ئۇيغۇر چاغاتاي يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yulghunjan1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-8 15:13مەن كۆپچىلىكنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىنىشىگە ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن بۇ تىلنىڭ ئېلىپبەسىنى يوللاپ قويدۇم، ئۆگۈنىۋېلىڭلار. ئەگەر بۇ يېزىقنى ئۆگۈنۈۋالساڭلار ئەلشىر ناۋايى، خاراباتى، ھىرقىتى، زەلىلى، ئابدۇرېھىم نىزارى، موللا شاكىر، موللا بىلال نازىمى، ناقىس، موللا مۇسا سايرامى، خوجا ئەرشى، سالاھى، مەھزۇن، نۆبىتى، قەلەندەر، سەبۇرى، مۇھەممەد سادىق كاشغەرى، گۇمنام، موللا سىدىق يەركەندى، مۆجىزى، زوھۇرى، ئابدۇقادىر داموللا قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى بىۋاستە ئوقۇيالايسىلەر. مىساللار
ج ــــ ج جنايت، جھالت
م ــــ م ماھيت، مدرسە
چ ـــ چ چرخ، چشم
ل ــ ل لشكر، لغت، لازم
و ـــ ۋ وكيل، دوۋاعـ، دولت
ن ــــ ن ناطق، نتيجە
ح، ە، ھ ــــ ھ حاكم، حق، پادشاە، ھجران
نگ ــ ڭ رنگ
گ ــــ گ گلنار، گياە
ك ـــ ك كريم، كلام
ق ـــ ق قبر(قەبرە)، قرعە(قۇرئە)
ف ــــ ف فخر، فرمان
غ ــــ غ غبار، غلام
د ـــ د دريا، دوست
ر ـــــ ر رحمت، رخسار
ژ ـــ ژ ژالە
ش ـــ ش شادمان، شربت
ب ـــ ب بازار، بال
پ ــــــ پ پاسىبان
خ ـــ خ خاتمە، خجل
ص، س، ث ــــ س ثابت
ى ـــ ي يار، يزدان
او، عو، ـئو، و، ع، ا ـــــ ئۈ، ئۆ، ئۇ، ئو اوتاجى، عود، مسئول، الفت، عشر (ئۆشرە)
ذ، ز، ظ، ض ــــ ز ذليل، زبان، ظالم
ط، ت، (ە) نىڭ ئۈستىگە ئىككى چېكىت قويۇلىدىغان شەكلى بار ئىدى. بۇنىمۇ (ت) دەپ ئوقۇيمىز. ئەمما مەن بۇنى چىقىرالمىدىم. شۇڭا ە نىڭ ئۈستىگە ئىككى چېكىت قويۇلسا (ت) ئوقۇڭلار ــــ ت تاج
ا، عا، وا، ى ـــ ئا ادم، عالم، سوال
ا، ع، ـئە ــــ ئە ابد (ئەبەد)، قرائت (قىرائەت)، بدعت (بىدئەت)،
اي، ئيـ، عيـ، ا، ئـ، عـ ــــ ئې ايجاد (ئىجاد)، جبرائىل، اسراف، عشق(ئىشىق)
ـيـ، يـ، ى ـــ ئى جيل (جىل)، زير (زىر)، غبارى (غۇبارى)، مسكين (مىسكىن)، بشارت (بىشارەت)، جزئى (جۈزئى)
http://www.bbc.co.uk/uzbek/ بۇ تورنى زىيارەت قىلىپ تۇرساڭلار تېخىمۇ تېز ئۈگىنىۋالالايسىلەر. ئافغانىستاندىكى ئوزبىكلەر چاغاتايچە ئىشلىتەمدۇ ؟ ئىراندىكى ئەزەرلەرنىڭ يىزىقى پارىسچىمۇ چاغاتايچىمۇ ؟
دىيارىمىزدىكى قازاق قىرغىزلارنىڭ چاغاتاي يىزىقىغا يىقىنمۇ ياكى بىزنىڭمۇ ؟ نىمىشقا ئەينى ۋاقىتتا ئوخشاش ئىسلاھ قىلىنمىغان ؟ چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىنىشىگە ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن بۇ تىلنىڭ ئېلىپبەسىنى يوللاپ قويدۇم،
چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى دىسە قانداق يېزىقكىن دەپتىمەن يىنە شۇ ئەرەپچىكەنغۇ .
باشقىلارنىڭ ئارقىدىن ئومۇلىگۇچىلەر ئۆمۇلەپلام ئۇتەپ كەتكۇدەك . مۇشۇ يېزىقىمىز بەزىلەرنىڭ كۆزىگە سىغمايدۇ _ ھە....... مۇشۇ يېزىقىمىز بەزىلەرنىڭ كۆزىگە سىغمايدۇ _ ھە....... ئۇ ۋاقتىكى تىلنى ئۇيغۇرتىلى دەۋىلىش خاتا ، ئەينى ۋاقىتتا تۈركى ئەللەر ئورتاق تىلغا ئىگە ئىدى ئەجرىڭىزگە رەھمەت . بۇ يىزىق بىلەن ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلەر سان ساناقسىزدۇر . ئەجدادلارنىڭ ئەسلى يازغىنىنى كۆرەي دىگەن ھەربىر ئۇيغۇر ئۆگىنىشكە تىگىشلىكتۇر ھەم ھازىرقى ئىشلىتىۋاتقان يېزىقىمىزنىڭ ئاساسى ، ئۆگىنىش ئاسان . بىزگە تەخمىنەن بەش-ئالتە يۈز يىل ھەمراھ بولغان ، بىز ئۈچۈن بەك مۇھىم يېزىقتۇر. ilter يوللىغان ۋاقتى 2014-7-8 22:35 static/image/common/back.gif
ئۇ ۋاقتىكى تىلنى ئۇيغۇرتىلى دەۋىلىش خاتا ، ئەينى ۋاقىت ...
توغرا، ئۇ ۋاقىتتىكى يېزىقنى ئۇيغۇر يېزىقى دەۋېلىش خاتا. ئۇ ۋاقىتتىكى يېزىق كۆپ قىسىم تۈركى مىللەتلەرگە ئورتاق ئىدى. شۇڭا قازاندا بېسىلغان كىتابلارنى كاشغەردىكىلەر تەرجىمانسىز ئوقۇيالىغان.
مېنىڭ كۆزدە تۇتقىنىم بىز ئۇيغۇرلار ئىشلەتكەن قىسمىنى كۆرسىتىدۇ. ئەرەبچە ئەمەس بەلكى ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى دەيمىز. بىز ئۇيغۇرلار قارا خانىيلار زامانسىدا ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلىتىشنى باشلىدۇق. ئۇزۇندىن بۇيان گەرچە ئىملا قائىدىسىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن بولسىمۇ ئىشلەتكەن ھەرپتە ئاساسەن ئۆزگىرىش يۈز بەرمىگەن. شۇڭا قاراخانىيلار زامانىسىدىن بۈگۈنگە قەدەر بېسىلغان كىتابلارنى ئازىراق تىرىشساقلا ئوقۇغىلى بولىدۇ. چاغاتاي يېزىقىنى ئۆگىنىش ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى چۈشۈنۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ilter يوللىغان ۋاقتى 2014-7-8 17:50 static/image/common/back.gif
ئافغانىستاندىكى ئوزبىكلەر چاغاتايچە ئىشلىتەمدۇ ؟ ئىر ...
ئافغانىستاندىكى ئۆزبىكەرنى يېزىقى چاغاتايچىغا يېقىنلىشىپ كېتىدىكەن. ئىراندىكى ئەزەرلەرنىڭ يېزىقى پارىسچىمۇ ياكى چاغاتايچىمۇ بۇنى بىلمەيدىكەنمەن. مېنىڭچە قازاق، قىرغىزلارنىڭ يېزىقى چاغاتاي يېزىقىغا يېقىن. نىمىشقا ئەينى چاغدا ئوخشاش ئىسلاھ قىلىنمىغانلىقىغا كەلسەك بۇنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بولسا كېرەك.
ئاددىيسى 1920- يىللىرى سابىق سوۋېت ئىتىپاقى تىرىتورىيىسىدىكى تۈركى مىللەتلەر باشتا لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدىكى يېزىققا كۆچۈرۈلگەن. ئارقىدىن كىرىل ھەرپلىرى ئاساسىدىكى يېزىققا كۆچۈرۈلگەن. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ يېزىقىدا ئىملا جەھەتتىن مەلۇم پەرقلەر ساقلانغان. ( قازاق، قىرغىزلارنىڭ كىرىل ھەرپلىرى ئاساسىدىكى توربەتلىرىنى كۆرسىڭىز بۇنى ھېس قىلالايسىز.) ئەسلىدە بىر- بىرىنىڭ كىتابلىرىنى تەرجىمانسىز ئوقۇيالايدىغان قېىنداش تۈركى خەلقلەر كېيىنچە بىر- بىرىنىڭ يېزىقلىرىنى تەستە ئوقۇيالايدىغان ياكى ئوقۇپ چۈشۈنەلمەيدىغان بولۇپ قالغان. باشقا تۈركى قىرىنداشلار چاغاتاي دەۋرىدىكى تىلنى نىمە دەپ ئاتايدۇ ؟ ئۇلارمۇ ئورتاق تىل ئۇيغۇر تىلى ئىدى دەمدۇ ؟
بەت:
[1]