ئالما ئىقتىسادىمىزنى كىرزىسقا دۇچار قىلدى
نۇر تورى تەرجىمىسى:بۇ يىل 46 ياشقا كىرگەن Alexander Stub ئالدىنقى ئايدا فىنلاندىيىنىڭ باش ۋەزىرلىكىنى ئۈستىگە ئالدى.ئۇ ئىلگىرى 2011-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە بولغان ئارېلىقتا فىنلاندىيىنىڭ ياۋروپا ئىشلىرى ۋە تاشقى سودا مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولۇپ ئىشلىگەن. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، ئۇ يۇقىرى مەرتىۋىگە شۇنداقلا مول بولغان ئىقتىساد ۋە تاشقى سودا تەجىربىسىگە ئىگە رەھبەر، سۆزلەش ماھارىتى جەھەتتىمۇ ئۇ بىر يېتىلگەن ناتىق. شۇنداق بولىشىغا قارىماي، فىنلاندىيە ھازىر ئۆتكەن 20 يىل مابەينىدىكى ئەڭ ئېغىر بولغان ئىقتىسادى كىرزىسقا يۈزلەنمەكتە، باش ۋەزىرنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ ھەممىسىگە ئالما شىركىتى سەۋەپچى بولغان. گەرچە فىنلاندىيە تاراتقۇلىرى باش ۋەزىرنى زىيارەت قىلغان چاغدىكى ئاخباراتنى پەقەت ھەق تۆلىگەندىن كېيىن ئاندىن كۆرگىلى بولسىمۇ ،لېكىن ئالدىن ئاشكارىلانغان بۆلەكتىن بىز باش ۋەزىرنىڭ دىمەكچى بولغانلىرىنى تولۇق بىلەلەيمىز.
مۇخبىر: 2008 -يىلىدىكى ئىقتىسادى كىرزىستىن بۇيان،دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئەسلىگە كېلەلمىدى، بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟
باش ۋەزىر: دۆلىتىمىزنىڭ ئىككى ئىقتىسادى تۈۋرۈكى بار ئىدى،ئايفون نوكىياغا زەربە بەردى، ئايپەد بولسا ياغاچ ماتىرىياللىرى ۋە قەغەزچىلىك كەسىپلىرىگە زەربە بەردى.
مۇخبىر : بۇلارنىڭ ھەممىسىنى جوبىس كەلتۈرۈپ چىقارغانمۇ؟
باش ۋەزىر : شۇنداق، جوبىس بىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتىمىزنى تارتىۋالدى.
نۇرغۇنلىغان تېخنىكا ئانالىزچىلىرى ئالما مەھسۇلاتلىرى PC بازىرىنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ قارىماقتا. ئەمما فىنلاندىيەنىڭ باش ۋەزىرى بولسا ئالما بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنى ۋايران قىلدى دەپ قارىدى،بۇنداق پىكىرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى ھەقىقەتەن تۇنجى قېتىملىق ئىش. بۇ بەلكىم شىۋىتسارىيە سائەتچىلىك كەسپىنىڭ نىمە ئۈچۈن ئالمىنىڭ i watchتىن ئەندىشە قىلىدىغانلىغىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلىسە كېرەك، i watch راستىنلا شىۋىتسارىيە ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىۋېتەلەمدۇ؟ ئۇلارنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا جۇڭگو ئالما ۋە فۇ شىكاڭ شىركەتلىرىنىڭ ئېلىپ كەلگەن زور تۈركۈمدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتى ۋە ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئالما شىركىتىگە تەشەككۈر ئېيتىشى كېرەكمۇ؟
قىززىق گەپلىكەن ئۇشۇقمۇ بۇ ئادەم. نوكىيا قايسى دۆلەتنىڭ ؟ birmoo يوللىغان ۋاقتى 2014-7-8 18:06 static/image/common/back.gif
نوكىيا قايسى دۆلەتنىڭ ؟
فىنلاندىيەنىڭ بىر نوكىيا بىر دۆلەتنى بېقىپتىكەن دە ؟ ئالما ئۈزىنىڭ ئىمپىريەسىنى قۇرۇپ بولدى. نوكىيانىڭ دەسلەپتە قەغەز ياسايدىغان شىركەت ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغىنمىزدە تېخىمۇ ھەيران قالىمىز توغرا گەپ، 2000يۈەنگە بارماي ياسالغان مەھسۇلاتنى،4000دىن6000گىچە سېتىۋەرسە obulqasim يوللىغان ۋاقتى 2014-7-9 08:41 static/image/common/back.gif
توغرا گەپ، 2000يۈەنگە بارماي ياسالغان مەھسۇلاتنى،4000دىن6 ...
ئۇنىڭغۇمۇ بارمايدۇ مانا بۇ يىڭىلىق يارتىشنىڭ ، كەلگۇسىنى يارتىشنىڭ غەلبىسى بىر شىركەت ، بىر ئادەم بىر دولەتنىڭ ئىقتىسادىنى پالاچ ھالەتكە چۇشۇرۇپ قويدى مانا بۇ گۇزەل ئارزۇ - نىشاننىڭ ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئۇشۇرۇش ئۇچۇن قىلغان كۇچلۇك ئىرادە ۋە تىرىشچانلىقنىڭ غەلبىسى .
مۇۋاپىقيەتنىڭ تەڭلىمىسى : تاللاش + تەجىربە + تىرىشىش = مۇۋاپىقيەت . ئالما يانفۇن سېستمىسىنىڭ ئاندىرويىت سېستىمىدەك قېتىۋالماي راۋان ئىجىرا بۇلىشىدىن باشقا يىنە قانداق ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىللكلىرى بار . ئالما ر يانفۇننىڭ ئىختىدارلىرى كۆپ لىكىن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ يانفۇننىڭ ئىختىدارلىرىنى تۇلۇق بىلىپ كەتمەيدۇ ئالما يانفۇنى ئىشلىتىۋاتقانلا بۇ يانفۇننىڭ ئۇزەڭلەر بىلىدىغان ئختىدارلىرىنى ۋە سېستىما ئالاھىدىلىكلىرىنى شۇنداقلام ئالما يانفۇنىدا بۇلۇشقا تىگشلىك ئىسىل ئەپلەر نى بىر تۇنۇش تۇرىۋەتمەمسىلەر مۇش مۇناسىۋات بىلەن بۇ يانفۇندىن قانداق قىلغاندا يىتەرلىك پەيدىلانغىلى بۇلىدىغانلىقىنى بىلىۋالايلى . NOKIA ۋەيران بولغان بىلەن PHILIPS فىللاندىيەنى بىقىپ كىتەلەيدۇغۇ،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا doctor تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-9 22:34
ئالما=بىخەتەرلىك.
ئەنجۈر=ئەركىنلىك.
سىز نىمىنى تاللايسىز. doctor يوللىغان ۋاقتى 2014-7-9 22:33 static/image/common/back.gif
ئالما=بىخەتەرلىك.
ئەنجۈر=ئەركىنلىك.
ئەلۋەتتە بىخەتەرنى ، ئەنجۇرنىڭ بىخەتەرلىك يوچۇقى غەلۋىرنىڭ تورىدىن قىلىشمايدۇ دەپ ئاڭلايمەنغۇ :lol Antonio يوللىغان ۋاقتى 2014-7-9 17:56 static/image/common/back.gif
NOKIA ۋەيران بولغان بىلەن PHILIPS فىللاندىيەنى بىقىپ كىتەلە ...
فىلىپس گوللاندىيەنى باقىدىغاندۇ؟
بەت:
[1]