SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 22:44:24

[تەرجىمە ماقالە] تاشكۇرگان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SYAWUSH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-7 22:46  

   تاشكۇرگان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى
                                           تەرجىمە قىلغۇچى: سياۋۇش




     تاشكۇرگان (ئۇيغۇرچە تاشقورغان ياكى تاشقۇرغان، تاجىكچە Йенги Тоҷик Тошкйрғон) تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى، نامى تاش قەلئە دېگەن مەنىدە بولۇپ، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كاشغەر شەھرىستانىنىڭ ناھىيەلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ پاكىستان، ئافغانىستان ۋە تاجىكىستان بىلەن چېگراداشتۇر.


تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى
كۆلەمى      : 52400 كىۋادرات كىلومېتىر
جەمئىيەتى : 27800 نەپەر
تور بېكىتى : http://www.tashkurgan.cn/


جۇغراپىيە
     بۇ ناھىيەنىڭ مەركەزى تاشكۇرگان شەھىرى، ناھىيەنىڭ شەرقىدەدۇر. بۇ ناھىيە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم ئۆلكىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا؛ پامىر تاغلىرىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئۈچ مىڭدىن تاكى ئۈچ مىڭ ئۈچ  يۈزمېتىرغىچە ئارلىقتىكى ئېگىزلىكتىكى پامىر تاغلىرىدا قارارلاشقان. بۇ شەھەر پاكىستان ۋە جۇڭگو ئارىسىدىكى قاراقۇرۇم ئىستىراتېگىيەلىك يولى بويىغا جايلاشقان ۋە پاكىستان چېگرا پوسخانىسى ئۇنىڭ جەنۇبىدا، خونجەراب (قونجىراپ) ئۆتكەلىنىڭ كەينىدە قارارلاشقان. بۇ شەھەرنىڭ چۆرىسىنى ئېگىز-ئېگىز تاغلار ۋە تەبىئىي مۇزلۇقلار مۇھاسىرىگە ئېلىپ تۇرغان. ۋە تاشكۇرگان دەرياسى ئۇنىڭدىن جەنۇب-شىمال يۆلىنىش بىلەن ئاقىدۇ. (شەرقۇ-غەرب ئارىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە يىپەك يولى زېمىنى لىنىيەلىرى 344، 421، 425، 540، 544، 566-بەتلەر)

تارىخ  (بۇ ئابزاسىدا مەخسۇس مىلادىيە كالېندارى قوللىنىلمىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن بەزىلىرى ئىزاھلاپ قويۇلدى)
     مۇسۇلمانلار ئىككىنچى ئەسىرنىڭ ئاۋۋالقى يىللىرىدا تاشكۇرگانغا يېتىپ كېلىشكەن. تۆتىنچى ئەسىردە بۇ شەھەر ئىلخانلار ھۆكۈمەتىنىڭ قارىمىغىدا بولغان ھەمدە
شۇلارنىڭ تىرىشىشى ۋە بازارچىلارنىڭ تەرەددۇتىغا ئەگىشىپ، ئىسلام دىنى شۇ جايدا كەڭەيدى. ئۇ جاينىڭ ئاھالىسى بەشىنچى ئەسىر (مىلادىيە ئون بىرىنچى ئەسىر) دە ئىسمائىلىيە (شىئە مەزھىبى ئىچىدىكى تارماق مەزھەب) ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ شۇ جايغا كىرىشى ۋە ناسىر خۇسرەۋ قۇبادىيانىي  (مىلادىيە 1004-يىلىدىن 1088-يىلىغىچە ياشىغان) نىڭ رەئىسلىگىدە، ئىسمائىلىيەگە ئەگەشكەن. تاشكۇرگان يەتتىنچى ئەسىردە موڭغۇللار ئېمپىرىيەسى ھۆكۈمرانلىغىدا بولدى ۋە مۇسۇلمان سەرۋازلارنىڭ بۇ قەۋمگە ھەمراھلىققا كىرىشى بىلەن، ئىسلام ئۇنىڭدا قانات يايدى. ئون ئۈچۈنچى ئەسىردە، ئاغاخان مەھەلاتىي (ئىسمائىلىيە مەزھىبىنىڭ ئەڭ يۈكسەك كىشىلىرىدىن بولۇپ، ئۆلگەن يىلى - 1299) نىڭ ھىندىستاندىن ماڭدۇرغان موبەللېغ (دىن تارقاتقۇچى) لىرىنىڭ نوپۇزى تاشكۇرگان ئىسمائىلىيلىرىنىڭ «خاجەۋىي» تارمىقىغا مايىللىقىنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، ھېلىھەم داۋام ئەتمەكتە. تاشكۇرگان شۇ ئەسىرلەردە، شىنجاڭنىڭ بۆلەك زېمىنلىرى بىلەن بىللە، بىر مەزگىل يەئقۇب بىگ (ياقۇب بەگ) نىڭ رەھبەرلىگىدىكى ھۆكۈمەتتە بولغان بولۇپ، ئەمما كېيىن قايتىدىن چىنغا باغلانغان. (لى-شىنخۇا 475-بەتتىن 486-بەتكىچە، ما-تۇڭ 48-بەتتىن 50-بەتكىچە)
   
تاشكۇرگاننىڭ مۇھىم ئەسەرلىرىدىن، جەنۇبىي يىپەك يولى لىنىيەسىدىكى، تاش ۋە سېغىز لايدىن ياسالغان قەدىمىي قەلئە بار.

.
خەلق
     تاشكۇرگاننىڭ جەمئىيەتى، بىر مىڭ توققۇز يۈز توقسان بەشىنچى يىلدىكى سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا، يىگىرمە يەتتە مىڭ سەككىز يۈز نەپەر ئەتراپىدا ئىكەن. تاشكۇرگان ئاھالىسى پامىرىي قەۋم (مۇناسىۋەتلىك پارسىي ماقالىدە، بۇلارغا قارىتا سەل-پەل ئۆزگىچە پىكىر مەۋجۇد بولۇپ، ئۇنىڭدا «پامىرىيلار ئۆز تىلىدا ئۆزلىرىنى پامىرىي ياكى بەدەخشانىي دەپ ئاتايدۇ. ئەمما تاجىكىستاندا تولاراق ئۆزىنى بەدەخشان تاجىكى؛ ئافغانىستان ۋە جۇڭگودا ئۆزىنى تاجىك دەپ تونۇشتۇرىدۇ» دېيىلگەن ئىكەن) لەردىن بولۇپ، جۇڭگودا تاجىك ئاتالسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئافغانىستان ۋە تاجىكىستان پامىرىيلىرى بىلەن ئوخشاش. ئۇلار تاجىكىي تىل بىلەن سۆزلەشمەيدۇ. ۋە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تىلى سەرىكالىي (ياكى سەرىقۇل تىلى) تىلى؛ ۋە ئاز بىر قىسمىنىڭ تىلى ۋەخىي (ۋاخان تىلى) تىلى بولۇپ، ھەر ئىككىلىسى شەرقىي ئىرانىي تىل تارمىقىدىكى، پامىرىي تىللىرى گورۇھىدىن ھېسابلىنىدۇ.


ئىقتىساد
     تاشكۇرگان ئىقتىسادىي نۇقتىدىن، نىسبەتەن نامىرات رايونلار قاتارىدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادى دېھقانچىلىقنى؛ بولۇپمۇ دانلىق زىرائەت ۋە چارۋىچىلىق (قوي-كالا بېقىش) نى ئاساس قىلىدۇ. تاشكۇرگاننىڭ ئىقتىسادى ئاخىرقى ئون يىللاردا، جۇڭگونىڭ ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى قوللۇنىشى (شەمسىيە 1359\ مىلادىيە 1980-يىللار)؛ ۋە شەمسىيە 1372-1379 \مىلادىيە 1993-2000 يىللاردىكى پىلان بويىچە، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇسۇلمانلار ئولتۇراق رايونى ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش ئېتىبارىغا ئېرىشىشى سەۋەبى بىلەن روناق تېپىغلىق.

تاشكۇرگاننىڭ پوچتا كودى           :- 845250
تېلېفون رايون نومۇس                  :- 998 (0)  89+
ماشىنا تاختىسىنىڭ باش نومۇرى  :- شىن Q


مەنبە:
http://bbs.bagdax.cn/forum.php?mod=post&action=edit&fid=15&tid=25798&pid=301617&page=1

umidwar029 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 12:12:09

تاشقورغان ھەققىدە بەزى چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇم، ئەمما نوپۇسى بەك ئازمۇ-قانداق؟ مەن تۇرىۋاتقان بىر يېزىدىمۇ20مىڭىدىن ئارتۇق نوپۇس بار، بىر ناھىيەدە 95-يىلى 27مىڭدىن ئارتۇق نوپۇس بولسا 20يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە تەخمىنەن 50مىڭ ئەتىراپىدا بولسا، نوپۇس بەك ئازكەن.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 14:00:35

تاشقورغاندىكى تاجىكلار بىلەن تاجىكىستاندىكى تاجىكلار بەك پەرقلىنىدىغاندەكقۇ. كىيىم-كېچەك، چىراي-تۇرق جەھەتتىن تاجىكىستاندىكى تاجىكلارنى تاشقورغاندىكى تاجىكلارغا قارىغاندا ئۇيغۇرغا بەك يېقىندەك ھېس قىلدىم. تاشقورغان تاجىكلىرىنىڭ تىلى بىلەن تاجىكىستان تاجىكلىرىنىڭ تىلىدا پەرق بارمۇ؟

SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 14:16:22

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2014-7-8 14:00 static/image/common/back.gif
تاشقورغاندىكى تاجىكلار بىلەن تاجىكىستاندىكى تاجىكلار ...

بەلكىم مەنبەدە دېيىلگەندىكىدەك، پەقەت تاجىكىستان تىلى بىلەنلا ئەمەس، بەزى پامىر تىللىرىمۇ ئۆزئارا گەپ چۈشەندۈرەلمەي تاجىكىستان تىلىنى ئورتاق تىل ئورنىدا ئىشلىتىدىغان ئوخشايدۇ. بىراق، ناۋادا ئۇلارنىڭ تاجىكىستان تىلىغا ئېتىياجى چۈشسە، مەخسۇس ئۆگۈنىدىغانلىقى راست ئىكەن.

dilmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 16:48:54

تېلېفون رايون نومۇس                  :- 998 (0)  89+
تاشقۇرغان جوڭگۇغا تەۋە ئەمەسما؟(چاقچاق)
جوڭگۇنىڭ تېلىفۇن كودى86+ غۇ دەيمەن.

Destur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 17:29:29

تىما ئىگىسىگە تەشەككۈر ! مۇشۇنداق ئەمەلىي تىمىلاردا ھارمىغايسىز!
پامىرىيلار ئۆز تىلىدا ئۆزلىرىنى پامىرىي ياكى بەدەخشانىي دەپ ئاتايدۇ. ئەمما تاجىكىستاندا تولاراق ئۆزىنى بەدەخشان تاجىكى؛ ئافغانىستان ۋە جۇڭگودا ئۆزىنى تاجىك دەپ تونۇشتۇرىدۇ
ئۇيغۇرلار ھەرقايسى دەۋرلەردە ئۆزىنى نىمە دەپ ئاتايدىغاندۇ ؟  باشقىلار نىمە دەپ ئاتايدىغاندۇ ؟ چەتئەللىكلەر نىمە دەپ ئاتايدىغاندۇ؟ سىياسىي قېرىنداش ۋە جۇغراپىيلىك قېرىنداش مىللەتلەر ئۇيغۇرلارنى نىمە دەپ ئاتايدىغاندۇ ؟ مۇشۇ توغرىسىدا تەپسىلي بىلىدىغانلار بولسا چۈشەنچە بەرسەڭلار ياخشى بولاتتى.
مۇنۇ دەۋردە بىز ئۆزىمىزنى نىمە دەپ ئاتايمىز ۋە قانداق ئاتىشىمىز ئەڭ ياخشى بولىدۇ؟:):)
ئىشقىلىپ مەن چەنتۇ ئەمەس:lol

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 19:25:26

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-8 19:43  

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2014-7-8 14:00 static/image/common/back.gif
تاشقورغاندىكى تاجىكلار بىلەن تاجىكىستاندىكى تاجىكلار ...

مەن بىر  ماتىريالدا كۈرۈشۈمچە :
1920 يىللىردىن بۇرۇن ، روسلار ئورتا  ئاسىيانىڭ جەنۇبىغا  (ئۇمۇمەن ھازىرقى قازاقىستاننىڭ جەنۇبى ) بېسىپ كىرمەستە  ، تۈركىستان دىگەن نام  بىلەن ئاتلىپ ئۆزبەكلەرنى مەركەز قىلغان بىر ھۆكمەت ئىكەندۇققۇ ؟ يەنى ھازىرقى ئۆزبەكىستان، تۈركمەنىستان ، تاجىكسىتاننىڭ ھەممىسى ۋە قىرغىزستان قازاقىستاننىڭ بىر قىسمى  .... شۇڭا ئۆزبەكلەرن تاجىكلارغا تەسىر قىلغان بۇلشى مۇمكىن ... تاجىكستانلىقلارنىڭمۇ بادام دوپپا  كىيدۇ مەسلەن ....


قالغىننى تېخمۇ بەكرەك ماتىريال كۆرگەنلەر  بىرمە  دەپباقسۇن قىنى ...

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 22:30:41

سوۋىتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۈرىكىستان گوبىرناتۇسى ئىدى ، ئابدۇللا روزى باقىيۇف  ھوقۇق تۇتقان ، كىيىن روس چوشقىلىرى تۈركلەرنى تىخىمۇ پارچىلاپ ھەربىرىگە بىردىن جۇمھۇرىيەت قىلىپ  بەردى
    ئوتتىرا ئاسىيادىكى ئىرانى مىللەتلەر ئەزەلدىن تۈركىيلەرنىڭ تەسىرى ئاستىدا بولغان ، شۇڭا ئۇلار سۇنئى مەزھىپىتە ، تاجىكىستاننىڭ تاجىكلىرى چىراي جەھەتتىنمۇ ئىرانىلاردىن ياتلاشقان ، بادانم دوپپا كەيگەن تاجىكىستانلىقنى  ئۇيغۇر ئۆزبىك دەپ قىلىشىڭىز ئىنىق

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 23:09:45

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-7-8 22:30 static/image/common/back.gif
سوۋىتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۈرىكىستان گوبىرناتۇسى ئ ...

نەپرەتنى ئىپادىلەش ئۈچۈن پالانچى ئالۋاستىلىرى، باسقۇنچىلىرى، چوشقىلىرى دېگەنگە قارىغاندا ئېنىق سان-سېپىر، پاكىتلارنى كەلتۈرگەننىڭ ئۈنۈمى ياخشىراق بولامدىكىن دەپ ئويلىدىم.
ئاشۇنداق تىللايدىغانلار بىلەن پەقەتلا خوشىڭىز يوق بەلكىم.
بەت: [1]
: [تەرجىمە ماقالە] تاشكۇرگان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى