Adobe illustrator CS6 ۋە Adobe illustrator CC دا ئۇيغۇرچىنى نورمال يېزىش
شەرىتلەر:1) ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز چۇقۇم Adobe illustrator CS6 ياكى Adobe illustrator CC قاتارلىقلارنىڭ يېقىنقى تولۇق نۇسخىسى( Perfect Series) يەنى (完整版)بولۇشى كېرەك. چۈنكى بۇ دېتالنىڭ ھەممە تاللانمىلىرى تولۇق چىقىدۇ. 2) كومپىيوتىرىڭىزغا چۇقۇم ئەلكاتىپ فونتى قاچىلانغان بولۇشى كېرەك.
قەدەم باسقۇچلىرى:
1) يۇمشاق دېتالنى نورمال قوزغالغاندىن كىيىن ، تەھرىر 编辑 ——باش تاللانمىلار 首选项 ——يېزىق 文字 __ھىندى يېزىقىنى كۆرسېتىش تاللانمىسى显示印度语选项 نى ئىلىپ توغرا بەلگىسىگە توغرىلاپ __مۇقىملاش 确定 باسىمىز
2) يۇمشاق دېتالنى قايتا قوزغىتىمىز .ئاندىن خەت يېزىپ ئەلكاتىپقا توغرىلىساق نورمال چىرايلىق خەتلەر كۆرۈنىدۇ.
نىمىشقا ھىندى يېزىقى تاللانما بەلگىسىنى تاللايمىز؟ چۈنكى ھىندى ياكى ئەرەپچە يېزىقىمۇ بىزنىڭكىدەك ئۇلاپ يېزىلىدىغان يېزىقتۇر.قالغىنىنى دىمىدىم ،چۈشنىشلىكتۇر.
ئەگەر Adobe Photoshop CS6 ياكى Adobe Photoshop CC غا ئۇيغۇرچىنى يازماقچى بولساق 1-قەدەمنىڭ 4-ھىندى يېزىقى تاللانمىسى Photoshopتا چىقماي ،بەلكى ئوتتۇرا شەرىق ۋە جەنۇبى ئاسىيا 中东和南亚دېگەن تاللانمىسى چىقىدۇ شۇنى تاللىۋەتسەكلا بولىدۇ.قالغان قەدەم باسقۇچلىرى ئوخشاش.
ئىزاھات: Adobe Photoshop CC ۋە Adobe Illustrator CC قاتارلىقلار ئادوبى Adobe شىېكىتى يۈرۈشلۈك يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ يېڭىلانغان ياكى ئاكتىپلانغان نۇسخىسى .
بەت:
[1]