇق جىمجىت .
‏شاھلار كەتتى قولدا قالدى زەھەر ئۆز پىتى .

‏سەلتەنەت دەپ قاتىرىمىغان چۆللەر قالمىدى ،
‏سۈيقەسىت ئۈچۈن چەيلىمىگەن گۈللەر قالمىدى ،
‏بىز ساتمىغان قىرىنداش دوس ھۆرلەر قالمىدى ،
‏بىز قىرىدۇق لىكىن دىلدا ئارمان ياش پىتى .

‏تاجۇ دۆلەت ئابرۇي ئۈچۈن تىكىلدى جانلار ،
‏ئاۋام خەلىق كاللىسسىدىن تىكلەندى مۇنار ،
‏ئىبرەت بۇلۇپ دەريا -دەريا ئاقسىمۇ قانلار ،
‏لىكىن دىلدا ئارزۇ ھەۋەس شۆھرەت ئۆز پىتى .

‏نادان ئۈچۈن بىر قارىسا ياشاش بەك ئاسان ،
‏قەۋمى ئۈچۈن ئويلانماستىن ئاسمىغاچ قازان ،
‏ئۆزگە ئىش يوق ئىشرەت بىلەن يىيىشتىن ھامان ،
‏تالاي مىھمان كىلىپ كەتتى يانچۇق ئۆز پىتى .

‏توشقان بىلەن بىر تۇپراقتا ياشايدىكەن شىر ،
‏شاھلىرىغا پەرۋا قىلماي ياشايدۇ پىقىر ،
‏مىڭ دەريادا ئاقسا چىقماس قەلبتىكى كىر ،
‏بىر نەپەستە مىڭ بىر ئارزۇ ئارمان ئۆزپىتى

يەكەنگە كىرىش

ئىمىتنىڭ سىيىدا قۇچاقلاشقان نۇر ،
قونماقتا مىڭ يىللىق قۇرام تاشلارغا .
يىلان جەسىدىدەك ياتار سوزۇلۇپ .
سەلتەنىتى ئۇنتۇلغان يوللار ،
قىلىچ ئەمەس كەتمەننى تۇتۇپ .
يىرىلماقتا تاپانلار، قوللار .

بىر قەۋىمنىڭ بۈيۈك تارىخى ،
ئۇنتۇلىدۇ كاككۇك ئۈنىدە .
باھار خۇددى ھازىغا ئوخشاش ،
ئۆز ئۆزىگە توقار مەرسىيە .
ئالۋۇن ئىچرە كۈرۈنگەن ئۆمىت ،
يۇيۇنماقتا يالىڭاچ چۆلىدە .
كىتاپلاردا شانۇ شەۋكەتلەر ،
نەلەرگىدۇ ماڭار پەتىگە ،

ئابىھايات سۇلار سۆيمەكتە
يالتىرىغان بىر پارچە تاشنى .
ئەبەدىيلىككە سوزولغان ناخشا ،
ئۈگەنمەكتە قانداق ياشاشنى .
رېتىمىدا بۇقۇلدىغان ياش ،
دەريا ياسار دىھقان قەلبىدە ،
يىغىلىرى ناخشىغا تەڭكەش .
قاغجىراشنى كۆيلەيدۇ گۈللەر .

ۋەسلىنى ئىزدىگەن قەلەندەر كەبى .
قىزلدىن سوزۇلۇپ چارەككە كىردۇق ،
مىڭ يىللىق ھەيۋىتى سۇنغان شەھەردە ،
مۇساپىر توپىغا بىرىپ قوشۇلدۇق ،
ساپايە ھالقىسى ئۇسۇلغا چۈشتى .
ھەقىقى ئازاپنىڭ بەھرىدە كۆيدۇق .
تېشىلگەن سىپىللار مىڭ يىللىق تۇپراق ،
ۋەزنىنى نەچچە رەت كۆزلەرگە سۈردۇق .


يەكەنگە كىرىش

(2) يىڭى شەھەرگە كىرىش

گىرەلەشكەن نۇرلار ئىلكىدە ،
توپا بېسىپ ياتار بىر شەھەر ،
ھالسىرىغان قەدەملەر ئىزى .
مۇقامدەكلا مىسكىن شۇ قەدەر ،
ئۆچەي دىگەن گۇلخان ئىچىدىن ،
چاچراپ چىقار يالىڭاچ سەھەر .

ئىزنالارنى بىسىپ ياتماقتا ،
كۆككە قاراپ غادايغان بىنا ،
شا مەشرەپنىڭ ئوتلۇق كۈيلىرى ،
يۇلقۇنغانچە قىلىدۇ نىدا ،
قارا يۈزلۇك يولدا تېلىقار .
ئۆزىگە ئۆزىگە چىرمالغان سادا ،

تاغدىن چۈشكەن ئالتە كاچۇڭلۇق ،
كۆڭلى ئاپپاق كىيمى قارا ،
داق يەردىلا ئۇخلار بىر ئايال .
كىيمى ساق يۈرىگى يارا .
يوقسۇزلۇقتا ھارغان قەلبىگە
مەغلۇپ تارىخ چاچىدۇ شولا .

يەتتە ياشتا مەن كىرگەن شەھەر ،
يالاڭئاياق ئىدىم ئۇ چاغدا ،
كەيىپلىككە باغلانغان دۇتتار ،
سۈكۈتلەرنى بۇزاتتى ئۇندا .
تار كوچىدىن چىقىپ كىلەتتى .
كۈي سىھرىدىن مەس بولغان دۇنيا .

مىڭ يىللىق تارىخنى ئۇنتۇغان شەھەر ،
يالتىراق شۆھرەتكە سېتىلغان شەھەر ،
فۇرقەتنىڭ پىغانلىق سادالىرىغا ،
بىشىنى ئەكگەنچە قېتىلغان شەھەر .
ئىچكەن سۈيىدە مىڭ تاغار ھەسرەت
كەچكەن سۈيىدە مەڭگۇلۇك غەپلەت .
ئۆزگىرىش مەڭزىدە تاتارغان شەھەر ،


ئالتۇن دەرۋازىغا كىرىش

روھلار تىرىكلەر بىلەن ئۇچراشقان ،
تىرىكلەر ئۈلۈكلەر شەھرىگە قاچقان ،
توپا تۇمان ھاياتنى باسقان ،
قۇم دانچىسى تۇپراق بىلەن قۇچاقلاشقان .

سوپىلار دەرياسى ئۆركەشلىگەندە
پاخال كەبى كېسىلگەن باشلار ،
تارىخ يازغان مۇشۇ زىمىندا ،
قانلىرىنى ئاققۇزۇپ جانغا .

يىرتىق ئاياق، تىرا چاپانلار ،
سېسىق تۇماق، سۇنۇق ھاسىلار ،
يۇڭلۇق مەيدە، قۇرىغان لەۋلەر
بۇ زىمىنغا ھۈكۈمران بولغان .

چىلتەنلىرىم ئوردىدەك ھەيۋەت ،
تارىخىدا سىرلىق ھەشەمەت ،
كۆكلەپ چىققان ھاسىدىن پۈتۈپ ،
ئۈتمۈشىدە كاللا مۇنارى
تىنىغىدا قىزىل قىيامەت ،

دىھقانلار چىرايىدا ھايات جىلۋىسى ،
تۇپراقتۇر ھۈسنىگە گۈلدەك ياراشقان ،
نەچچە يار ئىلىپ كەتكەن زىمىننى ،
تەرىك ئەتمەي باغرىنى ياققان .

دەرۋازىسى ئالتۇنمىكىن دەپ .
قازغان كىلىپ مىڭلىغان پەرەڭ .
نۇرغا تەشنا زىمىن لەۋزىدە ،
چاقنار ئىدى ئەسلىدە مىس رەڭ .

دەۋىر سۈرگەن زامان زاماندا ،
جاھالەتنىڭ سىرلىق ئەپسۇنى ،
باش كۈتۈرگەن جەررە سامالار ،
ھەممە جاينى بېسىپ كەلكۈنى .

سۇنغان ساپايە، تىتىلغان تونلار ،
ئۆتمۇشىگە قاراپ ئوقۇيدۇ لەنەت .
قارا تارىخ ئاراچلىرىدا .
تۇرار مەڭگۈ قەدىمقى سۈرەت .

شائىر تۈندە شېئىر يازىدۇ ،
نەپىسىدە چوغلىنار ھەسرەت .

ئاتا دىسەم

‏ئاتا دىسەم دىلدا ئىپتىخار ،
‏تاغلار سۈكۈت بىلەن قارايدى ،
‏كائىناتنى گۈلگە پۈركىگەن ،
‏ھىممىتىدىن ئالەم سۈيۈندى .

‏ۋەتەن ئۈچۈن جەڭگاھلار ئارا ،
‏غۇرۇرىغا شاھ سۇلتان ئىدى ،
‏مۇشاقەتكە بەرداشلىق بىرىپ ،
‏ياشاپ ئۆتكەن بىر دىھقان ئىدى .

‏قارچۇغىدەك ئاسراپ بىزلەرنى ،
‏كۆز نۇرىدىن ئايرىلغان ئاتام ،
‏ئەر قىلىمەن پەرزەنتىمنى دەپ ،
‏توغراق كەبى تىك تۇرغان ئاتام .

‏چىداپ ئۆتتى ئۇشبۇ ھاياتنىڭ ،
‏تاغدەك ئىغىر جەۋرىلىرىگە ،
‏ئۇدۇم بۇلۇپ قالدى ئاتامنىڭ ،
‏سۇنماس روھى نەۋرىلىرىگە .

‏قەدىرلىكسىز مەن ئۈچۈن ئاتا ،
‏ساھىپخانسىز قەلبىم تۆرىدە ،
‏سىز ھاياتسىز باغرىڭىز دەريا ،
‏چولپانىم سىز قەلبىم كۆكىدە ‏

‏ئىجاد ئۆلمەس

‏ئەجىردە گۈللىرىڭ چاچسا خۇشپۇراق ،
‏تۆھمەتلەر سەن ئۈچۈن ئاچقاندا قۇچاق ،
‏ئىجادىڭ مىۋىسى سۆزلەيدۇ بىر كۈن ،
‏ئاقىللار غەيۋەتكە سالمايدۇ قۇلاق .

‏ئىش قىلغان تۆھپىكار ئالىم ئاتالدى ،
‏سۆزلىگەن غەيۋەتچى سۆز بىلەن قالدى ،
‏چارچىغان سۇ ئۈچۈن چىقسا سەپەرگە ،
‏قاقاس چۆل بۇلاقتەك باغرىغا ئالدى .

‏مىھنەت دەپ يارالغان ئىنسان ئەسلىدە ،
‏ھالاۋەت مۇشاقەت تارىتقان پەسلىدە ،
‏بەھەيۋەت تاغلارنىڭ ئىگىز چوقىسى ،
‏بىر تال گۈل بۇلالماس ئىجاد تەختىدە .

ئىھتىرام ھاياتقا سۆيگۈ بەرگەنلەر ،
‏ئەۋلاتلار يولىغا گۈللەر تەرگەنلەر ،
‏ئىزلىرى ئەسىلىنەر ئەسىرلەپ دىلدا ،
‏ئىلىگە ئەجىردىن ھوسۇل بەرگەنلەر .

ئەجىر قىلغانلار

ھىكمەتلەر پۈتۈلگەن باسقان ئىزىغا ،
‏تۆرنىڭ ھۆرمىتىدە ئەجىر قىلغانلار ،
‏شان-شۆھرەت ئۇلارنى تاپالماي غىرىپ ،
‏نامى خىسلىتىدە ئەجىر قىلغانلار ،

‏قەلەمنى تۇتقىنى قول ئەمەس يۈرەك ،
‏تىنىقتا چاقنايدۇ مىڭ ئارزۇ تىلەك ،
‏مۇشاقەت تەرسىمۇ يولىغا پەلەك ،
‏ئىگىلىپ سۇنمايدۇ ئەجىر قىلغانلار .

‏ئەل بىلەن ياشايدۇ يىللار ئەسىرلەر ،
‏مىھنەتتە سىلىنغان ئايۋان قەسىرلەر ،
‏ئۆتىسىمۇ ئايلىنىپ كۈنلەر پەسىللەر ،
‏ئىز بىلەن پارلايدۇ ئەجىر قىلغانلار .

‏دىگىنىم ھەرگىزمۇ ئەپسانە ئەمەس ،
‏قەلىبلەر ھىس قىلىپ سەزسە يىتەر بەس .
‏شۆھرەتكە نىشاننى تىگىشكەن ئەمەس .
‏تەۋەرۇك بىز ئۈچۈن ئەجىر قىلغانلار

چۈشكۈن قوياش

‏ئەسلىمىلەر ئەسلەپ تۈگىگەندە ،
‏ئىنسانىيەت مۇھەببەت دەپ ئاتىۋالغان ھىسياتى ئارقىلىق ،
‏ياشاشقا باھانە ئىزدەيدۇ ، ‏
‏ئۈن-تىنسىز يارىلىش بىر پەس ئەھمىيەتسىز غەلۋىگە ئايلىنىدۇ ،
‏بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ كۈپۈكچىلىك قىممىتى-
‏چىۋىنچىلىك ئەھمىيىتى يوق ،
‏جىرالاردىن سىرغىپ چۈشىۋاتقان سۇلار ،
‏ئۆزىمۇ چۈشەنمەس بارار جايىنى ،
‏ھاياتنى گاڭگىراشقا تولدۇرۇپ ياشاۋاتقان ئادەم كەبى ،
‏قۇلاق ھاقارەتتىن باشقىغا ئىشلىتىلمەيدۇ ،
‏بىر ئادەمنىڭ بىرسىنى بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قىلىشى
‏ئات ياكى ئىشەكنىڭ قورساق تويغۇزۇش ئارزۇسى بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش ،
‏قارىماي بولماس ‏كۆز تۇرۇپ
‏يىمەي بولماس ساق تۇرۇپ
‏بارلىك جىنايەتنىڭ مەنبەسى
‏قاراش ھەم يىيىش
‏ئاڭلاش ھەم دىيىش
‏چۈشكۈنلەشكەن قوياش
‏ھىچكىمنىڭ ماختىشىغا مۇھتاج ئەمەس
‏تىللىساڭ ماختىساڭ چىقىدۇ ئوخشاش
‏قىيندۇر تولىمۇ قىيىن
‏ھاياتنىڭ مەنىسىزلىگىنى ئىتىراپ قىلىش
‏گاھىدا ئاياللار شاراپقا قولداش
‏شاراپ ھەم ھەۋەسلەر ئايالغا يولداش
‏ئادەملەر ئەقلىدىن ئىزىشى كىرەك
‏ئۈزىدىن يىراققا قىچىشى كىرەك
‏ساياھەت قىلىش ئارقىلىق
‏يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغىلى بولماس
‏تىراگىدىيەگە بولغان قىزىقىش
‏پاجىئەلىك ئۈلۈمدىن ھۇزۇر ئالىدۇ
‏ئىككى ئادەم ئۇرۇشسا
‏بىر توپ ئادەم توپلىشۋالىدۇ
‏جىدەل-جىنسى بۇرۇختۇرمىچىلنىڭ كوچىدا ئىپادىلىنىشى
‏ھىچ ئامال تاپالمىغاندا ئادەم
‏ئۈزىنى ئېسىپ ئۈلىۋالىدۇ
‏ئۆلگۈچىنىڭ قاراقلىرىدا
‏قوياشنىڭ ئىقىپ كەتكەن شولىسىلا قالىدۇ

‏ئىمىپىرىيلەر قۇرۇلار
‏چىگرالار سىزىلار
‏تەقدىر ئۇنتۇپ قالغان بوشلۇقنى
‏ھاكىميەت بەلگىلەپ تولدۇرار
‏بىنالار چىقىلار
‏كۆۋرۈك سىلىنار
‏مەنىسىز تەكرالىققا قۇل بولغان ئىنسان
‏ئۆلگىچە ئادەمدىن زىمىن تالىشار
‏ئەۋلىياغا ئايلىنىپ كەتمەي
‏ئىتقا ئوخشاش قورساقنى باقار
‏كىمنى ئىلىش
‏كىمگە تىگىش ئەمەس ئىختىيار
‏ئەركىنلىگىنى يوقاتقان ئىنسانىيەت
‏خۇددى يوقاتقان ئەسەبى نىيەت
‏گۈللەرگە ئالدىنىپ مەسىتخۇش بۇلىدۇ
‏باسقۇنچىلىق ئارزۇسىنى
‏ئەتىر ھىدىغا ياكى ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىگە دۆڭگەيدۇ


ئۈرۈمچى قەپەزدۇر خالاپ كىرىسەن

‏ئۈرۈمچى قەپەزدۇر باغرىدا بوستان ،
‏قۇل سەنكى ھەممىسى كۆرىنەر سۇلتان ،
‏كۈندۈزى كۆزۈڭنىڭ يىغىنى يىگەن ،
‏گۈزەللەر ئالۋۇندۇر كەيمىگەن ئىشتان .

‏كەڭ دەيسەن باغرىنى دەسلەپ كۆرگەندە ،
‏دۆڭكۈۋرۇك ئۇيغۇرغا تەئەللۇق ماكان ،
‏تۇڭىسەن يازدىمۇ غىرىپلىق بىلەن ،
‏تەپتىنى بەرمەيدۇ سەن كۆرگەن گۈلخان .

‏بىر شەھەر ساڭا خاس بىلىنەر بەزەن ،
‏كۆرىنەر قىرىنداش كۆزگە بارچە جان ،
‏ئىشەنسەڭ ئالدايدۇ ھاۋاسى ھەتتا ،
‏ئىنسان يوق بۇ يەرنىڭ تىلىنى ئۇققان ،

‏ئالدىرماي سىڭىشىپ قالىسەن تىخى ،
‏ئىپتىخار قەلبىڭدە تۇغىدۇ چولپان ،
‏مىڭ غەمنى يەلكەڭگە ئالىسەن تۇيماي ،
‏ئىككى پۇت بىر ئۆتۈكتە كىچەر قان-قىيان .

‏قارىساڭ ئادالەت ھىممەت بۇ يەردە ،
‏بىلمەيسەن نىمىلەر كۆڭلۈڭنى ئۇتقان ،
‏ئادەملىك ئابرۇيۇڭ قىممەت بۇ يەردە ،
‏مۇساپىر ھەم يەرلىك گۈلسايدا تۇققان .

‏تۇزى بەك ئىغىردۇر ياشىغان بىلەر ،
‏كىلىش بار كىتىش يوق بولما بىگۇمان ،
‏چىقىلار بىنالار يەنە سىلىنار ،
ئۈلىسەن ياشاشقا تاپالماي ئىمكان .

باللىغىم

‏ئۇزۇن تۈنلەردىن سۇغۇرلۇپ چىقىپ -
‏سەھەرنىڭ باغرىغا سىڭىپ كىتەتتىم .
‏قاتمىغان ئەرلىكنىڭ بوسۇغىسدا ،
‏كىكەچ غۇنچىلارنى سۈيۈپ قاچاتتىم ،

‏چىچەكلىگەن سۈگەت تاللاردىن ،
‏تاج ياساپ خانىشىمغا تاقاپ قوياتتىم .
‏توپىلارنى تۈرتۈپ ئۆي ياساپ
‏نەچچە قىزنى خوتۇن قىلاتتىم ،

تەككەنلىرى تويۇپ خۇيۇمدىن ،
‏تەگمىگەنلەر ئارماندا ئىدى ،
‏ھازازۇلى بوغسا گىلىمنى
سۈرتەر ئىدى بىرى يىشىمنى .

‏كىيىم كىيىش سەلتەنەت ئىدى ،
‏لاي سۇلاردا تەڭ ئۈزەر ئىدۇق ،
كىسەك بىلەن ئۆينى تەڭ سىلىپ ،
‏ئاجراشقاندا تەڭ بۇزار ئىدۇق .

‏ئۆتى ئۆچكەن تونۇر بىشىدا ،
‏ئىسستاتتۇق قوللار مۇزلىسا ،
‏قۇچاقلىشىپ ئوت ئاتەش بۇلۇپ ،
‏تەڭ يىغلايتتۇق قىزلار يىغلىسا .

‏بەلكىم مىھىر ساداقەتتۇر ئۇ ،
‏باللىققا شام چىراق بولغان ،
‏قايتىلانماس ئەپسانىدۇر ئۇ ،
‏شىرىن تاتلىق تۇيغۇغا تولغان .


‏سازەندە

‏‏يىنىك بىر تاۋۇشتىن ئايلىنىپ ئوتقا ،
‏يۈرەكنى تەۋرىتەر ئىكەن قوللىرىڭ ،
‏بارماقلار سۆزلەيدۇ جەلىپكار ھىكمەت ،
‏گۈل كەبى قىزىررار شۇ دەم چۆللىرىڭ .

‏چالىغىنە سازەندەم ئارام ئالايمەن ،
‏مۇڭلىرىڭ تەكىتىكە چۆكۈپ بىر مەرتەم ،
‏غىرىپقا ئايلىنىپ جاھان كىزەيمەن ،
‏ئوتۇمدا گۈل كەبى ئېچىلسۇن سەنەم .

‏شاھ مەشرەپ چۆللىرى تۇتىيا بولسۇن ،
‏كۈيلەرنىڭ باغرىدا ئاققان ئاشىققا ،
‏ناۋايى باغلىرى باغرىغا ئالسۇن ،
‏قاقاس بىر كۈڭۈلگە ئۈنگەندە گىيا .

‏فارابى پەنجىسى ئوۋلىغان كۆكنى ،
‏پىغانغا گىرىپتار قىلما سەنمۇ ھەم ،
‏تاشۋاينىڭ تارىغا ھەغدا جىنىمنى ،
‏تەبىئەت باغرىغا ئالماسمۇ ئەركەم .

‏بىزارمەن دۇنيانىڭ مەئىشىتىدىن ،
‏توپىغا ئايلىنار تىنىم يايرىسۇن ،
‏چال قىنى سازەندە كۆزۈڭنى يۇمۇپ ،
‏ئۇندا دەرىت كۈڭلۈمدىن ئايرىلار بولسۇن .

‏خاك ئارا بۇلاقتەك تەلمۈرگەن كۆزۈم ،
‏شەبنەمگە ئۈگىتەر قانداق ياشاشنى ،
‏سەنئەتسىز ھاياتنىڭ بارلىغى زۇلۇم ،
‏ئۇنتۇسۇن كۆزلىرىم يىغلاشنى-ياشنى

‏بەخىتنىڭ بىكىتى
‏‏ ‏
‏سەلتەنەت سىماسى ئەمەستۇر بەلكىم ،
‏ھاجەتسىز ئۇنىڭغا پادىشاھ بۇلۇش ،
‏چوپاننىڭ كۆڭلىدە گۈلدەك ئىچىلار ،
‏نەي قىلىپ توغرالغان بىر غىرىچ قۇمۇش .

‏يالتىراق شۆھرەتلەر رەڭ بىرەلمەس ھەم ،
‏ھەشەمەت ھەيۋىتى كىرەكمەس ئەسلا ،
‏شاھزادە كۆزىگە جىندەك كۆرۈنۈپ ،
‏كۆيگەنلەر ئازمىدى جاڭگالدا تازغا .

‏ئاپتاپتەك مىھىرلەر دەريادۇر گويا ،
‏كۈڭۈلگە لىق كىلىپ قىيان ياسىغان ،
‏قۇشلارنىڭ مىننەتسىز خەندان ئۇرۇشى
‏ئاشىققا ئەڭ تاتلىق باھانە بولغان .

‏ئاشىقلار ھۆرلۈككە مۇھتاج شۇنچىلىك ،
‏تاج ئەمەس خۇشپۇراق گۈل بولسىلا بەس ،
‏ھەيۋەتلىك ئوردىلار قۇللۇقتىن نىشان ،
‏ساتمىدا ئەڭ شىرىن تەڭ ئالغان نەپەس .

‏گۆزەللىك بالاغەت چىرايدا تۇرسا ،
‏ھاجەتمۇ ئالتۇنغا مۇراجەت قىلىش ،
‏بارماقلار سۇمبۇلدەك ئۇز لىۋەن تۇرسا ،
‏كىرەكمۇ تىللاغا ئىلىپ -سىتىلىش .

‏قۇناغلىق ئاشىققا باغرىنى ئاچار ،
‏بۇغدايلار ئۇلارنىڭ ئەيپىنى ياپار ،
‏زىمىننى سىلىنچا قىلغان ئاشىقلار ،
‏تاش ياستۇق ھەققىدە قوشاقلار قاتار .

‏ئىت تۇرماس جەزىرە ئاشىق ئوردىسى ،
‏باياۋان قۇملۇقلار مۇڭلۇق تەرەھھۇم ،
‏راھەتنىڭ مىھرىگە سىتىلغان جانلار،
‏باي بۇلار سۆيگۈدىن ئەبەدى مەھرۇم .

بايلىق ھەم ھەشەمەت بەخىت بىرەلمەس ،
‏ئۆزىدىن ۋاز كەچكەن مەجنۇن -غىرىپقا ،
‏ئاسمانمۇ چىقىلىپ كىتەرمۇ چۇل-چۇل .
‏لەيلى بىر داچىغا ئۈزىنى ساتسا .

‏مۇھەببەت ئىنسانغا ئەڭ ئۇلۇغ تەلەپ ،
‏ئارتۇغى ئاشىقنىڭ بىشىنى يارار ،
‏سۆيگۈدىن ۋاز كىچىپ دۇنيا ئىزدىگەن ،
‏دۇنيادىن قۇتۇلۇپ سۆيگۈگە بارار .

‏يىڭى كۈن

‏‏قوياش ھارارىتىدە ئويغانغان جانلار ،
‏ئۈزىنى قۇچاقلاپ دەيدۇ ئەسسالام .
‏ھاياتنى ئۈزىدەك سۆيگەن جانانلار ،
‏بىلدۇرەر چىھرىگە چەكسىز ئىھتىرام .

‏يوقالسۇن دىلىڭدىن ئەي ئاجىز ئىنسان ،
‏تۈنۈگۈن سوۋغىسى غەشلىك ئەلەملەر ،
‏يىڭى كۈن باشلاندى دىللار يۇيۇنسۇن
‏مىھىرلىك سۆيگۈدە قاشى قەلەملەر .

‏ھاياتنى باغ دىسەڭ گۈللەر پۇرايدۇ ،
‏گۈل دىگەن يۈرەكنى ياشناتقان پۇراق .
‏ئازاپ دەپ دەردىڭگە چۆكسەڭ كېچىچە ،
‏قوياشلىق سامادىن زىندان ياخشىراق .

‏ئاشىغلىق دەرىت ئەلەم پىغان كەلگۈلۈك ،
‏ئامەتتۇر چىڭ سۈيۈپ قوچاقلا ئۇنى ،
‏ياشاشنى بىلمىگەن غاپىل ناداننىڭ ،
‏ھەسرەتتە تىنىمسىز تۆكۈلەر يىشى .

‏ھايات ۋە سۆيگۈگە قۇربانلىق بەرمەي
‏بەخىتكە ئىرىشىش قانداق پەلسەپە ؟
‏بىر ئىنسان سۆيگۈنىڭ ئوتىدا يانماي
‏ياشاشمۇ ھاياتمۇ ئىيتقىن ئايبىكە ؟

‏دەرىت ئازاپ خۇشاللىق بىزگە غەنىمەت ،
‏كۈيىۋال ، سۈيىۋال ، ئوتتەك يىنىۋال ،
‏يۈز ئۆرۈپ ياشلىغىڭ كىتىشتىن ئاۋال .
‏سۆيگۈگە يىغلىۋال ، راسا قىنىۋال .


بىراۋغا كىرەكمەس پەندى -نەسھەت

‏قانچىلىك ئادەم سەن ئۈزۈڭنى قويۇپ ،
‏ئۆزگىگە قۇربانلىق بەرمەكچى بولغان ،
‏ئاناڭنى -بالاڭنى -غىمىڭنى قويۇپ ،
‏خىزىردەك غىرىپقا چۆلدە ئۇچىرىغان ،

‏ئۈزۈڭگە ئىشىنىپ ياشايسەن ئەمما ،
‏ئۆزگىدە يوقمىدۇ ئەقىل سەندىكى
‏سىنى ھەم باشقىنى ياراتقان ئاللاھ ،
جىق بەردىم ئەقىل دەپ كەلدىمۇ ۋەھى .

‏نام دىسە ئالدىدا يۈگۈرگىنىڭ راس ،
‏نەپ دىسە ئىتلىقنى قىلىسەن قىياس ،
‏ئۆلگە بول كاپىلداپ قالغىنىڭ بىكار ،
‏سۆز بىلەن يىتىلمەس ئىمان ۋە ئىخلاس .

‏ئىنساننىڭ قىنىدا ياشار ئىزگۈلۈك ،
‏لەنەتكە قالغايمەن دىمەيدۇ ھىچكىم ،
‏ئاۋازى بەك چىقسا ئىلىمى ئۈستۈن دەپ ،
ئىشەككە ئەرگىشىپ يۈرمەس ئەپەندىم .

‏ياراتقان ئىگەمنىڭ ھىكمىتى ئۇلۇغ ،
‏ئۇنىڭغا ئاياندۇر تەقدىرى قىسمەت ،
‏ئىمانلىق شەيتاننى يىڭىپ ياشايدۇ ،
‏كىرەكمەس ئۇنىڭغا پەندى نەسىھەت .

‏شىۋىتلار ئىنجىلنى كۆتۈرۈپ يۇرۇپ ،
‏قانچىلىك ئۇيغۇرنى ئازدۇرۇپ كەتتى ؟
‏قايغۇرما ياراتقام ئاللا ئىگەم بار ،
‏دۆتلۈكنىڭ خەنجىرى يۈرەككە يەتتى .

‏ئۈستىدە ئىگىمىز بىلەر ھەممىنى ،
‏بەس بولدى چاچراتما تۈكۈرۈكلىرىڭ ،
‏ئاڭلاشقا تاقەت يوق پۇتلار سەپەردە ،
‏قاراپ باق ئۈزۈڭگە ئادەممۇ يۈزۈڭ

مەجرۇھ خىياللار

‏تارىخقا نەزەر سال دەيدۇ بىر ئالىم ،
‏مەن دىدىم بارچىنى دىل بىلسە بولدى ،
‏تەۋپىقنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرگەن زامان ،
‏بۇ ئالەم شىھىت ھەم قەبىرىگە تولدى .

‏شەۋقىغا قانچىلىك ئىمتىياز بەرگەن ،
‏قارا خان تەختىنىڭ ئەزىز تۇپىرىغى ،
‏ئابدۇقادىر داموللام قەتلى قىلىنسا .
‏قايغۇردى قانچىلىك ئىمانلىق كىشى .

‏ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا قىلىچ ئۇرغانلار ،
‏نۇمۇستىن ئۆلدىمۇ بىلگەن يوق بىرى ،
‏مۇتەللىپ قىنىدا يىزىلغان شېئىر ،
‏يۇيغاندۇ كىملەرنىڭ كۆڭۈل كىرىنى .

‏سەلتەنەت دەۋرىنىڭ ئەركى بولغانلار ،
‏تەخىت دەپ ئاتىنى تىرىك سۇيغانلار ،
‏تاجىڭنىڭ ئىزى ھەم قىممەتلىرىڭنى ،
‏ئىزىڭنى بۈگۈنكى ئەۋلاتتىن سورا .

‏ئۇلۇغبىك ئوغلىنىڭ دەستىدىن سەرسان ،
‏بابۇرمۇ ۋەتەنسىز بولدى بىر زامان ،
‏تەخت دەپ مۇناپىق دوست مۇھەممەد .
‏ئانىسىنى ئۈزىگە نىكاھلاپ ئالغان .

‏ئۆزگىلەر دەردىنى تارىتماق قىينمەس ،
‏يەنىلا شېئىرىنى يازىدۇ فۇرقەت ،
‏بالىنىڭ قىلىچى ئاتىغا تەگسە ،
‏ئوقۇيدۇ ئۈزىنىڭ قىنىغا لەنەت


‏ھايات مەرغۇلى

‏دەريادەك ئۆركەشلەپ ئاققان قانلاردا ،
‏سەلتەنەت سىرلىرى بۇلىدۇ ئايان ،
‏تارىنىڭ دىل چەككەن مەغرۇر ساداسى ،
‏ئاپتاپتەك سۆيگۈمنى قىلىدۇ بايان .

‏سۆيىمەن ھاياتنىڭ ھەر مىنۇتىنى ،
‏ھىكمىتى مەپتۇنكار ماڭا مىھرىبان ،
‏يىلىكتەك ئاقىمەن مىھىرلەر ئارا ،
‏سۆيگۈسىز نە كىرەك ماڭا جان -جاھان .

‏ئارمانلار يىراقلاپ كەتكەن كۈنلەردە ،
‏ئۈتىمەن بوراندەك ئىزىنى بىسىپ ،
‏قىيالار بەستىدە ئارمان تاغلىرىم ،
‏ئوت بۇلۇپ يىنىشنى ئەتمەكتە نىسىپ .

‏ھاياتىم بەلگىسى دىلبەر ناۋالار ،
‏بوغۇلغان ئاۋازدا تەقدىر جەلىپكار ،
‏مەن سۆيگەن ئازاپتا ئۇيۇل تاش كەبى ،
‏مۇڭلانغان قەلبىمنى سۆزلەيدۇ ساتار .
‏‏مويسىپىت غايىگە ئەرگەشكىنىم راس ،
‏خىزىردەك بىر قامەت سۆزلەر ھىكايە ،
‏دۇنيانىڭ ئەڭ سىخى رىئاللىغىدە ،
‏ئالتۇن بەت پۈتمەكتە بۇلۇپ ئەپسانە .

‏سەۋدا

‏قىسمىتىم يۈرەككە تىققاندا پىچاق ،
‏ئامالسىز قان بىلەن ئاچىمەن قۇچاق ،
‏تەقدىرىم زورلىغان زەھەرنى يۇتۇپ ،
‏ئۈلۈمنى كۈتىمەن ئۇزاقتىن ئۇزاق .

‏غىرىپلىق ئىلكىدە مۇھەببەت بىلەن ،
‏ئەتراپقا قارايمەن كۆزلىرىم مىسكىن ،
‏يىنىمدا ھىچكىم يوق جىنىمدىن بۈلەك ،
‏ئىنسان يوق ئۈزۈمدەك ئۈزۈمگە يىقىن .

‏ھىچكىمدىن ھىچنىمە كۈتمىدىم مەغرۇر ،
‏مۇشاقەت كەلگەندە ئۈزۈم پاسىبان ،
‏يامغۇرغا تىك تۇرغان باشلىرىم كۆكتە ،
‏ئۈزىگە بۇلىدۇ ئۈزىلا قالقان .

‏ئۆلپەتلەر شىرەدە مەي بىلەن تۇققان ،
‏يۈرىگى تونىماس ھەرگىز ئۆزھالنى ،
‏كۈيلىرىم ھاجىتى تاماققا يانداش ،
‏ھىچكىمگە ئارىتمايمەن دەردىم-غىمىمنى .

‏بىر ئىنسان ھاجەتكار بولسا ئالدىمدا ،
‏پۇت قېلىپ بىشىمدا قىلاي خىزمىتىم ،
‏نامەرىتلەر ئاڭلىغىن بۇ بۈيۈك جاكار ،
‏ئىنسانلىق قېممىتىم كەڭرى ھىممىتىم ،

‏ۋەتىنىم

‏ئۆمىت باقسام ساماغا ،
‏يىزىلمىغان داستان كۆرىنەر ،
‏مىسكىنلىكتە باقسام تاغلارغا ،
‏باغرىدا گۈل رەيھان كۆرىنەر ،
‏ئىچىمگە باق ئەي باغرى قانلار ،
‏يۈرىگىمدە ۋەتەن كۆرىنەر .

‏قىلىچىنى كۆزىگە سۈرگەن ،
ۋىجدان بىلەن يىڭىنى تۈرگەن
‏تۇپراق تۇغماس ئەركەك دىگەننى،
‏ۋەتەن ئەردىن ئەركەك تىلىگەن ،
ۋەتەن ۋەسلى دىگەن ئارماننىڭ
‏تاغدەك قەددى قۇلدەك ئىگىلگەن

‏نەمخۇش باغرى تاشتىنمۇ قاتتىق ،
‏كۈيۈكىدە كۆيدى مىڭلاپ ئەر ،
‏قىنى بىلەن دەريا ياسىسا
‏ۋەتىنىگە قاچتى ئىسكەندەر
‏جەڭچىسىگە جاسارەت بىرىپ
‏نامەرىتلەردىن بىر جەسەت كۈتەر

‏مەن ياشايمەن ئانا تۇپراقتا .
‏كىچەلمىگەن مىھىرىم قانايدۇ ،
‏قەرزدارمەن باھارغا باغقا
‏كۈندە بىر خىل سۇئال سورايدۇ ،
‏ئىچىدە ياشايمەن ۋەتەن ئىچىمدە
ئاھ ۋەتەننىڭ ئارزۇ ئارمىنى
ھەر نەپەستە يولۇم تورايدۇ .

‏كۆك سامسىسى

‏رەسىدە بولغان قىزدەك نازغىنىپ ،
‏قوياش ئاچسا چۈمپەردىسىنى
‏شىۋىرغانلار چاقار ۋىژىلداپ ،
‏باش باھارنىڭ نازۇك لىۋىنى

‏ئاشىق بۇلۇپ ئاپتاپ مىھرىگە ،
‏يىڭناغۇچلار ئۇچسا بىمالال ،
‏خوشپۇراققا تولغان سەھرادا ،
‏تاتلىق لەۋگە ئەسىردۇر خىيال .

كىملەرگىدۇ سۈيۈلمەك بۇلۇپ ،
‏تولغىنىدۇ بىر قىز كېچىدە ،
‏سۆيگىنىگە سوۋغا قىلماق بوپ ،
‏بىدە تىرەر باھار چۈشىدە .

‏ئوچاقتىكى چوغدەك ھارارەت ،
‏ئوت ئەمەستۇر قىزنىڭ يۈرىگى ،
‏پىشىپ چىقار سۇلىرى ئىقىپ ،
‏كۆككە سىڭگەن مۇھەببەت مىھرى .

‏ئەجىر قىلىپ كۆيدۇرگەن قولدا ،
‏ئاجايىپ بىر سۆيگۈ پۈتىدۇ ،
‏كۆك سامسىسى يىگەن ئەركەكنىڭ ،
‏قىزسىز قانداق كۈنى ئۆتىدۇ .

‏يالاڭئاياق باللىلار بىلمەي ،
‏كۆك تىرىشنىڭ خاسيىتىنى ،
‏ئاچىسىغا ئەرگىشىپ چىقار ،
‏ئېقىتقانچە پوتلىلىرىنى .

‏چىت كۆينەكنىڭ ئىتەكلىرىگە ،
‏لىق تولغىنى بىدىمۇ خىيال ؟
‏بەلكىم بىدە تەرگەنسەن ماڭا
‏مەن يىنىڭدا يوقمەن ئايجامال .

‏شەھەر دىگەن ئاجايىپ بىر يەر ،
‏بىدە ئەمەس سۆيگۈ سېتىلار ،
‏كەڭرى دەيدۇ ھەممە شەھەرنى ،
‏لىكىن ماڭا پىيالىدىن تار

‏يولدىن ئۆتكۈچى

‏قوقاسقا ئايلانغان شەھەر كۆكسىدە ،
‏بىر قاداق سوزۇلۇپ مەغرۇر ياتىدۇ ،
‏ئۈچەيگە لىق تولغان ئىسنى كۆتۈرۈپ
‏بىر بوۋاي تىتىرىگەنچە ئاپتۇز كۈتىدۇ
‏كەلگىنى توختايدۇ كەتكىنى كىلەر
‏كۈنلىرى بىكەتتە شۇنداق ئۆتىدۇ

‏ھاياتلىق دەرىخى ئىگىلەر ھەر كۈن ،
‏يىلتىزنى باغاشلاپ ياتقان تۇپراققا ،
‏كۈتۈشلەر ھەر دىلدا ئۆزگىچە سىياق
‏مەڭگۈلۈك ئەركىنلىك ئوخشار قاماققا ،
‏نەپسىگە قۇل قىلىپ يارالغان ئىنسان
‏ساتىدۇ ئۈزىنى بىر ۋاخ تاماققا

‏غۇنچىلار چار ساقال بۇلاركۈتۈشتە ،
‏مۇقەددەس ئارزۇلار قىرىتار ئۇنى ،
‏لاي پاتقاق ئارىسىدا ياشاپ ئۆمىلەپ ،
‏سازاڭدەك ئۆتكۈزەر تۇغۇلغان كۈننى ،
‏ئۆمىتلەر تومۇرى ئۈزۈلگەن جايدا ،
‏قالىدۇ بىر ئۇلاق كۆڭۈل تۈگىنى ،

‏ھەممىز ئۆمىتتە يولدىن ئۆتكۈچى
‏ئوت پۈركۈپ ئەرزائىل كىلەر بەزىدە ،
‏جاھاننىڭ غەۋغاسى زۇلۇملىرىدىن
قۇتۇلۇش ‏نۆۋىتى كىلەر كىملەرگە
‏ياراتقان ئەمەستۇر ئىنسان ئۈزىنى
‏ھاياتنىڭ ھىممىتى سىردۇر ئىنسانغا
‏سۇئاللار تۇغۇلسا ئىلتىجا قىلغىن
‏ناھاتكى بۇ سىرنى ھەق ئىگەم بىلەر

بۇ زىمىندا

‏بۇ زىمىندا
‏كۈندە بىر رىۋايەت توقۇلىدۇ .
‏غازانلار چەيلەنگەن كەبى ،
‏مەڭگۈلۈك قىياسلارنىڭ باغرىدا قان ،
‏گۈگۈم دەرپەردىسىنى ئاچقان كۈنى
‏قەدىمقى رىمنىڭ ئەپسانىسمان رىئاللىغىدەك ،
‏چۈشىنىكسىز دۇرۇت ئوقۇلىدۇ
‏ئاشۇ رىۋايەت ئارلىغىدا بىر قانچە جان يوقۇلىدۇ .

‏ئېسسىق ئارماننى قۇچاقلىغان ئەر ،
‏ھورى چىقىپ تۇرغان ناننى بەلگە تۈگۈپ يول سۈپۈرمەكتە ،
‏يالغان تارىخ ئۇنتۇلدۇرغان ئۇنىڭ سەلتەنەتلىك ئۆتمۈشلىرىنى
‏بىز بەخىتلىك دەملەرگە قاراپ نەرە تارتىمىز .
‏سەھەردە باشلانغان چۈش كىچىگە ئۇلۇشۇپ ئاخىرلىشىدۇ ،

‏ئۇيغۇر چۆچەكلىرىگە بولغان چۈشەنچە ،
‏پادىچى تازنىڭ مەلىكىگە بولغان مۇھەببىتى ،
‏مەرگىمۇشقا ئوخشايدىغان رىئاللىق -
‏ئەڭ ئاخىرقى ئىمكانىيەت توخۇ قوردىقى بىلەن
‏ئاچچىق ھاراققا چىلانغان ھەسرەت
ئىلاجسىزلى ‏غەپلىتىدە كۈنلەر قان يۇتىدۇ .

‏قىلغىدەك ئىش قالمىدى

‏تاڭلار ئاتار تەكرار ۋە تەكرار ،
يەنە ‏ئىيتساق ناخشىلار كونا ،
‏زىرىكىشتىن بەزگەن لەۋلەردە ،
‏قالمايدۇ ھىچ سۈيۈشتىن ئىزنا ،

‏ئۈزۈن تۈنلەر باغرىدا ئارمان ،
‏چۈشلەر كىزەر جىن سۈرەتلىك قىز ،
‏ھاقارەت ۋە خورلۇققا قانماس ،
‏ئەپسانىدىن توقۇلغان ئىغىز ،

‏ھاياجانلار سوۋۇپ تۈگىدى ،
‏سۇغۇق ھەتتا تومۇردىكى قان ،
‏سۈكۈت باسقان قەدەھلەر ئۆزرە ،
‏ئۆز - ئۈزىدىن بەزمەكتە بۇ جان .

‏قاسماق باسقان دۇتار قارنىغا ،
‏تۈكۈلىدۇ ئازاپ رەتمۇ -رەت ،
‏دەز كەتكەن تاش پىيالىلەر
‏چۈشەنمەيدۇ نىمە ئۇ ھەسرەت .

‏ئىنتىلىشلەر سۇنار قاراسلاپ ،
‏رىئاللىقنىڭ مۇزدەك باغرىغا ،
‏بۇ ھاياتقا ئۆچمەنلىكلىرىم ،
‏ھەر كۈن زۇلۇم سالار جنىمغا ،

‏بولدى ساقى تەڭلىمە قەدەھ ،
‏بىزار بولدۇم جاندىن جاھاندىن ،
‏لىۋى گۈلدەك قىزلىرىڭ كەلسۇن ،
‏مەن شەبنەمگە ئايلىناي ئاندىن .

بىز ئىدۇق
‏‏‏
‏قىلىچلار قىلىچقا تەككەن سادادىن ،
‏چاقنىغان ئاۋاز ھەم نۇرلار بىز ئىدۇق ،
‏قۇللۇقتا ھالىدىن كەتكەن مايمۇنغا ،
‏ھاياتلىق يولىنى بەرگەن غۇز ئىدۇق .

‏جاھاننىڭ تەرتىۋى بىزدە تۈزۈلگەن ،
‏ئەبەدى بۇزۇلماس قارار بىز ئىدۇق ،
‏سىپىللار سالغۇزۇپ ھەيۋىسى بىلەن
‏چۈشلىرى جەڭلەرگە تەييار بىز ئىدۇق ،

‏تاشلار ھەم بالبالدا شۆھرەت سىماسى ،
‏ئۇلۇغلار ئىسمىنى ئويغان بىز ئىدۇق ،
‏سەلتەنەت -غۇرۇرنىڭ بۈيۈك سەيناسى ،
‏ناۋالار بەھرىدە كۆيگەن بىز ئىدۇق .

‏ئىگەممۇ شۇنداق بىر ۋەدە بەرگەنكەن ،
‏ئاللاھقا ئەڭ يىقىن تۇرغان بىز ئىدۇق .
‏قوشۇنۇم تۈركتۇر جاھان تىنجىتار ،
‏دىگەندە لەكمىڭ جان بولغان بىز ئىدۇق .

‏ئەپسانە ئەمەستۇر ئىيتقانلىرىم راس ،
‏غۇرۇردا تارىخنى پۈتكەن بىز ئىدۇق ،
‏قوياشتەك پارلىغان ئۆچەر بىر كۈنى ،
نۇر چىچىپ تاڭغا زوق بەرگەن بىز ئىدۇق

‏ھاراقكەش

‏قەدەھلەر چىھرىدە بۇزۇلغان چىراي ،
‏سۆزلەيدۇ مەڭگۈلۈك سۆيگۈ ھەققىدە ،
‏تىتىرىگەن ھاياجان ساماغا چۈشەر ،
‏ئەڭ بۇيۇك ئارمانلار سەلتەنىتىدە .

‏ئۈزىدىن ۋاز كىچەر ئالدامچى بەخىت ،
‏مۇز كەبى رىئاللىق تۇرار جىلمىيىپ ،
‏شەيتاننىڭ كۈيلىرى تومۇردا ئاقار ،
‏تەكتىدە باش تۇرار چەتكە قىڭغىيىپ .

‏قەسەملەر سىخىدۇر ئالتە رۇمكىدا ،
‏سەمىمى كۈڭۈللەر ئاچىدۇ قۇچاق ،
‏خۇمرىغا تەڭداشتۇر قىزلار كۈلكىسى ،
‏ئۇسۇلغا چۈشكىنى كىمدۇر يالاڭياق .

خوشھاللىق بەدەننى سالار لەرزىگە ،
‏سۈكۈتنى ئۇنتۇغان دۇنيا ئالدىدا ،
‏ئەقىلدىن ئاداشماق ئەڭ بۈيۈك بەخىت ،
‏مىڭ يىللىق سۈكۈتنىڭ ئىللىق باغرىدا .

‏ئۆزھال كەلدىلەر
‏‏
‏‏بىر كۆرسىتىڭ پەرۋازىڭىزنى ،
‏كەڭرى ئىچىڭ دەرۋازىڭىزنى ،
‏ئاڭلاش ئۈچۈن ئاۋازىڭىزنى ،
‏يانىڭىزغا ئۆزھال كەلدىلەر .

‏دىلى سۇنۇق ئاۋازى بوغۇق ،
‏چىھرى ئاپتاپ قوياشتەك تولۇق ،
‏ئارمانلىرى كەلكۈندىن ئۇلۇق
‏شەھرىڭىزگە ئۆزھال كەلدىلەر ،

‏مەرىت پالۋاندەك قامىتى بىلەن ،
‏بەختى بىلەن ئامىتى بىلەن ،
‏كۈيلەر قاتار ھالىتى بىلەن ،
‏خانىڭىزگە ئۆزھال كەلدىلەر .

‏يۈرىگىدە ئارمان چاقنىغان ،
‏ھەسرەتلەرگە ئۈزى پاتمىغان ،
‏كىچىدۇركى ئۇ تاڭ ئاتمىغان .
‏سەھرىڭىزگە ئۆزھال كەلدىلەر .

‏قوللىرىدا دۇتار تەنبۇرى ،
‏ئاشكارىدۇر دوستىغا سىرى ،
‏سەنئەت ئۈچۈن يارالغان تىلى .
‏بۇ دۇنياغا ئۆزھال كەلدىلەر .

‏ئوغلۇم پۇراپ تۇرغان ئۆيلىرىم

‏يىنىپ تۇرار ھايات چىرىغىم ،
‏گەر خانەمدىن ئۆچسىمۇ ئىزىم ،
‏قوشۇلىدۇ ھىدىغا -ھىدىم ،
‏ئوغلۇم پۇراپ تۇرغان ئۇيلىرىم .

‏يىغىن زالى ئەمەس بۇ ھەيۋەت ،
‏ئادالەت دەپ سۈرگەن سەلتەنەت ،
‏باغرىمغىلا ئوخشايدۇ قەۋەت ،
‏ئوغلۇم پۇراپ تۇرغان ئۆيلىرىم .

‏ئالىم بۇلۇش ۋەزىپىسى يوق ،
‏تاپشۇرۇقنى ئىشلەيدۇ تولۇق ،
‏ئوينا دەيمەن تاشلا كىتاپنى ،
‏يۈرگۈزمەيمەن باشلىقتەك ھوقۇق،
‏ئوغلۇم پۇراپ تۇرغان ئۆيلىرىم .

‏قالايمىقان بولسا كۈپايە ،
‏ھىرىش -چارچاش تاشلىسا سايە ،
‏ئۇخلىسىمۇ مەيلى شىرەدە ،
‏ئوغلۇم پۇراپ تۇرغان ئۆيلىرىم .

‏بىرەلمەيمەن ئۇنىڭغا ۋەتەن ،
‏ئاجىز-جانمەن يىگانە بىر تەن ،
‏جان ھۇزۇرى سۈرىدۇ بەدەن ،
‏ئوغلۇم پۇراپ تۇرغان ئۆيلىرىم .

‏يۈگرە چاپقىن ئۈزۈڭنىڭ ئۈيى ،
‏تۇتسۇن باتناپ خوشنىنىڭ خويى ،
‏بىلسەڭ ھەر كۈن ئاتاڭنىڭ تويى ،
‏ئوغلۇم پۇراپ تۇرغان ئۆيلىرىم .


ئايال


‏سەن شىرىن دۈشمەن سەن جانغا چاپلاشقان ،
‏بۇ ھايات سىنىڭسىز بۇلالماس پۈتۈن .
‏ئىنتىلىش لەۋزىدە جۇغۇلدايدۇ تەن ،
سورىما كۆيۈكنىڭ سەۋەبى نىچۈن .

‏باغرىدا ئەزىزلەپ سۈيۈلسە ئايال ،
‏سۇ كەبى يۇمشاقتۇر ئۇنىڭ بارلىغى ،
‏ئالداش ھەم خورلۇقنىڭ سىتەملىرىدە ،
‏زەھەرگە ئايلىنار ھەسەل-باللىرى ،

‏سۈيۈشلا كىرەكتۇر سىنى ئەي ئايال ،
‏تەربىيلەپ چىقتۇق بىز سىنى تاش يۈرەك ،
ساداقەت قەبىرىسى كۈمۈلگەن يەردىن .
‏نىمىلەر ئۈنمەكچى ھەسرەتتىن بىلەك .

‏باھارنىڭ لەۋزىدە شۇنداق بىر كۈن بار

‏ئىنسانلار بىكىتكەن ئۆلچەملەر بىكار ،
‏ئاللاھىم ياراتقان تەقدىر ئالدىدا ،
‏دەرىتلەردىن نەپەسلەر كۈچ قۇۋەت ئالار
‏ھەسرەتلىك باققاندەك قۇشلار باھارغا .

‏تاغلاردىن ئىزدىدىم مەغرۇرلىغىمنى ،
‏ھەيۋەتلىك قىيالار سۈكۈت ئىچىدە ،
‏كۈلكىگە زورلىدىم سۇنۇق چىھرىمنى ،
‏ئاخىرقى ئۈمىتتە يىزىپ قەسىدە .

‏ھىچكىمدىن رەنجىش يوق قىلىمەن قەسەم ،
‏ئۇيغۇرلۇق شەۋكىتى ئامالسىز تاللاش ،
‏ھاقارەت خورلۇقنى ھاپاچلاپ يۈرگەن ،
‏ئوغلۈمنىڭ كۈزىدە پارلار تامچە ياش .

‏باھارنىڭ لەۋزىدە شۇنداق بىر كۈن بار ،
‏قەلىب قورغانىغا ئوت كىتەر چوقۇم ،
‏قوياشتەك بىقىندى بولمىسا دۇنيا ،
‏قايتىدىن ئەسلىنەر دەرىت دىگەن ئۇقۇم .


36 ياش

‏قىرىققا كىرگەن ئەرلەر ،
‏شىرغا ئوخشاش ھوۋلايمىش ،
‏ياكى ئەرلىكنىڭ يۈكسەكلىگىدە ،
‏كۈچ قۇۋىتىنى كۆز -كۆز قىلىپ توۋلايمىش .

‏مەن رىئاللىق بىلەن نۇمۇس ئوتتۇرسىدا ،
‏ئۈزۈم بىلەن ئۈزۈم جەڭ قىلدىم ،
‏ئىككى تەرەپ بۇلۇپ ئاخىرى -
‏ئۈزۈمنى ئۈزۈمگە تەڭ قىلدىم .

‏ياش پەرقىچە بولسا ئەگەردە ،
‏تۈمۈر خەلپە مىنى ئاغا دەپ چاقىراتتى ،
‏ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
چاي قۇيغاچ دۇتارىمغا قۇلاق سالاتتى
‏لۇتپۇللا مۇتەللىپ تىياتىردىن دەرىس ئالاتتى
‏ئۆزھال كەپتۇ دىسە ئىلىغا بەلكىم
‏ئەخمەتجان قاسىم يوقلاپ كىلەتتى .

‏ئۈزۈم خالىماي كىرگەن ياشتىن بۈلەك ،
‏نىمە بار مەندە قەھرىمانلار ئاكا دىگىدەك
بىمەنە خىياللار ئىلكىدە ياشاپ
‏ئوتتۇز ئالتىگە كىردى بىر گۈدەك .

‏پۇرۇخ ھىدىنى پۇراپ باقماي ،
‏تورۇق ئاتقا مىنىپ باقماي
‏ئۇلاردەك پىيادە جەڭگە كىرىپ باقماي
‏بۇ ياشقا كىردىم ھالىمغا باقماي

‏تۈرك چىيىنىڭ ئاچچىق تەمى ،
‏مىنىڭ ئەسلىمىلىرىمنى ئەسكە سالىدۇ ،
‏پۇشايمان ياكى ئىپىخارلىنىشنى بىلمىگەن تۇيغۇم
‏رىئاللىقنى ئىتىراپ قىلىشقا قىستايدۇ ،
‏چوكانلارنىڭ قاغجىرىغان ياۋا كۈلكىسى
‏رەت قىلىنغان ئارماننىڭ نىمىلىگىنى پىچىرلايدۇ

‏ئوتتۇز ئالتە ياش بۈگۈن كىچىچە ،
‏ماڭا يىڭى قىسسە سۆزلەيدۇ .




‏بۇ دۇنيا ئەسلىدە ئىشكىسز ئۆيدۈر

‏مىھىرگە ئىنتىلگەن قەلىبلەر تويماس ،
سۆيگۈنى تونۇتقان ئوتلۇق لەۋلەرگە ،
‏ئۈزىنىڭ پارچىلاپ ھەسرەتكە چۈمەر ،
‏سۆيگۈگە قانمىغان قاشى قەلەملەر .

‏ھىچكىشى مەنزىلنى بىلمەيدۇ تامام ،
‏مەجبۇردۇر يولىنى ئىتىشكە داۋام ،
‏دىللارغا پاتمىغان ئازاپ كەلكۈنى ،
‏ئايرىيدۇ ئامالسىز كۆزلەردىن تارام .

‏ئىزىلگەن ياپراقلار مۇزلىغان زىمىن ،
‏تۇمانغا ۋاقىتلىق قۇل بولغان ئاسمان ،
‏توڭلىغان بۇلاقلار كۆز ئاچار بىر كۈن ،
‏گۈللەرگە تولىدۇ باغلار بىگۈمان .

‏بۇ دۇنيا ئەسلىدە ئىشىكسىز ئۆيدۈر ،
‏كىلىپ كىتەركەن شاھ ۋە گادايلار ،
‏ھاياتتا  ھەممىز سۇلتاندۇرمىزكى
‏ئۈزىنى قۇل بىلەر روھى گادايلار ،

‏ئۈزۈڭنى سەزگىنىڭ ئۈزۈڭگە تالىق ،
ھاتەممۇ ئۈزىگە ئىگىلەر ئىكەن ،
‏بىر قەۋىم ئۈزىنى قۇتقازمىغىچە ،
‏مەن ئىگە بولمايمەن دىگەنكەن ئىگەم

‏ناخشا ئىيتىش

‏يۈرەكلەر ساماغا چۈشكەن قەدەمدە ،
‏نەپەسلەر ئوت بۇلۇپ كۆيدۈرەر تەننى ،
‏تومۇردا جۇش ئۇرۇپ كۆۋەجىگەن قان ،
‏ئايرىيدۇ ناخشىدا دوسنى دۈشمەننى .

‏بەدەنلەر ئېشىقتا كۈيەر لاۋىلداپ ،
‏ئەڭ ئاجىز نىرىپلا تۈزىلەر تاردەك ،
‏مۇز دەسسەپ كۈيلەردە ئاقار ئوتۇنچى ،
‏زىمىستان بىلىنەر شۇڭا باھاردەك .

‏ئەڭ شىرىن ناخشا ئىيتىلار ئۇزاق ،
‏دىللار سەمىمىيەتتىن ئالسا تاھارەت ،
‏كۈڭۈلمۇ- ئالتۇنمۇ سىتىلار ئىكەن ،
‏ناخشىلار سىتىلماس ئىزدەپ ھەقىقەت .

‏ئىغىزدىن چىققان كۈي قۇلاققا بارار ،
‏يۈرەكتىن چىققىنى يۈرەكنى يارار ،
‏قىلىچقا باش ئەگمەس شاھى سۇلتاننى ،
‏بىر ناخشا ئەل قىلار مەڭگۈ قۇل قىلار .

‏ھەقىقەت روھىدا پارلىغاچ دائىم ،
‏دۈشمىنى كۆپ بۇلۇپ كەلدى تارىختىن ،
‏نامەرىتنىڭ باغرىغا ئۇرغاندا قىلىچ ،
‏قۇل ئۈزمەك بولدى دىل ئالدامچىلىقتىن .

‏ئەڭ پاكىز قەلىبلەر ئىيتىدۇ ناخشا ،
‏ئارمانلىق چۈشلەرنىڭ باياۋانىدا ،
‏سەنئەتكار ئاتالماق قىيندۇر قىين ،
‏ئەڭ تىرەن پىكىرلەر خيابانىدا ،

‏ئۈرۈمچى

‏چىشلىرى قارىدىغان
‏چىرايى كۆكەرگەن
‏بەللىرى سۇنغان
‏قەددى مۇكچەيگەن
‏كوچىسى پاكىز
‏ئادىمى ئەخلەت
‏بارلىق دەرىت ئازاپ
‏تار كوچىدىكى ھاجەتخانىغا دۈملەنگەن

‏ئالتە كىشىلىك ئۆيدە
‏44 مىڭ ئادەم ياشايدۇ
‏بەللىرى زىدە تۇپراق
‏سۈكۈت ئىچىدە پۇشۇلدايدۇ

‏ئۈلۈم يىڭەلمەس
‏ئۈلۈپ يوقالماس
‏ئەجەلدىن ئۇزۇن
‏نەس باسقان چۈش
‏ئۈلۈمدەك سۈرۈلۈپ
‏ئۈلۈمدەك پۇراپ
‏ياشار بۇ يەردە

‏‏‏باھار ماڭا ۋەدە بەرگەن كىلىمەن دەپ
‏‏ ‏
‏تارام -تارام ئىقىنلاردا كۈلگىنىچە ،
‏لۆجىلەرنى قىرغاقلاردىن سۈزگىنىچە ،
‏يىلىك كەبى قوۋۇرغىدا ئۈزگىنىچە ،
‏باھار ماڭا ۋەدە قىلغان كىلىمەن دەپ.

‏چىچەك ئاچقان تال سۆگەتلەر گۇۋا ئىدى ،
‏كۈتمەك بولغان نىيەتلىرىم نىدا ئىدى ،
‏ئانىت ئىچكەن جىنىم شۇ دەم پىدا ئىدى
‏باھار ماڭا ۋەدە قىلغان كىلىمەن دەپ .

‏يار ئەترىنى بويۇندىغان نەپەس تالدى ،
‏ئۈمىتلىرىم يوللىرغا كۆۋرۈك سالدى ،
‏چىچەك -چوكان ئسمى تىلدا بىر ئاتالدى ،
‏باھار ماڭا ۋەدە بەرگەن كىلىمەن دەپ .

‏ئېسسىق شامال چىھرىسىدە ئارمانلىرىم ،
‏غۇنچە بەرگى لەۋلىرىدە مەن گۈللىدىم ،
‏شەبنەم بۇلۇپ بىر دۇئانى قايتىلىدىم ،
‏باھار ماڭا ۋەدە بەرگەن كىلىمەن دەپ .

باھار ئىزدەپ كەزدىم تاغلارنى

‏ئىچىمدە ئۆكسىگەن ھەسرەتنى تاشلاپ ،
‏كەتكۈم بار قەدىمى ئالتە شەھەرگە ،
‏ياشىسام بىر نەپەس باھارنى پۇراپ ،
‏گۈل بۇلۇپ ئىچىلسام يارنىڭ كۆكسىدە .

ئۇزاققا سوزۇلغان ھىجران ناخشىسى ،
‏مۇغەننى قەلبىنى ئەيلەيدۇ زىدە ،
‏ھاياتنىڭ خوۋلۇقى مۇقەددەس خورلۇق
‏مەن ياشقا ئايلاندىم مىسكىن قەلىپتە .

‏ساقلىدىم كەلمىدى مەن كۈتكەن باھار ،
‏تاغلاردىن ئىزلىدىم كاككۇك ئۈنىنى ،
‏بىغى يوق شەھەرگە قۇل بولغىنىم راس ،
‏كىم بىلەر ھەسرەتلىك تېنىقلىرىمنى ،

‏يار باھار باھار يار ھەممىسىلا يوق ،
‏يار بىلمەس باھارنى سىېغىنغىنىمنى .



‏‏كۆلگە سۆزلەش
‏‏‏
‏كۆپكۆك مۇز كائىنات بىلەن رەڭ تالاشقاندا ،
‏سۇ يۇمشاق كۆكسىنى تۇپراققا ياققاندا ،
‏تىكەنلەر ئۆزىگە سۆزلەيدۇ
‏قۇمۇشلار نازغىنىپ ئەتراپقا باققاندا ،
‏ئۆزھال بۆرىدەك ھوۋلايدۇ
‏ۋەتەن پىنھاندا مۇزدەك قاتقاندا ،

‏تىكەنلەر تاپاننى چۈشىگەنچە ئاپتاپقا يەم بۇلىدۇ ،
‏شاماللار ئەڭ پىنھان جايلارغا ئۇزاپ كىتىدۇ ،
‏مۇزلار ئىرىپ كۆلگە قۇيۇلىدۇ ،
‏شۇ چاغدا بىر جانلىق ئۆلگەندەك تۇيۇلىدۇ ،
‏ھاياتلىق باشلىنار ياكى باشلانماس
‏يەكشەنبە كۈنى تاڭ ئاتقاندا ،

‏مەن گۇناھسىز ئۆلگەن بىلىقلارنى كۆردۇم ،
‏ئۈلۈمنىڭ كەڭ يىيىلغان ئالقانلىرىنى سەزدىم ،
‏ئۈلۈمنىڭ يوشۇرۇن سەزگۈسى
‏ئىللىق ھارارىتى
‏ئىنسانىيەت قۇبۇل قىلغىلى ئۇنىمايدىغان رىئاللىق
‏ئەتراپىمنى يۈرەر ئايلىنىپ ،

‏مۇز بىلەن قىرغاق
‏سۇ بىلەن تۇپراق
‏ئەسلىدىنلا ئىدى قىرىنداش
‏كۆلگە سۆزلىدىم
‏قوللىرىمدا تاش ،
‏كۆزلىرىم قۇرۇق
‏يۈرىگىمدە ياش ،
‏مىنىڭ تارىتقان دەردىمگە
بىلىقلار ئۈلەر‏
‏بىرىمەن بەرداش

‏قەشقەر كېچىسى
‏‏ ‏
‏سۈكۈت ئىچىدە مەۋجۇت بۇ شەھەر ،
‏مەسلەر ھۆركىرىشىدە غىرىپتۇر ھىيتگاھ ،
‏نەپەسلەر ئىپتىداسىدا پىغانلىق بىر جان ،
‏سۇلايمان غارىدىن تاپمىغان پاناھ .

‏ئەرەپچە سۆز بىلەن ئىيتىلغان سالام ،
‏ئاۋازى بەھرىدە نازغىتار مۇقام ،
‏ئىتىقاد مەجبۇرلاش ئەمەستۇر بىلسەڭ ،
‏ۋاز كەچكىن« نەسىھەت»بۇ سۆزدىن ئۇكام .

‏قونالغۇ ھەممىگە ئەڭ ئىللىق ماكان ،
‏ماكانسىز ھاياتقا سالىدۇ سۈرەن ،
‏تەرتىپسىز ھاياتنىڭ خيابانىدا ،
‏ئۆزىگە سارغىيىپ كۆپىدۈ گۈرەن ،

‏نامازگاھ مۇقەددەدس باراىم  شۇ يول ،
‏خۇدادىن ئۆزگىگە باش ئۇرمايدىغان  ،
‏ئەقىدە -ئۇ يۈكسەك ھايات قەدرىدىن ،
‏ئەبەدى بازاردا سىتىلمايدىغان .

‏سالام قەشقەر

‏نىگاھىڭدا گۈللەر جىلۋىسى ،
‏تۇپرىغىڭدا ئەرتۇڭا ئىزى ،
‏ئىلاجسىز سۈرگۈندە ئۆلگەن ،
‏نوزۇگۈممۇ قەشقەردىن ئىدى .

‏سەلتەنەتلىق تارىخقا سەھنە ،
‏بۇلۇپ ئۆتكەن قەدىمى ماكان ،
‏ئابدۇقادىر داموللام بىلەن
‏شەۋقى باغرى سەندە قانىغان ،

‏تاشۋاي ياشار باغرىڭدا مەڭگۈ ،
‏ساڭا قانماي راۋاپنى چىلىپ ،
‏لەنەت ئوقۇپ خائىنلىرىڭغا ،
‏ئۈتۈپ كەتتىم ئۆكسۈپ -ئۈكۈنۈپ .

‏نو بىشىدا ئاققان جاراھەت ،
‏يۈرىگىمنى سالار لەرزىگە ،
‏ئۆستەڭ بويى ئامەت كوچىسى ،
‏ھەسرىتىگە قىلغان تەنتەنە ،

‏سالام قەشقەر ناتىۋان شەھەر ،
‏سەندە دەردىم يىغلايدۇ سەھەر ،

‏ھايات ھۈكىمى

‏‏بىز ئەڭ ئاخىرقى ھەسرەت چەككۈچى ئەمەس ،
‏پەقەت مۇڭلۇق ئىيتقان ناخشىمىز ،
‏بىز ئۈچۈن يەڭ تۈرگەن بىر ئەركەك ،
‏ئون بەش يىللىق كېسىلدى
‏تۈرمىدە تەڭ ياتالمىدۇق ،
‏سىيىت نوچىدەك ،
‏مۇھەممەت ناپىردەك
‏نىمشىھىتتەڭ ئۇنىڭ دەردىنى ،
‏قوشاققا قاتالمىدۇق
‏يا دەردىنى تاتالمىدۇق ،

‏بىز ھىچكىمنىڭ دۈشمىنى ئەمەس ،
‏ھەممە دۈشمەن كۆرگەن زاماندا ،
‏ھىچكىمگە ھەم دوس بۇلالمىدۇق ،
‏قەدەھ سۇنۇپ چۇل -چۇل ئارىدا ،

‏بىزگە ھىچكىم دەردىنى ئىيتمايدۇ ،
‏بىز تاشلارغا سۆزلەيمىز ئاستا ،
‏تام سالغىدەك پۇلىمىزمۇ يوق ،
‏كەچ بولدى ،
‏كىچە پەردە تارىتتى تالاغا ،

‏باشقىلارنىڭ شۆھىرىتىنىڭ بىزگە پايدىسى يوق ،
‏دەردىمىزنىڭ ھەم باشقىلار بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ،
‏ياشاشقا ھۈكۈم قىلىنغان جانلار ،
‏بۇ ھاياتتا تاپالماي قىلىق ،
‏ئۆز -ئۆزىنى سالار زىندانغا ،

‏ئۇيغۇر ناخشىچىلىغىدىكى  يىقىلماس ئابىدە  ئابدۇللا ئابدۇرىھىم

‏مەشرەپنىڭ چۆلىدە چوغ بۇلۇپ ياندىڭ ،
‏بۇغراخان ئىلىدە ھاپىز ئاتالدىڭ ،
‏ئىلاھى ئىشىقنى يۈرەككە تىڭىپ .
‏كۈيچىلەر تىنىدە يۈرەك سانالدىڭ .

‏ناخشاڭدا ھەيۋەتلىك قەسىرلەر سىلىپ ،
‏خەلقىڭگە بىر ئۆمۇر سالدىڭ داستىخان ،
‏ھۇزۇردا شاتلىنىپ كۆزىنى يۇمۇپ
‏گويا شاھ سۇلتانغا ئايلاندى دىھقان .

‏بىر ئەزىز مىھمانسەن ئۇيغۇر قەلبىگە ،
‏يوق سىنىڭ ئاۋازىڭ ياڭرىمىغان ئۆي  .
‏غەپلەتكە پاتقاننى تۈرتۈپ ئويغاتتى .
‏ئانىلار ھەققىدە  سەن كۈيلىگەن كۈي  .

‏چولپانلار تۇغۇلدى ھەر ھەپتىدە بىر ،
‏سەن يەتكەن  داۋان ھەم پەللە ئوخشىماس ،
‏ھاياتىڭ باغلىرى شۈنچىلىك رەڭدار .
‏بىر ئۇلۇغ  ئېقىنسەن مەڭگۈ توختىماس .

مىۋىسىز دەرەخكە تاش  ئاتماس ھىچكىم ،
‏غەيۋەتلەر قەلبىڭنى قىلمىسۇن يارا ،
‏بۇلاققا ئايلىنىپ كەتسۇن ئازابىڭ .
‏توختىما ناخشاڭنى ئىيتقىن ئابدۇللا  ،
‏‏
‏بۇ شېئىرىمنى 15 يىللىق  دىلكەش ،  ئاكا دوستۇم ئابدۇللا ئابدۇرىىمنىڭ  مەن تونۇغاندىن بىرى بولغان 22 يىللىق پارلاق سەنئەت ھاياتىغا بېغىشلايمەن
‏- راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال ‏

دوپپا بايرىمىغا بېغىشلايمەن

‏ ‏‏قوياشتەك پارلىغاي ھۆسنى بادام دوپپىىنى كەيگەندە
‏سالاپەت تاپتى ھەر ئۇيغۇر  بادام دوپپىنى كەيگەندە ،
‏ئانامنىڭ كىملىگى زاھىر ئۇنىڭ ئارىتقان رومالىدا.
ئاتام ئوغلانغا ئوخشايدۇ بادام دوپپىىنى كەيگەندە

‏قۇمۇلنى ئايلىنىپ چىقتىم بەھۇزۇر پاراغەتتە ،
‏قۇمۇل قەشقەرغە ئايلاندى بادام دوپپىنى كەيگەندە ،
‏پىچاندا بىر نۆۋەت توختاپ پەخىرلەندىم ئۇلۇغلاردىن
‏كۈزۈم كۆركىگە ئەل بولدى بادام دوپپىنى كەيگەندە ،

‏كۇچاغا بارسىڭىز توختاپ قالار ھەيرانە ھەر ئىنسان ،
‏كۇچا بىر ئەرگە ئايلاندى بادام دوپپىنى كەيگەندە ،
‏ئۈتۈپ ئاقسۇ يول ئالغان يىگىت چىللايدۇ ئارماننى
‏قەدىم بارچۇقتا دىل يايرار بادام دوپپىنى كەيگەندە ،

‏ئاتۇشنىڭ بازارىدا چىلىش چىللايدۇ مەرىتلەرنى ،
‏ساداقەت پىرلىرى پەيدە  بادام دوپپىنى كەيگەندە ،
‏قالار ھەيرانە ھەس قەشقەر ھىيتكاھتا يالاڭ باشتىن
‏شۇ كۇن ئۇيغۇرغا ئايلاندىم بادام دوپپىنى كەيگەندى ‏

تۆت يۇلتۇز

سائادەت جىڭىدە چاپچىغان تۇلپار ،
باغرىدا جۇدالىق ھوۋلىغان دۇتتار ،
جۇدۇندىن بالقىغان يالقۇنلۇق باھار ،
باتۇر كۆرەش مىزرات مۇرادىم .

كۈيلەرنىڭ كۆكسىدە گۈلدەك ئېچىلىپ ،
قاراڭغۇ سۈكۈتكە نۇردەك چېچىلىپ .
ھەسرىتا – بىۋاقىت كەتتىڭىز ئېقىپ ،
كۆرەش مۇرات باتۇر مىرزادىم .

ئارمانلىق دۇنياغا ئۆمىتلىك باققان ،
ھەر زامان ھەقىقەت ئىشگىنى قاققان ،
مىھنىتى ئۇيغۇرنىڭ كۆڭلىگە ياققان ،
مىرزات كۆرەش مۇرات باتۇرۇم .

كەتتىڭلار دەرىت بىلەن ئىگىلدى بىشىم ،
كۆز ئەمەس يۈرەكتىن ئاقتى قان - يىشم  ،
يۈز كىلىش سىلەرگە ئەمدى تەشۋىشىم ،
مۇرات باتۇر مىرزات كۆرىشىم .

ياپراق ئەمەس روھىڭ پەرۋازى

پىغانلىق چۈللەردىن ئۆنگەن يۇلغۇنسەن ،
قوياشقا كۆكسىنى قاقلاپ ياشىغان ،
چىنارسەنكى يىلتىزىڭ ئەلدە
ئەسىرلەرگە سايە تاشلىغان ،

ئانا يۇرىتنىڭ گۇناھكارىسەن ،
قاماقخانا  سىنىڭ پاناھىڭ ،
زەي تۈرمىگە بولغاندا بەندە
بۇلبۇل كەبى خەندان ئۇراردىڭ

سەن قانمىغان يىگىتلىك مىراس ،
غۇرۇر سۈيىدە يۇيۇنغانلارغا ،
ئەركە شامال پۈتتى ئېسمىڭنى
ئەبەدىيلىك مەغرۇر قىياغا  .

نۇرسەن بەلكىم روھىڭ قاناتلىق ،
بۇ خانداننى تامام يورۇتقان .
تىرىكلىگىڭ نامەرىتكە زۇلۇم
بىر شىر سەنكى ئۇيقۇدا ياتقان .

سەرگەردان

تۇپراقتىن يارالدىم تۇپراققا ياندىم
دۇنيا بىر بىرىگە تۇتاشقان كوچا
ھەممىدىن بىر يولى ئايرىلىپ قالسام
كائىنات تۈنلەردە بولدى يىپىنچا

ئاچلىقنى غەنىمەت بىلدىم چۆللەردە
غەملىرىم دەستىدىن كۈلدۇم چۈللەردە
ھاياتمەن ۋە لىكىن يالغۇزلىغىم راس
مىڭ قىتىم تىرىلىپ ئۆلدۇم چۆللەردە

مىنى چۇشەنگەنلەر مەجنۇن بۇ دىسۇن
سۆيگۈ دەپ ۋاقىتسىز ئۆلدى بۇ دىسۇن
ھاياتنى چۇشىنىپ مەنىگە يەتسە
شۇ دەمدە بەخىتكە چۈمۈلدى دىسۇن

ئانا تىل

سەن بىلەن ئوقۇدۇم تۇنجى قۇرئاننى ،
سەن بىلەن ئورناتتىم دىلغا ئىماننى ،
مەزمۇتتۇر مىللەتنىڭ ھايات قورغانى
جاندىنمۇ ئەزىز سەن بىزگە ئانا تىل .

سەن بىلەن سەلتەنەت سۈرگەن سۇلتانلار .
سەن بىلەن تونۇلغان ئەلگە چولپانلار ،
سەن بىلەن قۇت تاپتى يىتۈك ئالىملار
جان زوقى كۈلكەمدۇر مەڭگۇ ئانا تىل .

سەن بىلەن قۇدىرىتىم نىشانىم مىنىڭ ،
سەن بىلەن مەنزىلىم ئارمانىم مىنىڭ ،
سەن بىلەن يۈكسەكتە ئىمكانىم مىنىڭ
قۇت تاپار يوقالماس مەڭگۇ ئانا تىل .

ئوغۇزخان ئۇيغۇر دەپ سالغاندا چوقان ،
سەن بىلەن غالىپلار سۈرگەنتى دەۋران .
قەدىرلەپ مەڭگۇلۇك شىرىنلىگىڭنى
ئادالەت شەمشىرى بولغان ھۈكۈمران ،

مەھمۇد كاشغەرىي سۆيگەن تىل ئىدى ،
نەۋائىي شۆھرىتى سەن بىلەن ئىدى ،
فارابى خاس ھاجىپ باغرىغا باسقان ،
مەشرەپكە چۆللەردە ھەمرا تىل ئىدى .

ئانا تىل مىھرىبان ئانامنىڭ تىلى ،
چىكەمدە سەن بىلەن مەۋجۇتلۇق گۈلى ،
دۈشمەننىڭ قەستىدە ئۆلسەم مەن ئۈلەي ،
ئىلاھا ئاسىرىغىن ئۇيغۇر تىلىمنى .

دۇنياغا كەلمىگىم تىل بىلەن بولدى ،
مەھشەردە تۇرىمىقىم تىل بىلەن بولدى ،
تىرىكلىك قىممتىم يوقتۇر سىنىڭسىز ،
دەيمەنكى ئۇيغۇرنىڭ تامامى ئۆلدى ،

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 10:01:46

ئالدىراشلىق سەۋەبىدىن بەزى شېئىرلارنى رەتلەپ بۇلۇشقا ئىمكان بولماي قالدى . قايتىلىنىپ كەتكەن يەرلىرى بولسا تاشلىۋىتىپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۆمىت قىلىمەن . بۇ يىل باھارنىڭ ماڭا بەرگەن زوقى ۋە ھىسياتى مۇشۇنچىلىك . يەنە ئىلھام كىلىپ يىزىپ قالسام ئاخىرىغا داۋاملىق يوللايمەن . ھەممىز تېلېفۇن بىلەن ، ئۈندىدار بىلەن ھەپلىشىپ قالغان سەۋەپلەر ۋە خىزمەتنىڭ جىددىلىگى تۈپەيلىدىن تورغا بۇرۇنقىدەك كۆپ چىقىدىغان شارائىت  بولمسىمۇ لىكىن ھەر ھالدا ھايات نەپەسلىرىمىزدىن يىقىن يورۇقلارنى خەۋەردار قىلىشنى قەرىز ھىساپلاپ يىقىندىن بىرى يازغان بارلىق شېئىرلارنى كاللىمىشاڭ ھالدا تۆكمە قلىۋەتتىم ،

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 12:32:10

يۈرەك تىڭشاش

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏تىنىق بىر دەريا ئۇ سۈكۈتتە ئاڭلا ،
‏جەڭگاھنىڭ ساداسى قالىدۇ ھەيران ،
‏مىڭ ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىللار ھەرگىز ،
‏ئۆزىنىڭ قەلبىنى تىڭشاپ باقمىغان .

‏ئايالدۇر ئەركەكنىڭ باش قويار جايى ،
‏كۆكسىدە كۆڭۈللەر ئالىدۇ ئارام .
‏يۈرەكنى تىڭشاشنى بىلمىسەڭ ئەگەر ،
‏ھايۋانات بىغىدا سەن كەيىپكە رام .

‏سەلتەنەت كىرەكمەس ماڭا بۇرادەر ،
‏ماختاشتىن سەمىمى تىللىغان ئەۋزەل،
‏قويغىنا جاھاننىڭ قاسماق مىھرىنى .
‏غەم بىلەن تەشۋىشىڭ بولامدىكەن ھەل

‏نەقەدەر ھۇزۇر ھە ئەرنىڭ تەختىدە ،
‏زوق ئىلىپ بىر نەپەس ئەردەك ياشىماق ،
‏ھالاۋەت شۇدۇركى بىلگىن ئەزىزىم .
‏ئازاپتۇر ھاياتتا يىگانە قالماق .

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 10:36:53


مەن سەزدىم

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

مەن تەنبۇر چىلىشنى ئون يەتتە ياشتا ئۈگەنگەن .
‏سازنى پەقەت ئۈزۈمنى خوش قىلىش ئۈچۈن چالاتتىم .
‏كىين بىر دوستۇم ماڭا سىنىڭ قولۇڭ مىللەتنىڭ قولى دىدى ،
‏لىكىن مەن مىللەتكە قول بۇلۇپ ھىچ ئىش قىلالمىدىم ،
‏كىين مەن شائىر بولماقچى بولدۇم ،
‏شېئىر يىزىپ مىللەتكە نەسىھەت قىلماقچى بولدۇم ،
‏ھىكايە يىزىپ نادانلىقنى
‏قالاغلىقنى
‏بىپەرۋالىقنى
‏تۈگەتمەكچى بولدۇم
‏بىراق بىرى ماڭا
‏ھىكايە يىزىپ ھىچ ئىش قىلغىلى بولمايدۇ
‏ھىچكىمنى قۇتقۇزغىلى بولمايدۇ دىدى
‏مىنىڭ نەسىھەتلىرىمنى ھىچكىم ئاڭلىماسمىش ،
‏شېئىرلىرىمنى ھىچكىم ئوقۇماسمىش
‏مەن ئۆمىتسىزلەندىم ،
نەسىھىتىمنى ھىچكىم ئاڭلىمايدىغانلىغىنى سەزگەن چىغىمدا قەلەمنى دەسسەپ چەيلىۋىتىپ يىزىشتىن ۋاز كەچمەكچى بولدۇم ،
‏مەن ئۇلۇغ ئادەم بولماقچى ئىدىم
‏لىكىن ئۇلۇغلارنىڭ تايىنى يوق تۇترۇقسىزلىغى مىنى ئادەتتىكى بىر ئادەم بۇلۇشنى ھىس قىلدۇردى ،
‏مىنىڭ گۈلچىلىك گۈزەللىگىم يوق
‏چىچەكتەك مىۋىگە ئايلىنالمايمەن
‏تاغلاردەك دەردىم يوق
‏سۇچىلىك پايدام يوق
‏تاشىچىلىك قاتتىق ئەمەس
‏تۇپراقتەك توزىمايمەن
‏يانتاقتەك چىچەكلىمەيمەن
‏قوياشتەك ھارارىتىم يوق،
‏مىنىڭ ئۈزۈمدىن باشقا ھىچ نىمەم يوق

‏مەن قىرىق ياشقا كىرگىچە
‏دۇنيانى تاماششاخانا بىلىپ ماكان ئەيلىدىم
‏بەزىدە چالدىم بەزىدە ئىچتىم ،
‏مىنىڭ قولۇمدىن كىلدىغىنى مۇشۇلا ،

‏مەن بۇيۇك سەنئەتكار بولماقچى ئىدىم ،
ھىچنىمە بولمىساممۇ بۇلىۋىرەتتى
‏لىكىن دوسلىرىم تۇققانلىرىم
‏مىنىڭ چوقۇم بىر نىمە بۇلۇشۇمنى ئۆمىت قىلاتتى
‏ئەگەر مەن
‏راۋرۇس نام چىقارسام ئۇلار مىنى باشقىلارغا پەخىرلىنىپ تونۇشتۇراتتى

‏مەن چارچىدىم
‏ئىمكان بولسا ئەھمىيەتسىز پىكىر قىلىشتىن
‏توختىمايدىغان مىڭەمنى چالمىغا ئوخشاش
‏يىراقلارغا تاشلىۋىتىپ
‏ئارام ئالغۇم بار
‏دۇنيادا سۇ ئاقىدۇ گەپ ئاقمايدۇ
‏قۇم ئاقىدۇ ئادەم ئاقمايدۇ

تۇيغۇلار

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال


‏ئايرىلىش زۇلۇمدۇر ئېشىق ئەھلىگە ،
‏قان يۇتار ئايرىلغان ئاشىق پەسلىدە
‏بەرداشلىق بىرەلمەي يىغلايدۇ تاغلار ،  
ئىزىلگەن قەلىبنىڭ ناللىرىگە .  

‏يوقسۇلنى ئۆرتەيدۇ ئۇنىڭ ئازابى ،
‏شان شەرەپ بايلىقنىڭ قامچىسى بۇلۇپ ،
‏تانغاندا يۈرىگى ئەيلەيدۇ پىغان ،
ھەسرەتلىك كەلكۈننىڭ تامچىسى بۇلۇپ .

‏ئاشىغلىق پۈرسەتتۇر بىر قىتىم كىلەر ،
‏كىملەرنى يىغلىتىپ كىملەرگە كۈلەر ،
‏ئاسىيلىق بەختىگە سۆيگۈنى سىتىپ ،
‏ياشىغان ھاياتتا تۆلەيدۇ بەدەل .  

‏سۆيۈشنى رەت قىلىپ قاچقانلار تالاي ،
‏بەخىتنى ئۆزگىدىن كۈتىدۇ مالاي ،
‏مۇھەببەت تەختىدە بەختىنى تاپقان
‏سۇلتاندۇر ھاياتتا بولسىمۇ گاداي .

‏نە كىرەك ھەقىقى ئاشىق ئەھلىگە ،
‏ئالتۇندىن ھەل بەرگەن شاھانە قانات،
‏ئاشىغلىق بەختىدىن قۇت تىپىپ كۈلۈپ .
‏جەننەتكە ئايلىنار سۈيۈلگەن ھايات .

‏يا رەب

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏بۈ كۈنلەرنىڭ باغرىدا ئەبگار ،
‏ئۈزۈم بولدۇم يارەن قالمىدى
‏ئالىمىمنى قاپلىدى ئەغيار ،
‏دەرىتكە داۋا-دەرمان قالمىدى .

‏باغلىرىمدا ھوقۇش ناخشىسى ،
‏ھالىمغا نە ھەيران قالمىدى ،
‏سۈڭرە دەردىم ئاڭلىماس ھىچكىم ،
‏مەن كۈتكىدەك ئارمان قالمىدى .

‏غىرىپلىقنىڭ چۆلىدە ئۆزھال ،
‏پىغان بىلەن ئايلاندى قۇشقا ،
‏ئادىملىك چىنىپ غەيۋەتتىن ،
ئۆمىت بىلەن باقتىم ھۇقۇشقا .

‏ھەسەل تىلەپ ياشىغان زامان ،
‏زەھەر بىلەن تولدى پىيالەم ،
گۈلگە سوزغان قولۇمدا تىكەن ،
‏بىلسەم شوركەن ئەسلى پىشانەم .

‏ئازاپلارنىڭ بۇلاقلىرىدىن ،
‏ئىچىپ ئىچىپ قانمىدىم ئەجەپ ،
‏ئۈزۈڭ تۈگكەن تۈگۈچلىرىڭنى
ئىلتىجايىم ئۈزۈڭ يەش يا رەب

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 11:58:42

‏ئاي تولغان كىچە

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏جاندىن تەكرار -تەكرار كېچىمەن ،
‏دەردىمدە چاي ئىتىپ ئىچىمەن ،
‏ئۆز - ئۈزۈمدىن ئۇزاپ كىتىمەن ،
‏غەمدىن ئۇزۇن ئاي تولغان كىچە .

‏نەگە كەتسەم مەن بىلەن بىللە ،
‏چوغدەك يىنىپ تۇرار كىچىدە
‏ئۇ ياشايدۇ مىنىڭ ئىچىمدە
‏بىر دەرىتتە مەن ئاي تولغان كىچە .

‏ئەسلىمىدە ۋەيراندۇر تىلەك ،
‏يىڭى تارىخ يىزىشىم كىرەك ،
‏پەلەك شۇدۇر مىڭ يىللىق پەلەك ،
‏شۇنچە مۇڭلۇق ئاي تولغان كىچە ،

‏تولغان قىزدەك تولىدۇ ھىلال ،
‏ئارمانلاردىن ۋاز كىچەر خىيال .
‏سۈزۈك -سۈزۈك ئۇخچۇيدۇ زىلال ،
‏سۈكۈتكە ئەل ئاي تولغان كىچە .

‏سىغىنغاي

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏دوسلار مىنى مۇھەببەتتە سېغىنغاي
‏دۈشمەنلىرىم ھەسەتلەردە سىغىنغاي
‏غۇرۇر ئەھلى چىن قەلبىدىن تونىسا
‏كۆرەلمەسلەر غەيۋەتلەردە سىغىنغاي

‏دوسلىرىمغا كۆرىنەرمەن گۈل بۇلۇپ ،
‏مىھنەتلىرىم ئىچ باغرىنى تىلغىغاي ،
‏پۇراپ ئۆتۈپ ئىجادىم خۇش ھىدىنى ،
‏چىدىماستىن ھەسرەتلەردە سىغىنغاي .

‏مەردانىلىق ھاياتىمنىڭ زىننىتى ،
‏باغرى لەختە نامەرىت تويدا يىغلىغاي ،
‏ئەل ئالقىشى ياڭرىغاندا بىر زامان ،
‏سەلتەنەتلەر سەيناسىدا سىغىنغاي .

‏سىتىلمىدىم ساختا شۆھرەت -شەرەپكە ،
‏ئىسمىم چىقسا دوسىت -رەقىپكە قېتىلغاي ،
‏ياشاپ كەلدىم قىنىپ ئەرلىك بەختىگە ،
قىتىغۇرلار تۆھمەتلەردە سىغىنغاي .

‏ئەجىر ئەمگەك مىنى تۈرتۈپ ئويغىتىپ ،
‏تاڭ سەھەردە چىلىشلارغا چىللىغاي ،
‏مەرىتلىك بىلەن ھاياتىنى سۆيگەنلەر ،
‏قەدىر قىممەت سەھراسىدا سىغىنغاي

يىپەك يولىنى سېغىنىش

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏كارۋانلار ئىزلىرى ئۆچكىلى نە ۋاخ ؟
‏تومۇرى ئۈزۈلدى يىپەك يولىنىڭ .
‏كۈلدۈرما ئاۋازى ئايلاندى چۈشكە ،
كولىساڭ سۇ چىقماس توغراق غۇلىدىن .

‏ئاپتاپلار بىبەھىر ئۈزىگە سىڭەر ،
‏ ئاڭلانماس ئەتراپتىن قەدىمقى ناخشا ،
‏توپىغا ئايلانغان باش سۈڭەكلىرى .
‏سۈكۈتتە ئۈزىنى قىلار تاماششا .

‏غەرىپنى شەرىققە ئۇلىغان ئىزلار ،
‏تارىخقا سىغىنىپ ياسايدۇ قەبرە ،
‏قىيامەت قەدىمى يىقىنلاشقان كۈن .
‏ھاياتقا ھۆكۈمران قۇرۇق دەبدەبە .

‏زىمىنغا چىچىلغان يالتىراق زەردەك ،
پايانسىز ‏قۇملۇقلار ياتار سوزۇلۇپ ،
‏مۇشاقەت ئىزلىرى قالغان دالادا .
‏ئالۋۇنلار توغراققا ئايلىنار قۇرۇپ .

‏كۆرۇنمەس ئاشىغلىق تونىنى كىيگەن ،
‏مەشرەپنىڭ ئەۋلىيا سۈپەت سىماسى ،
‏ئاشىغى كەشتىلەپ چىققان ياغلىقنى .
‏باغرىغا باسقانچە ئاققان ياشلىرى .

‏ھىچكىممۇ بۇ يەردە قىلماس تەنتەنە ،
‏ھىچكىشى خوشلاشماس مەشۇغى بىلەن ،
‏مەس گاراڭ ياشايدۇ بەرنا يىگىتلەر ،
‏بىلمەيدۇ نىمە ئۇ ئايرىلىش دىگەن .

‏قاراسلاپ قوللاردا ئوينىغان قامچا ،
‏تاملاردا جىملىقتىن ئۆكسۈيدۇ چىرىپ .
‏تۈگىنىڭ تاپىنى چامغۇر مۆھۈردەك .
‏شەھەردە كۆرگەزمە بۇلار خارلىنىپ .

‏ھىچكىشى تىكىلىپ باقماس ساماغا ،
‏دەردىنى تۆكمەيدۇ ئايغا يولتۇزغا .
‏ياپ يىشىل باھارنى چۆلدە سىغىنىپ .
‏سالام خەت يازمايدۇ ھىچقانداق دادا .

‏سەپەرگە چىقمىدىم بۇۋامغا ئوخشاش ،
‏بىر نىسىپ بولمىدى ئۇنىڭدەك ياشاش ،
‏ھەسرەتتە قارايمەن خەرىتىلەرگە .
‏مىنىڭدە قالغىنى سۈپ -سۈزۈك كۆز ياش .

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 10:44:54


‏سەن مۇھتاج بولغاندا

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏سەن مۇھتاج بولغاندا ئەگەر يورۇققا ،
‏قوياشمۇ ئۆزىنى ئالار دالدىغا ،
‏بىر تامچە سۇغا زار بولغاندا لىۋىڭ ،
‏ئايانماي قۇرۇيدۇ ئۆركەشلىك دەريا ،

‏ئۇلۇغلاپ تىۋىنغان پايانسىز زىمىن ،
‏بەرمەيدۇ ۋە بەلكىم بىر مىتىر گۈرلۈك ،
‏پاناھسىز قويغۇسى كەلسە تەقدىرنىڭ ،
‏جان ئالار سەندىكى پۇل بىلەن مۈلۈك .

ئاپتاپقا تەلمۇرسەڭ يامغۇر ياغىدۇ ،
‏سايىغا زار بولساڭ قاچىدۇ دەرەخ ،
‏شان شۆھرەت بايلىقتىن كىرىلگەنلەرگە،  
‏تىپىلماس ئۆلگەندە ئىككى مىتىر رەخ .

‏گىلەمدىن ئىھتىيات ئەيلىگەن پۇتۇڭ ،
‏دوس بۇلار چوغ كەبى يانغان تۈمۈرگە ،
‏قاچىدۇ ھەتتاكى ئاستىڭدىن يوللار ،
‏تەتۇر بىر قىسمەتتە يار سەن ئۆمۈرگە ،

‏ساماغا دار كەبى ئېسىلار بىشىڭ ،
‏كۆرىسەن تاغلارنىڭ قېچىشلىرىنى ،  
‏جان ساقلار سەن دوس دەپ بىلگەن ئەزىزلەر ،
‏كۆزۇڭنى چوقۇپ يەر- ئىچىپ يىشىڭنى ،

‏ئالغىنە بۇ جاننى دەيسەن ناھايەت ،
مىڭ تويۇپ ھاياتتىن چىكىسەن پىغان ،  
‏ئۈلۈمگە ھاجىتىڭ چۈشسە ئەگەردە ،
‏سىزىسەن ئۇ يىراق مىڭ يىللىق داۋان .

‏ھۆكىرەپ ياشىساڭ پەرۋاسىز ھەممە
‏سەن بىزدەك ئىنساننى كۆپ كۆرگەن جاھان ،  
مۇھتاجلىق ئەگكەندە ۋىجدان قەددىنى ،
توڭدۇرار تومۇزدا يىقىلغان گۈلخان .


دۇنيا

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏كۈلگەنگە تەڭ كۈلۈپ كەلدى بۇ ئالەم ،
‏يىغلىساڭ سەن بىلەن تۆكتى يىشىنى ،
‏جەڭلەردە غالىپقا ئايلانغىنىڭدا
‏قۇل كەبى ئالدىڭدا ئەگدى بىشىنى .

‏ئامەت گۈل بەرگەندە كىرىلدىڭ ھەيۋەت ،
‏مىڭ يىللاپ باغرىدا سۈردۇڭ سەلتەنەت ،
‏ھەممىدىن بىر يولى بولغاندا مەھرۇم ،
‏بەزمەڭدە سازىنى چالدى قىيامەت .

‏بەرگەندە خوپ دىدىڭ گۈلدەك ئىچىلىپ ،
‏تەبەسسۇم كۈلكىسى ئالدى دۇنيانى ،
‏ئۆزگىنى قاخشىتىپ كۆلدۇڭ ئارقىدىن
‏ئويلىماي ھەممىنى تارتىپ ئالارنى .

‏ئامەت ئۇ قۇش كەبى ئۇچۇپ يۈرىدۇ ،
‏دۇنيانى ھەر زامان كىزىپ يۈرىدۇ ،
‏شاھلارنى تاجىدىن ئايرىپ چوپاننى ،
‏شاھ قىلماق ئويىدا قىزىپ يۈرىدۇ .

بەت: [1]
: ئۆزھال شېئىرلىرىدىن تاللانما