SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 22:39:23

[تەرجىمە ماقالە] ياركەند (يەكەن)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SYAWUSH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-7 22:47  

ياركەند
تەرجىمە قىلغۇچى: سياۋۇش



     ياركەند (يەكەن) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى شەھەر ۋە ناھىيەدۇر.

     بۇ شەھەر ئۈچ يۈز يەتمىش ئۈچ مىڭ تۆت يۈز توقسان ئىككى تەنلىك نوپۇسى بىلەن، تەكلىماكان باياۋانى ۋە تارىم دەريا ھەۋزىسىغا جايلاشقان ياركەند شەھىرىستانى، كاشغەر ۋىلايەتىدىكى ئون بىر شەھىرىستاندىن بىرىدۇر.

     ياركەند قەدىمدە، يىپەك يولى جەنۇبى تارمىغىدىكى قەدىمىي بۇددا پادىشاھلىقلىرىدىن بىرىنىڭ پايتەختى ئىدى.

     ياركەند مۇنبەت سەھرا بوستانلىغى، شىمالدىكى كۇنلۇن (پىياز تېغى مەنىسىدە) كۇھىستانىدىن قۇيۇلىدىغان ياركەند دەرياسى تەرىپىدىن سۇغۇرۇلىدۇ. بۇ بوستانلىق نۋەتتە ئۈچ مىڭ ئىككى يۈز ئون كىۋادرات كىلومېتىرلىق كۆلەمگە ئىگە. ئەمما ئېھتىمالغا يېقىن كى، قەدىمقى چاغلار ۋە مىلادىيە ئۈچۈنچى ئەسىردىن باشلانغان باياۋان جانلىنىشىدىن ئىلگىرى، يەنىمۇ زورراق كۆلەمگە ئىگە ئىدى.

     نۆۋەتتىكى ياركەند، ئاساسەن ئۇيغۇر جەمئىيەتلىك شەھەردۇر. بۇ بوستانلىقنىڭ سۇغۇرۇلغان ئېكىنزارلىقلىرىدىن پاختا، بۇغداي، قوناق، ئانار، نەشپۈت، ئۆرۈك ۋە ياڭاق ئېلىۋېلىنىدۇ. قوتاز ۋە قوي ياركەند چۆرىسىدىكى كۇھىستانلىق رايونلارىنىڭ ئەسلىي چارۋالىرىدىندۇر. بۇ رايوننىڭ مەدەنلىرى نېفىت، گاز، ئالتۇن، مىس، قوغۇشۇن، ئاليۇمىنا، گىرانىت ۋە تاشكۆمۈردىن ئىبارەت.


ئۆتمۈشتە
     ياركەند رايونىدىن، تۇنجى بولۇپ «كېيىنكى خەن تارىخى» (كېيىنكى خەننامە) كىتابىدا شاچې (قەدىمقى چىن تىلى - سايكا) نامى بىلەن ياد ئېتىلگەن كى، بۇ ئېھتىمالەن مۇشۇ رايوننىڭ ئىرانىي ئۇرۇغلۇق خەلقى، يەنى سەكا (ساك) لار نامى بىلەن باغلىنىشلىقتۇر.

     ياركەند دائىمىي تۈردە، ئۆزىنىڭ ھەمسايەسى بولغان خوتەن، تۇرفان، كۇچا، شانشانغا ئوخشاش پادىشاھلىقلار بىلەن ئازدۇر-كۆپتۇر جەڭدە بولغان. مىلادىيە بىرىنچى ئەسىردە بۇ كىچىك پادىشاھلىقلارنىڭ بارچىسى موڭغۇللارنىڭ خەراجگوزارى (خىراج تۆلەر) بولغان ئىدى.

     ياركەند مىلادىيە ئونىنچى ئەسىردە قاراخانىيلارنىڭ قولىغا چۈشكەن ۋە ئۇنىڭ خەلقى ئىسلامغا ئەگەشكەن. ئېھتىمالغا يېقىن كى، ئۇنىڭ يازمىلاردا ئون بىرىنچى ئەسىردىن تارتىپ كۆرۈۋارقان بۈگۈنكى نامى، ئېھتىمالغا يېقىن كى يار (تۈركىيدە قورام تاش ۋە قىيساڭ مەنىسىدە) ۋە كەند (پارسىي سۆز تۈپى بولۇپ، شەھەر مەنىسىدە) دىن تەركىبتۇر.

     فارسىي يازمىلاردا ئۇنىڭ نامىنى گاھى ھەم يارقەند سۈرەتىدە يېزىغلىق. «ئانەندراج» دا خوتەن ۋە ياركەند ھەققىدە مۇنۇلار كەلتۈرۈلگەن كى:

     خوتەن ھۆكۈمرانى سەلتەنەتىنىڭ مەركەزى ۋە دارولمولك (پايتەخت) شەھەرىنىڭ نامىدۇر. خۇيى ئوبدان خەلققە ۋە ئۇز قىزلارغا ئىگە بولۇپ، كاشغەر قىزلىرىغا ئوخشاش ھۆسنۇ-جامالۇ-ئەڭلىكۇ-جىلۋەسى بىلەن كوچايۇ-بازاردا ئېچىلىپ-يايرىغان ھالدا ئايلىنىپ يۈرىدۇ. ھەر كىشى بىرەر قىز بىلەن قېتىلىش تەلەبدارىدا بولسا، ۋە شۇ جاي بەلگىلىمىسى بويىچە  ئۇ (يەكەن) نىڭ ۋەكىلى ۋە مەنسۇبى (غوجا، ئىگە) ئۇنى قوبۇل قىلسا، ئازغىنە تويلۇق مېلى بىلەن ئۆز ئارا قوشۇلالايدۇ. ئەمما ئەرى ئۇنىڭ كېتىشىنى خاھلىسا، تالاق بەرمىكى لازىم. ئەركەك ئەۋلادى ئاتىسىنىڭ، چىشىسى ئانىسىنىڭ بولىدۇ. ۋە بۇلار، يەنى ئۇ جاينىڭ غوجىسى خەتا خاقانى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ۋە ھۆكۈمى خوتەننىڭ ھەممە جايىدا راۋا بولىدۇ.
           ___ كەنت: ياركەند.

مەنبە:
http://fa.wikipedia.org/wiki/%DB%8C%D8%A7%D8%B1%DA%A9%D9%86%D8%AF

self يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 09:04:31

بۇ شەھەر ئۈچ يۈز يەتمىش ئۈچ مىڭ تۆت يۈز توقسان ئىككى تەنلىك،  قىينىلىپ يۈرگىچە سان بىلەن ئىپادىلىمەي،
بەزىدىغۇ مۇشۇنداق ئاتاش بىرخىل مودا بوپ قالدى ، پەرزەنتىمنى فەرزەنتىم دىگەندەك ،
ھازىر يەكەننىڭ نوپۇسى كەم دىگەندە  1.500.000 دىن كۆپ چىقامىكى ئاۋۇ 373.494 دىگەن سان 18 - ئەسىردىكى نوپۇس ئوخشايدۇ

SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 10:40:07

تېما باشقۇرغۇچىلار، نوپۇس سانىنىڭ كەينىگە «2003-يىلقى» دېگەننى قېتىپ قويۇڭىزلەر. ئۆزەم قىلاي دېسەم بولمىدى.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 15:06:10

ساقلىۋالاي.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 17:32:37

بۇ ئېھتىمالەن مۇشۇ رايوننىڭ ئىرانىي ئۇرۇغلۇق خەلقى، يەنى سەكا (ساك) لار نامى بىلەن باغلىنىشلىقتۇر.……
  بۇ  تەرجىماندا  نىمە مەقسەد باردۇ ؟

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 17:56:33

بۇتەرجىمىدە پەقەت ئازادىلىك يوققۇ؟

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 19:59:18

پارىسچە ۋىكىدىن سۆرەپ كىرگىنىنى باشقا مەنبە تاپالمىغاندەك.
پارىسلارغا قويۇپ بەرسە پۈتۈن شىنجاڭ پارىسلارنىڭكىتى،  «ياۋايى» ئۇيغۇرلار ( تۈركلەر) شىمالدىن كىلىپ «ئالەم مەدىنيىتىنى ياراتقان» پارىسلارنى قوغلاپ چىقىرىپ بۇ زىمىنغا ئىگە بولۋالغان دەپ يىزىشتىن يانمايدۇ. بىر يەرلىرى مۇشۇ قىتانلار بىلەن ئوخشاپ قالىدۇ ھەم قىتانلار بىلەن تارىخ يىزىشتا ئوبدان ماسلىشىدۇ.  بىر ۋاقىتلاردا ئىرانلىق مىللەتچىلەر توردا تولا تالىىشىپ بۇلارنىڭ قاراشلىرىنى خىلى چۈشىنىپ قالغان.  
مىلادى بىرىنجى ئەسىردە موڭغۇللار نىمە ئىش قىلىدۇ؟ ھونلار دەپ يىزىشقا ئىرىنىپ، قەستەن موڭغۇلغا چىتىشنىڭ كويىدا.

SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 20:12:52

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SYAWUSH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-8 20:13  

komdiye يوللىغان ۋاقتى  2014-7-8 19:40 static/image/common/back.gif
تەرجىمە مەلۇماتنى ماقالە دەيدىغان بىلىملىك ئۇستاز:
يا ...

سىز ئەجەب مۇشۇ «ماقالە» دېگەن گەپ بىلەن قېيىشىپ قەپسىز. سىز قالايمىغان گەپنى يىغىشتۇرۇپ، ئاۋۋال ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتىدىن بۇ سۆزنىڭ مەنىلىرىنى بىلىۋېلىڭ. ئۇنىڭغا قولىڭىز يەتمىسە ئەتراپىڭىزدىكى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى مۇئەللىملىرىدىن سوراڭ. بۇ دېگەن بىۋاسىتە تارىخىي يازما ئەمەس، ئاپتورنىڭ شۇ يازمىلار ۋە مەنبەلەرگە ئاساسەن يازغان ماقالىسى. بۇنى ماقالە ئەمەس دېسىڭىز، تولۇقسىز، تولۇقتا يازغان ماقالەچاقلىرىڭىزنىڭ نېمە دېسەك بولا؟  ئالىي مەكتەپكە بەرگەن ئىمتاھاندا يارغان نەرسىڭىزنى نېمە دېسەك بولا؟  يەنە بىرگەپ، مەن بۇنى ئۆزەم ياغان ئەمەس. پەقەت تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. شۇڭا تولا ئۇنداق دەپ يېزىپسىز، بۇنداق دەپسىز دېمەڭ.
ھېلىمۇ ئىزىدىن پۇراپ پاچاق تالاۋاتقان سىز خاتاكارغا سەۋر قىلىپ، سىپايىلىق بىلەن تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش بەردىم. سەمىمىي نەسىھەت قىلاي، بۇنىڭدىن كېيىن باشتوڭلۇق قىلماڭ. قىلسىڭىزمۇ ئەگەر ئىىتىيارىڭىز.

serwan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 21:27:57

SYAWUSH يوللىغان ۋاقتى  2014-07-08 20:12:52 static/image/common/back.gif


سىز ئەجەب مۇشۇ «ماقالە» دېگەن گەپ بىلەن قېيىشىپ قەپسى
سىياۋۇش بەزىلەرنىڭ تۇخۇمدىن تۇك ئۇندۇرشىگە پەرۋا قىلماڭ مەنمۇ پارس ئەدەبىياتىنى ياخشى كۆرمەن ،بەزىلەرگە پارسلار نىمە يامانلىق قىلغاندۇ

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 22:19:55

باشقۇرغۇچىلار ماۋۇ پارىس مىللەتچىللىرىنىڭ خالچىسى تەرجىمە قىلغان  نىمىلەرنى يۇيىۋىتىڭلار   ،  ھىلىھەم  بۇنى بىر نەچچە تاجىك تونۇشۇم ئۇندىداردا تارقىتىپ يۇرىدۇ

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 23:03:18

سىياۋۇش   شاھنامەدە ئۇچرايدۇ ، سىياۋۇش تۈركلەرگە قارشى ئۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن بىرىنىڭ ئىسمى   ، بۇ تەرجىمان ئۇيغۇر ئەمەس ، ئىنىقكى تاجىك

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 01:02:44

بىيجىڭنىڭ تەزكىرسىنى پارىسچە يىزىپ باقاملايە؟؟

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 01:03:27

ساك ئىران ئۇرۇغلۇق خەق دەپ كىم دەيدۇ.

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 09:54:47

ئىنكاس تەستىقلىنىۋاتىدۇ....:shutup:

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 00:23:39

ساكلارنى ھىندى ئىرقىدىن دەپ ئاڭلىغان ئىدىم بۇرۇنلاردا-ساكيامۇنىنى ساكلارنىڭ ئەۋلىياسى دېگەن مەنادا دەپ. ھازىر پارىس ئىرقىغا مەنسۇپ دەپ قارالدىمۇ-ئەمدى؟ قىززىق!!
بەت: [1]
: [تەرجىمە ماقالە] ياركەند (يەكەن)