dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 13:50:29

كۆپ ئۇچرايدىغان كۆز كېسەللىكلىرى ھەققىدە


.
1.كۆزگە ئاق چۈشۈش ( كۆز كىرىستالى دۇغلىشش)
  كۆپ خىل ئامىللار تۈپەيلى كېلىپ چىققان كۆز كىرىستالى ( 晶状体(دۇغلىشىش سەۋەبلىك  كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يېتىش كېسىلى بولۇپ،  ھەر خىل ياشتىكىلەردە كۆرىلىششى مۇمكىن ، ئادەتتە ياشانغانلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ ، بۇ خىل  كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئوكسىدلىنىشقا قارشى دورىلار تېمىتىلپ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنى كونتىرۇل قىلىپ تۇرۇشقا بولىدۇ ، ئوتتۇرا كېيىنكى باسقۇچىدا يەنى كۆرۈش قۇۋۋىتى 0.4 دىن تۆۋەنلەرنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى يەنىلا ئوپىراتىسيە قىلىش  ، بۇ كېسەللىك كەينىگە سوزۇلۇپ كەتكىنىدە  نورمال تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي  باشقا ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ، ئادەتتە ئوپىراتسىيەدىن كېيىن يەنە قايتا قوزغىلىشى مۇمكىن  (بۇ بىر قىسىم ساختىپەز دورا شىركەتلىرىنىڭ ئۆز مەھسۇلاتىنى ئوپىراتسىيە قىلىشتىن ئۈنۈملۈك دەپ ماختىشىدىكى كوزۇر)، ئەمەلىيەتتە، ئوپىراتسىيەدە بىمارنىڭ كۆز كىرىستالى ئېلىۋىتىلىپ سۈنئىي كىرىستال تەنچە سېلىنىدۇ ،  كۆز كىرىستالىنىڭ قايتا دۇغلىنىشى  بولسا  سۈنئىي كىرىستالدا ئەمەس ، كىرىستال تەنچىسى ئورۇنلاشقان تەنچە خالتىسىدا كۆرىلىدۇ ، بۇخىل دۇغلىششتا تەنچە خالتىسىدىن لازىر نۇرى ئارقىلىق تۆشۈك ئېچىش ئۇسۇلى ئارقىلىق يورقلۇق يولى ئېچىپ داۋالاش ئۈسۇلى قوللىنىلىدۇ .

2 .گلاۋكوما(青光眼(
ئاساسلىقى دالانچە سۈيىنىڭ)房水( نورمال ئايلىنىشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچراش سەۋەپلىك كۆز بېسىمى ئېشىپ كېتىش ياكى سەۋەبى ئېنىق بولمىغان كۆز بېسىمى ئېشىپ كېتىش كېسەللىكى، بۇ كېسەللىك ئادەتتە ئوچۇق بۇلۇڭلۇق گلاۋكوما ( دالانچە تەنچە بۇلۇڭىنىڭ دالانچە سۈيىنى ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى نورمال ))开角型青光眼( ، يېپىق بۇلۇڭلۇق گلاۋكوما ( دالانچە تەنچە بۇلۇڭىنىڭ سۇ ئايلاندۇرۇشى  نورمال بولمىغان ياكى پۈتۈنلەي پۈتۈپ قالغان  ) )比较性青光眼( ئىككى خىل بولىدۇ ، ئوچۇق بۇلۇڭلۇق گلاۋكومادا كۆپ ھاللاردا كۆز بېسىمىنى چۈشۈرگۈچى دورىلار ئارقىلىق كۆز بېسىمىنى نورمال دائىرىدە كونترۇل قىلىپ ،ېسىم يۇقىرىلىقى سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان بىئاراملىق ، كۆرۈش نېرۋىسى يېگىلەش قاتارلىق ئالامەتلەرنىڭ  ئالدى ئېلىنىدۇ ، يېپىق بۇلۇڭلۇق گلاۋكومادا ئوپىراتىسيە ئارقىلىق دالانچە ئايلىنىش يولىنى قايتا تۈزەش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ ، دورىمۇ تېمىتىلىدۇ .

3. يىراقنى كۆرەلمەسلىك
كۆپ خىل سەۋەپلەر تۈپەيلى كېلىپ چىققان كۆز ئوقىنىڭ ئۇزىراپ كېتىشى ۋە  يورۇقلۇقنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ سەزگۇر رايۇنىغا بارالماسلىق كېسلى ،  يىراقنى كۆرەلمەسلىك ساختا يىراقنى كۆرەلمەسلىك ۋە ھەقىقىي يىراقنى كۆرەلمەسلىك دەپ ئىكى خىل بولىدۇ ، ساختا يىراقنى كۆرەلمەسلىك ياش -ئۆسمۈرلەردە كۆپ كۆرىلىدۇ ،ئاساسلىقى  دورا تېمىتىش ،مۇۋاپىق ئۇۋىلاپ بېرىش ،كۆزنى ئارام ئالدۇراش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق داۋالاش مۇمكىنچىلىكى بار.  ھەقىقىي يىراقنى كۆرەلمەسلىكتە  بىخەتەر ،ئەنئەنىۋى ئۇسۇل ئاساسلىقى لىنزا ئەينەك ئارقىلىق يورۇقلۇقنىڭ سۇنۇش بۇلۇڭىنى ئۆزگەرتىپ يورۇقلۇقنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىگە چۈشۈرۈش ئۇسۇلى يەنى كۆزەينەك تاقاش، بۇنىڭدىن سىرت قارىچۇق كۆزەينكى تاقاش  ، لازىر نۇرى ئوپىراتسىيەسى ، كۆز ئىچىگە مىكرو ئەينەك ئورنتىش،(مەخسۇس كۆز ئوقىنىڭ ئۇزىراپ كېتىشنى توسۇش ئۈچۈن قىلىنىدىغان ئوپىراتسىيەلەرمۇ بار) قاتارلىق ئۇسۇللارمۇ بار، ياشلاردىن لازىر نۇرى ئوپىراتسىيەسىگە قىزىقىدىغانلار كۆپ دەپ ئويلايمەن ، بۇتوغرىسىدا سەل تەپسىلىي توختىلاي:
  لازىر نۇرلۇق ئوپىراتسىيە ئاساسلىقى قارىچۇق پەردىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىنى لازىر نۇرى ئارقىلىق كۆيدۈرۈپ  قارىچۇقنىڭ يورۇقلۇق سۇندۇرش بۇلۇڭىنى  ئۆزگەرتىش پىرىنىسىپى بويىچە قىلىنىدىغان ئوپىراتسىيە، ئوپىراتىسيەدە كۆپ خىل ئوپىراتىسيەلەرگە ئوخشاش يەككە تەندىكى پەرق تۈپەيلى كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرىلىشى مۇمكىن ، ئومۇمىي خەھەتتىن ئېيتقاندا  بۇ ئوپىراتسىيە جەريانى قىسقا  ، ئاغرىق تۇيغۇسى يوق دېيەرلىك  بىخەتەرئوپىراتسىيە ، ئوپىراتسىيەدىكى ئاساسلىق خەۋپ ئوپىراتسىيەدىن كېين كۆرىلىشى مۇمكىن ، مەسىلەن كۆز قۇرغاقلىشش، ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنى توسقۇچى قەۋەتنىڭ زەخمىگە ئۇچرىشى تۈپەيلى كېلىپ چىقىدىغان كۆزگە ئاق چۈشۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولىشنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ كېتىشى قاتارلىقلار، كۆز ئىچىگە مېكرو ئەينەك سېلىش ئوپىراتسىيەسى بولسا كىرىستال تەنچە ئالدىغا مىكرو يىراقنى كۆرەلمەسلىك كۆز ئەينىكى ئورنتىش ، بۇ ئوپىراتسىيە دوختۇر تاللاش مۇھىم ، چۈنكى دوختۇردىن تەجرىبە ۋە يۇقىرى دەرىجىدىكى ئىنچىكىلىك تەلەپ قىلىنىدۇ .
داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىلىدۇ.

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 13:58:45

تېما يوللاشتىن بۇرۇن مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارغا كۆپ قاراپ بولالمىدىم،  خىزمەت جەريانىدىكى تەجرىبە ۋە ئۆگەنگەنلىرىمنى ئاساس قىلىپ يوللانغان بولغاچ  ئاتالغۇ ياكى چۈشەندۈرۈشلەردە  قىسىمەن خاتالىقلار بولىشى مۇمكىن ، تېمىنىڭ داۋامىنى ھازىر يوللاشقا ئىمكانىيەت بولماي قالدى ، ۋاقىت چىقىرىپ داۋاملىق يوللايمەن  

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 14:04:00

بىرەر يىل سۆرۈلۈپ كەتمەس :lol

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 14:06:48

رەھمەت ياخشى تىما يىزىپسىز . بىر مەسلىھەت بارئىدى ، سورايدىغان .بەزى ۋاقىتلاردا ئىككى كۆزۈمنىڭ ئاستىنقى قاپىقىنىڭ قاڭشار تەرەپ جىيىكىنى باسسام ئىچىدە يەل  ياكى سۇ باردەك مىچىر مىچىر ئاۋاز چىقىدۇ ، باشقىلار يىقىنراق تۇرسىمۇ ئاڭلىيالايدۇ  ، بۇ زادى نىمە ئىش ئۆزى .

kitabhumar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 14:27:09

، ياشلاردىن لازىر نۇرى ئوپىراتسىيەسىگە قىزىقىدىغانلار كۆپ دەپ ئويلايمەن ، بۇتوغرىسىدا سەل تەپسىلىي توختىلاي:
  لازىر نۇرلۇق ئوپىراتسىيە ئاساسلىقى قارىچۇق پەردىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىنى لازىر نۇرى ئارقىلىق كۆيدۈرۈپ  قارىچۇقنىڭ يورۇقلۇق سۇندۇرش بۇلۇڭىنى  ئۆزگەرتىش پىرىنىسىپى بويىچە قىلىنىدىغان ئوپىراتسىيە، ئوپىراتىسيەدە كۆپ خىل ئوپىراتىسيەلەرگە ئوخشاش يەككە تەندىكى پەرق تۈپەيلى كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرىلىشى مۇمكىن ، ئومۇمىي خەھەتتىن ئېيتقاندا  بۇ ئوپىراتسىيە جەريانى قىسقا  ، ئاغرىق تۇيغۇسى يوق دېيەرلىك  بىخەتەرئوپىراتسىيە ، ئوپىراتسىيەدىكى ئاساسلىق خەۋپ ئوپىراتسىيەدىن كېين كۆرىلىشى مۇمكىن
ماڭا مۇشۇ لازىر نۇرلۇق ئوپراتسىيە توغورلوق تىخىمۇ كۆپرەك سۆزلەپ بىرەلەمسىز .مەنمۇ مۇشۇنى قىلدۇرماقچى ئىدىم .
مەن بىلىدىغان ئىككەيلەن 10 يىلچە بولدى شۇنداق قىلدۇرغان ھازىرغىچە ئەكىس تەسىر كۆرۈلدى دىگىنىنى ئاڭلىمىدىم

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 14:38:03

مېنىڭ ئالدىنقى يىلى يازدا سول كۆزۈم قىچىشىدىغان بولۇپ قېلىپ دورا تېمىتىپ دورا ئىچىپ يۈرۈپ ئاران ساقايدىم، كۆز قىچىشىش قانداق كېسەللىك؟ كۆز قۇرغاقلىشىشتىن كۆز قىچىشىش كېلىپ چىقامدۇ ياكى ئۇ ئايرىم كېسەللىكمۇ؟ ئالدىنقى يىلى بېىجىڭ شىېخې دوختۇرخانىسىدا ئىككى خىل تېمىتىدىغان دورا بەرگەن ئىدى شۇنى تېمىتىپ يۈرۈپ ساقىيىپ قالدى ئەلھەمدۇلىللاھ.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 15:21:33

dilnazuk يوللىغان ۋاقتى  2014-7-8 13:58 static/image/common/back.gif
تېما يوللاشتىن بۇرۇن مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارغا كۆپ  ...

تۇغرا، مىنىڭ )خوڭمو جىې جۇاڭيەن) دىگىنىنى نىمە دەيدۇ؟ يۇلتۇز تۈركۈمىگە ئائىت ماتىريالدىن ئىزدىسەممۇ مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمدىكى ئادەمنى جىېمويەن بۇلىدۇ دەپتۇ...

huja يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 17:09:35

نۇر يىغالماسلق دىگەنچۇ ?قانداق داۋالاش ، قانداق ساقايتىش مومكىن. بۇتوغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بېرىشىڭىزنى ئۈمۇد قىلىمەن

imam567 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 19:11:44

گلاۋكوما ئەمەس ،گىلائوكومادۇر.

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 21:52:52

4.كۆرۈش ئاجىزلىقى (弱视(
ئاساسلىقى بالىلىق مەزگىلىدىكى ئالغايلىق ( كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىقى  ئالغايلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ، ئالغايلىق كۆرۈش قۇۋىتى ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن )، نۇر سۇندۇرۇش بىنورماللىقى ( يېقىننى ،يىراقنى كۆرەلمەسلىك ) ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى كېلىپ چىققان كۆرۈش سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ غىدىقلىنىشى كەملىك تۈپەيلى كېلىپ چىققان بىر كۆز ياكى ئىككى كۆزدىكى كۆرۈش  ، تەكشىلىك سەزگۈسى دېگەندەك ئىقتىدارلارنىڭ تۆۋەن بولۇش كېسەللىكى ، بۇ كېسەللىكنى داۋالاشتا قانچە بالدۇر بولسا داۋالاش ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى ئۇسۇلى بولىدۇ ، ئەڭ ياخشى داۋالاش مەزگىلى 4 ياشتىن 7 ياشقىچە بولغان ئارىلىق ، بۇ مەزگىلدە  ئالغايلىقنى ئوپىراتسىيە قىلىش ، كۆزەينەك تاقاش ، كۆرۈش ئىقتىدارى نورمال بولغان كۆزنى توسۇپ كۆرۈش ئىقتىدارى ئاجىز بولغان كۆزنى مەجبۇرىي ئىشلىتىش، تۈرلۈك داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ كۆرۈش سەزگۈلىرىنى غىدىقلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كېسەللىكنى داۋالاپ ساقايتىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ (يىراقنى كۆرەلمەسلىكتىن بولغان كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىقىنى داۋالاش بىر قەدەر قىيىن )، بالىلار 8 ياشتىن ئېشىپ كەتكەندىن كېيىن داۋالاش مۇمكىنچىلىكى تۆۋەن ،12 ياشتىن كېيىن يوق دېيەرلىك ،  قوشۇپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم ، بىر قىسىم كەسىپتىن خەۋەرسىز كىشىلەر كىچىك بالىلارغا كۆزەينەك تاقاش بالىنى كۆزەينەككە كۆندۈرۈپ قويىدۇ دېگەن خاتا قاراش بويىچە بالىغا كۆزەينەك سەپلەشنى رەت قىلىدۇ ،ئەمەلىيەتتە بۇ  بالىنىڭ كۆزەينەك تاقىمىغاندا شۇ ئېنىق بولمىغان كۆرۈش مۇھىتقا كۆنۈپ قالغانلىقتىن  ، بالىلار كۆزەينەك سەپلەپ بەرگەندىن كېين ئۇلارنىڭ كۆزەينەككە كۆنۈشى كۆزەينەك ئېلىۋىتىلگەندىن كېين تۇتۇق مۇھىتقا كۆنەلمەسلىكى تەبىئىي ، ئەمەلىيەتتە كۆزەينەك تاقاش بالىلارنىڭ كۆرۈش سەزگۇ ئەزالىرىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە پايدىلىق.

5. كۆرۈش تور پەردىسى ئاجراش
بۇ زەربە ، ئېغىر دەرىجىدىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك ، ياشانغانلاردىكى ئەينەكسمان تەنچىنىڭ قېتىشى قاتارلىق تۈرلۈك  سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان كۆرۈش تور پەردىسىدىكى  قەۋەتلەرنىڭ  ئاجراپ كېتىشىدەك كۆز ئاستى كېسەللىكى ، بۇ كېسەلدە كۆرۈش قۇۋۋىتى جىددىي تۆۋەنلەش، كۆز ئالدىدا ئۇششاق ھەرىكەتچان چېكىتلەر كۆرۈنۈش قاتارلىق بىر قاتار ئالامەتلەر بولىنىپ  ئاخىرىدا كۆرۈش قۇۋۋىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشتەك ئېغىر ئاقىۋەت كۆرۈلىدۇ ، بۇ كېسەلدە دەرھال ئوپىراتسىيە قىلىش  ئارقىلىق ئاجرىغا كۆرۈش تور پەردىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك ، ئوپىراتسىيەدىن كېين كۆرۈش قۇۋۋىتى كۆپ ئەسلىگە كەلمىگەن تەقدىردىمۇ كۆز شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .

5. رەڭدار پەردە -كىرىستال تەنچە ياللۇغى (虹膜睫状体炎(
تۈرلۈك ئامىللار تۈپەيلى كېلىپ چىققان كىرپىكسىمان تەنچە -رەڭدار پەردە ياللۇغى بولۇپ ، داۋالاشتا ئاساسلىقى كۆز قارىچۇق تۆشۈكچىسى (瞳孔(نى كېڭەيكۈچى ،تارايتقۇچى دورا، ياللۇغ قايتۇرۇش، ھورمۇنلۇق دورىلار ئارقىلىق ياللۇغ قايتۇرۇش ، رەڭدار پەردىنىڭ چاپلىشىپ قېلىشىدىن كېلىپ چىققان قارىچۇق تۆشۈكچىسىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنلىدۇ .

6. ياش يولى توسالغۇغا ئۇچراش كېسەللىكلىرى
ئاساسلىقى ياش كىچىك تۆشۈكچىسى (泪小点((كۆزنىڭ بۇرۇن تەرەپ ئىچكى قىسىمىدىكى كىچىك تۆشۈك) ، بۇرۇن قىسىمىدىكى ياش يولىنىڭ توسۇلۇپ قېلىش كېسەللىكى ئادەتتە ياش يولىدىن سۇ ماڭدۇرش ،ياش يولىنى راۋانلاشتۇرش ۋە ياكى ئوپىراتسىيە ئارقىلىق قايتا ياش يولى ياساش ئۇسۇلى ئارقىلىق داۋالىنىدۇ

7. بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى
ۋىرۇس ،باكىتىرىيە، رىئاكىسيە سەۋەبلىك كېلىپ چىققان بىرىكتۈرگۈچى پەردە ۋەياكى كۆز ئىچى  قىزىرىش، كۆز قىچىشش، بىرىكتۈرگۈچى پەردىگە قاپارتما ئۆرلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدىغان كېسەللىكلەر بولۇپ ئاساسلىقى سەۋەبگە قاراپ ۋىرۇس، باكىتىرىيە ئۆلتۈرگۈچى ئانتىبئوتىك تېمىتمىلار  ،رىئاكىسيەگە قارشى ھورمۇن تەركىبلىك تېمىتمىلار  ئىشلىتىلىدۇ .

8.قارىچۇق پەردە ياللۇغى (角膜炎(
كۆپ ھاللاردا باكىتىرىيە ۋە ۋىرۇس سەۋەبلىك  قارىچۇق پەردىسىدە ياللۇغلىنىش  كۆرىلىدىغان كېسەللىك بولۇپ  بولۇپ ، كېسەللىك ئالامىتى بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغىغا قارىغاندا  بىر قەدەر ئېغىر ،يورۇقلۇقتىن قورقۇش ،كۆز قىچىشىش ئېچىشش، قارىچۇق سۇلۇق قاپارتمىسى ، ئېغىر بولغاندا قارىچۇق پەردىسىدە مەڭگۈلۈك ئاق داغ پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى بولىدۇ ، ئادەتتە ياللۇغ قايتۇرغۇچى ئاتىبوتىك تېمىتما ، بىئولوگىيلىك تېمىتما دورىلار، مۇۋاپىق بولغاندا ۋىتامىنلىق دورىلار قوشۇپ بېرىلىدۇ ، زۆرۈرىيەت بولغاندا دوختۇرخانىدا مەخسۇس داۋالىنىپ  تېڭىپ داۋالاش ، پۈتۈن بەدەن بويىچە داۋالش ئېلىپ بېرىلىدۇ .

(داۋامى ئىنكاسلارغا ئاساسەن داۋاملىشىدۇ )

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 22:00:01

huja يوللىغان ۋاقتى  2014-7-8 17:09 static/image/common/back.gif
نۇر يىغالماسلق دىگەنچۇ ?قانداق داۋالاش ، قانداق ساقاي ...

نۇر يىغالماسلىق ئاساسلىق قارىچۇق پەردىسىنىڭ تەكىش بولماسلىقى ۋە ياكى كىرىستال تەنچىنىڭ تەكىش بولماسلىقى تۈپەيلى يورۇقلۇقنىڭ كۆرۈش تور  پەردىسىگە چۈشۈش بۇلۇڭىدىكى پەرق تۈپەيلى كېلىپ چىققان كېسەللىك ، ئادەتتە  كۆز ئەينەك تاقاش  ئەڭ ياخشى ئۇسۇل دەپ ئويلايمەن ،زۆرۈرىيەت بولغاندا لازىر نۇرلۇق ئوپىراتسيەنىمۇ ئويلىششىقىمۇ بولىدۇ  ، بۇنىڭدا ئاۋۋال تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ئوپىراتىسيەگە مۇۋاپىق مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈپ بېقىش لازىم

kitabhumar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 22:50:16

مەن يىراقنى كۆرەلمەسلىك بىلەن كۆزەينەك تاقاۋاتقىلى 13 يىل بولدى .مەن لازىر نۇر بىلەن ئوپراتسىيە قىلدۇراي دىگەن ،قايسى تەرەپلەرگە دىققەت قىلىشىم كىرەك

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 05:57:56

dilnazuk يوللىغان ۋاقتى  2014-7-8 21:52 static/image/common/back.gif
4.كۆرۈش ئاجىزلىقى (弱视(
ئاساسلىقى بالىلىق مەزگىلىدىكى ئ ...

رەھمەت سىزگە ، رەڭدار پەردە -كىرىستال تەنچە ياللۇغى دىگىنى شۇكەن، ، تىنىم بەك ئاجىزلاشسىلا قوزغىلىۋالىدۇ، نۇر چاقىدىغان تەرپى 8-سىگىمۇ ئۇخشاپ كىتىدىكەن...

obulqasim يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 08:49:42

قارىغاندا كەسىپ ئەھلى ئىكەنسىزhttp://www.sirroh.com/ بۇتور بەتتە گىپنۇسلاپ يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى داۋالىقىلى بولىدۇ دەيدۇ،سىزنىڭ بۇھەقتىكى كۆزقارشىڭىزنى بىلىپ باقساق

kemberhan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 08:49:48

كۆز ئىچىگە مېكرو ئەينەك سېلىش ئوپىراتسىيەسىدىن كېيىن نېمە دورا ئشلىتىپ ئاسرايمىز؟

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 13:27:41

kitabhumar يوللىغان ۋاقتى  2014-7-8 22:50 static/image/common/back.gif
مەن يىراقنى كۆرەلمەسلىك بىلەن كۆزەينەك تاقاۋاتقىلى 13  ...

ئوپىراتسىيە قىلىش قارارىغا كېلىپ بولغان بولسىڭىز، ئوپىراتىسيە قىلىش شەرتلىرىگە چۈشسىڭىزلا قىلىشقا بولىدۇ ، ئوپىراتسىيەدىن ئاۋۋالمۇ بىر قاتار تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ ، ئادەتتە 100 گىرادۇستىن 1000 گىرادۇسقىچە بولغان يىراقنى كۆرەلمەسلىكىتە ئوپىراتسيەنى ئويلىششقا بولىدۇ ، ئىلگىرى كۆرۈش تور پەردىسى ، گىلاۋئوكوما كېسەللىكلىرىنى ئوپىراتسىيە قىلدۇرغانلار ئوپىراتسىيە قىلدۇرۇشقا بولمايدۇ ، باشقا خىل كۆز ئوپىراتسىيەلىرى قىلدۇرغانلار دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىش كېرەك ، ئەگەر ئاسان تارتۇق قالىدىغان (疤痕体质) بولسا ئوپىراتسىيە شەكلىنى چوقۇم توغرا تاللاش لازىم ،  بۇ خىل كىشىلەرگە(飞秒)ئوپىراتىسيەسى تەۋسىيە قىلىنىدۇ ، كۆز قارىچۇق پەردىسى ئوپىراتىسيە قىلدۇرش شەرتىگە توشمايدىغانلارغا مىكرو كۆزەينەك ئوپىراتسىيەسى مۇۋاپىق كېلىدۇ ،ئوپىراتسىيە تەكشۈرۈشىدىن ئاۋۋال ئاز بولغاندىمۇ بىر ئايغىچە قارىچۇق كۆزەينىكى تاقىماسلىق كېرەك  .ئوپىراتسىيەدىن كېيىن چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىشلىتىش لازىم .

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 13:30:34

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilnazuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-9 13:34  

kemberhan يوللىغان ۋاقتى  2014-7-9 08:49 static/image/common/back.gif
كۆز ئىچىگە مېكرو ئەينەك سېلىش ئوپىراتسىيەسىدىن كېيىن  ...

ئۈچ ھەپىتىگىچە ھورمۇن تەركىبلىك تېمىتمىلار تېمىتىلىدۇ ، كېينچە ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا دورا تېمىتمىسىمۇ بولىدۇ .ئوپىراتسىيەدىن كېيىن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ   كىسانتوفىل تابلىتى (叶黄素片)يەپ تۇرۋاتقانلىقىنى ، كۆز چارچاشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىقى توغرىسىدىمۇ ئاڭلىدىم .

qarayuz يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 16:33:24

dilnazuk:
رەھمەت،بولسا تېخىمۇ بىيىتىپ يازسىڭىز؟
سىز كىتابخۇمارغا بەرگەن مەھلىھەتىڭىزدە  ئاشۇنداق 10-20 بولغان ،ئەمما گرادۇسى 1000دىن ئېشىپ كەتمىگەنلەرنى ئوپراتسىيە قىلسا كۆزەينەكنى پۈتۈنلەي ئېلىۋىتەمدۇ؟ ئوپراتسىيە ھەققى نەچچىلەردە بار
ھازىر؟قايسى دوختۇرخانىلار كۆز كېسەللىلىرىنى داۋالاشتا نامى بار؟

qarayuz يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 16:37:18

مەنمۇ كۆزەينەك تاقايمەن،ھەرئىككىلى كۆزۈمدە ئازراق سېرىقلىق بار،ھەم كۈنۈم دېگۈدەك ئاق پاختىدەك
بىرنەرسە چىقىدۇ ،بۇنىڭغا ئازكەن 10يىل بوپ قالدى،بۇنداق بۇلۇشنىڭ سەۋەبى نېمە؟
مۇشۇ يېقىن-يىراق كۆزەينەكلەرنىڭ پىرىنسىپىنى دەپ بەرسىڭىز؟يەنى پېتىنقى،كۆپۈنكى دېگەندەك؟
سىزچە 500گرادۇس كۆزەينەك تاقىغان ئادەم كۆزى 60،70ياشتا 1000گرادۇستىن ئارتۇق كۆزەينەك تاقامۇ؟

qarayuz يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 16:40:17

سىز ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن كىشلەر ئىچىدە گرادۇس سانى ئەڭ يۇقۇرىسى قانچە؟
ئوراتسىيە نەچچىلىك ۋاقىت داۋاملىشىپ دوختۇرخانىدىن چىقالايمىز؟
بەت: [1] 2 3 4
: كۆپ ئۇچرايدىغان كۆز كېسەللىكلىرى ھەققىدە