yanhin918 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 22:17:28

گېتلىر سوۋېت ئىتتىپاقىغا قىلغان ھۇجۇمدا نىمە ئۈچۈن مەغلۇب بولدى!!!...

گېتلىر سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىشنى قارار قىلغاندا، ناپالىوننىڭ ساۋىقىنى بىلەتتى.ئەمما ئۇ پەرۋا قىلمىدى .چۈنكى سوۋېت ئىتتپاقى بىلەن ئۆز ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى تۈزۈشكەن بولۇپ خاتىرجەم ئىدى. سوۋېت ئىتپاقىغا قىلىنىدىغان چاقماق تىزلىگىدىكى ھۇجۇم سوۋېت ئىتپاقىنىڭ ھاۋا رايى بىلەم مۇناسىۋەتسىز دەپ قارىغان ئىدى. 1941-1942-يىللىرى ئىسسىق بۇلىشى كېرەك ئىدى.گېرمانىيىنىڭ مەشھۇر مىترولوگىيە ئالىمى (弗朗茨•鲍尔向) فۇلانس.بوۋېر گېتلىرغا كاپالەت بەرگەن ئىدى.چۈنكى ئالدىنىقى 3يىل قاتتىق سوغۇق بولغان ئىدى. مۇنداق ئۇدا4يىل سوغۇق بولىشى روسىينىڭ 150يىللىق تارىخىدا كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. 1941-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ھۇجۇم قىلىش بىكىتىلىپ«بار-باروس پىلانى»دەپ ئاتىلىدىغان جەڭ پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى.بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغىچە «بار باروس پىلانى»نى ئىجرا قىلىش6ھەپتە كىچىكىپ،1941-يىلى 6-ئاينىڭ22-كۈنىگىچە كىچىكتۈرۈلدى. 1941-يىلىدىكى ياز دەھشەت ئىسسىق بولۇپ تىپىراتۇرا 40℃ قا چىققان ئىدى.گېرمانىيە ئارمىيىسى كىيىم-كېچەكلىرىنى چۆرىۋېتىشكەن ئىدى.شۇنداق بولسىمۇ،بارباروس پىلانىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا گېرمانىيە ئارمىيىسى غايەت زور جەڭ نەتىجىلىرىگە ئىرىشتى.موسكىۋاغا بارىدىغان يولنىڭ 3تىن ئىككى قىسمىنى بېسىپ بولغان ئىدى.3مىليون سوۋېت ئىتپاقى ئارمىيىسى ئەسىرگە چۈشتى.ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى ئىككى كۈنىدە سوۋېت ئىتتىپاقى 3000ئايروپىلان زىيان تارتىپ 740مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى جەڭدە ئۆلدى. '; 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىدا گېرمانىيە ئارمىيىسى غەلىبىسىرى ئىلگىرلەۋاتقاندا گېتلىر گېنىراللىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ،موسكىۋاغا قىلىدىغان ھۇجۇمنى تۇختۇتۇپ ئوكرايناغا ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇق قىلدى.گېرمانىيە ئارمىيىسى ئۇ يەردە ئاچ بۆرىلەردەك بۇلاپ تالىدى.بۇ قېتىملىق ھەربى يۈرۈش گېرمانىيە ئارمىيسى ئۈچۈن ناھايىتى يامان ئاقىۋەتنى ئېلىپ كەلدى. گەرچە گېرمانىينىڭ مىترولوگىيە مۇتەخەسىسلىرى گېتلېرنى روسيىنىڭ لاي- پاتقاقلىق مەزگىلىدىن ئاگاھ بولىشىنى ئەسكەرتكەن بولسىمۇ گېتلىر تىڭشىمىدى،ھەمدە 10-ئاينىڭ2-كۈنى موسكىۋاغا ھۇجۇم قىلىش بۇيرىقىنى بەردى.موسكىۋا شەھرى ھۇشيار ھالەتتە تۇردى.قېرى ياش ھەممە كىشى تانكىغا قارشى نەچچى مىڭ كىلومېتىرلىق خەندەكلەرنى قازدى.قىزىل مەيدان ئاسمىنى ھاۋا مۇداپىئە شارچىلىرى بىلەن تولدۇرىۋېتىلگەن ئىدى.گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ تانكا قىسمى كىرىشى بىلەنلا پاتقاققا دۇچ كەلدى. تانكىنىڭ زەنجىر تاپىنى پاتقاقتا قۇرۇق ئايلىنىپ ئۆمۈلىگەندەك ماڭاتتى ئەمما سوۋېت ئىتپاقى تانكىلىرى كەڭرى بولغاچقا ھەركىتى قولايلىق بۇلۇپ گېرمانىيە تانكىلىرىغا ئاسان زەربە بېرەلەيتى. 12-ئاينىڭ1-كۈنىگېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ 6-بىرونىۋېك دىۋىيىزىسى كىرمىل سارىيىغا 240 چاقىرىملىق جايغا كەلدى،ئەمما شۇ كۈنى كېچىسى تىمپىراتۇرا 40℃ قا چۈشكەن ئىدى.مۇنداق مۇھىتتا قۇراللارنىڭ تەپكىسى پارچىلىنىپ،پىلوموتلار توڭلاپ ،زەمبىرىك ئوقلىرى قاردا نەملىشىپ ئېتىشقا مۈمكىن بولمايتى.يازلىق كىيىم كىيگەن گېرمانىي ئارمىيىسى سۇغاقنىڭ ئازاۋىنى يەتكىچە تارتىپ جەڭگىۋارلىقى ئاجىزلاشتى.ئەمما سوۋېت ئىتتپاقى سىبىرىيىنىڭ سوغۇقلىرىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان سىبىرىيىلىك ئەسكەرلەرنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ گېرمانىيە ئارمىيىسىگە قاخشاتقۇچ زەربە بەردى.گېتلىرنىڭ چاقماق تىزلىگى ھۇجۇمىنى بەربات قىلىپ ئۇزاققا سۇزۇلغان خوراش ئۇرۇشى قىلىشقا مەجبۇر قىلدى. ` 1942-يىلى6-ئايدا گېتلىر سىتالىنگىراتنى قورشىۋېلىپ بومباردىمان قىلىشنى باشلىغاندا «سوۋېت ئىتپاقى تۈگەشتى!»دەپ جاكالىغان .ئەمما ئۇ بەك بالدۇر خوشال بولۇپ كەتكەن ئىدى.11-ئاينىڭ 19-كۈنى سوۋېت ئىتتپاقى ئارمىيىسى قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتتى. قورشىۋېلىنغان 330مىڭ گېرمانىيە ئارمىيىسىدىن 100مىڭ كىشى ئەسىرگە ئېلىندى قالغانلىرى بولسا ۋە بىنالارنىڭ خىش -كېسەك پارچىلىرى ئارىسىدا قاتتىق سوغۇق بىلەن ئېلىشىۋاتاتتى.1-ئاينىڭ 12-كۈنى گېرمانىينىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئايروپىلانى ئۆلۈم يولىغا قاراپ كىتىۋاتقان ياش ئەسكەرلەرنىڭ خېتىنى ئېلىپ سىتالىنگىراتتىن ئايرىلدى. 1943-يىلى 1-ئايدا گېرمانىينىڭ سىتالىنگىراتتىكى 6-گۇرۇپپىۋاي ئارمىيىسى بېرلىندىن سىتالىنگىراتتىن ۋاز كىچىشنى ئۈمۈت قىلدى. 1943-يىلى2- ئاينىڭ2-كۈنى گېرمانىيە ئارمىيىسى تەسلىم بولدى.سىتالىنگىراتقا ھۇجۇم قىلغان 330مىڭ كىشىلىك گېرمانىيە قۇشۇنىدىن 90مىڭ كىشى ئەسىرگە چۈشتى.قالغانلىرى جەڭدە ياكى ئاچلىق ،كېسەللىك،ۋە زىمىستان قىشنىڭ سۇغۇقلىرىدا ئۆلدى. سىبىرىيىگە ئاپىرىلغان25مىڭ گېرمانىيە ئەسىرىن ئاپىرىش جەريانىدا تورمىدا ئۆلۈپ ھايات قالغانلىرىدىن پەقەت 2500كىشىلا گېرمانىيىنى قايتا كۈرەلىدى. شۇنداق قىلىپ جاھانغا پاتمىغان بۇ ئىمپىىريە ئەڭ ئاخىرىدا ،روس خەلقىنىڭ قارشىلىق كۆرسۈتۈش ھۇجۇمى ۋە ھاۋاراينىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن گۇمران بولدى .
مەنبە:ئۇرۇش ھەربىي ئىشلار مۇنبىرى

WEJDAN يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 12:38:20

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   WEJDAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-8 12:40  

[color=Indigo]ئەگەر بۇ ئۇرۇشتا گىرمانىيە ۋە ياپۇنىيە غەلبە قىلدى دەپ پەرەز قىلايلى،ئۇ چاغدا دۇنيانىڭ ھازىرقى تارىخى باشقىچە بولغان بولاتتى. شۇ چاعدا فاشىست دۆلەتلىرىنىڭ غەلبە قىلىش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى،چۈنكى  ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گىىتلىر فىزىكا ۋە خىمىيە قاتارلىق پەنلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن، ئەمما ئۇنىڭ مۇستەبىتلىكى ۋە كۈچلۈك مىللەتچىلىكى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى زور كۆپ سانلىق ئالىملارنى ئۆزىنى بىغىشلاش روھىدىن مەھرۇم قويمىغان بولسا، گىتلىر گىرمانىيسى ئاتوم بومبىسىنى ئامرىكىدىن بۇرۇن ياساپ بولغان بولاتتى، بۇ ئۇرۇشنى شۇ چاغدىكى ئەسكەرلەرنىڭ جاسارىتى، ئۇرۇش سىلىنمىسى ياكى دۇنيا خەلقىنىڭ ھەمنەپەسلىكى دېگەندىن كۆرە، ئامرىكا بىلەن گىرمانىيەنىڭ ئاتوم بومبىسى ياساش مۇسابىقىسى دېگەن ئىبارە بىلەن ئاتاش تىخىمۇ توغرىدۇر، «ئىينشىتىيىن»ناملىق كىتابتا كۆرسىتىلىشچە، ئىينىشتىيىن،تاگور....قاتارلىق 30نەچچە ئالىم بىرلىشىپ ئىمزالىق خىەت يىزىپ، نورغۇن مۇشەققەتلەر ئارقىلىق ئاخىر روزۋىلىتنى يادرۇ سىنىقى ئىلىپ بىرىشقا قايىل قىلغان، ھەمدە ئىنتايىن مەخپى ھالدا ئامرىكىنىڭ گىرمانلاردىن بۇرۇن ئاتوم بومبىسى ياساشقا تۈرتكە بولغان.
ئامرىكا  بىرنەچچە قەدەم بۇرۇن يادرو سىنىقىنى باشلىعان، ئەەەر گىتلىر ئازراقلا چاققان چىققان بولسا، پۇتۈن دۇنيا فاشىسىتلارنىڭ قولىعا قالعان بولاتتى، ھەتتا ئامرىكىمۇ ياپۇنىيەنىڭ مۇستەملىكسىگە ئايلنىپ قالغان بولاتتى. ئەلۋەتتە رۇسلارنىڭ ئۇرۇشتىكى باتۇرلىقى ناھايىتى قالتىس بولغان،ئەمما غايەت قۇدىرەتلىك ئاتوم بومبىسى ئالدىدا بۇنداق باتۇرلۇق پەقەت نادانلىق خالاس. ئەگەر گىتلىردا يادور قورالى بولسا، ئۇنى ئامرىكىغا،رۇسيەگە،ئىسرائىلىيەگە ياكى ئۆزى خالىعان ھەرقانداق دۆلەتكە تاشلاشتىن ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايتى.لىكىن ، غايەت زور ئىمپىرىيەنى قورالغا تايىنىپ ئىشغال قىلغىلى بولعان بىلەن، پەقەت قورالعا تاينىپلا تۇتۇپ تۇرۇش مۇمكىن بولمايدۇ، شۇڭا كىيىن دۆلەتلەر ئۆز ئالدىعا بۆلۈنۈپ كىتىشى مۇقەرەر ئىش ئىدى،ئەمما ئۇنداق بولغاندا دۆلەتلەرنىڭ چىگرىسىنىڭ خەرىتى ئەلۋەتتە بۈگۈنكىگە ئوخشاش سىزىلمايتى.

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 12:51:58

گېرمانىيەنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى (ئاق يولۋاس) ناملىق تانكىسى ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە يامانكەنتۇق، شۇ بىر تانكا روسىيەنىڭ 30-20 تانكىسىغا تېتىيدىكەنتۇق ، ئىشقىلىپ گېرمانىيە قوشۇنى مۇتلەق ئۈستۈنلىكتە ئىدى، ئەمما تەقدىرنىڭ ئالدىدا ھەممە ئامالسىز قالدى .
مۇشۇ گېرمانلارغا كىشى قايىل بولماي تۇرالمايدۇ

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 13:15:02

ئەگەر گىرمان بىلەن رۇسلار يالغۇز جەڭگە چۈشكەن بولسا، باشقا دۆلەتلەر ئارلاشمىغان بولسا،  گىرمانلار ئۇتۇپ چىقاتتى. رۇسسىيەدە جەڭگە چىقىدىغان ئەركىشى قالمىغان بۇلاتتى. چاتاق يىرى گىرمانىيە نەچچە دۆلەت بىلەن ئۆزى يالغۇز تۇتۇشۇپ قالدى. ئىستىراتىگىيىلىك خاتالىق.
دۈشمەننى پارچىلاپ  بىر-بىرلەپ يوقىتىش دىگەننى ئۇنتۇپ قالغان گەپ{:92:}

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 14:40:59

ناپالىيون قىش كىرەي دېگەندە موسكۋاغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ بولغان. رۇسلار موسكۋانى ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋەتكەن. ناپالىيون بىرە ئايدەك تۇرۇپ رۇسلارنى تەسلىم قىلالماي، يەنە ھۇجۇم قىلىدىغانغا مادارى يەتمەي رۇسىيەدىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلغان. چېكىنىش جەريانىدا، رۇسلار كەينىدىن ئارىلىق قالدۇرۇپ قوغلىغان، ناپالىيون ئەسكەرلىرى ئاچارچىلىق، سوغۇق سەۋەبىدىن يېمىرىلىپ تۈگىگەن.
گىتلېر بولسا قىش كىرىپ بولغاندا (12-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەتراپلىرى) موسكۋاغا ئەڭ يېقىن ئارىلىق (18 كىلومېتىر) قا كېلەلىگەن، يەنى موسكۋانى ئىشغال قىلىشقا مادارى يەتمەي توختاپ قالغان. ئاندىن 12-ئاينىڭ 4-كۈنى سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ كۈچلۈك قايتۇرما زەربىسىگە ئۇچرىغان. گېرمانىيە گېنېراللىرى چېكىنىشنى تەلەپ قىلغاندا گىتلېر قەتئىي رەت قىلغان. بىراق گۇدرىئان، خوپنېر، خوت قاتارلىق گېرمانىيە گېنېراللىرى ئەسكەرلەرنىڭ بىھۇدە ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەربىي سوتقا تارتىلىش خەۋپىگە قارىماي چېكىنىشكە بۇيرۇق بەرگەن. گىتلېر بىلەن ناپالىيوننىڭ ئوخشاشلىقى ھەر ئىككىسى سوغۇقتا قالغان. ئوخشىماسلىقى ناپالىيون موسكىۋانى ئىشغال قىلغان، گىتلېر ئىشغال قىلالمىغان.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 14:52:29

ئاق يولۋاس دەپ بىر كىنومۇ بارغۇ...

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 15:01:16

مۇنداق مۇھىتتا قۇراللارنىڭ تەپكىسى پارچىلىنىپ،پىلوموتلار توڭلاپ ،زەمبىرىك ئوقلىرى قاردا نەملىشىپ ئېتىشقا مۈمكىن بولمايتى.يازلىق كىيىم كىيگەن گېرمانىي ئارمىيىسى سۇغاقنىڭ ئازاۋىنى يەتكىچە تارتىپ جەڭگىۋارلىقى ئاجىزلاشتى.ئەمما سوۋېت ئىتتپاقى سىبىرىيىنىڭ سوغۇقلىرىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان سىبىرىيىلىك ئەسكەرلەرنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ گېرمانىيە ئارمىيىسىگە قاخشاتقۇچ زەربە بەردى.
گېرمانىيە يولداشلارغا ئوخشاش سوغۇقتا توڭلاپ، ئۇۋىلىپ كېتىدىغان سۇلياۋ قوراللارنى ياسىمىغان.
قاتتىق سوغۇقتا ئەسكەرلەرنىڭ قول-پۇتلىرى ئۈششۈپ كەتكەن. تانكا، ماشىنىلارنىڭ بېنزىنلىرى قويۇلۇپ كېتىپ، ئوت ئالماي قالغان، تانكا-زەمبىرەكلەرنىڭ قارىغا ئالىدىغان ئەينەكلىرى مۇز تۇتۇپ كېتىپ ئېتىش ئىمكانىيىتى بولماي قالغان ئەھۋاللار بولغانىكەن، بىراق سوۋېتلىكلەرمۇ ئوخشاش شارائىتتا ئۇرۇش قىلغان. بىراق شۇنداق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۇرۇش قىلسىمۇ موسكۋانى قوغداۋاتقان ئەسكەرلەردىن ھۇجۇم قىلغانلار ئاز كەپ قالغان. ھاۋا بەك سوغاق بوپ كەتمىسىمۇ موسكۋادىكى چىش-تىرنىقىغىچە قوراللانغان نەچچە مىليون ئادەمگە بىر مىليون ئادەم بىلەن ھۇجۇم قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش تازا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. موسكۋادىكىلەر ياشاش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ، گېرمانلار شەھەرنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ.
بىراق قايتۇرما ھۇجۇم جەريانىدا سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ ئىشلىرى ئانچە ئوڭۇشلۇقمۇ بولۇپ كەتمىگەن. گېرمانلار قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەچكە، سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ تالاپىتىمۇ بەك چوڭ بولۇپ كەتكەن، ۋە ئاخىرى بېرىپ مەغلۇبىيەتكە ئايلانغان. شۇڭا سوۋېت تارىخلىرىدا 1941-يىلى 12-ئايدا گېرمانلارنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇپ قالغانلىقىنىلا دەپ باشقىسىنىڭ گېپىنى ئانچە قىلمايدۇ بىراقلا سىتالىنگىرادقا ئۆتىدۇ.

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 15:21:03

تەبىئەت ئەڭ كۇچلۇك قۇرال ۋە مۇداپىئە ، بۇنداق ئاقىۋەتكە ئامرىكىلىقلار ۋىيىتنامدىمۇ ئۇچرىدى يەنى ۋىيتناملىقلار ئوزىنىڭ ۋەتىنىنىڭ قويۇق ئورمانلىق تەبىئى مۇداپىئە ۋە يوشۇرۇن ھۇجۇم قىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تەرپىدىن ئۇنۇملىك پايدىلنىپ ئامرىكىلىقلارنى ساراڭ قىلىپ قويدى ، ئاخىرى ئامرىكا ۋىيتنامنىڭ ئورمانلىرىنىڭ يوپۇرماقلىرىنى توكىۋىتىش ئۇچۇن «يوپۇرماق سولفات كىسلاتاسى » دەيدىغان سۇيۇقلىقنى ئايرۇپىلان ئارقىلىق ، ۋىيتنام ئەسكەرلىرى يوشۇرنىۋالغان ئورمانلىقلارغا چاچتى ، شۇنداقتىمۇ ئۇلار غەلبە قىلالمىدى ، ئافغانلار ئوزىنىڭ تەبىئى تاغ -ئوڭكۇر يەر شارائىتىدىن پايدىلنىپ سوۋىت ۋە ناتونىڭ ئەسكەرلىرىنى جايلاپ كەتمىدىمۇ ، شۇڭا مەن «ئوزىنى ۋە ئوزگىنى چۇشەنمىگەن رەقىب بولالماس » دەپ يازغانمەن ھىكمەت خاتىرەمگە .

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 15:32:12

ئامېرىكا ۋېتنام ئۇرۇشىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا قوللانغان ئۇسسۇلنى قوللانغان بولسا بەلكىم غەلىبە قازىنىپ قېلىشىمۇ ئېھتىمال. بىراق ئۇلارنىڭ مەقسىتى شىمالىي ۋېتنامنىڭ تاجاۋۇزىنى توسۇپ شىمالىي ۋېتنامدىكى خەلقنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش. شۇنداق بولغانىكەن. ئۇلار چەكلىنىپ قالدى. ئارمىيە، خەلق دەپ ئايرىپ ئولتۇرماي ئالدىمىزدا پەقەتلا دۈشمەن بار، ئۇلارنى ئاتمىساڭ سېنى ئاتىمەن دېگەننى ئەسكەرلىرىگە سىڭدۈرۈپ ئۇرۇشقا سالغان بولسا شىمالىي ۋېتنامدا ئاەمنىڭ ئۇرۇقىنى قويماي دېگۈدەك قىرغىنچىلىق قىلىپ باشقىچە نەتىجە كۆرۈلۈشىمۇ مۇمكىنتى. بىراق ئۇلار ئۇنداق قىلىپ كەتمەيدىكەن. ئامېرىكا شۇنداق قىلغاچقا ۋېتنامنىڭ ئارمىيەسى پۇقرا قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئامېرىكىنى بەك جايلاپ كېتىپتىكەن.

kurbanjannn يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 16:29:55

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2014-7-8 15:32 static/image/common/back.gif
ئامېرىكا ۋېتنام ئۇرۇشىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستان ...

توغرا گەپ قىلدىڭىز.

oqmasumut يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 18:14:04

http://v.youku.com/v_show/id_XNDQ1MDE5NzYw.html?from=y1.2-1-91.3.4-1.1-1-1-3

مۇشۇ ئاق رەڭلىك يولۋاس تانكا

oqmasumut يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 18:17:02

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oqmasumut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-8 18:35  

http://v.youku.com/v_show/id_XNDQ1MDE5NzYw.html?from=y1.2-1-91.3.4-1.1-1-1-3


سىن چىقماپتۇ شۇ ، ئادرىسىنىلا يوللاپ قويدۇم ، تانكىنىڭ ئەرەنچىسىكەن بۇ .视频: T34 VS 虎式(P) 真实战斗

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 18:33:33

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-8 18:36  

روسلار تارىختا بىر كۈن بۇلسىمۇ باشقىلارغا تىز پۈكۈپ باققانمۇ؟(ماۋۇ سوئالنى تارىخ بىلمىگەچكە  سورىدىم جۇمۇ!:funk: )

oqmasumut يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 18:35:35

talmas1 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-8 18:33 static/image/common/back.gif
روسلار تارىختا بىر كۈن بۇلسىمۇ باشقىلارغا تىز پۈكۈپ با ...

موڭغۇللارغا

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 19:00:52

تاتارلارمۇ باردۇ ؟

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 19:33:58

WEJDAN يوللىغان ۋاقتى  2014-7-8 12:38 static/image/common/back.gif
ئەگەر بۇ ئۇرۇشتا گىرمانىيە ۋە ياپۇنىيە غەلبە ق ...

«ئىينشىتىيىن»ناملىق كىتابتا كۆرسىتىلىشچە، ئىينىشتىيىن،تاگور....قاتارلىق 30نەچچە ئالىم بىرلىشىپ ئىمزالىق خىەت يىزىپ

تاگور فىزىكا ئالىمى ئەمەس يازغۇچىغۇ؟؟ ئاتوم بومبىسىنى ئەڭ دەسلەپ بىۋاستە تەتقىق قىلغان بىر ئالىم بار، بور (Niels Henrik David Bohr)دەپ.
بەلكىم ئەينى ۋاقىتتا گېرمانلار غەلبە قىلغان بولسا ھازىر فاشىستلار دەپ  (ياكى باشقىچە بىر ئاتالغۇدا) سوۋېتلارنى تىللىشىمىز مۇمكىنتى.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-8 23:02:49

talmas1 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-8 18:33 static/image/common/back.gif
روسلار تارىختا بىر كۈن بۇلسىمۇ باشقىلارغا تىز پۈكۈپ با ...

بۇرۇن تەخمىنەن 1000 يىللارنىڭ ئالدىدا قىپچاقلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغان. ئاندىن بىرلىككە كېلىپ قىپچاقلاردىن قۇتۇلۇپ تۇرۇشى موڭغۇللار باستۇرۇپ كېلىپ ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا 1480-يىلىغىچە تۇرغان. ئۇنىڭ كەينىدىن تەدرىجى قۇدرەت تېپىپ ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ خارابىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان قىرىم خانلىقى، ئاستىراخان خانلىقى قاتارلىق خانلىقلارنى بويسۇندۇرغان. كېيىن يەنە ئاجىزلاشقان. پېتېر ئېسلاھاتىدىن كېيىن قۇدرەت تاپقان بىراق 1700-يىللارنىڭ بېشىدا تۈركىيەدىن مەغلۇپ بولۇپ بىر قېتىم تىز پۈككەن. يېقىنقى زاماندا 1850-يىللاردا ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، تۈركىيە ئۈچ دۆلەت بىلەن بولغان قىرىم ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ تىز پۈككەن، 1905-يىلىدىكى رۇس-ياپون ئۇرۇشىدا ياپونىيەدىن مەغلۇپ بولۇپ تىز پۈككەن. 1918-يىلى گېرمانىيەدىن مەغلۇپ بولۇپ تىز پۈككەن. ما يېقىنقى زاماندىكى تىز پۈكۈشلەردە دۆلەت بىراقلا مۇنقەرىز بولۇپ كەتمىگەن بىراق تەسلىم بولۇپ سۈلھى تەلەپ قىلغان. بىراق مەغلۇبىيەتلىرىدىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا قۇتۇلغان.

DJ_MardaN يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 01:55:57

ئەگەر رۇسلار بولمىغان بولسا گىرمانلار پۈتۈن دۇنيانى ئىشغال قىلىپ ئاتوم بومبىسى دىگەننى ئېتىپ بىر نىمە قىلىپ بۇلاتتى. بىر ھىساپتا غەرپنى رۇسلار قۇتقۇزۇپ قالدى. بىز رۇسلارغا قانچىلىك ئۆچ بولساقمۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى قەيسەرلىكىگە ھۆرمەت قىلساق بۇلىدۇ. گىتلىر رۇسىيەگە ھۇجۇم قىلغاندا غەرپ دۆلەتلىرى رۇسىيە يوق بۇلىدىغان بولدى دەپ خوش بولۇپ ياردەم قىلماي بىر چەتتە تۇردى. بىر ھىساپتا فاشىزىمنى رۇسلار يەڭدى دىسەكمۇ بۇلىدۇ. باشتا جىم تۇرغان ئامېرىكا قارىسا ئەھۋال چاتاق، رۇسلار گىتلىرنى قوغلاپ ياۋروپاغا قىستاپ كەلگەندىن كېيىن دەرھال نورماندىيەگە ئەسكەر چىقىرىپ رۇسلارنىڭ ئىلگىرلىشىنى توسىدى. بولمىسا ياۋروپا رۇسلارنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ كېتەتتى.

ھېلىھەممۇ رۇسلار ياۋروپانى ئىشغال قىلىدىغان پۇرسەتنى كۈتۈپ ياتىدۇ. ئەگەر پۇرسەت پىشىپ يېتىلسە ياۋروپانى تۈزلىۋېتىشى مۈمكىن.
بەت: [1] 2
: گېتلىر سوۋېت ئىتتىپاقىغا قىلغان ھۇجۇمدا نىمە ئۈچۈن مەغلۇب بولدى!!!...